- تىزىملاتقان
- 2014-4-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-23
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4291
- نادىر
- 6
- يازما
- 125
ئۆسۈش
76.37%
|
ئەسسالام ئۇكام، ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ھەم ساۋاپلىق ئىشقا تۇتۇش قىلىۋېتىپسىز، شۇ ئىشلىڭىز يەنىمۇ گۈللىگەي.بىر ياخشى ئىشنى ئۆزى ئۈچۈنلا ئەمەس، باشقىلار ئۈچۈنمۇ راۋا كۆرۈش ھەم بۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈش ئىنتايىن قەدىرلەشكە تېگىشلىك. بۇ جەھەتتە مۇنداق تەكلىپ بېرىمەن:
1. ئالدى بىلەن سىز يۇقىرىقى تورداش دېگەندەك كىتابخانا ئېچىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ بولغاندىن كېيىن ،لازىملىق دەپ قارىغان كىتابلارنى شىنخۇا كىتابخانىسى ۋە خۇسۇسىي كىتابخانىلاردىن بىۋاسىتە ئالغاندىن نەشرىياتلار بىلەن ئالاقىلىشىپ شۇلاردىن ئالسىڭىز، تەخمىنەن يۇقىرى بولغاندا 50 پىرسەنىت، تۆۋەن بولغاندا 75 پىرسەنىت ئېتىۋار باھادا ئالغىلى بولىدۇ. يەنى 10 يۇەن باھادىكى بىر كىتابنى ياكى 5 يۇەنگە ياكى 7.5 يۇەنگە ئالغىلى بولىدۇ.بۇنداقتا داۋاملىق كىتاپ سېتىۋالىدىغان ئادەمگە خېلى كۆرۈنەرلىك پۇل تېجىلىپ قالىدۇ ھەم ياكى خالىسا مۇشۇ تېجىلىپ قالغان پۇلغا يەنىمۇ كۆپ كىتاپ سېتىۋالالايدۇ.
2. بۇنىڭدىن كېيىن كىتاپ سېتىۋالماقچى بولسىڭىز ، مەلۇم مەزگىلنى ، يەنى بىر پەسىلنى بىرلىك قىلىپ تۇرۇپ ، شۇ چاغقىچە نەشىردىن چىققان ، سىزگە لازىملىق كىتابلارنى تىزىملاپ، مۇئەييەن سانغا ، مەسىلەن، تۆۋەن بولغاندا 10-20 گە يەتكۈزۈپ ، تىزىملىك بىلەن بىللە نەشرىياتقا ئەۋەتىپ بېرىڭ. شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتى ئۇيغۇرچە كىتابلارنى تارقىتىش بۆلۈمىنىڭ شۇنداق بىر قائىدىسى بار، ئومۇمەن مۇشۇ نەشرىياتتىن چىققان ئۇيغۇرچە كىتابلارنى ئامباردا بار بولسىلا مۇئەييەن ساندا كىتاپ ئالغانلارغا كىتابنى يۇقىرىقى ئېتىبار باھادا سېتىپ بېرىپلا قالماي، يەنە مال يەتكۈزۈش ئورنى ئارقىلىق ئەۋەتىپ بېرىدۇ. كىتابلارنىڭ ئېتىبار باھاسىنىڭ قانچىلىك بولۇشى شۇ كىتابنىڭ يېڭى نەشىر قىلىنغانلىقى ياكى بۇرۇنراق نەشىر قىلىنغانلىقى، بېسىلىش سانى، ئامباردىكى قالدۇقى، باھاسى، قانچىلىك ساندا سېتىۋېلىنىدىغانلىقى ...قاتارلىق بىر قاتار ئامىللارغا باغلىق. بۇنى كونكىرىت سۆزلەشكەندە دېيىشسىڭىز بولىدۇ. شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىنىڭ ئۇيغۇرچە كىتابلارنى تارقىتىش بۆلۈمىنىڭ تېلىفون نۇمۇرى:0991-2827472(ئىشخانا)، بۆلۈم مەسئۇلىنىڭ تېلىفون نومۇرى :13899878459. ئۇلار بىلەن ئالاقىلەشكەندە كىتاپ مۇندەرىجىسىنى تەمىنلەپ بېرىشنى ئېيتسىڭىز بولىدۇ، ئادەتتە ھەر پەسىلدە كىتاپ مۇندەرىجىسى يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ، بۇنىڭ قەغەز نۇسخىسى ھەم ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسى بار. ئەگەر سىز ئالماقچى بولغان كىتابلارغا سىزنىڭ مۇناسىۋەت دائىرىڭىزدىكى باشقىلارمۇ ئېتىياجلىق بولسا ، شۇلارنىڭكىنىمۇ قۇشۇپ يوللاپ بېرىڭ، بۇنداقتا ئېتىبار تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. شۇنى بىلدۈرىمەنكى، بۇ پىكرىم بارلىق قېرىنداشلارغا ئورتاق. شۇنداقلا باشقا نەشرىياتلارنىڭمۇ مۇشۇنداق قائىدىسى بار.
3. بۇ ئىشتا ئەگەر ھەقىقىي بەل باغلاپ ئىشقا كىرىشمەكچى بولسىڭىز، ھەرتەرەپتىن ئوبدان مەسلىھەت ئېلىڭ، چۈنكى بۇ سىزدەك بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئۈچۈن مەبلەغ خېلى كۆپ كېتىدىغان، ، ئەمما پايدىسى دەرھاللا كۆرۈلۈپ كەتمەيدىغان بىر ئىش. شۇڭا ئۆزىڭىزنى ئوبدان دەڭسەڭ، شۇنداقلا مۇشۇنىڭغا ئالاقىدار سىياسەتلەردىن پايدىلىنىشقىمۇ ماھىر بولۇڭ. ھازىر رايونىمىز مىقياسىدا «دېھقانلار كۈتۈپخانىسى» دېگەن نامدا ھەر بىر يېزا-كەنتتە دېگۈدەك ھۆكۈمەت تەرەپتىن ياردەم بېرىپ ئاچقان كىچىك كۈتۈپخانىلار(كىتابخانىلار ئەمەس) قۇرۇلۇۋاتىدۇ. ئەگەر سىز تۇرۇۋاتقان يەردە ناۋادا مۇشۇنداق كۈتۈپخانا بولمىسا، بۇنىمۇ ئويلىشىپ بېقىپ، مۇددىئايىڭىزنى مۇناسىۋەتلىك ئورونلارغا ئېيتسىڭىز بولىدۇ. ئەمما بۇ ئېچىلسا كىتابخانا بولمايدۇ، بەلكى كۈتۈبخانا بولىدۇ.
4. يەنە بىر تەكلىپىم شۇكى ، ئىشتىن بۇرۇن يۇقىرىقى شىنجاڭ خەلىق نەشرىياتىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىمغا تېلىفون قىلسىڭىز ، ئۇلار سىزگە كىتابخانا ئېچىشقا دائىر بارلىق يوللار ھەققىدە قولىدىن كېلىشىچە مەسلىھەت بېرىدۇ ۋە ياردەمدە بولىدۇ، قالغان ئىشلارنى يۇقىرىدا دەپ ئۆتتۈم.
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، مەقسىتىڭىز ئېنىق بولسۇن، يۇقىرىقى يازمىڭىزدا بىراقلا ئىككى مەقسەتنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپسىز. سىز زادى كىتابخانا ئاچماقچىمۇ ياكى كىتاپ نەشىر قىلدۇرماقچىمۇ ۋە ياكى ھەرئىككىلىسىنى قىلماقچىمۇ؟مەيلى قانداقلا مەقسىتىڭىز بولسۇن، نىشاننى ئېنىق قىلىپ، پىلاننى ئوبدان تۈزۈپ، ئاندىن قەدەم بېسىڭ. مەيلى كىتابخانا ئاچسىڭىزمۇ، كىتاپ نەشىر قىلدۇرسىڭىزمۇ، مۇمكىن قەدەر نەشرىياتلار بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىڭ، نەشرىيات ھەرگىزمۇ ئوقۇرى ئېگىز بىيۇرۇكىرات ئورگان ئەمەس، بەلكى بىر كەسپىي ئورگان، ئاپتورلارغا ۋە ئوقۇرمەنلەرگە تايىنىپ ئۆرە تۇرىدۇ. بولۇپمۇ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى شۇنداق.شۇڭا نەشرىياتلار ھەققىدىكى ھەرخىل پىكىرلەر كاللىنى قايمۇقتۇرۇپ قويمىسۇن. بۇ پىكرىممۇ بارلىق قېرىنداشلارغا ئورتاق.
ئاخىرىدا ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت تىلەيمەن. |
|