بۇ يازمىنى ئاخىرىدا israpil تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-29 15:49
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يۇقۇرى خەلق سوت مەھكىمىسى يىل ئاخىرىدا "دىلو ئاخىرلاشتۇرۇشقا شىدەت بىلەن ھۇجۇم قىلماسلىق، دىلو قوبۇل قىلىشقا چەكلىمە قويماسلىق"نى تەكىتلىدى
قانۇن تەرجىمىسى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يۇقۇرى خەلق سوت مەھكىمىسى 11-ئاينىڭ 26-كۈنى، پۈتۈن مەھكىمىدىكى كادىر-ساقچىلار چوڭ يىغىنى ئاچتى.يېغىندا يىل ئاخىرىدىكى خىزمەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ"دىلو ئاخىرلاشتۇرۇشقا شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلماسلىق، دىلو قوبۇل قىلىشقا چەكلىمە قويماسلىق" توغرىلىق ۋەزىپە كۆرسەتكۈچى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
يۇقۇرى سوت پارتىيە گۇرۇپىسى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى:" 18-نۆۋەتلىك 4 – ئومۇمى يىغىننىڭ روھىنى ئەمىللەشتۈرۈپ،ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ 8-نۆۋەتلىك8-قېتىملىق يېغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان " شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇمى يۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىنغان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش"ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن، قانۇن ئىجرا قىلىشنى قەتئى چىڭ تۇتۇشنى ئەدلىيە قىلمىشىنى قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ ھالقىلىق نوقتىسى قىلىپ، ئامما ئىنكاس قىلغان "6 قېيىن بولۇش 3 دىلو مەسىلىسى"نى نوقتىلىق ھەل قىلىش كىرەك. دىلو ئاخىرلاشتۇرۇشنى تەكشى ئېلىپ بېرىش، يىل ئاخىرىدا دىلو ئاخىرلاشتۇرۇشقا شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلماسلىق، دىلو قوبۇل قىلىشنى چەكلىمەسلىك ، خىزمەت ۋاختىدا ھەرقانداق سەۋەپ بىلەن دىلو قوبۇل قىلىشنى توختاتماسلىق، قوبۇل قىلىشقا تىگىشلىك بولسىمۇ قوبۇل قىلماسلىقتىن ساقلىنىش، يىل ئاخىرىدا دىلو قوبۇل قىلمايدىغان ياكى دىلو قوبۇل قىلىشقا چەكلىمە قويىدىغان ئەھۋاللارنى قەتئى تۈزۈتۈش كىرەك. دىلو تۇرغۇزۇشتىن ئىبارەت دەۋادىكى ئالدىنقى ھالقىنى چىڭ تۇتۇپ، دىلو قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى قېلىپقا سېلىش كىرەك. دىلو قوبۇل قىلدۇرۇش تەس بولۇش مەسىلىسىگە نىسپەتەن، دىلو قوبۇل قىلىش ئەرز-شىكايەت قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەر خىل دىلولارنىڭ دىلو قوبۇل قىلىش شەرتى،تەرتىۋى ۋە تەلىپىنى ئىنچىكەلەشتۈرۈپ، "بىر بىكەت شەكلى"دىكى دەۋا مۇلازىمىتىنى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇش لازىم. دىلو قوبۇل قىلىشنى ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، دىلو تۇرغۇزۇشنى توردا تىزىملاش ئېلىپ بېرىش، دىلونىڭ ئاددىي مۇرەككەپلىرىنى ئايرىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كىرەك. دىلو تۇرغۇزۇشنى تەكشۈرۈپ-تەھقىقلەش قەدىمىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دەۋالاشقۇچىلارنىڭ دەۋا جەريانىدىكى ھارغىنلىغىنى ئازايتىش كىرەك."
|