بىز " بىلىنگەن ھەر ئىلىم بىر بارلىق، ھەر بارلىق بىر ئىلىمدۇر"دېگەنىدۇق. يەنى شەيئىلەر ھەققىدە ئېرىشكەن بىلىملىرىمىز بىزنى ئۆزگەرتىدۇ ھەمدە ھەر بىر ئۆزگىرىش بىزنى تېخىمۇ ئوخشىمىغان بىلىملەرگە ئىگە قىلىدۇ. بۇ مۇشۇنداق داۋاملىشىدۇ. بىرنەرسىنى توغرا بىلىش ئۈچۈن ئۇنى ھەر تەرەپتىن كۆزەتسەك ئاندىن توغرىلىققا يېقىنلىشالايمىز. ئۇ ھالدا پەرقلەر، ئوخشىماسلىقلار بىلىم قىزغىنلىقىنى ئاشۇرىدىغان ئامىللاردۇر. تىل بىلىم ئېلىش ۋە بىلگەنلىرىمىزنى ئىپادىلەشنىڭ قورالىدۇر، بىر تىلدا قانچىلىك كۆپ سۆز قوللىنىلسا شەيئى ۋە ئۇقۇملارنىڭ زىل، ئىنچىكە پەرقى شۇنچە روشەن ئىپادىلىنىدۇ. بۇجەھەتتىن ئېيتقاندا، ھەر قانداق تىلدا بىر-بىرىگە تامامەن ئوخشايدىغان ئىككى سۆزنى تاپقىلى بولمايدۇ، دېيىشكە بولىدۇ. شادلىق بىلەن خۇشاللىق ئارىسىدا ئىنچىكە پەرقلەربار. بۇلارنىڭ بىرسى كۇپايە، قالغىنىنى لۇغەتتىن چىقىرىۋېتەيلى دېمەك، بۇ سۆزلەرنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇقۇمىنى، گۈزەللىكىنى يوق قىلايلى دېمەكتۇر. شادلاندىم دېسەك تەبىئىي، گۈزەل ئاڭلىنىدۇ، خۇشاللاندىم دېسەك، قۇلاققا سەل غەيرى ئاڭلىنىدۇ. تىللاريەنە ئويلىنىش ۋاسىتىسىدۇر. چۈنكى ئويلاشمۇ بىر خىل سۆزلەشتۇر. ئويلىنىۋاتقان ئىنسان ئەسلىدە خىيالىدىكى بىر شەخسكە ياكى ئۆزىگە گەپ قىلىۋاتقان بولىدۇ. ئوي-پىكىرنىڭ چوڭقۇرلۇقى ئۇنى ئىپادىلەشتە قوللىنىلىدىغان سۆزلەر بىلەن ئۆلچىنىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، بۈگۈنكى تۈركچە بىلەن پەلسەپە ياكى جەمئىيەتشۇناسلىقنى تەتقىق قىلغىلى بولمايدۇ دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلايمىز. ھەمدە بۇ سەۋەبتىن، ئابستراكىت ئۇقۇملار ھەققىدە باشقىلاردىن قوبۇل قىلغان سۆزلىرىمىز بىزنىڭ ئوي-پىكىرلىرىمىزگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ھەم ئۇنى چەكلەپ قويىدۇ. ئەسلىدە ئۇنداق بولمىغان ئۇقۇملارنى ئۇلار شۇنداق چۈشەندى دەپلا ئاشۇنداق پىكىر قىلىشقا باشلايمىز-دە، بۇنىڭ بىلەن ئۆزىمىزنى چۈشەپ قويىمىز. مىللەت،رايون، زامان پەرقلىرى ئوخشىمىغان بىلىملەرنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ ئەھۋال بىلىمئېلىشتا مۇتلەق بىر قېلىپ بار دېگەننى بىلدۈرمەيدۇ. بەلكى، بىلمەكچى بولغان نەرسىنىڭ ھەر خىل ئالاھىدىلىكلىرىنى بىلىش ۋە ئۇنى ھەقىقىي تونۇش دېگەننى بىلدۈرىدۇ. " ئى رەببىم، بىزگە شەيئىلەرنى توغرا بىلدۈرگىن" دېگەن دۇئانىڭ مەنىسى چوڭقۇر. يەرشارىلىشىشنىڭ ئەڭ چوڭ خەتەرلىرىدىن بىرى ئوخشىمىغان تۈرلەرنى يوقىتىش يۈزلىنىشىدۇر. ھازىردۇنيادا 2500 دىن ئارتۇق تىل قوللىنىلماقتا. يەنى بۇ، دۇنيادا مۇشۇنچىلىك مىللەت،قەۋم بار دېمەكتۇر؛ بۇنى يەنە، دۇنيادا ئابىستراكىت، كونكرېت شەيئىنىڭ 2500 خىلئىپادىلىنىشى بار دەپ چۈشەنسەكمۇ بولىدۇ. بۇ ئىپادىلەرنىڭ كۆپىنچىسى شەيئىلەرنىڭ ئوخشىمىغان ئالاھىدىلىكلىرىنى، بۇنىڭ ئىچىدىكى پەرقلىق مەنىلەرنى كۆرسىتىپ بېرىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن دەيمىزكى، ئىدىئولوگىيەلىك مەقسەت بىلەن تىللارغا ۋە سۆزلەرگە دۈشمەن بولۇش، شەيئىلەرنى ھەقىقىتى بىلەن تونۇش ۋە ھەقىقىي بىلىم ئېلىشقا دۈشمەن بولۇش دېمەكتۇر. ئادەم ئەلەيھىسسالامغا بارلىق شەيئىلەرنىڭ ئىسمىنىڭ ئۆگىتىلگەنلىكى ئۇنىڭ پەرىشتىلەردىن ئۈستۈنلۈكى ئىدى، دېگەنىدۇق. چۈنكى ئۇ پەقەت ئىسىملار، كەلىمىلەر ئارقىلىق شەيئىلەرنى توغرا تونۇيالايتتى. شەيئىلەرنى تونۇغان ئادەم رەببىنى تونۇيدۇ."ئۆزىنى تونۇغان كىشى رەببىنى تونۇيدۇ" دېگەن سۆز سوقراتتىن بېرى ئېيتىلىپ كەلگەن ھېكمەتتۇر. دېمەك، ئۈستۈنلۈك ھەقىقەت توغرۇلۇق بىلىمگە ئېرىشىشتىن ئىبارەت. قۇرئان كەرىمدە تىللارنىڭ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى سۈپىتىدە تەرىپلەنگەن. ئايەت، ھەقنى، ھەقىقەتنى كۆرسىتىدىغان ئىشارەتتۇر. ئۇ ھالدا بىرتىلنى چەكلەش بىر ئايەتنى چەكلەش دېمەكتۇر.كۇرتچە ياكى باشقا بىر تىلنى چەكلەش سىياسىتى ئەسلىدە بىلىمگە ۋە ئىنسان تەبىئىتىگە قارشىبىر ھەرىكەتتۇر. ئوتتۇرامەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا ئەرگۈن گۆزەنىڭ بىر ماقالىسىنى ئوقۇغانىدىم. ئۇنىڭدا، تۈركچىنىڭ تىل ئۇستىسى ھېسابلىنىدىغان پەيامى ساڧانىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈشتە ئۇنىڭ 7500 سۆز قوللانغانلىقى يېزىلغانىدى.ئەرەب تىلى ئۇستىلىرىدىن تاھا ھۈسەيىن، ئەھمەد ئەمىن، سەئىد قۇتۇب قاتارلىق يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىدە 12مىڭ ئەتراپىدا سۆز قوللىنىلغانلىقىنى ئاڭلىغانىدىم. شېكىسپىرنىڭ ئەسەرلىرىدە 35 مىڭ سۆز قوللىنىلغان دېگەن گەپلەر بار. بۇ بىر ئاز مۇبالىغە بولسىمۇ ئەمما مەلۇم بىر ھەقىقەتنى بىلدۈرگەنلىكى ئېنىق. "سۆزلەرنىڭ سېھرى باردۇر" دېگەن گەپ ھەق. يۇنۇس ئەمرە بۇ ھەقىقەتنى يەنە سېھىرلىك سۆزلىرى بىلەن ئىپادىلىگەن: بىر سۆز توختىتار جەڭنى، بىر سۆز يۇمشىتار تاشنى، بىر سۆز كەستۈرەر باشنى، بىر سۆز زەھەرلەر ئاشنى. قانچىلىغان ئەدەبىياتچىلار باركى، سۆز ئوينىتىشتىن باشقا قىلغان ئىشى يوق، ئەمما كىشىلەرگە كۆرسەتكەن تەسىرى ئالىملارنىڭكىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ. ئورخان پامۇكنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇسىڭىز ئۇنىڭدىن قانداق بىلىمگە ئېرىشەلەيسىز؟ ئەمما سىز دۇنياۋى ئالىم بولسىڭىزمۇ ئۇنىڭدەك مەشھۇر بولالماسلىقىڭىز مۇمكىن. ئەلۋەتتە بۇ يەردە سىياسىي ئامىلنىڭ بارلىقىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلمايمىز. بۇ بىرجەھەتتىن بىلىمنىڭ رولىنىڭمۇ چەكلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ يا بولمىسا، ئىنسانلارپەقەت ئەقىل ۋە تەجرىبىدىن ئىبارەت ئەمەس. سەنئەت ۋە ئىستېتىك تۇيغۇلارنى بىلىم بىلەن چۈشەندۈرۈش تەس.
(دوكتور فارۇق بەشەرنىڭ "ئىشەنسەڭمۇ ئويلاپ ئىشەن" ناملىق كىتابىدىن تەرجىمە قىلىندى)
|