قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2456|ئىنكاس: 40

قارا دۆۋىنىڭ سەركىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

51

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32625
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 22
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-10 15:54:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارادۆۋىنىڭ ‹‹سەركىسى››

قېيۇم قادىر

    20 –ئىيۇل، قومۇل شەھىرى قارا دۆۋە بازىرىنىڭ باشلىقى ئىسھاق تاھىر قاتناش ھادىسىسىگەئۇچۇراپ 42 يېشىدا قازا قىلدى.تەزىيەت  كۈنى، ساقا دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ئاھالىلارئولتۇراق رايونى ئەتراپى ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان ئىدى. مەھەللە ئىچىدە ھەسرەتلىك يىغا ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى، قارا دۆۋە بازىرىدىن كەلگەن نەچچە  مىڭ ئاممىنىڭ مەھەللىگە كىرىشى بىلەن تەڭ مەھەللە ئىچىدە  يىغا ئاۋازى يەنە ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى. قارا دۆۋەخەلقى خۇددى ئۆز قېرىندىشىدىن ئايرىلىپ قالغاندەك ئازا تۇتتى. ئۇلار بازار باشلىقى ئىسھاق تايىردىن ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىدىمۇ قانداق، مەرھۇمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن مىيىتنى ئېلىپ كېتىپ  قارادۆۋە بازىرىدا يەرلىككە قويۇشنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالدى ، لېكىن ئۆرۈپ ئادەت يۈزسىدىن ئۇلارنىڭ بۇ تەلىپى رەت قىلىندى. شۇ كۈنى مەرھۇمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرقەبرىستانلىققا بارىدىغان يولنىڭ يىراقلىقى،ھاۋانىڭ ئىسىقلىقى (شۇ كۈنىدىكى تېمپىراتورا 40 گىرادوستىنمۇ يۇقىرى ئىدى) يەنە كېلىپ روزا-رەمزان تۇتىۋالغان جامائەتچىلىكنى كۆزدە تۇتۇپ مېيىتنى ماشىنا بىلەن يەرلىككە ئاپىرىشنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى، لېكىن بۇنى ئاڭلىغان قارادۆۋە خەلقى مەرھۇمنىڭ دادىسى تايىرھاجىغا  يېلىنغان ھالدا: بىزنى ئەدەپسىزكەندەپ قالمىسىلا، ئىسھاق جېنجاڭ بىز قارادۆۋە خەلقىگە ئۇنتۇلغۇسىز ياخشىلىقلارنى قىلىپ،بىزگە ھەتتا رەخمەت ئېيتىش پۇرسىتىمۇ بەرمەي كېتىپ قالدى، رۇخسەت قىلسىلابىز قېرىندىشىمىز، رەھبىرىمىز ئىسھاق جېنجاڭنى قەبرە بېشىغا كۆتۈرۈپ  ئېلىپ بارساق، بىزمۇ مۇشۇ قېرىندىشىمىزنىڭ خىزمىتىنى قىلىۋالدۇق دەپ كۆڭلىمىز تەسەللى تاپقان بولسا دەپ رۇخسىتىنى  ئالدى. ئۈچ كىلومېتىر يولدا سەپ تۇزۇشۇپ ماڭغان ئادەمنىڭ كۆپلىگىدىن ئالدى قەبرىستانلىققا يېتىپ بارغان بولسا كەينى تېخى مەھەللىدىن چىقىپ بولالمىغان ئىدى، جىنازا خۇددى دېڭىزدا لەيلىگەن قولۋاقتەك كۆرۈنەتتى ، قارادۆۋىدىن كەلگەن بوۋىلار، ياشلار جىنازىنى تالىشىپ كۆتۈرگىنىچەزارەتكارلىققا ئېلىپ بېرىپ، چەكسىز قايغۇ ھەسرەت ئىچىدە  قەلبىدىكى ئۇلۇغ  زاد ئىسساق تايىر  بىلەن مەڭگۇگە ۋىدالاشتى.
   شۇ كۈنى جامائەت بىلەن بىللە بولغان قارا دۆۋە بازىرىنىڭ شۇجىسى جاڭ بىڭ قايتىدىغان چاغدا مەرھۇمنىڭ ئىككى سەبىي پەرزەنتىنى ئاتىلىق مېھرى بىلەن باغرىغا بېسىپ تۇرۇپ: بالىلىرىم ئەنسىرىمەڭلار، كېيىنكى تۇرمۇشۇڭلار ۋە ئالىي مەكتەپكىچە بولغان ئوقۇشۇڭلارغا مەن ئىگە...، دەپ تەسەللى بېرىپ خوشلاشتى.
    ئىسھاق تاھىر قارادۆۋىدەخىزمەت قىلغان قىسقىغىنە نەچچە يىلدا قارا دۆۋە دېھقانلىرىنىڭ بۇنچەقەدىرلىشىگە ئېرىشكىدەك زادى نېمە ئىشلارنى قىلىپ بەرگەن بولغىيتى؟ بۇ سوئالغاجاۋاب تېپىش ئۈچۈن، قارا دۆۋە بازىرىدا زىيارەتتە بولدۇم.
    -بازار باشلىقىمىز كىچىك پېئىل، مۇلايىم، كەمتەر، مەسىلىلەرگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، لىللا ھۆكۈم چىقىرىدىغان، ئۆزى ياش بولسىمۇ، خىزمەت ئۇسلۇبى، رەھبەرلىك سەنئىتىدە پېشقەدەملەردىن قېلىشمايدىغان،مول تەجرىبىلىك، ئىستېداتلىق مۇنەۋۋەر رەھبەر ئىدى.
    مانا بۇ قارادۆۋىلىكلەرنىڭ ئىسھاق تاھىرغا بەرگەن باھاسى.
  
يامان ئاتاققا قالغان بازار
    قارادۆۋە بازىرى قۇمۇل شەھىرىدىن78 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان، مەملىكەت ئىچى – سىرتىغا داڭلىق چىلان، ئۈزۈم ماكانى بولۇپ، 12 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسى، 23 مىڭ مو تېرىلغۇ يېرى بار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قارا دۆۋىنىڭ ئاساسلىق سۇ مەنبەسى بولغان كارىز، بۇلاقلاردىكى سۇئازىيىپ، قارا دۆۋىلىكلەر بىر مو يەرنىمۇ سۇغىرالمىغۇدەك ھالغا چۈشۈپ قالدى،مەھسۇلات يىلسېرى كېمىيىپ، قىسمەن باغ – ۋارانلار قۇرۇپ، يۇرتنى ئەنسىزلىك قاپلىدى. يەرلەر تولۇق سۇغىرىلمىغانلىقتىن، كەنت كادىرلىرى بىلەن دېھقانلارئوتتۇرىسىدا، قوشنىلار ئارا سۇ تالىشىش ماجىرالىرى كۆپەيدى، يەنە بىر تەرەپتىن توختىماي قۇدۇق قازىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلدى. دەل مۇشۇ ئىشلار ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەن2011 – يىلى ئىسھاق تاھىر قارادۆۋە بازىرىنىڭ باشلىقى بولدى.
    ئىسھاق تاھىر مېڭىش ئالدىدا،خوتۇنى ئۇنىڭ قارادۆۋىگە بېرىشىنى توسىغانىدى. چۈنكى ئىلگىرىمۇ ئۇقارادۆۋىدە مۇئاۋىن بازار باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن چاغلىرىدا، چوڭ قىزىنى ئۆزى يالغۇز بېقىپ جاپا – مۇشەقەتتە چوڭ قىلغانىدى. شەھەرلىك چارۋىچىلىق ئىدارىسىگەيۆتكىلىپ كېلىپ، ئۇزاق ئۆتمەي يەنە خەلقنىڭ ئارزۇسى بويىچە قارادۆۋىگە بازارباشلىقى قىلىپ ئەۋەتىلدى، بۇ چاغ كىچىك قىزى تۇغۇلغىنىغا ئۇزاق بولمىغان ۋاقىت ئىدى. ئەمما ئىسھاق تاھىر خوتۇنىنىڭ قوشۇلمىغىنىغا قارىماي كېتىپ قالدى.
    شۇ چاغدا كۆڭلۈم بەك يېرىم بولدى، ئۇ ھەتتا ماڭا دەپمۇ قويماي جىملا كېتىپ قاپتۇ، دېدى ئىسھاق تاھىرنىڭ خوتۇنى شاھادەت ئەمەت ئىلگىرىكى ئىشلارنى ئەسلەپ، ئېرىم قارادۆۋىگە بېرىپ سۇ يەرگە سىڭگەندەك سىڭىپلا كەتتى، قاچانلا قارىسا ئالدىراش، بەزىدە ئۈچ ئايغىچە ئۆيگە كەلمەيدۇ،كەلسىمۇ بىللە چاي ئىچكۈدەكمۇ ۋاقىت چىقىرالماي يەنە كېتىپ قالىدۇ، بۇ ئىش ماڭاشۇنداق ھار كېلىپ ئۇنىڭدىن: ئۆزلىرىگە زادى نېمە بولدى؟ بۇ ئۆيدىن شۇنچىلىك زېرىكتىلىمۇ؟ قۇچاقتىكى بالىنى كۆتۈرۈپ قويۇشقىمۇ ۋاقىتلىرى چىقماس بولۇپ قالدىلىمۇدېسەم، مەن بۇ يەردە بالىنى كۆتۈرۈپ تۇرسام، ئۇ يەردىكى ئىشلارنى كىم قىلىدۇ،ئۆزلىرى بىلمەيلا، قارادۆۋىنىڭ تەرەققىياتى بەك ئارقىدا قاپتۇ، باشقا يېزىلاربىلەن سېلىشتۇرغىلىمۇ بولمايدۇ، پەرق بەك چوڭ، قارادۆۋىنى ئازراق بولسىمۇ ئالدىغاتارتىپ قويايمىكىن دەيمەن، دېگەنىدى.
    ئىسھاق تاھىر قارادۆۋەبازىرىغا كېلىپلا ھۆكۈمەت ئىشلىرى، ئامما ئارىسىدىكى جېدەل – ماجىرالارنى بىرتەرەپ قىلىشتەك ئايىغى ئۈزۈلمەس ئىشلار بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. قارادۆۋىدە يازدا سۇقىس بولغان بىلەن قىشتا سۇ بىكارغا ئاقاتتى. قىشتىكى سۇنى ساقلاپ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن، تۈگمەن بوي كەنتىگە ئامبار قۇرۇش پىلانلاندى. بۇ تەستە قولغاكەلگەن تۈر بولۇپ، تۈرنىڭ خەرىتىسىنى لايىھەلەشكىلا 600 مىڭ يۈەن ئاجرىتىلغانىدى.لېكىن تۈگمەن بوي كەنتىنىڭ ئامبار قۇرۇلۇش ئورنى چىغىرتماق كەنتىنىڭ زېمىنىنى ئىگىلەيدىغان بولغاچقا، ئىككى كەنت ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ كېلىپ چىقتى. ناۋادا ئامبار ئورنى ئۆزگەرتىلسە، لايىھەنى قايتا ئىشلەش ئۈچۈن يەنە نۇرغۇن پۇل كېتەتتى. مۇشۇنداق قىيىن ئەھۋالدا، ئىسھاق تاھىر ئارىغا چۈشۈپ ‹‹قانچىلىك بەدەل تولىسەكمۇ تۆلەيلى،ھەرگىز دېھقانلار ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ كۆرۈلمىسۇن، بۇ سەۋەبلىك دېھقانلارھۆكۈمەتكە نارازى بولۇپ قالسا بولمايدۇ››، دەپ يۇقىرى – تۆۋەن قاتىراپ يۈرۈپ،خەرىتىنى باشقىدىن ئىشلەپ، ئامبار ئورنىنى يۆتكىدى.
    -بۇ يۇرتتا سۇدىن باشقائىشتا تالاش – تارتىش چىقمايدۇ. ئىسھاق تاھىر بۇ نۇقتىنى بىلىپ يەتكەچكە، سۇمەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقاردى،- دېدى يېڭى ئولتۇراق رايونىدائولتۇرۇشلۇق 70 ياشلىق دېھقان يۈسۈپ قاسىم.
    ئىسھاق تاھىر بازاردا يۈزبەرگەن ماجىرالارنىڭ سۇ مەسىلىسىگە چېتىلىدىغانلىقىنى، سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلمايتۇرۇپ، بازارنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى. لېكىن قارادۆۋىدە كارىز، بۇلاق سۈيىلا بولغاچقا، سۇنى كۆپەيتىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. پەقەت بىرلا ئامال سىرتتىن سۇ يۆتكەپ كېلىش ئىدى. قەيەردىن سۇ يۆتكەش كېرەك؟ بۇ مەسىلەئۈستىدە ئىسھاق تاھىر كۆپ باش قاتۇردى، كۆپ ئىزدەندى، ئۇ بازار ئەتراپىدىكى قوشنايېزىلار، تاغلىق رايونلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ، سۇ مەنبەسى ئىزدىدى. بۇ جەريانداسەكرا بىلەن بەكنى غولدىكى تاغ سۈيىنى باشلاپ كەلگەندىلا قارادۆۋىنىڭ سۇ مەسىلىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىغا كۆزى يەتتى. بۇنىڭدىن زور ئۈمىدكۈتكەن ئىسھاق تاھىر دەرھال بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلدى. ئۇ سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ،ئىنچىكە لايىھە تۈزۈپ، يۇقىرىغا ئىلتىماس سۇنۇپ، قۇمۇل شەھىرىنىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى نەق مەيدان يىغىنىنى قارادۆۋە بازىرىدا ئېچىلىشىنى، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ئېتىبارىنى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىشىنى قولغا كەلتۈردى. بۇنىڭ بىلەن دەۋەلدۈرۈك بىلەن سەكرا سۇ ئامبىرىدىن سۇ باشلاش مەسىلىسى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى.
    سۇ باشلاپ كېلىنگەندىن كېيىن، يەنە بىر مەسىلە ئوتتۇرىغا چىقتى. ئەينى چاغدا باشلاپ كېلىنگەن سۇنىڭ %20ئېتىزغا بارمايلا خوراپ كەتتى. سۇنىڭ سىڭىپ كېتىشىنى تىزگىنلەش ئۈچۈن، ئىسھاقتاھىر يۇقىرىغا دوكلات سۇنۇپ، مەبلەغ ھەل قىلىپ، 170 كىلومېتىرلىق ئېرىقنى سۇ سىڭمەسلەشتۈردى. كارىز، بۇلاق ئېقىن يوللىرىغىمۇ سولياۋ تۇرۇبا ياتقۇزدى. قىشلىق سۇدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ئۈچۈن، ئومۇمىي سىغىمچانلىقى 840 مىڭ كۇب مېتىركېلىدىغان ئامباردىن تۆتنى قۇرۇپ قاتتىقلاشتۇردى. بۇنىڭ بىلەن سۇنىڭ ئېقىن مىقدارى0.4 كۇب مېتىردىن 0.8 كۇب مېتىرغا، يىللىق سۇ مىقدارى 5 مىليون 600 مىڭ كۇب مېتىرغا يەتتى.
    ئىسھاق تاھىر سۇ باشقۇرۇش،سۇ تەقسىملەشتىكى مەسىلىلەرنىڭ دېھقانلار ئارىسىدا ئىختىلاپ پەيداقىلىۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ‹‹سۇ مىقدارىنى ئۆزگەرتمەسلىك، تېرىلغۇ يەرنى كۆپەيتمەسلىك، سۇباھاسى بىردەك بولۇش›› پىرىنسىپى ئاساسىدا، ئىلمىي سۇ تەقسىملەش لايىھەسىنى تۈزۈپ يولغا قويدى. بۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىكى تۆت موغىچە بولغان تۇراقسىز باھا، سەككىز پۇڭ توققۇز لىغا موقىملاشتۇرۇلدى، ئىلگىرىكى موسىغا قاراپ سۇ تەقسىملەش، كىشى بېشىغاقاراپ سۇ تەقسىملەشكە ئۆزگەرتىلدى. سۇغىرىش ۋاقتىمۇ ئەسلىدىكى بىر مىنۇت 20سېكۇنتتىن تۆت مىنۇتقا ئۇزارتىلدى، ئەسلىدىكى 26 كۈندە بىر قېتىم سۇغىرىش 15 كۈندەبىر قېتىم سۇغىرىشقا ئۆزگەرتىلدى. بۇنىڭدىن دېھقانلار ئىنتايىن رازى بولدى.
    بىكارچىلارغا ئىش تېپىلدى
    قارادۆۋە خەلقى ئۇنچە باي ئەمەس. چۈنكى بىزدە يەر، سۇ ئاز، كىشى بېشىغا ئاران بەش پۇڭدىن يەتتە پۇڭغىچە يەرتوغرا كېلىدۇ، 1997 – يىلدىن كېيىن تۇغۇلغانلارنىڭ يېرى يوق. بىر يېرىم مو يەرگەبەش نوپۇس قاراشلىق ئائىلىلەرمۇ بار. مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئاتا – ئانىلار قاتتىق تىرىشمىسا بالىلىرىنى ئوقۇتالمايدۇ، دېدى بازار باشلىقى ياردەمچىسى، خەلق ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى پاتىگۈل ئابلىز.
    قارادۆۋىدە سانائەت كارخانىلىرى بولمىغاچقا، دېھقانلار ئازغىنە يەردىكى چىلان، ئۈزۈمگىلا قاراشلىق ئىدى. قوشۇمچە قىلغۇدەك ئىشمۇ تاپقىلى بولمايتتى. شەھەرگە يىراق بولغاچقا سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ئىمكانىيىتى يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرىنى ئۆرلەپ ئوقۇتۇشقا ئىقتىسادى يار بەرمىگەچكە، تولۇقسىزغىچىلا ئوقۇتۇپ، مەكتەپتىن چېكىندۈرۈۋالاتتى. بۇ خىل ئەھۋاللار قارادۆۋىدە ئېغىر ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.    ئىسھاق تاھىر بازارنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن،ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەپ، قارا دۆۋە ئاياللىرىدا كەشتىچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىشتەك ئورتاق ئالاھىدىلىكنىڭ بارلىقىنى بايقاپ، ئاياللارنى مۇشۇئالاھىدىلىگىگە ئاساسەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئائىلە ئىقتىسادىنى ياخشىلىشىغا ياردەم بېرىش توغرىسىدا يۇقىرىغا دوكلات سۇندى. يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ قوللىشى بىلەن، ‹‹يېڭى ئەسىر كىيىم –كېچەك شىركىتى›› نى ئالاھىدە ئىمتىياز بىلەن قارادۆۋە بازىرىغا تەكلىپ قىلىپ، قارادۆۋە بازىرىدا تارماق كىيىم – كېچەك زاۋۇتى قۇرۇپ، 56 ئايالنى زاۋۇتقا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.
    نەدە تېخنىكا ئۈگەنگۈچىگەمائاش بېرىپ ئۆگىتىدىغان ئىش بار، ھېچقانداق ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ، بۇنداق ئىش بىزنىڭ بازاردا بار، زاۋۇتقا ئىشقا ئورۇنلاشقان 56 ئايالنى مۇنتىزىم تىككۈچىلىك كەسپى بىلەن تەربىيەلەش ئۈچۈن، ئۆگىنىش مەزگىلىدە ھەر بىر ئايالغا 1000 يۈەن مائاش، 300 يۈەن تاماق پۇلى بەردى، بۇ، ئاياللارنى زاۋۇتتا ئىشلەشكە ئالاھىدە رىغبەتلەندۈردى، دېدى مۇئاۋىن بازار باشلىقى قۇددۇس يۇنۇس.
    قارادۆۋىدە تارماق كىيىم –كېچەك زاۋۇتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاياللارنىڭ زاۋۇتتا ئىشلەش قىزغىنلىقى يۇقىرى بولدى، زاۋۇتتائىشلەشكە تىزىملاتقانلار 300 دىن ئاشتى، ئاياللارنىڭ قىزغىنلىقىغا ئاساسەن، كىيىم– كېچەك زاۋۇتىنىڭ 2 – قارارلىق قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يەنە 250 ئايالغا ئىشقائورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. شۇ ئاساستا يەنە ‹‹شەھرىزات›› پىرەنىك كارخانىسىنى تارماق زاۋۇت قۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ، قىسمەن ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. يەنە مىللىي ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك كارخانىلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بارئاياللارنى قوللاپ، چەشمىچىلىك كارخانىسىدىن ئۈچنى قۇرۇپ، ھەر بىرىگە 100 مىڭ يۈەن قىممىتىدە ئاپتوماتىك گۈل كەشتىلەش ماشىنىسى سەپلەپ بېرىپ، چەشمىچى ئاياللارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەردى.
    ئىسھاق تاھىر ھەمىشە بىزگەقارادۆۋىنىڭ يېرى، سۈيى ئاز، بالىلارنى قارادۆۋىدە تۇتۇپ قالماڭلار، ئامال بار ئوقۇتۇڭلار،ئۇلار سىرتقا چىقسۇن، كۆزى ئېچىلسۇن، چىقىش يولى تاپسۇن. بىز باشقا چىقىملارنى تېجىسەكمۇ بولىدۇ، بىراق بالىلارنى ئوقۇشسىز قالدۇرساق ھەرگىز بولمايدۇ، دەپ ئەسكەرتىپ تۇراتتى، دېدى پاتىگۈل ئابلىز.
    ئىسھاق تاھىر قۇمۇل شەھىرىدىكى يېزا – بازارلار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ ئوقۇش مۇكاپاتى تەسىس قىلىپ، ھەريىلى ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا 3000 يۈەندىن 5000 يۈەنگىچە ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىپ، ئاتا – ئانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپلا قالماي، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى 2010 – يىلدىكى %32.56 تىن ھازىرقى%96كە ئۆرلىدى. بازاردىكى تولۇقسىزنى پۈتكۈزۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان 160 ياش كەسپىي ماھارەت بويىچەتەربىيەلىنىپ، لۈئەن كۆمۈرچىلىك كارخانىسىغا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بازارتەۋەسىدە مەدەنىيەت ئۆيى، شىپاخانا، يەسلى، ساناتورىيە قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت ئورۇنلىرى قۇرۇلۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن 147 ئوقۇغۇچى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.ئوقۇمىغان، ساۋاتسىز، ئائىلە قىيىنچىلىقى ئېغىرلانى كۆكەرتىش، كوچا تازىلىقىقاتارلىق پاراۋانلىق ئورۇنلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئىسھاق تاھىر يەنە مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل خادىملار بىلەن ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ، چېڭدۇ، جېڭجۇ قاتارلىقجايلاردىكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى بىلەن سۆزلىشىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە چىلان، ئۈزۈم يۆتكەپ سېتىۋاتقان 100 ياشقا مۇقىم تىجارەت ئورنى ھەل قىلىپ بەردى.
   
ئەلنىڭ غېمىنى يېگەن ۋاپادار ئوغۇل
  -  ئېرىم مائاش كارتىسىنى ئۆزى ئىشلىتىدۇ، شۇنداق تۇرۇقلۇق ھەمىشە يەنە مەندىن پۇل سورايدۇ، ئىجارە بېرىۋاتقان ئۆيىمىز بار ئىدى، شۇ پۇل بىلەن چايدا يىغىلغان پۇللارنى يىغىپ، 30 مىڭ يۈەن توپلىغانىدىم. بىر قېتىم شۇ پۇلدىن 20 مىڭ يۈەن بېرىشنى تەلەپ قىلدى، شۇنچە پۇلنى نېمىگە ئىشلىتىلا؟دېسەم، ھېيت كېلىۋاتىدۇ، قىيىنچىلىقى ئېغىر بىرنەچچە ئائىلە بار، ياردەم قىلمىساق ھېيتنى ئۆتكۈزەلمەيدۇ، دەپ 500 يۈەندىن، 1000 يۈەندىن قىلىپ 16 گە بۆلۈپ يانچۇقىغاسالدى، يەنە بالىلارنىڭ كىچىك كېلىپ قالغان كىيىملىرىنى ئېلىپ كەتكەنىدى، دېدى شاھادەت ئەمەت بولغان ئىشلارنى ئەسلەپ، ئۆينىڭ ئىشى تاشلىنىپ قالسا بولىدۇ،قارادۆۋىنىڭ ئىشى تاشلىنىپ قالسا بولمايدۇ. ئۆيدە نېمە بار، نېمە كەم ئېرىمنىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقمايدۇ، ئەمما قارادۆۋىدىكى بىرەر ئائىلە قىيىنچىلىققا يولۇقسائۇنىڭغا چىدىمايدۇ. ھەتتا بالىسىنىڭ نەچچىنچى سىنىپتا ئوقۇيدىغىنىنىمۇ بىلمەيدۇ،ئەمما قارادۆۋىدىكى دېھقانلارنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى ياتقا دەپ بېرەلەيدۇ.
    ئىسھاق تاھىرنى ئىزدەپ كېلىدىغانلار ئىچىدە راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار، دائىم قان تازىلىتىپ تۇرىدىغان ئاغرىقلار، قىيىنچىلىقى ئېغىرلار بىر قەدەر كۆپ ئىدى. ئىسھاق تاھىر پاراۋانلىق ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، بىڭتۈەن 13 – شىدىكى بىرساخاۋەتچىنىڭ ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئائىلىسىدە ئېغىر كېسەل بار 18 ئائىلىگەئۈچ يىلغىچە 5000 يۈەندىن 10 مىڭ يۈەنگىچە ياردەم پۇلى ھەل قىلىپ بەردى ھەم ئۇلارغا كۆپ قوزىلايدىغان قوي ئېلىپ بەردى. مالنى باقالمايدىغان ئائىلىلەرگە‹‹تۆمۈر›› مال قاتارىدا پايدىسىنى ئايرىپ بېرىدىغان قىلىپ، باقمىچىلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپىقا تاپشۇرۇپ بەردى.
    بازار باشلىقىمىز ئۆزىنى ئايىمىدى، ھال ئېيتىپ كەلگۈچىلەرنى كۈتىمەن دەپ تاماقنى ۋاقتىدا يېيەلمەيتتى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەددىدىن زىيادە چارچاشتىن، ئۆزىگە ئاشقازان كېسىلى، قان ئازلىق كېسىلى تېپىۋالدى. تامىقىمۇ ئازلاپ، ئورۇقلاپ، چىرايى بەك سارغىيىپ كەتتى.كۆپچىلىكنىڭ زورلىشى بىلەن دوختۇرخانىدا ياتتى، ئەمما نەچچە كۈن داۋالىنىپ، تولۇق ئەسلىگە كەلمەيلا، دوختۇرنىڭ رۇخسىتىسىز ياتاقتىن چىقىپ ئىشقا كېلىۋالدى، دېدى ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئاشخانىسىنىڭ مەسئۇلى ئىسكەندەر سوپى.
    ئىسھاق تاھىرنىڭ تۇيۇقسىزقازا قىلىشى شۇجى جاڭ بىڭغا قاتتىق ئېغىر كەلدى، ئۇ ئىسھاق تاھىر توغرىسىدا گەپ قىلىۋېتىپ ئۆزىنى توختىتالماي ياش تۆكتى.
    ئۇ مۇنداق دېدى: ئىككىمىزساقا دېھقانچىلىق مەيدانىدا بىر مەھەللىدە چوڭ بولغان، بىرگە ئىشلىگەن ۋاقتىمىزمۇئۇزاق ئىدى، ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، بىر – بىرىمىزنى قوللاپ خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ كەلگەنىدۇق. دائىم بىر – بىرىمىزگە ‹‹بىز دېھقان پەرزەنتى، ئاساسىي قاتلامدائىشلىگەنىكەنمىز، ھەرگىزمۇ رەھبەر، دەپ ئۆزىمىزنى چوڭ چاغلىماسلىقىمىز كېرەك›› دەپ ئەسكەرتىپ تۇراتتۇق. ئەينى ۋاقىتتا بىزنىڭ قەلبىمىزدە پەقەت بىرلا نىشان بار ئىدى.ئۇ بولسىمۇ بۇ جايدا ھەر بىر كۈننى قەدىرلەپ، ئاۋام ئۈچۈن ياخشى ئىشلارنى قىلىپ،خەلقنىڭ قەلبىدە ياخشى ئوبراز تىلەش ئىدى، ئىسھاق تاھىر بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرالىدى.مېنىڭچە كۆپ شان – شەرەپكە ئېرىشكەندىن، خەلقنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش ئەۋزەلكەن.

167

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   63.24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1761
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 6590
تۆھپە : 6593
توردىكى ۋاقتى: 1553
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-10 17:30:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arkim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-10 17:35  

ئىساق تاھىر ئاكا ياتقان يېرىڭىز جەننەت گۈلشەنىدە بولسۇن. ساقا، قارادۆۋە ئوغلانلىرىنىڭ ھەقىقى ئۈلگۈسىدۇرسىز...ئەرگەر ھەممە رەھبەرلەر سىزدەك ئىشلىگەن بولسا ھە؟...خەير، مېھرى شەپقەتلىك ئاللاھ ئىگەم ئاخىرەتلىكڭىزنى ئاسان قىلغاي...
t015e8e9bd1753a336c.jpg


قارا كۆزئەينەك تاقىۋالغان كىشى مەرھۇم ئىسساق تاھىر
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

5

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2547
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2588
تۆھپە : 2694
توردىكى ۋاقتى: 911
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-10 18:18:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئۇيغۇرىمىزدا مۇشۇنداق ياخشى پارتىيە ئەزالىرىمۇ كۆپ مانا .......... بەكلا تەسىرلەندىم .

رەببىم دۈشمىنىمى قۇدىرەتلىك قى

11

تېما

1

دوست

4262

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   75.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6474
يازما سانى: 241
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 702
تۆھپە : 813
توردىكى ۋاقتى: 142
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-10 18:25:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
albax يوللىغان ۋاقتى  2014-12-10 18:18
ئۇيغۇرىمىزدا مۇشۇنداق ياخشى پارتىيە ئەزالىرىمۇ كۆپ م ...

شۇ كۈنىدىكى مېيىت نامىزىغا ھىجاپلىق، ساقاللىقلارمۇ كېلىپ قاتناشتى. ئادەتتە بۇنداق يولدىكىلەر مېيىت نامازلىرىغا قاتناشمايدۇ. ئىساق تايىر ئەپەندىم ھەقىقى خەلقنىڭ كادىرى.

18

تېما

4

دوست

5486

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   9.72%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21741
يازما سانى: 373
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 46
تۆھپە : 1694
توردىكى ۋاقتى: 471
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-10 18:40:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ جەنۇپتىن قاچانىمۇ خەلىقىنىڭ غېمىنى ، مىللەتنىڭ غېمىنى يەيدىغان ياخشى كادىر چىقار .

0

تېما

0

دوست

1987

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   98.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27927
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 632
توردىكى ۋاقتى: 76
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-10 18:42:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەتلىكنىڭ ياتقان يېرى جەننەت بولغاي.

16

تېما

1

دوست

2925

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   30.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4104
يازما سانى: 100
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 372
تۆھپە : 650
توردىكى ۋاقتى: 262
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-10 19:07:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساقا، قارادۆۋە ئوغلانلىرىنىڭ ھەقىقى ئۈلگۈسىدۇرسىز...ئەرگەر ھەممە رەھبەرلەر سىزدەك ئىشلىگەن بولسا ھە؟...خەير، مېھرى شەپقەتلىك ئاللاھ ئىگەم ئاخىرەتلىكڭىزنى ئاسان قىلغاي...
  

0

تېما

0

دوست

1115

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   11.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32202
يازما سانى: 74
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 332
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-10 19:50:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكىگە ئۆلۇم يوق دىسە ياخشىغا كورۇم
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )