ئىسراپىل ئەمەت
2014-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى
مەن مەلۇم دۆلەت ئىگىلىگىدىكى كارخانا ئورۇننىڭ 1992- يىلى ئىشچىسى بولغان ، پىنسىيە يېشىغا تۇشۇپ ئارامغا چىققاندا پىنسىيە مائاشى ئالىدىغان ئىشچىسى ( ئاللاھ نىسىپ قىلسا ). ئايالىممۇ مەن بىلەن بىر يەرلىك بولۇپ 1995- يىلى ئىشچى بولغان . بىز 1996- يىلى توي قىلىپ ھازىرغىچە يىلدا ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تۆلەپ كېلىۋاتىمىز . يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بىرى ھەر خىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىزگە ئازغىنە باغ ئارقىلىق كىرىدىغان ئىقتىسادىي كىرىممۇ ئازلاپ قالغانلىقى ۋە بىز تۇرۇۋاتقان كارخانا ئورۇندىكى ھۆددىگەرلىك پۇلىنىڭ يۇقۇرى بۇلىشى... تۈپەيلى ئەر - ئايال ئىككىمىزنىڭ يىلدا تۆلەپ كېلىۋاتقان بۇ پۇلنى ئۇدا ئۈچ يىل تۆلىيەلمەسلىك ياكى تۇلۇق تۆلىيەلمەسلىك سەۋەبىدىن، ھازىر ئەر - ئايال ئىككىمىزنىڭ شىللىسىدە 19000 مىڭ سوم پۇل تۇرۇپتۇ.( بۇنداق ئەھۋالدىكىلەر كۆپ)
بۇ يىل باشلاپ كارخانا بىزدەك تۆلىيەلمەي كېلىۋاتقانلارغا بېسىم ئىشلىتىپ ‹ دەرھال تۆلىمىسەڭلار چارە كۆرىمىز ، ئىشچىلىق سالاھىتىڭلارنى ئېلىپ تاشلايمىز...› دەپ بېسىم ئىشلىتىۋاتىدۇ . شۇڭا ، مۇشۇ جەھەتتە چۈشەنچىگە ئىگە تورداشلاردىن مەسلىھەت سوراي دەپ بۇ تېمىنى يازدىم . كۆپچىلىك، مۇشۇ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى توغرۇلۇق دۆلەتنىڭ قانداق سىياسەت-تۈزۈملىرى بار ؟ بۇ پۇلنى تۆلىيەلمىسەڭ ئىشچىلىق سالاھىتىڭنى ئېلىپ تاشلايمىز دىيىش توغرىمۇ ؟ بۇ پۇلنى تاكى بىز ئارامغا چىققۇچە يىلدا تۆلەش بەلگىلەنگەن تۈزۈممۇ؟ئەركىن مۇنازىرە قىلىپ باقساڭلار ، مېنىڭدەك بىلمىگەنلەر بىلىپ ، قانداق قىلىشى كېرەكلىگىنى چۈشىنىپ قېلىشى ئەجەب ئەمەس. ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى 5 خىل ئىجتىمائى سۇغۇرتىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسلىق سۇغۇرتا ھىساپلىنىدۇ، ئۇ دۆلەت ۋە جەمىيەت مەلۇم قانۇن-بەلگۈلىمە بويىچە، ئەمگەكچىنىڭ دۆلەت بىكىتكەن ئەمگەك مەجبۇرىيتىنى بىكار قىلىش يېشىغا يەتكەندە ياكى ئەمگەك ئىقتىدارىنى يوقاتقاندا ئاساسى تۇرمۇش كىرىمىنى تەمىنلەيدىغان بىر خىل ئىجتىمائى سۇغۇرتا تۈرى تۈزۈمى. ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئىسمىدىنلا مەلۇم بولغىنىدەك، ياشانغانلارنىڭ تۇرمۇشىنى مۇقۇم كىرىم بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلغان.
دۆلەت بەلگۈلىگەن پىنسىيىگە چىقىش شەرتىنى ھازىرلىغان، بەلگۈلىمە بويىچە ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى 15 يىل ساق تاپشۇرغان بولسا، ئەمگەك مەمۇرى تارماقلىرى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغاندىن كىينكى ئايدىن باشلاپ، ئايمۇئاي يارقىتىلىشقا باشلايدۇ.
ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى مەجبۇرى خارەكتىرغا ئىگە بولۇپ، خالىغان ئادەم تاپشۇرۇپ خالىغىنى تاپشۇرمىسا، ياشانغاندا كۈتۈنۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ.مەجبۇرى دىگىنىمىز دۆلەت قانۇن ئارقىلىق مەجبۇرى ئەمەلگە ئاشۇرغان.كارخانا بىلەن شەخسى بىرلىكتە تاپشۇرىشى خىلاپلىق قىلماسلىغى كىرەك.ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى دۆلەت، كارخانا شەخسىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپ بىرلىكتە ئۈستىگە ئالغان، كارخانا خىزمەتچىللىرىنىڭ تۇرمۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسەت قىلىنغان.
كارخانا قۇرۇلۇپ 30 كۈن ئىچىدە، ئىجتىمائى سۇغۇرتا تاپشۇرۇش تىزىمغا ئالدۇرىشى كىرەك. كارخانا قاتارلىق ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار قانۇن بويىچە تاقالغاندا، يەنە 30 كۈن ئىچىدە تىزىمنى ئۆچۈرۈش رەسمىيتىنى بىجىرىش كىرەك.ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار تاپشۇرۇشقا تىگىشلىك سۇغۇرتىنى ئايمۇ ئاي تاپشۇرۇپ تۇرىشى كىرەك. ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۆلەشكە تىگىشلىك قىسمىنى، كارخانا ئورۇن خىزمەتچىنىڭ مۇئاشىدىن تۇتۇپ قالىدۇ.
كارخانا ۋەيران بولغان ياكى زىيان تارتقان ئەھۋالدا،ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ سۇغۇرتىسىنى شەخسى ئۆزى ئايمۇئاي تۆلەپ تۇرىشى كىرەك، بولمىسا ئىلگىرى تۆلىگەنلىرى بىكار بولىدۇ.
|