قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1693|ئىنكاس: 13

سالىھ بىر ھەمرا ئىزدەيمەن(تەرجىمە ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

1

دوست

395

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   47.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32334
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 128
توردىكى ۋاقتى: 39
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 05:41:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى :
    مەن ئەسلىدە مۇنبەرلەرگە  بۇرۇنراق تىما يىزىشنى نىيەت قىلغانىدىم ،لىكىن ئاۋال مۇنبەرلەردىكى مەن كۆرۈشكە ئۈلگەرەلمىگەن  تىمىلارنى كۆرۈپ چىقاي دەپ باغداش بىلەن ئىزدىنىش مۇنبىرىنى باشتىكى نىشانىم قىلغانىدىم،بىر  باغداش مۇنبىرىنىڭ  سەھىپىلىرىنى كۆرۈپ چىقىشىمغا خىلى كۆپ ۋاقىت كەتتى.شۇڭا بۇندىن كىيىن مۇنبەرلەرنى كۆرۈشنى داۋام قىلغاچ  ئۆزۈمگە تەسىر قىلغان ئىشلارنى،تەرجىمە قىممىتى بار نەرسىلەرنى سىلەرگە تەقدىم قىلىپ مىڭىشنى قارار قىلدىم.
     <سالىھ ھەمراھ ئىزدەيمەن > ناملىق   بۇ تەرجىمىنى بۇرۇن مىسرانىم مۇنبىرىغا يوللىغانىدىم،باشقا مۇنبەرلەردە ،ئۈندىدارلاردا تارقالغانلىقىنى بىلىپ سۆيۈندۈم، ئەسلى داۋاملىق يىڭىلىرىنى يوللاپ تۇرۇشۇم كىرەك ئىدى. بۈگۈندىن باشلاپ داۋاملىق يىڭى يازمىلارنى تەقدىم قىلىشقا ئىمكان قەدەر تىرشىمەن
.

ئەسسالامۇئەلەيكۇم!

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار، مەن تۈركىيەدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان بىر قېرىندىشىڭلار بولىمەن، سىلەرگە روزا ھېيتلىق سوۋغات سۈپىتىدە  تۈركىيەدە بولۇپ ئۆتكەن بۇ راس ۋەقەنىڭ بايانىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ سۇنماقچىمەن.

خەتلەر ئارىسىدىكى چىكىتلەر،ئەسلى تىكىستتە شۇنداق بولغانلىغى ئۈچۈنمۇ مەنمۇ چېكىتلەرنى قويدۇم

1-بۆلۈم

سالىھ بىر ھەمرا ئىزدەيمەن...

25ياشقا كىرىپ قالدىم، ئۆيلىنىدىغان ۋاقىتمۇ كىلىپ قالدى دەپ ئويلاۋاتقىنىمدا،ئاپام تۇرمۇش قۇرۇشۇم توغۇرلۇق گەپ ئاچتى، سالىھ بىر قىزبولسىلا بولدى قالغان ئىشلار ئۆزلىكىدىن بولىدۇ دەپ ئويلايتىم.يىقىن بىر تۇققىنىمىزدىن خەۋەر كەلدى، قوشنىلىرى بەك ئېتىقادلىقمىش، قىزنىڭ ئائىسلىنىڭ تىخىمۇ دىنى ئائىلە ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ خۇش بولدۇم، ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بىرىپ كۆرۈشتۇق، باشتا ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشتۇق.. ھەتتا مەن گەپ قىلمىدىم، پەقەت ئۇلارلا گەپ قىلدى ،ھەيرانلىققا چۆمدۈم  بىر نەرسە دىيەلمىدىم. مەسلىھەت چېيىغا ئىېسل نەرسىلەرنى ئېلىشىم كىرەككەن، تويىدىمۇ شۇنداق، ئۆي ھەشەمەت بىلەن زىننەتلىنىشى كىرەكمىش، ھەمدە ئەڭ قىممەت بۇيۇملار بىلەن. ماشىنا،ئەڭ يىڭى چىققىنىدىن ،چۈنكى ئۆتكەندە قوشنىسىنىڭ كۈيئوغلى يىپ-يىڭى ماشىنا ئالغانمىش. ئانامغا ئانا كىتەيلى دىيىشتىن نۇمۇس قىلدىم. قىزى بىلەن كۆرۈشتۈرمەكچى بولدى ...ئىسلامدا بۇيرۇلغىنى بويىچە كۆرۈشتۇق. قىز سۆزلەشكە باشلىدى..10بىلەزۈك... ئەڭ چىرايلىق توي كىيىمى(10مىڭ لىرا).. ئەڭ چوڭ مەرىكە سالونى، نىمە دىيىىشنى بىلەلمىدىم...مەن پەقەت سالىھ بىر ھەمرا ئارزۇلىغانىدىم.ئىستەكلىرىم تۈگىمەيۋاتاتتى. يان تەرەپتىكى ئەينەككە قاراپ ئۈزۈمنى كۆرۈپ باقتىم،كۆرۈنۈشۈمدى نچوڭ سودىگەردەك كۆرۈنمەيتىم. قىز 25 مىنۇت سۆزلىدى ،ئىستەكىلىرى تۈگەپ نۆۋەت ماڭا كەلدى،سىز نىمىنى ئارزۇ قىلىسىز دەپ سورىدى، مىنىڭ ئىچىم سىقىلغانتى، دەرھال كەتكۈم بارئىدى، بىز كەلگىلى بىر سائەت بولغىنىغا قارىماي دۇنيا مالىغا بىرىلگەنلەر بىلەن بىللە ئولتۇرماق ئىچىمنى قاراڭغۇلاشتۇرغانىدى. تەكرار ئىستەكلىرىمنى سورىدى،خەيىرلىك بولسۇن دىدىم ، سىلىق خوشلىشىپ ئۆيدىن چىقتۇق. يولدا تاغامدىن تىلىفۇن كەلدى،يان قوشنىسى سەرھات ئاكىنىڭ  قىزى بارمىش.سەرھات ئاكا بەك ياخشىدى.بالىلىقىمدىن بېرى تونۇيتۇم .تاغامغا ماقۇل،كىلىۋاتىمىز دىدىم.

2-بۆلۈم

سالىھ بىر ھەمرا ئىزدەيمەن...

سەرھات ئاكىنىڭكىگە بېرىش ئۈچۈن ئانام بىلەن تەييارلىنىپ يولغا چىقتۇق.15 مىنۇتتىن كىيىن ئۆيىگە يىتىپ باردۇق. بالىلىق دەۋرىمنى دىيىشىپ سۆھبەت باشلاندى، مىنى ماختاپ كەتتى، بارغانسىرى قىزىرىپ كەتتىم ،خىجىل بولغىنىمدىن بىر نىمە دىيەلمىدىم، گىپىمىز ئەسلى مەقسەدكە كەلدى، "بالام سېنى ياختۇرىمەن، مەقسىدىمىز ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ياشلارنى بەخىتلىك قىلىش دەپ كېلىپ ئىستەكلىرىنى ساناشقا باشلىدى...شۇنچىلىك جىق نەرسە سانىدىكى ئۇيقۇم كەلگىلى تۇردى... ئەڭ ئاخىرىدا مىنىڭ ئوغلۇمنىڭ قىمار قەرزى بار، ئۇنى تۆلىمەي تۇرۇپ تويمۇ قىلمايمىز ئەلۋەتتە دىدى... كۆزۈمنى يوغان ئاچتىم ،ھەيران قالغانتىم، كۆزۈمنى ئۇزۇنغىچە يەردىن ئالالمىدىم...سەرھات ئاكا ياشلارنى كۆرۈشتۈرەيلى دىدى. بىر ئۆيگەكىردۇق. قىز سۆزلەشكە باشلىدى...ئۆتكەنكى قىزدەك نىمە بولسا ھەممىنى تەلەپ قىلىۋاتاتتى....گىپىنى كەلگەن تىلىفۇن ئۈزدى، تىلىفۇننى ئىلىپ سۆزلەشتى، يەنەتىلىفۇن كەلدى يەنە سۆزلىشىپ تىلىفۇننى قويدى،..يەنە تەكرار تىلىفۇن... چىدىيالماي سورۇدىم ،تىلىفۇن ئۇرغان كىم دىدىم، بۇرۇنقى لايىقىم، ئايرىلغىلى 10 كۈن بولدى دىدى.نىمىشقا ئايرىلغانلىقىنى سورۇدۇم .قەھۋەخانىدا بىر ئوغۇل بالا بىلەن ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن تاكاللىشىپ قاپتۇ، ئىش ئېغىرلاپ ئايرىلىشقامەجبۇر بوپتۇ، سىز بىللە ئولتۇرغان كىشى كىمتى ؟... ئىشلەيدىغان يىرىدىكى كىشىلەردىن بىرىيمىش... دىمەك بۇرۇن ئىشلەيدىكەنسىزدە؟ شۇنداق مەن ئۇۋۇلاپ داۋالاشتا ئىشلەيمەن... ھاڭ-تاڭ قىلىۋاتاتتىم. 5مىنۇتتا مەن بىلمەيدىغان بىرمۇنچەئىشلار چىققانىدى... توي قىلىشىدىكى مەقسىدىنى سورىدىم...لايىقى بەك ئاۋارە قىلىپ كىتىپتۇدەك باشقىچە بىر تۇرمۇش خالايدىكەن...تاقىتىم تۈگەپ ئۆزرە ئېيتىپ ئورنۇمدىن تۇردۇم... مەن پەقەتلا سالىھ بىر لايىق خالايتىم... ئانام بىلەن ئۆيدىن چىقتۇق...كىين ئۇقسام سەرھات ئاكا ئارقىمدىن بىرمۇنچە گەپ قىپتۇ.. بۈگۈن ماختىغان  ئەتىسى سۆكىدۇ دەپ كۈلۈپ قويدۇم...ئەمدى توي قىلىش خىيالىدىن ۋاز كىچەي دەپ قالغانىدىم. ھەپتىلەردىن بېرى تالاغا چىقمايۋاتاتتىم ،كەچلىرى ھاۋالىنىش ئۈچۈن بالكوندا ئولتۇرۇپ دىنى كىتابلارنى ئوقۇيتۇم... ئۇدۇل قوشنىمىز كېچىسى ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن ئاخشام توققۇزلاردا ئۆيىدىن چىقاتتى. ئون ياشلىق ئوغلى  ھەر ئاخشىمى دادىسىغا ئەگىشىپ يىغلايتى... ئاچىسى بالىنى پەس قىلىش ئۈچۈن بالكونغا ئاچىقاتتى ۋە ھەرقىىتمدا مەن بىلەن گەپلىشىشكە تەمشىلەتتى... بۇنداق ئىش دائىم بولىۋرگەنلىكى ئۈچۈن زىرىككەنتىم. بىر ئاخشىمى قىيامەت ۋە ئاخىرەت كىتابىنى ئىلىپ بالكونغا چىقتىم...  مىنى كۆرۈپ ئۇمۇ بالكونغا چىقتى...بىر تىما ئېچىپ يەنە گەپ ئاچتى...ھەر ئاخشام كىتاب ئوقۇيسىز،نىمە كىتاب ئۇلار ...مەن كۈتكەت پۇرسەت كەلگەنىدى...ئوقۇشنى خالىسڭىز بىرەي دىدىم...  بولىدۇ دىدى...بىسمىللاھ دەپ ئىككى ئۈچ مىتىر ئۇدۇلۇمدىكى قىزغا كىتابنى ئاتتىم. ئۆيىڭىزگە كىرىپ كىتابنى باشلاڭ دىدىم... كىتابنى ئوقۇۋاتقان بولسا كىرەك ئۇندىن كىيىن قايتا بالكونغاچىقمىدى...توي قىلىشتىن ۋاز كەچكەنىدىم .بىر لايىق تىپىش ماڭا بەك يىراق بىلىنىۋاتاتتى...ئارىدىن بىرقانچە ئاي ئۆتتى، ئانام بىلەن يەنە بىر قانچە قىزبىلەن كۆرۈشۈشكە باردۇق...لىكىن نەتىجىسى ئوخشاش بولدى ،ئۆزگەرگەن بىر نەرسەيوقتى. بىر سەيشەنبە ئاخشىمى ئىچىم بەكمۇ بىئارام ئىدى، ئۇ كېچىسى ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇپ ئۇخلىدىم...ئاجايىپ بىر چۈش كۆردۈم..چۈشۈمنى بىرسىگە ئېيتىشىم كىرەكتى...ئاخشىمى بالكوندا تولۇنئاينى تاماشا قىلىۋاتسام تىلىفۇنۇم سايرىدى...كۆزۈم ئايدا تىلىفۇننى ئالدىم..تونۇش ئاۋاز.. بىراق ئۇ كۈندىن كىيىن ھاياتىمنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغانىدىم..

3-بۆلۈم

سالىھ بىر ھەمرا ئىزدەيمەن...

   تىلىفۇندىكى ،ئەڭ يىقىن دوستۇم ئەلى ئىدى. ئىچى سىقىلىپ ماڭا تىلىفۇن ئۇرۇپتۇ، تاھارەت ئېلىپ ئۆينىڭ يىنىدىكى قەھۋەخانىغا باردىم،پارىڭىمىز بالىلىق چاغلىرىمىزنى ئەسلەشتىن باشلاندى،ئۇنىڭغا چۈشۈمنى سۆزلەپ بەردىم.. توپىلىك بىر يىزا يولىدا كېتىۋاتقۇدەكمەن قولۇمدا بىرقانچە تال قىلىچ بارئىكەن، ئەتراپىدا بىرمۇنچە يىلانلار ...يىلانلار باشلىرىنى بىر مىتىردەك كۆتۈرگۈدەك، ھەممىسى ماڭا ئېتىلىۋاتاتتى،مەن قىلىچ بىلەن ئۆزۈمنى قوغداۋاتقۇدەكمەن، ماڭايىقىنلاشقانلىرىنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈپ ئىلگىرلەۋاتقۇدكمەن، ئالدى تەرەپتەئۇخلاۋاتقان بىرى تۇرغۇدەك، بىلمەيدىغان بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم لىكىن ئەتراپىمداھىچكىم يوقتى ،ئۇخلاۋاتقان ئادەمگە قارىدىم...ئۇ ئاۋاز ،ياتقان كىشى مۇسئەب ئىبنىئۇمەيىردۇر دىدى. كىيىن ئالدى تەرەپتە ئىككى كىشىنى كۆردۈم بىرى پەيغەمبىرىمىز(ئاللاھنىڭ سالام ۋە رەھمەتلىرى ئۇنىڭغا بولسۇن)ئىدى،يەنە بىرىنىڭ كىملىكىنى بىلەلمىدىم... ئەلى چۈشۈمگە تەبىر بىرىشكە باشلىدى ...دۈشمەنلىرىمنى يىڭىپ ياخشىبىر نەتىجىگە ئىرىشىسەن دىدى. گەپ يەنە توي ئىشىغا كەلدى..،بىشىمدىن ئۆتكەنلەرنى سۆزلەپ بەردىم... بۇ ئىشتا كۆڭلۈم پەرىشان ئىدى...مىنىڭ ئايالىم دۇنياغابېرىلمەيدىغان بولىشى ،پەقەت دۇنيالىقنى دەپلا ياشىماسلىقى ئىدى. ئەلى دەرتلىرىمنى ئۇزۇن ئاڭلىدى... ئاندىن ئۇ گەپ قىلىدى، "ئۆيدىن چىقىۋاتسام ئانام ماڭابىزنىڭ مەھەللىدە بىر قىز بارئىكەن،ئۇ قىز بىلەن سىنى كۆرۈشتۈرمەكچىكەن"دىدى.مەن ،ياق ئەلى ،بۇندىن كىيىن ھىچكىم بىلەن كۆرۈشكۈم يوق دىدىم...قىزمۇ ئانچەكۆرۈشكۈسى يوق ئىكەن دىدى...نىمىشقا دەپ سورىدىم...

ئۇ قىز بىر قانچە كىشى بىلەن كۆرۈشۈپتۇ، كىيىن تويقىلىشتىن رايى بەكمۇ قايتىپتۇ...ئەلىنىڭ ئانىسى زورلاپ تۇرۇۋالغاچقا ماقۇل كۆرۈشۈپ باقايلى دىگەنمىش...ماقۇل ئەتە بارايلى دەپ پۈتۈشتۇق ...چۈشۈم رىئاللىققىمۇئايلىنامۇ ئەجىبا...ھازىرغىچە سەبىر قىلدىم، ئالدىمدىكى قىينچىلىقلارنى ئاللاھ تائاللانىڭ ئىزنى بىلەن يەڭگەنىدىم... ئەلى بىلەن خوشلىىشپ ئۆيگە كىلىپ ئانامغا بۇنى دىدىم...ئەتە كۆرۈشۈشكە بارىدىغان بولدۇق...بەك ھاياجانلغان ئىدىم...ئەتىگەندەبالدۇر تۇرۇپ تەييارلاندىم...بىرخىل ھاياجان ھىس قىلاتتىم،ئۆي ئىچىدە ئۇياق بۇياققا ماڭاتتىم... تۇنجى قىتىم بۇنچىلىك ھاياجانلانغانىدىم... پىشىن نامىزىدىن كىيىن ئانام بىلەن يولغا چىقتۇق... ئەلى بىزنىڭ قىزنىڭ ئۆيىگە ئىلىپ باردى...ئىشىكنى دادىسى ئىېچىپ ئۆيگە تەكلىپ قىلدى...بىرئاز گەپلەشتۇق،مەقسەتكە كەلدۇق...قىزنىڭ دادىسى" بالام مىنىڭ دەيدىغىنىم يوق،سەن بۇنى قىزىم بىلەن دىيىشكىن"دىدى. ھەقىقەتەن ھەيران قالدىم،چۈنكى تۇنجى قىتىم بۇنداق ئەھۋالغا ئۇچرىشىم ئىدى...تۇنجى قىتىم دۇنيالىق توغۇرلۇق گەپ بولۇنمىغانىدى...باشقا بىر بۆلۈم ئۆيدە قىز بىلەن كۆرۈشتۈردى، ئورۇندۇقتا ئولتۇردۇم قوللىرىم ئۈستەلدە،ئالقىنىمداتەرلىگەن قولۇمنى سۈرتۈش ئۈچۈن بىر قولياغلىق بارئىدى... ئۆيدە نۇر يۈزلۈك بىر قىز تۇراتتى...ئالدىغا قاراپ سۆزلەشكە باشلىدى...باشقا قىزلاردەك گەپنى توي كىيمىدىن باشلىمىدى...تۇنجى سۇئالى ناماز بولدى.

4-بۆلۈم

سالىھ بىر ھەمرا ئىزدەيمەن...

ماڭا ناماز ئوقۇمسىز دەپ سورىدى، نامازنى قانچە مىنۇتتا قىلىپ بولىدىغانلىقىنىم سورىدى، مەسىلەن پىشىن نامىزىنى قانچە مىنۇتتا قىلىپ بولىسىز دەپ سورىدى... 15 مىنۇتلاردا دەپ جاۋاپ بەردىم. خۇرسەن بولدى، ئاندىن يىغقان قانچىلىك پۇلىڭىز بار دەپ سوراپتى، مەن قارىغاندا بۇرۇنقىلاردەك سۆزلەشكەباشلايدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىدىم...45مىڭ لىرا پۇلۇم بار... پۇلىڭىزنىڭ زاكىتىنى بىرىۋاتامسىز دىگىنىدە خاتا ئويلىغانلىقىم ئۈچۈن نۇمۇس قىلدىم... شۇنداق ،زاكىتىنى بىرىۋاتىمەن دىدىم... سۆزلىرىنى تەمكىنلىك بىلەن داۋاملاشتۇردى...سىزدىن بۇرۇن ئۈچ كىشى بىلەن كۆرۈشكەنىدىم، ھەممىسى پۇلدار، پۇلىغىلا ئىشنەتتى، پۈتۈن گەپلىرى پۇل توغۇرلۇقلا ئىدى،دىن توغۇرلۇق پەقەت بىلىمى يوق ۋە ناماز ئوقۇمايدىغانلار ئىدى. سىزگە تۇنجى سۇئالىم ناماز بولدى ،چۈنكى نامازنى تولۇق ۋە ئەستايىدىل ئوقۇغان  بىر ئادەمدىن زىيان كەلمەيدۇ، ئائىلىسىنىڭ ھەققىگە رىئايە قىلىدۇ،ھەقسىزلىق قىلمايدۇ. ھەركىم ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ئىشلارنى خالايدۇ،ھىچكىمنى كەمسىتمەيدۇ بوزەك قىلمايدۇ. بۇندان بىر ئىنسان پۈتۈن مەخلۇقاتلارنى قەدىرلەيدۇ، مەخلۇقاتلارنىڭ ياخشى كۆرگىنىنى ئاللاھمۇ ياخشى كۆرىدۇ.ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرگەن بەندىسى بولسا ئاللاھ تەرىپىدىن قوبۇل بولغان بەندىدۇر. ئۇسۆزىگە دۋام قىلدى...زاكىتىڭىزنى سورىدىم،چۈنكى ئۇ پۇلدا يوقسۇللارنىڭ ھەققىمۇ بار.يوقسۇللارنىڭ ھەققىگە رىئايە قىلمىغان ئادەم ،ئايالىنىڭمۇ ھەققىگە رىئايە قىلمايدۇ.ئاللاھ بۇنداق ئادەمدىن قانداقمۇ رازى بولسۇنكى... نىمىدىگەن توغراسۆزلەۋاتاتتى ھە،سۆزلىرى مىنى بەك خۇرسەن قىلغانىدى.دۇنيالىق بىر نەرسە تەلەپقىلمايمەن دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇردى...ياندىكى كىتاب ئىشكابىنى ئىما قىلىپ ئوقۇغان كىتابلىرىنى كۆرسەتتى. كۆرۈپ بەك خۇشال بولدۇم،چۈنكى مىنىڭ ئوقۇغان ئەھلى سۈننەت ئالىملىرىنىڭ كىتابلىرىمنى ئوقۇيدىكەن.مەن قىزىرىپ تەرلەپ كەتكەنىدىم، قولۇمدىكى قولياغلىق ھۆل بولۇپ كەتكەنىدى. مىنىڭ قىزدىن سورىغۇدەك گىپىم قالمىغانىدى،مەن سورىمىساممۇ ھەممە گەپنى دىگەنىدى. ئاخىرىدا ئانام بىلەن كۆرۈشمەكچى بولدى، مەن سىرىتقا چىقىشقا تەمشەلگەندە قولياغلىق يەرگە چۈشۈپ كەتتى،يەرگە قارىدىم ئەمما كۆرەلمىدىم،تىشىغا چىقتىم... ئانام بىلەنمۇ 10 مىنۇتتەك سۆزلەشتى.ئانام چىققاندىن كىيىن ئۆيدىن ئايرىلدۇق. ھەر ئىككى تەرەپ خۇرسەن بولغانىدى.ئانامدىن نىمەدىيىشكەنلىكلىرىنى سورىدىم.مىنىڭ ئانامغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىمنى،ئۆيدىكىلەر بىلەن مۇناسىۋىتىمنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى سوراپتۇ. چۈنكى ئانا-ئاتىسى رازى بولمىغان بىر بالىدىن ئاللاھمۇ رازى بولمايدۇ. ئۆيگە بىرىپ بۇنى دادامغا دىدۇق بەك خۇرسەن بولدى... تاھارەت ئېلىپ  ھۇجرامدا ئىككى رەكەت ناماز قىلدىم، بىرقانچەكۈن بۇرۇن كۆرگەن چۈشۈم يادىمغا كەلدى...قولۇمدىكى سەبىر قىلىچى بىلەن قىينچىلىقلارنى يىڭىش نىسىپ بولغانىدى ۋە نەتىجىىسنى كۆرگەنىدىم...بۇ كۈندىن كىيىن توي تەييارلىقىغا چۈشتۇق...

5-بۆلۈم

سالىھ بىر ھەمرا ئىزدەيمەن...

      توي بىكىتىلىپ،ئۈزۈك تاقىدۇق. توي ئىشى سەل تەسرەك بولغانىدى... تۇققانلار مۇزىكىلىق بولسۇن دەپ چىڭ تۇراتتى، مەن دىنى تەرەپتىن بۇنىڭ بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرشاتتىم، مەن مۇلايىم بولغان ئۇلار تىخىمۇ چىڭتۇرۇۋالدى،ئۇلارنىڭ دىيىشىچە توي دىگەن مۇزىكلىق بولارمىش. ئۆلۈم بولغان ئۆيدەك دۇئا ئوقۇلۇپ مەۋلۇد ئوقۇسا بولماسمىش... نىمە قىلىشىمنى بىلمەي ئىچىم بەك سقىلغانىدى. نەچچە قىتىملاپ مۇزىكنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرسەممۇ قوبۇل قىلمايۋاتاتتى... بىر ئاخشىمى ئۆيگە تۇققانلار بىلەن يىغىلدۇق بۇنى سۆزلەشتۇق،بىرشەرت بىلەن تەلىپىڭلارنى قوبۇل قىلىمەن دىگىنىمدە ھەممىسى ھەيران قالدى...ھەممىسى كۆزلىرىنى ماڭا تىككەنىدى، مەن ئۆلگەندە قەبرىگە مەن بىلەن بىللە كىرىدىغانلاربولسا، مەن ئۈچۈن ھىساپ بىرىشنى خالايدىغانلار بولسا تەلىپىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىمنى بىلدۈردۈم... ھىچكىم يۈزۈمگە قارىيالمىدى...نۇمۇس قىلغانىدى...بۇ ئىش بۇنىڭ بىلەن تۈگىگەن بولدى... بىر پەيشەنبە كۈنى قىز تەرەپ بىلەن دىىشىپ توي سودىلىقىغا چىقتۇق، لايىقىم يىنىمدا خۇددى قۇلدەك تۇراتتى،مەن نىمىنى كۆرسەتسەم بولىدۇ،ياختۇردۇم دەيتى. بىر ئىنسان بۇنچىلىك كەمتەر بۇنچىلىك كىچىك پېئىل بولامۇ،ئۇنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ مەن ئەڭ ئېسىل ،ئەڭ چىرايلىق نەرسىلەرنى ئالاتتىم.ئۇنى بەخىتلىك قىلىش ئۈچۈن قولۇمدىن نىمە كەلسە قىلىشنى خالايتىم...ئۆيىمىزنى تەييارلىدۇق، ھەممە ئىش كۆڭۈلدىكىدەك ئىدى...توي كۈنى بولدى...ھاياجاندىن ئۆلۈپ كىتىدىغاندەك ھېس قىلاتتىم،توي ئويلىغىنىمدەك بولغانىدى...يىڭى توي قىلغان يىللىرىمىز باشقىلاردەك تالاش تارتىش ،تاكاللىشىش بىلەن ئۆتمىگەنىدى.بىز ئىسلامى جەھەتتىن بىرلەشكەنىدۇق، ھىچبىر مەسىلىمىز يوق ئىدى. ئايالىمنىڭ ئەقلىگە،گۈزەل ئەخلاقىغا،تەبەسسۇم بىلەن تولغان يۈزىگە مەپتۇن ئىدىم.ئۇنىڭسىز ۋاقتىم ئۆتمەيتى،ئىشلەۋىتىپ پۇەرسەت تاپسام تىلىفۇن ئۇراتتىم، ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىمدا بەك خۇشال بولاتتىم.سۆزلىرىدە ئىچىمنى راھەت قىلدىغان بىر تەسىر بارئىدى.بۇنى قانداق قىلىۋاتىدۇ بىلەلمەيتىم،ئۆيگە كەلگىنىمدە ھەرۋاقىت كۈلۈپ قارشى ئالاتتى، شۇزامان پۈتۈن ھاردۇقلىرىم چىقاتتى، تاماق ئىتىۋاتقىنىدا ياردەملىشەتتىم،سىز ئولتۇرۇڭ ھاردىڭىز دەيتى،مەن ئىچكىرى كىرىپ ئولتۇراتتىم،ئۇنىڭ كۆڭلىنىڭ يىرىم بولىشىنى پەقەت خالىمايتىم،ئۇ نىمە خالىسا قىلىپ بىرىش ئۈچۈن چاپاتتىم،مەندىن بىر نىمەتەلەپ قىلسۇن دەپ كۆزىنىڭ ئىچىگە قارايتىم،بەزىدە ماشىنام بىلەن ئايلىناتتۇق،ئايلاندۇرسام خۇش بولاتتى، يەنە بىر كۈنى ئايلىنىش ئۈچۈن ماشىنىدائولتۇردۇق،بۇرۇلۇپ ماڭا قاراپ،سەبىر بەك ياخشىدۇر،سەبىر ئىنساننى مۇشۇ ماشىنىدەك خالىغان يىرىگە ئاپىرىدۇ دىدى،نىمىشقا بۇنداق دىگەنلىكىنى چۈشەنمىگەنىدىم،بىرئازئايلىنىپ ئۆيگە قايتتۇق، بىرقانچە كۈن بۇرۇن ياتاق ئۆينىڭ ئشىكى  بۇزۇلۇپ قالغان قۇلۇپى تەستە ئېچىلاتتى، ئۆتكەندەمەھەللىمىزدە ئوغۇرلۇق بولغانلىقى ئۈچۈن ياتاق ئۆينىڭ ئىشىكىنى قۇلۇپلايتۇق، ئايالىمنىڭ  ئاشقازىنى ھەپتىدىن بىرى ئاغرىۋاتاتتى،بۇنىڭ ئۈچۈن كىچىلىرى دائىم تۇراتتى،مىنىڭ ئۇيقۇم بەك سەگەك بولغانلىقى ئۈچۈن دەرھال ئويغىناتتىم،ئۇ كىچىسى ئاشقازىنى يەنە ئاغرىغان چېغى يەنە ئورنىدىن تۇردى،تۇرغىنىنى ھېس قىلىپ كۆزۈمنى ئاچتىم ئەمما ئويغانغىنىمنى بىلمىدى.ئاستا-ئاستا ئىشىككە باردى... پەقەت ئۇ چاغدا كۆزلىرىمگە ئىشەنمىگۈدەك بىرئىش يۈز بەردى...

6-بۆلۈم

سالىھ بىر ھەمرا ئىزدەيمەن...

مىنى ئويغىنىپ كەتمىسۇن دەپ ئىشىكنىڭ قۇلۇپىنىمۇ تۇتمىدى،ئىشىك قۇلۇپلاغلىق ئىدى،ئايالىم " بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم"دىدى ۋە ئىشىكنى ئاچمايلا چىقىپ كەتكەنىدى.بۇنى كۆرۈپ يۈرىكىم تىز سوقۇپ كەتتى تەرلەپ كەتتىم، ئورنۇمدىن تۇردۇم،كۆزۈم ئىشىكتە ئىدى...ئىشىكدىكى دىرىزىدىن تازىلىق ئۆيىنىڭ چىرىغىنىڭ يىنىقلىقى بىلىنىپ تۇراتتى... يۈز قولىنى يۇيۇپ چىراغنى ئۆچۈردى.مەن دەرھال يىتىپ ئۇخلىۋالغان بولۇۋالدىم.ئايالىم ئىشىكنى ئاچمايلا ھۇجرىغا كىردى... يۈرەك سوقۇشلىرىم تىزلاپ چىدىيالمىدىم ،ئويغانغاندەك قىلىپ ئورنۇمدا ئولتۇردۇم...ئايالىمنىڭ يۈزىگە قارىدىم،،،كۆزلىرى نۇرلىنىپ چاقناپ تۇراتتى...ئويغانغىنىمنى كۆرۈپ كۈلۈمسىرەپ يۈزۈمگە قارىدى.نىمە دىيىشنى بىلەلمىدىم.ئويغىتىۋەتتىممۇ دەپ سورىدى. ياق،چىققىنڭىزنىمۇ ئاڭلىمىدىم دىدىم،ئۇكۈلۈمسىرىدى ۋە ياتتى. ئىشقا بارغىنىمدا دائىم ئۇ ۋەقەنى ئويلايتىم. بۇ قانداقمۇمۇمكىن بولىدۇ..؟ ئاخشام ئۆيگە بارغاندا زىلنى باسمىدىم ئىشىكنى ئاچقۇچۇم بىلەن ئاچتىم..ئىشىكنى ئاچقىنىمدا ئايالىمدى ئالدىمدا كۆردۈم...ئىشىـتىنكىلىشىمگە ئىشىكنى ئېىچش ئۈچۈن ساقلاپ تۇرۇپتۇ... سالام قىلىپ ئىچكىرىگە كىردىم.يۈز قولۇم يۇيۇپ داستىخان قۇرۇپ تاماق يىدۇق... بۈگۈن باشقىچە كۆرۈنۈۋاتىسىز،بىر ئىش بولدىمۇ دەپ سورىدى...جاۋاب بەرمىدىم..تۈنۈگۈن كەچتىكى ئىشنى قانداق سورىيالايمەن... سىزگە بىرنەرسە دىمەكچىدىم دەپ قولۇمنى تۇتۇپ مىنى تۇرغۇزدى. كۆزلىرىنىڭ ئىچىگە قاراۋاتاتتىم.. قىنى ئېيتىڭ دىدىم..بويۇمدا باركەن دىدى.. ئۇنىڭدىن كىينكىنى ئەسلىيەيلەيمەن...شۇزامان پۇتلىرىم بوشاشتى..يەرگە يىقىلىپتىمەن..يىرىم سائەتتىن كىين ھوشۇمغا كەلگىنىمدە ئايالىم بىشىمدا ئولتۇرۇپتۇ.. ئۇنىڭغا قارىغىنىمدا ئۇخىجىل بولۇپ يەرگە قارىدى. بۇ خەۋەر مىنى شۇنچلىك خۇشال قىلدىكى ،تەسۋىرلەپ بىرەلمەيمەن... كەچلىرى ئىشتىن قايتىشىمدا بوۋاق نەرسىلىرىنى ئالاتتىم.كىچىلىرى ئايالىم بىلەن خىيال قىلاتتۇق،پەرزەنتىمىز مەلۇم ياشقا كەلگەندە باشتا قايسى كىتابنى ئوقۇتساق،ئەڭ باشتا ناماز ھەققىدكى بىلىملەرنى ئۆگىتشىمىز كىرەكتى،ئۇندىن كىيىن قايسىنى ئوقۇتساق، ئىسلام ئەخلاقىنىمۇ يا؟ ،ھەممە ئادەمگە كىرەك بولغان ئىماننىمۇ ئۆگەتسەك؟ ياق ياق ،ئەڭ باشتا خەلىفەلەرنىمۇ ئۆگەتسەك، مىنىڭ پەرزەنتىم ئەھلى سۈننەتنى قوغدايدىغان،تارقىتىدىغان بىر بەندە بولىشى كىرەك ئىدى ۋە ئۇنى شۇنداق يىتىشتۈرىشىمىز لازىم... ھەر ئاخشىمى مەلۇم ۋاقىت ئايالىم بىلەن دىنى كىتابلارنى ئوقۇيتۇق، بىر ئاخشىمى ئوقۇۋىىتپ ھارغىنلىقتىن كۆزۈم ئاغرىپ ئايالىمغا ئاۋازلىق ئوقۇپ بىرىشىنى ئېيتتىم ۋە كۆزۈمنى ئارام ئالدۇرۇش ئۈچۈن يۇمدۇم،بىرچاغدا كۆزۈمنى ئاچتىم،قولىدىكى كىتاب يىپىغلىق ئىدى.. چۈشەندىمكى ئۇنچلىك كۆپ بەتلەرنى يادلاپ بوپتۇ ۋە يادقا ئوقۇۋاتاتتى، بۇ كىتابنى ھازىرغىچە قانچە قىتىم ئوقۇدۇڭىز دەپ سورسام بىلمەيمەن دىدى.. ھە ئەمىسە كىتابنى تۈگىتىشىڭىزگە قانچلىك ۋاقىت كىتىدۇ دىسەم بىر ھەپتە دەپ  جاۋاپ بەردى. چۈشەندىمكى ئايالىم خېلى ئالىمكەن،مىنى ئويغىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن ئىشىكنى ئاچماي چىقىشى بىر كارامەت ئىدى، ئۇ كۈندىن كىين ئايالىمغا بولغان ھۈرمەت ۋەئېھتىرامىم تىخىمى كۈچەيدى، بىلمىگەن يەرلەرنى ئۇنىڭدىن سورايتىم، شۇنداق ياخشى چۈشەندۈرەتتىكى ھەيران قالماي تۇرالمايتىم،ھەر ھالغا سەبىر قىلاتتى،شۈكرى قىلاتتى،  يىنىمدا ئىسلام بىلەن ياشىغان بىر ئۈلگە بارئىدى.بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھغا ھەر سېكۇنت شۈكرى قىلسام ئاز ئىدى...ئايالىمنىڭ يەنە بىرقانچە كارامىتىنى كۆرۈپ ئۆزۈمنى تۇتالمىدىم،نىمە بولسا بولسۇن ئۇنىڭ بىلەن بۇنى سۆزلىشىشىم كىرەك ئىدى. ھەرۋاقىتتىكىدەك ئىشىتىن كىلىپ تاماق يىدۇق،بۇنى سۆزلىشىش ئۈچۈن ئايالىمنىڭ ئالدىدا ئولتۇردۇم.

7-بۆلۈم

سالىھ بىر ھەمرا ئىزدەيمەن...

ئىسلامنىڭ ئەڭ كىچىك بەلگىلىمىلىرىگىچە بەك دىققەت قىلىسىز،گىپىمنى ئۇزارتقۇم يوق دىگىنىمدە،ئايالىم سۆزلەشكە باشلىدى،"سەبىر گۈزەلدۇر،سەبىر قىلىۋاتقاندا شۈكرى قىلماق تىخىمۇ گۈزەلدۇر،ئىنسان ھەر ھالىدا سەبىر قىلسا ۋە شۈكرى قىلسا ئاللاھ ئۇنىڭغا تىخىمۇ ياخشىسىنى مۇكاپات قىلىپ بىرىدۇ" .ئاغزىمدىن بىرمۇ سۆز چىقمىدى،ئايالىم گىپىنى ئاخىرلاشتۇرغانىدى. ئۇكۈندىن باشلاپ ئۇنىڭغا تىخىمۇ دىققەت بىلەن مۇئامىلە قىلدىغان بولدۇم.ئۇنىڭ كۆڭلىنى يىرىم قىلىدىغان ھەر ئىشتىن ئۇزاق تۇراتتىم،بىر ئاخشى ئانام تىلىفۇنداقوشنىمىزنىڭ قىزىنىڭ تويىنىڭ ئىككى كۈندىن كىيىن بولىدىغانلىقىنى ئېتتى.تويغا مىنىمۇ چاقىرىپتۇ.ئايالىم بىلەن بىللە باردۇق،ھەممە نەرسە ئىسلامغا ئۇيغۇن بولۇپتۇ،ئەر ئاياللار ئايرىم ئولتۇرۇشقانىدى..تويدىكى ئىسلامغا ئۇيغۇن ئىشلارنى كۆرۈپ بەك خۇرسەن بولدۇم،بىر ئاخشىمى بالكوندىن بەرگەن قىيامەت ۋە ئاخىرەت ئىسىملىك كىتاب ئېسىمگە كەلدى...ئو مىنۇتتىن كىيىن كىچىك بىر بالا كەلدى،ئۇ قىزنىڭ ھېلىقى دادىسى ئىشقا ماڭسا يىغلىغان ئۇكىسى شۇ ئىدى.ماڭا ئاكا سىزگە گىپىم باردەپ قۇلقىمغا ئاچىسىنىڭ كۆپ رەھمەت ئېيتقانلىقىنى ئېيتتى.ئۇ قىزنىڭ بۇ ھالغا كىلىشىگە مەن ۋەسىلە بوپتىمەن، بۇنى بىلىپ كۆپ خۇرسەن بولدۇم، ئايالىم ھامىلدار بولغانلىقى ئۈچۈن ھايالشىماي  ئۆيگە قايىتتۇق. ئارىدىن ئايلار ئۆتۈپ ئايالىم بىر ئوغۇل يەڭگىدى. تۇرمۇشىمىزدىن بەك رازى ئىدۇق،ئايالىم بىلەن ھەر ئاخشىمى كىتاب ئوقۇشنى داۋاملاشتۇردۇق،ئۇنى ئۇستازىم دەيتىم،ئۇ مىنىڭ ئۇستازىم ئىدى،دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك سائادىتىم ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ۋەسىلە ئىدى.كىچىلىرى ئۇنى ئويغىنىپ كەتمىسۇن دەپ ،ئوغلىمىز يىغلىغان ھامان ئۇنى ئىلىپ باشقا ئۆيگە چىقىپ كىتەتتىم.ئارىدىن 2 يىل ئۆتتى،ئوغىلىمىز چوڭ بولغانىدى،ئايالىم ھەر پۇرسەتتە سەبىر ۋە شۈكۈرنى تەۋسىيە قىلاتتى. كىيىن ئايالىم كىسەل بولۇپ قالدى،ۋاقتىمىزنىڭ كۆپى دوختۇرخانىدا ئۆتەتتى، ئايالىمنىڭ كىسىلى ئېغىرلاشتى، بىر ئاخشىمى ئىشتىن كەلسەم زىلنى باسساممۇ ئاچىمىدى،ئۆيگە كىرگىنىمدەمەن بىلمەيدىغان ناھايىتى خۇشپۇراق پۇرايتى، ئايالىمنى ياتقىنىنى كۆرۈپ ئۇخلاۋاتقان ئوخشايدۇ دەپتىمەن،ئۇزۇن ۋاقىت ئويغانمىغاچقا ئويغىتاي دىگىنىمداۋاپات بولغىنىنى بىلدىم.ئۇ چاغدا يىقىلمىشتىم،يۈرەك باغرىم سۇغۇرلۇۋاتقاندەك بولدى،كۆزۈمدىن ياشلار تۆكۈلۈشكە باشلىدى،ئانامنى چاقىردىم...ئايالىمنى ئەتىسى دەپنە قىلدۇق.ئۆيگە كىرگىنىمدە پۇرىغان ئۇ خۇشپۇراق قەبرىدىن كىلىۋاتاتتى، ھەر قىتىم ئۆيگەبارغىنىمدا ئۇ خۇشپۇراقنى ھېس قىلاتتىم،ئۆيگە كىرەلمەيتىم، پەقەت ئۇنى سېغىناتتىم،جېىنىم ئايالىم،ئۇستازىم ۋاپات بولغانىدى، ئۇنىڭ ئېيتقىنىدەك سەبىر قىلىشتىن باشقا ئامالىم يوقتى،ئايلار ئۆتكەندىن كىيىن ئۆيگە كىرىشكە جاسارەت قىلدىم،كۆزلىرىم تولۇپ يىغلىدىم،بالكونغا چىقىپ ئورۇندۇقتائولتۇردۇم،تولۇن ئاي بارئىدى، ئەلىنىڭ ماڭا تىلىفۇن قىلغان ئۇ كىچىنى ئەسلىدىم،ئۇ كىچىدىمۇ تولۇن ئايبارئىدى، كۆزلىرىمدىن ياشلار ئاققان ھالدا تالاغا چىقتى، ئۇدۇل ئۇستازىمنىڭ قەبرىسىگە باردىم. سائەتلەپ يىغلىدىم.. ئۇ خۇشپۇراقنى ھېس قىلدىم، تەكرار يىغلىدىم... ئارقامدىن بىر قول مۈرەمنى تۇتتى، ئارقامغا قارىدىم ئايالىم نۇرلارئىچىدە ئارقامدا تۇراتتى.. ھاياجاندىن گەپ قىلالمىدىم..بىشىم قىيىپ ھوشۇمدىن كىتىپتىمەن...

8-بۆلۈم

سالىھ بىر ھەمرا ئىزدەيمەن...

     ئويغانغىنىمدا بامدات ئەزىنى ئوقۇلۇۋاتاتتى... تۇرۇپ ئەتراپقا قارىدىم..ئايالىمنىڭ سەبىر قىلىڭ دىگىنى ئېسىمگە كەلدى،، مەسجىدكە بىرىپ ناماز ئوقۇغاندىن كىيىن تالاغا چىقىپ يانچۇقۇمدا بىر نەرسىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدىم.. قولۇمنى سالسام بىر قولياغلىق چىقتى.ئايالىمنىڭ ئۆيىدە تۇنجى كۆرۈشكىنىمىزدە ئالقىنىمنىڭ ئىچىدە تۇتقان قولياغلىقنى ئورنۇمدىن تۇرغاندا يەرگەچۈشۈپ كىتىپ تاپالمىغانتىم،دىمەك ئايالىم ئۇنى تىپىپ ساقلاپتۇ.. قولياغلىق ئاجايىپ خۇشپۇرايتتى..

بۇبىر گەرچەك ۋەقە بولۇپ ،يازغۇچىنىڭ ھىكايىنىڭ ئاخىرىغا يازغان جۈملىلىرى مۇنداق

(بۇ ۋەقەنى دادامنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىدىن ئاددىلاشتۇرۇپ يازدىم...ھىكايىدىكى كىشىلار دادام ۋە ئاپامدۇر...ئۇ تۇغۇلغان بالا مەن. سەبىر ۋە شۈكۇر ئىنساننى ئەڭ ئۈستۈن دەرىجىگە ئىلىپ بارىدىغان قاناتتۇر...) ئاللاھ تائالا ھەركىشىگە مۇشۇنداق ھەمرا نىسىپ قىلسۇن ... تۈگىدى

(قىممەتلىك ۋاقتىڭلارنى چىقرىپ ئوقۇغانلىقىڭلار ئۈچۈن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن، توي قىلغان ،قىلمىغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ ھىكايىدىن مول پايدائالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.بۇ ھىكايىدىكى سالىھ ئايالنىڭ روھىغا دۇھ قىلىشنى ئۇنۇتماڭلار).

-

رەھمەت قېرىنداشلار، بۇ سىلەرگە تۇنجى كۆڭۈل سوۋغام بولسۇن، ئاللاھ خالىسا بۇندىن كىيىنمۇ سوۋغىلار داۋام قىلغۇسى.



2

تېما

4

دوست

3287

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   42.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17457
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1046
توردىكى ۋاقتى: 166
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 23:43:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېكايىڭىزنى راس بۇرۇنمۇ  بىر ئوقىغان ئىدىم . ھەقىقەتەن بەك ياخشى يېزىلغان  ھېكايىكەن .سالىخ  ئايال ئىزدىگۈچى  ، اللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن ھەقىقى سالىخ  ئايالغا ئېرىشىپتۇ .بۇ سالىخ ئايالغا اللاھنىڭ رەخمىتى بولسۇن .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

182

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   60.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29443
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 60
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-26 09:06:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەرنى زادى كىمنىڭ تەرجىمە قىلغىنىنى ئۇخمايمەن،ئەمما بۇ ئەسەرنى 4يىل بۇرۇن باشقا بىر مۇنبەردە كۆرگەنتىم

0

تېما

8

دوست

1199

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   19.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13396
يازما سانى: 77
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 374
توردىكى ۋاقتى: 102
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-26 10:37:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاھ ،خۇدا بۇ ئىشلار راستمىدۇ ؟
راست بولۇشى مۇمكىن .ئۇلۇغ ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.
مەنمۇ ئۆزەمگە ئۇ ئايال قېرىندىشىمىزغا ئوخشاش سەبىر ۋە شۈكۈر تىلەيمەن .

0

تېما

4

دوست

1307

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   30.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26835
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 398
توردىكى ۋاقتى: 121
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-26 22:03:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ھاياجانلانمىغىنى خىلى ئۇزۇن بۇلۇپتىكەن ، بۇنى ئۇقۇپ ‹ھىجىرەت تەسىراتى ›
دىكى ئابدۇللا ئىسمگە كىلىپ قالىدى،،،،. مىنڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ ئارزۇ قىلىغان تۇرمۇش،،،،،،،،،،،،،،،،،،!

0

تېما

4

دوست

1307

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   30.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26835
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 398
توردىكى ۋاقتى: 121
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-26 22:05:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەبۇ ھەنىفەنىڭ تۇتقان يۇلىغا دائىر كىتاپلارنى نەدىن تاپقىلى بۇلا بالىلار،،،

0

تېما

4

دوست

1307

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   30.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26835
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 398
توردىكى ۋاقتى: 121
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-26 22:08:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسلام دىنىغا ئائىت كىتاپلار بۇلسا سىتۋالاتتىم ، قايسى تور بەتلەردە  ساتىدىغانلار باردۇ،،،؟

0

تېما

0

دوست

1277

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   27.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30589
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 392
توردىكى ۋاقتى: 55
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-27 11:56:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
surxon يوللىغان ۋاقتى  2014-11-27 10:56
ئىسمىڭنىڭ بېشىدا بىرتال «ب»ھەرىپى چۈشۈپ قاپتۇ، ئەسلى ...

ئەممە ماۋۇ ئىنكاس دىگەن  شۇ قەدەر كەپتۇ  جۇما   
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )