قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1368|ئىنكاس: 6

باشلىق بىلەن ئولتۇرىدىغان سورۇن (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

دوست

209

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   69.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31959
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 66
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 07:13:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشلىق بىلەن ئولتۇرىدىغان سورۇن

(ھېكايە)


     باشلىق بىلەن ئولتۇرۇش بەزىلەر ئۈچۈن قاتتىق پەخىرلىنىدىغان بىر ئىش.  پەخىرلەنمەيمەن دېگۈچىلەرمۇ ئىختىيارسىز پەخىرلىنىپ كېتىدۇ، ئۆزىنىڭ سۈپىتىنى ساقلاپ، غۇرۇرىنى قوغداپ بىر دەم ئولتۇرۇپ باقىدۇ، ئەتراپىغا قاراپ باقسا قىزغىنلىق باشلىنىپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن  ئۆزىمۇ بىلىپ بىلمەي بۇ ئېقىمغا قوشۇلۇپ كېتىدۇ.
    بىر سورۇندا يېنىمدا ئولتۇرۇپ،  ئۆزىنى سەنئەتچى دەپ تونۇشتۇرغان بىرەيلەن ماختىنىپ كەتتى. بېيجىڭغا بېرىپ بىر ئالىي رېستۇراندا ئىشلىگەنىكەن، چەت ئەللەرنىڭ دېپلوماتلىرى بىلەن ئاغىنە ئىكەن، ھەتتا بەزى دۆلەتلەرنىڭ باش ئەلچىلىرى، زۇڭتۇڭلىرى بىلەنمۇ كۆرۈشۈپ رەسىمگە چۈشۈۋاپتۇ. تېلېفونىنى چىقىرىپ ھەممىنى كۆرسەتتى.  شىنجاڭدىن ھاكىملار بارسا ئىزدەپ سوراپ تاپىدىكەن، مېھمان قىلىدىكەن، ئوينىتىىدىكەن. بۇلارنىمۇ  دەپ بەردى.  گۇاجى دېگەننى ئۇيغۇرچە نېمە دەيدۇ دەپ سورىدى. دەماللىققا مېنىڭمۇ ئېسىمگە كەلمىدى. قارىغاندا بۇ گەپلىرىنى ئۇزۇندىن بۇيان ھېچكىمگە دېيەلمەي قىينىلىپ يۈرگەن بولسا كېرەك. ئۇ قانداق بولۇپ بۇ گەپنى چىقىرىپ قالدى؟ گەپنىڭ بېشى نەدىن باشلاندى؟  ئېسىمگە كەلدى، ئۇ تەرەپتە ئولتۇرغان بۇرادەر بۇ سورۇنغا بىر باشلىقنىڭ كېلىدىغانلىقىنى دەپ سالغانىدى. كېلىدىغان  ئۇ باشلىق بىر نازىرمىش، قەيەرگە چاقىرسا شۇ يەرگە ھازىرمىش. بۇ سورۇننى ئۇيۇشتۇرغان ساھىبخان ئاساسەن سەنئەتچىلەرنى چاقىرغان بولۇپ، مەن غىجەك چالاتتىم. قەشقەر سەنئەت مەكتىپىنى پۈتتۈرگەنىدىم. ئۇ چاغدا قەشقەردە تېخى كونا ئۆيلەر چېقىلمىغانىدى. بېشەكشى قوغۇنلىرىنىڭ تەمى تاتلىق، سۇلۇق ئىدى. بۇ سورۇندا جوزىغا تىزىلغان مېۋە-چىۋىلەردىن ئۇنداق قوغۇننى كۆرگىلى بولمايتتى. ھازىر ئۇنداق قوغۇننى يەيدىغان پەسىل ئەمەس-تە.

      سەنئەتچىلەر، چاقچاقچىلار، ئۇسسۇلچى قىزلار پەس ئاۋازدا پاراڭلىشىپ، باشلىقنىڭ كېلىشىنى كۈتۈۋاتاتتى. ئەزىز مېھماننىڭ دائىم ئاخىردا كېلىدىغانلىقىنى ھەممەيلەن بىلگەچكە،ھېچكىم جىددىيلەشمەيتتى، ھېچكىم سائەتكە قارىمايتتى؛ ئۆيىدىن، يېقىنلىرىدىن تېلېفون كېلىپ قالسىمۇ، مەن ھازىر سەل ئالدىراش، ھېلى تېلېفون قايتۇراي، دەپ تېلېفونىنى ئېتىپ قوياتتى. تېلېفون قايتۇرىمەن دەپ تالاغا چىقىپ كەتسە، ئالىمادىس نازىر كېلىپ قالسا، ئەپسىز بولىدۇ-دە. نازىر كىرىپ ئولتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن كەينىدىن كىرسە تېخى قاملاشمايدۇ.
    ھەممەيلەن جوزىدىكى ئۇششاق-چۈششەكلەردىن ئالغاچ ئولتۇرغان بىلەن، ھېچكىم مېۋە-چېۋىلەرگە قول ئۇزاتمايتتى.  كۈتكۈچى نەچچە قېتىم كىرىپ: قورۇمىلارنى ئەچىقىمىزمۇ دېۋىدى، ساھىبخان: بىر دەم توختايلى دەپ قايتۇرۇۋەتتى. قورسىقىم ئېچىشقا باشلىدى، بۇ بىئاراملىق ئادەمنى تولىمۇ قىينايتتى. ئاچلىق ئەڭ يامان ھەمراھ، ئادەم ئاچلىقتىن ئوغرىلىق قىلىشى مۇمكىن، گەرچە ياخشى ئادەم بولسىمۇ.  ئولتۇرغانلارنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش ئاچ  ھالدا  بۇنچە خاتىرجەم، ھەتتا ھاياجان ئىچىدە ئولتۇرۇشلىرى ئىچىمنى سىقىشقا باشلىدى.  بەلكىم بۇمۇ ئاچلىق پەيدا قىلغان بىر ئازابتۇر. ھېلى نازىر كەلسە، نازۇ نېمەتلەرگە ئېغىز تەگسەك، قارنىمىز تويسا، بۇ تۇيغۇلارمۇ يوقاپ كېتىدۇ، دەپ ئويلىدىم. قورساق تويغاندا نەغمە-ناۋا باشلىنىدۇ، باشلىققا ماھارەتلىرىمىزنى كۆرسىتىش پۇرسىتى يېتىپ كېلىدۇ. ئۇسسۇلچى قىزلار تېخى "گاڭنام سىتار" نى ئويناپ بېرىشى مۇمكىن. ئۇ چاغدا  چوقۇم  ئەزىز مېھماننى بىرلىكتە ئويناشقا تەكلىپ قىلىدۇ، ئۇنىمىسا ئەركىلەپ، قولىدىن تارتىپ سۆرەپ چۈشىدۇ. ھېلىقى كورىيەلىك قارا كۆزەينەك ناخشىچى  ھېييييي سېكسى لېدىي... دېگەندە قىزلار قاتتىق شوخلىشىپ كېتىدۇ، ھوپ، ھوپ دېگەندە ھاياجانلىرىنى تېخىمۇ باسالماي قېلىشىدۇ. باشلىقنى چۆرىدەپ بەللىرىنى تولغايدۇ...
مەن ئايرىمخانىنىڭ كەڭ سەيناسىغا قاراپ شۇنداق خىياللارغا كەتتىم، ئىچىدىغان گەپ، ئوينايدىغان گەپ، ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە نازىرنى خوش قىلىش، نازىر خوش بولسا ساھىبخانمۇ خوش بولىدۇ، ھەقنى ئوبدان بېرىدۇ. نازىر بىلەن ئوبدان تونۇشۇپ قالغانلار، ھۆرمەت شارابى تەڭلەش باھانىسىدە ئۇنىڭ ئىلتىپاتىغا مۇيەسسەر بولالىغانلار ھەق ئالماسلىقى، بەلكىم ساھىبخانغا رەھمەت ئېيتىشى مۇمكىن. ئەمما مەن چوقۇم ھەق ئالىمەن، ئۇنداق ئىشنى قاملاشتۇرالمايمەن. سورۇندا ۋاي دېگەن بىلەن، سورۇن تۈگىگەندە خوش دەيدۇ، ئىچىپ قىزىۋالغاندا ۋاي ئۇكىلىرىم دېگەن بىلەن ئەتىسى ئۇنتۇپ كېتىدۇ. ئۇنتۇمىسا، ئۇسسۇلچى قىزلارنى ئۇنتۇماسلىقى مۇمكىن، تانسا ئوينىغاندا ياقتۇرۇپ قالغان قىزلارنىڭ نومۇرىنى خاتىرىلىۋېلىشى، ھەتتا يادلىۋېلىشى مۇمكىن. قىزلارمۇ بوش ئەمەس، سومكىسىدا ھەممە نېمىسى تەييار، سورۇنغا ئۇلار تولۇق تەييارلىق بىلەن كېلىدۇ. نەچچىسى ئۇلارنى ئوۋلايمىز دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۆزلىرىنىڭ ئوۋ نىشانى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ.
   سورۇندىكىلەرنىڭ گەپلىرى قۇلىقىمىغا پەقەت كىرمەيتتى، قورسىقىم ئاچقانچە ئىچىمدە غىجەكنىڭ مايسىراپ كەتكەن سىمىغا سۈركەلگەن كامانچىنىڭ سەت ئاۋازىدەك ئىڭراشلار، غىڭشىشلار پەيدا بولۇشقا باشلىدى. غىجەكنى تولا چېلىپ،  ئاخىر  ئۇ مېنىڭ ۋۇجۇدۇمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىپ كەتكەنىدى، كەيپىياتىم قانداق بولسا شۇنىڭغا ماسلىشىپ بېرەتتى. بۇنى كەسپىي كېسەل دەيتتىم. نۇرغۇن جايلاردا ئويۇن قويۇشقا قاتناشتىم، تەنتەنە، ئالقىشلار گويا سەھنىدە يېنىپ ئۆچىدىغان چىراغلار غا ئوخشايتتى. بۇ چاۋاكلار جاھاننىڭ نەرىگە بارسا ئوخشاش ئىدى، ھاياجانلىنىپ قويغان بىلەن قۇرۇق ھاياجانغا ھېچنېمە كەلمەيتتى، مائاش ئاز دەپ تۇەنجاڭغا قاقشاپ باقتۇق،  ئۇ "سەنئەتچى ھەرگىز ئاچلىقتىن ئۆلمەيدۇ" دېگەندەك قىلىپ، سىرتلاردا جان بېقىشقا مەجبۇرلىدى؛  ئارتىس قىزلارنى قېرىتىپ ئەرگە بېرىۋەتكەندىن كېيىن دەم ئېلىشقا چىقىپ كەتتى. ئۇ كېتىپ مائاش ئازراق ئۆسكەن بىلەن، نەرسىلەرنىڭ باھاسى ئۆرلەپ كەتتى. ئۇسسۇلچى خوتۇنۇم ماڭا سەل ئېچىنىدۇ، مەنمۇ ئۇنىڭغا ئېچىنىمەن.  تۇرمۇشىمىز مۇشۇنداق. لېكىن ئىككىمىز ھەرگىز بىر سورۇنغا كىرىپ قالمايمىز، بولمىسا بۇ ئۆزئارا ئېچىنىش تۇيغۇلىرى ئىچىمىزنى ئۆرتەپ كۈل قىلىۋېتىدۇ.   سورۇنغا پۇزۇر كىيىنىپ بارىمىز، ئېسىللىك، گۈزەللىك بىزدىن ئاشمايدۇ. مۇزىكىلىرىمىز،  ناخشىلىرىمىز، ئۇسۇللىرىمىز جاھاندا ئەڭ گۈزەل، لېكىن بىچارىلىك يەنىلا بىزدىن ئاشمايدۇ.  بۇ ھالەت ھەر كۈنى، ھەر سورۇندا داۋاملىشىدۇ.  بۇ ئولتۇرغانلار ئىچىدە چەت ئەلدە ئويۇن قويۇپ ئالقىش قازانغانلار  بار، ئۇنىڭدىن  قالغىنى پەقەت تېلېفوندىكى رەسىملەر، ماختىنىشقىلا يارايدۇ.  مۇشۇنداق بىكارچىلىقتا ئىچى پۇشقاندا ئۇنىڭغا قارايدۇ، ھەممىسىنىڭ قولىدا تېلېفون، ھەممىسىنىڭ كۆزى ئىشىكتە.
__ نازىر كېلىپ بولغىچە بىر دەم چالغاچ ئولتۇرمايلىمۇ، سازلىرىمىز تەڭشىلىۋالسۇن،- دېدى بىرەيلەن.
بۇ گەپ ماڭىلا ئەمەس، ھېچكىمگە خوشياقمىدى.
__ بىر دەم ساقلايلى..._ دېدىم ساھىبخان.
    قورسىقىم كوكىراپ،  ئىسيان دۇمبىقى چېلىشقا باشلىدى.  ئۆيدە بولغان بولسام خوتۇننىڭ ئوخشىتىپ ئەتكەن بىر تەخسە لەغمىنىنى يېيەلەيتتىم، ياكى كوچىدىن  15 كويغا قورساق توياتتى. رېستۇراندا بولماي باشقا يەردە بولغان بولساممۇ قورساق بۇنداق ئېچىپ كەتمەيتتى. ئىلگىرىكى سورۇنلاردا كېلىپ بولغىچە قورۇمىلار چىقىپ بولاتتى ياكى بۇنداق كۈتۈپ كەتمەيتتۇق. شۇ ئەسنادا  ئۆزەمنىڭ بۇنداق سورۇنلارغا نەقەدەر كۆنۈپ كەتكەنلىكىنى، دېگەن ۋاقىتتا تاماق چىقمىسا خۇمارى تۇتقان بەڭگىدەك جىلە بولۇپ قالىدىغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. ساھىبخان شۇنچە سالاپەتلىك، مەرت  كۆرۈنگىنىگە قارىماي، كۆزۈمگە سەت كۆرۈنۈشكە باشلىدى.
    ھېچكىم "نازىر  قاچانغىچە كەلمەيدۇ" دەپ سورىمىدى، مەن سوراپ قالسام ھەممىسىنىڭ غەلىتە كۆزدە قارايدىغانلىقى ئېنىق. ساھىبخانمۇ نارازى بولۇپ قالىدۇ. ھېچ بولمىغاندا تالاغا چىقىپ كىرىش ھەققىم باردۇر، دەپ ئويلاپ سىرتقا ماڭدىم. مۇشۇنىڭغىمۇ ھەممىسى ھەيران بولۇپ قارىغاندەك قىلدى.
__ خالاغا ماڭدىڭىزمۇ؟__ دېدى ساھىبخان.
__ ياق تالاغا.
__ نېمىشقا؟  تېلېفون كەپتىما؟
__ ھە... ياق.  بىر دەم ھاۋالىنىپ كىرەي دەيمەن.
__ نازىر ھازىر كېلىدۇ، كەينىدىن كىرىپ قالسىڭىز سەت تۇرامدىكىن.
__ ھېچنېمە بولماس،---- دېدىم بۇ ئەھۋالنى باشتىلا ئويلاپ بولغاچقا جىلە بولۇپ.
__ ئۇنداق دېمەڭ، چوڭلارغا ھۆرمەت دېگەننى بىلىدىغانسىز؟
__ بىلىمەن.
__ ئەمىسە كىرىپ كېتىڭ.  
ئالىدىغان ھەققىمنى ئويلاپ تۇرۇپ قالدىم. مۇشۇنداقلا كېتىپ قالسام، باياتىن ساقلىغان ۋاقتىمنىمۇ  قۇربان قىلىۋېتەتتىم.
__ قورساق بەك ئېچىپ كەتتى، بىر نەرسە يەۋالسام بولاتتى.
__ نازىر كەلسە قورۇمىلارنى بىراقلا چىقىرىمىز. سەۋر قىلغاچ تۇرۇڭ.
__  چۈشتىنمۇ تۈزۈك بىر نەرسە يېمىگەن مەن... ئى ناۋايدىن سامسا ئېلىپ  بولسىمۇ يېگەچ تۇراي.
__ ھەممەيلەن قاراپ تۇرسا بىر نەرسە يەمسىز، ئۆمرىڭىزدە روزا تۇتۇپ باقمىغان ئوخشىمامسىز؟
بۇ گەپتىن تۇرۇپلا قالدىم، ئاچلىق يەنە بىئاراملىق ۋە  غەزەپ پەيدا قىلىشقا باشلىدى:
__ ئەمدى شۇ نازىر ئۈچۈن روزا تۇتۇشۇم كېرەكما؟
__ مەن مىسال ئۈچۈن دەۋاتىمەن، بىر ئاز سەۋر قىلىڭ.
__ ماقۇل سەۋر قىلاي،__ دېدىم يەنە ئۆزەمنى بېسىۋېلىپ.  بۇ ئاخشام قۇرۇق قول، ئاچ-ئۇسسۇز كەتسەم بولمايتتى.  
__ ھەممىمىزگە ئاسان ئەمەس، سەۋر قىلىشىمىز كېرەك.
__ توغرا، سەۋر قىلايلى.
__ كۆپچىلىك بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىشىمىز كېرەك.
__ توغرا، ئايرىم تاماق يەۋالسام بولمايدۇ.
__ بولمىسا سىزگە چارەك لەغمەن چىقىرىپ بەرسۇن.
__ ياق بولدى، سەۋر قىلاي.
شۇنىڭ بىلەن قايتىپ كىرپ جايىمدا ئولتۇردۇم. ھېچكىم قاراپ قويمىدى، ھالسىز ۋە  پەرىشان ئىدىم .
__ بېيجىڭغا بارغان ھاكىملار ھەممىدن  نېمىگە ئامراق دېسەڭلار... __ دەپ گېپىنى  باشلىدى يېنىمدىكى بۇرادەر ،__ رۇس قىزلىرىنىڭ ئۇسۇلىنى كۆرۈشكە ئامراق. ..
__ قانداق ئۇسسۇل ئۇ؟ _ دەپ سورىدى ئۇسسۇلچى قىزلاردىن بىرى.
__ ئۇ ئۇسسۇل ئەمەس، يالىڭاچ دېسكو... _ دېدى يەنە بىرى.
__ كۆرۈپ باققاندەك گەپ قىلىسەنغۇ؟
__ ئامېرىكىنىڭ كىنولىرىدا كۆرگەن.
__ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ،-- دېدى يېنىمدىكى بۇرادەر.
قىزلار يەنە ئىچكىرىلەپ سوراشتىن نومۇس قىلىشتى بولغاي، جىمىپ قالدى.
    بۇ نازىر ھېچ كېلىدىغاندك ئەمەس، ئۇ كەلمىگەنچە ئاچلىق رەسمى زۇلۇم سېلىشقا باشلىدى. گازىر چاققانچە قورسىقىم تېخمۇ بەك ئېچىپ كېتىۋاتاتتى.  بۇ كاتتا رېستۇران ۋە ئايرىمخانىنىڭ بېزەكلىرىنى بىر كىم بۇزۇۋەتسىمۇ مەيلى، ئالدىمغا بىر قاچا ئىسسىق ئاش ئېلىپ كەلگەن بولسا بولاتتى.  بۇنداق رېستۇراندا  ئاچ ئولتۇرۇش ئالتۇن تەختتە نان تىلەپ ئولتۇرغاندەك غەلىتە ئىش ئىدى. شۇ تاپتا نازىر كىرىپ ھەممىڭ ساز چال دېسە، ھېچكىمنىڭ قۇلىقىغا ياقمايتتى، قورساق ئاچ تۇرسا نېمە نەغمە ناۋا؟  ئىچىمدە يەنە غىجەكنىڭ پەريادلىرى ئاڭلىنىشقا باشلىدى. ياغسىراپ كەتكەن ئۈچەيلىرىم كامانچە بولۇپ، كوكىراۋاتقان ئاشقازىنىمغا سۈركىلىپ ئاۋاز چىقىرىۋاتقاندەك قىلاتتى.  مەن تۇنجى قېتىم غىجەك  دېگەن بۇ نەرسىدىن بىزار بولۇشقا باشلىدىم. خىيالىمدا ئۇنىڭ سىملىرىنى ئۈزۈپ تاشلىدىم، ئەمما ئارقىدىنلا يانچۇقۇممۇ تەتۈر ئۆرۈلۈپ قالدى.   

1

تېما

4

دوست

2367

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21550
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 722
توردىكى ۋاقتى: 97
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 19:40:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇسلۇبنى ياقتۇردۇم
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

9

تېما

3

دوست

2235

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19310
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 23
تۆھپە : 688
توردىكى ۋاقتى: 190
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 20:00:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ ھېكايە راۋرۇس بىر تېتملىق ھېكايە بوپتۇ..تىلىمۇ پىششىق ھەم راۋان..كېسەل جۈمىلىدىن خالىي ....
مائاش ئاز دەپ تۇەنجاڭغا قاقشاپ باقتۇق،  ئۇ "سەنئەتچى ھەرگىز ئاچلىقتىن ئۆلمەيدۇ" دېگەندەك قىلىپ، سىرتلاردا جان بېقىشقا مەجبۇرلىدى؛  ئارتىس قىزلارنى قېرىتىپ ئەرگە بېرىۋەتكەندىن كېيىن دەم ئېلىشقا چىقىپ كەتتى. ئۇ كېتىپ مائاش ئازراق ئۆسكەن بىلەن، نەرسىلەرنىڭ باھاسى ئۆرلەپ كەتتى. ئۇسسۇلچى خوتۇنۇم ماڭا سەل ئېچىنىدۇ، مەنمۇ ئۇنىڭغا ئېچىنىمەن.  تۇرمۇشىمىز مۇشۇنداق. لېكىن ئىككىمىز ھەرگىز بىر سورۇنغا كىرىپ قالمايمىز، بولمىسا بۇ ئۆزئارا ئېچىنىش تۇيغۇلىرى ئىچىمىزنى ئۆرتەپ كۈل قىلىۋېتىدۇ.   سورۇنغا پۇزۇر كىيىنىپ بارىمىز، ئېسىللىك، گۈزەللىك بىزدىن ئاشمايدۇ. مۇزىكىلىرىمىز،  ناخشىلىرىمىز، ئۇسۇللىرىمىز جاھاندا ئەڭ گۈزەل، لېكىن بىچارىلىك يەنىلا بىزدىن ئاشمايدۇ.  بۇ ھالەت ھەر كۈنى، ھەر سورۇندا داۋاملىشىدۇ.  بۇ ئولتۇرغانلار ئىچىدە چەت ئەلدە ئويۇن قويۇپ ئالقىش قازانغانلار  بار، ئۇنىڭدىن  قالغىنى پەقەت تېلېفوندىكى رەسىملەر، ماختىنىشقىلا يارايدۇ.

بولۇپمۇ مۇشۇ بايانلار شۇنداق چىن ھەم ئاچچىق چىقىپتۇ...
بۇ ھېكاينى بىرە ژورناللاردا  ئېلان قىلسىڭىزمۇ بولغۇدەك...
مۇشۇنداق تېتملىق يازمىللىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي

1

تېما

1

دوست

1907

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   90.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28636
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 568
توردىكى ۋاقتى: 84
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 21:23:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپرىن ؛تۇيغۇنى ئىپادىلەشتە تولۇق مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپسىز.تىخىمۇ چوڭ نەتىجىلەرگە ئىرىشىشىڭىزگە تىلەكداشمەن.

0

تېما

1

دوست

841

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   68.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25433
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 258
توردىكى ۋاقتى: 59
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-29 23:39:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! قېرىندىشىم قۇلىڭزغا دەرىت كەلمىسۇن،مۇشۇنچىلىك قىسمىمۇ كىشىنى بىر رۇمان ئۇقىغاندەك ھاياجانغا سالىدىكەن،تىلىڭز بەك راۋان ،پاساھەتلىك ئىكەن ،ئۇشۇقچە جەريان يوقكەن،....داۋامنى تىزرەك يوللىسىڭز....

2

تېما

0

دوست

209

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   69.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31959
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 66
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 01:31:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭ داۋامى يوق قېرىندىشىم، ئۇلار ئاشۇنداق ئاچ قورساق كۈتۈپ ئولتۇرىدۇ.

6

تېما

0

دوست

1797

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   79.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5470
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 188
تۆھپە : 443
توردىكى ۋاقتى: 145
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-4 16:52:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نازىرنى ساقلىسا ئۈلۈپ قالدىغنى ئېنىق........
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )