قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1163|ئىنكاس: 20

ئەبجەش خىياللار( 13)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

24

تېما

28

دوست

2718

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   23.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8408
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى: 524
تۆھپە : 479
توردىكى ۋاقتى: 620
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-11-30 23:45:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    گەرچە تىخى قار ياغمىغان بولسىمۇ، بۇ يىڭى دەۋردە قارنىڭ قىش بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغاندەك نويابىر يەنىلا كونا ئادەت بويىچە قىش پەسلىگە تەۋە بولۇپ قېلىۋەردى،
2010 -يىل 10-ئۆكتەبىر. "شۇنچە گەپ قىلساق گەپ يىمىدىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ يولى بولغاندىكىن بوپتۇ مىڭىپ بىقىڭ، ئەمما بۇ يولنى تاللاپ بولۇپ پۇشايمان قىلسىڭىز، سىزگە بۇرۇنقىدەك تۇتاملاپ پۇل بەرمەيمەن، سىزگە لۆڭگىدىن ئىككىنى ئەۋەتىمەن، بىرىدە يىشىڭىزنى، يەنە بىرىدە پىشانىڭىزدىن ئاققان تەرنى سۈرتەسىز بالام..."
     مانا بۇ مەندىن ئىبارەت بىردىنبىر پەرزەنتىنى يىراققا ئۇچۇرۇم قىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئاپامنىڭ كىندىك قىنىم تۆكۈلگەن، بارلىق خۇشاللىقلىرىمغا شاھىت بولغان سۈيۈملۈك يۇرتۇم ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىش ئالدىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىمدا كۆزلىرىدىن باشقا ئانىلاردەك ئۈنچىدەك ياشلىرىنى ئەمەس، بەلكى بىر خىل قەيسەرلىكنى، خۇددى چاناققەلئە ئۇرۇشىدا شىھىت كەتكەن ئەزىمەتلەرنىڭ ئانىلىرىدەك ئۇچقۇن نۇرنى تۆكۈپ تۇرۇپ ئېيتقان سۆزلىرى. دىمىسىمۇ مەن پۇشايمان قىلسام، چارچىسام، ئاتا ئانامغا ئەركىلىگىم كەلسە ھەممىنى كەينىمگە تاشلاپ، نەچچە سائەت ئايروپىلاندا ئولتۇرۇپ قايتىپ كەلگىلى بولىدىغان يالاڭ قاپاق يولداشلارنىڭ شەھىرىدىكى ئوقۇشلارغا ئەمەس، بەلكى ئون نەچچە سائەتلىك ھاۋا يولىدا ئۇچۇپ ئاندىن ئاران بارغىلى بولىدىغان، شىمالى ياۋروپانىڭ قىش كۈنلىرى تاڭمۇ تۈزۈك يورۇمايدىغان دۆلىتىگە كىتىپ باراتتىم، بارغاندىمۇ بىر نەچچە يىللىق ئوقۇشقا ئەمەس، بەلكى ھايات مۇساپەمنى قايتا باشلىغىلى كىتىپ باراتتىم...
    شۇنداق قىلىپ، بۇ تۆت يىلدىن سەل كۆپرەك ۋاقىتتا گەرچە كاتتا باياشات تۇرمۇشقا يىتىشىپ بولالمىغان بولساممۇ، ئەمما ھەر ھالدا ئاپامغا ياش سۈرتكۈدەك لۆڭگە ئەۋەتكۈزۈپ يۈرمىدىم، ئەمما پىشانەمدىن ئاققان تەرنى قانچە قىتىملاپ سۈرتكىنىمنى ساناپ بىرەلمەيمەن، ئەلۋەتتە ياش تۆكمىدىم ئەمەس، بىز چىدىغان شارائىتلارغا چىدىماي كىتىپ قالغان ئەركەكلەرمۇ يوق ئەمەس، ئەمما كىچىكلىكىمدىن ئاپامدىن ئېرسىيەت قالغان ئاشۇ جاھىللىقىم مىنى مۇشۇ كۈنگە ئۇلاشتۇردى.
    بۇلتۇر مەنمۇ قوشنا شەھەردە ماڭا ئوخشاش مۇساپىرلىق قازىنىدا 3 يىلدىن جىق قايناپ چىققان بىرى بىلەن تونۇشۇپ، قىسقىلا چۈشىنىش نەتىجىسىدە، توي تەييارلىقىغا چۈشتۇق. توينىڭ تەييارلىقىغا توغرىسى بىز ئەمەس، ئىككى تەرەپ ئاتا ئانىلار كۆپرەك كۈچەشتى. بۇرۇنلاردا نىكاھ ئوقۇلغان چاغدا قىزلارنىڭ يىغلىغىنىنى كۆپ كۆرگەنىدىم، ئۇلارنىڭ ئۆز رازىلىقى بىلەن توي قىلىپ تۇرۇپمۇ نىمىگە بۇنچە يىغلايدىغىنىنى بىلمەيتتىم، ئەمما ئۆزۈمنىڭ نىكاھىدا بولسا تاس قالدىم ئۇلاردىن ئاشۇرۇپ يىغلاپ سالغىلى. دىمىسىمۇ، مەن يىغلاي دىسەم سەۋەپ كۆپ، شۇنچە ئارزۇلاپ چوڭ قىلغان بىردىنبىر قىزىنىڭ نىكاھىدىمۇ قىزنىڭ يىنىدا بولالمىغان ئاپام ئۈچۈن يىغلىدىم، مىنى خۇددى پاختىنىڭ ئىچىدىكى ئوتنى ساقلىغاندەك ئاسراپ ساقلىغان دادامنىڭ ئەمدىلىكتە بىردىنبىر پەرزەنتىنىڭ نىكاھىدا پەقەت تىلىفۇن ئارقىلىق رازىلىق بىرەلىگىنى ئۈچۈن يىغلىدىم، ئۆزلىرى ئارزۇلاپ قاتارغا قوشقان، ماڭا ئوخشاشلا ئەتىۋارلىق بىردىنبىر پەرزەنتىنى ئۆيلەپ، كىلىنىنىڭ قولىدىن بىر چىنە ئىسسىق چاي ئىچەلمىگەن قىيىن ئاتا، قىيىن ئانام ئۈچۈن يىغلىدىم.
   ئۇلۇغ رەببىمىزنىڭ مۇساپىرلارغا بىرىدىغانلىرى ھەقىقەتەن كۆپ ئىكەن، دۇئالىرىمدا تىلىگەنلىرىمگە شۇنچە تىز يىتىۋاتقىنىمدىن كۆپ رازى بولساممۇ، ئەمما يوقىتىپ قويىۋاتقانلىرىم ئالدىدا ئىرىشكەنلىرىم كۆزۈمگە كۆرۈنمەي قالاتتى.
     ئاتا ئانامدىن باشقا ئۇرۇغ تۇغقانلىرىم بىلەن كەمدىن كەم ئالاقىلىشىدىغان بولۇپ قالدىم، ۋاقىت پەرقى ئوخشىمىغاچ پاراڭلاشقۇدەك ئورتاق ۋاقىت چىقىرالمايتتىم، لىكىن بەندە دىگەن شۇنداق بولىدىكەن، شۇ يوقىتىپ قويىۋاتقان قىرىنداشلىرىمىزنىڭ مىھرىنى بىسىش ئۈچۈن، بۇ مىھرىمۇ، ھاۋا كىلىماتىمۇ سوغۇق شەھەردە بىزگە ئوخشاش ئۇيغۇر ۋە تۈرك مۇساپىرلار بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، ئۆتمۈشىمىزنى بىر بىرىمىزگە سۆزلەپ بىرىپ، گاھى كۈلۈشۈپ، گاھى يىغلىشىپ كىتىمىز.
    ھىيتنىڭ ئالدىدا توردابىر ئەسەر كۆرۈپ قالدىم، "مۇساپىرغا ھىيت بولمايدىكەن ئانا" ناملىق ئەسەركەن. ھەقىقەتەن ھىيت كۈنى بەندىلەرنى ساۋاپقا چىللايدىغان ئەرزان ئاۋازىسىز، توپ توپ مىچىتكە ماڭغان جامائەتسىز،  ئانىلارسىز، ئاتىلارسىز، ھىيتلىقلىرىنى ئىلىپ خۇشال چۇرقىرىشىپ كىتىدىغان ئادەم ئۇۋاقلىرىسىز، ساماسىز  ھىيت بولمايدىكەن.
   مەن بىر ياۋايى بالا، توغرىسى كىچىكىمدىن مىنى بىلىدىغان ھەممە چوڭلار مىنى شۇنداق ئاتايدىغان، ئەمما مەنچە ماڭا ياۋايى دىگەن ئىسىم سەل ماس كەلمەيدۇ، چۈنكى مىنىڭ باشقىلاردىن پەرقلىق يىرىم مەن خىيالنى كۆپ سۈرىمەن، سۈرگەندىمۇ باشقىلار سۈرۈپ كۆرمىگەن خىياللارنى كۆپ سۈرىمەن.
   بەك كىچىك چاغلىرىم ئىدى، بىرلا بالا بولغاچقىمۇ، ئۆيدە يالغۇزلۇقتىن زىرىكىپ ئىچكى دۇنيارىمدا ناھايىتى ئوماق بىر پادىشاھلىق قۇرۇۋالغانىدىم، رىئال تۇرمۇشتىمۇ ئاشۇ دۇنيارىمدا ياشايتتىم، ھەممە ئىشنى شۇ دۇنيارىمدا قۇرۇپ چىققان نىزاملار بويىچە قىلىپ تولا ئاتا ئانام ۋە ئوقۇتقۇچىلىرىمنى رەنجىتىپ قوياتتىم. ئەمما باشلانغۇچ ۋاقتىم تىنىق كۆل سۈيىگە ئوخشاش بىر خىل رىتىمدا تاماملىنىپ قالدى.
   ئوتتۇرا مەكتەپنىمۇ تولۇقسىزدىن تارتىپ تاكى تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگىچە شۇ مەھەللە قورۇسىدىكى مەكتەپتە ئوقۇدۇم، ئىسىمدە قېلىشىچە ھەر دۈشەنبە كۈنى ئەتتىگەنلىكى مەكتەپ بويىچە بايراق چىقىرىش مۇراسىمى بولىدىغان، مەكتەپتىكى دەرۋازىۋەندىن تارتىپ مەكتەپ مۇدىرىغىچە ئائىلىمىز بىلەن تونۇشلۇقى بولغاچقىمۇ، شۇنداق ئوپچە پائالىيەتلەرگە ئۆزۈمچە قاتناشماي يۈرسەممۇ بىرە ئوقۇتقۇچىنىڭ پىكرى چىقمايتتى.
   ئوتتۇرا مەكتەپ ۋاقىتلاردا مەكتەپ بويىچە ئاتالمىش مۇھەببەتلىرى بىلەن ئازارلىشىپ، يىغلىشىپ، يەنەقايتا يارىشىپ ياكى تاشلىشىپ يۈرىدىغان ئىشلار مودا بولۇپ كەتكەنىدى، ئەمما مەن جاھاندىن بىخەۋەر ئۇ مودا سىپىدىن چۈشۈپ قالغانىدىم، چۈنكى مىنىڭچە بولغاندا مىڭ يىل بىرىگە كۈيۈپ يۈرگەن بىلەن ئاللاھ تەقدىرىنى بىر قىلمىسا بىكار ئىدى، شۇڭا ئۇخىلدىكى ئىشلارنى ئاخىرى چىقماس ئىشلار قاتارىدا سانايتتىم. لىكىن ئۇ چاغلاردىمۇ مەندە بىر خىل ئىشق بار ئىدى، يەنى كىتاپ ئوقۇش ئىشقى. ئۆيدىكى  دەرسلىك كىتاپتىن باشقا ھەممە كىتاپنى ئوقۇيتتۇم، بولۇپمۇ تارىخى رومانلارنى بىرىنى قويماي قايتا قايتا ئوقۇپ چىقاتتىم. ئائىلىمىز ئىقتىساد جەھەتتە گەرچە خىلى خىلى ئائىلىلەرنىڭ ئالدىدا تۇرسىمۇ، ئەمما بىزنىڭ ئائىلىگە نىسبەتەن ھەشەمەت ئۆي، ئىسىل ماشىنا دىگەنلەر ئارتۇقچە نەرسەئىدى، شۇڭا دادامنىڭ پۇل تاپسىلا بىزنى بىرە ۋاق تاماققا مىھمان قىلىپ ئاندىن قالغان پۇلنىڭ ھەممىسىگە كىتاپ ياكى گۈل سىتىۋالىدىغان ئادىتى ماڭىمۇ سىڭىپ قالدى. كىچىكىمدىن جەمىيەتتە خىلى يۈز ئابرويلۇق پروفىسسورلارنىڭ دادامدىن كىتاپ ئارىيەت ئىلىپ ئوقۇشلىرى ھازىرغىچە ئىسىمدە.
     مەكتەپتىكى ئەدەبىيات ۋە ماتىماتىكا دەرسىدىن باشقا دەرسلەر مەن ئۈچۈن ئارتۇقچە ھىساپلىناتتى.  شۇ سەۋەپتىنمۇ ئەدەبىيات، ماتىماتىكا ۋە خەنزۇتىلىدىن باشقا نەتىجىلىرىم كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەشكە باشلىدى، ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەيلا مەندىكى بۇ ئۆزگىرىش بالىلىرىنى دائىم باشقا بالىلار بىلەن سىلىشتۇرۇپلا يۈرىدىغان بىر قانچە ئوماق ئاپاشلارنىڭ خۇشاللىق خۇرۇچىغا ئايلىنىپ، تاس قالاتتى سىرتتا يىرىمىنى چۈشۈرۈپ قويۇپ يىرىم بولۇپ قالغان كۆڭلىنى بىزنىڭ ئۆيدە مىنىڭ نەتىجىلىرىمنى كۆرۈپ پۈتۈنلەپ چىقىپ كەتكىلى. مەن نەتىجەمنىڭ تۆۋەنلىكىدىن ئاپامنىڭ ئالدىدا خىجىل بولساممۇ، لىكىن ھىلىقى بىچچارە ئاپاشلارنى خۇشھال قىلالىغىنىمدىن رازى ئىدىم.
     تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى يىلىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى يىزىپ ئولتۇرمىساممۇ خەت ساۋادى بولغان بولمىغان ھەربىر كىشى ئۇنى ئىنتايىن مۇھىم بىر يىل قاتارىدا ھىساپلايدۇ. ئەلۋەتتە بىزنىڭ ئائىلىدىمۇ ئاتا ئانام ئەل قاتارى ماڭا دەرىجىدىن تاشقىرى مۇلايىملىشىپ، ئادەتتىمۇ كەمدىن كەم سورۇن بولىدىغان ئۆيىمىزگە بۇ بىر يىلدا ئۇرۇق تۇغقانلارنىڭ پات پات جەم بولۇشىدىن باشقا تۈزۈك مىھمانمۇ كەلمەس بولدى. باشقا بالىلار تىرىشىپ ئوقۇپ ۋەتەن خەلققە، پارتىيىگە  ياراملىق ئادەم بولۇش ئۈچۈن تىرىشسا، مەن ئاتا ئانام ئۈچۈن تىرىشاتتىم. شۇنداق قىلىپ مەنمۇ ئەڭ ئاخىرقى 3 قىتىملىق مانىۋىر ئىمتىھاننى ياخشى بىرىپ، پاراللىل يىللىقلار بويىچە 3 قىتىم تەبىئىى پەن بويىچە بىرىنجى بولۇپ دىگەندەك شانلىق تارىخلارنىمۇ يارىتىپ قويغانىدىم، ئەمما شۇ ۋاقىتلاردا يەنە شۇ ئوماق ئاپاشلارنىڭ مىنى چىڭخۇا ئۇنىۋىرىستىتىدا ئوقۇماقچىكەن دەپ ماڭا ۋاكالىتەن ئاخبارات ئېلان قىلىشىدىن چۆچۈپ قالدىم، چۈنكى كىچىكىدىن يالاڭ قاپاق يولداشلارنىڭ مەكتىپىدە ئوقۇپ چوڭ بولغان بىرنەۋرە ئىنىمنىڭ بارغانسىرى نىپىزلاپ كىتىپ بارغان قاپىقىغا قاراپلا بەك تىرىشىپ ئوقۇۋەتسەم بولمايدىغانلىقى بىلگەن ئىدىم، بولسا مىنى قەشقەردىكى بىرە مەكتەپتىن ئىلىپ كەتسە، شۇ يەردىكى تۇغقانلارنىڭ ئۆيىدە يىتىپ قوپۇپ ئوقۇساممۇ بولا دەپ خىياللارنى سۈرۈپمۇ ئۈلگەدىم.
    كىم بىلسۇن، بۇخىياللىرىم يەنە شۇ قۇرۇق خىيال پىتىلا قىلىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى نەتىجەمئ ۇ خىياللاردىنمۇ يىراق بىر يەردە قالدى، دىمەك ئەمدى ھىلىقى ئوماق ئاپاشلارنىڭ يۈرىكى بىرە قۇر ئورنىغا چۈشۈپ، قان بىسىمى ئۆرلەپ كەتكەنلەرنىڭ قان بىسىمى چۈشۈپ خىلى ياخشىلىنىپمۇ قالغانىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ قان بىسىمىنى چۈشۈرۈپ تۇرسام، تاسقالدى قان بىسىملار بىزنىڭ ئۆيدە ئۆرلەپ كەتكىلى.
      ئاپامنىڭ بۇرۇندىنلا ئاچچىقى يامان ئىدى، بۇ قىتىم ئۇ ئاچچىق نەچچە ھەسسىلىنىپ بىراقلا كەلدى. ئاخىرى ئاتا ئانامنىڭ رايى بويىچە يەنە بىر يىل قايتا تەييارلىق سىنىپىغا كىردىم.
     ماڭا ئوخشاش بەك تىرىشىۋىتىپ، ئىمتىھان كۈنى ھىرىپ قالغانلارنى يىغىپ بىر سىنىپ قىلغانىكەن، ھەممىمىز تەقدىرداش بولغاچقا، خىجىل بولۇش دىگەننى قايرىپ قويۇپ، بىر بىرىمىزنىڭ ھالىغا يىتىپ دىگەندەك ئۆتۈشتۇق. مەنمۇ مىجەزىمنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن ماڭا ئوخشاش سەل كۆپ خىيال سۈرىدىغان، ئەمما مەلىكە بولۇش خىيالىنى تولا سۈرىدىغان، ئاق سىرىق چاچ كىرپىكلىرى بىلەن كۆپكۆك كۆزلىرىنى كۆرگەن ھەر قانداق كىشى چەتئەللىك قىزكەن دەپ قالىدىغان بىر قىز بىلەن يىقىن دوستلاردىن بولۇپ كەتتىم. گىپىمىز دائىملا بىر يەردىن چىقاتتى، ھەر كۈنى مەكتەپكە كىلىپ سىنىپنىڭ ئەڭ كەينىدە ئولتۇرىۋىلىپ چۈشتە نىمە تاماق يەيمىز، ھازىر قايسى ناخشا مودا دىگەندەك پاراڭلىرىمىز بىلەن 4 سائەتنى تىزلا تۈگىتەتتۇق، ئۆينىڭ مەكتەپكە شۇنچە يىقىن بولۇشىغا قارىماي، چۈشلۈك تامىقىم سىرتتا بولاتتى.
   شۇنداق قىلىپ ئاشۇنداق 4 سائەتلەردىن تالاينى توشقۇزۇپ، يەنە بىر قىتىملىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى باشلاندى. نەتىجىلەر چىقىپ، مەن مالىيە ئىقتىساد ئۇنىۋىرىستىتىنىڭ مەلۇم كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن جەريانلارنى يىزىپ ئولتۇرماي.
   كىچىكىمىزدە دادام دائىم يىڭى پىلاستىنكا چىقىپتۇ دەپ كۆتۈرۈپ كىرسە، ھەممىمىز بىللە ئولتۇرۇپ كۆرىدىغان بىر كۆرۈنۈش بار، يەنى ھەممىلا پىلاستىنكىدا ئورتاق بولغان بىر كۆرۈنۈش. يىزىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بىر قىز ياكى يىگىت ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا كىلىدۇ، ئاندىن ياكى تىرىشىپ ئۇتۇق قازىنىدۇ ياكى ئالىي مەكتەپتە ئاتالمىش مۇھەببەتلىرى بىلەن بىر جەريانلارنى كەچۈرۈپ، ئاخىرى ئانچە ياخشى بولمىغان ئاقىۋەتلەرنى قۇچاغلاپ مۇددەتتىن بۇرۇن مەكتەپتىن ئايرىلىدۇ.
    مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن، ھىس قىلغان ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدا گەرچە ئۇ خىلدىكى ئاجايىباتلار كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما ئالىي مەكتەپ ھاياتى ھەقىقەتەن بىر كىچىك جەمئىيەتكە ئوخشايتتى. لىكىن نىمىشقىكىن، ئۆزۈمنى پەقەتلا ئەركىن ھىس قىلالمايتتىم.
     ئالىي مەكتەپكە چىقىپلا بىزگە ئىنگىلىزتىلى دەرسلىكى قوشۇلدى. تىل ئۆگىنىش جەھەتتە ئالاھىدىلىكىم بارئىدى، شۇڭا ئاسانلا قىزىقىپ كەتتىم. بىر چاغدا بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دەپ ئاتىۋالغان تەشكىلاتنىڭ ئىنگىلىزتىلىدا بىرلەشكەن مىللەتلەر تەشكىلاتى دەپ ئاتىلىشى مىنى ئەجەپلەندۈردى، ئەمما ئوقۇتقۇچىمنىڭ بۇ سوئالغا سوغۇقلا مۇئامىلە قىلىشى جىنىمغا تەگدىدە، ئوقۇتقۇچىمدىن قاتتىق رايىم ياندى.  دىمىسىمۇ مەن ئۈچۈن بۇ يالغۇز قۇرۇق سوئاللا ئەمەس ئىدى. ھىلىمۇ ئالىي مەكتەپ ھاياتىم باشلانغاندىن بىرى مەن بىردىنبىر قاتنىشىۋاتقان پەننىڭ بىرى ئىنگىلىزتىلى ئىدى، ئۆز كەسپىم ياكى باشقا ھىلىقى شوئارئۈزۈندىلەر دەۋرىدىكى ئۇلۇغ شەخسلەرنىڭ ئىدىيىسى توغرىسىدىكى دەرسلەرگە پەقەت قاتناشمايتتىم، كىيىن بارا بارا پۈتۈن مەكتەپتىن رايىم ياندى.
ئاپامنىڭ كەيپىياتى ياخشى كۈندىن بىرنى تاللاپ، بىرە يىل رۇخسەت ئىلىپ خالىغان نەرسىلىرىمنى ئۆگىنىپ بىقىش ھەققىدە ئاپامغا ئېغىز ئاچتىم.
--ئاۋال مەكتەپنى پۈتتۈرۈڭ، سىز پۈتتۈرۈشكە يىرىم يىللا قالدى، ئەلاچى بولۇڭ دىمەيمەن، دىپلومنىلا ئىلىڭ، خىزمەت تەييار، ئۇ خىزمەتنى خالىمىسىڭىز سىز مەبلەغ سىلىپ چوڭراق دۇكان ئاچقۇدەك پۇل بىرىمەن.
يەنەشۇ دىپلوم جىدىلى...
    شۇنىڭ بىلەن ئاپاملاردىن يوشۇرۇن بىرىپلا بىر ھەپتە كىرمىگەن ئىشخانام قالمىغان دەرىجىدە سوكۇلداپ يۈرۈپ، مەكتەپتىن بىراقلا چىكىنىپ چىقىپ كەتتىم، ئاخىرقى تامغىنى بىسىپ بەرگەن مۇدىر يۈزىگە لىق كەلگۈدەك كۆز ئەينىكىنى ئىلىۋىتىپ ماڭا چەكچىيىپ قارىغىنىچە تۇرۇپلاقالدى.
   ئاپامغا چىكىنىپ چىققىنىمنى دىيەلمەيتتىم، ۋاقتى كەلگەندە بىر گەپ بولا دىدىمدە، مەكتەپتىن رۇخسەت ئالدىم دەپلا گەپنى تۈگەتتىم. سومكامدىكى مەكتەپتىن چىكىنگەن ئۇختۇرۇشنى پۇرلاپ يىرتىپ، مەھەللىمىزدىن بىر سائەت ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ مىڭىپ يىراق بىر يەرگە تاشلىۋىتىپ كۆڭلۈم ئارام تاپتى.
    مىنىڭ مەكتەپتىن چىقىپ كەتكەن خەۋىرىم يەنە بۇ تەرەققىي قىلغان ئۇچۇر دەۋرىدە تارقىلىپ، نەتىجىدە مىنى يىقىندا چەتئەلگە ماڭىدىكەن دىگەن پاراڭغا كىلىپ قالغانىكەن. بۇ جەھەتتە ئۇيغۇرخەلقىمىزنىڭ ئاغزاكى ئاخبارات يەتكۈزۈش سۈرئىتىگە ئاپىرىن ئېيتىشقا مەجبۇرمەن. بۇ پاراڭلار قوشۇلۇپ ئەسلىدىنلا مىنىڭ بۇ قىلمىش ئەتمىشلىرىم بىلەن ئاستىن ئۈستۈن بولۇپ كەتكەن پۈتۈن جەمەتىمىز تىخىمۇ قايناپ كەتتى، مەندىن ئىبارەت چوڭ نەۋرىىنىڭ، يەنە كىلىپ ئاتا ئانىسىنىڭ بىرلا قىز پەرزەنتى بولغان پىقىرنىڭ ئالىي مەكتەپ دىپلومىسىز كەلگۈسىنى بىر قاراڭغۇلۇققا باغلاپ كۆز يىشى قىلىشىپ، ئاھ ئۇرۇشۇپ كەتكەن قىرىنداش دوست بۇرادەرلىرىمنىڭ نالىسىگە چىدىماي مەنمۇ ئانچە مۇنچە بىللە يىغلىشىپمۇ بەردىم. شۇنداق يىغلاپ قاقشاپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئائىلىمىزگەھەقىقىي مۇسىبەتتىن بىرى كەلدى.
   دادام كىچىكىدىن يىتىمچىلىكتە چوڭ بولۇپ، ئەتراپىدىكى بىر قىسىم ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ياردىمىدە ئوقۇپ، كىيىن پۈتۈن ۋىلايەتتىن شىنجاڭ ئۇنىۋىرىستىتىغا ئوقۇشقا كەلگەن ئىككى كىشىنىڭ بىرى بولۇپ، كىيىن ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا شىنجاڭ ئۇنىۋىرىستىتىدا خىزمەت قىلىپ قالغاچقا، دادامنىڭ ئاتا ئانىسىنى مەن كۆرۈپ باقمىغانىدىم، ئەمما2010 -يىل 3-ماي كۈنى، مىنىڭ دۇنيالىقتىكى بىردىنبىر بوۋام، يەنى ئاپامنىڭ دادىسى 4 پەرزەنتىنى، 6نەۋرىسىنى يىتىم قويۇپ، بىر پارچە كىسەكنى بىشىغا قويۇپ سوغۇق يەر ئاستىغا كىرىپ يىتىۋالدى. ھاياتىمدا بىشىمغا تۇنجى كەلگەن بۇ مۇسىبەتتىن ھەقىقەتەن ئۆزۈمنى يوقىتىپ قويغانىدىم.
    شۇنداق ئېغىر بىر ھىسىياتلاردا بوۋامنى قارا تۇپراققا كۆمۈپ قويدۇق، شۇندىن كىيىن ھەر پەيشەنبە كۈنى سەھەردە بىر ئائىلە كىشىلىرى  بىر پاتمان ھەسرەتنى يۈدۈپ،    بوۋامنىڭ تۇپراق بىشىغا بىرىپ، ئىچىمىزدىكى بارچە سىغىنىشنى گاھ ئۈن تىنسىز، گاھ ئۈنسىز ياشلىرىمىز بىلەن بوۋامغا سۆزلەپ بىرىشنى ئادەت قىلىۋالدۇق.
مەندىمۇ ئۆزگىرىشلەر چوڭ ئىدى، ئىلگىرىكى بالىلىقىمدىن تارتىپ ماڭا ھەمرا بولۇپ كەلگەن ئىچكى دۇنيارىمدىكى پادىشاھلىقىم ئورنىنى پۈتۈنلەي بوۋام بىلەن ئۆتكۈزگەن كۈنلەر، ھەر قىتىم چوڭ ئۆيگە كىرگىنىمىزدە، بالكونغا ئەپچىل قويۇۋالغان كارىۋاتتا قۇرئان ئوقۇپ ئولتۇرغان ھالەتتە كۆرىدىغان بوۋامنىڭ مۇلايىم كۈلۈمسىرىشى، قايتىش بولۇپ قىلىش ئالدىدىمۇ بالىلىرىنى ئەنسىرەتمەسلىك ئۈچۈن ياخشى بولۇپ قالىمەن دەپ ھەممە بالىلىرىنى ئۆزئۆيلىرىگە قايتىشقا ئالدىراتقان ئاجىز ئەمما تاغدىن مەزمۇت جىسمى، ھەر قىتىملىق ھىيت نامىزىغا جامائەتنىڭ بىشى بولۇپ ماڭىدىغان، ھەممە ئادەم ئاجايىپ ھۆرمەتلەر بىلەن نامىنى تىلغا ئالىدىغان جان بوۋام ئىگەللەپ بولغانىدى. شۇنىڭدىن بىرى بەكمۇ كۆپ جىمغۇرلىشىپ كەتتىم.
    مەن ئالىي مەكتەپتىن چىقىپ كىتىپ، بىر ياقتىن كانادانىڭ ئۈرۈمچىدە ئىچىلغان تىل مەكتىپىدە ئىنگىلىزتىلىمنى پىششىقلىغاچ، يەنە ئۆزۈممۇ بىر شەخسى كۇرستا ئىنگىلىزتىلى دەرسى بىرىپ، ئانچە مۇنچە تەرجىمانلىق قىلىپ، بىر ياقتىن چەتئەلگە مىڭىش ئىشلىرىمنى بىجىرىپ، ئارىلىقتا بىر ھەپتە دوختۇرخانىدا يىتىپ،  بوۋامنى قارا تۇپراققا كۆمۈپ بولغۇچە بىر يىلمۇ توشۇپ كەتتى. مەن ئاغرىپ دوختۇرخانىدا يىتىپ يۈرگەن كۈنلەردە ئاتا ئانام، بوۋام موماملار مىنىڭ بۇندىن كىيىنكى تاللىشىمغا يول قويىدىغانلىقىنى، پەقەت مىنىڭ سالامەتلا بولسام ئۆزلىرىنىڭ ھەممىگە رازى ئىكەنلىكىنى ئېيتىشىپ كۆز يىشىمۇ قىلىشتى. بۇنداق قىلىشىنىڭ سەۋەبىمۇ بار ئىدى، مەن تىخى مەكتەپكە كىرمىگەن چاغلىرىمدا بىر كۈنى بەكلا قاتتىق ئاغرىپ كىتىپتىمەن، ئاپاملارنىڭ مىنى ئاپارمىغان دوختۇرخانىسى قالماپتۇ، ئەمما كۆرگەنلا دوختۇر مىدىتسىنا ئىلمىغا ئاساسلىنىپ سۆزلىگەندە مەندە ئۈمۈد يوقلىقىنى ئېيتقاندا، ئۆزىمۇ دوختۇرلۇق خىزمىتىنى قىلىىدىغان بىچچارە ئاپامنىڭ ئۇ تەرەققىي قىلغان مىدىتسىنا ئىلمىگە ئەمەس، بەلكى ئۇلۇغ  رەببىمىزگە كىچە كۈندۈز يىغلاپ دۇئا قىلىشلىرى بىلەن مەن مۆجىزىلەرچە ھايات قالغانىكەنمەن.
بوۋام كىتىپ، بىر نەچچە ئايدىن كىيىن، ۋىزىلىرىم كىلىپ، مىڭىش تەييارلىقىغا چۈشتۈم، ماڭىدىغان كۈن ئاز قالغانسىرى يۈرىكىم شۇنچە قىسىلىپ كىتىپ باراتتى، ئۈرۈمچىدە بار بولغانلىكى نەرسىنى ئىلىپ يىشىك سومكىلارغا قاچىلىۋەتكەن بولساقمۇ، ئەمما قانچە قىلساقمۇ يەنە نىمىلەردۇر كەم قالغاندەك، كەم قالغان نەرسىلەرنى مەن مەڭگۈ توشۇپ ئىلىپ كىتىپ بولالمايدىغاندەك ھىسىياتلاردا بولاتتىم.
    نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا توردا بىر لىكسىيە كۆردۈم ھىلىقى ئۆزىنى پىسخولوگ دەپ ئاتايدىغان بىرى سۆزلىگەن، شۇ كىشىنىڭ بىر نەچچە ئىغىز گىپى بىلەن نەچچە كۈن ئۇيقۇممۇ ئۇيقۇ بولماي قالدى. ئۇ كىشىنىڭ دىيىشىچە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمىغان ئادەمدىن ئوقۇغان ئادەمنىڭ ئۆلۈكى ئارتۇقمىش.
    مەن ئائىلەمدىن، جەمەتىمدىن پەخىرلىنىدىغان بىرى، ئائىلەمنىڭ يۇقىرى مەلۇماتلىقلىقىدىن ياكى پۇلدارلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئالىي مەكتەپ يۈزى تۇرماق ئوتتۇرا مەكتەپ دەۋرىنىمۇ تۈزۈك كەچۈرمىگەن، شۇ لىكسىيەچىنىڭ سۆزى بويىچە بىر جۈپ قارا قورساق بوۋام مومامنىڭ 4پەرزەنتىنى ئۆزىگە ئۇدۇم قالغان ئىنسانىي پەزىلەت، ئىمانىي غۇرۇرى بىلەن پاكلاندۇرۇپ كاتتا مەرتىۋىلىك بولالمىسىمۇ ئەمما ئۆزىگە يۈز كىلەلىگۈدەك ياشاش ئىقتىدارىنى يىتىلدۈرگەن ئاشۇ پەرىشتە سۈپەت مومام، مەن ھاياتىمدا ئەڭ ئۇلۇغ كىشىم ھىساپلايدىغان بوۋامدىن ئىچ ئىچىمدىن چىقىرىپ پەخىرلىنىمەن، ئۆزۈمنىڭ ئاشۇ قارا قورساق ئەمما پاك ئىمان ئىگىلىرىنىڭ پۇشتىدىن بولغىنىم مەن ئۈچۈن ئالىي مەكتەپ دىپلومىدىنمۇ بەك چوڭ شەرەپ.
     ئىككى كۈندىن بىرى ھاۋا بەكلا سوۋۇپ كەتتى، بىزمۇ ھەر بىر كۈننى ئەتە قار يىغىپ قالارمىكىن دىگەن ئۈمۈدتە باشلايمىز، ئۈمۈد دىگەن بەك تاتلىق نەرسە، نەتىجىسى بولسۇن بولمىسۇن ئىشقىلىپ ئۈمۈدنىڭ بولغىنى ياخشى، ياخشى ئۈمۈد، ياخشى تىلەكلەر ھامىنى بىر ياخشىلىقنى يىتىلەپ كىلىدۇدە تۇيمايلا قالىسىز، مۇشۇ ئەبجەش خىياللىرىمنى ئوقۇۋاتقان ھەربىر كىشىگە كۆڭلۈمدە شۇنداق تاتلىق تىلەكلەرنى تىلىۋەتتىم، شۇ تىلەكلەر خۇشاللىق ئىلىپ كەلگەندە مەندەك بىر مۇساپىرئەبجەش خىيالچىنى ئەسلەپ قويارمىكىن دەپ.

0

تېما

3

دوست

240

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   80%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31159
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 62
توردىكى ۋاقتى: 11
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-1 13:52:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!يازمىلىرىڭىزغا بۇرۇن دىققەت قىلماپتىكەنمەن,تەپەككۇر ئۇسۇلىڭىز,ئوتتۇرغا قويغان پىكىرلىرىڭىز ماڭا بەك ياقتى。ئۇلۇغ ئاللاھ مىللەت,ئۈممەت ئۈچۈن ئىلىم ئىزدەپ مۇساپىرچىلىقتا باسقان ھەربىر ئىزىڭىز ئۈچۈن ھەسسىلەپ ئەجىرلەر بەرگەي!تىنىڭىزغا سالامەتلىق,ئائىلىڭىزگە خاتىرجەملىك,ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

مىللەتنىڭ تەقدىرى ئانىلارنىڭ ق

0

تېما

11

دوست

1132

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   13.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2645
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 75
تۆھپە : 305
توردىكى ۋاقتى: 116
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-1 17:31:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئىز قوغلاپ ئوقۇيدىغان يەنە بىر ئەسەرنى تېپىۋالدىمدە .....

قۇياش يېيىشكە بو

18

تېما

9

دوست

3446

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   48.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10892
يازما سانى: 68
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 590
تۆھپە : 648
توردىكى ۋاقتى: 629
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-1 18:09:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام .سزنىڭ ئەبجەش خيياللىرىڭىزنى باغداشتا يەنە كۆرگىنىمدىن خۇرسەن مەن .
بۇندىن ئىككى يىللار بۇرۇن بۇ خىلدىكى يازمىلىرىڭىزنى مۇشۇ تور بەتتە كۆرگەن ئىدىم.

0

تېما

0

دوست

916

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   83.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30581
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 288
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-1 22:58:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى  ساقلايمىز  رەھمەت   سىزگە

0

تېما

0

دوست

1994

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   99.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22168
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 592
توردىكى ۋاقتى: 69
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-27
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-1 23:37:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەخىرلىنىدىغان كىشلەرنى لىكىن ئاجايىپ ياخشى شەرھىلەپتۇ، ياشاڭ، ئاللا ئىشلىرىڭلارغا ئاسانلىق بەرسۇن، ئاخىرى بامۇ يا؟

24

تېما

28

دوست

2718

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   23.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8408
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى: 524
تۆھپە : 479
توردىكى ۋاقتى: 620
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-1 23:40:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
begtashmen يوللىغان ۋاقتى  2014-12-1 06:52
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!يازمىلىرىڭىزغا بۇرۇن دىققەت قىلما ...

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، كۆپ رەھمەت قىرىندىشىم

24

تېما

28

دوست

2718

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   23.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8408
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى: 524
تۆھپە : 479
توردىكى ۋاقتى: 620
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-1 23:44:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uyguriya يوللىغان ۋاقتى  2014-12-1 10:31
مەن ئىز قوغلاپ ئوقۇيدىغان يەنە بىر ئەسەرنى تېپىۋالدىم ...

داۋاملىق ياخشى پىكىر تەلەپلەرنى بىرىپ تۇرۇڭ، رەھمەت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )