قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 542|ئىنكاس: 14

مىنىڭ كىتاب يىلىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

2

دوست

545

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23221
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 8
تۆھپە : 174
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-24 10:23:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ كىتاب يىلىم
رۇزىمۇھەممەد تۇردى ئارتۇچ
    بەلىكىم مىنىڭ كىتاب خۇمارلىقىمغا ئۆيىمىزدىكى كىتابلار خىمىتۇرۇچ بولغان بولۇشى مۈمكىن.باللىقمىدا ئاكامىنىڭ روھى بايلىقلىرى بولغان بىباھا كىتابلارنى ئوقۇپ-ئوقۇپ قانمايتىم.ئەشۇ كىتابلار مەكتەپتىن قايتىپ سايلىقتا قوي باققانلىرىمىدا قويلارغا قۇشۇلۇپ ماڭا ئەڭ يىقىن سىرداش بولاتتى.كىينچە ئەشۇ كىتابلار ئاستا-ئاستا ۋۇجۇدۇمىنىڭ بىر قىسىمغا ئايلىنىپ ئوقۇغانلىرىمىدىن ھىس قىلغانلىرىم ئاساسىدا ئانچە-مۇنچە قەلەم تەۋرىتىپ تۇرىدىغان بولدۇم. كىتاب ئوقۇش تۇرمۇشۇمدا قوش ئۈنۈم ياراتقاچقا ھىلمەممۇ بوش ۋاقىت تاپساملا كىتابتىن روھى ئىنىرگىيە تولۇقلايمەن.2014-يىلىمنىڭ بىشى بۇرۇن ئەۋەتكەن ماقالىللىرىم ئىلان قىلىنىپ شۇنداقلا بىر قانچە پارچە قىممەتلىك كىتاب سىتىۋىلىپ شۇنداق خۇشال باشلانغان ئىدى.ئەتىگەندە نىمە يىسەڭ كەچتە شۇ دىگەندەك بۇ بىر يىلىم يىل ئاخىرغىچە كىتاب ئىچىرە شۇنداق خۇشال ئۆتۈپتۇ.ماڭا خۇشاللىق ئىلىپ كەلگەن كىتابقا يانداش پائالىيەتلەرنىڭ ئەھىمىيتى يەنە مىنى قولۇمغا قەلەم ئالغۇزدى.
    ھەممىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ھەر يىلى ئۆمىد ئىينىڭ 23-كۈنى دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى.مەن بۇ يىللىق كىتاب ئوقۇش كۈنىگە 2-ئوقۇش مەۋسۇمىنى باشلىغان كۈنىدىن باشلاپ تەييارلىقىنى باشلىۋەتكەن ئىدىم.چۈنكى بىزنىڭ ئوقۇغۇچىللىرىمىز ئۆزىمىز ھەققىدە يىزىلغان نۇرغۇن بىباھا كىتابلارنىڭ بارلىقىنى بىلمەيتى،بىلىسمۇ ئۇ كىتابلارنى ئوقۇپ باققانلىرى كۆپ ئەمەس ئىدى.شۇڭا مەن كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىقوزغاش ئازۇيۇمنى تۈۋەندىكى بىر قانچە يۈرۈش پائالىيەتلەر بىلەن باشلىۋەتتىم.
بۇ مەكتىپىمىزدە «دۇنيا كىتاب ئوقۇش كۈنى»نى3- قېتىم ئۆتكۈزۈشىمىز ئىدى. مەن بۇ كۈنىدىكى كىتاب يىغىپ بالىلارغا ئوقۇتۇش پىلانىمىنى پۇل توپلاپ كىتاب فوندى تەسىس قىلىپ كىتاب سىتىۋىلىپ بالىلارغا ھەركۈنى ئارىيەت بىرىپ تۇرۇشقا ئۆزگەرتتىم. ئالدى بىلەن پىلانىمنى ئوقۇغۇچىلارغا دىدىم. كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلار پىلانىمىنى قوللىغاندىكىيىن ئاندىن مەكتەپتىكى ھەممەيلەنگە ئوقتۇردۇق. ئىككى كۈن ئىچىدىلا 1000يۈۋەنگە يىقىن پۇل يىغىلدى.مەن بۇ يىلىقى كىتاب ئوقۇش كۈنىنى مەنىلىك ئۆتكۈزەلەيدىغانلىقمىزدىن ئالامچە شاتىلقققا چۈمدۇم.كىتاب فوندى دەسلەپكى قەدەمدە قۇرۇلۇپ دەسلىپىدە داڭلىق ئۇيغۇر يازغۇچىللىرىمىز يازغان تارىخى رومانلاردىن 30 پارچە سىتىۋالدۇق.شۇنىڭ بىلەن مەكتەپتە كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى قوزغىلىپ كەتتى.ئىشخانامغا كىتاب ئارىيەت ئالغىلى كىرىدىغان ئوقۇتقۇچىلاردىن بەكرەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئايغى ئۈزۈلمەيتى.چۈنكى مەن سىتىۋالغان كىتابلار ئۇنداق-مۇنداق كىتابلار بولماستىن بىزگە ئۆزلىكىمىزنى تونىتىدىغان،كىملىكىمىزنى بىلدۈرىدىغان،ھەممەيلەن سۆيۇپ ئوقۇيدىغان ئەمما بىزنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىمىز تىخىچە ئوقۇپ ئۈلگىرىمىگەن«قۇم باسقان شەھەر»، «جاللات خېنىم»، «ئۆزلىك ۋە كىملىك»،«ئانا يۇرت»،«داغ»،«كەلىلە ۋە دەمىنە»قارتارلىق كىتابلار ئىدى. ئوقۇغۇچىلار ئەسىلى مۇنداق كىتابلارنى ئوقۇشقا قىزىقىدىكەن ئەمەسمۇ؟ئەسلىدە ئۇ كىتابلار ئۇلاردا بولمىغاچقا ئوقۇيالماپتىكەن-دە ؟!ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئابدۇقېيۇمىنىڭ يىتەكچىلىكىدە ئەدەبىيات ئوقۇتۇش گوروپىسىدا 30 يۈۋەندىن كىتاب چىيى تەسىس قلىندى. ھەر ئايدا 15نەپەر ئوقۇتقۇچىدىن يىغىلغان پۇلغا شۇ كىشىدە يوق كىتاب سىتىۋىلىنىدىغان باشقىلارمۇ تەڭ پايدىلىنىدىغان قائىدە بىكىتىلدى. 23-ئۆمىد كۈنى بىز ئالاھىدە ۋاقىت چىقىرىپ بارلىق كىتابلارنى بىر يەرگە توپلاپ ئوقۇغۇچىلارغا ئالدى بىلەن ئۆزىمىز ھەققىدىكى نادىر كىتابلارنى بىر قۇر تونۇشتۇرۇشتۇرغاندىكىيىن كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى ئىلىپ باردۇق.بۇنىڭدا ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا بىردىن كىتاب تارقىتىپ ئۇنى ئوقۇپ بولغاندىكىيىن شۇ كىتابتىن سۇئال چىقىرىپ زىھىن سىناش شەكلىدە پائالىيەت ئىلىپ باردۇق،بۇنىڭ ئۈنىمى نەچچە سائەت چىڭقىلىپ ئۆتكەن دەرىستىن ئۈنۈملۈكرەك بولدى.ئۇيغۇر تارىخىدا بەلگىلىك قىممەتكە ئىگە ئەنە ئەشۇنداق كىتابلار جەمىيەتتىكى ساخاۋەتچىلەرنىڭ فوندىمىزغا پۇل ئىئانە قىلىشى بىلەن كۆپىيىپ ھازىرغىچە 1000 پارچىدىن ئاشتى.
بالىلارنىڭ ئىنىگىلىزچە لوغىتى بولمىغاچقا دەرىسلىكتىكى يىڭى سۆزلەرنى تىپىش، جۈملە تۈزۈش جەھەتلەردە خىلى قىيىنالغان ئىدى.شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتىتى نەشىرىياتى 99-يىلى نەشىر قىلغان ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە-ئىنىگلىزچە رەسىملىك لوغەت ئوقۇغۇچىللىرىمىنىڭ بۇ ئىھتىياجىنى قاندۇرالايتى،2-مەۋسۇم باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەي مەن بۇ كىتابتىنى ئىزدىدىم، ئەمما بۇ لوغەت نەشىر قىلىنغىلى ئۇزۇن بولغاچقا بىر ھەپتە ئۈرۈمچى،قەشقەردىن ئىزدەپ- سوراپ ئاران 60 پارچە تاپالىدىم.لوغەتىنىڭ سانى ئىھتىياجنى قاندۇرالمىغاچقا يەنە ئوقۇغۇچىلارغا ماس كىلىدىغان لوغەت كۆرۈپ بىقىش ئۈچۈن كىتاب ساتىدىغان تور بىكەتلىرىنى ئارلاپ كۆردۇم،بىر تور دۇككىنى 20 يۈۋەنلىك خەنزۇچە-ئىنىگلىزچە، ئىنىگىلىزچە-خەنزۇچە قوش يۈلىنىشلىك بىر لوغەتىنى 12 يۈۋەندىن سىتىۋاتقان ئىكەن،مەن بۇ لوغەتتىن96پارچە سىتىۋالدىم. مىزان ئىيىدا يىڭى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن يەنە جۇڭگۇ كىتاب تورى (www.bookschina.com)دىن ئوخشىمغان يەتتە خىل تۈردىكى خەنزۇچە- ئىنىگلىزچە،ئىنىگىلىزچە-خەنزۇچە قوش يۈلىنىشلىك لوغەتتىن 157 پارچە سىتىۋالدۇق. نەچچە يۈز بەتلىك بۇ لۇغەتلەر مەزكۇر توردا شۇنچىللىك ئەزان بولۇپ بەش يۈۋەندىن ئون يۈۋەنگىچە ئىدى.ھەر بىر لوغەتتە ئەسلى باھاسىدىن ئون يۈۋەندىن ئارتۇق تىجەپ قالغىلى بولاتتى.لوغەتلەرنىڭ ئەپچىللىكى،سۆز مىقدارىنىڭ موللىقى،رەڭدارلىقى ئوقۇغۇچىللىرىمغا نۇرغۇن ئۈگىنىش قۇلايلىقلىرىنى ئىلىپ كەلدى.شۇنداق ياخشى قۇرال كىتابلارنى ئوقۇغۇچىللىرىمغا تىپىپ بىرەلىگىنىمدىن خۇشال ئىدىم.
پوچتىدىن خەت-چەك ياكى پوسۇلكا كەلسە خۇشال بولمايدىغان بىرمۇ ئادەم بولمىسا كىرەك،ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا يىزىلغان«شىنجاڭ مەدەنىيىتى»،«شىنجاڭ ياشلىرى»، «پەن ۋە تۇرمۇش»قاتارلىق 30 خىل گىزىت-ژورنال پوچتىدىن بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى كىلىپ مىنى زىرىكتۈرمىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە بىكار چاغلىرىمدا تور ئارلاپ سىتىۋالغان ئىنىگلىزچە ھىكايە كىتاب-ژورناللار ۋە يازغان ماقاللىرىمىنىڭ قەلەم ھەققى ھەر ھەپتىدە قۇلۇمغا تىگىپ تۇرمۇشۇمىنى رەڭدارلاشتۇراتتى.«شىنجاڭ مائارىپى»ژورنىلىدا ئىلان قىلىنغان «تەۋپىق روھى مەڭگۈ ھايات»ناملىق ئىزلەنمە ماقالەم ئۈچۈن كەلگەن قەلەم ھەققىگە ئايالىم ئىككىمىزنىڭ توي قىلغانلىقىمىزنىڭ ئىككى يىللىقىنى تەبىرىكلەپ«باھادىرنامە»ناملىق كىتابىنى سىتىۋالدىم.كىتابخانا خۇجايىنى بۇ كىتابىنى سىتىۋالغىنىم ئۈچۈن ماڭا « ئابدۇقادىر جالالىدن مۇنداق دەيدۇ»ناملىق كىتابىنى سوۋغا قىلدى.كىتابلارنى كۆرۈپ ئايالىم شۇنچىلىك مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۇردى.مەن ئادەتتە ئالاھىدە كۈنلەردە باشقىلارغا كىتاب سوۋغا قىلىشىنى ياقتۇرىمەن.بۇ يىل ئايالىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە «ئەنجانباي» ناملىق روماننى،بىر قانچە نەپەر ئوقۇغۇچمىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە ئەدەپ-ئەخلاق ھەققىدىكى كىتابلارنى سوۋغا قىلىدىم.ئۇلارمۇ مىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىمدە ماڭا قىممەتلىك كىتابلارنى كۆڭۈل سوۋغىسى قىلدى.ئايالىم سوۋغا قىلغان«تۈشۈك مۇنچاق»ناملىق كىتاب، ئوقۇغۇچىللىرىم سوۋغا قىلغان«يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكىمەت»،«قاباھەت»، «ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن »،«ئۆزۈڭنى تاپ، كۆزىڭىنى ئاچ ئەركەكلەر» ناملىق كىتابلار پىقىرىنىڭ 33- باھارىغا ئۆزگىچە تۈس قۇشۇپ مىنىڭ قۇۋانچىللىرىمىنى ئەۋجىگە چىقاردى.
ئەلگە تۇنۇلغان دىرامماتىروگ،شائىر ساھىت سادىق ئاكىمىزنىڭ باش بولۇپ ئويۇشتۇرىشى بىلەن 2010-يىلى يىل ئاخىرىدىن باشلاپ يۇپۇرغىدىكى قەلەم ساھىبلىرى ئايدا بىر قىتىم يىغىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئىجادىيەت مىۋىللىرىدىن تەك بەھىرلىنىدىغان،كىتاب ئۇچۇرلىرىنى تارقىتىدىغان،مىلليىچە سازلارنى چىلىپ ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىللىرىدىن بەھىرلىنىدىغان،يازغان ئەسەرلەر ھەققىدە ئورتاق پىكىرلىشىدىغان ھاراق،تاماكىسىز ساپ بىر مۇھىت يارتىپ مەدەنىيەت ئەنجۇمەنى تۈزگەن ئىدۇق.بىزنىڭ بۇ سورىنىمىز ئەينى چاغدا ياش يازغۇچى ئابدۇناسىر يۇنۇس ياۋايىنىڭ قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى نەشىر قىلغان «نىقاپلانغان سۆيگۈ»ناملىق ھىكايىلەر توپلىمىنى مۇبارەكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن باشلانغان ئىدى.بۇ بىر قانچە يىل ئىچدە شائىر ئەنۋەر ئابلەت شەيدائىنىڭ «ھايات قەسىدىسى» ناملىق شىئىرلار توپلىمى،ئوبۇلھاشىم ئەخەت ئېقىننىڭ«يۈرەك نىمە دەيدۇ»،«شىپالىق دورا- دەرمەكلەر»ناملىق كىتابلىرى نەشىر قىلىپ تارقىتىلدى.بۇ كىتابلارنىڭ تارقىتىلىشى دىلكەشلەر سورنىمىزدىكلەرنىڭ ئاۋازغا ئىلىپ تەييارلىغان نەۋرۇز بايرىمىلىق پىروگىراممىنىڭ مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسى «رادىئو ژورنىلى» پىرگىراممىسىنىڭ ئالاھىدە سانى ئارقىلىق ئاڭلىتىلىغاندىن كىيىنكى يەنە بىر ھاياجىنى ئىدى.بىز قەلبىمىزگە سىغمىغان پەخىرلىك تۇيغۇلىرىمىزنى ئىلھامغا ئايلاندۇرۇپ ئەنۋەركام ۋە ئوبۇلھاشىمكام ئۈچۈن يەنە بىر ئەھمىيەتلىك ئەنجۇمەن تۈزۈپ ئالىقىش،تەبىرىكلەرنى ياڭراتتۇق،ئۇلار سورۇن ئەھلىگە كىتابلىرىنى سوۋغا قىلدى.باشقىلارغا ئوخشاش مەنمۇ بۇ كىتابتىن 20 پارچىنى مەكتىپىمىزگە ئىلىپ قىلىشقا كۈچ قوشتۇم.يېقىنىدا يەنە يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ غوللۇق ئەزاسى، دىلكەشلەر سورۇنىمىزدىكى يىتىشىۋاتقان ياش يازغۇچى ئابدۇناسىر يۇنۇس ياۋايىنىڭ يۇپۇرغىدىكى تېرىم،بايئاۋات يىزلىرىنىڭ ئەيىنى چاغدىكى ۋەيران بولۇپ يۇقىلىش گىردابىغا بىرىپ قالغانلىقى ۋە ئۇنى قوغداپ قىلىشتەك تارىخى كۆرنىشىنى ئاساسى لىنىيە قىلغان ئۆزىنىڭ شۇنداقلا يۇپۇرغىنىڭ تۇنجى رومانى «ئابىھايات» ناملىق ئىككى قىسىملىق تارىخى رومانى كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشتى. ئەتىراپىمىزدىكى يۇرتلاردىن مەركىت،يەركەن قاتارلىقلاردا ئاللبىۇرۇن رومان چىقارغانلار بار ئىدى.بۇ رۇمان يۇپۇرغىدىن ھازىرغىچە رومان ئىلان قىلىنمىغانلىق تارىخىغا خاتىمە بىرىپ بىز يۇپۇرغىدىكلەرنىڭ يۈزىنى يۇرۇق قىلىدى.بىز دىلكەشلەر سورنىدىكىلەر يەنە شاتلىقتا قۇۋالىشىپ ئالاھىدە بىر سورۇن راسلاپ ئابدۇناسىركامىنى ئالقىشقا كۆمىۋەتتۇق.سورۇندا مەدىيەھلەر ياڭرىدى، شىئر-قوشاق، نەزمىلەر ئوقۇلدى. يىتىشىۋاتقان دىكتور،ئۆزىنىڭ بۇلبۇلدەك ئاۋازى بىلەن شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى ئاۋازلىق ئەسەرلەر سەھپىسىنى خالىسانە ھالدا بىجاندىل باشقۇرۇپ كىلىۋاتقان تۇنساگۈل بارات ئەلقىزى ئۆزى يىقىنىدا ئاۋازغا ئىلىپ تەييارلىغان بىر قىسىم نەسىر ۋە ھىكايىلەرنى پىلاستىنىكا شەكلىدە سورۇن ئەھلىگە سوۋغا قىلدى.بۇ قىتىمىقى سورىنىمىزمۇ ئىلگىرىكى سورۇنىمىزغا ئوخشاشلا نۇرغۇن يىڭى ئۇچۇر ۋە بىلىملەرگە لىقلىنىپ نەتىجىلىك ۋە ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزلدى.
بۇ يىل 5-ئايدىن باشلاپ ئاپتۇنۇم رايۇن بويىنچە قانۇنسىز دىنى پائالىيەتلەرنىڭ مەكتەپلەرگە سىڭىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش تەشۋىقى-تەربىيە پائالىيتى قانات يايدۇرۇلدى.داڭلىق مۇتەخەسىسىلەر، ئوقۇتقۇچىلار تۆۋەنلەرگە چۈشۈپ لىكسىيە سۆزلىدى.شۇ قاتاردىمۇ يۇپۇرغا ناھىيلىك مائارىپ ئىدارسى ئىككى لىكسىيە سۆزلەش گوروپپىسى تەسىس قىلدى.مەن يىزىلارغا بىرىپ لىكسىيە سۆزلەش گوروپپىسىغا بەلگىلەندىم.ماڭا مەدەنىيەت تىمىسىدا يەنى «مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش،مەدەنىيەتىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش » دىگەن تىمىدا لىكسيە سۆزلەش ئورۇنلاشتۇرلدى. مەن ئۈچۈن تىپلغۇسىز پۇرسەتتە كىتاب ۋە يىزىقچىلىق ھەققىدە كۆپرەك سۆزلىدىم.چۈنكى كىتاب بىر مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسىمى،نەشىر قىلىنىۋاتقان مىللىي يىزىقتىكى كىتابلارنىڭ ئاز بولۇشى بىلەن بىرگە ئوقۇرمەنلەرنىڭمۇ ئازلاپ كىتىۋاتقانلىقى سەۋەپلىك كىتاب مەدەنىيتىمىزنى راۋاجلاندۇرۇشقا بولىدۇكى ھەرگىز ئارقىغا چىكۈندۈرۈشكە بولمايدۇ. ئوقۇتقۇچىلار دەل ئەشۇ كىتاب مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىش ۋە يەتكۈزۇشتە ئاۋانگارت قوشۇن ھىسابلىنىدۇ.مەن ئوقۇتقۇچىلاردىن كىتابقا،يازغۇچىللىرىمىزغا ئائىت سۇئاللارنى سوراپ ئۇلارغا ئۆزەم سىتىۋالغان كىتابلارنى سوۋغا قىلدىم.ھەمدە ئوقۇغۇچىلارغا كۆپرەك كىتاب ئوقۇشىنى تەشۋىق قىلىش ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلار ئاۋال ئۆزى كۆپرەك كىتاب ئوقۇپ ئۆزى ئۈلگە بولۇش ھەققىدە لىكسيە سۆزلىدىم.
مەن ئۇزۇندىن بۇيان ئۇلۇغ ئالىمىمىز،20- ئەسىردىكى تۇنجى ئىسلاھاتچى،ئۆزىنىڭ قورقىماس ئىرادىسى بىلەن يىڭىچە مائارىپىنى بىزگە ئىلىپ كىرىپ تارقاتقان شائىر ئابدۇقادىر دامۇللام ھەققىدە ئاز-تولا ئىزدىنىپ بىرەر پارچە ماقالە يىزىش مەخستىم بار ئىدى،شۇڭا «ئابدۇقادىر دامۇللام ھەققىدە قىسسە»، «يىڭى مائارىپ بايراقدارى-ئابدۇقادىر دامۇللام»،«ئابدۇقادىر دامۇللام ۋە ئۇنىڭ 100 نەسىھەتى»قاتارلىق كىتابلارنى سىتىۋىلىپ شۇ دەۋىردىكى نۇرغۇن تارىخى بىلمىلەرگە ئىگە بولدۇم.ۋە«تاغ چوقىسىدىكى ئەقىدە»ناملىق ماقالەمنى ئىلان قىلدۇردۇم.ھەممە كىشىنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرىشىگە نائىل بولۇپ كىلىۋاتقان شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ «بىر كىتاب بىر ئالەم» پىروگىراممىسىنىڭ ھازىرغىچە ئىشلەنگەن بارلىق سانىلىرىنى تېپىپ كۆردۈم، چۈنكى بۇ پىروگىرامما كىتاب ئاشنالىرىنىڭ ھەقىقى سىردىشى.جۇڭگۇ كىتاب تورى (www.bookschina.com) ، تاۋباۋ مال سىتىۋىلىش تورى (www.taobao.com) قاتارلىقلاردىن جەمئى 32 پارچە كىتاب سىتىۋالدىم.مەن «قىساسۇل ئەنبىيا» «باھادىرنامە»،«تاغ جۇدۇنلىرى»،«كونا قاپقان»،«كۈندە ئازىراق پىسخىكا ئۈگىنەيلى» (خەنزۇچە)،«كۈندە ئازىراق پەلسەپە ئۈگىنەيلى» قاتارلىق كىتابلار بولۇپ بۇ بىر يىلدا ئۆزۈمگە تەۋە سېتىۋالغان كىتاب 110 پارچە بوپتۇ.110 پارچە كىتابنىڭ ماڭا 10 مىڭ پاتمان شاتلىق بىغىشلىغىنى يەنىلا پىقىرغا ئايان .
مىنىڭ مەكتەپتىكى خىزمىتىم رادىئو تەشۋىقات خىزمىتى بولغاچقا ئۇزۇندىن بىرى ئۇيغۇرچە رادىئو پىراگىرممىلىرىنى ئىشلەپ تورلاردا(«تارىم» ژورنىلى تورىنىڭ ئاۋازلىق ئەسەرلەر سەھپىسىنى خالىسانە ئىشلەپ بىرىۋاتىمىز)،پىلاستىنىكا شەكلىدە تارقىتىپ(بۇ بىر يىلدا «تىلىمىز- جىنىمىز»،«بىز كىم»،«ئۆمىرىڭىز ئۇزۇن بولسۇن ئانا»،«توغراق يىشىدا ياشاڭ،ئۇستاز» قاتارلىق پىروگراممىلارنى ئىشلىدۇق) جەمئىيتتىكلەرنىڭ خىلى كۆپ ئالقىشىغا ئىرىشتىم. ئۆزەم ئوقۇغان كەسىپ ئىنىگىلىزتىلى بولغاچقا مىللىتىمىزنى ئىنىگىلىزتىلىدا باشقا مىللەتلەرگە تونۇشتۇرۇش ئارزۇيۇم پولات تاۋلاش ئوچىقىدىكى ئوتتەك كۈچلۈك يىلىنىجايتى.شۇڭا مەندە بىز ھەققىدىكى ئىنىگىلىزچە پىروگىرمملارنى ئىشلەش ئىستىكىمۇ خىلدىن بۇيان مىنى ئولتۇرغۇزماي قويغان ئىدى. مىللىتىمىز ھەققىدە ئىنىگلىزچە پىروگىرامما ئىشلەش ئۈچۈن توردىن چۈشىرىۋالغان ئازغىنە ماتىرىياللار كۇپايە قىلمايتى.ئاۋال شۇ تىلدا يىزىلغان بىز ھەققىدىكى ئۆلچەملىك ماتىريال بولۇشى كىرەك ئىدى.مەن تاۋباۋ مال سىتىۋىلىش تورىنى (www.taobao.com)ئاقتۇرۇپ ئۇيغۇرلار ھەققىدە يىزىلغان«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋي مۇقاملىرى»،«شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى»، «شىنجاڭدىكى بۇ كارامەت كىشلەر»،«شىنجاڭنىڭ سىرلىقلىرى»قاتارلىق ئىنىگىلىزچە كىتاب- ژورناللارنى سىتىۋالدىم. سىتىۋالغان كىتابلىرىمىنى ئەستايدىل ئوقۇپ ئۇيغۇرلار ۋە بىزنىڭ ناخشا مۇزىكللىرىمىزنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۇنىۋىرسال شەكىلدىكى «ياخشىمۇسەن، ئۇيغۇر مۇزىكىسى»(Hallo Uyghur Music) ناملىق رادىئو پىروگىرممسىنى ئىشلەپ چىقتىم.ھەرھالدا كىتاب ئوقىسا خۇشال بولىدىغان،كىتابىنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان بىر ئادەم بولۇپ يىتىلگىنىمدىن مەمنۇنمەن.چۈنكى سىتىۋالغان كىتابلىرىم ۋە ئىنىگلىزچە رادىئو پىروگىراممىسى ئىشلەش جەريانى ماڭا ئىنتايىن كۆپ ئۆگىنىش پۇرسىتى ئىلىپ كىلىپلا قالماي زور شاتلىق ئاتا قىلدى.
بۇ بىر يىلدا جەمىئى 1030پارچىدىن ئارتۇق كىتاب قولۇمدىن ئۆتۈپ ئەشۇ كىتابلار بىلەن يۈز كۆرشۈش پۇرسىتى يارتىلىدى.مۇشۇ ماقالىنى يىزىۋاتقاندا ئۆزۈمدە زادى قانچە پارچە كىتاب باردۇ دىگەننى ئستاستىكىلاپ باقتىم.مىنىڭ كىچىك كىتابخانمىدا ئۇيغۇرچە،ئىنىگلىزچە كىتاب ۋە ژورنالدىن 1300 پارچە ساقلىنىۋىتىپتۇ. ئۇيغۇرلار تارىخىدا ھازىرىغىچە 300 پارچىدىن ئارتۇق رۇمان ئىلان قىلىنىپتۇ.ئىلان قىلىنغان 300 نەچچە پارچە كىتابنىڭ 71 پارچىسىنى ئوقۇپتىمەن، ئۇنىڭ 60 پارچىسى مىنىڭ كىچىك كىتابخانمىدا بار ئىكەن، نىمىشقىكىن بۇ كىتابلار ماڭا يەنىلا ئازدەك تۇيۇلدى.چۈنكى بىر قانچە يىلدىن بىرى يىققان كىتابلىرىم ئاران شۇنچىلىكلا بوپتۇ.شۇڭا مەن داۋاملىق كىتاب سېتىۋىلىش ۋە ئوقۇش پىلانى تۈزدۈم.تاقا-تۇقا گەپلىرىمىنى تۈگەللىسەم گەرچە مەن بىر ئاددى ئوقۇتقۇچى بولساممۇ ئەمما نىمىشقىكىن بالىلارغا ئۆز تارىخىمىز ھەققىدە تەلىم-تەربىيە بىرىشتە رولۇم بەكلا يۈكسەك ۋە مۇھىم دەپ قارايمەن.بولۇپمۇ ئۆزىمىز ھەققىدە يىزىلغان كىتابلارنىڭ ئۆز ئەۋلادلىرىمىز تەرىپىدىن ئوقۇشىسز قالماسلىقى مەن ئۈچۈن ئەڭ باھادىر ئىش.چۈنكى بىز ئۇلارغا يەتكۈزمىسەك،تارقىتىپ تەشۋىق قىلمىساق ئۇلار ئۆزلىرى ھەققىدە ھىچىنىمىنى بىلمەي چوڭ بولىدۇ.كىتاب مەدەنىيىتىمىز ياخشى تەشۋىق قىلىنمىسا مىللي مەدەنىيىتىمىزمۇ ئىز باسارسىز قىلىشى مۇمكىن. «مەخمۇد قەشقىرى يىلى»،«جۇڭگۇ- روسىيە يىلى»،«خەلق تۇرمۇشى يىلى»دىگەن چوڭ ئاتالمىلار تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرىگىلى نىكەم بولسىمۇ ئەمما «بۇ يىل مىنىڭ كىتاب يىلىم،بۇ يىلىنى ماقالە ياكى كىتاب چىقىرىش يىلىم قىلىمەن،بۇ يىلىنى كۆپرەك نەتىجە قازىنىپ نەتىجە يىلى قىلمەن» دەيدىغان كىچىك ئاتالمىلار تۇرمۇشىمىزغا تىخى تولۇق سىڭىپ كىرەلمىدى.مەن 2014 - يىلىنى ئالدىن بۇ مىنىڭ كىتاب يىلىم دەپ بىكىتىۋالغانمۇ ئەمەس،ئەمما قەلبىمدە مەۋج ئۇرغان بىباھا كىتابلىرىمىزنى ئەتراپىمىزدىكلەرگە ۋە ئوقۇغۇچىلارغا تۇنۇشتۇرشتەك بىر خىل ۋەزىنلىك مەسئۇلىيەت، شۇنداقلا كىتابقا بولغان ھىرىسمەنلىكىم ئات يىلىمىنى كىتاب ئارقىلىق كۆپلىگەن مەنىلارغا پۈركىدى.يىل ئاخىرىدا نەزەر سالسام 2014-يىل ھاياتىمدىكى مەن ئۈچۈن ئەك كۆپ كىتاب سىتىۋالغان بىر يىل،ئەڭ كۆپ كىتاب ئوقۇغان بىر يىل،ئەڭ كۆپ كىتاب ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغان بىر يىل،ئەڭ كۆپ رادىئو پىروگىراممىسى ئىشلىگەن ھەمدە ھاياتىمىدىكى ئەڭ كۆپ ماقالە يىزىپ ئىلان قىلدۇرغان بىر يىل بوپتۇ.بۇلارنىڭ روياپلىنىش ئۈچۈن كىتابنىڭ خىىمىتۇرۇچ بولغانلىقغا گەپ كەتمەيدۇ.كىلەر يىلىمنىڭ ئۆزگىچە ئۆتۈشى شۇندقلا بارلىق ياش زامانداشلىرىمىنىڭ پۇرسەت چىقىرىپ كۆپرەك كىتاب كۆرۈپ ياشلىق باھارىنىڭ ھەر بىر بىتىنى گۈزەل ئەستىلەكلەرگە ۋە قىممەتلىك ئۇنچە- دۇرلارغا بىزىشى شۇنداقلا كىتاب مەدەنىيىتىمىزنى قاغجىرتىپ قويماسلىقى پىقىرنىڭ 2015-يىلدىكى ئەڭ ئىزگۈ تىلىكىدۇر.
مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن كەمىنە يىتىم بالىلار كىتاب فوندىمىزغا نەخ پۇل ئىنانە قىلغان يۇپۇغا ئەشمىدىن قىيۇمجان(2000يۈەن)،ئاتۇشتىن تىلغۇن نۇمۇر 138 ئاخىرىقى نۇمۇر 530 بولغان قېرىندىشىمىزغا(1000يۈەن)،غۇلجىدىن ئابدۇۋاخاپ ئەپەندىمىگە (1000يۈەن) چىن قەلبىمىزدىن دۇئايى سالاملار يوللايمىز.ھەمدە بارلىق قانداشلىرىمىزنىڭ رايۇنىمىزدا تىخى تۇنجى بولغان يىتم بالىلار كىتاب فۇندى خەيرى-ساخاۋەت پائالىيىمىزنى داۋاملىق قوللاپ تۇرشىنى ئۈمىد قىلىمىز .
(ئاپتۇر:يۇپۇرغا ناھىيە3-ئوتتۇرا مەكتەپتە)
手机号:13899198079

13

تېما

0

دوست

2705

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   23.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28327
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 41
تۆھپە : 922
توردىكى ۋاقتى: 131
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-24 18:05:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالام، marip ئەپەندى، ماقالىڭىزنى ئوقۇپ تولىمۇ خۇرسەن بولدۇم، ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ھەم ساۋاپلىق ئىش قىلىۋېتىپسىز، شۇ ئىشلىڭىز يەنىمۇ گۈللىگەي.بىر ياخشى ئىشنى ئۆزى ئۈچۈنلا ئەمەس، باشقىلار ئۈچۈنمۇ راۋا كۆرۈش ھەم بۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈش ئىنتايىن قەدىرلەشكە تېگىشلىك. مۇمكىن بولسا مۇشۇ ئىشىڭىزنى ئىمكانىيىتىڭىز يار بەرگەن دائىرىدە يەنىمۇ داۋاملاشتۇرۇشىڭىزنى ھەم كېڭەيتىشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمەن، شۇنداقلا بۇ جەھەتتە مۇنداق تەكلىپ بېرىمەن:
    1. ئالدى بىلەن سىز لازىملىق دەپ قارىغان كىتابلارنى شىنخۇا كىتابخانىسى ۋە خۇسۇسىي كىتابخانىلاردىكى باھاسىدىن خېلىلا ئەرزان سېتىۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتمەكچىمەن. يەنى كىتابخانىلاردىن بىۋاسىتە ئالغاندىن نەشرىياتلار بىلەن ئالاقىلىشىپ شۇلاردىن ئالسىڭىز، تەخمىنەن يۇقىرى بولغاندا 50 پىرسەنىت، تۆۋەن بولغاندا 75 پىرسەنىت ئېتىۋار باھادا ئالغىلى بولىدۇ. يەنى 10 يۇەن باھادىكى بىر كىتابنى ياكى 5 يۇەنگە ياكى 7.5 يۇەنگە ئالغىلى بولىدۇ.بۇنداقتا داۋاملىق كىتاپ سېتىۋالىدىغان ئادەمگە خېلى كۆرۈنەرلىك پۇل تېجىلىپ قالىدۇ ھەم ياكى خالىسا مۇشۇ تېجىلىپ قالغان پۇلغا يەنىمۇ كۆپ كىتاپ سېتىۋالالايدۇ.
     2. بۇنىڭدىن كېيىن كىتاپ سېتىۋالماقچى بولسىڭىز ، مەلۇم مەزگىلنى ، يەنى بىر پەسىلنى بىرلىك قىلىپ تۇرۇپ ، شۇ چاغقىچە نەشىردىن چىققان ، سىزگە لازىملىق كىتابلارنى تىزىملاپ، مۇئەييەن سانغا ، مەسىلەن، تۆۋەن بولغاندا 10-20 گە يەتكۈزۈپ ، تىزىملىك بىلەن بىللە نەشرىياتقا ئەۋەتىپ بېرىڭ. شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتى ئۇيغۇرچە كىتابلارنى تارقىتىش بۆلۈمىنىڭ شۇنداق بىر قائىدىسى بار، ئومۇمەن مۇشۇ نەشرىياتتىن چىققان ئۇيغۇرچە كىتابلارنى ئامباردا بار بولسىلا   مۇئەييەن ساندا كىتاپ ئالغانلارغا كىتابنى يۇقىرىقى ئېتىبار باھادا سېتىپ بېرىپلا قالماي، يەنە مال يەتكۈزۈش ئورنى ئارقىلىق ئەۋەتىپ بېرىدۇ. كىتابلارنىڭ ئېتىبار باھاسىنىڭ قانچىلىك بولۇشى شۇ كىتابنىڭ يېڭى نەشىر قىلىنغانلىقى ياكى بۇرۇنراق نەشىر قىلىنغانلىقى، بېسىلىش سانى، ئامباردىكى قالدۇقى، باھاسى، قانچىلىك ساندا سېتىۋېلىنىدىغانلىقى ...قاتارلىق بىر قاتار ئامىللارغا باغلىق. بۇنى كونكىرىت سۆزلەشكەندە دېيىشسىڭىز بولىدۇ. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ ئۇيغۇرچە كىتابلارنى تارقىتىش بۆلۈمىنىڭ تېلىفون نۇمۇرى:0991-2827472(ئىشخانا)، بۆلۈم مەسئۇلىنىڭ تېلىفون نومۇرى :13899878459. ئۇلار بىلەن ئالاقىلەشكەندە كىتاپ مۇندەرىجىسىنى تەمىنلەپ بېرىشنى ئېيتسىڭىز بولىدۇ، ئادەتتە ھەر پەسىلدە كىتاپ مۇندەرىجىسى يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ، بۇنىڭ قەغەز نۇسخىسى ھەم ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسى بار. ئەگەر سىز ئالماقچى بولغان كىتابلارغا سىزنىڭ مۇناسىۋەت دائىرىڭىزدىكى باشقىلارمۇ ئېتىياجلىق بولسا ، شۇلارنىڭكىنىمۇ قۇشۇپ يوللاپ بېرىڭ، بۇنداقتا ئېتىبار تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. شۇنى بىلدۈرىمەنكى، بۇ پىكرىم بارلىق قېرىنداشلارغا ئورتاق. شۇنداقلا باشقا نەشرىياتلارنىڭمۇ مۇشۇنداق قائىدىسى بار.
     3. مۇشۇنداق ئۇسۇلدا كىتاپ سېتىۋېلىش بىلەن بىللە ، يەنە قىلىۋاتقان ساخاۋەتلىك ئىشلارنى تەپسىلىي يېزىپ ، مەكتەپ ، مائارىپ ئىدارىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئىسپاتىنى ئېلىپ ، بەزى كىتابلارنى ھەقسىز تەقدىم قىلىش ، ھېچبولمىغاندا تېخىمۇ بەكرەك ئېتىبار باھادا سېتىپ بېرىش توغرۇلۇق يەنە شۇ نەشرىياتنىڭ ئۇيغۇرچە كىتابلارنى تارقىتىش بۆلۈمىگە خەت يازسىڭىز ياكى ئەھۋالنى تېلىفوندا ئېيتسىڭىزمۇ بولىدۇ. بۇنىڭمۇ ئۈنۈمى بولىدۇ. چۈنكى نەشرىياتنىڭمۇ پەۋقۇلئاددە ئەھۋالدا بەزى كىتابلارنى ھەقسىز تارقىتىدىغان ياكى تەننەرخى بۇيىچىلا سېتىپ بېرىدىغان ئىشى بار.      
     ئاخىرىدا، تور نامىڭىزدىكى marip دېگەن خەت ئېھتىمال «مائارىپ » بولسا كېرەك، ئەگەر شۇنداق بولسا ئۇنداقتا بىر a چۈشۈپ قالغان بولىدۇ. تۇلۇقلىۋالغايسىز.تىل-يېزىق، ئىسىم-نام مەسىلىسىدە بىرەر ھەرپنىڭ چۈشۈپ قېلىشى ياكى خاتا كېتىشىگە ھەرگىز كىچىك ئىش دەپ سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك. ئەگەر ئۇ سۆز ئۇنداق مەنە بەرمىسە، بۇ باشقا گەپ.
     ئىشلىرىڭىزنىڭ يەنىمۇ بەرىكەت تېپىشىنى تىلەيمەن .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

117

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   39%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32341
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 22
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-24 21:50:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ahmatjantarimi ئاكا ،مەنمۇ  كىتاب ئوقۇشقا بەك ئامراق ئىدىم،بىزنى  مۇشۇنداق مۇشۇنداق ياخشى خەۋەر بىلەن تەمىنلىگەنلىكىڭىز ئۈچۈن رەخمەت.مەنمۇ كىتاب سىتىۋالاي دىگەن،،سىتىۋالىدىغان كىتابىمىز چۇقۇم 10پارچىدىن ئارتۇق بۇلۇشى كىرەكمۇ ياكى؟ئۈرۈمچىگىلا ئەۋەتىلەمدۇ ياكى باشقا يەرلەرگىمۇ ئەۋەتىلەمدۇ؟

13

تېما

0

دوست

2705

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   23.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28327
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 41
تۆھپە : 922
توردىكى ۋاقتى: 131
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-24 22:08:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ahmatjantarimi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-24 22:10  

ئەسسالام ئۇكام، كىتاپ چوقۇم 10 پارچىدىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك دەيدىغان ئۆلچەممۇ يوق، مەن پەقەت مىسال ئۈچۈن ئېيتتىم. دېمەكچىمەنكى، ھېچبولمىسا بىر بولاق كېلىدىغان (يەنى چوڭراق كىتابلار بولسا 10 پارچە، كىچىكرەك كىتابلار بولسا تەخمىنەن 20-25 پارچە)  ، ئومۇمىي باھاسى 1000 يۇەن (كىتاب ئارقىسىدىكى باھاسى) ئەتراپىدا كىتاب ئالسىڭىز بولىدۇ، چۈنكى نەشرىيات كىتاپ تارقىتىش بۆلۈمى ئادەتتە ھەر ئىككى-ئۈچ كۈندە دېگۈدەك ھەرقايسى جايلارغا كىتاپ يوللاپ تۇرىدۇ، ئاشۇنداق ئاز دېگەندە بىرەر بولاقلىق كىتابنى شۇ قاتاردا يولغا سېلىۋېتىدۇ، ئومۇمەن مال يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى بارلا جايلارغا سېلىپ بېرىدۇ.ئەلۋەتتە بىر ئادەمنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئۇنچىلىك ساندىكى ھەم سوممىدىكى كىتاب سېتىۋېلىپ بولالىشى تەس ، شۇڭا« سىز ئالماقچى بولغان كىتابلارغا سىزنىڭ مۇناسىۋەت دائىرىڭىزدىكى باشقىلارمۇ ئېھتىياجلىق بولسا ، شۇلارنىڭكىنىمۇ قۇشۇپ يوللاپ بېرىڭ» دېگىنىمنىڭ سەۋەبى شۇ.

0

تېما

0

دوست

555

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   11%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30581
يازما سانى: 27
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 176
توردىكى ۋاقتى: 18
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-24 23:18:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىنى  ياخشى  يىزىپسىز   .بىز  يوپۇرغىلىقنىڭ  يۇزىنى  يورۇق قىلدى  دىگەن  يەرنى  ئوقۇپ ھەيران  قالدىم  ،بۇنىڭدا  يۇرتۋازلىق  ھىدى  كىلىدىكەن  .

0

تېما

0

دوست

1530

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28208
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 476
توردىكى ۋاقتى: 114
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 01:44:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
soyma يوللىغان ۋاقتى  2014-11-24 23:18
ماقالىنى  ياخشى  يىزىپسىز   .بىز  يوپۇرغىلىقنىڭ  يۇزىنى   ...

مىنىڭچە  بۇنى بەسلىشىش  دەپ چۈشەنسىڭىز ياخشى بولىدۇ قېرىندىشىم .  يۇرتلار ئارا  ئىجابىي بەسلىشىش .  ھەممە  ئىشنى قانداق  ئويلىسىڭىز  مېڭىۋىرىدۇ ، لىكىن  زىيادە سەزگۈرلۇك ئانچە ياخشى ئەمەس .

0

تېما

0

دوست

1530

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28208
يازما سانى: 57
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 476
توردىكى ۋاقتى: 114
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 01:48:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رادىئو پىروگىرامملىرىنىڭ  ئۇنىلىش  ئادرىسى بولىسا يوللاپ قويسىڭىز بوپتىكەن . رەھمەت.

0

تېما

0

دوست

569

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   13.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25341
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 158
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2014-11-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 15:31:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )