- تىزىملاتقان
- 2011-1-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-12-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 162
- نادىر
- 0
- يازما
- 6
ئۆسۈش
54%
|
ئۆز بالىلىرنىڭ كەلگۈسى ئۈستىدە باش قاتۇرۋاتقان ئاتا - ئانىلار ئالدى بىلەن بالىلىرىغا مۇنداق روھنى سىڭدۈرسۈن ؛ بالىلار ئۆزلىرىنىڭ پائالىيەت قىلدىغان ئورنىنىڭ پۈتكۈل دۇنيا ئىكەنلىگىنى تونۇپ يەتسۇن . ئۇلار ھەرگىزمۇ ئۆزى تۇغۇلغان يەرگىلا قاراشلىق بولۇپ قالمىسۇن، بالىلار شۇندىلا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ھەقىقى ھېس قىلالايدۇ ، ئاتا - ئانىلارمۇ توي - تۆكۈن ،چاي - پايلارنى ئازىراق ئويناپ ، بالىلىرىغا ياندىشىپ تىرىشىپ بېرىشى كېرەك . ئۇنداق بولمىغاندا بالىلىرىنى قايىل قىلغۇدەك سالاھىيەتكە ئىگە بولمايدۇ . ئۇلار يەنە تېجەپ يۈرۈپ بالىلىرى چەتئەللەردە بىرەر يىل ياشىيالغۇدەك ئىقتىساد توپلىشى كېرەك . ئەگەر ئۇلار ئۇنداق قىلالمىسا ئاتا - ئانا بولۇش شەرتىنى ھازىرلىيالمىغان بولىدۇ .
ۋەتەننىڭ ئىستىقبالى بولغان ياشلار سىلەر نەزىرىڭلارنى ھە دىسىلا ياشىغان مۇھىتىڭلارغا ۋە بۈگۈانىڭلارغا تىكىۋالماڭلار ، چۈنكى ئۇنداق قىلساڭلار چۈشكۈنلۈك پاتقىقىغا پېتىپ قالسىلەر ، سىلەر نەزىرىڭلارنى دۇنياغا تىكىڭلار ،سىلەر رولۇڭلارنى ئۆز يۇرتۇڭلاردا جارى قىلدۇرالمىغان بولساڭلار دۇنيادا جارى قىلدۇردىغان ئورۇن چوقۇم بار ، سىلەر بىلىم بىلەن قوشۇپ كۈچلۈك بولساڭلار يۇرتۇڭلارغا ياردەم قولۇڭلارنى سۇنالايسىلەر ،ئەگەر كۆز ئالدىڭلاردىكى نەرسىلەرگە تىكىلىپ تۇرۋالساڭلار بىر ئۆمۈر تۇرمۇش ھەلەكچىلىگىدە ئۆتىسىلەر ، بىرسىگە ياخشىلىق قىلىشمۇ قولۇڭلاردىن كەلمەيدۇ ، << ياپونلاردا چېكىۋەرسەڭ ئېچىلمايدىغان ئىشىك يوق >> دىگەن ماقال بار سىز بىر نىشان ئۈچۈن زېرىكمەي ئۇزۇن مۇددەت ئەقىدە قىلسىڭىز ئۇنىڭغا چوقۇم يېتىسىز . جۈرئەت توختى كەنجى ( ھازىر ياپونيىدە ) |
|