قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3170|ئىنكاس: 54

«قار لەيلىسى»ھەرگىزمۇ مەسئۇلىيەتسىز پروگرامما ئەمەس

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

96

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   32%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32645
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 16
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-14
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 16:50:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«قار لەيلىسى»ھەرگىزمۇ مەسئۇلىيەتسىز پروگرامما ئەمەس



   ئەسسالامۇئەلەيكوم تورداشلار!كىڭلياڭ ئۆسمۈرلەر مەشرىپى توغرىسىدىكى مۇنازىرىنى كۆرۈپ چىقتىم،ئىسىمنىڭ خاتا چىقىپ كەتكەنلىكىدىكى سەۋەنلىك بىزدە،ئاپتور تېلىفون قىلغاندىن كېيىن دۈشەنبە كۈنىلا ئۆزگەرتىپ قايتا قويۇلىشىدا ئۆز نامى بىلەن چىقاردۇق،ھەم تېلىفوندىمۇ كۆپ ئۆزرىخالىق ئېيتتۇق،ئاپتورنىڭ يەنىلا ئۆپكىسىنى باسالماي قالغانلىقى ھەقەقەتەن قەلىمى توختىماي تەۋرەپ، ئىلھامى بۇلدۇقلاپ تۇرىدىغان قەلەم ساھىبى ئىكەنلىكىنى تونۇتتى.ئەسلى بوپتۇلا خاتالىق بىزدىن كەتكەن بولغاندىكىن ئاچچىقىنى چىقىرىۋالسۇن ئارتۇق گەپ قىلمايلى دېگەن ئەمما« ھەممە تەرتىپلەر مېنىڭ يېزىپ بەرگىنىم بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلۇپتۇ»دېگەن گېپى قولغا قەلەم تۇتقۇزدى،«قار لەيلىسى ئۆسمۈرلەر مەشرىپى»مەشرەپ شەكلىدە يولغا قويۇلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان تەرتىپلەر،سەھىپىلەر ئۆزگەرگىنى يوق،يازغان ئادەممۇ چوقۇم بىزنىڭ تەلىپىمىزگە بويسۇنۇپ يازىدۇ ھەم بىز دېگەن تەلىپىمىز بويىچە يازغۇزىمىز ھەم ئوڭشايمىز،مەزكۇر ئاپتور ھەقىقەتەن بىزنىڭ تەلىپىمىزگە ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن ئۈچ قېتىم ئۆزگەرتتى كۆپ جاپا چەكتى،ئاپتورنىڭ ئاخىرقى ئارگىنالى بىلەن پروگرامما گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆزگەرتكەن نۇسخىسى يەنى سۆرەتكە ئېلىنغان نۇسخىسىنى تورداشلارنىڭ كۆرۈپ بېقىشىغا سۇندۇق.
       بىز كىلياڭنىڭ ئالاھىدىلىكى،بالىلارنىڭ يۇرتىغا بولغان مۇھەببىتى،كىلياڭ مەشرىپى ھەققىدە بالىلار تىلىدا بىر نەسرى ئەسەر يېزىشنى تاپشۇرغان، مۆھتەرەم يازغۇچىمىز«جوڭگو ئۇيغۇر مەشرەپلىرى»دېگەن قامۇستىكى كىلياڭ مەشرىپى ھەققىدىكى ئىلاۋىنى ئەينەن كۆچۈرۈپلا بىزگە بېرىپتۇ،(ئاپتورنىڭ يازمىسىدىكى چۈشەندۈرۈش قىسمىغا قارالسۇن)بۇنى بايقىغاندىن كېيىن بۇ مەزمۇننى، تارتقان كۆرۈنۈشلىرىمىزنى بىكار قىلىپ مەخسۇس فىلىمنى بەرمىدۇق،مەقسەت كىتاپخۇمار خەلقىمىز پروگراممىنى كۆرۈپ،قىلچىمۇ ئىجادىلىقى بولمىغان،كىتاپتىن ئەينەن كۆچۈرۈلگەن نەرسىنى بالىلار تىلىغىمۇ چۈشمىگەن ئەسەرنى بېرىپسىلە دەپ پىكىر كەلمىسۇن،ئاپتورنى ئايايلى دەپ، پەرزەنتلىرىمىزنى بىر يۇرتنى،بىر مەشرەپنى بىر تارخىنى چۈشۈنۈش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قىلدۇق،ئاپتور ئۆز نام شەرىپىگە كۆڭۈل بۆلگەننىڭ بىر پىرسەنتلىك كۆڭۈل بۆلۈشىنى كىلياڭدىكى شۇ بالىلارغا بەرگەن بولسا كۆچىرسىمۇ ئازراق بالىلار تىلىغا ئايلاندۇرىۋەتكەن بولسا بىزنىمۇ ئەپسۇسلاندۇرمىغان بولاتتى،بۇ نۇقتىدا ئاپتور بىز ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورىغانغا ئوخشاش پۈتۈن ئاممىدىن كىلياڭ يېزىسىدىكى ئۆسمۈرلەردىن كەچۈرۈم سورىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن.تۇنجى ئاڭلىتىشقا ئىسمى چىقىپ كەتكەن ئاپتورنىڭ بۇ ئىشتىنمۇ خەۋىرى يوق،كىرىشتۈرۈش ئاپاراتىدىن چاتاق چىققانلىق سەۋەبىدىن سىناق ئىشلەپ تۇرىۋاتقان يېڭى خىزمەتچىمىز ئاخىرلىشىش خېتىنى ئۇرالماي ئامالسىز ئاڭلىتىشقا تەسىر يەتمىسۇن دەپ ئالدىنقى ساننىڭ خېتىنىلا ئۇلاپ بېرىپتۇ، بۇنىڭغا دىققەت قىلمىغان مەسئۇلىيەت بىزدە،بۇنىڭدا ھېچقانداق قەستەنلىك يوق تورداشلارنىڭ توغرا چۈشۈنىشىنى سورايمىز،يېڭى مەكتەپ پۈتتۈرگەن بالا بولغاچقا بەك چوڭقۇر ئويلاپ كەتمەپتۇ،ئۇ ھەم ئاپتوردىن چىن يۈرۈكىدىن كەچۈرۈم سورايدۇ.ھەم مەكتەپ مۇدىرىغىچە تېلېفون ئۇرۇپ كەچۈرۈم سورىدى.
     ئىنكاسلارنىمۇ كۆردۇق،بەزىلەر ھېسسىياتقىلا تايىنىپ قايناپ كېتىپتۇ،تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۇ بۇ بۆلۈملىرىدە قاتراپ،يۈگۈر يىتىم ئىشلارنى قىلىپ يۈرگەن بىلەنلا ئىستانسىنىڭ ھەر بىر ھالقىلىرىنى تۈزۈلمىسىنى تولۇق چۈشۈنۈپ بولالمايمىز،شۇڭا قالايمىقان بىلجىرلىماڭلار.
    بۇ يەردە پارتىيىنىڭ تەشۋىقاتىنى ئاساس قىلىدىغان، پارتىيىنىڭ تىلى بولۇشقا مۇناسىپ،خىللانغان خىزمەتچىلەر قوشۇنى بار،پارتىيىنىڭ سىياسىتىمۇ خاتالىقىنى تونۇغانلارغا كەڭچىلىك بار،كەڭقورساق تورداشلاردىن ھەم مۆھتەرەم ئاپتوردىن ئاخىردا سەمىمى كەچۈرۈم سورايمىز.
«قار لەيلىسى »پروگرامما گۇرۇپپىسىدىن

كىلياڭ ئۆسمۇرلەر مەشرىپى

ئابدىرىشىت ئەمەت سەھرا
ئابلىكىم ئىنايەت
1- كۆرۇنۈش
يازنىىڭ مەۇم بىر كۈنى چىڭقى چۈش      

     (ئورنى كەڭرى كەتكەن چايزارلىق)  
ئەنئەنىۋى كىيىنگەن بىر ئوغۇل بالا بار ئاۋازى بىلەن توۋلايدۇ.     
ئەييوھەنناس، ئىشتىڭلار ئامۇ خاس...كىلياڭ ئۆسمۇرلەر مەشرىپى  يۇرتىمىزدا ھازىر باشلاندى،،،
( ئاۋازلار يىراق يىراقلارغا تارايدۇ. كىلياڭنىڭ كەڭرى كەتكەن چايزارلىقلىردا چاي تىرىۋاتقان قىز يىگىتلەر، گۈلە قۇرتۇش ئۆيى ئالدىدىكى گۈلە تاللاۋاتقان قىزلار، ئۇرۇكلۇك باغلار، كىلياڭنىڭ كۆرنىشلىرى ، مەكتەپ كۆرنىشلىرى، توپ توپ بۇلۇپ مەيدان تەرەپكە كىتىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار كۆرنىشلىرى ئاۋاز تۇگۇشى بىلەن تەڭلا ئىكرندىن ئۆتىدۇ)
2- كۆرۇنۈش
ۋاقتى چىڭقى چۈش
(ئورنى مەكتەپ)
،كىلياڭنىڭ مائارىپ ۋە يەرلىك ئالاھىدىلىكرى ئەكىس ئەتكەن دىكراتسىيە كۆرنىشلىرى، چىرايلىق كىيىنىپ رەتلىك ئولتۇرغان ئوقۇغۇچىلار.
سەھنىگە ئىككى رىياسەتچى قىز چىقىدۇ
ئا؛ ئەسسالامۇ –ئەلەيكوم كىچىك دوسلار ئىكران ئالدىدىكى ئەزىز قىرىنداشلار، ياخشىمۇ سىلەر؟
ب؛ ئەسسالامۇ ئەلەيكوم بىزنى پەرۋىشلەۋاتقان مىھرىبان باغۋنلەر.ئوقۇتقۇچى ئۇستازلار.
ئۆسمۇلەر مەشرىپىنىڭ يۇرتمىز كىلياڭدا ئۆتكۈزەلمەكچى بولغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەنمىز. گۇما كىلياڭ يىزىسى ئۆزى كىچىك بىر تاغلىق يىزا بولسىمۇ ئۆزنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكى بىلەن كىلياڭ مەشرىپى ،كىلياڭ گۇلچىيى نامى ئارقىلىق پۇتۇن مەملىكەت ئىچگە تونۇلغان ئەزىز ماكان.
ئا؛ شۇنداق، ئاشۇ ئەجداتلىرىمىز بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن بۇ قىممەتلىك گۆھەرنى ساقلاپ كىلىۋاتقان كىلياڭ مەشرىپىنىڭ يەتتىنجى ئەۋلات ۋارىسى مەسسىيت سىيت بوۋىمىز بۇ مەشرەپتە قەيەردىن ئورۇن ئالغاندۇ( ئا سەھنىگە بىر قۇر قاراپ چىقىدۇ ،سەھننىڭ بىر چىتىدە ئولتۇرغان مەتسىيت بوۋا بىر نەچچە كىچىك بالىلار بىلەن سازلىرىنى تەڭشەۋاتقان كۆرۇنىش چىقىدۇ) ۋاي-ۋۇي ئۇستاز مەتسسىيت سىيت بوۋا بۇ يەردىكەن ئەمەسمۇ. ئەسسالام بوۋا؟
-ۋەئەلەيكوم ئەسسالام قىزلىرىم
ئا؛ ئۆزلىرىمۇ مەشرەپكە تەييارلىق قىلىۋىتىپلا-دە
مەنمۇ شۇ تاپتا كىچىك دوسلارغا مەشرەپ ئۇگىتىۋاتاتتىم
ب؛ (ئەركىلەپ تۇرۇپ) ئەمىسە بىزمۇ كۆرۇپ باقايلىچۇ بوۋا
-بولىدۇ قىزىم
(مەشرەپ باشلىنىدۇ سەھنىدە يارىشمىلىق كىيىنگەن قىز ئوغۇللار ئۇسۇلغا چۈشىدۇ)
يىتەكچى ئوقۇتقۇچى؛ ئابلىمىت قۇدرەت
   
ۋاي ئالمىنىڭ ئايەي ۋاي شىخى تولا
ۋاي جىنەستىنىڭ ئايەي ۋاي بەرگى تولا
بىزنى كۆيدۇرگەن سەتەڭنىڭ ئاللايەي،
ئوتىدىن دەردى تولا
مانا مەستان يار ئايارەي چىلگە پۇرايدۇ قوينىڭىز.
ۋاي بارسىلا ئايەي ۋاي بىللە بارايلى،
ۋاي يولدا يال ئايەي يالغۇزلۇق يامان
يالغۇزلۇققا كىم ئۆلەپتۇ ئاللا يەي ،
ئايرىلىپ قالغان يامان.
مانا مەستان يار ئايارەي چىلگە پۇرايدۇ قوينىڭىز.
ۋاي گۈلمىدىڭ ئايەي ۋاي ئاچىلغىلى،
ۋاي بۇلبۇلمىدىڭ ئايەي ۋاي سايراغىلى.
ۋەدىمىز شۇنداقمىدى ئاللايەي ،
ئۆلمەي تۇرۇپ ئايرىلغىلى.
مانا مەستان يار ئايارەي چىلگە پۇرايدۇ قوينىڭىز.

سەنەم ئاحىرلىشىپ داستان باشلىنىدۇ ، سورۇن ئەھلى قىزعىن كەيپىياتتا ئۇسسۇلعا چۉشىدۇ...

داستان

باغ ئارىلاپ شاپتۇللۇق چىمەندىن ئايەي،
يار قوينىدا گەپلىرى ئوينىۋىلىڭ.
ۋاي... خانلىرىم ۋاي...جانلىرىم،
چىمىنىڭگە ئاپەت تەگمىسۇن
ئوينىۋىلىڭ.
ياماننىڭ يامانىمەن چىمەندىن ئايەي،
ياخشىنىڭ گادايىمەن ئايەي ئوينىۋىلىڭ.
قولومدا قاپاق چىلىم چىمەندىن ئايەي،
مەن يارنىڭ خۇمارىمەن ئوينىۋىلىڭ.
ۋاي... خانلىرىم ۋاي...جانلىرىم،
چىمىنىڭگە ئاپەت تەگمىسۇن
ئوينىۋىلىڭ.

ساماۋەرلەر بولسىدى چىمەندىن ئايەي،
چايلار قايناپ تۇرسىدى ئوينىۋىلىڭ.
مەن شۇ چاينى ئىچكىچە چىمەندىن ئايەي،
يارىم قاراپ تۇرسىدى ئوينىۋىلىڭ.
ۋاي... خانلىرىم ۋاي...جانلىرىم،
چىمىنىڭگە ئاپەت تەگمىسۇن
ئوينىۋىلىڭ.

مەشرەپ

ئالمىچى ئانارىڭگە مەن،
باغدا رەيھانىڭگە مەن.
باغدا بۇلبۇل سايرايدۇ،
تال بەرگىنى چاينايدۇ.
ئالمىچى ئانارىڭگە مەن،
باغدا رەيھانىڭگە مەن.
شۇ ۋاقىتنىڭ قىزلارى،
ئەمگەكچىنى خالايدۇ
ئالمىچى ئانارىڭگە مەن،
باغدا رەيھانىڭگە مەن.
يا ئۇيان ئۆتەشىم بار،
يا بۇيان ئۆتەشىم بار
ئالمىچى ئانارىڭگە مەن،
باغدا رەيھانىڭگە مەن.
سەن قارىمىساڭ يارىم،
قۇرغۇيدەك ئاداشىم بار.
ئالمىچى ئانارىڭگە مەن،
باغدا رەيھانىڭگە مەن.
مۇزىكا رىتىمىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ، مەشرەپ ئۆزگىرىدۇ ، قەدەملەر تىزلىشىدۇ...
مەشرەپ (ئىككىنچى ئۆزگىرىش)

شىنجاڭدا تۇرلۇك مەكتەپ ئىچىلدى،
سىزلەرگە بىزگە نۇرلار چىچىلدى.
ئاھۇ كۆزلىرىڭ، شىرىن سۆزلىرىڭ.
دەستە، دەستە، دەستە، دەستە،
قامچام گۈل دەستە.

ئاخشام ئىككى جىڭدا،
قالدۇق تالادا.
گاڭگۈڭ يارنى بىر سۆيمەي،
قالدۇق بالاغا.
ئاھۇ كۆزلىرىڭ، شىرىن سۆزلىرىڭ.
دەستە، دەستە، دەستە، دەستە،
قامچام گۈل دەستە.
مەشرەپكە ئۇلاپ تەلىقە باشلىنىدۇ ، ئۇسسۇل ھەرىكىتى تىحىمۇ تىزلىشىدۇ...
تەلىقە
مەن نىمىلەر ئالىمەن سەنگە
يەنە نىمىلەر ئالىمەن سەنگە
دوپپىلار ئالايەي ۋاي سەنگە
دوپپىلارنى كىيۋىلىۋا كىيۋىلىۋا كىيىۋالىپ،
باش تاشلاپ كىلەرسىز ۋاييەي بىزگە.

مەن نىمىلەر ئالىمەن سەنگە
يەنە نىمىلەر ئالىمەن سەنگە
ئوسمالەر  ئالايەي ۋاي سەنگە
ئوسمالەرنى قويۋىلىۋا قويۋىلىۋا قويۋالىپ،
قاش تاشلاپ كىلەرسىز ۋاي بىزگە.

مەن نىمىلەر ئالىمەن سەنگە
يەنە نىمىلەر ئالىمەن سەنگە
بوتەيلەر ئالايەي ۋاي سەنگە
بوتەيلەرنى كىيۋىلىۋا كىيۋىلىۋا كىيۋالىپ،
تاراقلاپ كىلەرسىز ۋاييەي بىزگە.
ئۇسسۇل ھەرىكىتى ئەڭ يۇقۇرى پەللىگە چىقىدۇ . يىگىتلەرنىڭ يەرگە گۉلۉپشىتىپ دەسەشلىرى ، مەشرەپ ئەھلىنىڭ رىتىملىق چاۋاك سادالىرى...قوشۇلۇپ ئاجايىپ قايناق كەيپىيات ئەتراپنى چاڭ كەلتۉرىۋىتىدۇ.
3- كۆرۇنۈش
ئا؛(300يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە كىلياڭ مەشرىپى يەنە كىلياڭ گۇلچىيى بىلەن نامى يىراق يىقىنغا تارالغان گۈزەل ماكان كىلياڭ دىيارىنى قانچە كۈيلەپمۇتۈگىتەلمەيمىز
ب: شۇنداق، كىلياڭ مانا مۇشۇنداق گۈزەل، مېھرى ئىسسىق يۇرت. قانچە كۈيلىسەكمۇ، مەدھىيەلەپ تۈگىتىپ بولالمايمىز. كىلياڭغا بىر قىتىم كەلگەن ئادەمنىڭ كەتكۈسى كەلمەيدۇ.
                ناخشا ؛ كىلىپ كىتىڭ كىلياڭغا
( تىكىستى ؛ مەمەت تۇرسۇن
مۇزىكىسى؛ مەمەتقادىر
ئورۇنلىغۇچى؛ بۇزەيناپ
يىتەكچى ئوقۇتقۇچى؛  ئابلىمىت قۇدرەت
يۇرتۇم كىلياڭ تاغلىرى
ئەتراپىدا باغلىرى
گۈل-چىچەككە پۇركەنگەن
ئۇنىڭ ھەممە جايلىرى

قەدىمىي يۇرت كىلياڭنىڭ
بارچە ئەلگە نامى بار
مىھمان بولۇپ كەلسىڭىز
مەشرەپ ھەم گۈل چېيى بار

كىلياڭ دىگەن بۇ يۇرتنىڭ
تارالدى نامى ھەريانغا
مەشرەپ بىلەن گۈل چېيى
ھوزۇر بىرەر ھەرجانغا
[
كىپ كەتكەنلەر ھەرۋاقىت
ئۇنتالمايدۇ كىلياڭنى
كىلياڭ خەلقى كۈيلەيدۇ
بۇ بەختىيار زاماننى

4- كۆرنۈش
ئا؛ ۋاي-ۋۇ بۇ كىچىك دوستىمىزنىڭ ئىيتقان ناخشىسى ھەقىقەتەن يىقىملىقكەن ، ناخشىدا كۈيلەنگىنىدەك بۇ ئەزىز يۇرتىمىز كىلياڭ، كىلياڭ گۈلچىيى، ھەمدە كىلياڭ مەشرىپى بىلەن نامى پۇتۇن مەملىكەت ئىچىگە تونۇلغان
ب؛شۇنداق ھەدە، يۇرتىمىز كىلياڭ ھەقىقەتەن ئەۋزەل شارائىتلارغا ئىگە . ئۇندىن  باشقا يىزىىمىزنىڭ ئەۋزەل  شارائىتلىرىدىن پايدىلىنىپ يىزا ئىگىلىك ئىقتىسادى قىممەت يارىتشتا قار يۇپۇرماق ئۇرۇكى، ئاق چولپان ئۇرۇكلىرىنىڭ گۇلىلىرىمۇ پۇتۇن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بازار رىقابىتىگە چۇشمەكتە
(كىلياڭنىڭ يەرلك مەھسۇلاتلىرىدىن ئۇرۇك ياڭاق ، گۇلە ،ئۇرۇك خورمىسى، گۇل چاي قاتارلىقلارنىڭ كۆرنىشلىرى بىرلىدۇ
5-كۆرۇنۈش
مەكتەپ مارشى
تىكىستى؛ ئابدۇرېشىت ئەمەت سەھرا
مۇزىكىسى؛
يىتەكچى ئوقۇتقۇچى؛ ئابلىمىت قۇدرەت
ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى كوللىكتىپى ئورۇنلايدۇ

مەرىپەت نۇرلىرى چېچېلغاچ ھەريان،
بىز بەخت قوينىدا يايرىدۇق ھامان.
كىلياڭدا قولمۇ-قول مەشئەل ياندۇرۇپ،
دىللارغا ياقىمىز ئاڭلا كەڭ جاھان.

ئەجداتلار كەچمىشى باردۇر تىللاردا،
نادانلىق يات بولسۇن بارچە دىللارغا.
سىنىڭدە بەختىمىز ئەي ئانا مەكتەپ،
چاقنايمىز سەن بىلەن ھەر زامانلاردا.

جان پىدا ھەر ۋاقىت ۋەتەن شەنىگە،
ئەھدىمىز چىگىلگەن تەۋپىق رىشتىگە.
ئىلىم-پەن كۆكىدە زەپەرلەر قۇچۇپ،
چامدايمىز مەردانە گۈزەل ئەتىگە.

6-كۆرۇنۇش
ئا؛يۇرتىىز كىلياڭ ھەرمىللەت خەلىقى ئولتۇراقلاشقان ھەم  ئىناق –ئىتتىپاق ئۆتكەن ئىسىل يۇرتلارنىڭ بىرىدۇر
ب؛ بىزگە ئەڭ  يىقىن بولغان سەنئەت سۆيەر تاجىك خەلىقىنىڭ ئۇسۇلىمۇ كىچىك دوسلىرىمىزدا تىخىمۇ جۇلالانغۇسى
تاجىكچە ئۇسۇل
ئانا دەريا
ئۇسۇل ئىشلىگۈچى؛ تىللاقىز توختى، ئامانگۈل تۈمۈر

7- كۆرۇنۈش ،بىلىملىك ئۇزار
( رىياسەتچى ئۆزى خالىغان بالىلاردىن سۇئال سورايدۇ. بەزى سۇئاللارنىڭ جاۋابىغا ئاساسەن كۆرنۈش بىرلىدۇ )
1- سۇئال؛ يىزىمىزدىكى قوغدىلىدىغان مەدىنىيەت مىراسلىرىدىن  قانچىنى بىلىسىز؟
جاۋاپ؛ تەجەللىي تۇرالغۇسى، كىلياڭ مەشرىپى......
2-سۇئال؛ كىلياڭدا ياشاپ ئۆتكەن كىلاسىك ئەدىبىيات نامايەندىللىرىدىن كىملەرنى بىلىسىز؟
جاۋاپ؛ قاسىمىي ،،تەجەللى ،ھاپىزى قاتارلىقلارنى بىلىمەن
3-تەجەللى تۇرالغۇسىنىڭ ئورنى قەيەردە؟
جاۋاپ؛ كىلياڭ يىزا تاختا كۆۋرۇك كەنتىنىڭ كۆھتام مەھەللىسىدە
4-كىلياڭ مەشرىپى قانچە يىللىق تارىخقا ئىگە؟
جاۋاپ؛ ئۇچيۇز يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە  
5-سۇئال؛كىلياڭ مەشرىپى قانچە نەغمە قانچە يۇرۇش ئاھاڭدىن تەركىپ تاپقان؟
جاۋاپ؛ 8يۇرۇش نەغمە 51 ئاھاڭدىن تەركىپ تاپقان
6-سۇئال؛  بۇ يىل نەشىردىن چىققان كىلياڭ مەشرىپى قانچە نەغمە قانچە يۇرۇش ئاھاڭدىن تەركىپ تاپقان؟
جاۋاپ؛ 6يۇرۇش نەغمە 39ئاھاڭدىن تەركىپ تاپقان .
7-سۇئال كىلياڭ مەشرىپىنىڭ يەتتتە ئەۋلات ۋەكىللىك ۋارىسلىرىنى ئىيتىپ بىرەلەمسىز؟
جاۋاپ؛ 1-سايىت موللا داپ2- ھىزۋاقى خوجا تەمبۇر 3-ئەمەت خوجا 4-يۇسۇپ ئاخۇن
5-قۇربان ئاخۇن چوڭ باش 6-بارات ھەمدۇللا 7- مەتسىيت سىيت قاتارلىقلار
8-سۇئال؛ كىلياڭدا ئەڭ دەسلەپتە قانچىنجى يىلى پەننىي مەكتەپ قۇرۇلغان؟
جاۋاپ؛ 1937-يىلى كىلياڭنىڭ كونا بازاردا ئاپسايىت مامۇتنىڭ ئۆىدە قۇرۇلغان.  1938-يىلى سەككىز سىنىپلىق ، ئىككى ئىغىز ئوقۇتقۇچىلار ئىشخانىسىدىن تەركىپ تاپقان يىڭى پەننى مەكتەپ رەسمى ئىشقا كىرىشتۇرۇلگەن.
9-سۇئال؛ يۇرتىمىز كىلياڭ قاچان يىزا بولۇپ قۇرۇلدى؟
جاۋاپ؛ 1986-يىلى 12-ئايدا خەلىق ئىشلىرى نازارىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن يىزا بولۇپ قۇرۇلغان
10-سۇئال؛ كىلياڭ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپى قاچان قۇرۇلغان؟
جاۋاپ؛ 1990-يىلى قۇرۇلۇپ 1991-يىلى بەش سىنىپلىق 186 نەپەر ئوقۇغۇچىسى بار بولغان تۇنجى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلغان
11-سۇئال؛ كىلياڭدا بۇگۇنكى دەۋىردە ئۆتكەن ئەدىپلادىن قانچنى بىلىسىز؟
جاۋاپ؛ تۇردى مۇھەممەت كىرەم كىلياڭى، توخسۇن ھۆسىيىن ئەلقۇت، ئابدۇرىشىت ئەمەت سەھرا، قاتارلىقلارنى بىلىمەن
12. كىلياڭ مەشرىپى قاچان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن- مائارىپ كومېتىتى    تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان    غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزگەن؟
جاۋاپ: 2009-يىلى
8- كۆرنۈش
ئۇسۇل چۆچەك ئىيتىپ بەر
ئۇسۇل يىتەكچىسى؛ مەرەمنىسە مەمەت
9- كۆرۈنۈش
(سەھنىگە رىياسەتچى ۋە مەسسىيىت بوۋا چىقىدۇ)
ئا: - بوۋا سىز كىلياڭ مەشرىپىنىڭ يەتىنچى ئەۋلاد ۋارىسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بالىلارغا دەيدىغان كانداق يۈرەك سۆزىڭىز بار؟
مەتسىيىت بوۋا: كىلياڭ مەشرىپى قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان 300يىلدىن ئارتۇق تارىخىدا ئۆزىگە خاس بولغان مەشرەپ ئالاھىدىلىكىدىن باشقا ، ھەر خىل تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ئويۇن، ھەجۋى ئېيتىشىش قاتارلىق سەنئەت شەكىللىرى ئارقىلىق ياش- ئۆسمۈرلەرنى تەربىيەلەپ كەلمەكتە. شۇنداقلا، بۇنىڭدىن كىيىن كىلياڭ مەشرىپىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن يەنە بىر ئەۋلاد ۋارىسلار يىتىشىپ چىقماقتا. مەن سىلەرنىڭ ھازىرقى   ۋاقتىڭلارنى قەدىرلەپ بۇنىڭدىن كىيىن كىلياڭ مەشرىپىنى تىخمۇ ياخشى بىيىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئا:  - رەھمەت، بوۋا. ئەجرىڭىز كەلگۈسى ئەۋلادلار پەقەتلا ئۈنتۇمايدۇ.
ئۇسۇل: تەنتەنە
ئۇسۇل ئىشلىگۈچى؛خانزۆھرەم مەتسىيىت
يىتەكچى ئوقۇتقۇچى؛ ئابلىمىت قۇدرەت

ئۇسۇلنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ سەھنە يىپىلىدۇ.
(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)

     شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنىنىڭ جەنۇبى چېگرىسىغا جايلاشقان قاراقۇرۇم تېغىنىڭ شىمالى يان باغرىدىكى پارچە-پارچە بوستانلىقلاردا ئولتۇراقلىشىپ كەلگەن قاراقۇرۇم ئۇيغۇرلىرى، ئۆزگىچە جۇغراپىيلىك موھىت ۋە دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق بىرلەشكەن  ئارىلاشما ئىگىلىك شەكلىگە ماس ھالدىكى ئالاھىدە خاسلىققا ئىگە بولغان قاراقۇرۇم ئۇيغۇر مەدىنىيتىنى ياراتقان.
  ئاشۇ بوستانلىقلارنىڭ بىرى بولغان گۇما ناھىيسىنىڭ كىلياڭ يېزىسى تاكى 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە دۇنياغا مەشھۇر بولغان قەدىمىي كارۋان يولى –لاداخ يولىدىكى موھىم بىر ئۆتكەل بولۇپ ، نەچچە ئەسىردىن بۇيان  دىيارىمىز بىلەن دۇنيانى تۇتاشتۇرغان ھەرخىل باردى- كەلدىلەرگە گۇۋاھچى بولۇپ كەلگەن. كىلياڭ بوستانلىقىدا ئۇزۇن مەزگىل سودا – سېتىق ئىشلىرى ناھايىتى گۈللەنگەن،تۈرلۈك تاۋارلار بۇ جايدىن ئۆتكەن ياكى مۇشۇ جايدا يىغىلىپ تارقالغان.سودا-سېتىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى مەدەنىيەت –سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغان. ھەر خىل مەدەنىيەتلەر بۇ جايدا ئۇچراشقان ھەمدە يەرلىك مەدەنىيەتنىڭ روناق تېپىشىنى ئەۋزەل شارائىت بىلەن تەمىن ئەتكەن. كىلياڭ بازىرىدا نەچچە ئونلىغان كارۋان سارايلىرى،كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرى بارلىققا كېلىپ،مۇقام،مەشرەپ،ئەلنەغمە ۋە ئەدەبىيات ئىشلىرى تەرەققىي قىلغان كىلياڭ مەشرىپى باشقا بارلىق ئۇيغۇر مەشرەپلىرىگە ئوخشاشلا ناخشا-ئۇسسۇل تىپىدىكى خەلق ئەلنەغمىلىرى ۋە تىياتىر تىپىدىكى كومېدىيىلىك ئويۇنلاردىن ئىبارەت ئىككى چوڭ قىسىمدىن تەركىپ تاپقان. كىلياڭ مەشرىپىنىڭ ئاساسىي بولغان مەشرەپ نەغمىلىرى خوتەن خەلق ناخشا- كۈيلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى بولۇش سۈپىتىدە،17-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن داڭلىق مۇقامچى ئەمەت خوجىدىن ھازىرقى كىلياڭ مەشرىپىنىڭ 7-ئەۋلات ۋارىسى مەتسىيىت سىيتقىچە بولغان 300 نەچچە يىللىق تارىخى جەريانىدا،يەتتە ئەۋلات ئەلنەغمىچىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە،نۇرغۇن بوران- چاپقۇنلارغا بەرداشلىق بېرىپ بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلگەن. .خەلق سەنئەتكارلىرى «كىلياڭ مەشرىپى»نىڭ ئۆزىگە خاس مەدەنىيەت  ئەنئەنىسىگە ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ۋارىسلىق قىلغان ، بۇخىل ئەنئەنە ھازىرقى بىر قەدەر مۇكەممەللەشكەن «كىلياڭ مەشىرىپى» دە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.
20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا گۇما ناھىيسنىڭ قوشتاغ يىزىسىدا ئۆتكەن  شائىر ۋە خەتتات ئىسمايىل ھاجى، كىلياڭلىق شائىر ھاپىز ئاخۇنۇم (ھاپىزى)قاتارلىقلارنىڭ دالالىتى بىلەن ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بۈيۈك نامايەندىلىرىدىن بىرى ،ئالىم،ئاتاقلىق شائىر ۋە ماھىر تېۋىپ ھۈسەيىنخان ئەكبەر تەجەللى قاغىلىقتىن كىلياڭغا كېلىپ بىر مەزگىل تۇرغان.
يۇقارقى پاكىتلار كىلياڭدىن ئېبارەت بۇ دىيارنىڭ ئەزەلدىن ئېلىم ۋە ئېلىم ئاشىنالىرىنى قەدىرلەيدىغان ، مەرىپەتكە ، بەزمە - مەشرەپكە ئامراق ، كەمدىن كەم تېپىلىدىغان مەدەنىيەت ئوچىقى ئىكەنلىكىنى ؛«كىلياڭ مەشرىپى»دىن ئىبارەت بۇ بىباھا گۆھەرنىڭ كىلياڭنىڭ نەچچە ئەسىرلىك تارىخى تەرەققىياتىنىڭ جانلىق شاھىدى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ .
كىلياڭ مەشرىپى - خوتەن خەلق ناخشىلىرىنىڭ ئاساسى گەۋدىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەمەت خوجادىن ھازىرقى ھايات مۇقام ئۇستىسى مەتسىيىت سىيتقىچە نۇرغۇن تارىخى بوران-چاپقۇنلارغا بەرداشلىق بېرىپ بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلگەن بولۇپ ، داپ ،  دۇتار ، تەمبۇر ، ساتار ، غىجەك ، ساپايى ،راۋاپ ،  مالچى راۋىپى ، نەي ، چالغۇ تاش ، قوشۇق ، قوپاز...قاتارلىق چالغۇلارنىڭ تەڭكەش قىلىشى بىلەن ئورۇنلىنىدۇ . شۇنداقلا مۇزىكا تىمپىسى ، ئەكىس ئەتتۈرگەن مەزمۇنى ۋە ئۇسۇل ئۆزگىرىشىنىڭ ئوخشماسلىقىغا ئاساسەن توي نەغمىسى ، باھار سەنىمى ، بايات مۇقامى ، لەرزان مۇقامى ، مۇڭزار نەغمىسى ، توكۇر سەنەم ، باياۋان مۇقامى ، نورۇز نەغمىسى قاتارلىقلارغا بۆلۈنىدۇ.  ئۇ  ئۇيغۇر 12مۇقامىنىڭ باشقا ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆزىدە تولۇق ھازىرلىغاندىن باشقا يەنە ، ئۆزىنىڭ تاغ ناخشىلىرىغا خاس شوخ ۋە جۇشقۇنلۇقى ، ئۇدارىنىڭ گۈزەللىكى بىلەن ئالاھىيدە خاراكتىرلىنىش بىلەن بىرگە ، مەشرەپ ئارا ئوينىلىدىغان ئويۇن تۈرىنىڭ كۆپلۈكى ، ئۆزىگە يوشۇرغان ۋائىزلىق سەنئېتى تۈرلىرىنىڭ ھازىر جاۋاپلىقى ھەم يۇمۇرىستىكلىقى ، ئەڭ مۇھىمى ئويۇن ۋە ئىيتىشىشلىرىدىكى سۆز بىلەن ھەرىكەت بىرلەشتۈرۈلگەن ھەجىۋىلىك خۇسۇسىيىتىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى... قاتارلىق بىر نەچچە خىل ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن  باشقا مەشرەپلەردىن ئالاھىيدە پەرقلىنىدىغان بولۇپ ، مەيلى ئۇدارىنىڭ شوخ ۋە جۇشقۇنلۇقى بولسۇن ۋە مەيلى ئۆزىگە سىغدىغان مەزمۇننىڭ كەڭلىكى جەھەتتىن بولمىسۇن كىلياڭ مەشرىپى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئېگە  .
تەھرىرلەنگەن نۇسخا
كىلياڭدا ئۆسمۇرلەر مەشرىپى
ئاپتۇرى: ئابدۇرېشىت ئەمەت سەھرا
ئابلىكىم ئىنايەت
  نادىرە: ئەسسالامۇ –ئەلەيكوم
بالىلار---ۋەئەلەيكوم ئەسسالام
--شىنجاڭ دىلنار مەدەنىيەت سەنئەت ئالماشتۇرۇش فوندى جەمئىيىتى«قار لەيلىسى»ئۆسمۈرلەر مەشرىپى  ھوزۇرۇڭلاردا!
ب: ئەسسالامۇ ئەلەيكوم مىھرىبان ئۇستازلار ئۆسمۇلەر مەشرىپىنىڭ يۇرتمىز كىلياڭدا ئۆتكۈزەلمەكچى بولغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەنمىز.
نادىرە: مەن كىلياڭنىڭ نامىنى كۆپ ئاڭلىغان، لىكىن بۇ يۇرتقا مەشرەپ ئۆتكۈزۈش مۇناسىۋىتى بىلەن تۇنجى قىتىم  كىلىش نىسىپ بوپتۇ.  كىلياڭدا مەشرەپ بەك قىززىيدۇ دەپ ئاڭلىغانتىم، بۈگۈنمۇ مەشرەپتىن ئوت چىقىرىۋېتىسىلەرغۇ دەيمەن
ب: ئەلۋەتتە، گۇما كىلياڭ يىزىسى ئۆزى كىچىك بىر تاغلىق يىزا بولسىمۇ بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ مىھمان دوسلىقى مەرىپەتۋەرلىكى بىلەن،شۇنداقلا يەرلىك ئالاھىدىلىكى يەنى كىلياڭ مەشرىپى، كىلياڭ گۇلچىيى نامى ئارقىلىق پۇتۇن مەملىكەت ئىچگە تونۇلغان ئەزىز ماكان.
ئا؛ ئەجداتلىرىمىز بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن بۇ قىممەتلىك گۆھەرنى ساقلاپ كىلىۋاتقان، كىلياڭ مەشرىپىنىڭ يەتتىنجى ئەۋلات ۋارىسى مەسسىيت سىيت بوۋىمىز بۇ مەشرەپتە قەيەردىن ئورۇن ئالغاندۇ. ( ئا سەھنىگە بىر قۇر قاراپ چىقىدۇ ،سەھننىڭ بىر چىتىدە ئولتۇرغان مەتسىيت بوۋا بىر نەچچە كىچىك بالىلار بىلەن سازلىرىنى تەڭشەۋاتقان كۆرۇنۈش چىقىدۇ)
  ئا: ۋاي-ۋۇي ئۇستاز مەتسسىيت سىيت بوۋا بۇ يەردىكەن ئەمەسمۇ. ئەسسالام بوۋا؟
  -ۋەئەلەيكوم ئەسسالام قىزلىرىم، مەنمۇ شۇ تاپتا كىچىك دوسلارغا مەشرەپ ئۇگىتىۋاتاتتىم .  
   ب: (ئەركىلەپ تۇرۇپ) ئەمىسە بىزمۇ كۆرۇپ باقايلىچۇ بوۋا
  -بولىدۇ قىزىم . كىلياڭ مەشرىپى قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان 300يىلدىن ئارتۇق تارىخىدا ئۆزىگە خاس بولغان مەشرەپ ئالاھىدىلىكىدىن باشقا ، ھەر خىل تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ئويۇن، ھەجۋى ئېيتىشىش قاتارلىق سەنئەت شەكىللىرى ئارقىلىق ياش- ئۆسمۈرلەرنى تەربىيەلەپ كەلمەكتە. شۇنداقلا، بۇنىڭدىن كىيىن كىلياڭ مەشرىپىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن يەنە بىر ئەۋلاد ۋارىسلار يىتىشىپ چىقماقتا. مەن سىلەرنىڭ ھازىرقى   ۋاقتىڭلارنى قەدىرلەپ بۇنىڭدىن كىيىن كىلياڭ مەشرىپىنى تىخمۇ ياخشى بىيىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئا:  - رەھمەت، بوۋا. ئەجرىڭىزنى كەلگۈسى ئەۋلادلار پەقەتلا ئۈنتۇمايدۇ.
1-نومۇر«كىلياڭ مەشرىپى»   (مەشرەپ باشلىنىدۇ سەھنىدە يارىشمىلىق كىيىنگەن قىز ئوغۇللار ئۇسۇلغا چۈشىدۇ،    مەشرەپ باشلىنىپ تەڭ بولغاندا تەييارلانغان كەپتەر ئۇسۇلى ،تۆگىلەر مەشرەپكە قىتىلىدۇ ) يىتەكچى ئوقۇتقۇچى: ئابلىمىت قۇدرەت  ئۇسۇل ئىشلىگۈچى: مەسسىيىت سىيىت
كىلياڭ توققۇز يىللىق ئىزچىل تۇزۇمدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئورۇنلايدۇ
  ئا: ھەر بىر يۇرتنىڭ ئۆزىگە خاس مەدىنىيەت مىراسلىرى ۋە قەدىرلەشكە      تىگىشلىك ئارتۇقچىلىقلىرى بولىدۇ،ساۋاقداشلارنىڭ  كىلياڭ مەشرىپىنى     ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنلىغانلىقىدىن سۆيۇنمەي تۇرالمايمىز
قەدىمىي يۇرت كىلياڭنىڭ                       
بارچە ئەلگە نامى بار
مىھمان بولۇپ كەلسىڭىز
مەشرەپ ھەم گۈل چېيى بار

2-نومۇر«كۆرۈپ كىتىڭ كىلياڭنى»                                      
تىكىستى: مۇھەممەت تۇرسۇن مۇزىكىسى؛ مۇھەممەت قادىر
سەھنىدە: رەيھانگۇل يىتەكچى ئوقۇتقۇچى؛  ئابلىمىت قۇدرەت
يۇرتۇم كىلياڭ باغلىرى ئەتراپىدا تاغلىرى
گۈل-چىچەككە پۇركەنگەن ئۇنىڭ ھەممە جايلىرى
قەدىمىي يۇرت كىلياڭنىڭ
بارچە ئەلگە نامى بار
مىھمان بولۇپ كەلسىڭىز
مەشرەپ ھەم گۈل چېيى بار

كىلياڭ دىگەن بۇ يۇرتنىڭ
تارالدى نامى ھەريانغا
مەشرەپ بىلەن گۈل چېيى
ھوزۇر بىرەر ھەرجانغا
[
كۆرۈپ كىتىڭ كىلياڭنى
سەيلە قىلىپ ھەرياننى
كىلياڭ خەلقى كۈيلەيدۇ
بۇ بەختىيار زاماننى
نەقىرات:
كۆرۈپ كىتىڭ كىليانى،
مىھرى ئاتەش بۇ جاينى
  ئا:ساۋاقداشلارنىڭ روھى كەيپىياتى،مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش مۇھىتىدىن كىلياڭ 9يىللىق ئىزچىل تۈزۈمدىكى مەكتەپنىڭ يېزىمىزدىكى بارلىق دوسلارنىڭ بەخت يولىغا قۇياشتەك جۇلا چېچىۋاتقانگۈزەل ماكان ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز
  ب: شۇنداق ھەدە، مەكتىۋىمىزنىڭ ئوقوش-ئوقۇتۇش ئىشىلىرى، موھىتى،شارائىتى كۈندىن- كۈنگە ياخشىلىنىپ،ئوقۇغۇچىلاردىن تارتىپ ئاتا ئانىلارغىچە ئوزىگە مەپتۇن قىلىدۇ،
ئا:ئۇنداقتا مەكتەپ مۇدىرى ئابلىكىم مۇئەللىمنى مەكتەپنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشكە تەكلىپ قىلساق(مۇدىرنىڭ سۆزى)
مەكتەپ مارشى                        3-نومۇر
تىكىستى؛ ئابدۇرېشىت ئەمەت سەھرا
مۇزىكىسى؛ئەكبەرجان ئوسمان
يىتەكچى ئوقۇتقۇچى؛ ئابلىمىت قۇدرەت
مەرىپەت نۇرلىرى چېچېلغاچ ھەريان
بىز بەخت قوينىدا يايرىدۇق ھامان
كىلياڭدا قولمۇ-قول مەشئەل ياندۇرۇپ
دىللارغا ياقىمىز ئاڭلا كەڭ جاھان
ئەجداتلار كەچمىشى باردۇر تىللاردا
نادانلىق يات بولسۇن بارچە دىللارغا
سىنىڭدە بەختىمىز ئەي ئانا مەكتەپ
چاقنايمىز سەن بىلەن ھەر زامانلاردا
جان پىدا ھەر ۋاقىت ۋەتەن شەنىگە
ئەھدىمىز چىگىلگەن تەۋپىق رىشتىگە.
ئىلىم-پەن كۆكىدە زەپەرلەر قۇچۇپ
چامدايمىز مەردانە گۈزەل ئەتىگە
                4-نومۇر«شوخ تىيىن»     
ئا؛ مەشرەپ كۆرگىلى كەپتۇ،
تاغدىن چۈشۈپ جەرەنچاق،
ئوماق دوسلار قايسىڭلار،
جەرەنچاققا بەك ئامراق.
ب:جەرەن بىزنىڭ دوستىمىز،
شۇڭا كەلگەن بەزمىگە.
قىنى دوستلار بىرلىشىپ،
چۈشۈڭلارچۇ بەزمىگە.
جەرەن ئويۇنى باشلىنىدۇ(1)
  (جەرەندىن بىرسى مەيدانغا كىرىپ كىلىدۇ-دە ، ئۆزى خالىغان بىر بالىنىڭ ئالدىغا    كىلىپ پۈت پۈت قىلىپ تۇرىدۇ، ئۇ بالا جەرەنگە قوشاق ئىيتىپ بىرىدۇ . ياخشى ئىيتسا جەرەن باشقا تەرەپكە كىتىدۇ ئەگەر ياخشى ئىيتالمىسا ئۇسسۇپ كەتمەي تۇرۇۋالىدۇ)
جەرەن بىر بالىنىڭ ئالدىغا كىلىپ باشلىرىنى ئوينىتىپ پۈت پۈت قىلىپ  ئولتۇرىدۇ،
بالا قۇشاق ئوقۇيدۇ   
ھەي-ھەي جەرەن ھەي جەرەن،
سەكرەپ تاقلاپ يۇرەمسەن .
بىر تال شاكىلات ئەپ بىرەي،
ئۇسۇل ئويناپ بىرەمسەن.
جەرەن ئاچچىقلىنىپ مۆڭگۈزلىرىنى تەڭلەپ سەكرەپ كىتىدۇ.
بالا:   بولدى خاپا بولما ، ئۆزۇڭنى بىسىۋال دەپ يەنە بىر قوشاق ئىيتىدۇ:
جەرەنچىقىم جەرەنچاق،
قىپ قويدۇم ساڭا چاخچاق.
يۇرە كىتاپ ئوقۇيلى ،
مەن چۆچەككە بەك ئامراق.
جەرەن خۇشاللىقنى ئىپادىلەپ سەكرەپ يەنە بىر بالىنىڭ قىشىغا بارىدۇ.
ئۇمۇ قوشاق ئوقۇيدۇ.
تاغدا ئوتلىماي جەرەن،
سەھنىگە چىقىپ قاپسىز.
قىلىقىڭىز بەك قوپال،
مايمۇنغىلا ئوخشاپسىز.
جەرەن ئاچچىقلىنىپ مۆڭگۈزلىرىنى تەڭلەپ بىر نەچچىنى ئۇسسۇپ سەكرەپ كىتىدۇ.
بالا:   بولدى خاپا بولما، ئۆزۇڭنى بىسىۋال دەپ يەنە بىر قوشاق ئىيتىدۇ:
كەپسىزلىكتىن چاغلىماي
تاياق يىدىم سىنىڭدىن،
چاخچاق قىلدىم مەن ساڭا
رەنجىمىگىن مىنىڭدىن.
يۈر سىنىپقا كىرەيلى
بولايلى بىز دوست-ئاداش
سىلەر بىزنىڭ دوستىمىز
يوق ئارىدا ياتسىراش.
جەرەن خۇشاللىقنى ئىپادىلەپ سەكرەپ يەنە بىر بالىنىڭ قىشىغا بارىدۇ.
ئەي جەرەن،ئوبدان جەرەن.
ئاسماندىكى ئۈكەرسىز.
ئاغزىڭىزدا سۇ ئەكىلىپ،
چاڭگىلىمغا تۆكەرسىز.
جەرەن ئاچچىقلىنىپ مۆڭگۈزلىرىنى تەڭلەپ سەكرەپ كىتىدۇ.
بالا:   بولدى خاپا بولما، ئۆزۇڭنى بىسىۋال دەپ يەنە بىر قوشاق ئىيتىدۇ:
ئۇستاز بەرگەن ئېلىمنى،
ئىسىمدە چىڭ ساقلايمەن.
ۋەتىنىمنىڭ خەلقىمنىڭ
ئۈمىدىنى ئاقلايمەن.
جەرەن خۇشاللىقنى ئىپادىلەپ سەكرەپ يەنە بىر بالىنىڭ قىشىغا بارىدۇ.
كىلىپ قاپسەن مەشرەپكە،
باشلىدىڭ ھەم ئەدەپكە.
دوست بولايلى كىلىپ تۇر،
بىزنىڭ مەكتەپ تەرەپكە.
كەل يىنىمغا جەرەنچاق،
بىردەم مەشرەپ كۆرەيلى.
بۇ مەشرەپنىڭ پەيزىنى،
سەن بىلەن تەڭ سۈرەيلى.
جەرەن خۇشاللىقنى ئىپادىلەپ سەكرەپ كىتىدۇ ھەم شۇ بالىنىڭ يىنىدا ئولتۇرۇپ مەشرەپ كۆرىدۇ. رىياسەتچى ئا: كىلياڭ مەشرىپى قەدىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان 300يىلدىن ئارتۇق تارىخىدا ئۆزىگە خاس بولغان مەشرەپ ئالاھىدىلىكىدىن باشقا ،يۇقارقىدەك ھەر خىل تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ئويۇن، ھەجۋى ئېيتىشىش قاتارلىق سەنئەت شەكىللىرى ئارقىلىق ياش- ئۆسمۈرلەرنى تەربىيەلەپ كەلمەكتە. شۇنداقلا، بۇنىڭدىن كىيىن كىلياڭ مەشرىپىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن يەنە بىر ئەۋلاد ۋارىسلار يىتىشىپ چىقماقتا. مەن سىلەرنىڭ ھازىرقى   ۋاقتىڭلارنى قەدىرلەپ بۇنىڭدىن كىيىن كىلياڭ مەشرىپىنى تىخمۇ ياخشى بىيىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
(2)
ئا: ئەمدى ئارغامچا سەكرەش ئۇيۇنى ئوينايمىز،
ئاۋۋال ئارغامچا سەكرىگىلى ئون نەپەر ئوقۇغۇچى مەيدانغا تەڭلا چۇشىسىلەر
ب: كىم ئارغامچىدا ئاخىرغىچە سەكرەلىسە شۇنىڭغا مۇكاپات بىرىلىدۇ
ئويۇن باشلىنىدۇ ئەڭ ئاخىرغىچە سەكرەلىگەن بالىغا مۇكاپات بىرىش بىلەن بۇ ئويۇن     ئاخىرىلىشىدۇ
ب:  كىلياڭ ھەرمىللەت خەلىقى ئارلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ھەم  ئىناق –ئىتتىپاق ئۆتكەن ئىسىل يۇرتلارنىڭ بىرىدۇر.
ئا:  شۇنداق ،قوشنا يېزىمىز نەۋئاباد تاجىك مىللى يېزىسى بىلەن كىلياڭ يېزىمىز ئەزەلدىن ئۆم-ئىناق ئىجىل ياشاپ كەلگەن
5-نومۇرتاجىكچە ئۇسسۇل«ئانا پامىر»
ئۇسۇل يىتەكچىسى: تىللاقىز توختى، ئامانگۈل تۈمۈر

6- «بىلىملىك ئۇزار»
( رىياسەتچى ئۆزى خالىغان بالىلاردىن سۇئال سورايدۇ. بەزى سۇئاللارنىڭ جاۋابىغا ئاساسەن كۆرنىش بىرلىدۇ )
1- سۇئال؛ يىزىمىزدىكى قوغدىلىدىغان مەدىنىيەت مىراسلىرىدىن  قانچىنى بىلىسىز؟
جاۋاپ؛ تەجەللىي تۇرالغۇسى، كىلياڭ مەشرىپى......
2-سۇئال؛ كىلياڭدا ياشاپ ئۆتكەن كىلاسىك ئەدىبىيات نامايەندىلىرىدىن كىملەرنى بىلىسىز؟
جاۋاپ؛ قاسىمىي ،،تەجەللى ،ھاپىزى قاتارلىقلارنى بىلىمەن
3-تەجەللى تۇرالغۇسىنىڭ ئورنى قەيەردە؟
جاۋاپ؛ كىلياڭ يىزا تاختا كۆۋرۇك كەنتىنىڭ كۆھتام مەھەللىسىدە
4-كىلياڭ مەشرىپى قانچە يىللىق تارىخقا ئىگە؟
جاۋاپ؛ ئۇچيۇز يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە  
5-سۇئال؛كىلياڭ مەشرىپى قانچە نەغمە قانچە يۇرۇش ئاھاڭدىن تەركىپ تاپقان؟
جاۋاپ؛ 8يۇرۇش نەغمە 51 ئاھاڭدىن تەركىپ تاپقان
6-سۇئال؛  بۇ يىل نەشىردىن چىققان كىلياڭ مەشرىپى قانچە نەغمە قانچە يۇرۇش ئاھاڭدىن تەركىپ تاپقان؟
جاۋاپ؛ 6يۇرۇش نەغمە 39ئاھاڭدىن تەركىپ تاپقان .
7-سۇئال كىلياڭ مەشرىپىنىڭ يەتتتە ئەۋلات ۋەكىللىك ۋارىسلىرىنى ئىيتىپ بىرەلەمسىز؟
جاۋاپ؛ 1-سايىت موللا داپ2- ھىزۋاقى خوجا تەمبۇر 3-ئەمەت خوجا 4-يۇسۇپ ئاخۇن
5-قۇربان ئاخۇن چوڭ باش 6-بارات ھەمدۇللا 7- مەتسىيت سىيت قاتارلىقلار
8-سۇئال؛ كىلياڭدا ئەڭ دەسلەپتە قانچىنجى يىلى پەننىي مەكتەپ قۇرۇلغان؟
جاۋاپ؛ 1937-يىلى كىلياڭنىڭ كونا بازاردا ئاپسايىت مامۇتنىڭ ئۆىدە قۇرۇلغان.  1938-يىلى سەككىز سىنىپلىق ، ئىككى ئىغىز ئوقۇتقۇچىلار ئىشخانىسىدىن تەركىپ تاپقان يىڭى پەننى مەكتەپ رەسمى ئىشقا كىرىشتۇرۇلگەن.
   9-سۇئال ئۇلۇغ ئالىم ھەم شائېر تەجەللىنىڭ قايسى ئەسەرلىرىنى بىلىسىز؟
     جاۋاپ: « بەرقى تەجەللى ۋە سەبقە مۇجەللى»، « دىۋان تەجەللى»،            « دىۋان ئەرەبى»، « مەجمۇئەتۈل قەسائىدە»( قەسىدىلەر توپلىمى) قاتارلىق ئەسەرلىرى بار
7-نومۇر«چۆچەك ئېيتىپ بەر»ئۇسۇل يىتەكچىسى؛ مەرەمنىسە مەمەت.
نادىرە:ئۆزگىرەر جاھاننىڭ ھەممە ئىشلىرى،ۋە لېكىن ئۆزگەرمەس قۇياشنىڭ نۇرى
      ئىزچىل تىرىشساق ئەتىنى كۆزلەپ،بىلىمدىن ئېچىلار بەختنىڭ يولى
8-نومۇر«تەنتەنە»
ئۇسۇل ئىشلىگۈچى؛خانزۆھرەم مەتسىيىت
يىتەكچى ئوقۇتقۇچى؛ ئابلىمىت قۇدرەت
نادىرە:قەدىمقىلار كىلياڭنىڭ نېرىسىغا ئۆتەلمەيسەن دەپ قاراپ بۇ يۇرتقا كەل-يان دەپ نام بېرىپتىكەن كېيىن تاۋۇش ئۆزگىرىشى بىلەن بۇ سۆز كىلياڭ دەپ ئاتىلىپ كەپتۇ،قاراپ باقسام ئۆسمۈرلەر مەشرىپىنىڭ ۋاقتىمۇ توشاي دەپتۇ، يانىدىغان ۋاقتىمىزمۇ بولۇپ قاپتۇ
قىز:مەشرەپنىڭ ۋاقتى توشۇپ قالغىنى بىلەن يۇرتىمىزدا، ئۆي-ئۆيلەردە مەشرەپ ئۈزۈلمەيدۇ،بىرنەچچە كۈن مېھمان بولۇپ كېتەرسىز؟
نادىرە:رەھمەت،ئۆسمۈرلەر مەشرىپىدىن تارىغان ئۆملۈك،سەمىمىلىك،سېخىلىق،مېھماندوسلۇق تىرىشچانلىق روھى بىزگە ئەبەدى ھەمرا بولغاي!كىلياڭ خەلقىنىڭ قەيسەر روھى،كىلياڭ مەشرىپىنىڭ سېھىرلىك جۇلاسى قەلبىمىزگە گۈل چەككەي!
نادىرە:مەشرىپىمىزنىڭ شوئارى:بالاڭنى مەكتەپكە بەر،مەشرەپكىمۇ بەر  خەير-خوش

5

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   11.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2547
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2588
تۆھپە : 2694
توردىكى ۋاقتى: 911
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 18:23:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەلقىسسە ، ئەمدى گەپنى ئالدىنقى يازمىنىڭ ئاپتۇرىدىن ئاڭلايلى .....................
  موھتەرەم يازما ئىگىسى ، بەزى گەپلەر ساپايىڭلارغا ماس كەلمەمدۇ ياكى ماس كىلەمدۇ ؟ مەسىلەن : بىلجىرلىماڭلار .....   دىگەن سۆزىڭىز .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

2701

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   23.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15408
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 28
تۆھپە : 860
توردىكى ۋاقتى: 242
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 19:45:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

كىرىشتۈرۈش ئاپاراتىدىن چاتاق چىققانلىق سەۋەبىدىن سىناق ئىشلەپ تۇرىۋاتقان يېڭى خىزمەتچىمىز ئاخىرلىشىش خېتىنى ئۇرالماي ئامالسىز ئاڭلىتىشقا تەسىر يەتمىسۇن دەپ ئالدىنقى ساننىڭ خېتىنىلا ئۇلاپ بېرىپتۇ، بۇنىڭغا دىققەت قىلمىغان مەسئۇلىيەت بىزدە،بۇنىڭدا ھېچقانداق قەستەنلىك يوق تورداشلارنىڭ توغرا چۈشۈنىشىنى سورايمىز،يېڭى مەكتەپ پۈتتۈرگەن بالا بولغاچقا بەك چوڭقۇر ئويلاپ كەتمەپتۇ،                                                                                                                           يۇقارقى قۇرلارنى ئوقۇۋىتىپ ،ئوساغاققا ئارپا .نىنى ،باھانە دىگەن سۆز ئىسىمگە كەپ قالدى ،ئاشۇنداق مۇھىم ئورۇندىمۇ  .......

2

تېما

5

دوست

1882

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   88.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24276
يازما سانى: 147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 562
توردىكى ۋاقتى: 119
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-2
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 21:06:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈچۈرگەن تەقدىردىمۇ يەنىلەم ئەمگەك قىپتۇ. خاتالىق يەنىلام سىلەردە بىلجىرلىماڭلار دىگەن سۆز يەنىلام سىلەرنىڭ مەسۇليەتسىزلىكڭلارنى بىلدۈرۈپ قۇيۇپتۇ. ھەي ئىسىت.  

0

تېما

1

دوست

1510

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   51%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22846
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 484
توردىكى ۋاقتى: 81
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 22:33:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئازمايدىغان ئىنسان يوق، خاتالىق تۈزەلسە بولدى، ئىرەر ئېغىز گەپكە ئېسىلىۋېلىپ ئوز ئارا سېسىق گەپ قلىغاننىڭ نىمە پايدىسى، تېلۋىزىيە ئىستانسىمۇ ئاپتۇردىن كەچۇرۇم سوراپتۇ ھەم ۋاقتىدا ئۆزگەرتىپتۇ، بۇ ئاپتۇرمۇ ئاران تۇرغانمۇ قىلىدىغان ئىشى، سۆكىدىغان يىرى يوق تۇرۇپ قالغىلى، دېھقان يازغۇچى دىگەن سۆزگە ئىشىنەلمەي قېلىۋاتىمەن، دېھقان دىگەن ئۇنداق ئىچى قوتۇر كەلمەيدىغان، مەنمۇ دېھقان بالىسى، بىز قاچانغىچە ئۆز ئارا ئەپۇ قىلىشنى ئۆزىمىزگە مىزان قىلمايمىز( مەنمۇ بىلىپ تۇرۇپ يېزىۋاتىمەن بۇ ئىنكاسنى  نەچچىڭلار ھەقىچان مىنى پوداقچىغا چىقىرىپ تىللاپ ئۇلگۇرىسىلەر)

1

تېما

2

دوست

5241

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   4.82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13005
يازما سانى: 346
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 306
تۆھپە : 1432
توردىكى ۋاقتى: 389
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 23:34:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قار لەيلىسى پىروگىراممىسىنىڭ ھەممە ئادىمى ئىشنى تاشلاپ باغداشقا ئىنكاس يېزىۋاتامدۇ نېمە.

0

تېما

1

دوست

560

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   12%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23818
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3
تۆھپە : 156
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-6
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 23:40:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئەسسالاممۇئەلەيكۇم قەدىرلىك تورداشلار، مەنچە بۇ مەسىلىگە قارىتا سوغۇققانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك .  ئۇيغۇر تېلېۋىزىيەسىدە بىر پىروگىراممىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرۇشى، مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئاسان ئەمەس . شۇڭا ئۇيغۇرچە پىروگىراممىلارنى قوللاپ قويايلى،  بولۇپمۇ «بالىلار مەشرىپى» دەك ئۇيغۇر بالىلىرىغا ئەدەپ - ئەخلاق، ئۆرپە - ئادەت ئۈگىتىۋاتقان ۋە نۇرغۇن بىلىم بېرىۋاتقان بىر پىروگىراممىنى قوللىشىمىز تېخىمۇ كېرەك ... كەڭ قورساق ، ئەپۇچان بولايلى ...

14

تېما

3

دوست

1408

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   40.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30204
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 38
تۆھپە : 442
توردىكى ۋاقتى: 58
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-11 23:55:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nidayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-12 14:26  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، دوستلار، مەن بۇ پىروگراممىدىكى خادىملارنىڭ بۇ ئىشنى ناھايىتى چىرايلىقچە بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، خۇش بولدۇم.  مەنچە بىز بىر مەسىلىگە يولۇققاندا ئالدىراپ سۆكۈپ، ئۇلارنىڭ ئوبرازىغا دەخلى يەتكۈزمەسلىكىمىز كېرەككەن. مەن پىروگرامما خادىملىرىنىڭ تېخىمۇ سەزگۈر بولۇپ، تېخىمۇ نادىر پىروگراممىلارنى روياپقا چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بولسا ھەربىر سانىنى تورغا يوللىسا، ۋاقتىدا تېلېۋىزۇر كۆرەلمەيدىغانلارمۇ كۆرۈپ ھۇزۇرلانسا دېگەن ئۈمىدتىمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )