قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1090|ئىنكاس: 6

بىزدىكى مېھماندارچىلىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

5

دوست

661

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   32.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32530
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 210
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-12 10:56:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدىكى مېھماندارچىلىق
مۇھەممەدئىمىن ھەسەن

    مېھماندارچىلىق، يەنى «مېھمان كۈتۈش» ئۇزاق تارىختىن بېرى ئىنسانلار جەمئىيىتىدە ئادەملەر بىلەن ئادەملەر ئوتتۇرىسىنى ئۆزئارا يېقىنلاشتۇرۇپ، دوستلۇق رىشتىسى پەيدا قىلىپ، ئۇلارغا سەمىمىي دوستلۇق ۋە مېھرى - مۇھەببەت، ئىناقلىق سوۋغا قىلىدىغان، ئاجايىپ سېھرىي كۈچكە ئىگە تۇرمۇش سەنئىتى بولۇپ، ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملىشىپ، ئىنسانلار ھاياتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان مەدەنىيەت جەۋھىرىدۇر.
    بۇ مېھماندارچىلىق ئاتا قىلغان مېھرى - مۇھەببەت ئارقىلىق، رەقىبلەر دوستقا، كۆڭۈلسىزلىكلەر خۇشاللىققا ئايلىنىپ، ئىنسانلار جەمئىيىتى تىنچ تەرەققى قىلىپ گۈللەپ ياشنىماقتا.
    مېھمان كۈتۈش سەنئىتىنى بىز ئۇيغۇرلاردىمۇ ئۇزۇن زامانلاردىن بېرى ئەجدادلىرىمىز شەكىللەندۈرگەن، ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئەدەب - ئەخلاق، قائىدە - يوسۇنلىرى بىلەن مەخسۇس بىر سەنئەت سۈپىتىدە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان، شۇنداقلا بىز ئۇيغۇرلارنى مېھماندوست خەلق دەپ دۇنياغا تونۇتقان ئۆچمەس تۆھپىسى بىلەن، تۇرمۇشىمىزنىڭ بىر خىل تەركىبىي قىسمىغا ئايلانغان بايلىقىمىز ئىدى.
    ئەپسۇس، يېقىنقى يىللاردا بۇ مەدەنىيەت بايلىقىمىز، ئىقتىسادنىڭ كۈندىن - كۈنگە تەرەققىي قىلىشى، تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى، شۇنداقلا مەدەنىيەتنىڭمۇ خەلقئارالىششى سەۋەبلىك، سىرتقى مەدەنىيەتنىڭ غىدىقلىشى بىلەن كۈندىن - كۈنگە بىزدىن يىراقلىشىپ، ئۆز ئەسلىنى يوقىتىشقا يۈزلەنمەكتە.
    مەن يېقىنىدا بىر نەچچە دوستۇم بىلەن بىر تويغا بارغان ئىدىم، بۇ توي شەھىرىمىزنىڭ ئاۋات يېرىگە جايلاشقان مەرىكە زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، زال ئالدىدا يۈزدىن ئارتۇق كىشى بەزىلىرى ئولتۇرۇپ، بەزىلىرى ئۆرە تۇرۇپ ئۆزئارا پاراڭلىشىۋاتاتتى. بۇ يەردە تۇرغان مېھمانلارنىڭ كۆپلىكىدىن بۇ توينىڭ تازا قىزىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولاتتى، بىز قائىدە بويىچە بۇ كىشلەرگە «ئەسسالامۇ ئەلەيكوم» دەپ سالام بەردۇق، ئەپسۇس شۇنچە كۆپ ئادەملەر ئىچىدىن بىرەرسى بىزنىڭ سالىمىمىزغا جاۋاب قايتۇرمىدى. بىز خىجالەتچىلىك ئىچىدە ئۆزىمىزنى باشقا بىر ئەلگە چىقىپ قالغاندەك، ياكى سالىمىمىزنى چۈشەنمەيدىغان كىشىلەرگە ئۇچراپ قالغاندەك ھېس قىلىپ، قول يۇيۇش جۈمىكىدە قولىمىزنى يۇيۇپ، ئۆزئارا خوش دېيىشىپ، ئىجازەتسىزلا زال ئىچىگە كىردۇق. زال ئىچىدە مېھمانلارنىڭ كۆپلىكىدىن ئولتۇرغىدەك ئورۇن چىقىدىغاندەك ئەمەس ئىدى. بىز قەيەردە ئولتۇرۇشنى بىلەلمەي گاڭگىراپ قالدۇق، شۇ ئەسنادا «ھەي ئۇكىلار، بۇياققا كېلىڭلار» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى، قارىسام بۇلۇڭدىكى بىر جوزىدا 70 ياش ئەتراپىدىكى تۆت - بەش كىشى ئولتۇرغان ئىكەن. بىز ئولتۇرغىلى يەر چىققىنىغا خۇشال بولۇپ، ئۇلارنىڭ قېشىغا باردۇق. قائىدە بويىچە «ئەسسالامۇئەلەيكوم» دەپ سالام بەردۇق، بۇلار «ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام» دەپ قىزغىن جاۋاب قايتۇردى ۋە بىزگە دەرھال ئورۇن تەييارلىدى. بىز بۇ كىشىلەرنىڭ قىزغىن مۇئامىلىسىدىن خۇشال بولۇپ، بايىقى خىجالەتچىلىكتە قىزارغان يۈزلىرىمىزمۇ ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى. بىز ئولتۇرۇشىمىزغىلا ئۇلار ئىچىدىن ئۇزۇن ساقاللىق بىر كىشى «ئامىن» دەپ دۇئا باشلىدى، بىزمۇ ئەگىشىپ دۇئا قىلدۇق. ئارىمىزدا بىردەم جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى، مەن بۇ چاغدا زال ئىچىگە بىر قۇر قاراپ چىقتىم، تونۇشىدىغان ئادەملەردىن بىرەرسى باردەك قىلمايتتى.
    مۇلازىملارنىڭ «ئاشتىن بەشنى، ماۋۇ جوزىغا گۆشى چوڭ - چوڭ بولسۇن، ماۋۇ جوزىغا قوغۇن - تاۋۇز، بۇياققا چاي» دېگەندەك ھەرخىل توۋلاشلىرى زالنى بىر ئالغان ئىدى. ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتداشلىرىنى، دوستلىرىنى ياكى باشلىقلىرىنى كۈتۈش بىلەن ئاۋارە بولۇپ، تونۇشمايدىغان مېھماننى كۈتۈشكە چولى باردەك قىلمايتتى.
    مېھمانلارنىڭ ئالدىغا قويۇلغان ئاش - گۆش، تىزىلغان مېۋە - چېۋىلەرنىڭ ئاز - كۆپلۈكىگە قاراپ ، ئۇلارنىڭ دەرىجە - ئۇنۋانلىرىنى، ئەمەل - مەنسەپلىرىنى بىلىۋالغىلى بولاتتى.
    - ھەي! بىز بۇيەرگە خاتا كېلىپ قالدۇقمۇ قانداق، باغاققا قارىسامغۇ دەل ئۆزى شۇ، - دەپ جىمجىتلىقىنى بۇزدى ساقاللىرى مەيدىسىگە چۈشۈپ تۇرىدىغان كېلىشكەن بوۋاي، - بىز كەلگىلى نەۋاق، بۇ قانداق مېھماندارچىلىق، مۇشۇمۇ مېھمان كۈتۈش بولدىمۇ؟ قېنى بىزدىكى ئادىمىگەرچىلىك؟ قېنى بىزدىكى مېھمان كۈتۈش ئەدەب - ئەخلاقلىرى؟ قاراڭلار ئۇكىلار، بىز بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولمايۋاتىدۇ، تويغا چاقىرغانلار ئىشىك تۈۋىدە ئولتۇرۇۋالسا، بۇنىڭ ئىچىدە ئىچكىلى بىر يۇتۇم چايمۇ تاپقىلى بولمىسا، بۇ يەرگىغۇ ئاچ قېلىپ كەلمىگەن، شۇ ئادىمىگەرچىلىكنى دەپ، ھەي ئىسىت، ھەجەپ ئۆزگىرىپ كېتىپتۇق.
    - چېچىلمىسا بوۋا، - دېدى ئارىمىزدىن يەنە بىر يىگىت، - ھازىر زامان تەرەققىي قىلىپ، مېھمان ئۇزىتىشنىڭ ئۆرپ - ئادەتلىرى مۇشۇنداق بولۇپ كەتتى. بۇغۇ مەرىكە زالى، ئۆز ئۆيلىرىدە توي، نەزىر قىلغانلارمۇ مۇشۇنداق ئۇزىتىدىغان بولۇپ كەتتىغۇ، بۇ يەردىغۇ ئاش ئەكەلگىلى، چاي قۇيغىلى ئادەم بار ئىكەن، قوشنا ناھىيەلەردە كۈتكۈچىنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ. مېھمانلار يەيدىغان ئاشلىرىنى ئۆزلىرى بۇيرۇپ، ياكى قازان بېشىغا بېرىپ ئەكىلىپ يەيدىغان، ئىچكىلى چاي يوق، ئىچىملىك سۇلىرىنى نەق پۇلغا سېتىۋېلىپ مېھمان بولىدىغان ئىشلارمۇ بار. بۇ مېھمانلار بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق، تاماقنى يەپ دۇئامۇ قىلماي چىقىپ كېتىۋېرىدۇ.
    - مۇنداق قىلىقلارمۇ بار دېسىلە، - دېدى ھېلىقى بوۋاي رەنجىگەن قىياپەتتە.
    - شۇنداق بوۋا، بۇ ئىشلارغا ھەممە ئادەم كۆنۈپ كەتتى، تويدىن خاپا بولساڭ توي قىلىپ باق دەيدىغان گەپ بار، - دېدىم مەن تەسەللىي بەرمەكچى بولۇپ.
    - ھەي ئۇكام، توي قىلىپ باق دەپ قالدىڭىز، مەن مۇشۇ يېشىمغا كەلگۈچە ئاز دىگەندە 30 قېتىم توي ئۆتكۈزگەندىمەن. قىز - ئوغۇللىرىمنىڭ تويىنى، ھەتتا نەۋرىلىرىمنىڭ تويلىرىنىمۇ ئۆز قولۇم بىلەن قىلغان مەن، مېھمان ئۇزىتىش دېگەن باغاق يازساڭ، پولۇ ئەتسەڭ مېھمان ئۇزاتقانلىق بولمايدۇ، - دەپ يەنە كايىشقا باشلىدى بوۋاي.
    - بوۋا، مېھمان دېگەننى قانداق ئۇزاتسا مېھمان ئۇزاتقانلىق بولىدۇ؟ - دەپ سورىدىم مەن ،ۋاقىت ئۆتكۈزمەكچى بولۇپ.
    - ئۇكام، بىزنىڭ كىچىك چاغلىرىمىزدا مېھمان كۈتۈش بىر خىل ماھارەت ھېسابلىنىپ ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلەتتى، - دېدى ۋەزىنىلىك قىلىپ، بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان مۇنداق بىر ھېكمەتلىك سۆز بار، «مېھماننى ياخشى كۈتۈش، مۇسۇلماندارچىلىقنىڭ بىر خىل بەلگىسى، ئۆي تۇت مېھمان ئۈچۈن، مېھمان كەلمىگەن ئۆيدە بەرىكەت يوق» دېگەنگە ئوخشاش سۆزلەرنىڭ تۈرتكىسىدە مېھماننى ئۇلۇغ دەپ بىلىدىغان كۆز قاراش، شۇنداقلا مېھمان كۈتۈشكە ئالاقىدار ئەدەب - ئەخلاق، قائىدە - يوسۇن، ئۆرپ - ئادەتلەر ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كەلگەن ئىدى. كونىلاردا «بۇغداي نېنىڭ بولمىسا، بۇغداي سۆزۈڭ يوقمۇ؟» دەيدىغان گەپ بار. بەزىلەر قوي سويۇپ مېھماننى رازى قىلالمىسا يەنە بەزى ماھىر، تەجرىبىلىك كىشىلەر ئاددى تاماقلىرى بىلەن تۆگە سويغاندەك خۇشال قىلىۋېتىدۇ. گەپ مېھماننى قانداق كۈتۈش، قانداق مۇئامىلە قىلىشتا. بىزنىڭ ياش ۋاقىتلىرىمىزدا توي - تۆكۈن، نەزىر - چىراغ ئىشلىرىدا مېھمان ئۇزىتىشتا قول سۈيى ئالىدىغان، ئاش قويىدىغان، ئاش توشۇيدىغان، چاي قۇيىدىغان، شۇنداقلا ئۆيدە مۇقىم تۇرۇپ مېھمان كۈتىدىغان ئىشلارغا ئايرىم - ئايرىم ئادەملەر بەلگىلىنەتتى. بۇلار ئالاھىدە تاللىنىدىغان بولۇپ، ھەرقايسىسى ئۆزلىرى قىلماقچى بولغان مۇلازىمەت ئىشلىرىدا پىشقان، تەجرىبىلىك، مېھمان كۈتۈشكە ماھىر كىشىلەر ئىدى.
    مېھمانلار كەلگەندە مېھماننىڭ ئالدىغا چىقىپ ئۆيگە تەكلىپ قىلىدىغانلار باشقا بولۇپ، ھەرقايسىسى ئۆز ئورۇنلىرىدا مۇقىم تۇراتتى. مېھمانلارمۇ ناھايىتى ئەدەبلىك بولۇپ، دەرۋازا ئالدىغا كەلگەندە، ئۆيگە كىرگەندە چوڭلار، پېشقەدەم كىشلەر ئالدىدا ماڭاتتى، ھەم «ئەسسالامۇئەلەيكوم» دەپ سالام قىلىپ كېلەتتى. مېھمان بىلەن ساھىبخان بىر - بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشەتتى. ئۆيگە كىرگەندە ئالدى بىلەن پېشقەدەم كىشىلەرنىڭ باشچىلىقىدا دۇئا قىلىناتتى، دۇئادىن كېيىن ھاردۇق چېيى قۇيۇلاتتى، چاي قۇيغاندا ئاۋاز چىقارماي، كۆپۈك چىقارماي، پىيالىنىڭ لىۋىدىن قۇياتتى، كۆپۈك چىقىرىپ، ئاۋاز چىقىرىپ چاي قويۇش ئەدەبسىزلىك دەپ قارىلاتتى. چايدىن كېيىن قول سۈيى ئېلىناتتى، قول سۈيىنى ئالىدىغانلار چىلاپچىنى مېھمان ئالدىغا قويۇپ، ئاپتۇۋىنى ئىككى قوللاپ تۇتۇپ، سۇنى ئۈزۈپ - ئۈزۈپ ئۈچ قېتىم قۇياتتى، قول چايقاپ بولغان مېھمان قول سۈيىنى ئالغۇچىغا «ھەشقەللا، بارىكاللا، رەھمەت» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرەتتى. مېھمانلارنىڭ ئىشىكتىن كىرىش، ئولتۇرۇش جەريانلىرىدا ئۆزگىچە قائىدىلىرى بار بولۇپ، ئالدى بىلەن بىلىم ئەھلىلىرى، ئاندىن پىشقەدەملەر، ئوتتۇرا ياشلىقلار، ياشلار، بالىلار تەرتىپ بويىچە كىرەتتى ھەم ئولتۇراتتى. تاماق يېگەندە ئالدى بىلەن چوڭلار «بىسمىللا» بىلەن باشلاپ بېرەتتى، تاماق يېيىشتىن ھېچكىم ئۆز ئالدىغا بالدۇر توختىۋالمايتتى، قورسىقى توقلارمۇ يېنىدىكى مېھماننىڭ تاماق يېيىشىگە دەخلى قىلماسلىق ئۈچۈن تاماق يېگەن بولۇپ ئولتۇراتتى. تاماقتىن كېيىن چوڭلار دۇئا باشلاپ بېرەتتى. دۇئادا ئۆيگە بەرىكەت، ئىشلىرىغا خەيرىلىك تىلىنەتتى.
    - ۋاھ، ھازىر دۇئالىرىمىزنى رېستوران، مەرىكە زاللىرىغا قىلىۋېرىپ، شۇڭا بۇ سورۇنلارنىڭ سانى كۈندىن - كۈنگە بەرىكەت تېپىپ، ئاۋۇپ، ئىشلىرى روناق تېپىپ، كىشىلەر بارغانسېرى بۇ سورۇنلارغا مۇھتاج بولۇپ قىلىۋېتىپتىكەندە، - دەپ چاقچاق ئارىلاش گەپ قىستۇردى يەنە بىر يىگىت.
    - توغرا دىللە، - دېدى ھېلىقى ئۇزۇن ساقاللىق بوۋاي گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بۇ رسىتوران، مەرىكە زاللىرىدا مېھمان ئۇزاتقاندا مېھماننىڭ لايىقىدا ھۆرمىتىنى قىلالمىغاندىن باشقا كىشىلەر بىر - بىرىنىڭ ئۆيلىرىنى بىلەلمەسلىك، ئاغرىپ قالسا كېسەلنى يوقلاش، ۋاپاتىغا پەتە قىلىش، ھېيتلاش قاتارلىق دوستلۇق رىشتىسىگە ئىغىر تەسىر يەتكۈزىدۇ، مەھەللىدارچىلىق مېھرى - مۇھەببىتىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ رېستوران، مەرىكە زاللىرىدا مېھمان ئۇزاتقاندا مېھمان كۈتۈش، مېھمان بولۇش، ئەخلاق، قائىدە - يوسۇنلىرىمىزمۇ، ئۆرپ - ئادەتلىرىمىزمۇ بەلگىلىك زىيانغا ئۇچرايدۇ، شۇڭا بۇ سورۇنلاردا قىلىنغان دۇئا - سالاملار ئېتىبارسىز قالىدىغان، تاماق يەپ بولۇپ، دۇئامۇ قىلماي چىقىپ كىتىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار.
    ھازىر بىزنىڭ مېھماندارچىلىقىمىز، ئەنئەنېلىرىمىز بارغانسىرى ئەسلىدىن  يىراقلىشىپ، توي ئىگىسى بولغان ساھىبخان ئىشىك ئالدىدا ئولتۇرۇۋالىدىغان، مېھماننى دەرۋازىدىن كىرگۈزۈۋەتسە ھېچكىمنىڭ كارى بولمايدىغان، مېھمانلار مۇساپىر بولۇپ، نەدە ئولتۇرۇپ نىمە يېيىشنى بىلەلمەيدىغان، كەلگەن مېھماننى تەكلىپ قىلغىلىمۇ ئادەم يوق قايتىپ كېتىدىغان ئەھۋاللار بارغانسېرى كۆپەيمەكتە.
    مېھماندارچىلىقىمىزدا كىشىلەر مېھماننى  ياخشى كۈتۈش، رازى قىلىش جەھەتتىكى سۈپەتكە قارىماي، مېھماننىڭ ناھايىتى كۆپ كەلگەنلىكىگە قارايدىغان، ئۇنىڭدىن پەخىرلىنىدىغان بولۇپ قالدى.
    مېھماندارچىلىقىمىز ئەجەب ئۆزگىرىپ كەتتىغۇ، باشقا مىللەتلەر تەرەققىي قىلسا، يېڭىلىقنى قوبۇل قىلسا، ئۆزىنىڭ ئۆرپ - ئادەت، ئەنئەنىلىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ ھەم ئۇنى بېيىتىپ تەرەققىي قىلىدىكەن. بىز بولساق يېڭىلىقنى قوبۇل قىلغاندا، كونا ئۆرپ - ئادەت، ئەنئەنىلىرىمىزنى تاشلاپ قوبۇل قىلىدىكەنمىز، بەزىدە ئاشۇرۇۋېتىپ قوبۇل قىلىدىكەنمىز، بىزنىڭ مۇشۇ خىل مىجەز - خاراكتېرىمىز تۈپەيلىدىن كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزغا ئۆرپ - ئادەت، ئەنئەنىلىرىمىزدىن نىمېمىز قالاركىن، - دەپ كۆزىنى يۇمغىنىچە خىيالغا پېتىپ قالدى بوۋاي.
    - بولدىلا ، - دېدى بىر ئازدىن كېيىن كۆزىنى ئېچىپ، - كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان بۇ گەپلەرنى دەپ نېمە قىلاي، دۇئا قىلايلى دېگىنىچە دۇئاغا قول كۆتۈردى. بىزمۇ قىلىشقان قىزغىن پاراڭلىرىمىزغا دۇئا قىلىپ چىقىپ كەتتۇق، سىرتتا ھىلىقى كىشىلەر يەنە شۇ پاراڭلىرى بىلەن ئىدى.
    بىز كېتىۋىتىپ ئارقىمىزغا قاراپ - قاراپ ماڭدۇق، ئۇلارنىڭ بىزنى ئۇزىتىپ قويۇشقا ۋاقتى يېتىدىغاندەك ئەمەس ئىدى.

0

تېما

1

دوست

2075

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22168
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 616
توردىكى ۋاقتى: 71
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-13 00:56:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس گەپ،دىمسىمۇ ھازىر شۇ مەرىكە زالىدا ئوتكۇزگەن تويلارنى نىمە دىسە بولار، ساھىبخانمۇ شۇ باي باشلىق لارنىڭ قىشىدىن كىلەلمەي، باشقىلار بىلەن كارى يوق ھەيييي
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

1

دوست

3063

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   35.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5247
يازما سانى: 208
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 83
تۆھپە : 896
توردىكى ۋاقتى: 145
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-13 23:24:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قوش تىللىق مېھماندارچىلىق ئوخشايدۇ.

0

تېما

0

دوست

370

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   35%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28925
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 108
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-14 22:05:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىھماندارچىلىق ئادەتلىرىمىزگە كۆز تەگمىسۇن

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما

3

تېما

4

دوست

2440

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   14.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26291
يازما سانى: 139
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 750
توردىكى ۋاقتى: 251
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 00:19:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توي مەرىكىلەردە مېھمانلارنى بەك ئۇلۇق بىلىش كىرەك.

0

تېما

0

دوست

242

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   80.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31712
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 76
توردىكى ۋاقتى: 17
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 12:46:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەنىڭ مىھماندارچىلىقى بۇ ؟ بىزنىڭ تۇرپاندا بۇنداق ئەمەس

0

تېما

3

دوست

1595

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   59.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32022
يازما سانى: 182
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 456
توردىكى ۋاقتى: 59
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-20 01:26:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزدىكى مېھماندارچىلىق ياخشى ھە .............
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )