كىتابقىلا دۈم چۈشكەن مائارىپ ھەقىقىي مائارىپ ئەمەس.
مائارىپ - ئەسلىي ماھىيەتتىن ئېيىتقاندا ، تەبىئىي ئادەمنى ئىجتىمائىي ئادەمگە ئايلاندۇرىدىغان جەريان . شۇنداق بولغان ئىكەن ، ئىجتىمائىيلاشمىغان ، ئەمەلىيلەشمىگەن،جەمئىيەتكە يۈزلەنمىگەن مائارىپنى مائارىپ دېگىلى بولمايدۇ .
ھازىرقى مائارىپتا مۇشۇ ئۆلۈك مائارىپنىڭ ئىزنالىرىنى كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدۇ . يەنى ، مەكتەپتە ياخشى ئوقۇغان ئىستۇدېنت بىلەن باشلانغۇچ ياكى تولۇقسىزنى پۈتكۈزۈپلا جەمئىيەتكە چىققان بىر «قۇلاق كەستى» نىڭ كېيىنكى كۈنلەردە ئۇستازىغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرسەك ، ياخشى ئوقۇغان سىتودېنتنىڭ ئۆزىنىمۇ ، سۆزىنىمۇ كۆرگىلى ، ئاڭلىغىلى بولمايدىغان ، ئۇستازىنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتۈپ كېتىدىغان ؛ «قۇلاق كەستى» ئوقۇغۇچىنىڭ بولسا ، ئۇستازىنى كۆرسە سالام قىلىپ ، ئۇدۇل كېلىپ قالسا مېھمان قىلىپ يولغا سالىدىغان ئەھۋالنى ئۇچرىتىمىز . شۇڭىمۇ ئوقۇتقۇچىلىرىمىز : «ياخشى ئوقۇغانلارغا قارغاندا ناچار ئوقۇغانلارنىڭ ئادەمىيگەرچىلىكى كۈچلۈك ، ياخشى ئوقۇغانلار كىتابىي بىلىم بىلەنلا شۇغۇللىنىپ ، جەمئىيەتكە ئارىلاشمىغاچقا ، قائىدد-يوسۇننى بىلمەيدۇ» دەيدۇ . دىھقانلارمۇ «ھازىرقى مائارىپ بالىلارغا نېمە ئۆگىتىدىغاندۇ ؟! چوپچوڭلا بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى تۇرۇپ ، ئادەمگە سالام قىلماي ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇدۇق دەپ ، ياۋايى بولۇپ قاپتۇ ، بۇ بالىلار .....»دېگەندەك گەپلەرنى قىلىدۇ . مەن بىر يىللىق تەربىيەلىنىشكە بارغان ئىچكىرىدىكى مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپتىمۇ يۇرتىمىزدىن بارغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سالىمىنى خېلى تاما قىلىپ باقتىم ، لېكىن مېنىڭ كۆرگىنىم ، ئۇدۇلمۇئۇدۇل ئۇچرىشىپ قالسىمۇ ، يەرگە قاراپ ئۆتۈپ كېتىش بولدى . شۇڭا مەنمۇ سالام قىلىشتا تەشەببۇسكار بولالمىدىم . جەمئىيەتنى يەنە تەكشۈرۈپ باقساق، بىزنىڭ ئەزەلدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئاتا-ئانىنىڭ ئالدىدىن توغرا ئۆتمەسلىك ، ئۇلارنى ھۆرمەت قىلىش يوسۇنىمىزنى بۇزۇپ ، ئۆزىنىڭ بىلىمىنى ئاتا-ئانىسىغا گەپ ياندۇرۇشقا ، ئۇلارنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاشقا ئىىشلىتىدىغان ئىستۇدېنتلىرىمىزنى ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگۈچە ۋە ياتلىق بولغىچە تاماق ئېتىشنى ئۆگەنمىگەن قىز ئىستۇدېنتلىرىمىزنى ئۇچرىتىمىز . ئەسلىدە قىزلار 11 - 12 ياشلاردا تاماق ئېتىشنى ئۆگىنىپ بولۇشى، چىۋەر، ئىشچان قىزلاردىن بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى ئائىلە مائارىپىمىزنىڭ ، جۈملىدىن ، بىزنىڭ قائىدە - يوسۇنلىرىمىزنىڭ جەۋھىرى ئىدى . لېكىن بۇنداق ئائىلە مائارىپى مەكتەپتىكى كىتابى مائارىپقا بويسۇنۇپ « بالىلارنى ئۆي ئىشىغا سالسا ، ياخشى ئوقۇيالمايدۇ.» دېگەن بىمەنە پەلسەپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ . ياخشى ئوقۇپ ئىلىم-پەندە ۋايىغا يەتتىمىكىن دېسەك، بەش يىل ئالىي مەكتەپتە فىزىكا كەسپىدە ئوقۇپ ، ئائىلىسىدىكى ئۈزۈلۈپ كەتكەن توك سىمىنى ئۇلىيالمايۋاتقان ، تىل-ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇپ ، بىر پارچە ماقالىنى قاملاشتۇرۇپ يازالمايۋاتقانلارنى قەدەمدە بىر ئۇچرىتىپ تۇرىمىز . بىز بۇ يەردە ئالىي مەكتەپتە ئۆگەنگىنىنى جەمئىيەتتە ئىشلىتىپ كۆزگە كۆرۈنۈۋاتقان ، مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەۋاتقان ياشلىرىمىزنى ھەرگىزمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمايمىز.
كىتابقىلا دۈم چۈشكەن مائارىپ ھەقىقىي مائارىپ ئەمەس . شۇڭا ، پەرزەنتلىرىنى كادىر قىلىش ياكى ئالىم قىلىش ئۈچۈن ئوقۇتىدىغان ئاتا-ئانىلار ئەمدىلىكتە ھازىرقى جەمئىيەتكە قاراپ ، ئۆزىگە ۋاپادار ، ئىنسابى بار بالا قىلىش ئۈچۈن ئوقۇتۇش خىيالىنى قىلىۋاتىدۇ. شۇڭا .مائارىپىمىز ئەدەپ-ئەخلاقتىن ، ئېسىل قائىدە-يوسۇنلىرىمىز چەتتە قالمىسۇن .