- تىزىملاتقان
- 2014-12-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-1
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 130
- نادىر
- 0
- يازما
- 2
ئۆسۈش
43.33%
|
‹‹29- تېئورىما›› غا ئاخىرقى رەددىيە
ئۈچ يۈز يىلدىن بويان ھەل بولماي كېلىۋاتقان، خاتالىقىغا يول قويۇلىۋاتقان مەسىلىلەر ناھايىتى كۆپ. ئۇلار مەيلى قايسى ساھەدە بولسۇن دۇنياۋى مەسىلىلەردىن سانىلىپ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشىپ ھەل قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئۇلار تۇرۇپ تۇرسۇن. يېقىنقى ئۈچ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بىرى ئۇيغۇر تور ئەھلى توپىدا ھەل بولماي كىلىۋاتقان رىيال شۇنداقلا ئاددى بىر مەسىلە بار. بۇ مەسىلە ھەل قىلىنمىدى دىيىشتىن كۆرە ھەل قىلىشتىن ئۆزىنى تارتقانلار بولدى دىيىش سەل ئاقىلانىراق. بۇ مەسىلىنىڭ ئوزۇندىن بىرى ھەل بولمايلا قالماي ئاۋام ئىچىدە شۇنچە كەڭ كۇشادە بازار تېپىشى، ماددىي مەئىشەت زىلزىلىسىغا يەم بولغان ئاساس مائارىپ ئىشتىراكچىلىرىنىڭ سۈپەت ۋە سەۋىيەسىنى يېڭى بىر كۆزۈتۈش نوقتىسى بىلەن تەمىنلىدى.
ئېنىقكى، ئانىدىن تۇغما نەپەسلىنىش ئىقتىدارىغا تاينىپ تىنچ ئوكياندىكى مارىئاننا جىلغىسىغا چۆكۈپ يىتىش مۇمكىن بولمىغىنىدەك، ئاساس مائارىپتىن تۇغما سەۋىيەدە ئۈچ يۈز يىللىق قىيىن مەسىلىنىڭ كەشىنى توغرىلاش تەسەۋۋۇرغا ئانچە توغرا كەلمىسە كېرەك. مەن ئۇخلاپ قوپۇپ ‹‹ مەن ئايغا چىقىدىغان چىغىر يولنى بىلىۋالدىم، ئامېرىكىلىقلارغا لەنەت، شۇنچە كۆپ دوللارلارنى بىكار خەجلەپ يۈرگىنى نىمىسى، يۈك تاقلىرىمنى باغلاپ تەق بولدۇم، ئايغا چىقىمەن، مىنى قوللاڭلار ! ئايغا چىقىش ئامېرىكىلىقلارنىڭ پاتىنتى ئەمەس، ئۇيغۇرلار چىقساقمۇ بولىدۇ.›› دىسەم بارىكاللا توۋلاپ ‹‹ قوللايمىز، تىرىشىڭ›› دىسەڭلار ھاماقەتلەردىن سانىلىسىلەر.
بىلىش ئۈچۈن توغرا مەيداندا تۇرۇپ ئىخلاس قىلىشقا توغرا كىلىدۇ. ھاياجان بىلىش پائالىيىتىنىڭ دۈشمىنى دەپ قارالمايدۇ، بىراق ياخشى دوستىمۇ ئەمەس. بىلىشتىكى يۈكسەكلىك ۋە چوڭقۇرلۇقنىڭ كىشىنى كەمتەر قىلىدىغانلىقى ھەممىگە مەلۇم بىر ھەقىقەت. بىر غەۋۋاسنىڭ ياكى ئىزدەنگۈچىنىڭ قەتئىي ئۆزەمچىللىكى ئۇنىڭدىكى بىلىشنىڭ كەسكىن تېيىزلىقىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ. ئۇشبۇ قۇرلارنى يازغۇچىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولالمىسا كېرەك، چۈنكى بايانچىنىڭ كەلىمىلىرىدە زەررىچىلىك ئۆزەمچىللىك يوق دەپ كىم كىسىپ ئېيتالىسۇن. خەير، ئامانەتنى نەخلەشتۈرىدىغان چاغ يەتتى.
بۇ يازمىدا ئارتۇقچە نەقىل كەلتۈرمەيمەن. چۈنكى بىز چۈشەنمەستىن باشقىلارنىڭ بايانىنى نەقىل ئېلىشقا بىرىلىپ كەتمەسلىكىمىز لازىم دەپ ئويلايمەن. ماتېماتىكىلىق تەڭلىمىلەردىن ئۆزگە ھەر قانداق بايان ئاغزاكى ياكى يازمىچە بولسۇن بىزنىڭ ئېرىشىدىغىنىمىز ھەمىشە ئەسلىسى بولۇشى ناتايىن. تارىختا ماتېماتىكىلىق تەڭلىمىلەرنىڭمۇ نامۇۋاپىق شەرھىيلەنگەن مىساللىرى كۆپ بولسىمۇ ئۇنىڭدىكى ئەينى ھەقىقەتنىڭ ئېچىلىشىغا ھىچكىم توسقۇنلۇق قىلالمىغان. ئەمما شۇنداق مىقدارسىز بايانلار باركى ئەسىرلەر بۇيى شەرھىيلەنسىمۇ ئايىقى چىقىشتىن يەنىلا يىراق.
داۋۇد بېكھامدىن بىر تېپىك يەپ بوشلۇققا كۆتۈرۈلگەن ئاددىيغىنە توپ ئۇيغۇر جامائىتىنى خېلى كولدۇرلاتتى. پارلاق مەدەنىيەت ياراتقان بۈيۈك بىر خەلىقنىڭ نەزىرىگە ئېلىنغان بۇ بەخىتلىك توپنىڭ بىزنى شۇنچە ھەيرەتتە قالدۇرىشىنىڭ سەۋەبىگە كۆرە، داۋۇد بېكھام گويا ‹‹پىلانىتلار ئۇرۇشى›› فىلىمىدىكى جەداي كەبى ئۇنىڭ بوشلۇقتىكى ھەرىكەت تىرايىكتورىيەسىنىڭ گورىزونتال تەكشىلىكتىكى سايىسىنى ئىگىۋەتكەن ئىدى. بۇنىڭغا نوپۇزلۇق ئاكادىمىك ئورگانلار قايىل قىلارلىق ماتېماتىكىق ھېسابلاشلار ئارقىلىق جاۋاپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما نوپۇزنى ھاكاۋۇرلۇق دەپ چۈشەنگەن بىر ئۇچۇم فىزىكا ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشەلمىدى. فىزىكا ئالىملىرى قانداق چۈشەندۈرۈش بەردى بىلمىدىم، بىلىدىغىنىم فىزىكىدا نوپۇزلۇق ئالىم ئاتىلىش چاقچاق تائىپىسى بىلەن نەچچە ئون نۇر يىلى يىراقلىقتىكى گەپ.
‹‹29-تېئورىما›› نىڭ ئېگىسى قاسىم سىدىق ئەپەندىم بۇ توپنىڭ ئوربىتاسىدا قارشىلىق كۈچى مەۋجۈت بولمىغان ئەھۋالدىمۇ ئېغىش كۆرۈلىدۇ ، بۇنىڭ سەۋەبى توپنىڭ قارمۇ قارشى يۈزلىرىدىكى تېزلىك پەرقىدۇر، تېزلىك كۈچ پەيدا قىلالايدۇ، شۇڭا تېزلىك پەرقىگە يارىشا كۈچ پەرقىمۇ شەكىللىنىدۇ دە،- توپ ئاغىدۇ دەپ قارايدىكەن. خوش، تېزلىك پەرقى كۈچ ھاسىل قىلالايدۇ دىگەن بولسا ئىدى، تامامەن قوشۇلغان بولاتتۇق. لېكىن بۇ تېئورىما تېزلىك كۈچ پەيدا قىلالايدۇ، تېزلىك پەرقىگە ماس كۈچ پەرقى ھا سىل بولىدۇ دىگەن پىكىر يولىدىن كەلگەن بولسا بۇنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. قانداقلا بولمىسۇن قاسىم سىدىق ئەپەندىم بىلىمخۇمار ئەپەندىمنىڭ تېزلىك كۈچ پەيدا قىلالمايدۇ دىگەن سۆزىگە كوچا لۈكچەكلىرىنى شىپى كەلتۈرۈپ قارشىلىق كۆرسۈتۈپتۇ ھەمدە كوچا لۈكچەلىرى بىلەن مەن چېغىمدا تېزلىكنىڭ كۈچ ھاسىل قىلالايدىغانلىقىنى، يەنى تېز مۇش بىلەن ئاستا مۇشنىڭ پەرقلىق زەربە كۈچى ھاسىل قىلالايدىغانلىقىنى بىر قاراپلا بىلەلىگەن يەردە سىز نىمىشقا بىلەلمىدىڭىز دىگەن ئىدىيەنى ئالغا سۈرۈپتۇ. بىلىمخۇمار ئەپەندى ئەلۋەتتە ئۆز پىكىرىدە چىڭ تۇرىدۇ ۋە قاسىم سىدىق ئەپەندىم بىلەن كوچا لۈكچەكلىرىنىڭ نىمىشقا شۇنداق دەيدىغانلىقىنى چۈشىنەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ توللۇق ئوتتۇرىدا فىزىكا تەربىيىسى كۆرگەندە مۇنداق ئۆگەنگەن:
ھەرىكەت مىقدارىنىڭ ئۆزگىرىشى ئىمپولس مىقدارىغا تەڭ. ئىمپولس مىقدارى زەربە كۈچى بىلەن مۇشۇ زەربە كۈچىنىڭ ئۆنۈملۈك تەسىر قىلىش ۋاقتىنىڭ كۆپەيتمىسىگە تەڭ. ھەرىكەت مىقدارى تېزلىك بىلەن ماسسىنىڭ كۆپەيتمىسىگە تەڭ، لۈكچەكنىڭ مۇشتۇمىنىڭ ماسسىسى خوراپلا كەتمىسە ھەرىكەت مىقدارىنىڭ ئۆزگىرىشى مۇشتۇمىنىڭ ماسسىسى بىلەن تېزلىك ئۆزگىرىشىنىڭ كۆپەيتمىسىگە تەڭ. بىر لۈكچەكنىڭ مۇشتۇمى يەنە بىر لۈكچەكنىڭ بېقىنىغا فىزىكىلىق تەگسىلا مۇشتۇمىنىڭ تېزلىكىنىڭ چامىسى كىچىكلەيدۇ، ئەگە بۇ مۇشتنىڭ سۈرئىتى ئاستىلىمىسا مۇنداق ئىككىلا ئېھتىماللىق بار: بۇ مۇشت يا تەگمىگەن بولىدۇ ياكى ئىككى لۈكچەكنىڭ بىرسى ئەرۋاھ. ئەگەر راستلا تېزلىك كىچىكلىسە تېزلىك ئۆزگىرىشىنى، يەنى مۇشت تىگىشتىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى تېزلىكلەرنىڭ ئايرىمىسىنى، مۇشتنىڭ ماسسىسىغا كۆپەيتىپ چىققان قىممەتنى تەسىر ۋاقتىغا بۆلىۋەتسەملا مۇشتنىڭ زەربە كۈچىگە ئېرىشەلەيمەن. بۇ ھەرىكەت مىقدار تېئورىمىسىغا ئائىت ئاددىيلا بىر ھىساۋات. ماھىيەتتە بۇ فورمۇلا نىيۇتوننىڭ ئىككىنچى قانۇنىنىڭ يەنە بىر خىل يېزىلىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. كۆردۇقكى بۇ يەردە زەربە كۈچىنى پەيدا قىلىدىغان بىرلا سەۋەپ بار ئۇ بولسىمۇ تېزلىك ئۆزگۈرىشى، ھەرگىزمۇ قاسىم ئەپەندىم ئېيتقاندەك تېزلىك ئەمەس، زەربە كۈچىنىڭ چوڭ ياكى كىچىك بولۇشىنى بەلگىلەيدىغىنى بولسا لۈكچەكنىڭ مۇشتۇمىنىڭ ماسسىسىنىڭ چوڭ كىچىكلىكى ۋە مۇشتنىڭ بېقىنغا تەسىر قىلغان ۋاقىتنىڭ ئوزۇن قىسقىلىقىدۇر. دىمەك ، كۈچنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەپ تېزلىك ئەمەس بەلكى تېزلىك ئۆزگۈرىشى، ھالبۇكى تېزلىك ئۆزگەرگەن ھامان تېزلىنىش مەيدانغا كېلىدۇ، بۇ تېزلىنىش بولسا كۈچنى بىرگە ئېلىپ كېلىدۇ. ئەگەر قاسىم سىدىق ئەپەندىمنىڭ تىئورىمىسى تېزلىك كۈچ ھاسىل قىلالايدۇ دىگەن نوقتىنەزەردىن پەيدا بولغان بولسا خاتالاشقان بۇ ‹‹تېئورىما›› نى يەنە داۋاملىق مۇھاكىمە قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق.
يەنە بىر مەسىلە: زەررىچىلەردىكى سپىن ئۇقۇمى،
زەررىچىلەردىكى سپىن ئۇقۇمى بىلەن توپنىڭ ياكى يەر شارىنىڭ سپىنى ئۇقۇمى تامامەن ئوخشىمايدىغان ئۇقۇملاردۇر. توپنىڭ ياكى يەر شارىنىڭ سپىنى بولسا ئوقنى مەركەز قىلغان رىيال فىزىكىلىق ھەرىكەتتۇر. زەررىچىنىڭ سىپىنى بولسا بۇنىڭدىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. گەرچە سپىن دىيىلسىمۇ ۋە تەسىۋىرلىنىشى رىيال سپىنلىق ھەرىكەتنى تەسىۋىرلەيدىغان ئىپادىلەر بىلەن ئورتاق كۆرۈنىشكە ۋە ئوخشاش كوممۇتاتىۋلىق مۇناسىۋەتلەرگە ئېگە بولسىمۇ ئۇ ھەرگىز رىيال ھەرىكەتنى تەسىۋىرلىمەيدۇ، بەلكى زەررىچىلەر ئىچكى تۈزىلىشىدىكى بىر خىل خاسلىقنى تەسۋىرلەيدۇ. مەسىلەن قارت ئۇيۇنىدىكى كارۇلنى سپىنى ئىككىدىن بىر بولغان زەررىچىگە ئوخشاتقىلى بولىدۇ. يەنى كارۇلنى پەقەت تولۇق ئايلىنىشنىڭ يېرىمىنى بىجىرسەكلا قارت ئۈستىدىكى ئايال پادىشاھنىڭ رەسىمىگە ئوپمۇ ئوخشاش بولغان يەنە بىر ئايال پادىشاھنىڭ رەسىمىنى كۆرەلەيمىز (سىناپ كۆرۈڭ). بۇ قارتتىكى رەسىمنىڭ قۇرۇلمىسى مانا مۇشۇنداق لاھىيەلەنگەن. بىر ئىلىكتروننىڭ ياراتقۇچى بەلگىلىگەن ئىچكى قۇرۇلما ئالاھىدىلىكى شۇكى بۇ زەررىچىنى 180 گىرادۇس ئايلاندۇرساقلا ئۇ ئەسلىدىكى ھالىتىگە قايتىپ كېلىدۇ. شۇڭا ‹‹29-تېئورىما›› نى زەررىچە سپىنى ئۇقۇمىغا تەدبىقلاشقا بولمايدۇ.
تۈگىدى
|
|