بۇ يازمىنى ئاخىرىدا israpil تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-12-15 17:52
ئاجراشقاندا بالىنى زادى قايسى تەربىيلەيدۇ ؟
ئىسراپىل ئەمەت
2014-يىلى12-ئاينىڭ15-كۈنى
بۇ ئىككى تەرەپ كۆپرەك تالاش –تارتىش قىلىدىغان مەسىلە، بەزى ۋاقىتلاردا ئىككىسى تەڭلا بالىنى تەربىيلەشىنى تەلەپ قىلىدۇ، بەزىدە ئىككىسى تەڭلا بالىنى تەربىيلەشنى خالىمايدۇ قالىدىغان ئەھۋالمۇ بار.نىكاھتىن ئاجراشقاندىن كىيىن بالىنى قايسى تەرەپ بىقىپ تەربىيلەش مەسىلىسى،نىكاھ قانۇنىنىڭ 36ـ ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە مۇنداق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ:
(1)نىكاھتىن ئاجراشقاندا ،ئىمىۋاتقان بالىنى ئانىنىڭ بىقىشى پىرىنسىپ قىلىنغان ، بۇ بالىنىڭ مەنپەئىتىگە تامامەن ئۇيغۇن. ئالى خەلق سوت مەھكىمىسى 1993-يىلى 11-ئايدا ئىلان قىلغان «خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ نىكاھتىن ئاجرىشىش دىلولىرىنى سوت قىلغاندا بالىنى بېقىپ تەربىيەلەش مەسلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى بىر قانچە كونكىرىت پىكىر» دە بالىنى ئېمىتىش مەزگىلى ئىككى يىل قىلىپ بەلگىلەنگەن. لىكىن، ئالاھىدە ئەھۋالدا ئاتىسى باقسىمۇ بولىدۇ . مەسلەن: ئانىسى ئېغىر كېسەل ياكى يۇقۇملۇق كېسەل بولسا، بالىنى ئىمىتىۋاتقان ئانىنىڭ بېقىشى ھەم ھوقۇق ھەم مەجبۇرىيەت. ئانا بوۋاقنى بېقىش مەسۇلىيتىدىن باش تارتسا بولمايدۇ.
ئوخشاشلا ، ئانىنىڭ بوۋاقنى بېقىش ئەپسىز ياكى ئۇ بوۋاقنى باقالمايدىغان بولسا ، ئاتىمۇ مەسئۇلىيەتتىن باش تارتسا بولمايدۇ.
(2) ئەمچەكتىن ئايرىلغان بالىنى بېقىش مەسلىسىدە ئاتا-ئانا ئىككى تەرەپ پۈتىشىدۇ. پۈتۈشەلمىسە خەلق سوت مەھكىمىسى بالىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئەتىگە ۋە ئىككى تەرەپنىڭ كونكىرىت ئەھۋالىغا قاراپ ھۆكۈم چىقىرىدۇ. بالىنى بىقىش مەسىلىسىدە مەيلى ئىككى تەرەپ پۈتۈشسۇن ياكى سوت ھۆكۈم چىقارسۇن، ئوخشاشلا بالىنىڭ مەنپەئىتى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ كونكىرىت ئەھۋالىغا قاراپ بىر تەرەپ قىلىش لازىم. ئاتا –ئانا ئىككى تەرەپنىڭ ئىدىۋى پەزىلىتى، ئائىلە مۇھىتى، ئىقسادى ئەھۋالى ۋە بالا بىلەن بولغان ھىسىيات ئالاقىسى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنى نەزەرگە ئىلىش كىرەك . 10ياشتىن ئاشقان، پەرق ئىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بالا بولسا، كىم بىلەن تۇرمۇش كەچۈرۈش مەسىلىدە بالىنىڭ ئۆزىنىڭ پىكىرىنى ئىلىش ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىش لازىم. بىقىپ تەربىلەش مەسىلىسىدە ھەم بالىنڭ مەنپەئىتىنى قوغداشنى تەكىتلەش ھەم ئاتا –ئانىنڭ مۇۋاپىق تەلىپىنىمۇ نەزەرگە ئىلىش كىرەك. مەسىلەن: بىر تەرەپ ياشىنىپ قالغان كىسەلچان پەرزەنت كۆرەلمەس ، قايتا نىكاھلىنشى تەسراق بولسا ،كونكىرىت ئەھۋالغا قاراپ ئۇنىڭ بالىنى بىقىش تەلىپىگە ئىتىبار قىلىش لازىم .
|