- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 71018
- نادىر
- 7
- يازما
- 3183
ئۆسۈش
0%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tohotur تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-27 13:26
سىز تەكەخاننى ئوبدان بىلىمىز بىز نىمىگە چىرايىڭىز بىئارام ،شانىياز بايامقى ئاخىرقى دۇئادا ئاتا ئانىسىنىلا تىلغا ئېلىپ قېيىن ئاتا قېيىن ئانىسننى تىلغا ئالمىغانلىقى ئۇچۇن تەكەخاننىڭ نارازى بولغانلىقىنى ئېنىق ھىس قىلدى .-سىز دەپ گەپ باشلىدى تەكەخان دائىم موشۇنداق قىلىسىز ،ئىككى تەرەپكە ئوخشاش قارىمايسىز؟ --ۋاي نىمە دەيدىغانسەن ئەمدى ، ئىدارىدىن تارقاتقان نەرسىلەردىن ئىككى تەرەپكە ئوخشاش ئاپىرىمىزغۇ ، ھېيت ئايەم ، خاتىرە كۇنلەردە ئازبولسىمۇ سوغا سالاملار ئوخشاش مېڭىۋاتىدىغۇ ، ئىككى چوڭ ئۆيگە ، ئۇدىگەن ماددى نەرسىلەر ئوخشاش ماڭسىلا ھىساپ ئەمەس ، دۇئا تىلەك ئارزۇ ئارمان دىگەندەك مەنىۋى جەھەتتىكى كۆڭۇل بۆلۇشمۇ ئوخشاش بولۇشى كېرەك ئىدى .
-راستىنى دىسەم خاتۇن ، موشۇ دۇئا دىگەن قەلىپتىن چىقىدىغان نەرسە بولغاچقا سېنىڭ ئاتا ئاناڭنىڭ تېىنى ئەزەلدىنلا سالامەت بولغاچقا ئازراق ئۇنتۇلۇپ قالدىغان ئوخشايدۇ . بۇنداق دۇئا تىلەكنى ئىككى تەرەپكە ئوخشاش قىلىمەن دىگىلى بولمايدىكەن . ھەممىمىز دۇئانى ئايرىم ئۆزىمىز قانداق قىلغۇمىز كەلسە شۇنداق قىلايلى . ئەگەر ماڭا بىرەر دۇئا قىلدۇرىمەن دىسەڭ ئىككى موللۇق نان قويۇپ ئاتا ئانامغا بۇۋام مومامغا دۇگا قىل دىسەڭ بولىدۇ قومۇلدىكى كونا ئورۇپ ئادەت بويىچە . ئىككى موللۇق نان تاپالمىساڭ ياخشى بىر ياپما قىلساڭمۇ بولۇدۇ ، ئاندىن سېنىڭ تەلۋىڭ بويىچە ھاياتلارۋە ماماتلارنىڭ خاتىرجەم ئامانلىقى ئىشلىرىنىڭ ئاسانلىقى ئۇچۇن دۇئادا بولساممۇ بولىدۇ . -پۇتۇن سۇرۇك قىزىنى قوش قوللاپ بەرگەن ئاتا ئانامغا بىرەر قېتىم دۇگا قىلىپ قويساڭىز نىمە بولىدۇ. توۋۋا ماۋۇ ئەدەمنى دىگىنىچە تەكەخان كۆزىگە كەلگەن غىللىدە ياشنى سۇرتكەن بولدى . توۋۋا ئۆزەمنىڭ ئېرى تۇرۇپ دۇئا ئۇچۇن ھەق تەلەپ قىلۋاتقىنىنى توۋۋا ماۋۇ قومۇلدا ئىنساپ دىگەن نەرسە قالدىمۇ يوق ؟
شانىياز مىيغىدا كۇلۇپ قويدى .ئامىن رەببىل ئالەمىن .قېيىن ئاتا قېيىن ئانامنىڭ تەنلىرىنى سالامەت قىلغىن ،ئامىن ئاللاھۇ ئەكبەر . -راستىڭىزنى ئېيتىڭا شانىياز ، مېنىڭ دادام ئاپامغا سالامەتلىك تىلەشتە يەنە بىرە غەرىزىڭىز بارمۇ قانداق دىدى تەكەخان بىلىنەر بىلىنمەس چوڭلاۋاتقان قۇرسىقىنى ئىما قىلغاچ . -يوغسۇ يوغسۇ چىن قەلبىمىزدىن چىقىرىپ ئامانلىق تىلەۋاتىمەنغۇ مانا . ۋاي ئەمدى سەت تۇرار ئۆزىمىزمۇ بالا بېقىشقا ئازماز قولىمىز كەپ قالدىغۇ ، |
|