قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 691|ئىنكاس: 6

كۆكلەر گۈلىستان بالىلار دەپ !

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

16

تېما

1

دوست

2925

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4104
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 372
تۆھپە : 650
توردىكى ۋاقتى: 262
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-8 17:57:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xerqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-11 07:44  

         جەمىيەتتە ئانىنىڭ ئورنى ئىنتايىن مۇھىم ،ئۇ بالىلارنىڭ جېنى ھەم قېنى،ئەقلى ھەم كەلگۈسى ! شۇ يۈرەك پارىمىزنىڭ قانداق بولىشىغا ئانىلار ئەڭ يېقىن ئارلىقتا تۇرۇپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.ھازىر چۆچەكلىرىمىز بالىلاردىن يىراقلىشىپ كەتتى.لېكىن كىتاپ بار ،چۆچەكتە مەدەنىيىتىمىز ،ھەممە نىمىمىز بار.دىمەك كىتاپ ئوقۇيدىغان ئانىلار ئازلاپ كەتتى.تېلفۇن ئوينايدىغان ئانىلار كۆپلەپ كەتتى....مانا مەن يازغان تۆۋەندىكى شېئىر مۇشۇ ئىككى خىل ئانا  تەربىلەۋاتقان ئىككى خىل تەغدىردىكى بالىلار.بالىلىرىمىز ئۇچۈن ئانىلارلا ئەمەس ،ئاتىلارمۇ كۆپلەپ كىتاپ ئوقۇيلى!

كۆكلەر گۈلىستان بالىلار دەپ !


ئاپتورى: يۈسۈپ نەمەنشاھ


كىتاپ ئوقۇپ زىرىكمىدى بىر ئانا،
بالىسىنى سۇقۇپ قوينىغا.
بەزىدە بالىسىغا ئوقۇپ بەردى ،
تاتلىق چۆچەكلەر.
بالا كۈلدى ئالەم كۈلدى.
تىلى كىتاپ دەپ چىقتى.
يىگىنى كىتاپ،
ئىچكىنى كىتاپ،
ھەتتا يىغىسىمۇ كىتاپ .
بەرى كىتاپ بولدى.
كەلگۈسى كىتاپ بىلەن يارىتىلدى،
كۈلدى ئانىسى،
كىتابىم بالام دەپ.
ۋەتەنگە يارىغان ،
ئەركان ئوغلۇم دەپ.
*  *  *
بىر ئانا بالىسىنى ،
سۇقۇپ قوينىغا تېلفۇن ئوينىدى.
بەزىدە بالىسىغا،
قويۇپ بەردى كوت-كوت پاراڭلار.
بالا يىغلىدى،
سەسكەندى تىپچەكلەپ.
كۈتكىنىم ئانا بۇ ئەمەس دەپ !
تېلفۇنغا كىرىپ كەتتى ئانا.
بەلكىم بالام شۇنداقلا ،
يىغلىغاندۇ دەپ.
مانا كارامەت ،
يىگىنى تېلفۇن،
ئىچكىنى تېلفۇن.
ھەتتا يىغىسىمۇ تېلفۇن بولدى.
كەلگۈسى تېلفۇن بىلەن يارتىلدى.
يىغلىدى ئانا،
تېلفۇن بالام دەپ،
ئول ئوغلۇم ئەلگە  يارىمىغان ،
داشقال بولدى دەپ.
*  *  *
شۇڭا دەيمەن پەقەت ئۆزەمگە،
ئانا ساپاسى بالا ساپاسى دەپ !
شۇڭا تاغلارغا ئەرز قىلىمەن ،
ئانىلار بىلىمدار بولسا !
كۆكلەر گۈلىستان بالىلار دەپ !


   2014-يىل 6- دىكابىر قومۇل


ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

16

تېما

1

دوست

2925

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4104
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 372
تۆھپە : 650
توردىكى ۋاقتى: 262
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-10 23:16:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا دەيسىز ،كىتاپ ئوقۇشنى ياخشى جەمىيەت كەيپىياتى قىلىش ئۈچۈن ھەممە ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز كېرەك.مەن بۇ ئىشنى خېلى بولدى باشلىغىلى،ئەمدى چۈشەنگەنلە باشلىدى.بۇگۈن مەن باشلاي ئەتە سىز باشلاڭ.شۇنىڭدا كىتاپ ئوقۇش ياخشى ئادەتكە ئايلىنىدۇ.گىرمانىيىدە كىشىلەر ئۆزىلىرى ئوقۇپ بولۇپ ،كوچلاردا قۇرۇپ قالغان دەرەختىن ياسالغان كىتاپخانىلارغا قويۇپ قويىدىكەن. بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇنلار ئوقۇپ بولغان كىتاپلىرىنى يەنە بىر كىتاپقا ئالماشتۇرۇپ، لازىم كىتاپنى ئېلىپ كېتىپ ئوقۇيدىكەن.بۇ نىمە دىگەن ياخشى.بىز ئۇنداق قىلالمىساقمۇ،ئوقۇپ بولغان كىتاپلارنى ئىسىل «چاي سورۇنلىرىدا »ياكى توي تۆكۈنلەرگە بارغاندا ئالماشتۇرساقمۇ بولىدۇ ئەمەسمۇ؟؟؟؟؟ ئۈرۈمچىدە بىر چايخانا  كىتاپلار بىلەن لىق تولدۇرۇلۇپ ھەممنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ،قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى .بۇ نىمە دىگەن ياخشى!!!!!

3

تېما

0

دوست

2283

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   9.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15671
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 734
توردىكى ۋاقتى: 132
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 00:06:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2015-يىل 6- دىكابىر قومۇل

ئاپتور ۋاقىت تونىلىغا چىقىپ كېلەر يىلغا بېرىپ يېزىپ كەلدىمۇ نىمە بۇ شېىرنى؟...

16

تېما

1

دوست

2925

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4104
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 372
تۆھپە : 650
توردىكى ۋاقتى: 262
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 07:43:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   xerqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-11 07:45  

بولسا ئەسەرنىڭ ئۆزىگە پىكىر بېرىشىڭىزلارنى ئۈمىد قىلىمەن!

خوجە

0

تېما

11

دوست

4668

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   88.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9687
يازما سانى: 258
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 214
تۆھپە : 1301
توردىكى ۋاقتى: 373
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 22:49:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا شۇنداق ياقتى ....بالىسىنى  سوقۇپ قوينىغا  دىگەن مىسراسىنى      بالىسىنى تېڭىپ باغرىغا    دەپ ئالسىمۇ   بولىدىكەن ،،،تېڭىپ   دىگەن سۆز  سەل يۇمشاق ئاڭلىنىدىكەن،  بۇ پەقەت مىنىڭ شەخسى پېكىرىم ،،،مەنغۇ  بۇ كەمگىچە بىرە كۇپلىت بىر بەرسە  يىزىپ باققان بەندە  ئەمەس   قالغىنى  ئۇستازلار  بىرنىمە دىسۇن.....

0

تېما

0

دوست

168

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6905
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 30
تۆھپە : 21
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-16 00:20:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇڭا دەيمەن پەقەت ئۆزەمگە،

ئانا ساپاسى بالا ساپاسى دەپ !

شۇڭا تاغلارغا ئەرز قىلىمەن ،

ئانىلار بىلىمدار بولسا !

كۆكلەر گۈلىستان بالىلار دەپ !

بەك ياخشى چىقىپتۇ.قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي قىرىندىشىم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )