قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 5438|ئىنكاس: 77

مۆجىزىۋى پالۋان ـــ ھېيىت نوچى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

10

دوست

4143

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   71.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  11326
يازما سانى: 60
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 83
تۆھپە : 1357
توردىكى ۋاقتى: 1047
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-4 22:30:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۆجىزىۋى پالۋان ـــ ھېيىت نوچى

مۇھەممەتجان سەيدۇللاھ

        ھېيىت نوچى 1873- يىلى ئاتۇش شەھەر كاتتايلاق يېزا قوغان كەنت كۆتەك جىگدە مەھەللىسىدە پالتاخۇن ئىسىملىك چارۋا سودىگىرى  ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ھېيت نوچىنىڭ سەلەي باي، مەترېھىم، مەقسۇت باي، ئۆمەر قۇل، بىرەۋىخان، نەسىردىن باي قاتارلىق ئالتە پەرزەنتى بولۇپ، بۇلاردىن نەسىردىن باي ئىسىملىك كەنجى ئوغلى بورتالادا ئولتۇراقلاشقان ، بۇ يىل 96 ياشقا كىردى. قالغان پەرزەنتلىرى بولسا ئالەمدىن ئۆتكەن. بىر قىسىم نەۋرە- چەۋرىلىرى ھېلىمۇ كاتتايلاقتا يۇرتداشلار بىلەن بىرگە ھايات كەچۈرمەكتە.
  كاتتايلاقتا بۇ پالىۋان ھەققىدە ئادەم ئىشەنگۈسىز تالاي قىسسەلەر  تارقالغان. بۇ قىسسەلەر قانداقتۇر باشقىلار تەرپىدىن توقۇپ چىقىلغان مۇبالىغە خاراكتىرلىك ھېكايىلار بولماستىن، يۈكسەك چىنلىققا ئىگە ھەقىقىي ۋەقە- ھادىسىلەردۇر.
    ھېيت نوچى ئوتتۇرا بوي، كەڭ گۈرەنلىك، بۇغداي ئۆڭ، قاڭشارلىق كېلىشكەن كىشى بولۇپ، پەۋقۇلئاددە كۈچتۈڭگۈر ئىكەن. بۇ پالىۋان 50 يېشىدا ئەنجاندا ئالەمدىن ئۆتكەن بولۇپ، 17 يېشىدىن تاكى 50 يېشىغىچە ئوغىلاق تارتىشىش، چېلىشىش، كۈچ سىنىشىش قاتارلىق پائالىيەتلەردە پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيا تەۋەسىدە بۇ كىشىنى يېڭەلەيدىغان ئادەم بولمىغان.
   بىز ھېيت نوچىنىڭ ھاياتى ۋە ئىش- پائالىيەتلەر ئۈستىدە ئىزدىنىش جەريانىدا كاتتايلاق بىلەن قاراجۈل ئارلىقىغا جايلاشقان «ئالا يارنىڭ داۋىنى» دەپ ئاتىلىدىغان داۋان ئۈستىدە «ھېيىت نوچىنىڭ تېشى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر تاشنىڭ بارلىقىنى ئاڭلىدۇق. تاش ناھايىتى يوغون ۋە ئېغىر بولۇپ تا بۈگۈنگە كەلگۈچە ھېيىت نوچىدىن باشقا  10 چارەك قوغۇشۇننى كىيىملىرىنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇپ، سېزىپ قالغان كۈزەتچىنىمۇ بىرگە يۈدۈپ ئاقمەتتىن سايغا قەدەر بولغان ئون نەچچە كېلومېتىر يولنى پىيادە باسقان، 10 چارەك ئاشلىقنى چىشلەپ كۆتۈرۈپ ئىشەككە ئارتالايدىغان ئابدۇرېھىم نوچىلا بۇ تاشنى يەردىن ئۈزەلىگەن بولسىمۇ، كۆتۈرۈپ بىر چامداممۇ مېڭىشقا قۇرىبى يەتمىگەن.  ئۇندىن باشقا بۈگۈنگىچە بۇ تاشنى كۆتۈرۈش ئەمەس، ئۆزى يالغۇز ئۆرىيەلىگەن ئادەممۇ يوق ئىكەن.
       ئابدۇرېھىم نوچى (ئابدۇرېھىم مەنسۇر) مۇ ئوخشاشلا كاتتايلاق دىيارىدا تۇغۇلۇپ ياشاپ ئۆتكەن يەنە بىر تەڭداشسىز پالىۋان. بۇ كىشى 1927- يىلى كاتتايايلاق يېزىسىنىڭ چوقچا كەنتىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 2006- يىلى 11- ئاينىڭ 17- كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن.  ئۆزى ئىگىز بوي ئۇستىخانلىق، باشقىلارنى ئورۇنسىز بوزەك ئەتكەنلەرنى كۆرسە چىداپ تۇرالمايدىغان، مۇھەببەت -  نەپرىتى ئېنىق، ئادالەتپەرۋەر ئادەم ئىدى.  كىشىلەر ئاچارچىلىق يىللىرىدا ئۇنىڭ كېتىۋاتقان ماشىنا ئۈستىدىن بىر قولىدا كوزۇپقا ئېسىلىپ تۇرۇپ، يەنە بىر قولىدا يۈز كىلوگىرامدىن ئارتۇق  قوناق قاچىلانغان تاغارلارنى بىمالال يەرگە تاشلىغانلىقىنى كۆرگەن. يەنە بىر قېتىم لىق قوناق قاچىلانغان ئىككى تاغارنى قارا يانتاقتىن ئىككى قولتۇقىدا  قولتۇقلاپ، يۇرتقا ئېلىپ كىلىپ كەمبىغەللەرگە تارقىتىپ بەرگەن.  شۇ قېتىمدا ئۇ قوغۇشۇن كانىدىن 10چارەك قوغشۇننى ئوغورلاپ قوينىغا يوشۇرۇپ قايتىپ كىلىۋاتسا، يېرىم يولدا كاننىڭ كۈزەتچىسى مۇھەممەت كېسىك قۇلاق دىگەن كىشى  « سەن كان ئوغۇرلاپسەن، سېنى ھۆكىمەتكە دەپ قويىمەن،قوغۇشۇننى قوي » دەپ  ئۇنىڭ ئالدىنى توسىۋاپتۇ. ئابدۇرېھىم نوچى يۇرتتىكى نۇرغۇنلىغان بىچارىلەرنىڭ ئۆيىدە يىگىدەك بىر نەرسىسىنىڭ قالمىغانلىقىنى ،شۇڭا بۇنى سېتىپ ئۇلارغا ئازراق بولسىمۇ ئاشلىق- تۈلۈك ئېلىپ  تارقىتىپ بىرىش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، كۈزەتچى بۇنىڭغا زادىلا يول قويماپتۇ. ئاچچىقى كەلگەن ئابدۇرېھىم نوچى  خېلىلا  بويلۇق ۋە ئۇستىخانلىق كەلگەن بۇ ئادەمنى قوغۇشۇن بىلەن بىرگە يۈدۈپ يولىغا راۋان بولۇپتۇ. ھەر نېمە دەپمۇ  ئۇنىڭ قولىدىن ئاجىرىيالمىغان كۈزەتچى « نوچى، مېنى قويۇپ بەرگىن. مەنمۇ سېنى كۆرمىدىم، سەنمۇ مېنى كۆرمىدىڭ » دەپ يالۋۇرۇغاندىلا ئۇنى يەرگە چۈشۈپ قويغان. بۇ ۋاقىتتا ئۇلار ئاللىقاچان ئاقمەتتىن سايغا چۈشۈپ بولغان ئىكەن...
   2011 - يىلى 8- ئاينىڭ 22- كۈنى يېزىقچىلىق گۇرۇپىسىدىكى بىر قىسىم ئەزالار ئاتۇشتىن 80-70 كېلومېتىر يول مېڭىپ «ئالا يارنىڭ داۋىنى» غا يېقىن بولغان ئاقمەت، ئارپىلىق قاتارلىق مەھەللە كەنىتلەرگە  بېرىپ «ھېيىت نوچىنىڭ تېشى» نىڭ دېرىكىنى قىلدۇق. بۇ جايلاردىكى چوڭلار ھەتتا بىر قىسىم ياشلارمۇ بۇ تاشنىڭ ئورنىنى ۋە بەلگىلىرىنى ئېنىق بىلىدىكەن. ھازىرىقى كاتتايلاقتىن قاراجۈلگە بارىدىغان يول  «ئالا يارنىڭ داۋىنى» دىن تىك لىنىيە بويىچە 6 كېلومېتىر غەرىبىي قىسمىغا ياسالغان بولۇپ، داۋانغا ماشىنىلىق بارىدىغان يول بولمىغاچقا ئىلاجىسىز ئاقمەتتىكى رەمىتىللا مۇھەممەت ئاكىغا تاشنىڭ ئورنى، كەڭلىكى، ئىگىزلىكى، ئايلانمىسى قاتارلىقلارنى ئۆلچەپ سانلىق مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلەپ بېرىشىنى، مۈمكىن بولسا ھارۋا ياكى كىچىك تېراكتۇر بىلەن يول بويىغا ئېلىپ كېلىپ، كىرا ماشىنىلىرى ئارقىلىق شەھەرگە كىرگۈزۈپ بېرىشنى ھاۋالە قىلىپ، قايتىپ كەلدۇق. ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندە رەمىتىللا مۇھەممەت ئاكا تېلفون ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى يەتكۈزدى. تاش جايلاشقان ئورۇننىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 1689 مېتىر بولۇپ، شىمالىي كەڭلىكى 40 گىرادۇس، 01 مىنۇت، 51.8 سىكونت، شەرقىي ئۇزۇنلۇقى 76 گىرادۇس، 44 مىنۇت، 26.1 سىكونتقا توغرا كېلىدىكەن. تاش زاغرا نان شەكلىدە بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى 80 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 60 سانتىمېتىر، ئىگىزلىكى 50-45 سانتىمېتىرغىچە كېلىدىكەن. ئۇلار ئۈچ ئادەم ھەرقانچە ھەپىلىشىپمۇ بۇ تاشى تېراكتۇرغا باسالمىغان، پىشاڭ ئورنىدا ئىشلەتكەن كالتەك، گۈرجەك ساپلىرىمۇ سۇنۇپ كەتكەن ئىدى. بىز بۇ ئۇچۇرلار ئارقىلىق تاشنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېساپلاپ چىققىنىمىزدا 500 كىلوگىرامدىن ئوشۇق بولۇپ چىقتى. بۇ ئەقىلگە سىغمايتتى. شۇڭا بىز قايتىدىن رەمۇتىللا ئاكىغا تېلفون بېرىپ، چوقۇم تاشنى جىڭلاپ ئېغىرلىقىنى بېكىتىشىمىزنىڭ زورۈرلىكىنى، بىر ئامال قىلىپ شەھەرگە يەتكۈزۈپ بېرىشىنى قايتا ئۆتۈندۇق. 2011- يىلى 8- ئاينىڭ 28 – كۈنى چۈشتىن كېيىن رەمىتىللا ئاكا بىزگە قايتىدىن تېلفون بېرىپ تۆت ئادەمنىڭ تاشنى ئىتتىرىپ يۈرۈپ تولىمۇ تەستە تېراكتۇر ئۈستىگە چىقارغانلىقىنى، ھازىر ئالايارنىڭ داۋىنىدىن كاتتايلاق قارا جۈل تاش يولىغا قاراپ ماڭغانلىقىنى، ئارپىلىققا ئالدىغا كېلىپ تاشنى ئېلىۋېلىشىمىزنى ئۇقتۇردى. بىز بەش ئادەم ئاتۇشتىن كىچىكرەك كوزۈپلۇق ماشىنىدىن بىرنى كىرا قىلىپ ئارپىلىققا باردۇق. رەمۇتىللا مۇھەممەت ئاكا ئۆزى قاتارلىق تۆت ئادەم بىلەن تاغلارنى ئايلىنىپ 20 كىلومېتىرغا يېقىن يول بېسىپ  تاشنى مەنزىلگە ئېلىپ كەلگەن ئىدى. بىز تاشنى پىشاڭ سېلىپ، ئارغامچا بىلەن باغلاپ كوزۇپتىن كوزۇپقا يۆتكەپ، شەھەرگە قايتۇرۇپ كەلدۇق. گىرگە سېلىپ جىڭلىغىنىمىزدا ئېغىرلىقى دەلمۇ - دەل 381 كىلوگىرام بولۇپ چىقتى. يەرگە چۈشۈرگەندىن كېيىنمۇ بىزدىن ئۈچ قىران يىگىت ئۇنى تولا تەستە ئاران بىر قېتىم ئۆرىيەلىدى. بۇ ھەقىقەتەن بىر مۆجىزە ئىدى.                                      «ئالا يارنىڭ داۋىنى» كاتتايلاق بىلەن قارا جۈل ئارلىقىغا جايلاشقان خەتەرلىك تىك داۋان بولۇپ، ھازىرىقى كاتتايلاق – قار جۈل تاش يولى ياسىلىشتىن ئىلگىرى كاتتايلاقلىقلار مۇشۇ يول بىلەن قاراجۈلدىن ئوتۇن ۋە مال- چارۋا يۆتكەيتتى. ھېيىت نوچىمۇ ئاتا كاسپىگە ۋارىسلىق قىلىپ كاتتايلاق بىلەن قارا جۈل ئارلىقىدا چارۋا- مال سودىسى قىلغان. ئىككى يۇرت ئارلىقىدا توختىماي قاتناپ تۇرىدىغان ھېيت نوچى شۇ داۋاندىكى بارلىق تاشلاردىن بىردىن بىر روشەن پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان بۇ ئېغىر قارا تاشنى يۇرتداشلىرىغا ئوڭايلىق تۈغدۇرۇش ئۈچۈن «پارول» سۈپتىدە توختىماي كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولغان ئىكەن.
   شۇ مەزگىللەردە پۈتۈن شىنجاڭنى ئۇرۇش مالىمانچىلىقى قاپلىغان بولۇپ، ئىقتىساد زور دەرىجىدە  چېكىنىپ كەتكەن، قاراجۈلدىن ئوتۇن يۆتكەپ سېتىش ئارقىلىق تۇرمۇشىنى قامداش بارلىق كاتتايلاقلىقلارنىڭ بىردىن- بىر تۇرمۇش يولى بولۇپ قالغان ئىدى. قاراجۈلدە شەكىللەنگەن بۇ بىپايان تەبىئىي ئورمانلىق ئەينى ۋاقىتتىمۇ ھۆكۈمەت تەرپىدىن قوغدىلىنىدىغان بولۇپ، سېزىلىپ قېلىنغان ئوتۇنچىلارنىڭ ئوتۇنى بىردەك مۇسادىرە قىلىناتتى. پەقەت ھېيىت نوچىلا ئۆزىنىڭ پالىۋانلىقى ۋە يۇقىرى ئابىرويى بىلەن ئوتۇنچىلارنى ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن قوغداپ، زىيانسىز ھالدا يۇرتقا يەتكۈزۈپ قويالايتتى. ھېيىت نوچى قارا جۈلگە ماڭسا تاشنى يولنىڭ ئوڭ تەرپىدىن سول تەرەپىگە، كاتتايلاققا يانسا سول تەرپىدىن ئوڭ تەرەپىگە يۆتكەپ قويىدىكەن. يۇرتداشلار بۇنىڭغا قاراپ ھېيىت نوچىنىڭ قايسى تەرەپتە ئىكەنلىكىنى پەرىقلەندۈرىدىكەن. كاتتايلاقتا بولسا نەچچە ئون ھارۋىلىق ئوتۇنچى داۋاندا توپلىشىپ ھېيىت نوچىنىڭ ئۆتىشىنى كۈتىدىكەن، ئۇ قارا جۈلدە بولسا ئوتۇنچىلار خاتىرىجەم بېرىپ ئوتۇن ئېلىپ كېلەلەيدىكەن.
     ھېيىت نوچىنىڭ كۈچتۈنگىرلىكىنى ئاڭلىغان پالىۋانلار ئەينى ۋاقىتتا يۇرت- يۇرتلاردىن كۈچ سىناشقىلى توختىماستىن كېلىپ تۈرغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە قىرغىزىستاندىن كەلگەن قىرغىزلار، روسىيەدىن كەلگەن روسلار، ئۆزبەكىستاندىن كەلگەن ئۆزبەكلەرمۇ بار ئىكەن. بىر قېتىم ھېيىت نوچى قاراجۈلدە قىرغىزىستاندىن كەلگەن بىر قىرغىز پالىۋان بىلەن ئات ئۈستىدە كۈچ سىنىشىپ، ئۇنى ئىگەر بىلەن قوشۇپ يۇلۇپ ئېلىپ، يەرگە تاشلىۋەتكەن. پەيزىۋاتنىڭ گۈللۈك يېزىسىدىن كەلگەن بىر پالىۋان ئۇنىڭ بىلەن چېلىشىشنى تەلەپ قىلىپ  كاتتايلاق كونا بازاردا بەل تۇتۇشقاندا ھېيىت نوچىنىڭ سىقىپ كۆتۈرىشىگە بەرداشلىق بېرەلمەي ئالدى كەينىدىن تەرەت يۈرۈپ كەتكەن. گۈللۈك يېزىسىدىن كەلگەن يەنە بىر پالىۋانمۇ ھېيت نوچىنىڭ بىر نەچچىنى پىرقىرىتىپ دەسسىتىپ قويىشى بىلەن ئۆزلىگىدىن ئارقىچە يىقىلىپ چۈشكەن.
    ھېيىت نوچى مىجەز جەھەتتىن كىچىك پېئىل ، كەمتەر، باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى بىلىدىغان ئادى-سادا، چىقىشقاق  كىشى بولۇپ، گەپ قىلغاندا  « ئاغىنە » ، « بۇرادەر » دىگەن سۆزلەرنى كۆپ ئىشلىتىدىكەن. كۈچلۈكلىكىگە تەمەننا قىلىپ ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىرىدىغان نامەردلىكىنى قىلمايدىكەن. كۈچ سىناشقۇچىلار ئۆزىنىڭ ئاجىز كېلىۋاتقانلىقىدىن سۆز ياكى بىرەر ئۇسۇل ئارقىلىق بىشارەت بەرسە ئۇلارنىڭ ئابىرويىنى ئۆز ئابىرويىغا ئوخشاشلا قوغدايدىكەن. كۆپچىلىك ئالدىدا قۇلايسىز ئەھۋالدا قويۇشتىن پۈتۈنلەي ساقلىنىدىكەن.
     ھېيىت نوچى بىلەن جاي- جايلاردىن كۈچ سىنىشىش ئۈچۈنلا ئەمەس، زىيارەت قىلىش ئۈچۈن كەلگۈچىلەرمۇ شۇنداق كۆپ بولىدىكەن.
     بىر قېتىم ھېيىت نوچى ئىشىك ئالدىدىن ئانچە يىراق بولمىغان كاتتايلاق ئۆستىڭىگە پۈتىنى چىلاپ سايىداپ ئولتۇرسا، پەيزىۋات ناھيىسىنىڭ قىزىلسۇ يېزىسىدىن ئۈچ نەپەر زىيارەت قىلغۇچى كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن سالاملىشىپتۇ.  ھەمدە ئۇنىڭدىن ھېيىت نوچىنىڭ ئۆيىنى سوراپتۇ. ئەسلىدە ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ھېيت نوچىنى بىلمەيدىكەن. « ئەنە ئاۋۇ ئۆي شۇ» دەپتۇ ھېيىت نوچى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى گەۋرىلىك ، تەتۈر ئۈستىخان كەلگەن بىرىگە قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ. ئۇلار ھېيت نوچىنىڭ ئۆيىگە قاراپ مېڭىپتۇ. « توختاڭلار، ئۇنىڭ بىر ئەسكى ئىتى بار. شۇڭا ماۋۇ تاياقنى ئېلىۋېڭلار » دەپتۇ ھېيىت نوچى ئۇلارنى ئارقىسىدىن  توۋلاپ. ھەمدە يېنىدا تۇرغان، تىكىلگىنىگە ئۈچ يىلدىن ئاشقان يوتا چوڭلىقىدىكى بىر تۈپ تېرەكنى قومۇرۇپ ئېلىپ ئۇلارغا تەڭلەپتۇ. بۇنىڭدىن قاتتىق ھەيران قالغان  ھېلىقى ئۈچ كىشى قايتىدىن ئۇنىڭ يېنىڭغا كېلىپ  «ئەسلىدە ھېيت نوچى دېگەن سىز ئىكەنسىز-دە »  دەپ ئۇنىڭ بىلەن قايتا كۆرۈشۈپتۇ. ھېيىت نوچى ئۇلارنى  ئۆيىگە باشلاپ كىرىپ مېھمان قىلپتۇ. ئۇزاپ چىققاندىن كېيىن، ئۇلار ئىچىدىكى تەمبىل كەلگىنى « راستىنى ئېيتسام سىز بىلەن بىر بەل تۇتۇشۇپ باقاي دەپ كەلگەن. ئەمدى ھاجىتى قالمىدى» دەپتۇ.
   بۇ 1904- يىلى بولغان ئىش ئىكەن. ئەينى ۋاقىتتا بىز ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ بىر ئەر كۆپ خوتۇنلۇق ئادىتى مەۋجۇت بولۇپ، ھېيىت نوچىنىڭ قۇدۇقلۇق گۈزەل بىر قىزغا كۆزى چۈشۈپ قاپتۇ. قىز ھەقىقەتەن تەڭداشسىز چىرايلىق بولۇپ، مەھەللىسىدە ئۇنىڭغا كۆزى چۈشمىگەن يىگىتلەر ئاز ئىكەن. ئەمما قىزمۇ، ئۇنىڭ ئاتا- ئانىسىمۇ ھېيىت نوچىنى تاللاپتۇ. بۇ قېتىمقى توي ھېيىت نوچىنىڭ ئىككىنجى تويى بولۇپ، ھەشەم - دەرەمسىز، نەغمە- ناۋاسىز توي بولۇپتۇ.  قاتناشقان ئادەملەرمۇ ئانچە كۆپ ئەمەس ئىكەن. قىزنى كۆچۈرۈپ قايتارىدا نەچچە ئونلىغان قۇدۇق يىگىتلىرى ھېيىت نوچىلارنى قوغلاپ يار بويىغا قىستاپ كەپتۇ. يار ئىچى پاتقاق بولۇپ، ئات- ئۇلاقلار تەستە ئۆتىدىكەن. ھېيت نوچى قىز، قىز قولداشلىرى، يەڭگىلەر ۋە ئۆزىنىڭ بىر نەۋىرە قېرىنداش، دوستلىرىنى قوغداپ، ياردىن ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ ئېتىنى كېچىككە ساپتۇ. ئەمما ئېتى لايغا پېتىپ قېلىپ بىر قەدەممۇ ئىلگىرلىيەلمەپتۇ. بۇنى كۆرگەن نەۋرە ئىنىلىرى ئۇنى قوغداش ئۈچۈن ئېتىنىڭ بېشىنى ئارقىغا بۇراپتۇ. كەينىدە بولسا نەچچە ئون ئاتلىق يىگىتلەر ئۇنىڭغا ھەيۋە قىلىپ باستۇرۇپ كەپتۇ. ھېيىت نوچى ئۆزىنى قوغدىيالايدىغانلىقىنى، نەۋرە ئېنىلىرى ۋە دوستلىرىنىڭ كەينىگە يانماسلىقىنى ئېيتىپ، ئاتنىڭ ئاستىغا كىرىپ، قورساق قىسمىنى گەجگىسىگە ئاپتۇ- دە، ئالدى- كەينى پۈتلىرىنى ئىككى قولى بىلەن يىغىپ كۆتۈرۈپ قىرغاققا ئېلىپ چىقىپتۇ. بۇنى كۆرۈپ جىدەل قىلغىلى قوغلاپ كەلگەن قۇدۇقلۇق يىگىتلەرمۇ «بارىكاللا، ياشاپ كەت!» دەپ توۋلىغىنىچە تارقاپ كەتكەن ئىكەن.
   ھېيت نوچىنىڭ پالىۋانلىقى ھەققىدە يۇرتتا تارقالغان بۇنداق ھېكايىلار ھەقىقەتەن ئاز ئەمەس.
   بىر كۈنى ھېيىت نوچى بازارغا كېتىۋاتسا، ئۆستەڭ بويىدا بىر دېھقان قاخشاپ ئولتۇرغىدەك. ئەسلىدە ئۇنىڭ ئىشىكى بىر تاغا بۇغداي بىلەن ئۆستەڭگە پېتىپ قېلىپ، سۇ ئىچىدە تۇرۇپ قالغان ئىكەن. دېھقان ئىشەكنىڭ ئۈستىدىن بۇغداينى يۈدۈپ قىرغاققا ئېلىپ چىقاي دىسە كۆتىرەلمەي سۇغا تاشلىۋېتىشىدىن ئەنسىرەپتۇ. ئىشەكنى ھەرقانچە تارتسىمۇ ماڭغىلى ئۇنىماي تۇرىۋاپتۇ.  كېلىۋاتقۇچىنىڭ ھېيت نوچى ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن دېھقان ئۇنى ياردەمگە چاقىرىپتۇ. ھېيىت نوچى ئىشەكنىڭ ئاستىغا كىرىپ، ئۈستىدىكى بىر تاغار بۇغداي بىلەنلا كۆتۈرۈشكە تەييارلىنىپتۇ. بۇغدىيىنىڭ سۇغا چۈشۈپ ھۆل بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن دېھقان يېلىنغىنىچە تاغارنىڭ ئۈستىدە يېتىۋاپتۇ. ئاخىرىدا ھېيىت نوچى ئىشەك بىلەن بۇغدايغا دېھقاننىمۇ قوشۇپ كۆتۈرۈپ قىرغاققا ئېلىپ چىقىشقا مەجبۇر بولغان ئىكەن.
    ھېيىت نوچى بىلەن بىر مەھەلىلىك ماللا يۈسۈپ خەلپىتىم  دىگەن كىشى بىر تاغار بۇغداينى ئۈگىت قىلىپ ھۆيلىنىڭ دەرۋازىغا يېقىن يېرىدە تامغا تىكلەپ قويۇپتۇ. ئەسلىدە بۇ بۇغداي تاغار يېتىشمىگەنلىكتىن چوڭ بىرلا تاغارغا قاچىلانغان ئىككى پۇت، يەنى 16 چارەك بۇغداي بولۇپ،خەلپىتىم مەسچىتتىن يېنىپ قارىسا ھويلىدىكى بۇ بىر تاغار بۇغداي جىن ئېلىپ قاچقاندەكلا غايىپ بولغان ئىدى.  ھەيران قالغان ئۆي ئىگىسى ئوغرى ئالغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ ئۇيان- بۇيان قارىسا ئەتىراپتا بىرمۇ ئادەم يوق. پەقەت ئۆزىدىن بىرەر يۈز مېتىر يىراقلىقتا بىر ئاتلىق ئادەم كېتىۋاتقىدەك. ئۆي ئىگىسى يۈگەرگىنىچە ئۆيىنىڭ ئەتراپىنى بىر ئايلىنىپ چىقىپ، تېخىمۇ يىراقلارنى ئىلغا قىلىش ئۈچۈن ئۆگزىگە چىقىپ قارىسا، بۇغداي ئۆگزىدە تۇرغىدەك. يىراقلاپ كېتىۋاتقان كىشىنىڭ ھېيت نوچى ئىكەنلىكىنى پەمىلىگەن ماللا يۈسۈپ خەلپىتىم سۆيۈنۈش ھېسىياتى ئىچىدە ئۇنىڭ كەينىدىن قاراپ بىر ھازا تۇرۇپ كەتكەن.
    ئەسلىدە تاڭ سەھەردە سەپەردىن يانغان ھېيىت نوچىنىڭ خەلپىتىمگە چاقچاق قىلغۇسى كېلىپ بۇغداينى بىر كۆتۈرۈپلا ئۆگزىسىگە تاشلاپ قويۇپ ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى.
    كاتتايلاقلىقلارنىڭ ھېيىت نوچى ھەققىدە ئەڭ ھاياجان بىلەن تىلغا ئالىدىغىنى ئۇنىڭ قەشقەردە سېيىت نوچى بىلەن تۇتۇشۇپ قېلىشىدۇر. بۇ ئىش 1915- يىلى قەشقەر شەھرى ئاپاق غوجام مازىرىدىكى بىر قېتىملىق ھەزرەت سەيلىسىدە يۈز بەرگەن. مال- چارۋا سودىسى قىلىدىغان ھېيىت نوچى قاراجۈل تاغلىرىدىن سېتىۋالغان نەچچە ئون تۇياق قوي، ئۆشكە ۋە كالىلىرىنى ياردەمچى يىگىتلىرى بىلەن بىرگە ھەيدەپ ئاتلىق قەشقەر شەھرىگە بارغان. ھەمدە قويلىرىنى دەڭگە سولاپ، ئاتلىرىنى جايلاشتۇرغاندىن كېيىن بازار ئايلىنىپ كۆرۈپ كېلىش مەقسىدىدە ھەزىرەت سەيلىسى بولىۋاتقان ئاپاق غوجام مازىرىغا بارغان. ئايلىنىپ يۈرۈپ مېۋە- چىۋە يىگۈسى كەلگەن ھېيىت نوچى قارىسا ناھايىتى كۆپ ئادەم بىر سىۋەت ئەتراپىغا ئولىشىۋېلىپ قارىشىپ تۇرغان، بىر نەچچە يىگىت زوڭزىيىپ ئولتۇرىۋېلىپ شاپتۇل (بەزىلەر ئۈرۈكمۇ دەيدۇ) يەۋاتقان ئىكەن. قارىسا سىۋەتتىكى شاپتۇل شۇنداق ئوخشىغان بولۇپ، ھېيىت نوچىنىڭمۇ يىگۈسى كەپتۇ. ئۇ كىشىلەر توپىدىن تەستە ئۆتۈپ، تېنى ئاران پاتقۇدەك بىر بوشلۇققا ئېرىشىپتۇ- دە، ئوڭ قولىنى زوڭزۇيۇپ ئولتۇرۇپ شاپتۇل يەۋاتقان يىگىتلەردىن بىرىنىڭ مۈرىسىگە قويۇپ، سول قولىنى سىۋەتكە ئۇزۇتۇپتۇ. ئەمدىلا بىر شاپتۇلنى ئېلىپ ئېغىزىغا سالاي دەپ تۇرسا ئولتۇرغان يىگىت كەينىگە بىر ئورۈلۈپلا ھېيىت نوچىغا مۇشت ئېتىپتۇ. كەينىگە بىر قاڭقىپ ئەسلىگە كەلگەن ھېيىت نوچى ئالدىغا قارىسا ئىگىز بوي، ئۇستىخانلىق بىريىگىت «مۈرەمنى نېمىشقا تۇتىسەن » دەپ ئاغزىغا كەلگىنىچە تىللاپ ھۇرپىيىپ تۇرغىدەك. «نامەرت ئىكەنسەن» دەپتۇ ھېيت نوچى، ئىككىنجى مۇشتنى ئېتىشقا تەمشىلىۋاتقان يىگىتكە قاراپ. يىگىتنىڭ قاراپ تۇرۇپ ئۆزىگە قىلغان ھاقارىتىنى كۆتۈرەلمىگەن ھېيىت نوچى، ھەدەپ كەينى- كەينىدىن ئېتىلىۋاتقان مۇشت- پەشۋالاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، كەينىگە بىر نەچچە قەدەم چېكىنىپتۇ- دە، «ئۇرغان دىگەن مانا» دەپ ئۇنىڭ مەيدىسىگە كۈچەپ بىرنى ئۇرۇپتۇ. قارىسا، ئوڭدىسىغا يىقىلىپ قاسساپنىڭ جىڭ- پىڭ، تاغار، كۆتەكلىرىنىڭ ئارىسىدا ياتقان يىگىت، قولىدا قاسساپنىڭ پىچىقىنى تۇتقىنىچە كۈچەپ قوپۇشقا  ھەركەت قىلىپ تۇرغىدەك.  «سېيىت نوچىنى ئۇرۇپ قويدىلا، تىز قېچىپ كەتسىلە» دەپتۇ ئەتىراپقا ئولاشقان كىشىلەر. ئاڭغىچە يىگىت بىلەن قۇرداش بولغان ئون نەچچە يىگىت ھېيىت نوچىغا قاراپ قىستاپ كەپتۇ. ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى ، ھەمدە ئۆزى ئۇرۇپ قويغان يىگىتنىڭ سېيىت نوچى ئىكەنلىكىنى پەمىلىگەن ھېيىت نوچى  ئەمدىلا ئون يەتتە ياشقا كىرگەن ياردەمچىىى ئەمەر ياقۇپنى باشلاپ راستىنلا قېچىپتۇ (ئەمەر ياقۇپ 1991- يىلى 93 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن، ئەمەر ياقۇپنىڭ ئېيتىشىچە شۇ قېتىم ئۇلار قېچىپ بىر كۆۋرۈكنىڭ ئۈستىگە كەلگەندە سەدىقە تىلەپ ئالدىغا ئۆتكەن دىۋانىنى ھېيىت نوچى بەلبىغىدىن تۇتۇپ پىرقىرىتىپ ئۆستەڭگە تاشلىۋەتكەن ئىكەن).  ئۇلار شۇ قاچقىنىچە دەڭگە قايتىپ كەپتۇ. دەڭگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بولسا دەرھال يۇرتقا قايتىپ كېتىشى كېرەكلىكى بولمىسا سېيت نوچىنىڭ ئادەم ئىۋەرتىپ ئۆلتۈرگۈزىۋېتىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر كەلگىنى ئۈچۈن، ھېيىت نوچى خاتىرىجەم بولالماي، ماللىرىنى باشقىلارنىڭ سېتىپ قويىشىغا ھاۋالە قىلىپ، شۇ كېچىسى كاتتايلاققا قايتىپ كەپتۇ. ھېيىت نوچى يۇرتقا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن سېيىت نوچى بۇ كىشىنىڭ تەرىپىنى ئاڭلاپ دەرھال دەڭگە ئادەم ئىۋەرتىپ ئىزدەشتۈرۈپتۇ. ھەمدە بىر ئاي ئىچىدە ئۈچ قېتىم كاتتايلاققا ئادەم ئىۋەرتىپ، ھېيت نوچىنى قەشقەرگە چاقىرىپ كاتتا مېھمان قىلىپتۇ. كىشىلەرنىڭ ھېكايە قىلىشىچە بۇ ئىككى پالىۋان قەشقەردە جەم بولۇپ ئۇزۇندىن- ئۇزۇن سۆھبەت قۇرغان. ھەمدە ئاغا- ئىنە بولۇشقان ئىكەن. كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدا يەنە ھېيىت نوچى قايتارىدا سېيىت نوچى ئۇنىڭغا ئىگەرلىك  ئات سوۋغا قىلغان دىگەن گەپمۇ بار.
    كىشىنى ئەڭ ئەپسۇسلاندۇرىدىغان يېرى شۇكى، خەلىقنىڭ ھۆرمىتىگە، ھەقىقىي قايىللىقىغا ئېرىشكەن بۇ پالىۋان 1923- يىلى ئەنجاندا سۈيقەسىت بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن.
ھېيىت نوچىنىڭ نەچچىنجى يىلى ئەنجانغا بارغانلىقى، ئۆلۈپ كەتكۈچە بولغان ئارىلىقتا نەچچە يىل ئۇ يەردە تۇرغانلىقى، نېمە ئىش بىلەن بارغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق. بەزىلەر تاغا- ھامىلىرىنى پاناھ تارتىپ بارغان دىسە، بەزىلەر تىجارەت ئۈچۈن بارغانمۇ دەيدۇ.
   ھېيىت نوچى ئەنجانغا بارغاندىن كېيىن مەيلى ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىللىرىدە، مەيلى چېلىشىش مۇسابىقىللىرىدە بولسۇن ئۆزىنىڭ كۈچتۈنگۈرلىكى بىلەن ئۈستۈنلىكى ئىگىلەپ، تاماشىبىنلىرىنىڭ چەكسىز قايىللىقىغا ۋە ھۆرمىتىگە ئىرىشكەن. ئەمما بۇ خىل ئەھۋال رەقىپلىرىنىڭ ئۇنىڭغا بولغان كۈچلۈك ئۆچمەنلىكىنى قوزغىغان.  شۇنىڭ بىلەن ئۇلار «ياقا يۇرتتىن كەلگەن بۇ بىر نىمە  ئۆز يۇرتىمىزدا بىزنى يەر بىلەن يەكسان قىلدى، بىر ئاماللارنى قىلىپ  كۆزدىن يوقاتمىساق بولمىغىدەك  » دەپ مەسلىھەتلىشىپ مەقسەتلىك ھالدا بىر قېتىملىق كۈچ سىنىشىش ئويۇنىنى ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇلار بىر موزاينى ئۆلتۈرۈپ ئاتلىق چېپىپ كېلىپ ئۇنى ئات ئۈستىگە ئېلىشتا بەسىلەشكەن. ئاۋال مەيدانغا چىققان قىرغىز پالىۋان ئاتلىق چېپىپ كېلىپ موزاينى تۇتقانيۇ، كۆتۈرەلمىگەن بولۇپ ئۆتۈپ كەتكەن. ئارقىدىن كەلگەن ھېيىت نوچى موزاينى كۆتۈرۈپ ئاتنىڭ ئۈستىگە ئالغان.  دەل مۇشۇ پەيىتتە ئاتمۇ، ئات ئۈستىدە ئولتۇرغان ھېيىت نوچىمۇ تەڭلا يەرگە يىقىلغان. ئەسلىدە موزاينىڭ ئىچكى ئەزالىرى ئېلىۋېتىلىپ مەقسەتلىك ھالدا تاش قاچىلاپ تىكىپ قويۇلغان بولۇپ، ھېيىت نوچى ئەتىراپلىق ئورۇنلاششتۇرۇلغان ئاشۇ بىر قېتىملىق  سۇيقەستنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەن. شۇ كۈنى قاتتىق كۈچەشتىن ئۇنىڭ ئۈچىيى ئۈزۈلۈپ كەتكەن بولۇپ، ھەسرەت  ۋە نەپرەت بىلەن بۇ دۇنيادىن خوشلاشقان.  ھەمدە ئۇۇق- تۇغقان، يار -بۇرادەرلىرىنىڭ ياردىمىدە ئەنجاندا دەپنە قىلىنىپ، يەرلىكىدە ياتقان. گەرچە ئۇرۇق- تۇغقان، يېقىن يورۇقلىرى يىغلاپ –قاخشاپ، كۆپ قېتىم خۇن دەۋاسى قىلغان بولسىمۇ ، قۇلاق سالىدىغان كىشى چىقمىغان . ئۇ جان ئۈزۈش ئالدىدا ئوڭ قولىنىڭ باش بارمىقىنى چىشلەپ ئۈزىۋەتكەن بولۇپ، نېمىشقىدۇر «خەپ، سېنىڭ گېپىڭگىمۇ كىرەمدىغان» دىگەن سۆزنى ئىككى قېتىم تەكرارلىغان...
    بىز ئۇنىڭ يەنە چېپىپ كېتىۋاتقان ئاتنى قۇيرۇقىدىن تۇتۇۋېلىپ توختاتقانلىقى،  باشقىلار تۈگۈمەنگە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن سورۇپ، پاكىز قىلىپ  تاغارلارغا قاچىلاپ قويغان 10 چارەكتىن ئۇشۇقراق نەچچە تاغار ئۈگۈتنى  ئۆگزىلەرگە كۈچىمەيلا ئېلىپ قويۇپ ، ئۈگۈت ئىگىللىرىنى ئىزدەتكەنلىكى، پادىلار توپىدىن كۆپ قېتىم چەتكە قېچىپ ئاچچىقىنى كەلتۇرگەن موزاينىڭ تۈمۇشىقىدىن سىقىپ سۆڭەكلىرىنى ئىزىۋەتكەنلىكى، ئارقىدىن قوغلاپ كەلگەن كۈيلىگەن تۆگىنى بىر مۇشت بىلەن ئۆلتۈرۈپ قويغانلىقى قاتارلىق تالاي ھېكايىلىرى ھەققىدە تەپسىلى توختالمىدۇق. پەقەت گەۋدىلىك بولغان بىر نەچچىسىنى تەپسىلىرەك يېزىش ئارقىلىق ھېيىت نوچىنىڭ پالىۋانلىق ئىشلىرىدىن  خەۋەر بەردۇق. يۇقۇرقى قۇرلارنى ئوقۇغاندا بىر قىسىملارنىڭ گۇمانى نەرەزدە بولۇشى تۇرغان گەپ . يەنە بىر قېتىم تەكرارلايمىزكى،  يازغىنىمىز ھەرگىزمۇ توقۇلما ئەمەس.  بەلكى بىز تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان كاتتايلاقتىن ئىبارەت مېھرى ئىسسىق، ئوتى يامان  بۇ زېمىندا بۇرۇن ياشاپ ئۆتكەن ھەقىقى بىر باتۇرنىڭ   ئەينەن ئىش-ھەركەتلىرى. ئۇنىڭدىن ئەنە شۇنداق كۆپلىگەن چىن ھېكايىلار قالغان. بۈ ھېكايىلار ئەل ئارىسىدا تالاي قېتىم ئېيتىلىپ، ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ بۈگۈنگە كەلدى. بۇ ھېكايىلار يەنە داۋاملىق ئېيتىلىپ، ئۇنىڭ مۇبارەك نامى مەڭگۈ تىللاردا داستان بولغۇسى.

                مەنبە: نەشىر قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان «سېھىرلىك ماكان- كاتتايلاق» ناملىق كىتاپ

0

تېما

0

دوست

6423

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   28.46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8426
يازما سانى: 318
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 741
تۆھپە : 1504
توردىكى ۋاقتى: 323
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 14:58:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مىنىڭچە ھىيت نوچىنىڭ ئۇرغىنى ھەرگىزمۇ سىيت نوچى ئەمەس ... يەنە كىلىپ بىرنى قويۇپ ئۇچىرۋىتىشى تىخىمۇ ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس ..ئەڭ كۈلىكىلك يىرى چىدىيالمىسا پىچاق كۆتەرگىنى  ئاقىدىن نوچىلىقىنى ئاڭلاپ خوشامەت قىلىپ مىھمان قىلغانلىقى تولىمۇ قىزىزىقارلىق چىقىپتۇ ...قەشقەرلىكنى قەشقەرلىكنىڭ ئەركەكلىرى پاك پاكىز ئۆلۈپ تۈگىگەندە ئاندىن سۆكۈڭلا .ھازىر ھىچ بولمىسا 1000نىڭ ئىچىدە 1سى بولسىمۇ با !! ئىنىق بوپ كەتسۇن قەشقەرنىڭ 12ناھيىسى بار  يامان ئىش قىلغانلار ھەرگىز ئىنىق يۇرتىنى دىمەيدۇ  ئۆزىنى قەشقەرلىك دەپ قويسىلا كۇپايە.. ئۆلۈپ بولغان كىشىنى گۆرىدىن تارتىپ چىقالىغان ھىيت نوچى ئەتە ئۆگۈن سادىر پالۋاننىمۇ بىرنى قوياپ بىر قوۋىرغىسىنى سۇندۇپ بىر قايرىپ بارمىقىنى ئۇۋىۋىتىدۇ ھەقىچان ... ماندا يۇرتۋازلىقنى قىلمايلى ئاتۇشلۇق بىلەن قەشقەرلىكنىڭ ئۆملىكىگە چىدايمايۋاتامسىلەر يا  بەزىڭلا ؟
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

118

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   39.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32499
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 22
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 15:39:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ   تېمىدا  يۇرتۋازلىق  ھەققىدە  ھىچ  گەپ  دىيىلمەپتىغۇ  ، شۇ خەلىق   ئارىسىدىكى   قىززىق  پاراڭلار   ئۇكا  ، ھەممە  يۇرتا  ئۆزۈگە  چۈشلۇق   شۇنداق   پاراڭلار    بولىدۇ  ....

0

تېما

0

دوست

118

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   39.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32499
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 22
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 15:42:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس    !  مەن   جەنۇپلۇق  بولمۇساممۇ  ئاتۇشتىن  كۈشتۈڭگۈر  پالۋانلارنىڭ  كۆپ  چىقىدىغىنىنى  بىلىمەن  .....ئەپسۇس   ئۇنداق  پالۋانلارنىڭ  ئەندى  چىقىشى   تېكەستە   بەنى !

0

تېما

0

دوست

218

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   72.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32498
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 52
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 16:51:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورداشلار    !  تېمىغا   مۇناسىۋەتسىز  بىر   سوئال  سورىغۇم  كېلپ قالدى  .... غۇلجا   دىيارىدا    ئېچىلغان  مۇشۇ  باغداشتەك   تورلار    بارمىدۇ  ؟ بۇرۇن   « كەڭساي   تورى  »  بار  ئىدى    ھازىر  تاقىلىپ  قالدى   ،  يەنە  قانداق  تور   لار     باردۇ  ؟  
    رەخمەت  !!!

5

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2547
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2588
تۆھپە : 2694
توردىكى ۋاقتى: 911
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 16:53:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  سىيت نوچىنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرۈپ قۇيۇپسىز ، سىيت نوچى ھېيت نوچىدىن بىرەر مۇشتمۇ يىسۇن بوپتۇ ، ئەمما شۇ زاماندا پىچاق كۈتىرىپ چىقىدىغان لۈكچەكنى ئۇيغۇر بىر ئەسىردىن بىرى يادلاپ يۈرەرمۇ ؟ لۈكچەكلىكتىمۇ ئاتۇشتىن بىرەر تىپ چىقىرىش نىمىگە زۈرۈر بۇلۇپ قالغاندۇ سىلەرگە ...........؟
  سەمىمى مەسلىھەت : ئاۋۇ نەشىردىن چىقىش ئالدىدا تۇرغان كىتاپتىكى بۇ مەزمۇننى ئېھتىيات بىلەن قۇشارسىلەر ، ئىتتىپاقلىق ھەممىدىن ئەۋزەل..........!

رەببىم دۈشمىنىمى قۇدىرەتلىك قى

11

تېما

1

دوست

4274

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   75.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6474
يازما سانى: 241
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 702
تۆھپە : 817
توردىكى ۋاقتى: 142
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 17:01:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېيىت نوچى، سېيىت نوچىلارنىڭ نامى شەرىپى تىللاردا داستان...

1

تېما

2

دوست

5285

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   5.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13005
يازما سانى: 348
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 306
تۆھپە : 1446
توردىكى ۋاقتى: 391
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 17:09:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۈرىسىنى تۇتقانغا مۇشت ئاتسا سېيىت گاڭگۇڭ دەپ ئاتىلامۇ؟ بەلكىم شۇ دەۋرلەردە سېيىت نوچىدىن كۈچ جەھەتتە ئۈستۈن تۇرىدىغانلارمۇ بولۇشى مۇمكىن، بىراق سېيىت نوچىدىكى مەرتلىك، ھەققانىيلىك........ دېگەندەك پەزىلەتلەر ئۇنىڭ تېخىمۇ داڭلىق بولۇشىدىكى سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.
بەكمۇ خۇمسى، ئۇششۇق ئادەم بولمىسىلا مۈرىسىنى تۇتۇپ قويغانغا مۇشت ئېتىپ يۈرمەس.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )