قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3423|ئىنكاس: 20

ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئويغۇر سودىگەرلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

10

دوست

4143

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11326
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 83
تۆھپە : 1357
توردىكى ۋاقتى: 1047
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 20:55:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىختىكى قىسمەن  ئويغۇر سودىگەرلىرى
ئۆمەرباي ھاجى ئاخۇنبايوۋ



     ئۆمەرباي ھاجى ئاخۇنبايوۋ ئۆمەرباي ھاجى1870-يىلى قەشقەر شەھىرىدىكى ئاخۇنبايوۋ ئوغلى ئىسمايىل (پاختا)ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. قەشقەر چاساۋەخانلىق مەدرىسلەردەدىنى بىلىم ئالغان.1896-يىلىدىن باشلاپ ئاكىسى كىرىمباي ھاجىم بىلەن چارروسىيە ،ئەنگىلىيە ،ھىندىستان ،ئافغانىستان ،پاكىستان قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ سودا شەھەرىدە ۋە ئىچكى ئۆلكىنىڭ سىچۇەن،جىڭدۇ ، سۇجۇ ، خاڭجۇ ، خەنكۇ، ۋۇۋى،جاڭيې قاتارلىق جايلاردا سودا-ساراي ،دۇكان قۇرۇپ ۋاكالەتچىلەر تۇرغۇزۇپ سودا قىلغان .   1921-يىلى ئاكىسى كىرىم ئاخۇنباي ھاجىم ۋاپات بولغاندىن كىيىن ،ئاكىسى ۋارىسلىق قىلىۋاتقان ،ئاخۇنبايوۋ چوڭ ئائىلىسىنىڭ بارلىق مال-مۈلكى ،تىجارىتىگە ۋارىسلىق قىلغان ھەم ئاكىسى كىرىمباي ھاجىنىڭ 1916-يىلىدىن باشلاپ ئۆتەۋاتقان قەشقەرىيە (جەنۇبى شىنجاڭ)مىللەتلەر مەجلىسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان .شۇنىڭدىن باشلاپ ، 1937-يىلى 4-ئاينىڭ ئاخىرى شىڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغىچە جەنۇبى شىنجاڭ مىللەتلەر مەجلىسىنىڭ رەئىسى بولۇش بىلەن بىرگە مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا سودا بىلەن شۇغۇللانغان . ئۇنىڭ ئىچكى-تاشقى سودىسى غايەت زور بولغان .   ئۆمەرباي ھاجىنىڭ روسىيە دە تۇرۇشلۇق سودا ۋەكىلى مامۇت ئاخۇن (قاپاق) ئاكىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا ،1929--1930-يىللاردىكى بىر يىللىق روسىيەگە چىقارغان مال سوممىسى 11مىليون روبلى (ئويىللاردا روبلىنىڭ قىممىتى ئۈستۈن بولغاچقا ،روبلى خەلقئارا پۇل ياكى ئالتۇن پۇل ھىسابلىنىپ،روسىيە بىللەن بولغان مۇئامىلە روبلى بىلەن ئۆلچىنەتتى )بولغان . ئاشۇيىللاردا بىر روبلى بىر سوم تىللا ھىسابلىناتتى .بۇنىڭدىن باشقا ھىندىستان ،پاكىستان ،ئافغانىستان ،كەشمىر ،راۋالپىندى ۋە ئىچكى ئۆلكىدىكى سوممىسىمۇ غايەت زور بولغان. ئۆمەرباي ھاجىنىڭ چەت ئەلدىلا 36 سودا ساراي،دۇكانلىرى بولغان . سودا ساراي،دۇكان ،خام ئەشيا سېتىۋالغۇچىلىرى بولغاندىن سىرىت ،شىنجاڭدا 9ئورۇندا 9مويكا ،4ئورۇندا پاختا يۈك پىرسلاش زاۋۇتى ،ئىككى ئورۇندا سۇ كۈچى بىلەن ئىشلەيدىغان چىگىت ئايرىش زاۋۇتى ،ھەرقايسى  ناھىيە ۋىلايەتلەردە قول بىلەن چۆرۈپ پاختىدىن چىگىت ئايرىيلدىغان 180دىن ئارتۇق ماشىنا (سوۋىتتىن كىرگۈزۈلگەن) ،شىنجاڭ دائىرىسىدە مال توشۇيدىغان 200دىن ئارتۇق ھارۋا ،ئىچكىرى ئۆلكىگە مال توشۇيدىغان 40گودۇڭ (تۆت ئاتلىق)ھارۋا ، چارروسىيە ،ھىندىستان ۋە پاكىستانلاردا مال توشۇيدىغان 1000دىن ئارتۇق ئات قاتارلىق ۋەجى بولغان . ئۇقۇشىمىزچە ئۆمەرباي ھاجى ھەرقانداق شارائىتتا نەچچە يۈز مىڭ سەر تەڭگە ، يامبۇ ،ئەنگىلىيە ، چارروسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تىللا ،چىرۋۇن،روبلى قاتارلىق پۇللىرىنى ساقلاپ كەلگەن .پۇل پاخاللىقى يۈز بىرىپ باھا ئۆرلەيدىغان بولسا (شۇچاغلاردا ئويغۇر جەمئىيتىدە مال باھاسى ئالتۇن- كۆمۈش بىلەن ئۆلچىنەتتى.چۈنكى بىر قوي ياكى بىر تاغار بۇغداي ،قۇناق ساتقان دىھقان ،چارۋىچى تەڭگە باھاسىغا قاراپ ساتاتتى ۋە پۇلىغا تەڭگە ئالاتتى)،ئۇ ئۆزى يالغۇز ياكى قەشقەر بايلىرى بىلەن بىللە بىر نەچچە مىليون سەر تەڭگىنى مۇۋاپىق باھادا سېتىپ بىرىپ ،باھانى تەڭشەيتى . باھا توختىغاندا قايتا سېتىۋالاتتى .ھازىرقى ھايات شاھىتلارنىڭ ئىسپاتلىشىچەئۆمەرباي ھاجى ئائىلىسىنىڭ جايلاردا 30مىڭ مودىن ئارتوق (سېتىۋالغان ،بوزيەر ئاچقان)تېرىلغۇيىرى بولۇپ ،ئېلىنغان ھوسۇل شۇ جايدىكى ئىسكىلاتلاردا ساقلىناتتى ، سېرىقتال ۋاقتىدا ۋە ئاشلىق باھاسى ئۆرلىگەندە خەلققە ئەرزان باھادا سېتىپ بىرىلگەن .ئۇرۇق ئۈچۈن ھەقسىز تارقىتىپ بىرىلگەن .ئاپەت-قەھەتچىلىك بولغان يىللاردا خەلققە ھەقسىز تارقىتىپ بەرگەن . بۇنىڭدىن باشقا قەشقەردە ئاشلىق كەم بولىدىغان ئەتىياز پەسلىدە يەكەندىن ھەر ھەپتىدە 2000 تاغار دىن ئارتۇق ئاشلىق ئېلىپ كىلىپ،ئۆز باھاسىدا سېتىپ خەلقنى تەمىنلەپ كەلگەن . دىنى-پەننى مەكتەپنى قوللاپ كەلگەن .تارىختىكى ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتلەر پەننى مەكتەپلەرنى ئېچىشىمىزغا يول قويمىغان ئەكىسچە قارشى تۇرغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈمرانلار يېڭى مەكتەپنى چەكلەش سىياسىتىنى «مىللەتلەر مەجلىسى رەئىسى» بولغان ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلغان .ئېغىزىدا ھە-ھۇ دىسىمۇ ،ئەمەلىيەتتە ئابدۇرىھىم بايۋەتچى،ئابدۇل  ئاخۇن بايۋەتچى ،ئابلىز ھاجىم بايۋەتچى قاتارلىق تۇققانلىرى ئارقىلىق تۆشۈك دەرۋازىسى ،نەزەر باغ يولىدىكى مەكتەپ ،1917-يىلى توقام مەدرىسىدە يۈسۇپ زىيا ئاچقان بوغالتىرلىق مەكتىپى ،ھازىرقى ۋىلايەتلىك نىفىت شىركىتى ئورنىدىكى ئالتەسىنىپلىق مەكتەپ ،كىرەمباغ ئۇدۇلىدىكى(ھازىر ئورنى قالمىدى) كەنجاخۇن خەلپىتم ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان مەكتەپ،ھازىرقى شەھەرلىك 6-باشلانغۇچ مەكتەپ قاتارلىقلارئۆمەرباي ھاجىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن سىلىنغان مەكتەپلەردۇر،ئۇنىڭدىن باشقا ئۆمەرباي ھاجى بىرقانچە مەدىرىسلەرنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش راسخوتلىرىنى بېرىپ كەلگەن . پەن زوخۈەن يېزىپ قالدۇرغان سىياسى كېڭەش تارىخى ماتىرىياللىرى بىرىنچى سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئازاتلىقتىن بۇرۇنقى شىنجاڭ سودىسىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالى»دىگەن ماقالىسىدا:«شىنجاڭ سودىسىدا، ھۆسەنباي،ئۆمەربايلار ھەممىسىدىن چوڭ سودىگەرلەر ئىدى.بۇئىككى ئائىلىنىڭ سودىسى ئويغۇر سودىگەرلىرى ئىچىدىلا ئەمەس،بەلكى دۆلىتىمىزدىكى سودىگەرلەر ئىچىدىمۇ بىرىنچىلىككە ئۆتەتتى »دىگەن باھاسى ئۆمەرباي ھاجى سودىسىغا بىرىلگەن توغرا باھادۇر . ئۆمەرباي ھاجى1937-يىلى شىڭ شىسەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ ،تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلگەن.



مۇسابايوۋ



تارىختىكى ئويغۇر سودىگەرلىرى(مۇسابايوۋ) مۇسابايوۋ  موسابايوۋ- ئەسلى ئىسمى مۇساباي، ئۇ 1809 - يىلى ئاتۇش ئىكساقتىكى قەدىمى قورۇقچى(كارۋان چۈشكۇنخانا) دا پاناھلىنىپ، دىھقانچىلىق ۋە كۇلالچىلىق قىلۋاتقان ئەسلى قەشقەر بەشكىرەم خان ئۆيلۈك ئابدۇرۇسۇلباي ئائىىلىسىدە تۇغۇلغان. مۇسا باي ئائىلە تەربىيىسىدىكى ۋاقىتلاردا ، ئابدۇرۇسۇلباي كۇلالچىلىق قىۋاتقان بۇ قەدىمى قورۇقچىغا كۆمۇلگەن ئالتۇننى تېپىۋېلىپ بىردىنلا بېيىپ كەتكەن . ئابدۇرۇسۇباي شۇنىڭدىن كىيىن ئىكساقتا كۆپ يەر ئاچقان. قۇرۇقچىنى باغ- ھويلا قىلغان ۋە ئائىلىسىنى قالدۇرۇپ ئۆزى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋرۇپا ئەللىرىدە تىجارەت بىلەن بولغان .بۇ يىللاردا مۇساباي ئاتۇش مەشھەت ، قەشقەر خانلىق مەدىرىسلەردە ئوقۇپ يۇقۇرى دىنى بىلىم ئالغان . كىيىن مۇساباي دادىسى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋرۇپا ئەللىرىدە بىرگە تىجارەت قىلغان. ئاشۇ يىللاردا ئابدۇرۇسباي ئىلىدا 70 _ 80 مىڭ دەك چارۋا ،3000 مو ئەتراپىدا يەر سېتىۋېلىپ دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق ئىگىلىكى بىلەن تەڭ شۇغۇللانغان . 1869 _ يىللاردا ئابدۇرۇسباي كېسەل بۇلۇپ ۋاپات بۇلىدۇ. بۇيىللاردا مۇساباي، ئوغۇللىرى ھۈسەنباي بىلەن باۋۇدۇنباينى ئېلىغا ئېلىپ چىقىپ ، چەت ئەلدىكى تىجارىتىنى داۋاملاشتۇردۇ. مۇساباي 1870 _ يىللىرىدا گىرمانىيەدە ئېچىلغان بىر خەلىقارا يەرمەنكىدەشۆھرەت قازىنىپ، ياۋرۇپالىقلار تەرپىدىن << مۇسابايوۋ>> دەپ ئاتىلدۇ. شۇنىڭدىن كىيىن خەلقارا سودىگەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ .  ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، 1871 _ يىلى چاررۇسىيە ئەسكەر چىقىرىپ ئىلىنى بېسىۋالغاندا ۋاقىتلاردا، پۇتۇن ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ئىچكى_تاشقى سودىسى مۇسابايوۋ بىلەن ۋىلىباي يولداشوۋ قۇلىدا بولغانىكەن. 1881 _ يىلدىن 1883 _ يىلغىچە ئىلى ئۇيغۇرلىرى يەتتە سۇغا كۆچۇرۇلگەندە ۋىلباي يولداشوۋ بىلەن مۇسابايۇۋ بىلەن چىڭ سۇلالىسى ھۆكۇمىتى بىلەن چارروسىيە ئوتتۇرسىدىكى ئىلىنى ئۆتكۇزۇپ بىرىش ، ئاھالىنى كۆچۈرۈش ئىشلىرىدا توھپە ياراتقان . ۋىلباي يولداشوۋ كۆچمەنلەرنى ئېلىپ يەر كەنتكە كەتكەن. مۇسابايوۋ ئىلىدا قېلىپ چارروسىيەبىلەن بولغان سودىنى داۋاملاشتۇرغان ۋە چىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ قوللىشىدا كان ئېچىش ، بوز يەر ئېچىش قاتارلىق مەنپەتلەردىن بەھرىمان بولغان ۋە كۆكسۇ لۇ ، ئاقدالا ، كۆكدالا دېگەن يايلو قىشلاقلارنى تەمىرات قىلغان . 1885 _ يىلى ئىلى كۈرىدە 200 كىشلىك قول- سانائەت كارخانىسى( قول بىلەن كۆن خۇرۇم ئىشلەش ) قۇرغاندىن كىيىن ئۆزى جامائەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان . قەشقەر خانلىق مەدىرىسنى چوڭ رېمۇنت قىلغان . باۋۇدۇنباينىڭ قەشقەر ۋە ئىلىدا پەنني مەكتەپ قۇرۇشنى قوللىغان ۋە باللىرىغا : << پۇلنىڭ خوجايىنى بولماي ، ئىلىمنىڭ خو جايىنى بولۇڭلار >> دىگەن ۋەسىيەتنى قالدۇرۇپ ، 1895 _ قەشقەردە ۋاپات بولغان. مۇسابايوۋ ( 1895 _ 1809 ) مەنبە : شىرىپ خۇشتار يازغان << شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخىسلەر >> دىن ئېلىندى .

مۇھەممەت ئېلى ھاجىم شاڭخەي



تارىختىكى ئويغۇر سودىگەرلىرى ( مۇھەممەت ئېلى ھاجىم شاڭخەي) مۇھەممەت ئېلى ھاجىم شاڭخەي مۇھەممەت ئېلى ھاجىم شاڭخەي قەشقەر شەھىرى جانقور غانلىق كاتتا سودىگەر تۇردى ئاخۇننىڭ 3 _ ئوغلى بۇلۇپ ، ئۇ 1870 _ يىلى تۇغۇلغان . ئۇ ئائىلە تەربىسىدىن كىيىن دىنىي تەلىم ئالغان .1898 _ يىللاردىن باشلاپ ئاكىسى ئەبراباي ، ئەسىرا بايلار بىلەن بىرگە چارروسىيەدە سودا بىلەن شۇغۇللانغان. كىيىن قەشقەرلىق ئاخۇنباينىڭ نەۋرىسى كېرەم ئاخۇن ھاجىنىڭ ( كېرەم ئاخۇن بايۋەتچى ) نىڭ ئىچكىرى ئولكىلەردىكى سىچۇن ، چىڭدۇ ، خاڭجۇ ، سۇجۇ تۇرۇشلۇق سودا ۋەكىللىرى بىلەن ئىچكىرى ئولكىلەرگە سودا قىلىپ كىرگەن . كىيىن كېرەم ئاخۇن ھاجىنىڭ سۇجۇ ، خاڭجۇدىكى سودىسىنى ۋاكالىتەن باشقۇرغان ھەم ئوزى يەككە تىجارەت قىلغان . ئۇ سۇجۇدىن شاڭخەيگە قاتناپ سودا قىلىش جەريانىدا شاڭخەي شەھرىنىڭ ھازىرقى فۇجۇلۇ دىگەن يېرىدىكى پاكىستان مەسچىتى يېنىدىن ئىككى پارچە يەرسېتىۋېلىپ، سودا - ساراي ۋە ئۇيغۇر ئاشخانىسى ئاچقان . بۇ كۇنلەردە پاكىستانلىقلار بىجىرىپ بەرگەن ۋېزا بىلەن ئىچكىرسىنىڭ يىپەك توقۇلمىلىرىدىن تاۋار - دۇردۇن ، خام يىپەك ۋە شىنجاڭدىن ئېلىپ كەلگەن بۇغا ، بۈكەن مۈڭگۇزى ، ئەلتىرە ( مارىيە ) ، كۇچا كۆرپىسى قاتارلىق ماللارنى ئېلىپ دېڭىز يۇلى بىلەن تۇركىيەگە ۋە باشقا دۆلەتلەرگە بېرىپ سودا قىلغان تۈركىيەدە بىر تۈرۇك ئايالغا ئۆيلەنگەن . كىيىن ياپۇنىيە ئارقىلىق نەنجىنگە قايتىپ كەلگەن . نەنجىندە كىچىك تىپتىكى بىر سەرەڭگە زاۋۇتى ۋە سوپۇن زاۋۇتى قۇرۇپ كارخانا باشقۇرغان ۋە شاڭخەيدىكى سودا _ سارىيى ۋە ئاشخانىسىنى ئىشقا سېلىپ،شىنجاڭ ۋە چەت ئەللىك مۇسۇلمان سودىگەرلەرنى جەلىپ قىلغان . 1931 -يىلى قۇمۇل دىخانلار قوزغىلىڭى پارتلاپ ، شىنجاڭ ئۇرۇش ئۇتى ئىچىدە قالغاندىن كىيىن ،ئۇ شىنجاڭغا قايتىپ كىلىشكە ئامالسىز قالدۇ . 1937 - كېرەم ئاخۇن ھاجىمنىڭ ئىنىسى ئۆمەرباي ھاجى ئاخۇنبايۇۋ ۋە ئۆزىنىڭ ئاكىسى ئەبراز باي ، ئەسرا بايلارمۇ شېڭ شىسەي تەرپىدىن قولغا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ . شۇڭا ئۇ، نەنجىن ۋە شاڭخەي .ئارلىقىدا تىجارەت قىلدۇ . ياپۇن باسقۇنچىلىرى شاڭخەي ۋە نەنجىڭنى بېسىۋالغاندا ھەر ئىككى جايدىكى مال- مۇلىكى بۇلاڭ- تالاڭ قىلىنىپ ئۆزى ئامان قالدۇ .شاڭخەي ئازات قىلىنغاندىن كىيىن ئاندا - ساندا تىجارەت قىلىپ . 1949 - يىلى ئۆلكە .ئازات بۇلۇش ئالدىدا شىنجاڭغا قايتىپ قەشقەرگە كىلدۇ .1950 _ يىلى تۈركىيە، ياپۇنىيەدە سودا قىلغانلىقى ئۈچۈن چەت ئەل جاسۇسى دىگەن نام بىلەن قولغا ئېلىنىپ 15 - كىسىلىپ كىتىدۇ . 1952 - يىل ئاخىرىدا كېسەل بىلەن 82 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ . مۇھەممەت ئېلى ھاجىم شاڭخەي بىزگە مەلۇم بولغان ئۇيغۇرلار ئىچىدە 19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا شاڭخەيدە سودا - ساراي قۇرغان تۇنجى ئۇيغۇر سودىگىرى ئىدى . ئۇنىڭ شاڭخەي فۇجۇلۇدا قۇرغان سودا - سارىي 100 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر سودىگەرلىرىنىڭ چۈشىدىغان سودا - سارىيى . فۇجۇلۇدىكى ھازىرقى خۇيزۇلار باشقۇرغان ئاشخانا ئۇيغۇرلار ( مۇسۇلمانلار ) ئاشخانىسى ئىدى. پىشقەدەملەر ۋە ھازىرغىچە شاڭخەيگە بارغان مەيلى سودىگەر ، مەيلى ساياھەتچىلەر بولسۇن بۇ كىشىنىڭ نامىنى تىلغا ئېلىپ مۇھەممەت ئېلى ھاجىم شاڭخەي دەپ ئاتاپ كەلمەكتە .



تاش ئاخۇنۇم



تارىختىكى ئۇيغۇر سودىگەرلىرى تاش ئاخۇنۇم تاش ئاخۇنۇم(ئەسلى ئسمى ئابدۇرىشىت )ئەزىزى،ئاتۇش سۇنتاغ يىزا،ۋاق_ ۋاق كەنتىدىكى ئۇقۇمۇشلۇق دىنى زات ئەزىز ئاخۇنۇم ئائىلىسىدە،1855_يىلى دۇنياغا كەلگەن.ئۇ ئائىلە تەربىيسىدىن كىيىن ئىپتىدائى بىلىمنى ئائىلىسىدىن ئالغان .كىيىن ئاتۇش مەشھەتتىكى كونا مەكتەپتە ئوقۇغان. تاش ئاخۇنۇم كىچىگىدىن زىرەك ،كۆرگەنلا نەرسىگە قىزىقىپ سىرىنى بىلىش ئۈچۈن تىرىشىدىغان ۋە ئۆگىنىدىغان ،تەدبىرچانلىغى كۈچلۈك بولۇپ يىتىلىدۇ .ئۇ ئوقۇش جەريانىدا ئويغۇر ،ئەرەپ ،پارىس تىلى يېزىقىنى پۇختا ئۆگەنگەندىن سىرىت ،ئەرەب تىلى _قۇرئان تەپسىرىنى پۇختا ئىگەللەيدۇ . تاش ئاخۇنۇم ئالى مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا ھەرقايسى سورۇنلاردا دىنى مۇئامىلە ۋە تەپسىر (قۇرئان تەپسىرى)دە بىلىمىنىڭ كۆپلۈكى ،ناتىقلىقى بىلەن كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغانىدى .  تەپسىر بىلەن شۆھرەت قازىنىپ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ ،جۈملىدىن تاش ئاخۇنۇمغا دىنى قائىدە بويىچە«ئاخۇنۇم» ئۇنۋانى بىرىلىپ ، تاش ئاخۇن« تاش ئاخۇنۇم»دەپ ئاتىلىدۇ .شۇنىڭدىن كىيىن تاش ئاخۇنۇم بىر تەرەپتىن جامائەت سورۇنلىرىدا بولسىا ،يەنە بىر تەرەپتىن سودا بىلەن شۇغۇللىنىدۇ .كىيىنكى ۋاقىتتا سودىسى تەرەققى قىلىپ ،دەسلەپ شىمالى شىنجاڭ ،ئىلى چۆچەككە ، كىيىن ئوتتۇرا ئاسىياغا كېڭىيىدۇ . تاش ئاخۇنۇم ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋرۇپا ئەللىرىدە سودا بىلەن شۇغۇللانغاندا خەلقارا بازار ئەھۋالى ، ياۋرۇپا سانائەت كاپىتالىزىمىنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىنى كۈزەتتى .كىيىن ئۇ تولۇپ_تاشقان ئىشەنچى بىلەن ئالدىنىقىلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ شىنجاڭنى سانائەتلەشتۈرۈش شىنجاڭدا كارخانا قۇرۇشنى پىلانلاپ 1894_يىلى ئۇ ،چارروسىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۆزىنىڭ شىنجاڭدا توقۇمچىلىق فابرىكىسى قۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ ئەمما چارروسىيە ھۆكۈمىتى شىنجاڭدىكى ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلەپ ، ئۇنىڭ فابرىكا قۇرۇشىغا يول قويماي«شەرىت_شارائىت يىتىلمىدى...» دىگەننى باھانە قىلىپ ئۇنى قۇرۇق قول قايتۇردى . بۇ يىللاردا تاش ئاخۇنۇم شىنجاڭغا قايتىپ كىلىپ ،ئەينى يىللاردا چوڭ دادىسى ئابدۇرىشىت (مىراب) ئاخۇنۇم قۇرغان ئاتۇش كىچىڭزى دىگەن يەردىكى سەگەر،چوتا،ھەمزەك،شاتىۋا قاتارلىق يەرلىك گۈللۈك رەخىت ئىشلەش كارخانىسىنى كىڭەيتىپ قۇرىدۇ ۋە داۋاملىق ئوتتۇرا ئاسىيا سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ .20_ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە ، تاش ئاخۇنۇم موسكىۋادىن رىگا،لاتۋىيە،ئىتونىيە، خىلنىسكى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ، ئۇيەردىن فىنلاندىيەگە بېرىپ زاۋۇت فابرىكىلارنى زىيارەت قىلىدۇ .كىيىن بالتىق دېڭىزى ئارقىلىق ۋارشاۋاغا بېرىپ ۋارشاۋادىن بىلروسىيەگەكىلىپ ،موسكىۋا، پىتىربورىگ ئارقىلىق ۋەتەنگە قايتىدۇ . تاش ئاخۇنۇم چەتئەلنىڭ قايسى بىر يىرىگە بارمىسۇن چەت ئەلنىڭ زامانىۋىيلىشىش ئەھۋالىنى كۆرۈپ تەجرىبە ئالىدۇ .ئۇيەرلەردىن شىنجاڭدا فابرىكا قۇرۇش ئۈچۈن ياردەم قىلىپ فابرىكا ئۈسكىنىلىرىنى سېتىپ بىرىشنى تەلەپ قىلىدۇ .بىراق ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆز دۆلىتىنىنڭ سودا ۋە سانائەت مەنپەئەتىنى كۆزلەپ «قوشنا ئەللەرگە سانائەت ئەسلىھەلىرىنى سېتىپ بەرمەسلىك نىزامى» بويىچە، ئۇنىڭ سەمىمى تەلىپىنى رەت قىلىدۇ . مۇشۇنداق تۇسالغۇلار بىلەن بارغانلا جايدىن تەجرىبە ئالىدۇ ،لىكىن قۇرۇق قول قايتىپ كىلىدۇ .يەنە بىر مۇھىم ئش تاش ئاخۇنۇم بارغانلا جايدا شىنجاڭنىڭ سىياسىي،ئىقتىسادىي،ئجتىمائى،مەدەنىي ۋە باششقا جەھەتتىكى ئومۇمى ئەھۋالى ۋە ئاساسىي مىللەت بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي مەدەنىيتىقول_ھۈنەرۋەنچىلىكىنى تەشۋىق قىلىشنى ئۇنتۇمايدۇ .بۇنوقتىدىن ئۇيغۇر خەلقىنى ئالدىنقى ئەسىردە چەتكە تەشۋىق قىلغان ۋە تونۇتقان تۇنجى ئادەم تاش ئاخۇنۇم دىيىشكە بولىدۇ . تاش ئاخۇنۇم بۇقېتىم فىنلاندىيەگىچە بولغان سودا ۋە ساياھەتنى ۋە سانائەت قۇرۇش ئۈچۈن بولغان ئىزدىنىشنى تاماملاپ قايىتقاندىن كىيىن ،شىنجاڭدا ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى توقۇمچىلىق ،بوياقچىلىق، ئاق رەخىتكە گۈل بېسىش قاتارلىق كەسىپلەرنى ئىسلاھ قىلىدۇ ۋە بۇكەسىپلەرنى ئومۇملاشتۇرىدۇ . 1910-يىللار تاش ئاخۇنۇم ھەممە ئىشى گۈللەپ ياشنىغان ،سودىدا روناق تېېپىپ شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا –ئاسىيادا نام شۆھرەتكە ئىگە بولۇپ،ئاتاقلىقلار ئىچىدىكى ساناقلىقلارنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە تاش ئاخۇنۇمنىڭ بالىلىرى يىتىلىپ ياراملىق بولۇپ تەربىيەلىنىدۇ . 1910-يىلى ئۇ تەكلىپكە بىنائەن،روسىيەنىڭ نىژنى گورىت دىگەن يىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نىژنى خەلقارا سودا يەرمەنكىسىگە قاتنىشىدۇ .بىراق ،ياۋروپالىق كاپىتالىستلار ۋاقتىدا يىتىپ كەلمىگەنلىكتىن ، يەرمەنكىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۇپ ،قوشۇمچە تىجارەت قىلىش بىلەن بىرگە ئىلىم _ پەن ئۆگىنىدۇ .ئىگىرى ئۈگەنگەن ئىلمى نۇجۇم(ئاستىرنومىيە) نى زامانىۋى پەن ئىلمى ئارقىلىق تولۇقلايدۇ ۋە ئىلگىرى ئۆگەنگەن تاش ساناپ ھېسابلاش ئۇسۇلىنى چوت بىلەن ھىسابلاش ،سودىدا مانافاكتورلۇق(ھازىرقى زامان ھېسابات قائىدىسىنى ئىشلىتىش)ھېسابات ئۇسۇلىنى قوللىنىشنى ئۆگىنىدۇ. بۇ مەزگىلدە ئۇ يەنى روسىيەدە ئېقىپ يۈرگەن سەرەڭگە خوجايىنى ياكوۋ دىگەن بىر ئەرمەن بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن توختام تۈزۇپ سەرەڭگە زاۋۇتىنى شىنجاڭغا ئېلىپ كىلىپ ،يەكەندە سەرەڭگە زاۋۇتى قۇرىدۇ .بۇ كۇنلەردە تاش ئاخۇنۇمغا ھەقىقەتەن ئامەت كەلگەن بولۇپ ،«توپا ئالسا ئالتۇن كۈل ئالسا كۆمۈش بولىدۇ »، يەنى ھەممە ئىشىدا پايدا كۆرىلىدۇ. بۇ جوڭىۇا مىنگۇو قۇرۇلۇپ ياڭ زىڭشىن تەخىتكە چىققان ،يەنى مىنگۇونىڭ 3-يىلى ئىدى .بۇچاغدا پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى قالايمىقان بولۇپ ،ئىگىلىكى ۋەيران بولغان چاغ ئىدى . ياڭ زىڭشىن چىقارغان ئۈرۈمچى پۇلىنى پەقەت ئۈرۈمچىدىلا ، قەشقەر پۇلىنى قەشقەردىلا خەجلەشكىلا بولاتتى . ئىگىلىك خارابلىشىپ ،يۇرىت خانۇ-ۋەيران بولغان مۇشۇنداق مۇھىتتا قەشقەرنىڭ دوتىيى جۇ (ئامبال) تاش ئاخۇنۇمنىڭ قەشقەر پۇل مۇئامىلىسىنى تەرتىپكە سېلىشقا ياردەم بېرىشكەتەكلىپ قىلىدۇ. نۆۋەتتە تاش ئاخۇنۇم ئىقتىسات ئاجرىتىپ تەڭگە(كۆمۈش) پۇل قۇيۇش ئارقىلىق قەشقەردىكى پۇل پاخاللىقىنى ياخشىلاش مەخسىتىدە ، %20ئامبال دەسمايىسى  %80تاش ئاخۇنۇم دەسمايىسى بىلەن تەڭگە زاۋۇتى قۇرۇ پ پايدىنىڭ %25ئامبالنىڭ ،%75تاش ئاخۇنۇمنىڭ قىلىپ ئالىدىغان بولىدۇ ۋە ھۆكۈمەت نازارىتى ئۈچۈ ن تەڭگە دوتەي يامۇلىدا قۇيۇلىدۇ .بۇنىڭدىكى مەقسەت تاش ئاخۇنۇم تەڭگە زاۋۇتى قۇرۇلغاندىن كىيىن ،ئاتۇش دىيارىغا بىر زامانىۋى دىھقانچىلىق ،ئورمانچىلىق،باغۋەنچىلىك مەيدانى قۇرۇشنى پىلانلىغان ۋە قەشقەر دوتىيىنىڭ رۇقسىتى بىلەن كاتايلاق دىگەن يەرنى دىھقانچىلىق ،باغۋەنچىلىك مەيدانى قۇرۇپ چىقماقچى بولىدۇ . كىيىن تاش ئاخۇنۇم سەرەڭگە، تەڭگە زاۋۇتىلىرىدا زىيان تارتىپ ۋەيران بولىدۇ .بۇ يىللاردا تاشئاخۇنۇمنىڭ نەجمىدىن ،ھىلالىدىن دىگەن ئوغۇللىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىن غۇلجىغا قايتىپ كەلگەن بولۇپ ،ئۇ يەردە پىلە بېقىپ ،مەشۇت چىقىرىدۇ ۋە باغ بىنا قىلىدۇ . تاش ئاخۇنۇم ئەڭ ئاخىرىدا غۇلجىغا ئوغۇللىرىنىڭ يېنىغا چىقىپ ،ئۇلارنىڭ ئىشىغا يىتەكچىلىك قىلىدۇ 1928-يىلى 73يېشىدا غۇلجىدا ۋاپات بولىدۇ .



مۇھەممەتجان ھاجى


مۇھەممەتجان ھاجى 1907-يىلى قەشقەر يۇپۇرغا ناھىيىسىنىڭ يەكشەنبە بازار يېزىسىدا بوياقچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تاجى ھاجىم ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ۋە دىنى مەكتەپتە ئوقۇغان.

1917-يىلىدىن باشلاپ دادىسىدىن بوياقچىلىق ۋە گۈل بېسىش كەسپىنى ئۆگىنىپ 1925-يىلىدىن باشلاپ دۇكان ئايرىپ مۇستەقىل تىجارەت قىلغان. كېيىن تىجارىتى بارغانچە روناق تېپىپ نەچچە ئون نىمكار ئىشلىتىپ ھەر خىل بويالغان ۋە گۈل بېسىلغان سەگەز، شاتىۋا، ھەمزەك قاتارلىقلاردىن ھەر ھەپتىدە نەچچە ئونمىڭ توپ بازارغا سېلىپ قەشقەردىكى داڭلىق كاسىپلاردىن بولۇپ قالىدۇ.

1933-يىلى قەشقەردىكى ئىزچىلار ھەركىتى پىدائىلىرى ئىئانە توپلاپ كەلگەندە مۇھەممەتجان ھاجى ئون يۈرۈش كىيىم ئىئانە قىلىدۇ ، پىدائىلار جىق ئالماقچى بولغاندا يۇرت چوڭلىرى كىشىنىڭ ھەققى يامان، بۇ كىشى رازى بولۇپ بەرگەننى ئېلىش كېرەك رازىلىقسىز تارتىۋېلىنسا قىيامەتتە ھۆددىسىدىن چىقالمايسىلەر دەپ، مۇھەممەت ھاجىمنىڭ ئىگىلىگىنى ساقلاپ قالىدۇ.

1936-يىلى قەشقەردە خۇسۇسى سودىگەرلەر قۇرغان سوۋېت ئىتىپاقى بىلەن سودا قىلىدىغان تېنچلىق سودا شىركىتىگە پايچىك بولىدۇ ۋە سودىدىكى تەدبىرلىرى بىلەن ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشىپ شىركەتنىڭ مۇئاۋىن دىرىكتورى بولىدۇ. بۇ مەزگىلدە سوۋېت ئىتىپاقى ۋە پاكىستاندىن مال كىرگۈزۈش -چىقىرىش ۋاستىسى بىلەن شىركەتنى كۆپ پايدىغا ئېرىشتۈرۈپ شىركەت ئىناۋىتىنى كۆتىرىدۇ. 1938-يىلى شېڭشىسەي ياپونغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا ياردەم بېرىش چاقىرىغىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا 25مىڭ سەر كۆمۈش ئىئانە قىلىدۇ. ھەر يىلى 12-ئاپرىل شېڭشىسەينى تەبرىكلەش يىغىنىغا ئۆز پۇلىغا مەكتەپ پورمىسى تىكتۈرۈپ ئوقۇغۇچىلارغا كىيدۈرۈپ ، ماشىنىسى بىلەن قەشقەرگە ئېلىپ بېرىپ بايرامغا قاتناشتۇرۇشنى 1943-يىلىغىچە داۋام قىلىدۇ.

1943-يىلى تېنچلىق شىركىتىنىڭ مال-مالكى شېڭشىسەي تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىنىپ تاقىلىپ قالىدۇ. مۇھەممەتجان ھاجى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئۆتۈپ كېتىپ تىجارەت قىلغاچ ھەجگە كېتىدۇ. يېڭى جوڭگۇ قۇرۇلۇش ھارپىسىدا ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ يېڭى ھاكىمىيەتنى ھىمايە قىلىدۇ. 1951-يىلى ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولۇپ قاتنىشىدۇ ۋە ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇپ چاۋشەنگە ياردەم بېرىش ھەركىتىگە ئاۋاز قوشۇپ 1مىلىيۇن400مىڭ خەلق پۇلى ياردەم قىلىدۇ. پىدائىلاردىن ھال سوراش ئۆمىكىگە 110مىليۇن ئۆلكە پۇلى ياردەم قىلىدۇ.چاقىرىققا ئاۋاز قوشۇپ 102 سەر ئالتۇنغا دۆلەت زايومىدىن سېتىۋالىدۇ. مۇھەممەتجان ھاجى يۇقارقى تۆھپىلىرى بىلەن ئاپتونۇم رايونلۇق سودا سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مەملىكەتلىك سودا سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ھەيئىتى بولۇپ سايلىنىدۇ. 1956-يىلى قەشقەر شەھرىگە مۇئاۋىن باشلىق بولغاندا ئۆز نامىدىن ئون مىليۇن يۈەنلىك، قايتا قۇرۇلغان تېنچلىق شىركىتى نامىدىن ئوتتۇز مىلىيۇن يۈەنلىك دۆلەت زايومى سېتىۋالىدۇ. 1959-يىلى سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىش ھەركىتى ئېلىپ بېرىلغاندا قايتا قۇرۇلغان تېنچلىق شىركىتى ۋە مۇھەممەتجان ھاجىمنىڭ بارلىق مۈلكى ھۆكۈمەت ئىگىلىگىدىكى سودا كوپىراتىپقا پاي قىلپ قوشۇلىدۇ. شۇ يىلى مەملىكەتلىك سودا سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ يىغىنىدا مۇھەممەتجان ھاجى نەق ساقلىنىۋاتقان 107سەر ئالتۇن، 64دانە ئون سوملۇق تىللا قاتارلىق مۈلكىنى ۋە قەشقەردىكى 800كۇۋادىرات مېتىرلىق ئىسىل ئۆي جايىنى دۆلەت سودا سانائەت ئورۇنلىرىنىڭ ئىشلىتىشىگە تەقدىم قىلىدۇ. مۇھەممەتجان ھاجى
1962-يىلى ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قەشقەر گۇرۇپپىسىدا پىكىر قىلىۋېتىپ تۇيۇقسىز مېڭىسىگە قان چۈشۈپ55يېشىدا جان ئۈزىدۇ.

ئابدۇقەييۇم مۇساباي


ئابدۇقەييۇم مۇساباي باۋدۇنباينىڭ 2‏-ئوغلى. ئۇ،1917‏-يىلى قەشقەر ئۈستۈن ئاتۇشنىڭ ئىكساق كەنتىدە تۇغۇلىدۇ.1926 ‏-يىلىغىچە ئىكساق باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئۇقۇيدۇ.1927 ‏-يىلىدىن 1931-يىلىغىچە تۈركىيە ئىستانبۇلدا تۈرك، نېمىس فرانسۇزلاردىن خۇرۇم ئىشلەش، تېرە تىلىش(بىر پارچە تېرىنى بەش-ئالتە پارچە قىلىپ نېپىز تىلىش)، بوياش قاتارلىق تېرە پىششىقلاش تېخنىكىسىنى ئۈگىنىدۇ. 1931-يىلى غۇلجىدىكى جەمەتىنىڭ تېرە زاۋۇتىغا كېلىپ يەنە داۋاملىق بوۋىسى ئېلىپ كەلگەن غۇلجىدىكى مۇھاجىر نېمىسلاردىن تېخنىكا ۋە تىل ئۆگىنىدۇ.

1935-يىلىدىن 1944-يىلىغىچە ئىلى تېرە زاۋۇتىدا زاپخوز، سودا بۆلۈم باشلىقى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1944-يىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا قاتنىشىپ پولكوۋنىك ۋە ۋىلايەتلىك خارجى ئىشلار باج مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1946-يىلىدىن 1954-يىلىغىچە جەمەتىنىڭ ئىگىلىكىگە ۋارىسلىق قىلىپ تېرە زاۋۇتىغا باشلىق بولىدۇ. 1954-يىلى تېرە زاۋۇتى كوپىراتسىيە ھەركىتىگە قوشۇۋېتىلىدۇ. ئابدۇقەييۇم مۇساباي لىچۈن سانائەت شىركىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمىگە باشلىق بولىدۇ.1955-يىلىدىن 1957-يىلىغىچە ئۈرۈمچى سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىدە مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، 1957-يىلىغىچە ئىلى تېرە زاۋۇتى)ئەسلىدىكى مۇسابايلارنىڭ تېرە زاۋۇتى(ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلەيدۇ.

1958-يىلى خاتا ھالدا ئوڭچى دەپ ئەيىپلىنىپ مال-مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىپ تۆت يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. 1962-يىلى 6-ئايدا تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن 1978-يىلىغىچە غۇلجىدا مەدىكارچىلىق قىلىپ جان باقىدۇ.

1978 -يىلى سىياسەت ئەمىلىلىشىپ، پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا قايتىدىن تېرە زاۋۇتىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ ۋە ئىلى ئوبلاستلىق سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ئەزاسى، سودا سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى بولىدۇ.1980-يىلى ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىپ كېلىدۇ ۋە 1988-يىلىغىچە ئاپتونۇم رايونلۇق سىياسى مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولىدۇ.

ئابدۇقەييۇم مۇساباي تۇنجى ئەۋلاد يېتۈك كەسپى خادىم بولۇپلا قالماي، تۈرك، نېمىس، رۇس تىللىرىنى پىششىق بىلىدىغان زىيالى ئىدى.ئۇ بىر مەزگىل مۇناسىۋەتلىك تېخنىكا ماتېرىياللىرى ۋە ئىدارە-جەمىيەتنىڭ رۇسچە -نېمىسچە ماتېرىياللىرىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغاندىن تاشقىرى،1985-يىلى "گۆر ئوغلى" دىگەن تۈركچە ئەدەبى روماننى تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇرىدۇ.

ئابدۇقەييۇم مۇساباي 1988-يىلى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى 71يېشىدا ئۈرۈمچىدە ۋاپات بولىدۇ.


شىرىپ خۇشتار «شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخسلەر»

----كىتابخۇمار----

9

تېما

76

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.55%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1363
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1035
تۆھپە : 3830
توردىكى ۋاقتى: 743
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-26 00:36:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ رەھمەت ...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

5

تېما

1

دوست

7251

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   45.02%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11972
يازما سانى: 631
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 616
تۆھپە : 1768
توردىكى ۋاقتى: 332
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-11
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-26 02:01:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كونا جەمىيەتتىكى بايلارمۇ ئىسىل كىشىلەر ئىكەنغۇ؟؟؟ ھېلىقى ئانارخان فىلىمىدىكى باي غوجامغا زادىلا ئوخشىمايدىكەن.

2

تېما

37

دوست

5016

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   0.32%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3167
يازما سانى: 308
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 26
تۆھپە : 1577
توردىكى ۋاقتى: 329
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-26 05:13:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
isyankarman يوللىغان ۋاقتى  2014-11-26 02:01
كونا جەمىيەتتىكى بايلارمۇ ئىسىل كىشىلەر ئىكەنغۇ؟؟؟ ھې ...

ئۇلار دېگەن ساختا بايلار....

0

تېما

0

دوست

650

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   30%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31239
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 202
توردىكى ۋاقتى: 40
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-26 11:32:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەتجان ھاجى ئەڭ ياخشى ساخاۋەتچىىكەن.

0

تېما

0

دوست

650

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   30%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31239
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 202
توردىكى ۋاقتى: 40
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-26
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-26 11:33:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەتجان ھاجى ئەڭ ياخشى ساخاۋەتچىىكەن.

0

تېما

0

دوست

136

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   45.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31471
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 44
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-1
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-26 11:34:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abdulquddus يوللىغان ۋاقتى  2014-11-26 05:13
ئۇلار دېگەن ساختا بايلار....

قەدىمدىن ھازىرغىچە سودىگەرلەرنىڭ سودا قىلىشىدىكى ئاساسلىق مۇدداسى پۇل تېپىش ياكى تاپقان پۇلى ئارقىلىق تېخىمۇ چوڭ ھوقوق - ئىمتىيازلارغا ئېرىشىش بولۇپ كەلگەن لېكىن ئۇيغۇ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى تۇرپاندىكى مويتىلار جەمەتى ئاتۇشتىكى مۇسابويۇفلار جەمەتى قاتارلىق بىر قانچە جەمەت سودىنى پۇل تېپىش ئۈچۈن قىلمىغان .ئۇلارنىڭ سودا پائالىيەتلىرنىڭ مەقسىتى ۋەتەننىڭ ، مىللەتنىڭ ئازاتلىق ئىشلىرى ، ئاقارتىش ئىشلىرى ئۈچۈن بولغان . ئۇلار سودىدا غايەت زور زىيان تارتىشقا رازى لېكىن ئۇلۇغۋار مەقسەتلىردىن كەچمىگەن .تاپقان پۇللىرنى راھەت - پاراغەتكە ئەمەس ، ۋەتەن ، مىللەتنىڭ خەيرىلىك ئىشلىرىغا ئىشلەتكەن .

13

تېما

4

دوست

2857

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   28.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  7250
يازما سانى: 162
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 336
تۆھپە : 675
توردىكى ۋاقتى: 63
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-26 13:05:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   «ئانارخان» فىلىمىدە تەسۋىرلەنگەن بايلار شۇ چاغدىكى ھۆكۈمەتكە تايىنىپ بېيىغان، شۇلارنىڭ سىزىقىدىن چىقمايدىغانلار، شۇڭا ئۇلار بىلەن ھەقىقىي تىجارەت بىلەن بېيىغانلارنى قانداقمۇ ئوخشاتقىلى بولسۇن؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )