- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 71018
- نادىر
- 7
- يازما
- 3183
ئۆسۈش
0%
|
1. موشۇ بۇگۇن بىر ئاغىنىلەرنىڭ بىنا ئۆيىنىڭ توكى بۇزۇلۇپ قاپتىكەن .بىزنىڭ ئىدارىدىكى ئابلەت ئاكامنى ئىزدەپ تېپىپ ، ئاشۇ توك يولىنى ئوڭشاپ بىرىشكە تەكلىپ قىلدىم ،. ئىشقىلىپ بارغۇ موشۇ بىنا ئۆيدە بىرەر قېتىم توك بۇزۇلىدىغان ئىشلار بولمايدۇ دىگىلى بولمايدىكەن جۇما .
2. بولاپمۇ بىزنىڭ موشۇ ئۇيغۇر ئۆي بىزەكچىلىرى بارغۇ يامان قارام دەيمەن . يا بولمىسا پەن بىلەن چاپلاپلا توك ئىغزىنى يوقلا قىلۋېتىدۇ ،ناۋادا بۇ يەردىكى ئېغىزنى چاپىلۋىتپسەن دىسڭىز پالتا بىلەن چېپىپلا تۆشۇك ئاچىدۇ ،مېنىڭ ئۆيۇمنىمۇ ئاشۇنداق قەھرىمان بىزەكچىدىن بىرسى بىزىگەندە توك ئېغىزىنى چىقىرىمەن دەپ پالتا بىلەن چېپپلا توكنى سىمىغا پالتا تىگىپ قىسقا تۇتاش بولۇپ قېلىپ بىراقلا ئۆينىڭ يېرىمىدە توك يوق بوپ قالغان ، ھازىرغىچە بىرنىمىلەر قىلىپ توك بار جايدىن ئۇلاپ دىگەندە ئىشلىتىۋاتىمەن ، خوتۇن بىلمەيدۇ بۇ ئىشنى بىلىدىغان بولسا ماڭا ئاراملىق نەدە .
ئەمما ئۇيغۇر بىزەكچىلەر ئىشنى پۇختا قىلىدۇ ، بۇنىڭغىمۇ قايىل بولماي قالمايسىز ، خاتۇنۇم داۋاملىق بىزنىڭ ئۆينىڭ بىزەكلىرىنىڭ ئون يىلىدىن ئاشسسىمۇ ئازراقمۇ بۇزۇلمىغانلىقىدىن داۋاملىق ئىچى پۇشۇدۇ . لېكىنزە موشۇ ئۆي بىزەتكەندە ئاشۇ بىر پالتىنىڭ كاساپىتى دەڭا ،ئۇنىڭدىن باشقا دەل ئۆينىڭ يېرىمغا ئۇلىغان سىم قىسقا تۇتاشتا ئاجراپ كىتىپتۇ دەپ ئابلەت ئاكام ئىزلەپ يۇرۇپ ئاخىرى ئارلىق ئۆيدىكى تام ئەينەكنى كۆرسىتىپ توختاپ قالدى ،ئەسلىدە ھېلقى ئاجرىغان تۇگۇن دەل ئاشۇ تام ئەينەكنىڭ كەينىدە قاپتىكەن .
دىمەكچى ئۆي بىزەتمەكچى بولغانلار موشۇ ئۆينىڭ توك يولىغىزە يامان ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشساق ، ھەرگىزمۇ كېرىكى يوق ، ئۇندىغەي بۇندىغەي دەپ پۇتەي قىلۋېتىدىغان ئەخماقانە ئىشنى قىلىپ سالمىساق ، كىيىن چاتىغى چىقىپ قالسا ئاۋارچىلىقمۇ ياخشى ، خوتۇن قۇلاققا تولا كوتۇلداپ پاڭ قىلۋېىتىدۇ ، ھە تورداشلار ماندا ئىشنىمۇ بىلىپ قويۇش كېرەك دەيمەن .
3. ئابلەت ئاكام بىلەن توك يولىنى تەكشۇرەۋېتىپ ،نەق گەپنى قىلغاندا بىز ئابلەت ئاكامغا ئەتۋىركە سۇنۇپ بىرىشتىن باشقىغا يارىمايدىكەنمىز . سوراپ قالدىم ، ئاكا بۇ بىنا ئۆينىڭ توك يولى خەرىتىسى دىگەندەك بىر نەرسە بولۇشى كېرەكتىغۇ ،-شۇنداق بولۇشى كېرەك ، ئەمما بىر ئىككى يىل بولغان ئۆيلەرنىڭ توك يولى خەرىتىسىنى تاپقىلى بولمايدۇ ، بۇنداق ئالتە يەتتە يىل بولغان ئۆيلەرنىڭ توك يولى خەرىتىسىنى نەدىن تاپىسىز دەيمەن . -ئەمدى ئاكا دىدىم مەنمۇ بولدى قىلماي ، -ناۋادا ماڭا موشۇ خەرىتە كېرەك چوقۇم كېرەك دىسەم نەدىن تاپقىلى بولار ، -بەلكىم ئۇكام بەلكىم بولدىلا تاپقىلى بولمايدۇ مەن دائىم موشۇ ئەل ئاغىنە ئۇرۇق تۇققان دوس بۇرادەرلەرگە خالىس توك رىمىنۇت ئىشلىرنى قىلىپ بىرىمەن .بۇنداق خەرىتىنى تاپقىلى بولمايدۇ ، بىزنىڭ بىنانىڭ ئىگىز قەۋەتتە توك كاشىلىسى چىقسىمۇ ، ئاشۇنداق سىلاپ سىپاپ بىر ئىش قىلىغىنىنى كۆرگەن ئىدارىنىڭ توكچىلىرىنىڭ .
4. خوش ئۆينى نەچچە ئون تۇمەنگە ئېلىپ ئۆيگە مۇناسىۋەتلىك توك يولى خەرىتسىگە ئېرىشەلمەيمىزما شۇنداق قىلىپ ، بۇ يە بىر مەخپىيەتلىك بولمىسا ، بەش موچەنگە نۇسخىلاپ بىر ئۆيگە بىردىن توك ساندۇقىنىڭ ئىچىگە سېلىپ قويسىلا بولدىغان ئىشقۇ بۇ ، -بەلكىم ئاشۇ لەنىتى توك تارتقانلار قالايماقان تارتىپ قويغان بولسا سېلىشتۇرۇپ ئەرىز قىلىدىغانلار چىقمىسۇن دەپ ھەققى خەرىتىنى جىمىقتۇرىۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن .
5.مەن بۇ بىنا ئۆيلەرنىڭ توك يولى خەرىتىسىگە قانداق ئېرىشىش كېرەكلىكىنى توردىكى ئادۇكات ۋە باشقا كەسىپ ئىگىلىرىگە قالدۇرۇپ قوياي ، ئۆزەم ئەقلىم يەتكەن بىرنۇقتىدا تورداشلارنى ئاگاھلاندۇرماقچى خالاس ، بۇ ئۆي سېتىۋالغاندا ئاشۇ ئۆينىڭ توك يولى خەرىتىىسنى تەلەپ قىلىڭ ، ۋە بىر ئىككى نۇسىخا ساقلاپ قويۇڭ بۇنداق بولغاندا ئۆيدىكى توكتىن كاىشلا چىققاندا ئوشۇقچە ئاۋارچىلىقتىن ساقلانغىلى بولۇشى مۇمكىن . |
|