كىنىشكە چىقمىسا قانداق قىلىمەن
ئىسراپىل ئەمەت
2014-يىلى11-ئاينىڭ 23-كۈنى
ئالدىنقى كۈنى ئۇندىداردا، بىر قېرىندىشىمىز ئۆي-مۈلۈك توغرىلىق مۇنداق بىر سۇئال سوراپتىكەن. بۇ ھازىر كۆپ يۈز بىرىۋاتقان مەسىلە بولغانلىغى ئۈچۈن،جاۋاپ بىرىش ۋە جاۋاپ ئىزدەش كەڭ ئۆي-مۈلۈك ھوقۇقدارلىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداشتا مۇھىم مەسىلە بولغاچقا جاۋاپ بىرىش زۆرۈر دەپ قارىدىم. سۇئال ناھايىتى قىسقا پەقەت ئىككى قۇرلا:"ئۆي سېتىۋېلىپ پۇلىنى تولۇق تاپشۇرۇپ بولغىلى بىر يېرىم يىل بولغان،ئۆي-مۈلۈك گۇۋانامىسىنى قولغا ئالالمىدىم. بۇنىڭغا مەسلىھەت سورايمەن،قانداق قىلسام بولىدۇ؟"
بۇ تومتاق سورالغان قىسقا سۇئالغا، قانداق جاۋاپ بىرىشنى بىلەلمەي تىڭىرقاپ قاپتىمەن.ئاخىرى بۇ قىسقا سۇئالغا ئاددى بولسىمۇ، جاۋاپ بىرىشنى لايىق كۆردۈم! ئۆي-مۈلۈك گۇۋانامىسى ۋاختىدا چىقماسلىقنىڭ سەۋەبىنى مۇنداق يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ: ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرى ئۇنۋېرسال باھالاشتا لاياقەتسىز بولغان بولسا؛ ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلىرى چىقمىغان بولسا؛يەر گۇۋانامىسى ۋە باشقا بەش خىل كىنىشكە رەسمىيەتلىرى تولۇق بولمىغان بولسا؛ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرى سېتىشقا تىگىشلىك بولمىغان ئۆيلەرنى سېتىۋەتكەن دىگەندەك مەسىلىلەر بولسا،سىز دىگەندەك ئۆي-مۈلۈك گۇۋانامىسىنى قولغا ئېلىش ئارقىغا سۆرىلىپ كىتىدۇ. ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرىنىڭ چوڭ مۈلۈك كىنىشكىسى چىقمىسا، ئۆي ئىگىللىرىنىڭ كىچىك مۈلۈك ھوقۇقىنى ئايرىغىلى بولمايدۇ.يەنە بەزى ئەھۋالدا، ئىدارە- ئورۇن تارقىتىلغاندىن كىيىن مەسئۇل كىشى بولمىغانلىقتىن، ئۆي-مۈلۈك گۇۋانامىسى بىجىرىلمەي قالغان.
شۇڭا، ئوي سېتىۋالغاندا ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلىرى تولۇقمۇ-يوق تەكشۈرۈپ بېقىپ سېتىۋېلىش كىرەك.
ئۆي-مۈلۈك گۇۋانامىسى ۋاختىدا قولغا چىقمىسا،تۆلەم تەلەپ قىلىشقا بولىدۇ. ئۆي-مۈلۈك شىركەتلىرىنىڭ سەۋەبىدىن ئۆي خېتى ۋاختىدا قولغا تەگمىگەن بولسا، ئۆي-مۈلۈك شىركىتى توختامغا خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىغىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئادەتتە ئۆي سېتىۋېلىش توختامىدا« مانچىلىك ۋاقىتقىچە ئۆي-مۈلۈك گۇۋانامىسى قولغا تىگىدۇ» دەپ بەلگىلەنگەن بولۇپ، دىگەن مۆھلەتتە ئۆي خېتىنى قولغا ئالالمىسىڭىز توختامغا خىلاپلىق قىلىش تۆلەم نىسپىتى بويىچە ھىساپلاپ تۆلەم ئالسىڭىز بولىدۇ. شىركەت بىلەن سۆزلىشىپ، كىلىشەلىسىڭىز بۇ ياخشى بولىدۇ. ئەگەر كىلىشەلمىسىڭىز، ئاشقان ۋاقىتقا قارىتا تۆلەم تەلەپ قىلىپ، سوتقا ئەرز قىلسىڭىز بولىدۇ. كىيىن يەنە بىجىرمىسە،كىيىنكى ۋاقىتقا يەنە ئەرز قىلسىڭىز بولىدۇ. تاۋار ئۆي سېتىۋېلىش توختامىدا، ئۆي-مۈلۈك گۇۋانامىسى قولغا چىقمىسا، بىرىلىدىغان تۆلەم ئېنىق يېزىلغان بولىدۇ. شۇڭا، باشقا چىقمىغانلار بىلەن بىرلىشىپ ئەرز قىلسىڭىز بولىدۇ.
|