قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 10896|ئىنكاس: 32

ئۇلۇقلىرىمىزنىڭ روھى قانچىلىك قورۇنىۋاتقاندۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

8

دوست

1535

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   53.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23221
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 22
تۆھپە : 488
توردىكى ۋاقتى: 53
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-4 12:21:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇقلىرىمىزنىڭ روھى قانچىلىك قورۇنىۋاتقاندۇ؟
رۇزىمۇھەممەد تۇردى ئارتۇچ
     

     بىزدە يىڭىدىن ئىش باشلىغان ،دۇككان- ساراي ،ئاشخانا ئاچقان كىشلەر تۇنۇش- بىلىش ،ئەل- جامەئەتكە تۇز قۇيۇپ، ئاش تارتىپ ئىش باشلايدىغان  خەيرىلىك ئادەتلىرىمىز بار.بۇ ئارقىلىق شۇ ئىشىنى باشلىغۇچى كەڭ ئەل-جامەئەتنىڭ قوللىشى ۋە مەدىتى ئارقىسىدا ئىش-ئوقتىنىڭ گۈللەپ ياشىنىشىنى شۇنداقلا يىراق–يىقىنىدىكى كىشلەرگە بۇنى بىلدۇرۇشىنى مەخسەت قىلىدۇ.شۇنىڭغا يارىشا چاقىرىلغان مىھمانلار ئوتلۇق تىلەكلىرىنى بىلدۇرۇشۇپ خەيرى ئىھسان تىلىشىدۇ .يىقىن- دوست ياراەنلەر كۆڭلىنى ئىپادىلەپ ياكى شۇ كىشى ئىھتىياجىلىق نەرسىلەرنى كۆڭۈل سوۋغىسى قىلىپ ئىشىنىڭ روناق تىپىشىغا تىلەك ياغدۇرىدۇ.ئەمما ھازىر بۇ خەيرىلىك ئىشىمزنىڭ شەكلى كۆپ ئۆزگىرىپ كەتتى،ياكى بۇنداق قىلىشىنىڭ ۋاقتى ئۆتتىمۇ ۋە ياكى شەكلى يىڭىلاندىمۇ ئەيتاۋۇر خەيرىلىك ئىشلارغا تۇتۇنغان كىشىلەرمۇ ئۇنداق قىلمايدىغان،ياكى دائىرىسىنى تارايتىدىغان بولدى.ئەگەر بەك بولمىغاندا بىرەر ھاراق سورۇنى تۈزۈپ ھاراق بىلەن مىھمان قىلىپ ئەس-ھۇشىنى يۇقاتقاندىلا بولدى قىلىدىغان بولىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە دوست-يارەنلىرىمىز يىڭىدىن ئىش باشلىسا سوۋغا-سالامىنى بىز بەرمەكتە ، تەبرىكلىمەكتە يوق،ئەمدىلا يىڭى ئىشقا كىرىشكەنلەردىن چىيىنى بىرىشىنى تەلەپ قىلىدىغان بولىۋالدۇق.بۇنىڭدىمۇ يەنە شۇ قاۋاقخانىلار بىزنىڭ تەبىركلەش جايىمىز بولىدى،دىمەك شۇنچە قۇتلۇق ئىشىنى تەمەخورلۇق،زەبۇنلۇق،روھسىزلىق ئىلىكىدە قۇتلاپ باشلايدىغان بولدۇق.
     يىقىندا ئانچە مۇنچە سالىمىمىز بار بىر تۇنۇشۇم ئاغىنىسى ئاچقان قاۋاقخانىنىڭ «ئىچىلىش مۇراسىمى»غا تەكلىپ قىلىپ تۇرىۋالدى،بىرىشقا پەقەتلا رايىم يوق ئىدى،ئەمما ھىلىقى تۇنۇشۇمىنىڭ بەكلا زورلاپ تۇرىۋىلىشى ۋە يازىدىغانغا بىرەر پارچە خام ماتىرىيال چىقىپ قالار، دىيىشى بىلەن بىشىمدىن سۆرىگەندەك بولۇپ باردىم. گەرچە قاۋاقخانا ئاچقان يىڭى غۇجىدار يۇغان داش قازاندا ئاش ئىتىپ مىھمانلارنى كۈتىۋالمىغان بولىسىمۇ ئەمما بىر قانچە يىشىك ھارىقىنىڭ مەرىدىن كىچىپ«تەبىرىكلەپ»كەلگەنلەرگە ھاراق قۇيغىلى تۇرۇپتۇ.ھەيرانلىقىمىنى تىخىمۇ ئاشۇرىۋەتكىنى «مۇراسىمغا»كەلگەن خىلى كۆپ كىشىنىڭ قۇلىدا ئالاھىدە سەنئەتلىك قىلىپ لاھيەلەنگەن يۇسۇپ خاس ھاجىپ،مەخمۇت قەشقەرى، ئابدۇرىھىم ئۆتكۇر قاتارلىق ئولۇقلىرىمىزنىڭ پەندى نەسىھەتلىرى، شېئىر ،رەسىمىلىرى كىرىشتۇرۇلۇپ ئىشلەنگەن،ئاستىغا «تىجارىتىڭىز رۇناق تاپقاي!»دەپ تىلەكلەر يىزىلغان چىرايلىق نەقىشلىق رامكىلار(جازا)بولىدى.خىلى كۆپ كىشى كۆتىرىۋالغان بۇ رامكىلار ئۇلارنىڭ «تەبىرىك سوۋغىسى»ئىدى.ئۇلار ئالدىراش يۈگىرەپ ھاراق قۇيىۋاتقان «خۇجايىن»غا تىلەكلەر تىلىشىپ سوۋغىللىرىنى بىرىشىتى.ئۇنىڭ ئۈسىتىگە بۈگۈن بۇ يەرگە كەلگەنلەر خىلى كۆپ ئىدى.بۇنى كۆرۇپ ئويلاپ قالدىم،ئۆتكەندە قايسى بىر ئورۇندىن كىلىپ ھەقسز پەن– تىخنىكا كىتاپلىرىنى تارقاتقاندا تۈزۇك ئادەم بارماي مەجبۇرى ئادەم ئۇرۇنلاشتۇرغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم،شۇنىڭغا قارىغاندا بىزنىڭ ھازىرىقى ئىھتىياجىمىز تىخىچە كىتاپقا چۈشمەي،ئەشۇ قۇرغاق مەنىۋىيىتىمىزنى شەكىل ۋە ۋاستە تاللاپ ئولتۇرماي قاندۇرۇشتا ئوخشايدۇ.بۇنى بىكارغا ھاراق ئىلىپ بەرسە كەلگەن ئادەملەرنىڭ كۆپلكى دەلىللەپ تۇرۇپتۇ.قانۇنىمىز ھاراق دۇككىنى ئاچقانلارنى چەكلەپ كەتمەيدۇ.ئەمما ئەل-جامائىتىمىزنىڭ ئەخلاقى، غەزەپ نەپىرىتى ، قارغىشى بۇنى چەكلىيەلەيتىغۇ، بۇرۇنمۇ نۇرغۇن ھاراق دۇكانلىرى مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا تاقىتىۋىتىلگەن، نۇرغۇن زابۇيلار يامان يولدىن چقىرىۋىلىنغان.ئەجىبا دوپپامچىلىك بۇ يەردە گەپ ئۆتكۈزەلەيدىغان مويسىپىتلار يوقمىدۇ،ياكى بۇ ياشلار چوڭلىرىمىزنىڭ گىپنى ئاڭلىمامدىغاندۇ؟ھازىرغۇ ھەممە كىشى ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلىدىغان بولۇپ كەتتى، بوپتۇ،بۇنى قۇيۇپ تۇرايلى،ئەمما ئولۇقلىرىمىزنىڭ ئەڭگۇشتەر ئۈگەتلىرىنى بىر ھاراق ساتىدىغان سورۇندا ئالدىمىزغا ئىسىپ قۇيۇپ قىلغان قىلىقىمىز شۇ بولسا بۇ خۇددى« ھەممىنى موللا بىلەر ،موللا قۇپۇپ كۆلگە سىيەر»دىگەندەك ئىش بولمامدۇ؟مەن يەنە مەستلەرنىڭ ئالا-تاغىل ۋاقىرىشىپ تاملارغا ئىسلغان بىباھا شىئىرلارنىڭ مىسرالىرىنى ئاستىن-ئۈستىن قىلىپ ئالماشتۇرۇپ ئوقۇغاچ دەلدەڭشىپ رۇمكا سوقۇشتۇرىۋاتقانلىقىنى كۆردۇم.
      ئەسىلى بىزدە ئەشۇنداق ئولۇقلىرىمىزنىڭ پەندى-نەسىھەتلىرى بىسىلغان نەقىشلىك رامىكلار كىتاپخانا ،مىللى ھۈنەرۋەنچىلىك دۇككانلىرى ،ئاشخانا ئاچقانلارغا، ئامما ئۈچۈن بىرەر ئەھمىيىتى بار پاكىز سودا بىلەن شۇغۇلىندىغانلارغا تىجارىتىنىڭ خەيرىلىك،ئىشىنىڭ تىخىمۇ روناقلىق بولىشىنى ئۈمىد قىلىپ سوۋغا قىلىناتتى ياكى ئەتىۋارلاپ ئۆيلىرىمىزنىڭ تۆرىلىرىگە ئىسىپ قويىلاتتى.ئەمدى كەلگەندە بۇ باھاسىز مەنىۋىي مەنبەيىمىز بىزنىڭ بۇزۇلىشىمىزغا،روھسىزلىشىشىمىزغا ،ئاجىزلىشىشىمىزغا يول ئىچىپ بىرىۋاتقان رىستۇران،قاۋاقىخانا ،ھەرخىل قورۇمىخانىلارغا ئىسىلىپ ۋە سوۋغا قىلىنىپ زەبۇنلىقىمىزنى تەسكىن تاپتۇرىشىمىزغا ئەرمەك بولىۋاتىدۇ.ئەشۇنداق سورۇنلاردا ئولۇقلارنىڭ گەپ- سۆزلىرىدىن مەددەت تىلىگىنىمىزگە قارىغاندا روھىمىز پۈچەكلىشىپ،غۇرۇرسىزلىشىپ كەتكەن ئوخشايمىز.ئەشۇ نەقىشكە ئىلىنغان «تىجارىتىڭىز رۇناق تاپسۇن»دىگەندەك خەتلەر ماڭا خۇددى« مەنىۋىيتىمىز كۈنسايىن پۈچەكلەشسۇن»دىگەندەك تۇيۇلىدى،دىمىسىمۇ ھازىر بىزنىڭ ئادەتتىكى ئولتۇرۇشلىرىمىزدىن تارتىپ ئۆمۇردە بىر بولىدىغان قۇتلۇق تويلىرىمىزغىچە ھاراقسىز قىزىمايدىغان، ھاراقتىن باشقا خۇشاللىق بىزگە خۇش تۇيۇلمايدىغان،ھارام نەرسىلەر ئىچىدىن ھالاللىق ئىزدەيدىغان، خەيرىلىك يۇسۇنلىرىمىزنى خەيرىسىز ئىشلارغا چاكار قىلىدىغان بولۇپ كەتتۇق.ھەممە ئۆزلىكىنى ئىزدەۋاتقان مۇشۇنداق خەيرىلىك دەملەردە ئەجىبا ئۆلگىدەك ھاراق ئىچىپ مەس-ئەلەس يۇرۇش بىزنىڭ ئۆزلىكىمىز،ئەسىلى كىملىكىمىزمىدى؟تىخى ئۆزلىكنىڭ نىمىلىكىنى بىلىپ يەتمىگەن يىزا-سەھرالاردىكى كىشلەرنىڭ كۆزىگە ھاراق كاساپىتىدىن ئۆلىۋاتقان كىشلەر ماڭدامدا بىر كۆرۇنۇپ تۇرسىمۇ ئۆلەر تىرىلىشكە قارىماي مەيخورلۇق قىلىشى بىزنى ئىچىندۇرىدۇ. ئۇلۇقلىرىمىزنىڭ ھىكىمەتكە پەۋەس دۇردانە-مىزانلىرىنى ئالاھىدە لاھيىلىتىپ ئەشۇنداق روھىمىزنى ئىكەكلەپ،مەنىۋىتىمىزنى خازان قىلىدىغان جايلارغا سوۋغا قىلىپ مەددەت بەرسەك، تىجارتىنى روناق تاپتۇرساق ئارقىدا قالغان تەرەققىياتىمىز، ھۆكۈمەت يۈلىمىسە چىكىدىن بۆسۇلۇشكە تاس-تاماس قىلىۋاتقان يىزا-ناھىيە مائارىپىمىز،ئاڭ سەۋىيەسىمىز قاچان، قانچىلىك،روناق تاپار؟!بەلىكم بىز ئۆزىمىزنىڭ پۈچەلىشىپ كىتىۋاتقان روھيىتىمىزنى خەيرىسز ئىشلارغا خەيرىلىك تىلەپ ۋە ئۇلارغا يىشىل چىراق ياندۇرۇپ بىرىپ قاندۇرىۋاتقان ۋاقتىمىزدا ئۇلۇقلىرىمىزنىڭ ئەشۇ ئىجادىيەتلەرگە تۇتۇنغاندا ئۆز ئەجىرىنىڭ مىللەت مەنىۋىيىتىنى ئاز-تولا جانلاندۇرشىنى قەلبىگە پۈكۈپ ئۇلۇغ ئىجادىيەتلەرنى قەلىمىنى يۈرەك قىنىغا مىلەپ روياپلاندۇرغانلىقى يادىمىزدىن كەچمىگەن بولسا كىرەك.بەلكىم ئۇلار ئۆز يۈرەك قانلىرى بەدىلىگە كەلگەن ئىجاد مىۋىللىرىنىڭ زەبۇنلىققتا قالغان بىر توپ مەنىۋىتيتى غىرىبانلىشىپ كەتكەن كىشلەرنىڭ ئۆز پۈچەكلىكىنى قاندۇرىدىغان ۋە زەيىبانە قەلبىگە نىجاتلىق ئىزدەيدىغان «ئىمىزەك»كە ئايلىنىپ قالدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان بولغىيتى. ئەمما بىز ئويلاپ باقايلى، ئۆزىمىز قان-تەرئاققۇزۇپ بىرەر نەرسە ئىجاد قىلىشقا ئىختىرا قىلماقتا يوق قىلىپ يۈرگەن بىر قاتار ئەخمىقانلىقلىرىمىز،خەيرىلىك ئىشلارغا ھەسسىلەپ چاكىنا،پۈچەك ئىشلارنى ئارلاشتۇرىۋىلىشىمىز،ئولۇقلىرىمىزنىڭ ئالى مەخسەتلەر تۈگەنچىلەنگەن ساۋابلىرىنى زەرىچىمۇ ئەمىنىلىكى،ئىجابىلىكى يوق ئىشلارغا مەغۇل قىلۋاتقىنىمىزدىن پانى ئالەمدە تىنىچ ئارام ئىلىۋاتقان ئولۇقلىرىمىز قانچىلىك ئارامسىزلىنىپ، گۆرىدە تىك ئولتۇرۇپ،روھى قانچىلىك قورىنىۋاتقاندۇ؟!
ئۈندىدار :artuq77  

25

تېما

1

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   35.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15695
يازما سانى: 652
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 7880
توردىكى ۋاقتى: 295
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-16
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-4 18:31:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغلارنىڭ رەسمنى سوۋغا قىلغۇچە ئاچا-سىڭلىسى ياكى خوتۇن قىزنىڭ يالىڭاچ رەسىمگە تارتىپ چىرايلىق رامكىلارغا ئېلىپ سوۋغا قىلغان ،ئاسقان بولسا ئاۋۇ قاۋاقنىڭ تىجارىتى دەششەت روناق تاپاتتى
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

1371

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   37.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32503
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 418
توردىكى ۋاقتى: 82
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-4 18:35:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاپ  كورمەيدىگان   مىللەت ، تۇگەشكەن  مىللەتتۇر،  ئىللەت  تۇزەلمەي  تۇرۇپ،مىللەت  تۇزەلمەس،،،،،،،

0

تېما

0

دوست

1987

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   98.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27927
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 632
توردىكى ۋاقتى: 76
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-4 18:42:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر نۇرغۇن يۇرتلاردا ھاراقكەشلىك خېلى پەسكويغا چۈشتى،كېيىنچە يەنە باشقا يۇرتلاردىمۇ ئاستا-ئاستا شۇنداق بولار.

0

تېما

0

دوست

1371

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   37.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32503
يازما سانى: 117
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 418
توردىكى ۋاقتى: 82
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-4 18:44:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ  يېزىدىمۇ  بىر  كىتاپ  كۇرۇش  بوتكىسى  يوك ،بىراك  ھاراك  بوتكىسىدىن  از  دىگەندە  يۇزى  بار....

2

تېما

5

دوست

1882

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   88.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24276
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 562
توردىكى ۋاقتى: 119
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-4 18:59:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز نىمىشقا باردىڭىز.  سىز بۇلسىڭىزمۇ بارمىسىڭز بولمامدۇ.بىرسى بىرنەسە دەپ باردۇ بىرسى يېققىن دۇستۇم دەپ، سىز خام ماتىريال دەپ بېرىپسىز. بىزدە مۇشۇنداق باھانە جېىق ھەممە باھانە ئۈزىگە ناھايتى چوڭ. سىز ئاۋال دوستىڭىزدىن باشلىزىڭىز كېرەك. بۇ. مەسىلگە كۆڭۈل بۆلگىنىڭىز بىزگە كۆڭۈل بۆلگىنىڭىز رەھمەت

0

تېما

0

دوست

1257

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   25.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30589
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 386
توردىكى ۋاقتى: 55
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-4 19:40:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىملا خاتالىقىغا دىققەت قىلىڭ ..مەن تىمىنىڭ ماۋزۇسىنى كۈرۈپ نىمە دىمەكچىدۇ دەپ ئويلاپ قاپتىمەن   ئۇلۇق ئەمەس  ئۇلۇغ   

0

تېما

2

دوست

1199

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   19.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26835
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 366
توردىكى ۋاقتى: 112
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-4 20:41:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ مەيلى بۇ تىمىىنىڭ يازغۇچىسىغا بۇلسۇن، ۋە ياكى شۇنىڭدەك، ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش سورۇنلارغا قاتناشقۇچى ھەر قانداق بىر كىشىگە بۇلسۇن دەيدىغىنىم، ھەممىمىزئەڭ ئالىدى بىلەن ئۈزىمىزدىن باشلىساق، ئۆزىمىزدە ئالدى بىلەن مەسئۇليەت ئىڭى بۇلساشۇنداق ئىشلارغا ئۇچىرغاندا ئازراق بۇلسىمۇ نەق مەيداندا رەدىيە بىرەلىسەك، ئالىدىنقى قىتىممۇ بىر ئىنكاسىمدا دىگىنىمدەك يەنى ،،‹ دۇنيادىكى زوراۋانلىقنىڭ، زۇلۇمنىڭ، بۇزۇقچىلىقنىڭ، بارلىق يامانلىقنىڭ ،دۇنيادا ئەسكى كىشىلەرنىڭ كۆپىيىپ كەتكەنلىكى ئەمەس، بەلكى، ئۆزىنى ياخشى دىگەن ياخشىلارنىڭ شۇ ئىشلارغا قارشى تۇرماسلىقى ،سۈكۈتتە تۇرشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ›،. شۇڭا ھەممىمىز ئۆزىمىزدىن باشلساق، پەيغەمبىرمىز ئىيتقاندەك ،ئەگەر بىر يامان ئىشنى كۆرسەڭ، ھەركىتىڭ ئارقىلىق توسىغىن، ئۇنداق قىلالمىساڭ سۆزۈڭ ئارقىلىق توسىغىن،
ئۇنىمۇ قىلالمىساڭ قەلبىڭ ئارقىلىق بۇلسمۇ نارازى بۇلغىن، بۇئىماننىڭ ئەڭ تۆۋەن جۈملىسى دىگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )