ئالىي مەكتەپتە نېمە ئىش قىلىش كىرەك؟ ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى! مۇشۇ مەسلە ئۈستىدە كۆپ ئويلاپ كاللام تولا قاتتى،يۈرەكلەر كۆپ سىقىلدى.ئەسلىدە مەندىن كۆپنى كۆرگەن ئىلىم ئەھلىللىرى بىلەن دەرقەمتە ئولتۇرۇپ ئوبدان بىر تەلىم ئالغۇم بارتى.پەقەت پۇرسەت بولمىدى.شۇڭامۇنبەرداشلاردىن ياردەم سوراي دېدىم.ئازغىنە ۋاقتىڭلارنى چىقىرىپ قىممەتلىك پىكىرلىرىڭلارنى ئايىماسلىقىڭلارنى سورايمەن. ھەمىمىزگەمەلۇم،يىقىندىن بۇيان ئۇتۇق قازانغان ئالىملىرىمىز ۋەياشلارنىڭ تەرجىمھاللىرى مۇنبەرلەردە كەڭ تەشۋىق قىلىنىپ ناھايىتى ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.ھاياجانلاندۇق ،تەسىرلەندۇق،قانلارقىززىدى.كۆپلىگەن ياشلارئۇلۇغ ئارمانلارنى قەلبىگە پۈكۈپ،ئۈگۈنىش پىلانلىرىنى تۈزۈپ،ئىزبىسىپ مىڭىش ئۈچۈن كىتابلارغا ،كۈتۈپخانىلارغا ئاتلاندى.بۇھال ھەممىمىزنى سۆيۈدۈرىدۇ .ھەممىمىزبۇسەپنىڭ تىخىمۇ يۈكسىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز ئەلۋەتتە.لىكىن ئەمەلىيەت شۇكى، ئۇمۇمىيى ساندا،مەندەك ئالىيى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا، يەنە داۋاملىق ئۆرلەپ ئۇقۇشنى خالىمايدىغانلارمۇتلەق كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدۇ.دۆلىتىمىزدىكى خىلى-خىلى نامى بار ئالىيى مەكتەپلەردە ھەم ئەھۋالمۇ شۇنداق .ئەمدى ئۆرلەپ ئۇقۇشنى تاللىمىغان كۆپسانلىق بىزلەر قانداق قىلىشىمىزكىرەك؟ئالىيى مەكتەپتىكى بۇئالتۇن ۋاقىتىنى قانداق ئۆتكۈزىشىمىز كىرەك؟بىزنىڭ ئەڭ چوڭ غەملىرىمىزدىن بىرى بولسا ئوقۇشتىن كىيىنكى خىزمەت مەسىلىسى.كۆپۈنچىمىز ئۆمۈدنى ئالاھىدە ئشتات ،كەسپى ئىشتات،مەمۇرلۇق ئىمتىھانىرىغا باغلاپ قۇيۇپ ئولتۇردۇق،ئۈمۈدىمىز مۇقىم خىزمەتتىن بىرنى تىپىش.مۇشۇ چۇشنى كۆرۈپ،كۆپۈنچىمىزتورئويۇنى،كىنو-تىلىۋېزىيە فىلىملىرى،بىكارچىق،مۇھەببەتلىشىش قاتارلىق ئىشلاربىلەن ئۆزىمىزنى رىئالىقتىن ئىلىپ قاچىمىز.ۋاقىت ئۆتكۈزىمىز.بىراق ئۇقۇش پۈتتۈرۈشكە ئازقالغانسىرى رىئاللىق بىزنى قىستىماقتا.بىزنى گاڭگىراتماقتا. بىز تەجىربىسىزبولغاچقا ،جەميەت نىمىگە ئىھتىياجلىق،جەميەتكە نېمە لازىم ئىكەنلىكىنى ئانچە بىلىپكەتمەيمىز.قانداق قىلغاندا زامان ،ماكانغاتېخىمۇ ياخشى ماسلاشقىلى بۇلدىغانلىقىنى ئانچە چۈشەنمەيمىز. شۇڭا ھەممىمىز چوڭ توپقا قۇشۇلۇپ ھەرخىل سالاھىيەت ئىمتىھانلىرىغا قاتنىشىۋاتىمىز.تۈمۈرتاۋاقنى ھەممىدىن بەكرەك ئۈمۈد قىلىمىز. لىكىن بۇئۇرۇنلار ھەرگىز بىزنىڭ ئىھتىيجىمىزنى قامداپ بولالمايدۇ.ھەمدە ھازىر تىلۋىزۇردا قۇيلىۋاتقان ئىسىتىقبال سەھنىسى كۆپۈنچىمىزنىڭ تۈمۈرتاۋاق كۆزقارىشىمىزنى مەلۇم دەرىجىدە ئۆزگەرتتى.ئۇنداقتا ئەمدى بىزنېمە قىلىشىمىز كىرەك؟ئاتا-ئانىمىز توختىماي كەسپىڭنى ياخشى ئۈگەن دەيدۇ،توغرا،كەسىپنى چۇقۇم ياىشى ئۈگۈنىش كىرەك .بىراق بىز كەسپىمىزنى خىلى ياخشى ئۈگەنسەكمۇ، بەزىيكەسىپلەرنىڭ نېمە قىلدىغانلىقىنى ئانچە بىلگىلى بولمايدۇ.يەنە بىرى ،نەزىرىۋىي بىلىمنىلا ياخشى ئۈگەنگەن بىلەن، بىزدەك ئۆرلەپ ئوقۇشنى تاللىمىغانلار ئۈچۈن باكلاۋىرلىقتا ئۈگەنگەن نەزىرۋى بىلىملەرنىڭ كىيىنكى ئەھمىيىتى ئۇنچە زوربولمايدۇ.يەنە بىرى كىيىنچە بىز ئۆز كەسپىمىز بىلەن شۇغۇللىنىشىمىز ناتايىن.شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئويلايمەن كەسپى بىلىمىنى ياخشى ئۈگۈنۈپ قۇيۇش بىلەن ئىش تاڭاتماسمىكى دەپ. ئەمدى ئۈمۈدۈم مۇنبەردىكى بىزدىن كۆپنى كۆرگەن ،ئىلىملىك،تەجىربىلىك مۇنبەرداشلارنىڭ مەندەك كاللىسى قاتقان ياشلارغا، ئۆزىنىڭ قىممەتلىك پىكىر تەكلىپلىرىنى ئايىماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىمەن.قانچە كونىرىت بولسا شۇنچە ياخشى بولاتتى. مەسىلەن،سالاھىيەت كىنىشكە ئىمتىھانلىرىنى بەرگەندە قايسىللىرىنى بىرىش،قانچىنچى دەرىجىگىچەبىرىش،جەميەتنىڭ ئىھتىياجى قايسى....... يىقىندا 2015.يىلنى كىتاب ئوقۇش يىلى قىلىمىز دىگەن ،كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان چاقىرىق ئۇتتۇرىغاچىقتى.مىنىڭچە بۇنىڭ ئۈچۈن بىر ياخشى كىتاب تىزىملىكى بولسا بەك ياخشى بولاتتى.مەسىلەن:ئەدەبىيى كىتابلاردىن ماۋۇلار،پەلسەپىدىن ماۋۇلار،تارىختىن ماۋۇلار،تەبىي پەندىن ماۋۇلار دىگەندەك(بۇيەردە ئالىيى مەكتەپ 4يىل ھاياتىدا چۇقۇم ئوقۇشقا تىگىشلىك كىتابلار تىزىملىكىنى كۆزدە تۇتتۇم.ئەگەر نۇرغۇن كىتابلارنىڭ تىزىملىكى بىرىلسە ئۇلارنى بىر ئۆمۈردە ئۇقۇپ بولغىلى بولماسلىقى مۇمكىن.)يەنەتەبىي پەن ۋە كەسپىيى كىتابلارنىڭ خەنزۇچىللىرى بولسىمۇ بولىدۇ.بىزدەك ئىچكىردەئۇقۇۋاتقانلارنىڭ تەرجىمە قىلىش ئىمكانىيتىمىزمۇ بار.لىكىن نىمىنى تەرجىمە قىلىشنى بىلمەيمىز. زۇلپىقار مۇئەللىمنىڭ ئىككى جۈملە سۆزى بىلەن سۆزۈمنى ئاخىرلاشتۇراي.ئەسلىيى تىكىستى تۇلۇق ئىسىمدە قالماپتۇ.بۇنىڭغا ئۆزرە. <<مائارىپ ئىھتىياجىمىزنى قاندۇرالمىغاندائۆزلىكىدىن ئۈگۈنىشىمىز كىرەك>> <<سىز ئىش كۈتۈپتۇرغان بىكار ۋاقتىڭىزدا توختىماي ئۈگەنسىڭىز چۇقۇم ئىش تاپالايسىز>> ئۇنداقتا مۇنبەرئەھلىي،كۆپنى كۆرمىگەن بىزدەك تەجىربىسىز ياشلار ئۆزلۈكىمىزدىن نىمىلەرنى ئۈگۈنىشىمىز كىرەك؟؟؟؟ |