بۇ يازمىنى ئاخىرىدا intilguchi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-6 11:06
نىتورون يۇلتۇز
ئىنتىلگۈچى
ئاتوم ئاتوم مەركىزى ۋە مەركەز سىرتىدىكى ئىلكتىروندىن تۈزۈلگەن، ئاتوم مەركىزى بولسا نىتورون (neutron) ۋە پىروتوندىن تۈزۈلگەن. نىتورون بىر خىل نتىرال(neutral) ھالەتتىكى زەرىچە. 1932-يىلى چادۋىك (Chadwick) نىتوروننىڭ مەۋجۇتلىقىنى بايقىغان، ئارقىدىنلا لانداۋ(Landau) ۋە بورلار(Bohr) ئاتومنىڭ تۈزىلىش خەرىتىسى مودىلىنى ئوتتۇرغا قويغان. 1934-يىلى بادى بىلەن زىۋىكى(Baade & Zwicky) نىتورون يۇلتۇز ھەققىدە تۇنجى ماقالىنى ئوتتۇرغا قويغان. 1939-يىلى تولمەن، ئوپىنخېنىر ۋە ۋولكوف (Tolman, Oppenheimer & Volkoff) لار نىتورون يۇلتۇزنىڭ دەسلەپكى ھالەت تەڭلىمىسىنى ئوتتۇرغا قويغان(1-رەسىم)، ھەم نىتورون يۇلتۇزنىڭ ماسسا دائىرسى قۇياش ماسسىسنىڭ 0.7 ھەسسىدىن 3.2 ھەسسىسىگىچە بۇلىدۇ دىگەن. لىكىن بۇ نەزىرىيە ۋە نەتىجە يۈزەكى، توغرا دىگىلى بولمايدۇ.
1967-يىلى پىرافىسسور خېۋىش(Hewish)نىڭ قىز ئوقۇغۇچىسى بېل(Bell) رادىئو سىگنال قۇبۇلىغۇچ بىلەن تۇنجى بۇلۇپ نىتورون يۇلتۇزنى بايقىغان(نىتورون يۇلتۇزنىڭ ئالاھىدە بىر خىلى ئىمپىلوس يۇلتۇزنى(pulsar) بايقىغان، ئىمپىلوس يۇلتۇز ئۆز ئوقىدا دەۋرىلىك تېز ئايلىنىدىغان نىتورون يۇلتۇز، ئىنتايىن دەۋرىلىك رادىئو ئىمپىلوس سىگنالى تارقىتىدۇ. ). نىتورون يۇلتۇز ئەڭ سىرتىدىكى ئاتموسفېرا(atmosphere) قەۋىتى، پوستا(envelope) قەۋىتى، تاشقى قوۋزاق(crust)، تاشقى ۋە ئىچكى مەركەز(core) قاتارلىق قىسىملاردىن تۈزۈلگەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئىچكى مەركەزگە بولغان چۈشەنچە ئاساسەن يوق دىيەرلىك(2-رەسىم).
نىتورون يۇلتۇز نەزىرىيە جەھەتتىن تۆۋەندىكى ئىككى خىل يول بىلەن شەكىللىنىدۇ دەپ قارىلىدۇ:1، ماسسىسى قۇياش ماسسىسنىڭ 8 ھەسسىدىن 20 ھەسسىسىگىچە بولغان نورمال تۇرغۇن يۇلتۇزلار ئۆلگەندىن كېين يەنى ۋاقىتقا ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ ئەڭ ئاخىردا دەرىجىدىن تاشقىرى يىڭى يۇلتۇزغا(Supernova) ئايلىنىپ پارتىلاپ ئۆلۈپ نىتورون يۇلتۇزغا ئايلىنىدۇ(3-رەسىم تىلىسكوپلار بىلەن بايقالغان پارتىلاشتىن كېيىنكى قالدۇقىدىن تېپىلغان نىتورون يۇلتۇز ). 2، جۈپ يۇلتۇزلادىكى(Binary stars) ئاق پەتەك يۇلتۇز(white dwarf star) ماسسا سۈمۈرۈش ياكى ھەمرايى بىلەن بىرلىشىپ كىتىش يولى ئارقىلق چانجىراساخار(Chandrasekhar) چەك ماسسىسىدىن ئېشىپ كەتكەندە تارتىش كۈچىلىك يىغىلىش(gravitational collapse) سەۋەبلىك نىتورون يۇلتۇزغا ئايلىنىدۇ(4-رەسىم ئىككى ئاق پەتەك يۇلتۇزنىڭ بارغانسېرى يىقىنلىشىۋاتقان كۆرنىشى، بۇنداق ئەھۋالدا ئەڭ ئاخىردا بىرلىشىپ بەلكىم نىتورون يۇلتۇزغا ئايلىنىشى مۇمكىن ).
نىتورون يۇلتۇزنىڭ ماسسا چېكى ۋە يېڭى تۇغۇلغان يەنى يېڭى پەيدا بولغان نىتورون يۇلتۇزنىڭ ماسسىنىڭ قانچىلىك بولدىغانلىقى ھەققىدە ھازىرغىچە تالاش-تارتىش بار.
1975-يىلى بۇتىرۋىرىس بىلەن ئىپسىر(Butterworth & Ipser) چانجىراساخار ئاق پەتەك يۇلتۇزنىڭ چەك ماسسىسىنى بېكىتىشتە قوللانغان ئۇسسۇل بىلەن نىتورون يۇلتۇزنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتتىكى ماسسا قۇياش ماسسىسنىڭ 1.17 ھەسسىدىن 1.75 ھەسسىسىگىچە بۇلىدۇ دەيدۇ. 1994-يىلى فىن(Finn) نىتورون يۇلتۇزنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتتىكى ماسسا قۇياش ماسسىسنىڭ 1.3 ھەسسىدىن 1.6 ھەسسىسىگىچە بۇلىدۇ دەيدۇ. 1996-يىلى تىمىس(Timmes) نىتورون يۇلتۇزنىڭ تۇغۇلغان ۋاقتتىكى ماسسا قۇياش ماسسىسنىڭ 1.08 ھەسسىدىن1.57 ھەسسىسىگىچە بۇلىدۇ دەپ ئوتتۇرغا قۇيىدۇ. 2013-يىلى كىزىلتەن(Kiziltan) جۈپ يۇلتۇزلاردىكى نىتورون يۇلتۇزنىڭ يۇقىرى چەك ماسسىسى قۇياش ماسسىسنىڭ 1.5 ھەسسىدىن3.2 ھەسسىسىگىچە بولغان دائىردە بۇلىدۇ دەپ ئوتتۇرغا قۇيىدۇ. ئەمىلىيەتتە ھازىرغىچە تىلىسكوپ بىلەن بايقالغان نىتورون يۇلتۇزنىڭ يۇقىرى ماسسىسى قۇياش ماسسىسنىڭ 2.10 ھەسسىسىگىچە(2014-يىلى فرىرى (Freire) بايقىغان، بۇ نىتورون يۇلتۇز بار جۈپ يۇلتۇزنىڭ نامى B1516+02B ) بۇلۇپ، نەزىرىيە قىممەت بىلەن خېلى پەرقى بار.
مەيلى نەزىرىيە ياكى ئەمىلىيەتتە بولسۇن ئىنسانلارنىڭ نىتورون يۇلتۇز ھەققىدە بىلمەيدىغان نەرسىلىرى خېلى جىق، لىكىن 20يىل بۇرۇنغا سېلىشتۇرغاندا ئاز بولمىغان چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولدۇق. نىتورون يۇلتۇزنى تېخىمۇ ئېنىق بىلىپ ئىنسانلارنىڭ ئالەمگە جۈملىدىن ئۆزىگە بولغان چۈشەنچىنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇپ گۈزەل كېلەچەك يارتىش بىز ئىنسانلاردىن تېخىمۇ كۆپ تەتقىقات ۋە تىرىشچانلىقنى كۈتمەكتە(تۆۋەندىكى 3 رەسىمدىن ھوزۇرلىنىڭ).
*
*
*
2014-يىل 12-ئاي
نەنجىڭ.
|