- تىزىملاتقان
- 2010-12-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-2-21
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 189
- نادىر
- 1
- يازما
- 8
ئۆسۈش
63%
|
باغداش تورى قايتا ئېچىلغاندىن كېيىن مەن ۋە ھەممىمىز خوشال بولۇشتۇق ،ھەممىمىز ئۇزۇن تەشنا بولغانىدۇق ،لېكىن مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى باغداش تورىدىكى 2 يىللىق ماتىرىيال ۋە ئەزالار ئارخىپى يوقاپ كېتىپتۇ .بۇنىڭغا ھەقىقەتەن ئەپسوسلاندۇق ، تور قۇرغۇچىلىرىمۇ نۇرغۇن ئاماللارنى قىلغانلىقىنى ،زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئىمكان بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى .
ئۆتكەن ئىشقا سالىۋات ،بەرىبىر ئامال يوق ،باغداشنىڭ قايتا ئېچىلغانلىقىنىڭ ئۆزى بىر خوشاللىنارلىق ئىش،ئەينى چاغدا باغداشنىڭ قانداق چوڭ قەدەملەر بىلەن ئالغا باسقانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم ،بۇنىڭدا ھەر بىر ئەزانىڭ زور تىرىشچانلىقى بار . باغداشنىڭ ئۆتكەن نەچچە يىلدا باسقان قەدىمىگە قارايدىغان بولساق ھەقىقەتەن تېز تەرەققى قىلغان،كۆپنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن .نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك مۇنازىرىلەر بولغان ،
ئەنە ئاشۇنداق زور ئىلگىرلەپ تەرەققىياتقا ئېرىشكەن تور بېكەتنىڭ بىر يىلدىن كۆپرەك تاقىلىپ قېلىشى ھەقىقەتەن كىشىنى ئەپسوسلاندۇرىدۇ ،
مانا باغداش ئاخىرى قايتا ئېچىلغانمۇ بولدى ،لېكىن ئەزالار چېچىلىپ كەتتى ،كونا باغداشنىڭ قىزغىن ئەزالارنىڭ بىرىنىمۇ كۆرەلمەسلىك ھەقىقەتەن مېنى ئەپسوسلاندۇردى .نىمە ئۈچۈن ئەينى چاغدا باغداشنى قىزغىن قوللىغان ،باغداش ئۈچۈن كېچە كۈندۈز كۈچ چىقارغان ئاشۇ كونا ئەزالارنىڭ كۆپىنچسى يوق ؟ مەلۇم قىسىمىدىكى كونا ئەزالار تىزىملاتقان بولسىمۇ نىمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ نادىر تېمىلىرىنى ،ئۆتكۈر ئىنكاسلىرىنىڭ بىرىنىمۇ ئۇچراتقىلى بولمايدۇ ؟
مەن باغداش تورىنىڭ كونا بىر ئەزاسى ،قىزغىن قوللىغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ ھەقتە ئويلاندىم .ھەم بەزى سورۇنلاردا ھەرخىل سۆزلەرنى ئاڭلدىم ،توردا بەزى ئەزالار بىلەن پىكىرلىشىپمۇ باقتىم.
مەلۇم بىرقىسىم تورقۇرغۇچىلارنىڭ باغداشنى كۆرەلمەي باغداش ئۈستىدىن ھەرخىل بەتناملارنى قىلغانلىقىنى ئاڭلىغىنىمدا بولسا ھەيران قالدىم .ھەم باغداشنىڭ ئەمەلىي كۈچىنىڭ خېلى يوقۇرلىقىنى ھېس قىلىپمۇ قالدىم .ئاشۇلارنىڭ قانداقمۇ پايدىغان ئېرەشەر دەپ ئويلاپ قالدىم ،.
نوچى بولسا ئۆزى نوچىسىنى قىلىش كېرەك ،قىلغانلارنى كۆرەلمەيدىغان ھەسەتخورلۇقنى قىلماسلىق كېرەك.ئىلمى رىقابەتلىشىش كېرەك .
ئەسلى گەپكە كىلەيلى ،ئۇنداق باغداش تورىنىڭ قايتا ئېچىلغانلىقى بىلدۇق: ئەمدى قانداق قىلىمىز ؟
بىز ھەممىمىز بىرلىكتە بۇرۇن قانداق قىلغان بولساق يەنە شۇنداق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك.پەقەت بارلىق كونا -يېڭى ئەزالار بۇرۇنقىدەك تىرىشچانلىق كۆرسەتسەكلا باغداشنى تەرەققى قىلدۇرالايمىز ! ئىللىق بىر ماكان قۇرۇپ چىقىلايمىز ! تورداشلار نادىر تېما ، ئىنكاسلىرىڭىلارنى ئايىماڭلار ، ئەتراپىڭلاردىكى دوست بۇرادەرلەرگە باغداشنىڭ قايتائېچىلغانلىقىنى خەۋەر قىلڭلار ، ئۇلارمۇ سېپىمىزگە قوشۇلسۇن !
ھەممە ئورتاق كۈچ چىقىرىپ باغداشنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشايلى ،چۈنكى باغداش بۇرۇن بىزگە نۇرغۇن ئەسلىمىلەرقالدۇرغان ،باغداش بىزگە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ بەرگەن ،بىزنىڭ مەنىۋى تۇرمىشىمىزنى بېيىتىش ئۈچۈن زور تىرىشقان.
قېنى تورداشلار ، ئازراق ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ سىلەرمۇ باغداشنى قانداق تەرەققى قىلدۇرۇش توغرىسدىكى پىكىر تەكلىپلىرىڭلارنى ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قويۇڭلار ،،،،،،،، |
|