مەدھىيەلەر ،سەنئەتچى ۋە ئارتىسلارغىلا خاسمۇ ؟
ھەممەيلەن كۆرۈپ تۇرىمىز ،تىلىۋۇزۇر ،رادىئو،تور،ۋە ھەر قانداق بىرەر پائالىيىتىمىزدە ،سەنئەت ،ناخشا ،ئۇسسۇل ،شۇ قەدەر كۆپ،شۇ سورۇنلاردا، ھەمىشە،(ياش ،تالانتلىق ،كۆزگە كۆرۈنگەن،ئاجايىپ ئاۋازلىق ،چولپان،ھەممە يەرگە داڭقى كەتكەن،خەلق قەلبىدىن ئورۇن ئالغان)دىگەندەك ،دەبدەبىلىك ،مەدھىيەلەر،ماختاشلار،كۆككە كۆتۈرۈشلەر نى ھەر ۋاقىت ئاڭلاپ تۇرىمىز .ئۇلار بىر ناخشا ئىيتىپ ،بىر ئۇسسۇل ئويناپلا ،بىر كىنودا رول ئىلىپلا ،مانا مۇشۇنداق ئالى شەرەپ ،ۋە ھۆرمەتلەرگە ئىرىشىدۇ .شۇڭا ئۇلارنى دوراپ ،ئۇلارغا چوقۇنۇپ ،ئۇلاردىن ئۈلگە ئىلىپ ئۈلگىرىمىز .بۇ بىزگە ئادەت ،تۇرمۇش ،ھاياتىمىزنىڭ بىر قىسمى بولۇپ كەتكەن .لىكىن ئۇلارنىڭ بىزنىڭ ،ئەخلاقىمىزغا ،تۇرمۇشۇمىزغا ،مەدىنەيىتىمزگە قانچىلىك ،ياخشى تەسىرلەرنى ئىلىپ كەلگەنلىكىنى ئىلىپ كەلگەنلىكى گە دىققەت قىلمايمىز . لىكىن ئاق خالاتلىق پەرىشتىلەرنى ،جاپاكەش دىھقاننى ،ئۇلۇغ مۇئەللىمنى ،باتۇر تەنھەركەتچىنى ،نەتىجە قازانغان ئالىملىرىمىزنى ،مىھرىبان ئاتا ئانىللىرىمىزنى ،ئۆزى ئاددى بولسمۇ ،خەلىققە تۆھپىسى زور بولغان نۇرغۇن كىشىللىرىمىزنى ،مەدھىلەيدغان تىل يوق ،تەشۋىق قىلىدىغان ئورۇن يوق ،چوقۇنۇدىغان ئۈگۈنىدىغان ئادەم يوق ئۇلارغا دەستە –دەستە گۈل تۇتۇدىغان ،پۇل تۇتۇدىغان ئىنسانلارمۇ يوق،بىز زىھنىمىزنى سەنئەتتىن باشقا بىر نەرسىگە قارىتىپ باقايلى .بىز كۆڭۇل بۆلىدىغان ئىشلار ئازمىكىن .نۇرغۇنلىغان ئىھتىجادلىق قىز ئوغۇللىرىمىز ،چەتئەللەردە ئىلىم تەھسىل قىلىپ ،يۇقۇرى ئۇنۋانلار بىلەن قايتىپ كىلىۋاتىدۇ،مانا ،ئۇلارنىڭ دەرسىنى ،لىكسىيەسىنى ،بىلەت ئىلىپ ئاڭلاش كىرەك، پەرزەنىتلەرگە تونۇتۇش ئۈلگە قىلىش كىرەك.ئۇلارنى ياش ،تالانتلق يىتىشكەن دەپ تەرىپلىسەك ئەرزىيدۇ،چۈنكى ئۇلار مىللەتكە خەلىققە ،زور پايدا ئىلىپ كىلىدۇ ،توغرا يولغا باشلايدۇ . ئوقۇتقۇچىلارغا سەھنە ھازىرلاش كىرەك ،ئۇلار مىللى مائارىپ ھەققىدە مۇنازىرە قىلىشى ،ئوقۇتۇش مىتوتى،پەرزەنىت تەربىيەسى ،قاتارلىق جەھەتلەردە ،لىكسيە سۆزلىشى كىرەك،بۇنداق سورۇنلارغا ناخشا كىچىلىكىگە كەلگەندىنمۇ جىق ئادەملەر كەلسە دەيمەن .شۇ چاغدا ،ئۇلارنى ،ياش ،تالانتلق ،خەلق تۆرىدىن ئورۇن ئالغان دەپ ماختىساق ئارتۇق كەتمەس ھە،چۈنكى مائارىپ بىزنىڭ كەلگۇسىمىز ،مائارىپنى قولىدا تۇتۇپ تۇرغان مۇئەللىملەر بىزنىڭ بارلىقمىز .شۇڭا ئۇلارنى تىخىمۇ ماختاش كىرەك . دىھقاننىمۇ ماختامدۇق دەمسىز ؟ ؟ئۇلار ئاددى ،لىكىن ئۇلۇغ،مىھنەتسز،پاك ئىنسانلار ،ئۇلارغا پال پۇل چىراقلىق سەھنە بولمىسمۇ ،ئاددى ئىتىز دالىلارنى سەھنە قىلىپ بەرسەك ،ئۇلارمۇ ئۆز تىخىنىكىسنى ،ماھارىتىنى كۆرسەتسە بولىدۇ ،تىخىنىكا ئالماشتۇرسا بولىدۇ ،بىزلەر كىلىپ ،كۆرسەك ،ئۈگەنسەك ،ھۇزۇرلانساق بولىدۇ ،شۇ چاغدا ئۇلارنى ئاقكۆڭۈل،ساددا ،قاملاشقان دىھقان دىمەي تۇرالمدۇق .چۈنكى بىز يەۋاتقان ھەر نىمەتكە شۇ دىھقاننىڭ ،قان –تەرى ئەجرى كىرىدۇ ئەمەسمۇ ؟ تەنتەربىيە دۇنياۋى تىما،دۆلەتلەرنىڭ ،مىللەتلەرنىڭ ،تەرەققىياتى ،تەنتەربىيە بىلەن ئۆلچىنىدۇ .لىكىن نوپۇسىمىزغا نىسبەتەن ئىيتقاندا بىز تەنتەربىيەدە بەك ئاجىز ۋە ئارقىدا،جاپالىق مەشىق قىلىپ ،مىللىتىمىز ئۈچۇن مىدال ئىلىپ ،شان شەرەپ قۇچۇۋاتقان ئاشۇ باتۇرلارنى ،ياش ،تالانتلق باتۇر ،خەلىق تۆرىدىن ئورۇن ئالغان دەپ ماختىساق نىمە بوپتۇ ؟ بىمارلار ئۈچۇن بارلىقىنى تەقدىم قىلىۋاتقان دوختۇر سىستىرالارنى ماقتىساق تىل ئاجىزلىق قىلىدۇ،دەپ كەلسەم ماختايدىغان ،كۆككە كۆتۇرىدىغان ،ئۈلگە قىلىدىغان ئادەملىرىمىز بەك كۆپ،تازلىق ئىشچىسى ،ئاق خالاتلىق دوختۇر،ھالال سودىگەر،تىرىشچان ئوقۇغۇچى ،ساناپ تۈگۈتەلمەيمەن.سەنئەت مۇ مىللەت ۋە جەمىيەت بىلەن بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ،ۋە تەرەققى قىلىدۇ ،مەن بۇ يەردە سەنئەت ۋە ئارتىس لارنى چەتكە قاقمايمەن ،مەنمۇ ئۇلارنى ياخشى كۆرىمەن ،لىكىن مۇئەييەن چەك بولىشى كىرەك ،پۇتۇن جەمىيەت ،پۇتۇن ئائىلە ،پۇتۇن تاراتقۇ ،پۇتۇن تور دۇنياسى ،شۇ سەنئەت ئۈچۇن خىزمەت قىلسا بولمايدۇ ،مەنچە سۆيۇملۇك ئارتىسلىرىمىزمۇ پۇتۇن ھاياتىنى ،سەنئەتكىلا ئاتىۋەتمەي ،ئىلىم پەن ،كىتاپ ،پەن تىخىنىكا،ئۈگۇنۇشكە كۆڭۇل بۆلىشى كىرەك ،چۇنكى سەنئەت بىلەن تەرەققى قىلىپ ،دۇنيانىڭ تەرەققىياتغا يىتىشكىلى بولمايدۇ ،ئاخىرقى ھىساپتا بىز باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاچىدىغان ،باشىقلار بىزدىن ھوزۇرلىنىدىغان ئوبىكىت بولۇپ قالىمىز خالاس . ھازىر دۇنيادا ناخشا ئۇسسۇل ،سەنئەتچى مىللەتلەرگە بىرىدىغان ئالاھىدە مۇكاپات ،ئالتۇن مىدال ،يا شان شەرەپلەر يوق ،ئەگەر شۇنداق مۇكاپاتلار بولسا ،ئۇ بەك پەخىرلىنىپ كىتىدىغان ئىش ئەمەس،ئۇنى ھىچكىم كۆزگە ئىلمايدۇ .لىكىن پەن تىخىنىكا ،ئىلىم پەن ساھەسىدە ،مۇھىت،ئىلىكتىر ئىنرگىيە قاتناش،تىببى ئىلىملاردا مۇشۇنداق نەتىجە ،مىدال نام شۆھرەت ئىلىپ باقايلى ،بۇنى بىز ئەمەس پۇتۇن دۇنيا ، پۇتۇن ئىنسانىيەت ئىتىراپ قىلىدۇ . ئەزىز ئوقۇرمەن ،شۇڭا ھەممەيلەن ئويلىنايلى ،سەنئەتكىمۇ كۆڭۈل بۆلەيلى ،لىكىن چەكلىك بولسۇن،سەنئەتكە خىراجەت قىلغان پۇللارنىڭ بىر قىسمىنى ،كىتاپقا ،ئۇگۇنۇشكە،بالىلارغا،خىراجەت قىلايلى ،سەنئەت كىچىلىكلىرىنىڭ ئورنىغا ،مەزمۇنلۇق لىكسىيەلەر،نۇتۇقلار،كۆرگەزمىلەر،تىخنىكا ئالماشتۇرۇش يىغىنى ،قاتالىقلارنى ئۆتكىزەيلى ،. تىلىۋوزۇر ،رادىئو،گىزىت، تور قاتارلىق تاراتقۇ ،ۋە تەشۋىقات ئورۇنىلىرى ،سەنئەت ۋە ئارتسلارغىلا خىزمەت قىلمىسۇن ،ئۇلارنىلا ماختاپ ،تونۇشتۇرۇپ ،كۆككە كۆتۈرمىسۇن ،.باشقا نۇرغۇن ئاددى ئادەملىرىمىزگە ،ئورۇن ،سەھنە ،تونۇشۇش پۇرسىتى بەرسۇنكەن دەيمەن.سەنئەت پىروگىراممىللىرىنىڭ ئورنىنى ،مەنىلىك ،ئەھمىيەتلىك ،سەرخىل پىروگگىراممىلارغا بىرەيلى .مەدھىيە ماختاشلار ،سەنئەتچى ۋە ئارتسلارغىلا خاس ئەمەس، خەلق مىللەت ئۈچۇن تەر تۆكۈۋاتقان ئۇلۇغ كىشىلەرنى ماختايلى ،بىشىمىزدا كۆتۇرەيلى ،ئۇلاردىن ئۈلگە ئالايلى ،شۇندىلا گەلگۈسىمىز ،گۈزەل بولغۇسى . |