قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1350|ئىنكاس: 22

تاشپولات: ھۇزۇر ھەم ئىلھام ئېلىڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

191

تېما

50

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21538
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 20
مۇنبەر پۇلى: 467
تۆھپە : 3460
توردىكى ۋاقتى: 239
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-23 09:44  


ھۇزۇر ھەم ئىلھام ئېلىڭ: " ئۇيغۇر" نامى  خەلقئارالىق تىببى ماقالىلاردا

تاشپولات روزى

7-resim.jpg.thumb.jpg

مۇشۇ كۈنلەردە، " ئۇيغۇرچە ئىسم" ياكى" ئۇيغۇر"دىگەن نامنى  خەلقئارالىق  ئىلىم - پەن ساھەسىدە كۆرگىنىمىزدە ھەممىمىز ناھايىتى سۆيۈنىمىز ھەم ئىلھاملىنىمىز.جۈملىدىن  مەن ناھايىتى سۆيۈنىمەن، پەخىرلىنىمەن،   ھەم “ئۇيغۇر” نامىنى ئىلىم-پەن ساھەسىگە ئېلىپ كىرگەن ياشلارغا ئەڭ چوڭ كۈچۈم بىلەن ياردەم قىلىپ قوللاشنى بۇرچۇم دەپ ئويلايمەن. بىزنىڭ ئۇيغۇر ياشلىرىمىز ئىچىدە، پەن - تەتقىقاتقا ئوتلۇق مۇھەببەت بىلەن بېرىلىپ، ئۈن - تونسىز ئۈزلۈكسىز نەتىجە يارىتىۋاتقان ئوغلانلىرىمىز كۆپەيمەكتە. بۇ ياشلىرىمىزنىڭ بىرسى بولغان ياش ئۇيغۇر ئالىمى نېرۋا ئىلمى دوكتۇرى ئەلقەم تۇرسۇن ئۇكامنى ئالدىنقى قېتىم قىسقىچە تونۇشتۇرغان ئىدىم. دوكتۇر ئەلقەم تۇرسۇن ئۇكام ھازىرمۇ ئوز ئورنىدا " تەتقىقاتچى ئالىم"  (Research Scientist)  نامى بىلەن ئۇنتۇغاقلىققا ئائىت تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. يېقىندا  ئۇ  يەنە خەلقئارالىق نوپۇزلۇق ژۇرنال "مىڭە تەتقىقاتى"  (Brain Research)   ژۇرنىلىنىڭ نەشىردىن بۇرۇنقى ماقالىلارنىڭ نەشىر قىلىنىش لاياقىتىنى كەسپى جەھەتتىن  باھالىغۇچى بولۇپ تەكلىپ قىلىندى.

دوكتۇر ئەلقەم ئۇكامنىڭ ئۇيغۇر تىبابىتىگە بولغان مۇھەببىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك  تەتقىقاتلىرىنى  ئالدىنقى  تونۇشتۇرۇشتا  قىسقىچە تىلغا ئالغان ئىدىم. يېقىندا، ئۇنىڭ باشقا (ئۇيغۇر تىبابىتى بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان) ماقالىلىرىدىن" ئۇيغۇر تىبابىتى" نامىنى تىلغا ئېلىپ، بۇنداق بىر مىللەت ۋە تىبابەتنىڭ مەۋجۇتلىغىنى  ئوز ساھەسىدىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ سەمىگە سېلىشقا ئۇرۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ، ناھايىتى سۆيۈندۈم، ھۇزۇرلاندىم، ھەم ئاپىرىن ئوقۇدۇم. بۇ ماقالىلىرىدە، دوكتۇر ئەلقەم ئۇكام ئۆزىنىڭ بۇرۇن ئىشلىگەن ئورنى "ئۇيغۇر تىبابەت ئالى تېخنىكومى" نى ئۆزىنىڭ ئالاقە ئادرىسلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىش ئارقىلىق،  " ئۇيغۇر تىبابىتى"  نامىنى 7 پارچە ماقالىسىگە كىرگۈزگەن ئىكەن. " تەتقىقات دەرۋازىسى"  (ResearchGate)  دىگەن تور بەتىگە ئاساسلانغاندا (پايدىلىنىش ماتېرىيالىغا قاراڭ)،  دوكتۇر ئەلقەم تۇرسۇن ئۇكامنىڭ  ئىلان قىلغان 18 پارچە ماقالىلىرى ھازىرغىچە ئۆز ساھەسىدىكى 200  دىن ئارتۇق خەلقئارالىق تىببى ماقالىلاردا پايدىنىلىنغان بولۇپ 2000 قېتىمدىن ئارتۇق كۆرۈلگەن ھەم تەسىر  كۈچى   (Impact Factor) 60  نومۇردىن ھالقىشقا يۈزلەنگەن . بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر تىبابەت دورىسى " بادرەنجى بۇيا" نىڭ ئۇنتۇغاقلىق كېسەلگە بولغان شىپالىق تەسىرى ھەققىدىكى تەتقىقات ماقالىسى 61 قېتىم پايدىنىلىنغان (پايدىلىنىش ماتېرىيالىغا قاراڭ).

مەن تۆۋەندە بۇ ماقالىلارنىڭ PDF نۇسخىسىدىن چۈشۈرۈلگەن رەسىم كۆرۈنۇشنى سىلەر بىلەن ئورتاق ھۇزۇرلىنىشقا سۇنىمەن.  بۇ كۇرۇنۇشلەردىكى " ئۇيغۇر تىبابىتى" يەنى   (Uighur Medicine)  دىگەن سۆزنى بايقاشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن سېرىق رەڭدە بۇياپ قويدۇم، ھەم بۇ ماقالىلارنىڭ تور ئادرىسىنى رەسىم ئاستىغا  قۇشۇپ قويدۇم. سىلەرنىڭمۇ، ئىلىم - پەن ساھاسىدەكۈچلۈك ئىشتىياق بىلەن ئۈن - تونسىز  تىرىشىۋاتقان   دوكتۇر ئەلقەم تۇرسۇن ئۇكامنىڭ توھپىلىرىدىن ئورتاق ھۇزۇر ۋە ئىلھام ئېلىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن


1-resim.jpg

1- رەسىم:   

2-resim.JPG
- رەسىم: 2
يۇقۇرىدىكى "بادرەنجى بۇيا" ماقالىسىدىكى ئۇيغۇر تىبابىتىنى تۇنۇشتۇرۇش قىسمى.

3-resim.JPG
3- رەسىم:  

4-resim.JPG
4- رەسىم:  

5-resim.JPG
5- رەسىم:  

6-resim.JPG
6- رەسىم:  

7-resim.JPG
7- رەسىم:  

8-resim.JPG
8- رەسىم:  

پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:
1 -  دوكتۇر ئەلقەم تۇرسۇن ئۇكامنى تۇنۇشتۇرغان ماقالەم:

2 -   دوكتۇر ئەلقەم تۇرسۇن ئۇكامنىڭ ئامىركا دولەتلىك كۇتۇپخانىسىدىكى ماقالىلىرى:

3 -  دوكتۇر ئەلقەم تۇرسۇن ئۇكامنىڭ تەتقىقات دەرۋازىسى تور بەتىدە ئىزاھلانغان تەتقىقات ئەھۋالى:

4 - دوكتۇر ئەلقەم تۇرسۇن ئۇكامنىڭ بادرەنجى بۇيا ماقالىسىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن پايدىلىنىش ستاتىستىكىسى:
تۆۋەندىكى ئۇلانمىنى ئېچىپ، ئېچىلغان تور بېتىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى "  Citing  articles 61 "   (پايدىلانغان ماقالىلار 61) دىگەن ئۇلانمىنى چىكىڭ.


0

تېما

0

دوست

1115

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   11.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31143
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 326
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-25
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاللا تاشپولاتكام بىلەن ئەلقەمجان قېرىندىشىمىزنىڭ تىنىنى سالامەت قىلسۇن،ئەجەپ پەخىرلەندىم...
ياشا ئۇيغۇر ئوغلانى!!!!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

64

تېما

19

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   74.66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 3906
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2593
تۆھپە : 10096
توردىكى ۋاقتى: 5534
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-26
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلقەم تۇرسۇنغا تېخمۇ زور مۇۋەپىقىيەتلەر تىلەيمەن.

تېما يېزىپ بىزنى بۇ ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار قىلغان تاشپولات مۇئەللىمگە تەشەككۈر!.

8

تېما

3

دوست

2716

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   23.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5922
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 510
تۆھپە : 500
توردىكى ۋاقتى: 102
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-25
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاشپولات ئاكامنىڭ ئۇچۇرىغا  تەشەككۈر!
ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر نامىنىڭ مەيلى قايسى ساھەدە بولسۇن پارلاپ تۇرۇشىنى ھەممىمىز ئۈمىد قىلىمىز! دوكتور ئەلقەم تۇرسۇنغا ئاپىرىن!
يەنە بىر ئىش، ئۇيغۇر نامى ئاساسەن Uyghur  قىلىپ يېزىلىۋاتىدۇ، نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا تىل- يېزىق كومىتېتىتىمۇ  ھۆججەت چىقىرىپ Uyghur دەپ يېزىشنى تەستىقلىغان ئىدى. لېكىن دوكتور ئەلقەم تۇرسۇننىڭ Uighur دەپ يېزىشى ئورتاقلىققا سەل زىتمۇ- قانداق!؟
مۇمكىن بولسا، ھەممىمىز ئۆز مىللىتىنىڭ نامىنى باشقا تىللاردا ئورتاق بىر ھالەتتە يازساقكەن دەيمەن!

191

تېما

50

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21538
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 20
مۇنبەر پۇلى: 467
تۆھپە : 3460
توردىكى ۋاقتى: 239
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
koktash يوللىغان ۋاقتى  2014-11-23 13:09
تاشپولات ئاكامنىڭ ئۇچۇرىغا  تەشەككۈر!
ئەلۋەتتە، ئۇيغۇ ...

كۆكتاش ئۇكام ئىنكاسىڭىزغا رەھمەت! ھۆججەت چىقىشتىن بۇرۇن دۇنيا مىقياسىدا Uighur دېگەن نامنى ئىشلىتەتتى. شۇ سەۋەبلىك ئۇيغۇر نامى ئاشۇنداق ئېلىنىپ قالغان ئىدى. ئەلقەم ئۇكام ئەلۋەتتە بۇندىن كېيىن يېڭى ماقاللىرىدا بىرلىككە كەلگەنUyghur نامىنى قوللىنىدۇ. بۇ ياش ئالىمىمىز ھەرگىز ئورتاقلىققا زىيان سالىدىغانلاردىن ئەمەس.

0

تېما

1

دوست

587

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   17.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31176
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 162
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-25
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇش بولدۇق...يەنىمۇ گۈللىسۇن.
تەشەككۈر تاشپولاتكا.

1

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   4.02%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 1290
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 3424
توردىكى ۋاقتى: 621
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-26
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    پەخىرلىك ئوغلانلىرىمىزغا بىر اللە دىن تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەر تىلەيمەن! ئامىن....

0

تېما

2

دوست

1510

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   51%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15784
يازما سانى: 214
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 416
توردىكى ۋاقتى: 136
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-23
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈنىمىز ئەتىمىزدىن  دېرەك بەرمەيدۇ!!!  ئىشەنچىم كامىل پارلاق ئەتىمىز چوقۇم بار بولىدۇ ، بىزلەر كۈرەلمىسەك كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىز چوقۇم كۆرىدۇ پارلاق شۇ كۈنلەرنى!!!!!!!!!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )