ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار ھازىرىقى ۋاقتىڭلار خەيرلىك بولسۇن ! كەمىنە ئارتۇچ مۇئەللىمدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام ! باغداش تورىدا 2015-يىلىنى بىزنىڭ كىتاب ئوقۇش يىلى قىلىش تەشەببۇسۇم ئىلان قىلىنغاندىنكىيىن نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز ماڭا تۈرلۈك شەكىلدە ئۇچۇر يوللاپ بەكمۇ ئەھمىيەتلىك ئىشنىڭ ئوتتۇرغا قويۇلغانلىقىنى ئىيتتى ۋە بۇ پائالىيەتنى ئاداققىچە قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى .باغداش تورنىڭ تۆھپىكار ئەزاسى بىلىمخۇمار ئەپەندىم «ئالەم بوشلۇقىدىكى سەپەر ۋە نىسپىيلىك نەزەرىيىسى»ماقالىسىدە ئايرىم تىما بىلەن كېلەر يىلنى «كىتاب ئوقۇش يىلى» قىلىش ھەققە تەكلىپ بىرىپ مۇنداق دىگەن:«نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئىچكىرىدىكى بىر ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر ئۇكىمىز ماڭا «2015-يىلىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ‹كىتاب ئوقۇش يىلى› قىلساق، سىزچە قانداق بولار؟» دېگەن مەزمۇندا بىر قىسقا ئۇچۇر يوللاپتۇ. بۇ ئۇكىمىز يېقىندا «مېنىڭ كىتاب يىلىم» دېگەن ماقالىنى يازغان رۇزىمۇھەممەد تۇردى ئارتۇچ مۇئەللىمنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەن.مەن بۇنداق پائالىيەتنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوللايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم. مۇمكىن بولسا بۇ ئىشنى پۈتۈن ئۇيغۇر ياشلىرى، بولۇپمۇ رۇزىمۇھەممەد تۇردى ئارتۇچ ئەپەندىمدەك ھازىر ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلەۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز بىر ئويلىنىپ باققان بولسا. ئەگەر بۇ ئىشنى ھەممەيلەن مۇۋاپىق كۆرسە، ئۇنى ھەممە يەردە تەشۋىق قىلىپ، 2015-يىلى ئاشۇنداق بىر پائالىيەتنى ئېلىپ بېرىپ، شۇ ئارقىلىق پۈتۈن خەلقىمىزنىڭ كىتاب ئوقۇشنىڭ مۇھىملىقىغا بولغان ئېڭىنى ئۆستۈرگەن بولساق.
مەن بۈگۈن رۇزىمۇھەممەد تۇردى ئارتۇچ مۇئەللىمنىڭ باغداشتىكى «مېنىڭ كىتاب يىلىم» دېگەن يازمىسىنى ئوقۇپ ئىنتايىن تەسىرلەندىم، ۋە سۆيۈندۈم. مەن ئىلىمنى سۆيىدىغان، ھەمدە مىللەتنىڭ پەن- مەدەنىيەت جەھەتتە گۈللىنىشىنى ئىستەيدىغان ھەر بىر قېرىنداشلارنىڭ بۇ يازمىنى بىر قېتىم ئوقۇپ چىقىشىنى، ھەمدە رۇزىمۇھەممەد تۇردى ئارتۇچتەك قېرىنداشلىرىمىز قىلىۋاتقان ئاشۇنداق ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن قوللاپ تۇرۇشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن.» توقسۇندىن مەمەت ھەبىبىۇل ئىسىملىك بىر دىھقان قىرىندىشمىز بۇ تەشەببۇسنى كۆرگەندكىيىن بىزگە تىلغۇن قىلىپ بۇ پائالىيتلەرگە قاتناشقۇسى بارلقىنى ئىيتتى ۋە كۆڭلىنى ئەۋەتتى.قەشقەر پىداگوگىكا ئىنستىتوتىدىن شەپقەت بىزگە بىر يۈرۈش نادىرلار كىتابلارنى ئەۋەتتى.قىرىنداشلىرىمىزنىڭ پائالىيتىمىز باشلانماستىلا قوللىغىنىدىن بەكمۇ سۆيۈندۈم. نۇرغۇنلىغان تورداشلار ماڭا قانداق كىتابلانى ئوقۇسا بولىدىغانلىقىنى بولسا كىتاب تىزىملىكى بىلەن تەمنىلەشنى ھەققىدە سۆز قالدۇرۇپتۇ.كەمىنە تۈۋەندە بىر يۈرۈش كىتابلارنى تىزىملاپ چىقتىم.ئەگەر ئوتتۇرغا قويغان كىتابلارنى ئوقۇپ بولغان بولسىڭىز مىنى ئەيىپلەشكە ئالدىرىماي ئاخىرغىچە ئوقۇپ چىقىڭ: كىتاب ئىسىمى ئاپتۇرى
1-«تۈركىي تىللار دىۋانى» (مەھمۇت قەشقىرى)
2-«قۇتادغۇبىلىك» (يۈسۈپ خاس ھاجىپ)
3- «ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى» 4-«تارىخى رەشىدىيە» مىرزا مۇھەممەدھەيدەر كۆرەگان
5-«ئىز» (ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر)
6-«ئويغانغان زېمىن» (ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر)
7-«ئانا يۇرت» (زوردۇن سابىر)
8-«تىرىلىش» (تولېستوي)
9-«مەھمۇت قەشقىرى» (پەرھات جىلان)
10-«ئورخۇن شەجەرىسى» (پەرھات جىلان)
11-«ئۆزلۈك ۋە كىملىك» (ئەسئەت سۇلايمان)
12-«يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت» (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن) 13-« باھادىرنامە » (ياسىنجان سادىق چوغلان)
14-«ئالتە شەھەرگە سەپەر» (نەزەر خوجا ئابدۇسەمەت) 15-«قەشقەردىكى يەر شارى» (ئادىل تۇنىياز)
16-«بۆرە ئانا» (توختى ئايۇپ)
17-«قۇرۇپ كەتكەن دەريا» (ياسىنجان سادىق چوغلان)
18-« جاللات خېنىم » (ياسىنجان سادىق چوغلان)
19-«ئۇيغۇر تىبابەت قامۇسى»
20-«چالا تەككەن ئوق» ( ئابدۇللا تالىپ )
21-« ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر» ( تۇردى سامساق )
22- «سۇتۇق بۇغراخان» ( سەيپىدىن ئەزىزى)
23- «بالدۇر ئويغانغان ئادەم» (خىۋىر تۈمۈر)
24- «كۈن شەرقتىن چىقىدۇ» ( مالىك كېۋىر )
25- «تۈندىكى چاقماق» ( ئەبەيدۇللا ئىبراھىم )
26-«ئۇنتۇلغان كىشىلەر» ( ئەخەت تۇردى)
27- «تەڭرىتاغ بۈركۈتى» ( سەيپىدىن ئەزىزى)
28- «ئەجداتلار ئىزىدىن» ( تۇرسۇن لىتىپ )
29-«ئابدۇقادىر دامۇللا ھەققىدە قىسسە» (خېۋىر تۈمۈر)
30-«مىھرىگىياھ» (جالالىدىن بەھرام )
31-«جىمجىت جۇڭغارىيە» ( قەييۇم تۇردى )
32-«ھايات سىرى » (ئابدۇراخمان قاھار )
33-«مەخمۇت قەشقىرى» ( پەرھات جىلان)
34-«قىساس» ( قاھار جىلىل )
35-«قۇم باسقان شەھەر» ( مەمتىمىن ھۇشۇر )
36-«داغ» ( ئەبەيدۇللا ئىبراھىم)
37-«سەئىدخان» ( مىرزايىت كېرىمى )
38-«گۆر ئاغزىدىن يانغانلار» ( سۇلايمان ئابدۇرىھىم )
39-«ئاۋات شەھەرنىڭ يېڭى پۇقراسى» (ئابدۇراخمان قاھار)
40-«تاڭ ئالدىدا تۇغۇلغانلار» ( ئاماننۇرى ئابدۇرۇسول )
41-«مۇھەممەت بىشىر چىڭۋاڭ» ( ئايشەم ئەخمىدى )
42-«قانلىق ئىز» ( مەمتىلى ھېلىم )
43-«ئاپپاق خۇجا» ( ئابدۇۋەلى ئەلى )
44-«توزغاق خۇجىلار» ( ئابدۇۋەلى ئەلى)
45-«مەخدۇم ئەزەم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى» ( ئابدۇۋەلى ئەلى )
46-«كۆكتىن چۈشكەن پەرىشتە » (سۇلايمان ئابدۇرىھىم)
47-«قانغا بۇيالغان سايرام» ( مەمتىلى ھېلىم )
48-«تۈشۈك مونچاق» ( ئابلا ئەخمىدى )
49-«قۇتادقۇ بىلىگ » (يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق)
50-«كروران ھەققىدىكى يېڭى رىۋايەت» ( ئارىسلان تالىپ )
51-«ئىسلامىيەتنىڭ ياشلىق دەۋىرى» ( ئەھمەد ئەمىن) 52-«مەدەنىيەت ۋە مەۋجۇتلىقىمىز» (ئابدۇرىھىم دۆلەت)
53-«بەخىتسىز سەئىدىيە» ( ئەخەت تۇردى)
54-«ھالاكەت گىردابىدا» ( پەخىردىن مۇسا)
55-«جاللات خېنىم » (ياسىنجان سادىق)
56-«ئەنجانباي » (نۇر روزى )
57-«قانلىق ئىدىر» ( مەمەت ئوسمان ئەمرى )
58-«بورانلىق كېچە» ( ئەخمەت ۋاھىدى )
59-«قىساس» ( قاھار جىلىل )
60-«كۆمۈرچى بالا» ( جالالىدىن بەھرام )
61-«تۇمانلىق كېچە» ( مۇھەممەت بارات تەشنائى )
62-«سۈبھىدىكى گۈلخان » (تۇرسۇن ئۆمەر)
63-«ھېسام ھەققىدە قىسسە» ( مەخمۇت مۇھەممەت)
64-«گۈمبەزىلىك قەبرىنىڭ سىرى» ( مەمەتجان سادىق)
65-«ئامەت ۋە ئاپەت» ( جالالىدىن بەھرام )
66-«تەڭرىتاغ پالۋانلىرى» ( تۇرسۇن لىتىپ )
67-«يىللار» ( ئابلا ئەخمىدى )
68-«ئابدۇخالىق ئۇيغۇر» ( مەمەت شاھنىياز)
69-«نەمەت خەلپەت» ( ياقۇپ ئىسمايىل )
70-«سەمەندەر» ( مەمەت ئەخمەد)
71-«تەۋۋەررۈك» ( غەيرەت ئابدۇللا )
72-«باتۇر تەڭرىقۇت» ( ئادىل ئابدۇللا بەگيار )
73-«تۇمان تارىغان سەھەر» ( ماھىنۇر ئابدىلىم )
74-«كارۋان ئىزى» ( تۇرسۇنئاي يۇنۇس )
75-«ئىدىقۇت يۇلتۇزى» ( پەرھات جىلان)
76-«چۆلدىكى چوغ ۋارىس ھۆكۈمەت» ( ئارىسلان تالىپ)
77-«ئەرنى يەر ئادەم قىلىدۇ » (غەيرەت ئاسىم)
78-«كروراندىكى ئىزچىلار» ( مۆيدىن سايىت )
79-« كىرورانلىق بالىلار » (پەرھات ئىلياس )
80-«ياغاچ قۇلاق» ( جاسارەت جاپپار )
81-«باياۋاننىڭ سىرى» ( ئەختەم ئۆمەر)
82-«قاباھەت» ( ئەخەت تۇردى )
83-«يۇلتۇز ئەپسانىسى» ( ئابدۇللا ساۋۇت )
84-«يىللار ۋە ئادەملەر» ( غەيرەت ئاسىم )
85-«تۆتىنچى ئىراغا سەپەر» ( ئابدۇكېرەم قادىر )
86-«مۇغۇلىستان قۇياشى» ( تۇرسۇن ياسىن)
87-«كونا كوچا » (ئەخەت تۇردى)
88-«مۇئەللىم ئۆكۈنمەيدۇ» ( ئوسمان ھاجى ئابدۇراخمان) 89-«مەمتىلى ئەپەندى» (مىرەخمەت سىيت،ئابلىكىم زوردۇن،يالقۇن روزى)
90-«كەچمىش » ( خالىدە ئىسرايىل ) 91-«ئالتە شەھەر خاتىرلىرى » ( نوشىرۋان يائۇشېف ) 92-«ئۆزلىك گىرۋەكلىرىدە» ( زۇلپىقار بارات ئۆزباش) 93-«سوفىيەنىڭ دۇنياسى» (داۋۇت ئوبۇلقاسىم تەرجىمىسى) 94-«پەيغەمبىر دىيارىدا كىچىلەر » ( ئادىل تۇنىياز) 95-«تاغ جۇدۇنلىرى » ( جالالىدىن بەھرام) 96-«ئىنسانى سۈپەت مەنزىلى» ( ئابدۇقادىر جاللالىدىن ) 97-«مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى» ( ئابدۇقادىر جاللالىدىن) 98-«ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغىسىدا ( ئابدۇقادىر جاللالىدىن) 99- «ئويغىنىۋاتقان ئەجدا روھى » (يالقۇن روزى) 100.«مەن نمىشقا ئوبزور يازىمەن» (يالقۇن روزى) 101-«ئارىفنامە» (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن) 102-يارقىن ئەسلىمىلەر-مەن ۋە مىنىڭ خەلقىم (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن) 103-«ھاياتىمدىكى ئۆچمەس سۈرەتلەر» ( غازى ئەھمەد) 104-«ئەخمەتچان قاسىمىنى ئەسلەيمەن» ( ماھىنىۇر قاسىم) 105-«تارىخىمىزدىكى سىرلار»(7پارچە كىتاب) (نۇرمۇھەممەت دۆلىتى نەشىرگە تەييارلىغان) 106- «ئىغىر تىنىقلار» ( يۈسۈپ ئىلياس ) 107-« مەن كەچكەن كىچىكلەر» (سوپاخۇن سۇۋۇرۇف) 108-ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن (چىڭغىز ئاتىماتوف) 109-«كەلىلە ۋە دېمىنە» ( ئوبۇل ھەسەن ئابدۇللا مۇقەففا ) 110-«ئىلى دولقۇنلىرى» ( ئابدۇراخمان قاھار) يۇقارقى كىتابلار ئىچىدە ئەگەر سىز ئوقۇپ بولغانلىرىڭىز بولسا ئۇنداقتا يىنىڭىزدىكلەردىن ،قېرىنداشلىرىڭىزدىن سوراپ بىقىڭ ئۇلار ئوقۇپ بوپتىمۇ؟ ئۇلار مۇشۇ كىتابلارنى بىلەمدۇ ؟ئەگەر ئۇلار ئوقىمغان بولسا ئۇلارغا ۋەقەلىكىنى ئاز تولا سۆزلەپ بىرىپ ئۇلارنى ئوقۇشقا قىزىقتۇرۇڭ.ھىچ بولمىغاندا يۇقارقى كىتابلارنى ئوقۇيالمىسىڭىزمۇ سېتىۋىلىپ ساقلاپ قويۇڭ !(ھامان ئەس قاتىدۇ) يۇقارقى تىزىملىككە بەزى نادىر كىتابلار يىزىلماي قالغان بولىشى مۈمكىن، قېرنىداشلارنىڭ ئىنكاس شەكلىدە تولۇقلاپ تۇرشىغا ۋە 2015-يىلدا بىز ئوقۇپ چىقشقا تىگىشلىك نادىر كىتابلانى داۋاملىق يۇللاپ تۇرشىغا ئىشەنچىم كامىل ! قەدىرلىك سەپەردىشىم ،سىز ھەپىتىدە بىر كىتاب ئوقۇيالىسىڭىز بىر يىلدا جەمئى 54 پارچە كىتاب ئوقۇيلايسىز 15 كۈندە بىرنى ئوقۇيالىسىڭىز 24 پارچە كىتاب ئوقۇيالايسىز،كىتاب ئوقۇشنى ئۇنۇتماڭ ،ئەڭ مۇھىمى ئوقۇغان كىتابلىرىڭىزنىڭ مەزمۇنىنى باشقىلارغا دەپ بىرشىنى ھەرگىز ئۇنۇتماڭ . پايدىلىنىش ئۇلانمىللىرى : 1. ئالەم بوشلۇقىدىكى سەپەر ۋە نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ./thread-27243-1-1.html 2. يۈسۈپ نەمانشاھنىڭ «كىتاب»ناملىق شىئىرى ./thread-27217-1-1.html 3. 2015-يىل ئۇيغۇرلانىڭ نىمە يىلى بولىشى كىرەك ./thread-27206-1-1.html 4. مىنىڭ كىتاب يىلىم ./forum.php?mod=viewthread&tid=27115&highlight=%D9%85%D9%89%D9%86%D9%89%DA%AD قەدىرلىك قىرىندىشىم! مەيلى سىز 2015- يىلدا كىتاب يىزىڭ، كۆپلەپ سىتىۋېلىپ ئوقۇڭ ياكى ئۆز كىتابلىرىمىزنى ئوقۇيالمايۋاتقانلارغا كۆپلەپ ئىئانە قىلىڭ ۋە ياكى توي- تۆكۈن، دوست-يارەنلىرىگىزگە كىتاب سوۋغا قىلىڭ ، بىمارلانى كىتاب بىلەن يوقلاڭ ياكى ھەرخىل تارتقۇلار ئارقىلىق كىتاب ھەققىدىكى ئەمەلىي پائالىيەتلەرنى كۆپلەپ تەشۋىق قىلىڭ ئوخشاشلا ئەھمىيەتلىك ئىشلار ئۈچۈن ئاتلانغان سىپىمىزگە قۇشۇلغان بولسىز.بەلكىم سىزنىڭ بۇ ھەقتە تىخىمۇ نادىر قاراشلىرىڭىز بولىشى مۈمكىن.(كەمىنە بىلەن كىتاب ھەققىدە ۋە بۇ پائالىيەت توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى خالايدىغان قېرىنداشلىرىمىنىڭ artuq77 دىگەن ئۈندىداردا پاراڭلىشىشىنى ئىستەيمەن) مەيلى قانداق بولسۇن ئەتىراپمىزدىكلەرنىڭ كۆپرەك كىتاب ئوقۇشى ئۈچۈن باسقان ھەر بىر قەدىمىڭىز تارىخ بىتىدىن ئورۇن ئالىدۇ.كىيىنكى ئەۋلادلىرىمىز قىلغان پەخىرىلىك ئىشلىرىمىزدىن سۆيىنىدۇ ۋە ئۇنى ھۆرمەت بىلەن داۋام ئىتىدۇ. ھەممىمىز2015-يىلنى مىللىتىمىز ھاياتىدىكى ئەڭ كۆپ كىتاب نەشىر قىلىنغان بىر يىل، ئەك كۆپ كىتاب سىتىۋېلىنغان بىر يىل،ئەڭ كۆپ كىتاب ئوقۇغان بىر يىل(بۇ يىل مەن ئۈچۈن شۇنداق بولدى)،ئەڭ كۆپ كىتاب سوۋغا قىلىنغان بىر يىل،ئەڭ كۆپ كىتاب ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغان بىر يىل قىلىش ئۈچۈن بىر ياقىدىن باش بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ تىرشايلى!بۇ پائالىيتىمىز ئارقىلىق بىر قېرىندىشىمىزنىڭ بولسىمۇ قەلبى نۇرلانسۇن!! |