ئەسسالامۇئەلەيكۇم قېرىنداشلار! ئوبدان، ئامان-ئېسەن تۇرۇۋاتامسىلەر؟ مەن نوپۇس ئىشىمدىن كۆپچىلىكتىن مەسلىھەت سوراپ باقاي دېگەنتىم. كۆپچىلىكنىڭ بەلەن مەسلىھەت-پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىش مۇنداق: مەن ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن بۇيان ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر ئىدارىدە ئىشلەۋاتىمەن. نوپۇسۇم ئىدارىنىڭ كوللىكتىپ نوپۇسىدا، ئايالىم بولسا مەلۇم بىر شەخسى دوختۇرخانىدا ۋاقىتلىق ئىشلەۋاتىدۇ، نوپۇسى بولسا ئەسلىدىكى يۇرتىدا (يەنى جەنۇبدا). ئىدارە يېڭى شەھەر رايونىدا بولغانلىقىتىن، قولايلىقلىقنى كۆزلەپ، يېڭى شەھەر تەرەپتىن يەنى ئىدارىگە يېقىن جايدىن بىر يۈرۈش ئۆينى ئىجارە ئالغان. ھازىر شۇ جايدا ئولتۇرۇۋاتىمىز. ئايالىم ھازىر ھامىلدار. بۇ بىزنىڭ قىسقىچە ئەھۋالىمىز. شۇڭا مەن بالا توغۇلغاندىن كېيىن نوپۇس ئىشىدا ئاۋارىچىلىق بولمىسۇن دەپ ئايالىم ئىككىمىزنىڭ نوپۇسىنى بىر يەرگە ئەكىلىۋالايلى دېگەن. شۇ مەقسەتتە ئىدارىنىڭ نوپۇس ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمنىڭ قېشىغا كىرسەم «بۇنى مەن بىلمەيدىكەنمەن، ساقچىخانىغا چىقىپ باققىن» دەپ يولغا سالدى. مەن ساقچىخانىغا چىقسام ئۇلار «پەقەت ئۆي ئالغاندىلا بۇ مەسلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ» دەيدۇ. مەن «ئۇنداقتا بۇ مەسلىنى قانداق ھەل قىلىمەن؟» دەپ سورىسام، ئۇلار «باشقا ئامال يوق، ئايالىڭنىڭ نوپۇسى تۇرۇشلۇق جاي بىلەن ئالاقىلشىپ باق» دەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن يەنە ئامال بولۇپ قالار دەپ ھازىر ئىجارىگە ئولتۇرۇۋاتقان ئۆيىمىز تەۋە بولغان ئاھالىلەر كومىېتىغا چىقسام «بۇ بىزنىڭ خىزمەت دائىرىمىزدىكى ئىش ئەمەسكەن» دەپ تۇرۇۋالدى. مەن يەنە «ئەمسە نېمە ئامال بار؟ بالا توغۇلسا، نوپۇسىنى قانداق قېلىمەن؟» دېسەم، ئۇلارمۇ ساقچىلار ئېيىتقان «ئۆي ئېلىش ياكى ئەسلى نوپۇس تۇرۇشلۇق بىلەن ئالاقىلىشىپ بىر تەرەپ قىلىش» نى ئېيتىپ تۇرۇۋالدى. مۇئامىلسىمۇ ئانچە ياخشى ئەمەس بۇ ھۆكۈمەت مەپىسىدە ئولتۇرۇدىغان خوجاملارنىڭ.... ھازىر ھەر قايسى يۇرتلاردا ئوقۇپ، ئىشلەپ قالىدىغان ئادەملەر بەك كۆپ بولغانلىقتىن، مېنىڭچە بۇنداق ھادىسەلەر ناھايىتى نۇرغۇن، ھەم كۆپ قىسىم ئادەملەر مۇشۇنداق ئىشلارغا يولۇقۇپ باققان، دەپ قارايمەن. ئايالىم ئىككىمىزنىڭ نوپۇسنى بىر يەرگە ئەكلىش ئۈچۈن، ئىككىمىزنىڭ نامىدا چۇقۇم «ئۆي بولۇش» دەيدىغان پىرىنسىپ پۇت دەسسەپ تۇرالامدۇ؟ شۇڭا كۆپچىلىكتىن سوراپ باقسام: (1) پەرزەنتىمىز توغۇلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ نوپۇس ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپ بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ھازىر ئۆز ئۆيىمىز بولمىغان شارائىتتا قانداق قىلسام، ئايالىم ئىككىمىزنىڭ نوپۇسىنى بىر دەپتەرگە يازغۇزالايمەن؟ (2) يەنە ئەگەر ئايالىمنىڭ نوپۇسىنى يۆتكەش زادىلا مۇمكىن بولمىغان شارائىتتا، تۇغۇلغۇسى بالىمىزنىڭ تۇغۇش رەسمىيىتىنى، نوپۇس ئىشلىرىنى قانداق ھەل قىلىمەن؟ (3) ئايالىم ئىككىمىزنىڭ نوپۇسى ئىككى جايدا بولغا شارائىت ئاستىدا، ئايالىمنىڭ نوپۇسى تۇرۇشلۇق ئورۇندىن بىزگە توغۇش رەسمىيىتى چىقىرىپ بېرىشى مۇمكىنمۇ؟ مۇشۇ مەسىلىلەرنى ئويلاپ يۈرگىلى بىر قانچە كۈن بولدى، سورايدىغان يەرلەردىن سوراپ ئېنىق جاۋاب ئالالماي كەڭ تور ئەھلىدىن بۇ مەسلىنى سوراپ باقاي دەپ بۇ ئىلتىماسىمنى يازدىم. بۇنداق مەسىلىگە يولۇققان مەنلا بولماسلىقىم مۇمكىن، شۇڭا ھەممەيلەننىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن، بۇ توغرىسىدا بىلگىسى بار قېرىنداشلارنىڭ سەمىمىي تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. |