«رامبو» دىۋانىلەر سەيناسىدا
(ماقالە)
ئابدۇرەھمان ئەفغانىي
تىلەمچىلەر___غۇرۇرىنى سېتىپ كىرىم قىلىدىغانلاردۇر!
___تەپەككۇرخانەمدىن
قاچان،قەيەردە بولسۇن،ئەيتاۋۇر كۆزىڭىزنى ئاچسىڭىزلا كەڭ كەتكەن دىۋانىلەر سەيناسىنى كۆرىسىز.ئەجەبلىنەرلىكى،سىز ھەرقانچە قىلىپمۇ بۇ سەينادىن بىرەر دەلدۈش،مېيىپ ياكى زەئىپ دىۋانىنى كۆپ ئۇچرىتالمايسىز. سىزنىڭ تولا كۆرىدىغىنىڭىز:پۇزۇر ئېگىنلىرىنىڭ تېشىغا مۇنداقلا قىلىپ ئارتىۋالغان يىرتىق،جۇل-جۇل بولۇپ كەتكەن كونا جۇۋىلىق،كاساڭدەك يەنجە كۆتۈرۈۋالغان ئەقلى ھوشى جايىدا،بەردەم،تەمبەل كىشىلەر. ئۇلار ئاشۇ تۇرقىدا ئۆزىدىن تالاي ھەسسە ئاجىز ئادەملەردىن غۇرۇرىنى قايرىپ تۇرۇپ،ھېچ ئەيمەنمەستىن بىر نەرسىلەرنى تىلەيدۇ.ئۇلار رىزىق تىلەيدۇ.
چاررۇسىيە يازغۇچىسى گوركىي:«تەلەپ قىل،ئەمما تىلىمە!بەندىدىن ئاغرىنما،بىراۋغا خورسىنما!چۈنكى بۇ دېگەن تىلەمچىلەرنىڭ ئادىتى.ئۇ ھاماقەتلەر ئۆزىگە تەئەللۇق بولغان شەيئىلەرنى تەلەپ قىلماستىن،بەلكى باشقىلاردىن ئورۇنسىز شەپقەت تىلەيدۇ.» دەيدۇ.
ئەمەلىيەتتە،بۇ دۇنيادىكى بارچە ئادەم تىلەمچى.تىلەمچىلەر چوڭ جەھەتتىن ئۈچ تۈرگە بۆلىنىدىغان بولۇپ،ئۇلار:رىزقىنى ياراتقۇچىدىن تىلەيدىغانلار؛رىزقىنى بەندە ياكى شەيئىدىن تىلەيدىغانلار؛رىزقىنى بەندىنىڭ قولى ئارقىلىق ياراتقۇچىدىن تىلەيدىغانلاردۇر.بىزنىڭ بۇيەردە كۆزدە تۇتۇۋاتقىنىمىز دەل ئۈچىنچىسى،يەنى رىزقىنى بەندىنىڭ ۋاستىسى بىلەن ياراتقۇچىدىن تىلەيدىغانلاردۇر.ئۇلار:دىۋانىلەردۇر.بۇ تەبىقىگە ئايرىلىشنىڭ تۈپ شەرتى بولسا،ئۇلارنىڭ بۇ دۇنيادا قىلالىشىغا چامى يىتىدىغان پاك،سالىھ ئىشلارنىڭ پەقەت قالماسلىقى،ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا،ئۇلار مال ۋە تەن قەلەندەرى بولۇشى كېرەك.بولمىسا،ئۇلار رىزقىنى بەندە ياكى شەيئىدىن تىلەيدىغانلار،يەنى غۇرۇرسىزلار تائىپىسىگە مەنسۇپ بولۇپ كېتىدۇ.بۇ ئىككى شەرتنىڭ بىرى كەم بولسىمۇ بولمايدۇ،ئەگەر ئۇلارنىڭ قۇربى مەلۇم بىر خىزمەتكە(پاكىز بولغان)يەتسە، يەنە بەندىنىڭ قولى بىلەن نان تېپىپ،جان بېقىپ يۈرۈشى راۋا كەلمەيدۇ. چۈنكى،رىزقىنى بىۋاستە تىلەيدىغانلارغىمۇ ياراتقۇچى ئۇلارنىڭ ھەققىنى ئەرشىئەلادىن موككىدە تاشلاپ بەرمەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل كۈچىنى تايانچا قىلىپ،ئۆز گېلىغا تۇشلۇق تۆئمىنى كۈچى بىلەن تېپىپ يەيدۇ.ئۇلارچە،ئەقىل ۋە كۈچ___ياراتقۇچىنىڭ ئۇلارغا «موككىدە» تاشلاپ بەرگەن ئەڭ كاتتا نېئمىتى.توغرا،ئەقىل ۋە كۈچ___رىزىقلار تولۇپ تۇرغان قەسىرلەرنىڭ ھالال ئاچقۇچى. شۇڭا،بىر ئادەمنىڭ ئۆز جېنىنى ياكى ئۆزى ھامىي جانلارنى باقالىغۇدەك بىر قۇز بولسىمۇ مادارى بولىدىكەن،ئۇ چۇقۇم كوچىلاردا يۈزى ۋە غۇرۇرىنى خار قىلغۇچە، ئەقلى ۋە كۈچىنى «خار» ئەيلىشى كېرەك.
ئەمما قارايدىغان بولساق،كوچىدىكى دىۋانىلەرنىڭ ئوندىن بىرى زەئىپ،يۈزدىن بىرى مېيىپ،مىڭدىن بىرى ساراڭ.كوچىدا كۆپ ھاللاردا «چەۋانداز ئەفراسىياپ»،«كۈچتۈڭگۈر تەڭرىقۇت»لاردىن تارتىپ تا «پالۋان سادىر»،«گاڭگۇڭ سېيىت»،«باتۇر غېنى»لارغىچە ساپ قامەتلىكلەر يولۇقىدۇ.جاھانغا مەشھۇر «رامبو»مۇ شۇنداق!ئۇلار يۈزىنى داپتەك قېلىن،پاشىدەك قاشاڭ قىلىۋېلىپ،دىۋانىلەر سېپىنىڭ ئالدىنقى قاتارلىرىغا ئىزا تارتماي تىقىلىۋالغان.ئابدۇۋەلى راخمان(ھەققانىي) ساتىرالىرىدا پارىخور ئەمەلدارلار بىلەن چىقىشالمىسا،مەن تېنى زەبەردەست تىلەمچىلەر بىلەن ئۆمۈرۋايەت پېتىشالمايمەن.
ھەركىم ئۆز دەرد-ئەلىمىگە نەرخى تۆۋەن بىر مەلھەم ئىستەيدۇ.تۇتقۇن ئەركىنلىككە،بىتاپ ئېسەنلىككە،مەغلۇبچى غالىبىيەتكە،دۆت ئەقىللىقلىككە ئىنتىلىدۇ.شۇنىڭدەك دىۋانىلەرمۇ مال-بايلىقنى ئۆزىنىڭ بىئارام كۆڭلىنىڭ ئارامى قىلىۋالغان.
قاچانكى،بىر پارچە ھەجۋى سۈرەت ماڭا ئالاھىدە تەسىر قىلغانىدى.ئۇنىڭ مەزمۇن-بايانى: بىر پۇتسىز،ھاسىلىق ياشانغان كىشى بىر تال كونا چاپانغا ئورىنىۋالغان بودەك بىر دىۋانىگە خالىس سەدىقە بېرىۋاتاتتى.ھالەت بۇ تۇرسا،كۈچلۈك ئاجىزدىن،پادىشاھ پۇقرادىن نان تىلەۋاتسا،ياراتقۇچى قانداقمۇ ئۇلارغارىزىق بەرسۇن؟!
ھەر تەرەپنى ئويلىغاندا،ئىجتىمائىيەتكە تىلەمچىلەرمۇ مۇھىم.چۈنكى «تىلەمچى باشقىلارنىڭ ئۆزىگە خالىسانە بەرگەن سەدىقىسىنى ناھايىتى ئاسانلا قوبۇل قىلالايدۇ.سەۋەبى،ئۇ بۇنىڭ بەدلىگە،سەدىقە بەرگۈچىلەرگە ئالەمچە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بېغىشلايدۇ.» دېگەنىكەن تاگور.ئەگەر ئاشۇ پۇت-قولى جايىدا ئادەملەر بىشەرەپلىك قىلىپ،تىلەمچىلىكنى ئۆزىگە كەسىپ قىلىۋالمىغان بولسا،بىزمۇ تېنى ھەقىقەتەن كەمتۈك،كۈچى راست زەئىپ تىلەمچىلەرگە ئاتىغىنىمىزنى تەڭلەپ،خۇدانىڭ مۇقەددەس رەھمىتىگە نائىل بولغاچ،ئاق قالغان ساۋاب دەپتىرىمىزنى ئاز بولسىمۇ بويىۋالار ئىدۇق.لېكىن كۆپچىلىك تىلەمچىلەرنىڭ ماھىيىتى ۋە مەرەزلىك غەرىزىنى مەن ئۆز كۆزلىرىم بىلەن كۆرۈۋاتىمەن.
ھازىر ئانام ئۆپكە تۇبېركۇليوزى سەۋەبلىك بالنىستتا داۋالىنىۋاتاتتى.تىلەمچىلەر دۇختۇرخانىنى ئۆزلىرىنىڭ «كۈندىلىك ئىش ئورنى» قىلىپ بېكىتىۋالغانمۇ-تاڭ،ئىشقىلىپ كۈندە بەش-ئالتىنى رازى قىلىپ ئۇزىتاتتۇق.ئۇلار ياتاق ئۆيگە قولىنى كۆكسىگە كۆتۈرگىنىچە،ناھايىتى مۇلايىملىق بىلەن كىرىپ كېلىشەتتى-يۇ،ئەمما ئالىدىغىنىنى ئېلىپ بولۇپ،«رەھمەت!»مۇ دېمەستىن كەينىگە بۇرۇلۇپلا يوقىشاتتى.ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەدىنى بەردەم،ماڭىدىغان بولسا ياتاقنىڭ ئىشىكىگە ئاران پاتىدىغان چەندان بەستىلىك بىر «غوجام» بار بولۇپ،ئۇ كىرسە بىزمۇ بىر خىل بۇرۇقتۇرمىلىق ئىچىدە بىر-ئىككى يۈەن بېرەتتۇق.لېكىن چىقىپ كەتسىلا پۇشايمان قىلاتتۇق.پۇشايمىنىمىز بېرىۋەتكەن بىر-ئىككى يۈەنىمىزگە ئەمەس،بەلكى ئۇ تىلەمچىنىڭ شۇ پۇلنى ئېلىشقا مۇناسىپ كەلمەيدىغانلىقىغا.قائىدە بويىچە،ئەسلى شۇ چەبدەس كىشىلەر دۇختۇرخانىدىكى مۇنۇ كېسەلمەنلەرگە ئىلاج قولىنى سۇنسا بولىدۇ.بىراق،بۇنداق گەپلەرنى ئاڭلايدىغان ئادەم يوق.بىر كۈنى ئۇنىڭغا دېدىم:«ئاكا،ئىشلىسىڭىز ئىشلىيەلىگۈدەكسىز،نېمىشقا ئۆزىڭىز ھالال ئىشلەپ جېنىڭىزنى باقمايسىز؟» ئۇ ماڭا سەت بىرنى ھومىيىپ قويۇپ،ھېچنېمە دېمەستىن چىقىپ كەتتى.شۇندىن بېرى،ئۇ ياتاق ئاتلاپ تىلەمچىلىك قىلىدىغان بولدى.ئەگەر ھەممىمىز شۇنداقلارنى ياتاق ئاتلىتالىساق،ئۇنداقتا مىللىتىمىزدىكى بىخلىنىۋاتقان ھارام پۇتاق___زۈلۈكلەرنى تازىلىيالايمىز.
ئەگەرچەندە دىۋانىلەر چورت يوقالسا،جەمئىيەتنىڭ ئىقتىساد مۇۋازىنىتى بۇزۇلىدۇ.ئەگەر يۇقارقىدەك ئىشلىسە چىشلىيەلەيدىغان،تېرىشسا ئىستىقبالىنى يارىتالايدىغانلار قاراپ تۇرۇپ تەييارتاپلار زالىغا___دىۋانىلەر سەيناسىغا سوقۇنۇپ كىرىۋالسا،جەمئىيەتنىڭ تەرتىپى تېخىمۇ تېز بۇزۇلمامدۇ؟!
2014-يىلى ئىيۇل،قاراقاش |