- تىزىملاتقان
- 2011-1-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 71018
- نادىر
- 7
- يازما
- 3183
ئۆسۈش
0%
|
موشۇ ئالدىنقى يىلدىن باشلاپ ئۆينىڭ بالكونىنى چېقىپ قويغان دەڭلار ،بالكون دىگەنمۇچۇ ئىزىدا تۇرغىنى ياخشىكەن . ئۇنى چېقىپ ئۆينى سەل كەڭرەتكەن بىلەن ئەمدى سەي كوكتاتلارنى بولۇپمۇ ماۋۇ قىشلىق سەي كۆكتاتلارنى قويىدىغان جاي يوق بولدىدە ، يەر ئاستى ئۆيىمىزگە قويايلى دىسەك بەشىنچى قەۋەتتىن چۇشۇپ چىقىش بەكلا بىئەپ ، شۇنداق قىلىپ كاللامنى ئىشلىتىپ بۇ بەش قەۋەتلىك بىنانىڭ تۆتىنجى قەۋەت بىلەن بەشىنجى قەۋەتنىڭ ئارلىقىدىكى ئارلىققا قىشلىق سەيلىرىمنى قويۇپ قويۇپلا خوتۇننىڭ ۋاتىلداشلىرىدىن قۇتۇلدۇم دەڭلار . تېخى خوتۇنۇم باشقىلارغا بۇ ئەپلىك سەي قويىدىغان جايىمىزدىن پەخىرلىنىدىغان بولدى . ئۆتكەن قىش ، ھېچ بالا يوق بىر قىش قىشلىق سەي لەرنى تۇگۇنەك دەيمىز ،پىياز دەيمىز ، ئاشۇ بۇلۇڭغىلا قويۇپ قويغان ئىدۇق . ئۇ يىلى ماۋۇ ھويلا ئىچىنى ۋە كارىدورنى تازلايدىغانلارمۇ بەشىنچى قەۋەتكە چىقىپمۇ قوياي دىمەيتتى .
ئەمما بۇيىل قىشلىق بىر خالتا تۇگۇنەك بىر خالتا پىياز ئېلىپ قويغان . بولمىسا ئۆيدە تاماق قىلىشىمىزمۇ چاغلىق بولمىسا ،شۇنداق بولىسمۇ ئەمدى ئۆينى ئىسىتىش ئۇچۇن بولسىمۇ ئانچە مۇنچە تاماق قىلىپ تۇرمىسمۇ موشۇ خوتۇن خەق نىمە ئىش قىلىدۇ ئۆيدە بىكارچىلىقتا بارغۇ ئېرى بىلەن سوقۇشۇدۇ شۇ . گەپنىڭ نەق ئۆزىگ كەلسەك تېخى تۆنۇگۇن كەچكىچىلا بارتى دەڭلار بۇ روزىغارلار ، ئەتتىگەن قوپۇپ خوتۇن ئەڭ بالدۇر بايقىۋاپتۇ ، ۋاي بۇ سەيلەر قېنى ، -شۇنداقمۇ ، -ۋاي بېششىڭنى يىگۇرلەر -بولدى ئەمدى ئىككى يۇز كويغا يارىمايدىغان كۆكتاتنى دەپ خەقنىڭ بېشىنى يېيىشىنى تىلىسەڭ قاملاشماس . -ئەمىسە نىمە دەيمەن خوشال بولسام بولامتى . ياخشى ئەكىتىپسىلەر دىسەم بولامتى .-ئشىقىلپ راستىنى دىگەندە ماۋۇ ئىشىكىمنىڭ ئالدىدىن يۇتكەن ماڭا تەۋە سەيلەرنى مىڭ تەسلىكتە بەشىىنچى قەۋەتكە ئەپ چىقىپ كەتكەنلىكىمنى ئويلاپ مېنڭمۇ سەل خۇيۇم تۇتتى .-ۋاي ھارام يەيدىغانلار ، ئۇغۇرلۇققۇ بۇ ،
بىزنىڭ جەمەتتە قانۇن ساھاسىدىكىلەر بەك كۆپ بولغاچقا ئايىلىم بىلەن ئىككىمىز دە ئازدۇر كۆپتۇر رازۋىتكا ئىقتىدارى شەكىللەنگەن دەڭلار ، شۇنداق قىلىپ بۇ ئىشنى رازۋېتكا قىلىشنى باشلىۋەتتۇق ، بۇ دىگەن بەش قەۋەتلىك بىنا ،بىز بەشىنچى قەۋەتتە ناۋادا سېنىڭ كۆكتاتلارنى ئاناڭنىڭ ئۆيىگە توشۇۋەتكەنلىكىڭنى نەزەردىن ساقىت قىلساق ، - ھە ئانام نىم بوپتۇ ، ماۋۇ سەيلەرنى بارغۇ دادام ئاپاملار بىزگە ئەپ بەرگەن تېخى پۇلمۇ بەرمىدۇ ق تېخى ئايىلىم ئالا يشىل بولۇپ ماڭا قىرلىنىپ چىققان ئىدى ،سەل ھىجاراشقا مەجبور بولدۇم. ئۇنداقتا ئۇدۇلدىكى ئۆينى ئىجارە ئالغانلارچۇ ، بۇلارمۇ نىم قىلار ، يەتتە سەككىز مىڭ كوي مائاش ئالىدۇ بۇ باللار سېنىڭ ئاۋۇ قىشلىق سەيلىرىڭنى ئۆيىگە ئەكىرۋالسىمۇ تاماق قىلىشنى بىلمىسە بۇ خەق . ئۇنداقتا بەشىنچى قەۋەتكە يەنە كىمنىڭ چىقىش ئىھتىماللىقى بار ، مىېھمانلاردىن باشقا بەشىنچى قەۋەتكە شۇ بىنا كارىدورنى تازلايدىغانلار تولراق چىقىپ قالىدىكەن . مەنغۇ ئۇلارنى ئالدى دەپ كەسكىن ئېيتالمايمەن ، ئەمما ئالمىدى دىگىلىمۇ بولمايدۇ ، -بىراق خاتۇن بۇ ئىشنى قىلۋاتقانلاردىن بىز خەق كۆپرەك ، شۇڭا بۇ ئىھتىماللىق بەك كۇچلۇك ھەم چوڭ بولىسمۇ تىنمايلى .تىنمايدىغان ئىش يوق ئوغۇرلۇق دىگەن ئوغۇرلۇق .مەن بۇلارنىڭ مەسئولىغا تىېلفۇن ئۇرۇمەن ،ئاۋۇ ئىككى قېرى خەنسو تازلايتىتى بىزنىڭ ماۋۇ كارىدورلارنى ، ئۇ خەقتە ئىمان بولمىسا كىشنىڭ ھەققى دىگەنلەردىن قوقاتتىمۇ . ئەمىسە تېلفۇن قىلىپ باق ،
مەن ھويلىنىڭ ئامانلىق ساقلاش ئۆيىگە كىىرىپ مەسئولنىڭ تېلفۇنىنى تېپىپ چىقىپ ئايىلىمغا قىسقا ئۇچۇر قىلپ يوللىۋەتتىم . ئەمما بۇ ئشىلارنىڭ چوقۇم ئاخىرسى چىقمايدىغانلىقىنى ئويلاپ بېشىمنى چايقىدىم ، مەيلى نىمىلا بولمىسۇن بۇ خىل ئەخلاقسىزلىق تۇزۇتىلىشى كېرەك ، ئەمدى ، بىنانىڭ كارىدورىغا ئانچە مۇنچە نەرسىلىرىڭنى قويۇپ قويساڭ ئۇنىمۇ نومۇسسىزلارچە ئېلىپ كەتسە ،خۇددى ئۆزىنىڭكىدەك . قانداق دىگەن گەپ بۇ .
ئۆتكەندە ئۈرۈمچىلىكلەر ئاياقلىرىىنى كارىدورغا قويۇپ قويۇپتىكەن . ھەممىسىنى يىغىشتۇرۇپ ئەپ كىتىپتۇ دىگەن گەپكە تازا كۇلۇپتىم ئەمدى ئۆزەمنىڭ سەيلىرىنى ئوغرى ئېلىۋىدى ئانچە بەك كۇلگۇم كەلمەي قالدى .
ھەراست ئايىلىمدىن تىلفۇن كەلدى ، ئۇ ئاۋۇ مەسئولغا ئۇرۇپتىكەن ، بىردەم خوشناڭلار ئالدىمىكىن بىردەم باشقىلار ئالدىمىكىن دەپ بولۇپ ئاندى ئازراق ئۇزەڭگىدىن چۇشۇپ بىنا تازلايدىغانلار ئالدىمىكىن دىگەنمىش ، ئايىلىم ھويلا باشقۇرۇش ھەققى ئالىمەن دەپ ئۇسساپ سۇئىشمەڭلار دەپ تېلفۇننى قويىۋەتكەنمىش . ................ |
|