ئىلاھلىقتىن چۈشكەن ماۋزىدۇڭ چۇەن يەنچى
ساتتار ئابدۇللا تەرجىمىسى
ـ «مۇھاپىزەتچىلەر باشلىقى » نىڭ يازغۇچىنىڭ سوئاللىرىغا بەرگەن جاۋاپلىرى
لى يىنچاۋ ماۋزۇدۇڭنىڭ 15 يىل مۇھاپىزەچىلىك قىلغان ،ئىلگىرى – كىيىن بولۇپ مۇھاپىزەتچى ئەسكەر ،مۇھاپىزەتچىلەر گۇرپىسىنىڭ باشلىقى مۇھاپىزەتچىلەر باشلىقى بولغان .ماۋزۇدۇڭ ئىلگىرى ئۇنىڭغا :«يىنچاۋ ئۆزئىشلىرىمىنى ۋە ئائىلەمدىلەرنىڭ ئىشلىرىنى خەلقىئالەمدىن يوشۇرغۇنىم بىلەن سىزدىن يوشۇرمايمەن،ھايات ۋاقتىمدا مەن توغۇرلۇق بىرنىمە يازماڭ ،ئۆلگەندىن كىيىن يازسىڭىز بولىدۇ،بىراق ئەينەن يېزىڭ » دېگەن .1962 ـ يىلى لىيىنچاۋ ماۋزىدۇڭدىن ئايرىلىش ۋاقتىدا ،ماۋزېدۇڭ ئۇنىڭغا : «بۇ يەردە مۇھاپىزەتچىلەر باشلىقى قويۇلمايدىغان بولغاچقا كېتىدىغان بولۇپ قالدىڭىز ،ئىككىمىز كېلىشىپ قالغانلىقىمىز ئۈچۈن بۇ يەردە ئۇزۇن ئىشلىدىڭىز ،سىزدىن كىيىن بۇيەردە ئەمدى مۇھاپىزەتچىلەر باشلىقى بولمايدۇ» دېگەن .شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ماۋزۇدۇڭنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇھاپىزەتچىلەر باشلىقى بولۇپ قالغان .
ماۋزىدۇڭنىڭ خاراكتىرىنىڭ ئەڭ زور ئالاھىدىلىكى نىمە ئىدى؟
بۇ مەسىلىگە ماۋزىدۇڭ تاللانما ئەسەرلىرىدىن جاۋاپ تېپىشقا بولىدۇ .ماۋزىدۇڭ گومىنداڭنىڭ ئۇرۇش ئېخۋا گەرچىلىگە قارىتا تېخمۇ تېخ كۈرەش قىلدى . قانغا-قان ،جانغا –جان ئالاتتى ئۇ ناھايىتى جىگەرلىك ئادەم ئىدى .ئەزەلدىن يېڭىلىپ قالدىم دىمەيتتى .ھەرقانداق خورلۇق ئالدىدا باش ئەگمەيتتى .ھەرقانداق ئىشتا تولۇق غەلبە قىلمىغۇچە توختىمايتتى .
ئۇرۇش مەزگىللىرىدە ھەرقانداق ئۇرۇشقا باتۇرلۇق بىلەن ئاتلىناتتى .ئۆزىگە كەلگۈسىگە ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن دۈشمەننى مەنسىتمەيتتى .قەتئىي تەۋرەنمەس ئەقىدىگە ئىگە بولغاچقا ،ھەمىشە كىشىنى ھەيران قالدۇردىغان ئىشلارنى قىلاتتى .
1947 ـ يىلى يۈەنشاۋ بايرىمىدىن كىيىن ،خۇزۇڭنەن 230 مىڭ ئەسكەر بىلەن بە يولغا بۆلۈنۈپ چىگرا رايونىغا ھۇجۇم قىلدى.يەنئەنگە ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ،شىئەنگە پاراشوتچىلار قىسمىنى توپلىدى.
پىڭ دوخەي بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن ،دۈشمەننىڭ پاراشوتچىلار قىسمىدىن مۇداپىيە كۆرۈش ئۈچۈن بىر تۆەننى دەرھال ئايرودۇرۇمغا يۆتكىدى ھەمدە ماۋزىدۇڭنى يەنئەندىن بالدۇراراق چىكىنىشكە دەۋەت قىلدى .ماۋزىدۇڭ مۇنداق دېدى : مەن ھەممسىدىن كىيىن ماڭىمەن .خۇزۇڭنەننىڭ ئەسكەرلىرى قانداق بىر كۆرۈپ باقاي» ئۇ چاغدا مۇھاپىزەتچىلەر ماۋزىدۇڭنىڭ بۇگىپىنى دۈشمەننى مەنسىتمەي ئېيتقان گەپ دەپ قاراپ ئۇنىڭغا ئانچە ئەھمىيەت بىرىپ كەتمىدى .بىراق پىڭ لاۋزۇڭ بۇگەپنىڭ راستلىقىغا ئىشەندىدە ـ دە ،مۇھاپىزەتچىلەرگە تەرىنى تۈرگەن ھالدا :«جۇشى دېگىنىنى قىلىدۇ،ئۆزىنىڭ نېمە بولىشى بىلەن ھېساپلىشىپ يۈرمەيدۇ .جۇشى پارتىيەنى ئاسرايدىغان ئادەم ,سىلەرمۇ ئاسرىشىڭىلار كېرەك .،ئۆزمەلىگە قويىۋېتىشقا بولمايدۇ.زۆرۆر تېپىپلغاندا ئۇنى كۆتۈرۈپ بولسىمۇ ئېلىپ كېتىش كېرەك » دېدى.
ئەمىليەتتە پىڭ لاۋزۇڭ گېپىنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ،ماۋزۇدۇڭنىڭ خۇيىنىڭ قانداقلىقىنى تېزلا ئىسپاتلاندى.
3- ئاينىڭ 13- كۈنى خۇزۇڭنەننىڭ 14 بىرىگادىسى ئىككى يولغا بۆلىنىپ يەنئەنگە شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلدى .ئەللىكتىن ئارتۇق ئايروپىلان كۈن بويى نۆۋەت بىلەن بومباردىمان قىلاتتى .مۇھاپىزەتچىلەر ماۋزۇدۇڭنى نەچچە قېتىم يۆتكىلىشكە دەۋەت قىلغان بولسىمۇ ،ئۇ ئۇنىمىدى.مۇھاپىزەتچىلەرگە خۇزۇڭنەننىڭ ئەسكەرلىرى قانداقلىقىنى زادى بىر كۆرمىسەم بولمايدۇ»دەپ تۇرىۋالدى.
بىر بومبا ماۋزېدۇڭ تۇرغان قوروغا چۈشتى قاتتىق پارتىلاش ئاۋازىدىن يەرجاھان لەرزىگە كەلدى.ماۋزىدۇڭ بۇ چاغدا قولىغا ئىستىكاننى تۇتۇپ ،يەنە بىر قولىدا قەلەم بىلەن خەرىتىگە بىرنىمىلەرنى سىزىۋاتاتتى .گەمىنى ئىس ـ تۈتەك قاپلىدى ئىس تۈتەك تارقىغاندا ماۋزۇڭ يەنىلا بىرقولىدا ئىستىكان تۇتۇپ يەنە بىر قولىدا خەرىتىگە بىرنىمىلەرنى سىزىۋاتاتتى .ئىستىكاندىكى سۇ بىرتېمىممۇ تۆكۈلمىگەنىدى .خەرىتىدىىكى يۆتكەپ كېلىنگەن ئۇرۇش قىلىش يوللىرىنىڭ بىرىمۇ خاتا سىزىلمىغانىدى .پارتىلاشتىن چۆچۈپ كەتكەن خىزمەتچى خادىملار بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ ھەيرانلىق ئىچىدە تۇرۇپلا قېلىشتى .مۇھاپىزەتچى مەسلىھەتچىسى خېچىڭخۇا ھويلىغا چۈشكەن بومبىنىڭ ھەرە چىشسىمان بىر پارچىسىنى كۆتۈرۈپ كىلىپ ماۋزىدۇڭغا كۆرسىتىپ :«جۇشى ،ماۋۇنىڭغا قاراڭ ،نىمە دېگەن خەتەرلىك ،سىز بۇيەردىن دەرھال كېتىڭ »دېدى .ماۋزۇدۇڭ بومبا پارچىسىنى دەڭسەپ كۆرۈپ ،كۈلۈپ قويۇپ:«ئوبدان بولدى بۇنىڭدىن ئىككى قىڭراق چىققۇدەك »دېدى.
16 ـ كۈنى چۈشتە ماۋزىدۇڭ جۇئېنلەي،پېڭ دېخۇەيلەر بىلەن ئۇرۇش توغۇرسىدا پاراڭلاشتى .ئالدىنقى ھەپتىسى ئېچىلغان چىگرا رايوننى قوغداشقا سەپەرۋەرلىك قىلىش يىغىنىدا مىلتىق ۋە قىزىل پۆپۈكلۈك نەيزىلەرنىڭ ناھايىتى جىقلىقى ،شۇئار سادالىرى يەرزاماننى لەرزىگە كەلتۈرگەنلىكى ھەققىدە پاراڭ بولغاندا ،ماۋزىدۇڭ:«ئامما ھەركەتلەندۈرۈلسە ،ئۇلارنىڭ كۈچ قۇدىرتى شىددەتلىك بوراندەك بولىدۇ...»دېدى .ماۋزىدۇڭنىڭ گېپىنىڭ تېخى ئايىغى چىقمايلا ،دۈشمەن ئايروپىلانى تاشلىغان ئىككى بومبا ئىشىككە يىققىنلا يەردە بىرلا ۋاقىتتا پارتىلىدى .ئىشىك دېرىزىلەرنىڭ ئەينىكى چېقىلىپ ،ھاۋا دولقۇنى گەمىگە خۇددى تەيفىڭ بورىنىدەك شىددەت بىلەن ئېتىلىپ كىرىپ گەمىنى لەرزىگە كەلتۈردى.مۇھاپىزەتچىلەر نىمە قىلىشنى بىلەلمەي قېلىشتى .ئۇلار ھاۋا دولقۇنى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن باشلىقلارنىڭ يېنىغا كىرگەندە ماۋزىدۇڭ ئۇچىسىدىكى توپا چاڭلارنى قاققىنىچە قاتتىق كۈلۈپ كەتتى .ئۇلارنىڭ بورىنى كارغا كەلمەيدىكەن مىنىمۇ قىمىرلىتالمىدى .ئەگەر بىزنىڭ بوران چىقىدىغان بولسا .ئۇلارنى يىلتىزىدىن تارتىپ قومۇرۇپ تاشلايدۇ» دېدى. جۇئېنلەي بىلەن پىڭ دۇخەي بۇگەپلەرنى ئاڭلاپ قاتتىق كۈلۈشۈپ كەتتى .
كەچتە يېڭى 4- بىرىگادىنىڭ كادىرلىرى كەلدى ،ئۇلار شىخۇچىدا بولغان جەڭنى تەپسىلىي دوكلات قىلىپ بولۇپ .ماۋزىدۇڭنى يەنئەندىن كەينى كەينىدىن كېتىشكە دەۋەت قىلدى .ماۋزىدۇڭ قولىنى شىلتىپ ،ئۈستەلنى بوش ئۇردى ـ دە «بولدى گەپ قىلماڭلار ،مەن گېپىمىنى قىلىپ بولغان ،ھەممىدىن كىيىن چىكىنىمەن »دېدى .
مۇشۇ چاغدىلا مەن ماۋزىدۇڭنىڭ دىگەن گىپىدە چىڭ تۇرۋالدىغانلىقىنى ،پىڭ ۋاۋزۇڭنىڭ نىمە ئۈچۈن جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئەمدى چۈشەندىم .
18 ـ كۈنى گۇگۇم ۋاقلىرىدا ماۋزىدۇڭ ۋاڭ جېن بىلەن سۆزلىشىۋاتاتتى ..شەرقىي جەنۇپ تەرەپتىن قاتتىق مىلتىق ئاۋازى ئاڭلىنىپ دۈشمەننىڭ ئالدىن يۈرەر قىسمى ۋۇجيازايۈەن چىلانلىقىغا بېسىپ كىردى.
جىددىي ئاياق تىۋىشى ئاڭلىنىپ پىڭدۇخەي يۈگىرەپ كىردى .پىڭ لاۋزۇڭ ئالدىراقسان بولۇڭ ،گەپ ئۇنىڭ ئاغزىدىن پىلموتتەك چىقاتتى .ئۇنىڭ بۇنداق جىددىيلىشپ يۈگىرەپ كىردىغان چاغلىرى ناھايىتى ئاز بولاتتى .ئۇ ھاسىراپ تۇرۇپ :
ــ جۇشى تېخىچە ماڭمىدىما ،تېز بولسۇن ،بۇ يەردە بىر مىنۇتمۇ تۇرۇشقا بولمايدۇ .
يولداشلار ئەھۋالنىڭ ناھايىتى جىددىيلىكىنى ھېس قىلدى .لۇڭ فېيخۇ رۇخسەت سوراشقىمۇ ئۈلگىرمەي ئشىكتىن ئۈسۈپ كىردى ـ دە :
ـ جۇشى ،پىڭ لاۋزۇڭ خاپا بولۋاتىدۇ دەرھال يولغا چىقىڭ ـ دېدى
داۋامى داۋاملىق داۋاملىشىدۇ.....
باغداش تورىغىلا خاس ،رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ !
|