قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1259|ئىنكاس: 5

ئازغۇن ماقالە (فليەتۇن)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

0

دوست

1032

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   3.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31172
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 20
تۆھپە : 324
توردىكى ۋاقتى: 92
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-25 22:52:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئازغۇن ماقالە
فليەتۇن
ئابدۇنىيا ئىمىن



      بىر نەچچە ماقالەمنى يوللسىام بىر يىلغىچە قۇدۇققا چۈشكەن تاشتەك ئۈن-تنسىز يۇقاپ كېتىپ، مېنىڭ ماقالەمنىڭ ئېلىپ تاشلىۋەتكەن تىرنىقىغا تەڭ كەلمەيدىغان ماقالىلەر كەينى-كەينىدىن ئېلان قىلنىۋەرگەندىن كېيىن ئاخىرى ئاچچىقىمغا چىدىماي «تەھرىر بۆلۈم دېگەن زادى قانداق يەردۇ؟» دەپ ئويلاپ، ئۆزەمگە ئەڭ يارىغان بىر پارچە ماقالەمنى ئېلىپ ژورنال تەھرىر بۆلۈمىگە چاپتىم.
كوچا ئاپتوبۇسىغا ئولتۇرۇپ، باشقىلاردىن سۈرۈشتۈرۈپ دېگەندەك تەھرىر بۆلۈمىنى ئاخىرى تېپىپ كىردىم. تولا مەجبۇرى ھىجايغىنىدىنمۇ ئىشقىلىپ يېشىغا ماس بولمىغان قورۇقلار يۈزىگە ئىز سالغان بىر ئاكىمىزغا ئەدەب بىلەن سالام قىلىپ، ئۆزەمنى ئۇنىڭغا تۇنۇشتۇرغاندىن كېيىن،كېلىش سەۋبىنى ئېيتتم.

......
____نىم ماقالە؟
ماقالەمنى ئىككى قوللاپ ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بەردىم،  ئۇ كۆزگە ئىلماسلىق نەزىرى بىلەن كۆز ئەينىكى ئۈستىدىن ماڭا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن، خوشياقمىغاندەك
ئۆرۈپ-چۆرۈپ كۆز يۈگۈرتىشكە باشلىدى.
____ بۇ نەقىللەر نېمانداق جىق، سىز ئۆزىڭىزنىڭ گېپى نېمانداق ئاز ؟
____ شۇ ئىلمىي ماقالە بولغاندىكىن...
____ ئىلمىي ماقالە دەڭ،____، دېدى ئۇ ئاغزىنىڭ بىر تەرىپىدە ھىجىيىپ،____پىكىرىمۇ بەك ئاددىيكەن.
تاكاللىشىنىڭ ئۆزۈمگە پايدىسىز ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئامالىسىز تىرناق تاتلاپ بىچارە قىياپەتكە كىردىم.
____ ھە بولدى، سىز قايتىپ تۇرۇڭ،ياراپ قالسا بىز سىزگە ئالتە ئاي ئىچىدە تېلفۇن قىلىمىز.
____ بولىدۇ ئاكا،سىزنى ئاۋارە قىلدىم.
يەنە شۇنداق ساقلىدىم.ئاشۇنداق ساقلاپ ئالتە ئايدىن يەنە بىر يېرىمى ئۆتۈپ كەتتى،خەۋەر يوق.ئاخىرى بىر كۈن چىدىماي ماقالەمنىڭ نەقىللىرىنى قىرقىش ئۈچۈن قولتۇقۇمغا قىسىپ سىنىپقاماڭسام، ئالدىنقى مەۋسۈمدە دەرس بەرگەن بىر ئۇقۇتقۇچى ئۇچىراپ قالدى.
____ نېمە ئۇ؟مەن بۇ ئۇزاق جەرياننى سۆزلەپ ئاخىرىدا ئۇنى ئۆزگەرتىشكە ماڭغانلىقىمنى ئېيتىپ، ماقالىنى ئۇنىڭغا تەڭلىدىم. ئۇ ماقالىنىڭ باشلىرىغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتكەندىن كېيىن چىرايى ئېچىلىپ:
____ ماقالەڭ بولدىكەن،بولدى ماڭا بەر، مېنىڭ چۈشتىن كېيىن شۇ تەرەپكە ئۆتىدىغان ئىشىم بار ئىدى، مەن ئاپىرىپ باقاي___ دېدى ماقالەمنى سومكىسىغا جايلاشتۇرۇپ.
مېنىڭمۇ ئۆزگەرتىشكە كۆزۈم قىيماي تۇرغاندا بۇ گەپ ياغدەك خوش ياقتى.

شۇنىڭ بىلەن ژورنالنىڭ كېيىنكى سانىنى تەقەززالىق بىلەن ساقلاشقا باشلىدىم.
كىتابخانا ئارىلاپ يۈرگەن كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە ئۇ ژورنالنىڭ يېڭى سانىنىمۇ ئۇچراتتىم. ئۈمد، ئىشەنچ بىلەن ژورنالنى ۋاراقلىدىم، دەرۋەقە ماقالەم ئەدەبىياتقا ئائىت سەھىپىنىڭ بىرىنچى ئۇرۇندا تۇراتتى. بىراق، ئىسىم ۋە خىزمەت ئورنى دېگەن يەرلەردە خۇددى ئالمىشىپ قالغاندەك مېنىڭ ئىسمىمنىڭ ئورنىغا ھېلىقى ئوقۇتقۇچىمىزنڭكى يېزىلغاندىن باشقا، نەقللەر يەنە شۇ «جىق» پېتى، پىكىرلەر يەنە شۇنداق «ئاددىي» پېتى ئۆزگەرمەي تۇراتتى.

19

تېما

2

دوست

4545

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   84.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6824
يازما سانى: 168
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 290
تۆھپە : 1254
توردىكى ۋاقتى: 214
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-26 17:52:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق ئىشلار جىق مېنىڭ تەرجىمە قىلغان نەرسىلىرىم ‹بىلىم-كۈچ› ژرورنىلىدا باشقىلارنىڭ نامىدا پەيدا بولغاندا سىزدەك ھەيران قالمىغانتىم.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

1

دوست

1863

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   86.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28636
يازما سانى: 154
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 554
توردىكى ۋاقتى: 81
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-26 21:10:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي توۋا .

11

تېما

3

دوست

2210

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15618
يازما سانى: 163
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 672
توردىكى ۋاقتى: 178
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-26 22:45:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇڭا يازمىلىرىنى توردا  ئېلان قىلدۇرۇش ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ئوخشايدۇ.....

0

تېما

1

دوست

2075

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22168
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 616
توردىكى ۋاقتى: 71
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-26 22:45:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا بۇنى ئۇستازنىڭ شاگىرتىقا كوينىشى دەيمىز

10

تېما

0

دوست

1032

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   3.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31172
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 20
تۆھپە : 324
توردىكى ۋاقتى: 92
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-27 09:37:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bezlar يوللىغان ۋاقتى  2014-11-26 22:45
مانا بۇنى ئۇستازنىڭ شاگىرتىقا كوينىشى دەيمىز

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )