قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 3766|ئىنكاس: 15
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

تۈركىيە تەسىراتلىرىم (12) ئىمتىھاندىن ئۆتۈش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

21

دوست

5120

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   2.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17966
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 37
تۆھپە : 1740
توردىكى ۋاقتى: 274
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-29
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 13:59:12 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
تۈركىيە تەسىراتلىرىم (12) ئىمتىھاندىن ئۆتۈش


   چېچەن ساۋاقدىشىمىزنى ئامېرىكىدا ئېچىلىدىغان بىر يىغىنغا  ئۇزۇتۇش ئۈچۈن ئايرۇدۇرۇمغا كېتىۋاتىمىز، پارىڭىمىزنىڭ تېمىسى ئامېرىكىدا ھاياتنىڭ جىددىيلىكى ۋە رىقابەتنىڭ كەسكىنلىگى . ئايرۇدۇرۇمغا چۈشكەندە  قولىمىزدىكى بىر گېزىتنى ئۇنىڭغا سۇندۇق؛ مەقسەت: سەپەر ئۇزۇن، زېرىككەندە ئوقۇسۇن دەپ؛  ئۇ تېڭىرقىغان ھالدا سورىدى:
---  نېمە قىلىمەن بۇنى ؟ --- ئۇ بۇ قەغەزنى نەرسە-كېرەك ئورايدىغانغا سۇندى دەپ ئويلىغان ئىدى. بىز يول ئۈستىدىكى پاراڭنىڭ تېمىسىغا ماس ھالدا دېدۇق:
--- ۋاشىنگىتوندا باغچىلاردا يېتىپ قالساڭ ئاستىڭغا سالارسەن!
--- قاملاشمىغان چاقچاقنى قىلىشمىغىنە! --- دېدى ئۇ،  مىجەزىگە يات ھالدا چالۋاقاپ.
  دېمىسىمۇ بۇ بىر قاملاشمىغان بىر چاخچاق ئىدى، ئەمما بۇ چاقچاقتا ئاچچىقراق بىر رېاللىقمۇ بار . چۈنكى دوستىمىز يىغىندىن كېيىن ئامېرىكىدا قېپقالماقچى، ئەمما ئىنگلىزچە بىلمەيدۇ، تىرىكچىلىك ئۈچۈن باشقا نېمە كۈنلەرنىڭ  كېلىش مەسىلىسى سەپەردىكى ئۇ ۋە ئۇزىتىۋاتقان بىز ئۈچۈنمۇ بىر غەم، بىز بۇ غەمنى چاقچاققا يۆلەپ يەڭگىللەتمەكچى.
    ئەسلىدە چاچراپ قوپۇپلا مېڭىپ كېتىۋاتقان بىر سەپەرمۇ ئەمەس، كۆپ ئويلۇنۇش، كۆپ مەسلىھەتلىشىش نەتىجىسىدە. يىغىن  ب د ت نىڭ نېۋ يوركتىكى بىناسىدا ئېچىلىدىغان يەرلىك مىللەتلەر ھوقۇقى  يىغىنى، دوستىمىز، روسىيە ھاكىمىيىتى ئاستىدىكى چېچەنلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى   ھەققىدە گۇۋاھلىقتىن ئۆتمەكچى. يىغىننىڭ مۇھىملىقى مۇھىم، ئەمما دوستىمىزنىڭ تۆلەيدىغان بەدىلىمۇ يېنىك ئەمەس، شۇ يىغىندىن كېيىن ۋەتىنىگە قايتالمايدىغانلىقى ئېنىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە تىرىكچىلىك ئۈچۈن  ئوقۇغان كەسپىدىن ئايرىلىش ۋە ئۆزىنى قايتىدىن قۇراشتۇرۇش ئېھتىمالى چوڭ. دوستىمىز  بىر يىغىن بىلەن قىشنىڭ باھارغا ئايلانمايدىغانلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ بۇ يىغىننىڭ تەكلىۋىنى رەت قىلسىمۇ قىلالايتى، رەت قىلغاندا يەنە " ۋەتەنگە قايتىش يولۇمنى ئېتىپ قويغۇم يوق، نېمە كۆرسەم خەلقىمنىڭ قوينىدا كۆرەي" دېگەندەك ۋەتەنپەرۋەرلىك تونىغا يۆگەنگىنى بولاتتى، ھەتتا " ئاخىرى كۆرۈنمەس يولغا ئۆزۈمنى قۇربان قىلغۇم كەلمىدى" دېيىش ئارقىلىق تەسلىمچىلىكىنى ئەمەلىيەتچىلىك بايرىقى بىلەن يۆگەپمۇ كېتەلەيتتى، بىراق، ئۇنىڭ  شۇ يىغىندا مىللىتىنى ۋاكالەتسىز قويۇشقا كۆڭلى ئۇنىمىدى بولغاي؛ ۋە بەلكىم مەكتەپ يىغىن زاللىرىدا ئەنە شۇ يول ھەققىدە دېيىلگەن " بۇ يېگانە يول، بۇ ئاخىرىنى چوقۇم چىقرىشىمىز كېرەك بولغان يول، بۇ ھەر ۋىجدان ئىگىسى بىر غېرىچ، بىر قەدەمدىن ئىز سېلىشى كېرەك بولغان يول، بۇ يول مەردانە يول، بۇ يول ئەزىزانە يول" دېگەندەك ئەركىنلىك شۇئارلىرى توۋلانغاندا ئۆزى قاتقان  ئاۋاز ، ئۆزى چالغان چاۋاكنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇش ئۈچۈن ماڭدى بولغاي.
  ئايروپىلان ئۇچۇشنىڭ ئالدى، ئۇ بايىقى چاقچىقىمىزغا قايتۇرغان سوغۇق ئىنكاسىدىن خىجىل بولغان بولسا كېرەك ، ئەمدى شۇ پەدىدىكى چاقچاقنى ئۆزى قىلدى: ئۇ بىز بەرگەن گېزىتتىكى بىر سۈرەتلىك خەۋەرنى بىزگە كۆرسەتتى، خەۋەر ۋاشىنگىتوندا تالادا يېتىۋاتقان ئۆي-ماكانسىز كىشىلەر ھەققىدە ئىدى:
  --- مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىنگلىزچىسى بار-ھە؟--- دېدى ئۇ بىزگە قاراپ.
چۈشەندۇقكى، ئۇ " ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۆزى ئىشسىز تالادا يېتىۋاتسا، ماڭا نېمە كۈن؟" دېمەكچى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرغان قېيىنچىلىقلارنى مازاق قىلىۋاتاتتى، بىزمۇ ماسلاشتۇق:
--- يامىنى كەلسە، بوي تۇرقۇڭ بولغاندىكىن،  سېرىق چاچلىق ئايالنىڭ قوينىغا كىرىپلا كېتىسەن، مەسىلە ھەل بولىدۇ......
دوستىمىزنى شۇنداق فانتازىيىلىك چاقچاقلار بىلەن ئۇزۇتۇپ قويدۇق، قايتىشىمىزدا دوستىمىزنىڭ تاللىغان يولىنىڭ توغرا خاتالىقى ھەققىدە بىر ئايدىن بېرى تۇگىمىگەن مۇنازىرىنى يەنە بىر تەكرارلىدۇق؛ نىسبەتەن قايىل قىلارلىق جاۋابنى مەكتەپكە كەلگىنىمىزدە تارىق ئوقۇتقۇچىمىزدىن ئاڭلىدۇق.
چېچەن دوستىمىز دەرس نەتىجىلىرى ھەممىدىن يۇقىرى، ئىنتىزامچانلىقى ھەممىدىن كۈچلۈك بولۇشىغا قارىماي، تارىخ مۇئەللىمىمىزنىڭ بىر قېتىممۇ ئالقىشىغا ئېرىشىپ باقمىغان ئىدى؛ تارىخ مۇئەللىمىمىز تۇنجى قېتىم ئۇنى ماختاۋاتاتتى:
  --- ئۇ مېنىڭ ئىمتىھانىمدىن ئەمدى ئۆتتى؛ مېنىڭ نەزىرىمدە ئەمدى ئۇ ئىلىم ئەھلى بولدى، ئالىم بولدى؛ مەنچە ھەقىقەتنى بىلىش-تونۇش ئالىملىقنىڭ 30%ئى، ھەقىقەت تەرەپتە تۇرۇش، شامال چىققاندا ئۇنىڭدىن داجىماسلىق، ئاغماسلىق، نۆۋىتى كەلگەندە ئۇنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈپ ئالدىغا چىقىش ئالىملىقنىڭ 70%ئى! ..... جاراڭلىق نۇتۇق سۆزلەش مىللەتپەرۋەرلىكنىڭ بىخ ھالىتى؛ بەدەلگە بەل مەھكەم بولۇش، ئۆز قەۋمىدىن كەلگۈسى زىيان-زەخمەتلەرگە كۆڭۈلدە ھازىر بولۇش مىللەتچىلىكنىڭ پىشىپ يېتىلىشى..... ساغلام بىر مائارىپ، ئەۋلاتلارنىڭ مىڭىسىنى ئالىي-زامانىۋىي مەلۇماتلار بىلەن قوراللاندۇرغانلا ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى روھىي ئومۇرتقۇسىنى تىك قىلىپ تۇرغۇزالىغان مائارىپتۇر.......
   تارىخ مۇئەللىمىمىزنىڭ  شۇ كۈنى يەنە نېمىلەرنى دېگەنلىكى ئېسىمدە يوق؛ ئەمما شۇ كۈنلۈك تەپەككۈرۈمدىن ئېسىمدە قالغان خۇلاسە شۇ: شەخس، ئائىلە ۋە مىللەتتىن ئىبارەت بۇ ئۈچ قىممەتلىك مەۋجۇتلۇقنىڭ مۇناسىۋىتى مەسىلىسىدە  مەيلى ئوڭچى، مەيلى سولچى بولسۇن، مەيلى دىندار مەيلى ئاتىست بولسۇن، مەيلى پەرەڭ، مەيلى شەرقلىق ھەرەڭ-سەرەڭ بولسۇن، قاراش ئورتاق: شەخس ئائىلىگە، ئائىلە مىللەتكە قۇربان قىلىنىشقا ئەرزىيدۇ؛ ئەمما بۇ قۇرباننى قاچان-قانداق چاغدا بېرىش مەسىلىسىدە ئىنسان بالىسىنىڭ مىڭلارچە پەتىۋاسى بار. بۇ مەسىلىگە بەشەرى كىتابلاردىن(بەندە يازغان كىتاپلاردىن) جاۋاپ ئىزدىگەندىن كۆرە ئىلاھىي كىتابلاردىن جاۋاپ، ۋىجدان سوتىدىن بۇيرۇق ئالغان ئەڭ ئاقىلانالىق.

uyghuray

0

تېما

0

دوست

1634

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   63.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23951
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 512
توردىكى ۋاقتى: 125
سائەت
ئاخىرقى: 2015-10-11
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 19:00:13 |ئايرىم كۆرۈش
رەخمەت بۇرادەر، داۋامىنى ساقلايمىز!

0

تېما

6

دوست

2518

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   17.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10542
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 159
تۆھپە : 670
توردىكى ۋاقتى: 78
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-1
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 19:44:10 |ئايرىم كۆرۈش
  رەخمەت  ،   ھارماڭ .    بىزنىڭ روھى  ئۇمۇرتقىمىزنى  قانداق  تىكلەش كىرەك  .؟  تەنقىت   ئەدەبىياتى  روھىمىزنى  سىلكىپ  قەددىمىزنى   پۈكتى،  يامان  دىگىلمۇ   بولمايدۇ ،  بىز   ئاشۇ كۆڭىلسىزلىك  ئىچىدىن  ئۈزىمىزگە  سەپ  سالغان  ئىدۇق ،،،،ھەقىقى مائارىپ   توغرسدا  سۆزلەشكە  ئاجىزمىز .  نىملا  بولمسۇن  مۇشۇ  يېزىقىمزدا بۈگۈنگە  ئۇلاشقان  ،كەلگۈسگە  ئۈمۈت بىلەن بېقۋاتقان بىز  ياراتقۇچغا ئەڭ  كۆپ  تەشەككۈر ئېيتمىز .\
    ئاخىرنى  ساقلايمىز ،،،  ..

15

تېما

1

دوست

5443

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   8.86%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 340
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 1650
توردىكى ۋاقتى: 381
سائەت
ئاخىرقى: 2016-2-15
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 20:28:18 |ئايرىم كۆرۈش
بەك ساقلاپ كەتتۇق يازمىڭىزنى قېرىندىشىم،جىق-جىق يېزىڭ .
qaryabkok  مۇنبەر نامىڭىزنى قانداق ئوقۇيمىز ؟
uyghuray

1

تېما

2

دوست

5676

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   13.52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12157
يازما سانى: 293
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 236
تۆھپە : 1648
توردىكى ۋاقتى: 317
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-1
5#
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 22:50:03 |ئايرىم كۆرۈش
tikan يوللىغان ۋاقتى  2014-12-11 20:28
بەك ساقلاپ كەتتۇق يازمىڭىزنى قېرىندىشىم،جىق-جىق يېزىڭ ...

ھەر خىل چۈشەنسىڭىز بولىدىكەن.ئارتۇق سورىمايلى.تىمىغا ئاجايىپ ئەدەبىيات تىلىدا جان كىرگۈزۈپتۇكى ئوقۇغانچە ئوقۇغۇسىنى كەلتۈردىكەن.سىنىپتا مۇئەللىم مۇشۇ يوسۇندا دەرىس ئۆتسە بولىدىكەن.مىتۇتىنى ياقتۇردۇم

11

تېما

21

دوست

5120

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   2.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17966
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 37
تۆھپە : 1740
توردىكى ۋاقتى: 274
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-29
6#
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 23:03:57 |ئايرىم كۆرۈش
tikan يوللىغان ۋاقتى  2014-12-11 20:28
بەك ساقلاپ كەتتۇق يازمىڭىزنى قېرىندىشىم،جىق-جىق يېزىڭ ...

مۇنداقلا قويۇپ قويۇلغان نام، بەك ئويلۇشۇپ ئەمەس.   

   كۆپچىلىكنىڭ سەمىگە: چاتمىنىڭ باشقا قىسىملىرى    tesedduq.bizتورىدىن تېپىلىدۇ

11

تېما

21

دوست

5120

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   2.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17966
يازما سانى: 28
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 37
تۆھپە : 1740
توردىكى ۋاقتى: 274
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-29
7#
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 11:24:17 |ئايرىم كۆرۈش
tikan يوللىغان ۋاقتى  2014-12-11 20:28
بەك ساقلاپ كەتتۇق يازمىڭىزنى قېرىندىشىم،جىق-جىق يېزىڭ ...

مۇنداقلا تاللانغان ئىسىم، بەك ئويلۇشۇپ ئەمەس.

كۆپچىلىكنىڭ سەمىگە: چاتمىنىڭ باشقا قىسىملىرى tesedduq.biz تورىدىن تېپىلىدۇ.

0

تېما

2

دوست

785

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28605
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 242
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2015-11-30
8#
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 12:02:32 |ئايرىم كۆرۈش
داۋامىغا تەشنامىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )