كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتىنىڭ يېڭى باھارىنى كۈتۈۋالايلى مۇھەممەت يۈسۈپ (تورغا ئۇزاتقۇچى ـــ مۇھەممەد قادىر)
ئىلىم-پەنگە يۈرۈش قىلىۋاتقان 80- يىللارنىڭ باشلىنىشى بىلەن ئۇيغۇر كىلاسسك ئەدەبىياتى مەجمۇئەسى- «بۇلاق»نىڭ نەشىر قىلىنغانلىقى كىشىنى خۇشال قىلىدىغان تارىخىي ئەھمىيەتلىك ئىش. ئەدەبىيات سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش يولىدا بېسىلغان بىر دادىل قەدەم. دىڭ فۇجۇشى جۇڭگو ئەدەبىيات-سەنئەتچىلىرىنىڭ 4- نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا ئېچىش نوتقى سۆزلەپ: يېڭى دەۋردىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىمىزنى گۈلەندۈرۈش ئۈچۈن نەزىرىيە، ئىدىيە، سىياسى جەھەتتىن ئېنىق فاڭجېن كۆرسۈتۈپ بەردى. بىز كىلاسسك ئەدەبىيات تەتقىقاتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشتا مۇشۇ فاڭجېننى قىبلىنامە قىلىمىز. مەشھۇر ئۇيغۇرشۇناس فېڭ جىياشېڭ: «شىنجاڭ مەملىكىتىمىزنىڭ باشقا ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى بىلەن ئوخشىمايدۇ. ئۇ تارىختا مەدەنىيەت رايونى بولۇپ كەلگەن» دەپ كۆرسەتكەن. بىز مۇشۇ ئوبىكتىپ مەۋجۇدىيەت ئاساسىدا، قەدىمكى زامان كىلاسسك ئەدەبىيات-سەنئەت مىراسلىرىمىزنى سېستىمىلىق ھالدا تەتقىق قىلىپ، زامانىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۈرىشىمىز، كونىدىن يېڭىنى يارىتىپ، ئەدەبىيات- سەنئەتنى 4نى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ياخشى خىزمەت قىلدۇرۇشىمىز لازىم. مەملىكىتىمىز يېڭى تارىخىي دەۋرگە قەدەم قويدى. ئىلىم-پەن تەتقىقات خىزمىتىمۇ يېڭى تارىخىي دەۋرگە قەدەم قويدى. پۇتۇن خىزمەتنىڭ موھىم نوقتىسى 4نى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا يۆتكەلدى. 4نى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىش- ھەرمىللەت ئەدەبىيات- سەنئەت خادىملىرىنىڭ مەرگىزى ۋەزىپىسى بولۇپ قالدى. «مەدەنىيەت رايونى» ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىدىغان دەۋر يېتىپ كەلدى. كۆمۈلۈپ ياتقان مول ۋە قىممەتلىك بايلىقنى خەلقكە تەقدىم قىلىدىغان پەيت يېتىپ كەلدى. بىز چوقۇم «مەدەنىيەت رايون»نى يېڭى دەۋرنىڭ مەدەنىيەت كۇلزارىغا ئايلاندۇرالايمىز. بىزنىڭ كىلاسسك ئەدەبىيات تەتقىقاتىنى كەڭ قانات يايدۈرۇشتىكى مەقسىدىمىز پۇرۇلتارياتنىڭ باي، جەڭگىۋار مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىش، سوتسيالىستىك ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش: خەلقنىڭ سوتىسيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشقا قاراپ يۈرۈش قىلىش داۋامىدىكى ئۇلۇغ كۆرىشىنى، خەلقنىڭ تارىختىكى ئۇلۇق رولىنى، بايلىق يارىتىشتىكى ئىجادىي روھىنى ئىلمىي ئاساستا ئەكس ئەتتۈرۈش؛ ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىسىل مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن شۇ مەقسەت ئۈچۈن ئەينەك سۈپىتىدە پايدىلىنىش. لېنىن «ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ ۋەزىپىلىرى» دېگەن ئەسىرىدە «پۇرۇلتاريات مەدەنىيىتى ئاللىقانداق نامەلۇم جايلاردىن كېلىپ چىققان نەرسە ئەمەس، شۇنداقلا، ئۆزلىرىنى پۇرۇلتاريات مەدەنىيىتىنىڭ مۇتىخەسسلىرى دەپ ئاتىۋالغان كىشىلەر تەرىپىدىنلا ئويلاپ چىقىرىلغان نەرسىمۇ ئەمەس، شۇنداق دەپ ھېساپلاش پۈتۈنلەي خاتا. پۇرۇلتاريات مەدەنىيىتى ئىنسانىيەتنىڭ كاپىتالىزىم جەمئىيىتى، فېودالىزىم جەمئىيىتى ۋە تۆرىلەر جەمئىيىتىنىڭ زۇلمى ئاستىدا يارىتىپ چىققان پۈتۈن بىلىم زاپاسلىرى تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى بولىشى كېرەك» دەپ كۆرسەتكەن. مىراسلارغا ۋارسلىق قىلىش- يېڭى ئەدەبىيات-سەنئەتنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ زۆرۈر شەرتى ۋە ئەدەبىيات- سەنئەت تەرەققىياتىنىڭ ئوبېكتىپ قانۇنىيىتى. يولداش ماۋ زېدوڭ: «بىز بارلىق ئىسىل ئەدەبىيات- سەنئەت مىراسلىرىغا ۋارسلىق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى پايدىلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى تەنقىدىي يوسۇندا قوبۇل قىلىپ، ئۇنى ئۆز زامان، ئۆز ماكانىمىزدىكى خەلق تۇرمۇشىدىن ئېلىنغان ئەدەبىيات- سەنئەت خام ئەشىيالىرىدىن ئەسەرلەر يارىتىشتا ئەينەك قىلىشىمىز لازىم» دېگەن ئىدى. ۋەتىنىمىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىرلىككە كەلگەن، كۆپ مىللەتلىك ئۇلۇق بىر دۆلەت. مەملىكىتىمىزنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت مىراسلىرى مول ۋە رەڭگا-رەڭ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇزاق تارىخقا ئېگە. ۋەتىنىمىزدىكى قىممەت باھالىق ئەدەبىيات- سەنئەت مىراسلىرىنىڭ ئايرىلماس تەركىۋى قىسمى بولغان ئۇيغۇر كىلاسسك ئەدەبىياتىمۇ ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئېگە بولۇپ، ئۇ مەملىكىتىمىزنىڭ ئەدەبىيات- سەنئەت غەزىنىسىگە قوشۇلغان قىممەت باھالىق بايلىقتۇر. بىز ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ئېسىل مىراسلارنى قالدۇرۇپ كەتكەن مەشھۇر پۇتەپەككۇر، شائىر، ئالىملىرىمىز ئېلىمىزنىڭ باشقا ئاتاقلىق ئەدىپلىرى بىلەن بىر قاتاردا دۇنيا ئەدەبىياتى تارىخىدىمۇ ئالاھىدە چوڭ شۆھرەت قازىنىپ كەلمەكتە. ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى كېلىۋاتقان «ئوغۇزنامە»، «دىۋان لۇغەت تۈرك»، «قۇتاتقۇبىلىك»كە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ئىلمىي قىممەتكە ئېگە ئۆلمەس ھاياتىي كۈچكە ئېگە ئەسەرلىرىمىز بۇنىڭغا دەلىل بولالايدۇ. مانا بۇ ھاياتىي كۈچكە ئېگە بولغان بەدىي، ئىلمىي، نەزىرىيىۋى ئەسەرلەردە، ھەرقايسى تارىخىي دەۋرلەردىكى رىيال ھايات، غايە-ئىدىيە، قانۇن نەزىريىلەر چوڭقۇر چۈشەندۈرۈلگەن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى مول بەدىىي ئىستىداتمۇ ئۆزىنى كۆرسەتكەن. كىشىلەر قەدىمقى دەۋردىكى مۇتەپەككۇر شائىرلىرىمىزنىڭ تارىخىي ۋەقەلەر ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئەسەرلىرىنى قانچە ئوقۇساقمۇ زېرىكمەيدۇ. سەۋىۋى، ئۇنىڭ چوڭقۇر ئىلمىلىققا ئېگە ئىكەنلىكىدە؛ شۇ زامان، شۇ ماكاندىكى ئىجتىمائىي ھاياتنى چىنلىق بىلەن تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلىگەنلىكىدە. ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز قاتارلىق مىلەتلەرنىڭ ئۇزۇن تارىخىي جەريانىدا بارلىققا كەلگەن، ئەمگەكچى خەلقنىڭ تۇرمۇشى ۋە كۆرىشى بىلەن زىچ باغلانغان نۇرغۇنلىغان ئەپسانە، رىۋايەتلىرى بار. تارىختىكى زور ئۆزگۈرۈشلەر، زور يېڭىلاش ھەركەتلىرىدە نۇرغۇن قەھرىمان شەخسلەر، مۇتەپەككۇرلار، شائىرلار، پەيلاسوپلار، تارىخشۇناسلار، ئەدەبىيات-سەنئەت ئالىملىرى مەيدانغا كەلگەن. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى شۇ تارىخىي دەۋرلەردە مەلۇم ئىلغار روللارنى ئوينىغان، بىز ئۇلارغا تارىخىي ماتىرىيالىزىم نوقتىنەزىرى بىلەن مۇئەييەن تارىخىي باھا بېرىشىمىز كېرەك. سىتالىن: يازغۇچىلارغا «ئىنسان روھىنىڭ ئېنژېنېرى» دەپ باھا بەرگەن. بۇ ئىنتايىن توغرا ، ئۇلۇغ باھادۇر. ماركس 1844- يىلى يازغان «ئىقتىسادىي ئىلىم پەلسەپىلىرى» دېگەن ئەسىرىدە: «ئىنسان ئىلمى»نى ئوتتۇرغا قويغان. «ئەدەبىيات ئىنسان توغرىسىدىكى پەن» دەپ كۆرسەتكەن. ماركس ئۆزى ئوتتۇرغا قويغان «ئىنسان ئىلمى»نى تارىخ ئىلمى ۋە ئەدەبىيات- سەنئەت بىلەن بىۋاستە باغلىغان. مۇشۇ نوقتىدىن ئېيتقاندىمۇ ئەدەبىيات- سەنئەت تەتقىقات خىزمىتى- يېڭى دەۋردىكى پەنگە يۈرۈش قىلىۋاتقان يېڭى ئادەملەرنىڭ، ھەرقايسى سەپلەردە جەڭ قىلىۋاتقان قەھرىمانلارنىڭ روھى ھالىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈشتىمۇ موھىم ئەھمىيەتكە ئېگە. بىز ئىلىم-پەنگە يۈرۈش قىلپ، سوتىسيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيەت گۈلزارىنى يارىتىشتا ئۈچ چوققىغا چىشىمىز كېرەك. بۇ ئىدىيە- نەزىرىيە چوققىسى، ئىلىم-پەن چوققىسى، ئەدەبىيات- سەنئەت چوقىسى. بۇ ئۈچ چوققىغا يېتەلمىسەك، 4تە زامانىۋىلىشىش بىر قۇرۇق گەپ بولۇپ قالىدۇ. 80-يىللار ئەدەبىيات- سەنئەت ئىلمىي تەتقىقاتى بويىچە يېڭى چوققىغا قاراپ قەدەم تاشلىشىمىزنىڭ باشلىنىشى بولىدۇ. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلىرى قەدىمكى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان تونۇشى ۋە تەتقىقات ئەھۋاللىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپلا قالماي، شۇنىڭ بىلەن قەدىمكى زامان ئەدەبىيات نەزىرىيىسىنىڭ راۋاجلىنىش سەۋىيىسىنىمۇ ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. مەسىلەن، 11-ئەسىردىكى ئاتاقلىق ئالىم، شائىر يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەشھۇر پۇتەپەككۇر، تىلشۇناس مەھمۇد قەشقىرى، 13-ئەسىردىكى ئاتاقلىق شائىر ئەھمەد يۈكنەكى، 15-ئەسىردىكى مەشھۇر شائىر ناۋايى، لۇتفى... 17- 18- ئەسىرلەردە ياشىغان زەلىلى، خىرقىتى، نۆبىتى، نازارى قاتارلىق ئەدىپلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ ئەسەرلىرى ئارقىلىق ۋەتىنىمىزنىڭ مەدەنىيەت غەزىنىسىنى بېيىتىپلا قالماستىن، بەلكى ئەدەبىيات-سەنئەت نەزىريىسى جەھەتتىمۇ ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك نوقتىنەزەرلىرىنى ئوتتۇرغا قويغان. بۇ ھەقتە كۆزگە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى ياراتقان. بىز بۇ قىممەتلىك ئەدەبىي مىراسلىرىمىز ئۈستىدىكى ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتىمىزنى تېخى ئەستايىدىللىق بىلەن سېستىمىلىق ھالدا ئېلىپ بارالمىدۇق. لىن بىياۋ، «4 كىشىلىك گوروھ» فاشستىك دىكتاتۇرا يۈرگۈزگەن يىللاردا بىزنىڭ بۇ خىزمىتىمىز ئۆلۈم گىردابىغا كېلىپ قالدى. نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك بايلىقلىرىمىز يوقالدى، تەقىقاتچىلىرىمىز كاردىن چىقىرىلدى. بىز بۇ ئېچىنىشلىق تەجرىبە- ساۋاقنى ئەستە مەھكەم تۇتىشىمىز، بۇ ساھەدىكى ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتىمىزدە سولدىن ياكى ئوڭدىن كېلىدىغان ھەرخىل كاشىلىلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، ئۆتمۈشتىكى تەجىربە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، ماركىسىزىمنىڭ تارىخىي نوقتىنەزىرى بويىچە كۆپلىگەن پاكىتلىق ماتىرياللارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، كونكىرت ۋە تارىخىي رەۋشتە تەھلىل، تەتقىق يۈرگۈزىشىمىز لازىم. لىن بىياۋ، «4 كىشىلىك گوروھ»نىڭ فاشستىك دىكتاتۇرىسى ھۆكۈم سۈرگەن ئون نەچچە يىلنى ھىساپقا ئالمىغاندا، ئازاتلىقتىن بۇيانقى 30 يىل جەريانىدا پارتىيە رەھبەرلىكىدە ئەدەبىي مىراسلارنى رەتلەش، تەتقىق قىلىش جەھەتلەردە بەزى خىزمەتلەر ئىشلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن بىزنىڭ بۇ مىراسلارغا ۋارسلىق قىلىش، تەقىق قىلىشنىڭ موھىملىقىغا بولغان تونۇشىمىز تېخى تولۇق بولمىدى. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئەدەبىيات تارىخىنىڭ ئوبىكتىپ قانۇنىيىتىنى ۋە خۇسۇسىيىتىنى تونۇش ۋە يەكۈنلەش- سوتىسيالىستىك يېڭى ئەدەبىياتنى راۋاجلاندۇرۇش، شۇنىڭدەك مىللىي ئالاھىدىلىككە ئېگە ماركستىك ئەدەبىيات نەزىريىسىنى بېيىتىشتا موھىم ئەھمىيەتكە ئېگە. لىكىن بىز قەدىمكى زامان ئەدەبىي-سەنئەت مىراسلىرىنى تەتقىق قىلىشتا، ئەلۋەتتە ماركسچە مەيدان، كۆز قاراش ۋە ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، ئۇنىڭدىن ئىلمىي يەكۈن چىقىرىپ، ئەدەبىي مىراسلارغا تەنقىدى ۋارسلىق قىلىشىمىز لازىم. بۇ يەردە ئۇنى سوتىسيالىستىك يېڭى ئەدەبىيات-سەنئەت ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. شۇڭا كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتىمۇ سوتىسيالىستىك يېڭى ئەدەبىيات- سەنئەتنىڭ تەركىۋى قىسمى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئېنگىلىس ئۆزىنىڭ «ئائىلە، خۇسۇسىي مۈلۈك ۋە دۆلەتنىڭ كېلىپ چىقىشى»، «ليۇدېۋېگ فېيىرباخ ۋە نىمىس كېلاسسك پەلسەپىسىنىڭ ئاخىرى» دېگەن ئەسەرلىرىدە تامامەن تارىخىي ھادىسىلەرنى تەتقىق قىلىپ چىققان. ئۇنىڭ تەتقىقات ئوبىكتى «قەدىمكى» بولغانلىقى بىلەن ئۇ ماركىسىزىمىنىڭ موھىم كىلاسسك ئەسەرلىرى قاتارىغا كىرەلمەي قالغىنى يوق. ئىلمىي تەققىقات ئوبىكتى جەھەتتىن ئېيتقاندا، «قەدىمكى بىلەن ھازىرقى»نى مۇناسىۋەتسىز دەپ قاراش، ئەمەلىيەتتە بىر خىل مىتافىزىكلارچە كۆزقاراش ياكى تارىخنى ئىنكار قىلىش بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. شۇڭا تەتقىقات خىزمىتى ئېلىپ بېرىشتا، بىزدە تەكرار ئۆگىنىش، يۈكسەك ئىلمىي تەلەپچانلىق پوزىتسىيىسى بولۇش لازىم. شۇنداق بولغاندىلا قەدىمكى زامان كىلاسسك ئەدەبىيات تەتقىقاتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشتا ۋە بىر ھەقىقى ئىلمىي يول ئېچىپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتالايمىز. «4 كىشىل گورەھ» يوقۇتۇلغاندىن كېيىنكى بۇ بىر نەچچە يىل ئىچىدە مەملىكىتىمىزنىڭ جۈملىدىن شىنجاڭنىڭ ئىلىم-پەن، تەتقىقات، ئەدەبىيات-سەنئەت مۇنبىرىدە جانلىنىشلار بارلىققا كەلدى. «4 كىشىلىك گورەھ»نىڭ بۇ ساھەدىكى جىنايەتلىرى ئېچىپ تاشلاندى، جەمئىيەتتە كىلاسسك ئەدەبىيات تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى كەسپىي ۋە ئىشتىن سىرتقى خادىملارنىڭ ئالدىغا يېڭى، ئورۇنلىمىسا بولمايدىغان جەڭگىۋار ۋەزىپىلەر كەينى-كەينىدىن قويۇلماقتا. 1500 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بېرى توپلىنىپ كەلگەن ئەدەبىي ئەسەرلەر بىزنىڭ تەتقىق قىلىشىمىزنى، ھازىرقى ئادەملەر ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرى يوقىلىش ئالدىدا تۇرغاچقا بىزنىڭ قۇتقۇزىۋېلىشىمىزنى كۈتمەكتە... ھازىرقى سوتىسيالىستىك مەدىنىيەتنى بېيىتىش، يېڭىنى يارىتىش خىزمەتلىرى ئىنتايىن جاپالىق، سەۋر-تاقەت، چىدام-غەيرەت ۋە پۇختىلىق، جاۋاپكارلىق، قىسقىسى ئىنقىلاۋىي روھ ۋە ئىلمىي پوزىتسىيە تەلەپ قىلىدىغان خىزمەت. ئىشىنىشكە بولىدۇكى، بارلىق تەتقىقات خادىملىرىمىز، كەڭ ئامما پارتىيە رەھبەرلىكىدە زىچ ئىتتىپاقلىشىپ كۆرەش قىلىدىغانلا بولساق كىلاسسك ئەدەبىيات تەتقىقات خىزمىتىدە چوقۇم زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز ۋە 4نى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا يېڭىدىن- يېڭى تۆھپىلەرنى قوشالايمىز. كىلاسسك ئەدەبىيات-تەتقىقات خىزمىتىدە قولىدىن ئاز-تولا ئىش كېلىدىغان يولداشلارنىڭ ھەممىسىنى «بۇلاق» ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا تەكلىپ قىلىمىز. «بولاق» قايناپ- ئېتىلىپ ئېقىپ تۇرسۇن، يېڭى دەۋرىمىز ئۈچۈن مول مىۋە- شەرۋەت بەرسۇن!... |