تاكسى توسۇپ رەت قىلىنغاندا
ئىسراپىل ئەمەت
2014-يىلى11-ئاينىڭ 25-كۈنى
تاكسى توسسا توختىمايدىغان ياكى ئالدىدا توسقانغا توختىماي ئارقىدىكى كىشىگە توختايدىغان، مىللەت ئايرىپ توختايدىغان، ئەرگە توختىماي ئايالغا توختايدىغان ، قېرىغا توختىماي ياشقا توختايدىغان، ئاۋارىچىلىقتىن قورقۇپ يۈكى بارغا توختىماي يوققا توختايدىغان ئەھۋاللارنى ھەممىمىز دىگىدەك ئازدۇر-كۆپتۇر ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. ئالدىنقى كۈنى بىر قېرىندىشىمىز مۇشۇنداق بىر مەسىلىنى، ئوتتۇرىغا قويۇپتىكەن. ئەسلى مەزمۇنى مۇنداق:" ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەرلەر،كەچۈرۈڭلار مەن سىلەردىن تىمىغا مۇناسىۋەتسىز تاكسىلارنىڭ يول يۈرۈش قانۇنى ياكى نىزامىغا دائىر مەلۇمات سورىماقچى ئىدىم. بىلىدىغانلار بولسا بىر مەلۇمات بەرگەن بولساڭلار…بۇنى سىلەرنى ئاۋارە قىلىپ سوراشتىن مەقسەت، مەن قانچىلىغان قېتىم تاكسىغا ئولتۇرۇشتىن تاكسى شوپۇرىنىڭ سەۋەپسىز رەت قىلىشى سەۋەپلىك مەھرۇم قىلىندىم. مىنىڭ بىلمەكچى بولغىنىم قانداق بولغاندا شوپۇرنىڭ رەت قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ،بىز تاكسى توسساق ئېلىشنى رەت قىلغاندا، قايسى ئۇرۇننى ئىزدىسەك ئەرزىمىز ئاقىدۇ ياكى تاكسى ئۆزىنىڭ بولغاندىكىن ئېلىش ئالماسلىق ئۆزىنىڭ ئىشىمۇ؟ مەن بۇ ھەقتە پەقەت ساۋاتسىزكەنمەن،بىلىدىغانلار بولسا بىلىمىڭلارنىڭ زاكىتىنى ئايىمىغان بولساڭلار. كەچۈرۈڭلار ۋاقتىڭلارنى ئالدىم."
بۇ كىشىلەر رادىئو قاتارلىق ۋاستىلەردە كۆپ قېتىم ئىنكاس قىلغان ۋە يىللاردىن بىرى ئوخشىمىغان دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كىلىۋاتقان مەسىلە.كىشىلەرنىڭ چۈشەنچىسى بۇ توغرىلىق خېلى ئايدىڭلىشىپ قالغان بولىشى مۇمكىن، بەزىلەر مەندىن بەكرەك بىلىشىمۇ مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ بىلگىنىمنى دەپ ئوتتۇرىغا قويسام، بىلگەنلىرىمىزنىڭ پىكرى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ مۇكەممەللەشسە ئەجەپ ئەمەس. ئادەتتە يولۇچى تاكسىغا چىقىپ بولغاندىن كىيىن، بارماقچى بولغان ئورنىنى سوراپ بولۇپ يولۇچىنى چۈشۈرىۋەتكەن بولسا ياكى تاكسى شوپۇرلىرى تۆۋەندىكىدەك 5 تۈرلۈكتىن باشقا ئەھۋالدا، ھەرقانداق سەۋەپ بىلەن يولۇچى ئالماسلىققا ياكى چىقىپ بولغان يولۇچىنى چۈشۈرىۋىتىشكە بولمايدۇ:
1. يولۇچى توختاشقا بولمايدىغان يەردە تاكسى توسقان بولسا؛
2. خەتەرلىك بۇيۇملار ياكى ماشىنىنى بۇلغايدىغان بۇيۇملارنى ئېلىپ ماڭغان بولسا؛
3. مەس ياكى روھى كىسەللەر قارىغۇچىسى يوق ھالەتتە تاكسى توسقان بولسا؛
4. يولۇچىلار كەچلىك ۋاقىتتا شەھەر سىرتىغا ياكى باشقا شەھەرگە چىقماقچى بولۇپ، تىزىملاش ئېلىپ بارمىغان بولسا؛
5. باشقا قائىدە-قانۇنغا خىلاپ تەلەپلىرى بولسا؛
يۇقۇرقىدەك ئەھۋال كۆرۈلگەندە، مۇنداق قىلساق بولىدۇ. تاكسى ئىچىدە ئەرز-شىكايەت قىلىش تېلېفونى ۋە شوپۇرنىڭ ئۇچۇرى بولغان بولىدۇ. شۇم نۇمۇرغا تېلىفون قىلىش ياكى تاكسى توسسا توختىمىسا يەرلىك تاكسى باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا تېلېفون قىلساق بولىدۇ.بۇنىڭدىن باشقا يەنە شەھەر باشلىغى قىزىق لىنىيىسىگە تېلېفون قىلساقمۇ، مەخسۇس خادىم ئىشنىڭ تەرەقىياتىغا مەسئۇل بولىدۇ.
تاكسىچىلىق يولۇچى توشۇش مۇلازىمىتى خارەكتىرىدىكى كەسىپ بولغاچقا، تاكسىنىڭ يولۇچى ئېلىشنى رەت قىلىشى مۇلازىمەت قىلىش كىلىشىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدۇ. تاكسى شىركىتى شىركەت نىزامىدا،يولۇچىنى ئېلىشنى رەت قىلسا،ئەھۋالغا قاراپ ئوخشىمىغان سوممىلىق جەرىمانە تۆلەيدىغانلىقىنى بەلگىلەنگەن. ئەلۋەتتە، بۇ تېلېفون ئۇرۇپ قويۇش بىلەنلا بولىدىغان ئىش ئەمەس، يولۇچى مۇناسىپ ئىسپاتلار ياكى گۇۋاچىلار بىلەن تەمىنلىشى كىرەك بولغان بولىدۇ. بەزى يولۇچىلار ئاۋارىچىلىقتىن قېچىپ ئەھۋال ئىنكاس قىلمايدۇ، بەزى گۇۋاچىلارمۇ ئاۋارىچىلىق ھىس قىلىپ گۇۋالىقتىن ئۆتۈپ بەرمەيدۇ. بۇ تاكسىچىلارنىڭ قانۇن-بەلگۈلىمىنى كۆزگە ئىلماي، خالىغانچە يولۇچى ئېلىشنى رەت قىلىدىغان ئىشلارنىڭ يامراپ كىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. تاكسىچىلار ئورۇنلۇق سەۋەبى بولماي تۇرۇپ، يولۇچى ئالماسلىغى كىراچىلىقنىڭ ئەسلى مۇددا-مەقسىدى بىلەن زىت كىلىدىغان قانۇنغا خىلاپ قىلمىش،خىلاپلىق قىلغانلار چوقۇم جازالىنىشى كىرەك!
پاش قىلىش تېلېفۇنى: 96511
ئۈرۈمچىنىڭ پاش قىلىش تېلېفونى: 4620007
ئۈرۈمچى شەھەر باشلىغى قىزىق لىنىيىسى: 12345
|