بۇ يازمىنى ئاخىرىدا arkim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-24 17:31
ھاجىنىڭ ئۆيى
-مۇجىبۇل راخمان ئەركىم
سۈكۈناتقا تولغان تاغ باغرى، چۈشلىرىگە يەم بولماقتا باغ. يېشىل رەڭلىك باھارنىڭ يېشى، جىمىرلايدۇ ياپرىقىدا ئاغ*.
بىر قورام تاش ئۈستىدە خىيال، تۆرت تەرەپكە تاشلايدۇ نەزەر. پورەكلىگەن گۈللەردۇر ۋىسال، بەرگىدىكى شەبنەم شۇم خەۋەر.
سۆيەر سىم-سىم يامغۇر لەۋلىرى، قار،شىۋىرغان تەلۋە زىمىستان. ئۆڭمەس بىراق سۆيگۈنىڭ رەڭگى، شۇنچە ھەيۋەت تاراتى ھامان.
ئېھ! گۈلسايدىن كەلدى گۈل ھىدى، رەھمەت ساڭا ھۆر جەڭچى شامال. خۇش ھاۋالىق ھاجىنىڭ بېغى، بىر روھ ئەگىپ يۈرەر ئېھتىمال.
قىيالىرى سۇنماس مەڭگۈ تاش، بۇ تەڭرىتاغ باغرىدا خىلۋەت. قېرىپ كەتكەن ئۆرۈك يىغلىغاچ، ئۈنسىز سۆزلەپ بىرەر رىۋايەت.
ئەڭ ئاخىرقى ئىزنادۇر بەلكىم، گۈللەر باغاش ئەتكەن قەدىم ئۆي. ئاياق باسساڭ بۇ يەرگە ئەركىم، چىن يۈرەكتىن تاملىرىغا سۆي...
ئاغ*- قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا قۇياش، كۈن مەنىسىدە قوللىنىلغان. قومۇل شىۋىسىدە ئاپتاپپەرەزنى ھازىرمۇ << ئاغۋاقار >> دەپ ئاتايدۇ.
دېھقانلار ئىنقىلابىنىڭ داھىيسى خوجىنىياز ھاجىنىڭ تۇغۇلغان يۇرتى قومۇل تاراتىدىكى ئۆيى. بۇ ئۆينى ۋە ئەتىراپىدىكى كەڭرى كەتكەن باغنى يەرلىك كىشىلەر ھۆرمەت بىلەن << ھاجىنىڭ بېغى >>، << ھاجىنىڭ ئۆيى >> دەپ ئاتىشىپ كەلمەكتە.
--
--
--
ھاجىنىڭ بېغىدىكى قېرى ئۆرۈكلەر
--
2014-يىلى 11- ئاينىڭ 24- كۈنى قومۇل |