قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 10087|ئىنكاس: 37
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

جاڭ گوخۇنى كىم ئۆلتۈرگەن؟(ئا.ئابدۇللا)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

0

دوست

1069

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   6.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26579
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 56
تۆھپە : 450
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-15
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 10:58:48 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
جاڭ گوخۇنى كىم ئۆلتۈرگەن؟

ئابلىمىت ئابدۇللا
(قومۇل تۆمۈريول ج خ باشقارمىسىدىن)

    1931-يىلى ئەتىيازدا قومۇل دېھقانلىرىنىڭ زۇلۇمغا قارشى كەڭ-كۆلەملىك قوزغىلىڭى قومۇلدىكى 12 تاغنىڭ بىرى شوپۇلدىن باشلانغانلىقى، قوزغىلاڭنى باشلىغان كىشى شوپۇلنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى دورغىسى سالى مەمەتنىياز[1] ئىكەنلىكى ئوقۇرمەنلەرگە مەلۇم.
   «قومۇل ناھىيەسى تەزكىرىسى»، «قومۇل ۋىلايىتى تەزكىرىسى» قاتارلىق قامۇس خاراكتېرلىك ئەسەرلەردە ۋە باشقا مەتبۇئاتلاردا: «سالى دورغىنىڭ قىزىنى مەجبۇرىي خوتۇنلۇققا ئالماقچى بولغان قاراۋۇلخانا ئەمەلدارى جاڭ گوخۇ (张国琥) شوپۇلدا سالى دورغا باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن»، «جاڭ گوخۇ قېچىپ كەتكەن» دېگەندەك ئوخشىمىغان مەلۇماتلار بېرىلگەچكە، بۇ توغرىسىدا قومۇل ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىسىنىڭ پىېنسىيونېرى خوجا سالى ئاكا بىلەن ئىككىمىز «قومۇل شەھرىنىڭ تارىخ ماتېرىياللىرى»نىڭ 10-قىسمىدا «1931-يىلىدىكى قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ بىۋاستە سەۋەبچىسى جاڭ گوخۇنىڭ تەقدىرى ھەققىدە تەكشۈرۈش» ناملىق ماقالە ئېلان قىلدۇرۇپ، جاڭ گوخۇنىڭ شوپۇلدا سالى دورغا باشلىقىدىكى قوزغىلاڭچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى دەلىللىگەنىدۇق. بىراق 1931-يىلى ئەتىيازدا شوپۇل قوزغىلىڭى پارتلاش ھارپىسىدا سالى دورغا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش ئۈچۈن قاراۋۇلخانا ئەمەلدارى جاڭ گوخۇغا يالغاندىن قىزىنى بەرمەكچى بولۇپ، توي مۇراسى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنمۇ-يوق؟ جاڭ گوخۇنى كىم ئۆلتۈرگەن؟ دېگەن ئىككى مەسىلە ھەل بولماي كەينىگە قالدۇرۇلغانىدى.
01.jpg


   «قومۇل ناھىيەسى تەزكىرىسى»نىڭ 692-بېتىدە جاڭ گوخۇنى «... ئايالچە ياسىنىۋالغان يىگىت قوچاقلىۋالغان...»، «قومۇل شەھىرىنىڭ تارىخ ماتېرىللىرى» (1-قىسىم) نىڭ 32-بېتىدە «...قىز ھۇجرىسىدا ئالدىن چىرايلىق قىز سىياقىدا ياسىنىپ ئولتۇرغان ئىمىن ئىسىملىك يىگىت جاڭ گوخۇ ھوجرىغا كىرىشى بىلەن پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ ئۇنى قۇچاقلاپ ئۆلتۈرىدۇ...»؛ «قومۇل گېزىتى»نىڭ 1993-يىلى 12-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى سانىدا «...بۇ چاغدا مەن ئاللىقاچان يۇشۇرۇنغان بولۇپ، ئۆيدە مېنىڭ ئىزىمغا كۈچلۈك بىر يىگىت نىقابلىنىپ جاڭ ليەنجاڭنى كۈتۈپ ئولتۇردى. بۇ چاغدا قاراۋۇلخانا ئەمەلدارى خۇشاللىقىدىن قىن-قىنىغا پاتماي ئۆيگە كىرگەندە، يالغان كېلىن ئۇنىڭ بېلىدىن تۇتۇپ يەرگە بېسىۋالىدۇ. يوشۇرۇنغان كىشىلەر ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. مەست بولغان ئەسكەرلەر ئۆزىنى قوغداشقىمۇ ئۈلگۈررەلمەي تۇتۇلۇپ، شۇ كۈنى ھەممىسى ئۆلتۈرۈلىدۇ...»؛ «ئۈرۈمچى تارىخ ماتېرىياللىرى»نىڭ 68-بېتىدە «... كەچقۇرۇن جاڭ گوخۇ ھوجرىسىغا باشلىنىدۇ. جاڭ گوخۇ ھوجرىغا كىرىشى بىلەنلا قىزچە ياسىنىۋالغان يىگىت (ئىمىن ئىسمائىل) نىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى ئاتىدۇ. ئىمىن جاڭ گوخۇنى قۇچاقلاپ ئالغان پېتى جايىدىلا ئۇجۇقتۇرىدۇ...» دەپ مەلۇمات يېرىلگەن. ئۇنداقتا جاڭ گوخۇنى ئۆلتۈرگەن «ئەركەك»، «ئىمىن ئىسىملىك يىگىت»، «كۈچلۈك بىر يىگىت»، «كېلىن سىياقىدا ياسىنىۋالغان ئەر»، «قىزچە ياسىنىۋالغان يىگىت (ئىمىن ئىسمائىل)» دېگەنلەر كىم؟ بۇ كىشى دەل جاڭ گوخۇ مەجبۇرىي خۇتۇنلۇققا ئالماقچى بولغان سالى دورغىنىڭ قىزى ئايسىخان سالى[2] نىڭ كېيىنكى كۈنلەردىكى ئۆمۈرلۈك ھالال جۈپتى شاھ نىياز شېرىپ[3] تىن ئىبارەت.
03.jpg

    مەن ئۇزۇندىن بۇيان مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە ئىزدىنىپ كېلىۋاتقانىدىم. 2000-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى (دۈشەنبە) قومۇل ۋىلايەتلىك تىل-يېزىق، قەدىمكى ئەسەرلەر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى زۆھرە تالىپ ماڭا تېلېفۇن بېرىپ: «ئابلىمىت ئاكا، يېقىندا ئۈرۈمچىدىكى سەيدۇللا سەيپۇللايوف[4] تىن تېلېفۇن كەلدى، ئۇ ‹1931-يىلى ئەتىيازدىكى شوپۇل قوزغىلىڭى پارتلاشتىن ئىلگىرى سالى دورغا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش ئۈچۈن قاراۋۇلخانا ئەمەلدارى جاڭ گوخۇغا يالغاندىن قىزىنى بېرىشكە ماقۇل بولۇپ، توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنمۇ؟ مۇشۇ مەسەلىنى ئېنىقلاپ باققان بولسىڭىزلار› دېگەن تەكلىپنى بەردى. بۈگۈن ۋاقىتلىرى بولسا بىرلىكتە شوپۇلغا چىقىپ كەلگەن بولساق» دېدى.
     شۇ كۈنى «قومۇل گېزىتى» نىڭ تەرجىمانى ھاۋاخان ئېلى (ھازىر قومۇلدا پېنسىيەدە)، مۇھەررىرى ئىساق پەيزۇللا (زۆھرە تالىپنىڭ يولدىشى) قاتارلىقلار ماشىنىلىق خوتۇنتامغا بېرىپ، شۇ يەردە ئولتۇرۇشلۇق مايسىخان سالى[5]، شوپۇلدا ئولتۇرۇشلۇق گۆھەرخان سالى[6] ۋە ئۇنىڭ يولدىشى ئىبراھىم كۆسۆ[7]لەر بىلەن سۆھبەتلەشتۇق. مايسىخان ئانا جاڭ گوخۇ باشلىق بارلىق ئوفىتسېر–ئەسكەرلەرنىڭ نەق مەيداندا ئۆلتۈرگەنلىكى توغرىلىق مەلۇمات بەردى. بىراق شوپۇلغا بارغىنىمىزدا گۆھەرخان سالى بىلەن ئىبراھىم كۆسۆ «شوپۇلدا قوزغىلاڭ بولغاندا بىزنىڭ يېشىمىز كىچىك بولغاچقا ۋاقىتتىكى ئىشلاردىن خەۋىرىمىز يوق ئىكەن» دەپ سىر بەرمىدى. بىز بۇ ئىشنى شۇ ۋاقىتتا تاشۋېلىقتىن بىزگە  ھەمراھ بولۇپ شۇپۇلغا بارغان تاشۋېلىق يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكىرتارى، يېزا باشلىقى يۈسۈپ ھىمىتكە ۋەقەنىڭ جەريانىنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ بېقىشنى ھاۋالە قىلىپ قايتىپ كەلگەن ئىدۇق. كېيىن يۈسۈپ ھىمىت ماڭا: ئىبراھىم كۆسۆ ۋە گۆھەرخانلار بىلەن سۆھبەتلەشكەنلىكىنى، ئۇلار 1949-يىلىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان بىر قانچە قېتىملىق سىياسىي ھەرىكەتلەردە بەك قورقۇپ كەتكەچكە راست گەپ قىلىشقا پېتىنالمىغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ تارىخى    رومانى ‹ئويغانغان زېمىن› (1-قىسىم) دىكى بايانلارنىڭ ھەممىسى توغرا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
02.jpg

     ئەمدى بىز مەرھۇم ئالىم، يازغۇچى، شائىر ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1988-يىلى 10-ئايدا نەشر قىلغان «ئويغانغان زېمىن» ناملىق تارىخىي رومانى ((1-قسىم) نىڭ 183 ~ 187-بەتلىرىدىكى تۆۋەندىكى بايانلارغا قاراپ باقايلى:
   بۇ كۈنلەردە شوپۇللۇقلار ئارىسىدا غەلىتە گەپ-سۆزلەر بولۇۋاتاتتى. بەزىلەر: «نەچچە ۋاقىتتىن مەيدىسىگە مۇشتلاپ، يوغان گەپ قىلغان سالى دورغىنىڭ ئەمدى سۇدىن چىققان مۈشۈككە ئوخشىشىپ قالغىنىنى قارىمامدىغان، مۇزاينىڭ يۈگۈرۈشى سامانلىققىچە دېگەن شۇ بولدى-دە» دېسە؛ يەنە بەزىلەر: «ئادەم ئۆلمەس، كۆزى تويماس دەپ، مال دۇنيا دېگەننىڭ مېھرى شۇنداق يامان ئىكەن، بولمىسا سالى دورغىنىڭ بۇ دۇنيادا نېمىسى كەم» دەيتتى. بەزىلەر سالى دورغىغا ھېسداشلىق قىلىپ: «ئۇنىڭغىمۇ ئۇگال بولدى، جاڭ جىسا دېگەن مۇتتەھەم قىزىڭنى بەرسەڭمۇ بېرىسەن، بەرمىسەڭمۇ بېرىسەن دەپ چېرىكلىرى بىلەن دىۋەيلەپ تۇرۇۋالسا، ئۇ قانداق قىلسۇن؟ قىزى بار ئادەمنىڭ كۈنى تەس» دېسە، بەزىلەر: «شۇمۇ گەپ بولدىمۇ، مانا ساڭا قىز دەپ، ئۇ مەلئۇننىڭ قارنىنى يېرىۋېتىپ، بولغۇلۇقنى كۆرگەن بولسا، جاڭ جىسادەك چىركىنلەر ھۇشىنى تاپقان بولاتتى. ئۇ چاغدا دورغامنىڭ قەبرىسىدىمۇ گۈللەر ئۈنۈپ چىققان بولاتتى» دەيتتى. سالى دورغىنىڭ ئۆيىدىكىلەر، جۈملىدىن سوپى مەرگەن بىلەن مەڭلىك نىيازلار بولسا، گويا ھېچ ئىش بولمىغاندەك، توي تەييارلىقى بىلەن مەشغۇل ئىدى.
   بىراق ئەتە توي دېگەن كېچىسىدىن باشلاپ، سالى دورغىنىڭ يېقىنلىرى بىلەن مەڭلىك نىيازغا ئوخشاش يىگىتلەر ئۇيان-بۇيان چېپىشىپ، بارغان يەرلىرىدىكى كىشىلەر بىلەن پىچىرلىشىپ سۆزلىشىدىغان بولۇپ قالدى. تاڭ ئېتىشى بىلەن تەڭ مال سويۇش، قازان ئېسىش، چاي قاينىتىش، يۇلغۇن تېۋىلغا نوتىلىرىدىن زىخ تەييارلاش، گۈرۈچ يۇيۇش، سەۋزە توغراش قاتارلىق ئىشلار قىزىپ كەتتى. ئەتراپ يۇرتلارغا بېرىپ، سودىسىنى تۈگىتىپ كەلگەن «قارا چېچەك» ھويلىنىڭ بۇرجىكىدە كىگىز-بورىلار بىلەن توسۇپ ياسالغان ۋاقىتلىق ئاشخانىدا تۆت-بەش ئايالنى ئىشقا سېلىپ، خىلمۇ-خىل سەيلەرنى تەييارلاشقا كىرىشىپ كەتتى. ئۆمرىدە بۇنداق سەيلەرنى يېيىش تۇرماق پۇرىقىنىمۇ پۇراپ باقمىغان بۇ تاغ ئاياللىرىنىڭ بەزىلىرى «قارا چېچەك» نىڭ ھۈنىرىدىن ھەيران بولۇپ ھاڭۋېقىپ قالاتتى. شۇنداق چاغلاردا «قارا چېچەك» پىشانە تەرلىرىنى سۈرتۈپ «ھەي ئايلا، سەن ئۇخلاپ قالدىمۇ؟ چاپسان بولسۇن» دەپ ۋارقىرايتتى.
    كۈن قايغۇچە جامائەتنىڭ ئالدى-كەينى ئۇزاپ بولدى. ئەنئەنىۋى ئادەتكە خىلاپ ھالدا، بۇ تويغا خوتۇن-قىزلاردىن كۆپ كىشى ئېيتىلمىغانلىقى ئۈچۈن، سالى دورغا كەلگەن-كەتكەن جامائەتكە «ئالدىراپ قالدۇق، خۇدا خالىسا، ئەتە-ئۆگۈن ئايلا قىزىمىزغا باشقىدىن توي قىلىپ بېرىمەن» دەپ ئۆزرە ئېيتتى.
كۈنپېتىشقا يېقىن، جاڭ جىسا يىگىرمە ئىككى ئاتلىق چېرىكى بىلەن قىز كۆچۈرۈشكە كەلدى. ئۇ بۈگۈن ئالاھىدە ياسىنىپ كەلگەنىدى. ئامېرىكان ئۆتۈكى بىلەن قولىدىكى ئاپپاق پەلىيى، پارقىراپ تۇرغان بەل تاسمىسى تاپانچا قېپى كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى. ئۆز رەقىبىنى يېڭىپ، ئۇنىڭ قولىدىن قىممەتلىك ئولجىنى تارتىۋالغان كىشىنىڭ چىرايىدا قانداق مەمنۇنىيەت ئىپادىسى كۆرۈلسە، ئۇنىڭ ياداڭغۇ چىرايىدىمۇ شۇنداق بىر خىل كۆرەڭلىك ئەكىس ئېتىپ تۇراتتى. ئۇ بىر قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، چېرىكلەرگە خىتابەن: «پۇخادىن چىققۇچە ئويناپ-كۈلۈپ، يايرىۋېلىڭلار، ئاسماننىڭ ئۈستى بۈگۈن بىزنىڭ!» دەپ ئۈنلۈك ۋارقىرىدى. چېرىكلەر مىلتىقلىرىنى تام تۈۋى ۋە بۇلۇڭلارغا تىرەپ قويۇپ، خاتىرجەم چازا قۇرۇپ ئولتۇرۇشتى.
04.jpg

   زىياپەت قىزىپ كەتتى. مېھمانخانا بىلەن ھويلىنىڭ پېشايۋانلىرىدا «گاۋشىڭ، گاۋشىڭ» ئاۋازلىرى ياڭراپ، داپ-غىجەك بىلەن ئېيتىلىۋاتقان قومۇل مۇقاملىرىنى ئۈزۈپ-ئۈزۈپ قوياتتى. ھەر بىر يېڭى سەي، يېڭى كاۋاپ تارتىلغاندا، ئەپچىلگىنە كىيىنىۋالغان تاغ يىگىتلىرى چېرىكلەرنىڭ پىيالىلىرىنى شاراپقا تولدۇرۇپ تۇراتتى. چېرىكلەرنىڭ ئارا-ئارىسىغا كىرىپ ئولتۇرغان تاغلىقلار چېرىكلەرنى ھەدەپ شاراپقا تەكلىپ قىلىپ، ئۆزلىرىمۇ ئاز-پاز ئىچىشەتتى. قاراڭغۇ چۈشكەنسېرى ھويلىنىڭ بىر قانچە يېرىدە لاۋىلداپ تۇرغان گۈلخان ئوتلىرى چېرىكلەرنىڭ ھاراق-شاراپتىن قىزارغان يۈزلىرىنى تېخىمۇ قىزىل قىلىپ كۆرسىتەتتى. داپلار قاتتىق-قاتتىق ئۇرۇلۇپ، مەشرەپ باشلىنىش بىلەن قىز-يىگىتلەر ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، پۈتۈن ھويلا ئاجايىپ جانلىنىپ كەتتى. بەزى چېرىكلەرمۇ ئېگىز-پەس دەسسەپ، ئوتتۇرىغا چۈشتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھېلىقى ئۇيغۇر چېرىكمۇ بار ئىدى.
   شۇ ئارىدا جاڭ جىسا مېھمانخانىدىن دەلدەڭشىپ چىققان پېتى «قىز قېنى مەن بىلەن ئۇسسۇلغا چۈشسۇن» دەپ ۋارقىرىدى. چالا مەست چېرىكلەر ئولتۇرۇپلا ئېگىز-پەس چاۋاك چېلىپ ئۇنىڭ بۇ گىپىنى قوللاپ ۋارقىراشتى. بەستلىك كەلگەن ئىككى ئايال جاڭ جىسانىڭ يېنىغا كېلىپ«بىز تاغلىقلارنىڭ قائىدىسىدە سۇلتان يىگىت ئۆزى كىرمىسە، قىز ھوجرىدىن چىقمايدۇ» دېگەن گەپنى توڭجى ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئۇقتۇردى ۋە «يۈرسىلە، ئۆزىلىرىنى قىزنىڭ يېنىغا بىز باشلاپ كىرەيلى» دەپ ئۇنى قولتۇقىدىن ئېلىپ قىزنىڭ ھۇجرىسىغا باشلىدى. جاڭ جىسا شام يورۇتۇلغان ياسىداق ھۇجرىنىڭ بىر چېتىدىكى ياغاچ كاتتا چىرايلىق كىيىنىپ، نەپىس ھال شايى رومالغا پۈركىنىپ ئولتۇرغان قىزنى كۆرۈش بىلەن ئۆزىنى يوقاتقان ھالدا «ئاھ پەرىشتەم، قېنى يۈرۈڭ» دەپ ئۇنىڭ قولىنى تۇتقان ھامان، ھېلىقى ئىككى ئايال ئىشىكنى «تاق» قىلىپ يېپىۋەتتى. «قىزنىڭ» كۈچلۈك قولى بىلەن ئۇرۇلغان خەنجەر جاڭ جىسانىڭ يۈرىكىگە قادالدى. ھويلا ۋە مېھمانخانىدا خىزمەت قىلىپ يۈرگەن ئادەملەر چېرىكلەرگە يوپۇرۇلۇپ، ھايت-ھۇيت دېگۈچە ئىشىنى تۈگەتتى. مەڭلىك نىياز بېشىدىكى ھال شايى رومال بىلەن ياسالغان چېچىنى چۆرۈۋېتىپ جاڭ جىسانىڭ قانغا مىلەنگەن جەسىتىنى ئۆيدىن سۆرەپ چىقىتى.
  − يالغان چېچىڭنى سېلىۋالساڭ ئاينىسا قىزدىنمۇ قېلىشمايدىغان قىز بولغۇدەكسەن،− دەپ چاقچاق قىلدى ئۇنىڭ تەڭتۇشلىرىدىن بىرى.
   − تولا گەپ قىلما، بولمىسا، ماۋۇنى كۆرۈۋاتامسەن،− دەپ قولىدىكى قانلىق خەنجەرنى ئۇنىڭغا تەڭلەپ كۈلدى مەڭلىك نىياز.
سالى دورغا چېرىكلەرنىڭ جەسەتلىرىنى يىغىشتۇرۇش ئىشىنى بىر قىسىم كىشىلەرگە تاپشۇرۇپ قويۇپ، تەييار ئات ۋە مىلتىقلارغا ئىگە بولغان بىر توپ يىگىتلەرنى قاسىم پالۋان بىلەن بىرلىككتە باشلاپ چېرىكلەرنىڭ گازارمىسى تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ئۇلار گازارمىغا يېقىنلىشاي دېگەندە، داپ-سۇنايلار بىلەن «ھاي-ھاي ئۆلەڭ» ئېيتىپ مەشئەل ياندۇردى. بۇنى كۆرگەن گازارمىدىكى چېرىكلەر «قىز كۆچۈرۈپ كېلىۋاتقانلار» دەپ ئويلاشتى-دە، دەرۋازىنى يوغان ئېچىپ، ئۇلارنى قارشى ئېلىشقا ئالدىغا چىقتى. بىراق تۇيۇقسىز ياققان ئوق يامغۇرى ئىچىدە، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە، پۈتۈن گازارما تاغلىقلارنىڭ قولىغا ئۆتتى. گازارمىنىڭ ئارقا تېمىدىن چۈشۈپ قېچىپ كەتكەن ئىككى چېرىكنى دېمىگەندە، شوپۇلدىكى قىرىق نەچچە چېرىكنىڭ ھەممىسى قىرىلىپ تۈگىدى. ئۇلارنىڭ قوراللىرى بىلەن گازارمىدىكى ئوق-دورا، ئات-ئۇلارغلارنىڭ ھەممىسى تاغلىقلارنىڭ ئولجىسى بولۇپ قالدى.
1931-يىلدىكى قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭى ئەنە شۇنداق باشلاندى. بۇ يېڭى كالىندار ھېسابىدا تۆتىنچى ئاينىڭ ئون ئىككىنچى كۈنى ئىدى...
روماننىڭ 238-بېتىدە يەنە تۆۋەندىكىدەك مەلۇمات بېرىلگەن:
  − ... توقسۇن پۇگەن قوينىدىن خەنجىرىنى ئاستا چىقىرىپ، خوجىنىياز ھاجىنىڭ بېقىنىغا تىقماقچى بولغاندا، ھولۇقۇپ كېتىپ، جەينىكىنى مەڭلىك نىيازغا تەككۈزۈۋەتتى. مەڭلىك نىياز كۆز قىرىدا ئۇنىڭغا بىر قاراش بىلەن ئاھۋالنى بايقاپ «كاپ» قىلىپ ئۇنىڭ قولىغا ئېسىلدى. قاتتىق تارتىشىش باشلىنىپ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە بولغان ئارىلىقتا خەنجەرنىڭ ئۇچى مەڭلىك نىيازنىڭ سول كۆكرەك قەپىسىگە قادالدى. مەڭلىك نىياز «ۋاي-ي مۇناپىق!» دەپ ۋارقىراپ تاشلىدى. بەزگەكتەك تىترەپ كەتكەن توقسۇن پۇگەن خەنجەرنى سۇغۇرۇۋېلىشقا ئۈلگۈرمەي، خۇددى غالجىر قاۋاندەك ئۇدۇل كەلگەننى ئۇرۇپ، سوقۇپ تالاغا قاچتى. سەپلەر بۇزۇلۇپ، مەسچىتتىكىلەر پاتپاراقچىلىقتا قالدى. خوجىنىياز ھاجى كۆكرىكىگە خەنجەر سانجىلغان مەڭلىك بالىنى دەرھال قۇچىقىغا ئالغان بولسىمۇ، ھېچنىمىنى چۈشىنەلمەي تامدەك قېتىپ قالغانىدى. كىمدۇر بىرى «قاچتى-قاچتى، قاتىل قاچتى» دەپ ۋارقىرىدى. سالى دورغا «تۇت، قاتىلنى تۇت» دەپ قاتتىق ئۈن سالدى. باشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلاردىن بىر توپ كىشى تالاغا يۈگۈردى. قېرىلار چىراغ تۇتۇپ، مەڭلىك بالىنىڭ بېشىغا ئولاشتى. سوپى مەرگەن «ۋاي جېنىم بالام» دەپ ئۆزىنى بالىغا تاشلىدىيۇ، شۇ ھامان ھوشىدىن كېتىپ قالدى. مەڭلىك بالا ھاجىنىڭ قۇچىقىدا يېتىپ، «ھاجى... ئاتا...ئۆزلە...ساقمۇ؟ ئۇ مۇناپىق ئۆزلەنى...» دېدى-دە، جىمىپ قالدى. ئۇنىڭ چىرايلىق قوي كۆزلىرى تۇرۇسقا قارىغان پېتى قېتىپ قالغانىدى...
2013-يىلى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى مەن قومۇل شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئىدارىسىنىڭ كادىرى سادىر ئابدۇللا بىلەن شوپۇل قوزغىلىڭى توغرىلىق سۆھبەتلەشكىنىمدە، ئۇ مېنى تۆۋەندىكىدەك يېڭى ئۈچۈر بىلەن تەمىنلىدى: «بۇ يىل مەن 50 ياشقا كىردىم، مەن سالى دورغىنىڭ ئەۋرىسى  بولىمەن. مەن بىر قىېتىم شوپۇلغا بارغىنىمدا سەدەن سالى[8] كىچىك بوۋامدىن 1931-يىلىدىكى شوپۇل قوزغىلىڭىنىڭ سەۋەبى ۋە جەريانىنى سورىغانىدىم. ئۇ بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن، بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بەرگىنىگە 60 يىلدىن ئاشتى. ئەينى ۋاقىتتا مەن تۆت ياشتا بولغاچقا بۇ ئىشلارنىڭ تەپسىلاتىنى بىلمەيتتىم. كېيىن ئانام نىيازخان[9]، ئاچام ئايسىخان ۋە كۈيۆ ئاكام شاھ نىياز شېرىپلار بىزگە قوزغىلاڭنىڭ جەريانىنى سۆزلەپ بەرگەن. قوزغىلاڭ پارتلاشنىڭ ئالدىدا ئايسىخان ئاچام بىلەن شاھ نىياز ئاكامنىڭ تويىنى قىلىشقا پۈتۈشۈپ، ئۇلارنىڭ كىچىك چېيىنى ئىچكۈزۈپ بولغانىكەن. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئىلگىرى مەتبۇئاتلاردا بايان قىلىنغاندەك، شوپۇلغا يېقىن يەردە تۇرۇشلۇق قاراۋۇلخانىنىڭ باشلىقى جاڭ گوخۇ (جاڭ ليەنجاڭ دەپمۇ ئاتىلىدۇ) دېگەن مۇتەھەم ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن ئۆيىمىزگە كېلىپ ئاچامنى كۆرۈپ كۆزى قىزىرىپ، دادامغا ‹ماڭا قىزىڭنى خوتۇنلۇققا بېرىسەن› دەپ تەلەپ قويغاندىن كېيىن، دادام جاڭ گوخۇنىڭ تەلىپىنى رەت قىلغانىكەن. بىراق ئۇ يولسىزلىق قىلىپ يەنە تەلەپ قويۇپتۇ. دادام ئۇنىڭ تەلىپىنى قايتا-قايتا رەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇ جاھىللىق قىلىپ بولمىغاندىن كېيىن، دادام يۇرت چوڭلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، پۇختا تەييارلىق قىلىپ، جاڭ گوخۇنىڭ تەلىپىگە يالغاندىن موقۇل بولۇپ، بۇ ئىشنى كۆپ ئادەمگە بىلدۈرمەي، چەكلىك ئادەم قاتناشقان ‹توي› مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپتۇ. ‹توي›غا ئەرلەر كۆپ، ئاياللار ئاز قاتناشقانىكەن. تويغا قاتناشقانلىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ۋەزىپىسى بار بولۇپ، مەسلىھەت بىلەن ھوجرىدا ئاچامنىڭ ئورنىدا شاھ نىياز ئاكام ئايالچە ياسىنىپ جاڭ گوخۇنىڭ كېلىشىنى ساقلاپ ئولتۇرۇپتۇ. ماتېرىياللاردا بايان قىلىنغاندەك جاڭ گوخۇ ئەسكەرلىرىنى باشلاپ ئۆيىمىزگە كېلىپ، ئالدى بىلەن تاماق يەپ مېھمان بولۇپ، ئارقىدىن ھاراقنى بولۇشىچە ئىچىپ، خوشاللىقىدا قىن-قىنىغا پاتماي ھوجرىغا كىرىپ شاھ نىياز ئاكامنىڭ قولىنى تۇتۇشىغا، يوغان بەستلىك كەلگەن شاھ نىياز ئاكام قوينىدىكى خەنجەرنى چىقىرىپ ‹مانا ساڭا بېرىدىغان قىز› دەپ خەنجەرنى بار كۈچى بىلەن جاڭ گوخۇنىڭ يۈرۈكىگە ئۇرغان ئىكەن. جاڭ گوخۇ ‹ۋايجان› دېيىشكىمۇ ئۈلگۈرەلمەي جەھەننەمگە سەپەر قىلىپتۇ.
     مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ «ئويغانغان زېمىن» (1-قىسىم) رومانىدىكى ۋەقىلىكلەر ئايسىخان ئاچام، شاھ نىياز ئاكاملارنىڭ بايانلىرى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش. چۈنكى ئۆتكۈر ئەپەندى شوپۇلغا چىققان يىللار (1970-يىللارنىڭ ئاخىرى ۋە 1980-يىللارنىڭ باشلىرى) دا ئايسىخان ئاچام، ھاپىز[10] ئاكام، لەيلىخان[11] ئاچام، گۆھەرخان ئاچام ۋە ئىبراھىم كۆسۆ ئاكاملاردىن باشقا يەنە شوپۇل قوزغىلىڭىغا قاتناشقان ۋە ئاشۇ ۋەقەلىكلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن كىشىلەردىن خېلى كۆپلىرى ھايات ئىدى. شۇڭا ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ تارىخى رومانى ئەينى ۋاقىتتىكى ھايات شاھىتلار تەمىنلىگەن تۇنجى ماتېرىياللارغا ئاساسەن يېزىلغان. ئۆتكۈر ئەپەندى قېرىنداشلارنىڭ تەلىپى بويىچە، روماندا دادام بىلەن ئانامنىڭ ئۆز ئىسمىنى ئەينەن تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئاچامنىڭ ئىسمىنى ‹ئايىنسا›، شاھ نىياز كۈيۆ ئاكامنىڭ ئىسمىنى ‹مەڭلىك نىياز› دەپ ئۆزگەرتىپ، ئۇنى تۇقسۇن پۇگەن كۆكرىكىگە خەنجەر ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن دەپ ئۆزگەرتىپ يازغان. ئەمەلىيەتتە شاھ نىياز ئاكام 1981-يىلى شوپۇلدا ئۆز ئەجىلى بىلەن ۋاپات بولدى. شاھ نىياز ئاكام ۋە قېرىنداشلارنىڭ جاڭ گوخۇنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى سىر تۇتۇشى، ئۇلار كېيىنكى كۈنلەردە ئۆزلىرىنىڭ بېشىغا كۈتۈلمىگەن بالا-قازالارنىڭ كېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ھەقىقىي ۋەقەنى بىر ئۆمۈر سىر تۇتقان. ئەگەر جاڭ گوخۇنى شاھ نىياز ئاكام ئۆلتۈرگەنلىكى سىر تۇتۇلماي شۇ يىللاردىلا ئاشكارىلانغان بولسا، ‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى›يۈز بەرگەن ئاپەتلىك يىللاردا شاھ نىياز ئاكام ۋە قېرىنداشلارنىڭ يامان كۈنلىرگە قېلىشىمىز تۇرغان گەپ» دەپ سۆزىنى ئاياقلاشتۇردى.
ھازىر جەمئىيەتتە «جاڭ گوخۇ قېچىپ كەتكەن» دېگۈچىلەر، بولۇپمۇ شوپۇللۇقلار ئىچىدە جاڭ گوخۇ قېچىپ كېتىپ، كېيىن سالى دورغىنى شەخسەن ئۆزى سوراق قىلىپ: «سالى سەن ئاخىر مېنىڭ قولومغا چۈشۈپ قېلىشىڭنى ئويلاپ باقتىڭمۇ؟» دەپ سالى دورغىنىڭ تېرىسىنى تەتۈر سويۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن» دېگەندەك گەپ-سۆزلەرنى قىلىشماقتا. 2014-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۈنى (يەكشەنبە) قومۇل ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ پېنسىئۇنېرى جوجا سالى، ۋىلايەتلىك تىل-يېزىق، قەدىمىي ئەسەرلەر ئىشجانىسىنىڭ كادىرى مۇجۇبۇل راخمان، ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسسى قومۇل پاراۋۇز ئۇستىكىسىنىڭ خىزمەتچى تاھىر شاكىرلار بىلەن بىللە تۆگە قوتۇنىدىكى شوپۇل ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق 96 ياشلىق ئاسىپ مەمەتنىيازنى زىيارەت قىلىپ بارغىنىمىزدا، شۇ يەردە ئولتۇرۇشلۇق كىشىلەرمۇ يۇقىرىقىدەك گەپ-سۆزلەرنى قىلىشتى.
    ئاپتونوم رايونلۇق كىنو شىركىتىنىڭ دەم ئېلىشقا چىققان كادىرى شېرىپ خۇشتار ئەپەندى يازغان جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تارىخى ماتېرىياللار كومىتېتى تۈزگەن «ئۈرۈمچى تارىخ ماتېرىياللىرى» (1990-يىلى 6-ئاي نەشرى) نىڭ 7-قىسمىغا بېسىلغان «خوجىنىياز ھاجىمنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرى» ناملىق ماقالىسى يەنى كىتابنىڭ 84 ~ 88-بەتلىرىدە تۆۋەندىكىدەك مەلۇمات بېرىلگەن:
   «... خوجىنىياز ھاجىم قولغا ئېلىنىشى بىلەن ئۇنىڭ مال-مۈلكى پېچەتلىنىدۇ، خوجىنىياز ھاجىمنىڭ ئاتالمىش «جىنايەتلىرى» ئېلان قىلىنىدۇ. ھەتتا ئۇنىڭ ئوغلى سەيدۇللا نامىدا يېزىلغان ماقالىدە «ئۇ مېنىڭ دادام ئەمەس، ئۇ خائىن، ياپون جاھانگىرلىكىنىڭ قويرۇقى» دېگەن سۆزلەر بېسىلىدۇ...
بىز بىلەن ئۇزۇن يىل ئەمگەك تەربىيەسىدە بىللە بولغان، شېڭ شىسەي دەۋرىدە ساقچى باشقارمسىنىڭ تەرجىمانى ۋە كاتىپى بولۇپ ئىشلىگەن شى يۈەنپۇ (شىبە) نىڭ خوجىنىياز ھاجىمنىڭ قولغا ئېلىنىشى، سوراق جەريانى ۋە مەخپىي سوتنىڭ ھۆكۈم چىقىرىش ئەھۋالى قاتارلىق ئىشلار توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگەن ۋە مەخپىي سوت ھەققىدە يازغان ئەسلىمىسىدە خوجىنىياز ھاجىم قاتارلىق 108 ئادەمنىڭ بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى بايان قىلىنغان. بۇلارنىڭ ئارىسىدا قومۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ باشلامچىلىرىدىن سالى دورغا، گوسۇل، باقى نىياز ھاجى قاتارلىقلار بولغان».
      يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن بىز سالى دورغىنىڭ خوجىنىياز ھاجىلار بىلەن بىر قاتاردا ئۆلتۈرۈلگەنلىكى مەلۇم. شاھ نىياز شېرىپنىڭ خەنجەر بىلەن جاڭ گوخۇنى جەھەننەمگە يولغا سالغانلىقىمۇ ئېنىق تۇرسا، جاڭ گوخۇ قانداق قىلىپ ئۈرۈمچىدە سالى دورغىنى سوراق قىلسۇن؟ ئەمەلىيەتتە، 1937-يىلى 10-ئايدا سالى دورغا ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئىسمائىل  تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، دەسلەپ ئاقسۇ، كېيىن ئۈرۈمچى تۈرمىسىگە قامىلىپ، سىمىيونوف، ياقۇپ ۋە ھاشىم ھاجى قاتارلىق جاللاتلار تەرىپىدىن سوراق قىلىنىپ، خوجىنىياز ھاجىلار بىلەن بىر قاتاردا ئۆلتۈرۈلگەن. ھەقىقىي ئەھۋال شۇنداق بولغانىكەن، شاھ نىياز شېرىپ جەھەننەمگە يولغا سالغان جاڭ گوخۇ سالى دورغىنى سوراق قىلىپ ئۆلتۈرگەن دېيىلگەن گەپ-سۆزلەرنىڭ يېتەرلىك ئاساسىي يوق.

ئىزاھلار:

[1] بەزى ماتېرىياللاردا «سالى بوسۇق» دەپمۇ ئاتالغان، 1984-يىلى ئايسىخان قومۇل ۋىلايىتىدىن شوپۇلغا خىزمەت تەكشۈرۈپ چىققان فەن چېڭچۈي قاتارلىق كادىرلارغا دادىسىنىڭ ئىسمىنى «سالى مەمەتنىياز» دەپ ئېيتىپ بەرگەن. بۇنى يەنىمۇ ئىنچىكە تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.
[2] ئايسىخان سالى (سالى دورغىنىڭ چوڭ قىزى)، 1985-يىلى 4-ئاينىڭ 5-كۈنى (جۈمە) 76 يېشىدا قومۇل شەھىرىنىڭ تاشۋېلىق يېزىسى شوپۇل كەنتىدە ۋاپات بولغان.
[3] شاھ نىياز شېرىپ (ئايسىخان سالىنىڭ يولدىشى)، 1981-يىلى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى (چارشەنبە) 76 يېشىدا شوپۇل كەنتىدە ۋاپات بولغان.
[4] سەيدۇللا سەيپۇللايوف، 2002-يىلى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى (چارشەنبە) 85 يېشىدا ئۈرمچىدە ۋاپات بولغان.
[5] مايسىخان سالى (سالى دورغىنىڭ 2-قىزى)، 2006-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى (چارشەنبە) 95 يېشىدا قومۇل شەھرىنىڭ تاشۋېلىق يېزىسى خوتۇنتام كەنتىدە ۋاپات بولغان.
[6] گۆھەرخان سالى (سالى دورغىنىڭ 4-قىزى)، 2004-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى (يەكشەنبە) 78 يېشىدا شوپۇل كەنتىدە ۋاپات بولغان.
[7] ئىبراھىم كۆسۆ (گۆھەرخان سالىنىڭ يولدىشى)، 2006-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى (دۈشەنبە) 92 يېشىدا شوپۇل كەنتىدە ۋاپات بولغان.
[8] سەدەن سالى (سالى دورغىنىڭ كىچىك ئوغلى)، 1999-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى (چارشەنبە) 72 يېشىدا شوپۇل كەنتىدە ۋاپات بولغان.
[9] ھاپىز سالى (سالى دورغىنىڭ چوڭ ئوغلى)، 1998-يىلى 8-ئايدا 86 يېشىدا شوپۇل كەنتىدە ۋاپات بولغان.
[10] لەيلىخان سالى (سالى دورغىنىڭ 3-قىزى)، 1997-يىلى 8-ئايدا 77 يېشىدا شوپۇل كەنتىدە ۋاپات بولغان.
[11] نىيازخان (سالى دورغىنىڭ ئايالى)، 1963-يىلى 73 يېشىدا شوپۇل كەنتىدە ۋاپات بولغان.


0

تېما

0

دوست

130

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   43.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13119
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 15
تۆھپە : 30
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2014-12-20
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 11:28:47 |ئايرىم كۆرۈش
دىۋاندا ئولتۇرۇپ ئالدىرىماي كۆرەي،،يەنەبىر ياخشى تارىخى بىلىمكەن.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

11

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2680
يازما سانى: 536
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2023
تۆھپە : 2005
توردىكى ۋاقتى: 448
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 11:48:28 |ئايرىم كۆرۈش
قىممەتلىك بىر تارىخنى بىلدۈرگىنىڭىزگە رەخمەت .

160

تېما

10

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   60.45%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1720
نادىر تېمىسى: 16
مۇنبەر پۇلى: 6556
تۆھپە : 6171
توردىكى ۋاقتى: 1511
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 13:07:00 |ئايرىم كۆرۈش
قومۇلدا ئۆزلەدەك تارىخى مەسئولىيەت تۇيغۇسى بار ئادەمدىن يەنە بىر قانچىسى بولغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى ئاكا. ئەجىرلىرى يەردە قالمايدۇ. قەلەملىرى ھارمىسۇن...كېلەر يىلى « ئارتام » جېڭنى چوقۇم يېزىۋېتەيلى.

4

تېما

4

دوست

6795

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   35.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10920
يازما سانى: 454
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 494
تۆھپە : 1763
توردىكى ۋاقتى: 427
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-25
5#
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 18:28:48 |ئايرىم كۆرۈش
مەن ساقلاپ قويۇپ ئالدىرىماي ئوقۇي!

رەببىم دۈشمىنىمى قۇدىرەتلىك قى

12

تېما

1

دوست

4291

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   76.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6474
يازما سانى: 244
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 704
تۆھپە : 821
توردىكى ۋاقتى: 141
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-14
6#
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 18:32:02 |ئايرىم كۆرۈش
ئۆز قىزلىرىمىزنى قوغدىغان قوغدىيالىغان ئاتىلارغا ئالىي ئېھتىرام. قىز-ئاياللىرىمىز ۋەتەن جۈملىسىدىندۇر. ئۇلارنى قوغدىيالمىغانلىقىمىز، ۋەتەننى قوغدىيالمىغانغا باراۋەر.

ئانا تىلىم _ جان

13

تېما

8

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   23.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  59
يازما سانى: 855
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 4044
تۆھپە : 3244
توردىكى ۋاقتى: 2430
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-15
7#
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 19:33:58 |ئايرىم كۆرۈش
مۇشۇنداق ئابىدىلەر تىكلىنىپ تۇرمىسا تارىخ ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ .

بۇ ئەسەر بىر تارىخلا ئەمەسكەن ...

« ئارتام » جېڭى ،  يەنە بىر ئابىدە تىكلىنىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ ،   قەلەملەر ھارمىغاي .....

0

تېما

0

دوست

3880

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   62.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22142
يازما سانى: 196
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1228
توردىكى ۋاقتى: 451
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-16
8#
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 20:04:40 |ئايرىم كۆرۈش
   مۇشۇنداق   تارىخلارنى   ئۇنتۇلۇپ   قالماسلىقىمىز   كىرەك   .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )