ئاللا مۆجىزىلىرى ئىچىدىكى مۆجىزىلەرنىڭ بىرى ئادەم بىلەن ئادەم جۈپلەشكەندىن كېيىن ھامىلە پەيدا بولۇپ ئىككى ھاياتلىقتىن ئاپىرىدە بولغان يەنە بىر ھاياتلىق دۇنياغا كېلىدۇ . ھامىلە ئانا بەدىنىدە تەخمىنەن 9 ئاي ئەتراپىدا تۇرۇپ تولۇق يېتىلگەندىن كېيىن دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ .
بەلكىم كۆپلىگەن كىشىلەر ھامىلىنىڭ قانداق يېتىلىدىغانلىقىنى بىلمەيمىز ، قېنى بىرلىكتە كۆرۈپ چىقايلى :
يوقىرىدىكى يوقىرى ئېنىقلىقتىكى مىكروسكوپتا تارتىلغان رەسىم ، بۇ بولسا ئىككى تەندىكى ئۇرۇق بىلەن توخۇمنىڭ بىرىكىش جەريانى .
ئۇرۇقلانغان تۇخۇمنىڭ 8كۈندىن كىينىكى سۈرتى .بۇ ۋاقىتتا ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ئاللا قاچان مەلۇم بىر ئورۇنغا ئورۇنلىشىپ بولغان بولىدۇ .
ئۈستىدىكى رەسىمدىكى بولسا ھامىلىنىڭ يۈرىكى ، 24 كۈنلۈك بولغاندىن كېيىن يۈرەك سوقۇشقا باشلايدۇ ، دەل مۇشۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ھەقىقىي ھاياتلىق مەۋجۇت بولىدۇ . يەنە بىر ماتىرىيالدا 50 كۈن بولغاندا يۈرەك شەكىللنىپ ھەركەتلىنىشكە باشلايدۇ دەپ كۆرگەندەك قىلغان . قاراڭ . ئەڭ ئەۋەل يۈرەك شەكىللەندى ، ئادەم جان ئۈزۈش ئالدىدىمۇ يۈرەك ئەڭ ئاخىرىدا ھەركەتتىن توختاپ ئاندىن رەسمى جان چىقىدۇ ، ئاللانىڭ مۆجىزىسى بۇ !
ئۈستىدىكى رەسىم 5 ھەپتىلەر بولغان ئادەم تۆرەلمىسى،بۇ ۋاقىىتا تۆرەلمە تەخمىنەن 9مىللىمېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولىدۇ ،يۈز قىسىمى شەكللىنىپ ،ئېغىز،كۆز،بۇرۇن ھاسىل بولۇشقا باشلايدۇ ، قاراڭ 5 ھەپتە ئىچىدە مۇشۇنداق ھالەتتە تۇرغان بىر مەۋجۇداتنى 9 ئاي ئىچىدە شۇنداق چىرايلىق ، تەپەككۈر قىلالايدىغان ،يىغلىيالايدىغان كۈلەيلدىغان ئادەمزاتقا ئايلاندۇرۇش ئاللادىن ئۆزگە كىمنىڭ قولىدىن كېلىدۇ .
ئۈستىدىكى 8ھەپتىلىك بولغان ھامىلە ،بۇ ۋاقىتتا ھامىلە ئاللاقاچان بالىياتقۇ دىۋارى ئارقىلىق قوغدىلىشقا ئېرىشىپ بولغان بولىدۇ .
ئۈستىدىكى سۈرەت-ھەپتە،vشەكىللىك قان تومۇر تەرەققى قىلىدۇ..
ئۈستىدىكى سۈرەت :10ھەپتە بولغان ھامىلە ،بۇ ۋاقىتتا كۆز يېرىم ئوچۇق ھالەتتە بولۇپ ،بىر نەچچە ھەپتىلەردىن كىيىن پۈتۈنلەي ئېچىلىدۇ.
ئۈستىدىكى سۈرەت : 16ھەپتىلىك بولغان بوۋاق.بۇ ۋاقىتتا بۇ شاكىچىك قولى ئارقىلىق بەدىنى ۋە ئەتراپىدىكى مۇھىتنى مالتىليالايدۇ .
قان تومۇرلارنى سۈزۈك تېرە ئوراپ تۇرىدۇ ،قان تومۇرلارنى ناھايتى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ
ئۈستىدىكى رەسىم ھامىلىنىڭ 18 ھەپتە بولغان ھالىتى : ،بۇ ۋاقىتتا بوۋاق سىرىتقى مۇھىتتىن كەلگەن ئاۋازلارنى ھېس قىلالايدۇ ،<<بوي ئىگىزلىكى >>تەخمىنەن 18سانتىمېتىر كىلىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ مەزگىلدىن باشلاپ ئانىلار يىنىك لەرزان مۇزىكىلارنىڭ بالىلارغا ئاڭلىتىشنىڭ بالىنىڭ كېيىنكى ئەقلى قۇۋۋىتىگە پايدىسى بولىدۇ ، شۇنداقلا مۇشۇ مەزگىلدىن باشلاپ ئانىلار ۋاراڭ -چۇرۇڭ ، ۋە تۈرلۈك غەۋغالاردىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىشى كېرەك :
ئۈستىدىكى رەسىم : بۇ ۋاقىتتا (قانچە ھەپتىلىكى ئىنىق يېزىلماپتۇ ) ئىگىزلىكى 20سانتېمىتىر ئەتراپىدا ئۇزۇرايدۇ،باشىغا چاچ ئۆسۈشكە باشلايدۇ
ئۈستىدىكى رەسىم 36ھەپتە .ھامىلە بالىياتقۇ تەرپىدىن ئورۋېلىنغان ھالەتتە بولىدۇ .
ئەمدى پەرزەنتىڭىزنىڭ دۇنياغا كۆز ئېچىشىغا تەقەززا بولۇپ دۇئا قىلسىڭىز بولىدۇ . |