قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 752|ئىنكاس: 4

NASA: يېڭى ئالەم كېمىسى «ئورىئون» نى سىناق قىلىش بىر كۈن كېچىكتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

148

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8737
يازما سانى: 599
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 1153
تۆھپە : 4107
توردىكى ۋاقتى: 1542
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 10:00:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى ئالەم كېمىسى «ئورىئون» نى سىناق قىلىش بىر كۈن كېچىكتى

بىلىمخۇمار
2014-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى


مەن ئۆزەمنىڭ يېقىنقى بىر يازمىسىدا ناسا بۇ يىل 4-دىكابىر كۈنى «ئورىئون» (Orion) دەپ ئاتىلىدىغان بىر يېڭى ئالەم كېمىسىنى سىناق قىلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدىم.  بۈگۈن (4-دىكابىر) ئەتىگەن سائەت 6 دىن سەل بۇرۇن مەن خىزمەتكە مېڭىۋاتقاندا، مەن بار يەردىكى رادىئولارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئىشنى خەۋەر قىلىۋاتقان ئىكەن. ئەمما بىر سائەتتەك يول مېڭىپ ئىدارىگە كەلسەم، ئىدارىمىزگە كەلگەن كۆپلىگەن تېلېۋىزور مېدىئا شىركەتلىرىنىڭ خەۋەر تارقىتىش ماشىنىلىرى ئىدارىمىزدىن قايتىپ كەتكىلى تۇرۇپتۇ.  شۇنىڭ بىلەن ئىشخانامغا كىرىپ، ئىدارىمىزنىڭ تور بېتىغا قاراپ باقسام، بۈگۈنكى سىناق بىر كۈن كېچىكتۈرىلىپتۇ.

بۈگۈنكى سىناقنىڭ كېچىكتۈرۈلىشىدىكى سەۋەب، ئورىئوننى ئالەم بوشلۇقىغا ئېلىپ چىقىدىغان چوڭ-تىپلىق راكېتىنىڭ بىر زاپچىسىدىن چاتاق چىقىپتۇ.  بۇ راكېتىنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىش ئىشىنى چوقۇم بىزنىڭ ۋاقتىمىز ئەتىگەن سائەت 4:05 دىن باشلانغان 2 سائەت 39 مىنۇت ۋاقىت ئىچىدە قىلىپ بولۇش شەرت بولۇپ، بۈگۈن ناسا خادىملىرى ئاشۇ ۋاقىت ئىچىدە راكېتىنىڭ چاتىقىنى ئوڭشاپ بولالمىغان.  شۇڭا بۇ سىناق ئەتىگە كېچىكتۈرۈلگەن.  راكېتىنى ئېتىشنىڭ بۇ ۋاقىت چەكلىمىسىنى ئاشۇ راكېتا ئەتىلىدىغان رايوننىڭ ئاسمىنىدىكى ھاۋارايىنىڭ ئەھۋالى كەلتۇرۇپ چىقارغان.  ئورىئوننى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىلىدىغان راكەتا ئامەرىكىنىڭ فلورىدا شتاتىدىن ئەتىلىدۇ.

بۇ قېتىم ئورىئونغا ئادەم چىقمايدىغان بولۇپ، ئۇ ئالەم بوشلۇقىنىڭ 5760 كىلومېتىر ئېگىزلىكىگە چىققاندىن كېيىن، ئىككى سائەت ۋاقىت ئىچىدە يەر شارىنى ئىككى قېتىم ئايلىنىپ، ئاندىن تىنچ ئوكيانغا قايتىپ چۈشىدۇ.

ئورىئوننى لاھىيىلەپ ياساپ چىقىش ئىشى 2004-يىلى باشلانغان بولۇپ، ئەگەر ھەممە ئىش پىلانلىغاندەك بولىدىكەن، ناسا 2020-يىللىرىدىن باشلاپ ئورىئوننى مارسقا، ئايغا ۋە ئاستېرويدلارغا (كائىنات ئۇچار تاشلىرىغا) ئادەم چىقىرىشتەك ئىشلارغا ئىشلەتمەكچى.


پايدىلىنىش ماتېرىياللىرى:

[1] ناسا 2030-يىللىرى مارسقا ئادەم چىقىرىش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى
http://bbs.izdinix.com/thread-58286-1-1.html

[2] Orion launch scrubbed for today
https://js.jpl.nasa.gov/Pages/story.aspx?ID=21456

[3] Orion
<https://blogs.nasa.gov/orion/201 ... launch-attempt/>

[4] NASA is testing Orion - a spacecraft that might someday carry people to Mars
<http://www.vox.com/2014/12/3/7322909/orion-test-flight>

تۆۋەندىكى رەسىملەر ئورىئوننىڭ ھەر خىل كۆرىنىشلىرى بولۇپ، ئۇلار يۇقىرىدىكى 3 مەنبەدىن ئېلىندى:

g01_orion.jpg

1-رەسىم: ياسىلىۋاتقان ۋاقتى

g02_orion.jpg

2-رەسىم: ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىشنىڭ ئالدىدا

g03_orion.jpg

3-رەسىم: يەر شارى ئوربىتىسىغا كېتىۋاتقاندا

g04_orion.jpg

4-رەسىم: يەر شارى ئوربىتىسىدا

g05_orion.png

5-رەسىم: يەر شارىغا قايتىپ چۈشۈش ئالدىدا


0

تېما

0

دوست

1168

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   16.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32505
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 366
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 18:16:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنى دۇنيانىڭ ئۇچېتىدىكى خەۋەرلەر بىلەن تەمىنلىگىنىڭىزگە رەھمەت
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20306
يازما سانى: 1370
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 3830
توردىكى ۋاقتى: 853
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-5 19:57:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    رەھمەت...

0

تېما

2

دوست

5414

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   8.28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9200
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 63
تۆھپە : 1638
توردىكى ۋاقتى: 239
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-6 00:28:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ ۋاقتىمىز بويىچە بۈگۈن كەچرەك بۇ ئۇچقۇ  مۇۋاپىقىيەتلىك قويۇپ بىرىلگەنلىگىنى بىزنىڭ تاراتقۇلىرىمىز ئۇقتۇردى ،قارىغاندا مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان ئوخشايدۇ .ناسانىڭ مۇۋاپىقىيىتى ئىنسانىيەتنىڭ مۇۋاپىقىيىتىدۇر ،مۇشۇنداق زور مۇۋاپىقىيەتلەرگە بىر ئۇيغۇرنىڭ ئىشتىراك قىلىۋاتقىنى مېنى تولىمۇ سۆيۈندۇردى ،سىزگە سالامەتلىك يار بولسۇن ..............  

1

تېما

0

دوست

4080

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   69.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5368
يازما سانى: 220
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 727
تۆھپە : 746
توردىكى ۋاقتى: 324
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-8 11:53:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوربىتادا بۇزۇلۇپ ئالەم ئەخلىتىگە ئايلانغان سۈننى ھەمرا قانچىلىكتۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )