قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1116|ئىنكاس: 1

]قانۇن] ئوقۇش پۇلى قايتامدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

32

تېما

2

دوست

4007

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   66.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17305
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 72
تۆھپە : 1260
توردىكى ۋاقتى: 340
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 13:07:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇش پۇلى قايتۇرىلامدۇ؟


ئىسراپىل ئەمەت
2014-يىلى 11-ئاينىڭ30-كۈنى

يېقىندىن بىرى ئالى مەكتەپتە ئوقۇش ئىشىدا، بەزى بىر مەسىلەرنى ئىنكاس قىلىدىغان ئەھۋاللار كۆپىيىپ قېلىۋاتىدۇ. بۇ قېرىندىشىمىزمۇ ئىككى كۈن بۇرۇن، ئوخشاش بىر مەسىلىنى ئىنكاس قىلىپ ئۇچۇر يوللاپتىكەن، ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ۋاختىدا جاۋاپ بىرەلمەي قالدىم.مەزمۇنى تۆۋەندىكىدەك(سورىغان سۇئال ئەينى بويىچە ئېلىندى):
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، سىزدىن مەسلىھەت ئالاي دىگەن، ۋاقتىڭىزنى ئالىدىغان بولدۇم! ئۆزەم بىر ئوقۇغۇچى،شەخسىي بىر مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان .  بۇ مەكتەپ باشتا ئۆز مائارىپىنى" ئۇنداق سىسستىما بۇنداق ئوقۇتۇش ئۇسلۇب ....ھە بىر يىلدىن كېيىن خەلقئارالىق ئىمتىھانغا قاتنىشالايدىغان سەۋىيەگە يەتكۈزىمىز....."دەپ بىر مۇنچە چىرايلىق گەپلەر بىلەن 20000 غا يېقىن يىللىق ئوقۇش پۇلى ئېلىۋالدى. نەچچە ئاي ئۆتمەي بۇلارنىڭ ئەسلى-ۋەسلىنى بىلىپ قالدۇق يەنى ئادەتتىكى ئوقۇتۇش ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئوقۇش پۇلىنى قايتۇرۋېلىش كويىدا بولدۇق. ئەمما ئىلگىركىلەردىن ھەم ئۇيەر- بۇيەردىن ھەم ئۆزىلىرىدىن ئېنىقلىشىمىزچە بۇلار ھەرگىز قايتۇرمايدىكەن.شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ئويلىساقمۇ بۇنى ئويلىساقمۇ قاملاشمايدىغاندەك...  ئا بەرگەن پۇل ئاز پۇل ئەمەس سىزمۇ بىلىسىز...ھازىر بۇلار ئا بىزنى ئالداپ سالداپ ۋاقىتنى توشتۇرۇشنىڭ كويىدىلا...خوشامەت قىلىپ تولا...ئەمدى گېپىم تاققا تۇققا بوپ قالغان بولسىمۇ، سىزمۇ ئاساسلىق ئەھۋالنى بىلىپ يەتتىڭىز دەپ ئويلايمەن...بىر مەسلىھەت بەرسىڭىز دېگەن ئۈمىتتە مەن."
بۇ سۇئالغا جاۋاپ مۇنداق: ئوقۇش پۇلىنى مۇئارىپ مەمۇرى باشقۇرۇش تارماقلىرى ياكى بىۋاستە سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ قايتۇرىۋالسىڭىز بولىدۇ!
    «مۇئارىپ مىنىستىرلىگى、 دۆلەت تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتىتى、 مالىيە مىنىستىرلىگىنىڭ ئالى مەكتەپ ھەق ئېلىش ئىشلىرىنى باسقۇرۇشنى بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا قېلىپلاشتۇرۇشقا دائىر بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى ئۇختۇرىشى»(م م[2006]20نۇمۇرلۇق)ھۆججىتىنىڭ روھى بويىچە، ئالى مەكتەپ ئالىدىغان ھەق(1) ئوقۇش پۇلى (2)ياتاق پۇلى (3)ئىمتىھان پۇلى قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك بولۇپ، ئوقۇش پۇلىنى دۆلەتنىڭ قانۇن- بەلگۈلىمە ۋە سىياسەتلىرى بويىچە، مۇئارىپ مەمۇرى باشقۇرۇش تارماقلىرى تەستىقلىغان ھەرخىل ئالى مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىدىن ھەق ئېلىپ ئوقۇتۇش ئېلىپ بارىدۇ. ئوقۇش پۇلى ئوقۇش يىلىغا ياكى ئوقۇش  مەۋسۈمىگە قارىتا ئېلىنىدىغان بولۇپ، بىراقلا يىل ئاتلاپ ئالدىن ئېلىۋېلىشقا بولمايدۇ. ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۇلى تاپشۇرغاندىن كىيىن،مەلۇم سەۋەپ بىلەن ئوقۇشتىن چىكىنمەكچى بولسا ياكى مۇددەتتىن بۇرۇن ئوقۇشنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولغاندا، ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىنىڭ ئەمىلى ئوقىغان ۋاختىغا قاراپ، ئايلىق ئوقۇش پۇلىنى ھىساپلاپ چىقىپ،قالغان ئوقۇش پۇلىنى قايتۇرىشى كىرەك. ياتاق پۇلىنىمۇ شۇ بويىچە ھىساپلاپ، ئوقۇغۇچىنى مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا ياتاق بىلەن تەمىنلىگەن بولسا، ئوقۇغۇچىدىن ياتاق پۇلى ئالىدۇ. ياتاق پۇلىنىمۇ ئوقۇش يىلى ياكى مەۋسۈمگە قاراپ ئالىدۇ، نەچچە يىللىقنى بىراقلا ئېلىۋېلىشقا بولمايدۇ. ئەگەر ئوقۇغۇچى مەلۇم سەۋەپ بىلەن ئوقۇشتىن چىكىنمەكچى بولسا ياكى مۇددەتتىن بۇرۇن ئوقۇشنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولسا، ئەمىلى ياتاقتىن پايدىلانغان ۋاختىنى ھىساپلاپ قالغان ياتاق پۇلىنى قايتۇرىشى كىرەك.



0

تېما

1

دوست

2075

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22168
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 616
توردىكى ۋاقتى: 71
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-2 00:03:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىمۇ بۇلۋالدۇق
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )