قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1212|ئىنكاس: 20

[ئاتتىلا] كوچىدىكى پەشمەتچى بالا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

63

تېما

29

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.32%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3477
يازما سانى: 664
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 2165
تۆھپە : 2640
توردىكى ۋاقتى: 745
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-15 19:24:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كوچىدىكى پەشمەتچى بالا

مەخمۇت ئېلى ئاتتىلا


2014-يىلى6-دېكابىر (شەنبە) چۈشتىن كېيىن. سوغۇق شامال بار ئاچچىقىنى كوچىغا چىققانلاردىن ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقاندەك نەشتىرىنى ئادەمنىڭ يۈز-كۆزلىرىگە سانجىماقتا. مەن كۆنگەن ئادىتىم بويىچە ئەتىراپىمدىكى ئادەم ۋە شەيئىلەرگە نەزەر سالغاچ كېتىۋاتىمەن. بىر ئەگىلمىگە كەلگەندە تۇيۇقسىز كىچىك بالىنىڭ «پەشمەت ساتىمەن، پەشمەت ئېلىڭلار» دېگەن جاراڭلىق ئاۋازى ئاڭلاندى. مەن ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىغان ئىدىم بوينىغا ئېسىلغان قاپنى قولىدا تۇتىۋالغىنىچە ئۆتكەن-كەچكەنلەرگە قاراپ توۋلاپ كېلىۋاتقان 9-10 ياشلاردىكى ئىككى بالا كۆزۈمگە چېلىقتى. ئۇلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرى ھەم ئاددىي ھەم يېلىڭ بولۇپ،  سەل چوڭراق كەلگىنى بېشىغا قارا رەڭلىك، كىچىكرەك كەلگىنى كۆك رەڭلىك بۆك كىيىۋالغان ئىدى. ئۇلار يېنىمدىن ئۆتۈۋاتقاندا توختىتىۋېلىپ سورىدىم:
-باللىرىم، پەشمەتنىڭ بىرسى نەچچە پۇل؟
-بىر يۈەنگە ئىككى.
-مەن ھەربىرىڭلاردىن بىر يۈەنلىكتىن ئالاي.-مەن پۇلنى بەردىم. بالىلار خوش بولغان ھالدا ماڭا سۇلياۋ خالتىغا سېلىنغان پەشمەتلەرنى سۇندى. مەن پەشمەتنى قولۇمغا ئالغاچ يەنە گەپ باشلىدىم:
-بالىلىرىم، سىلەر بىر كۈندە قانچە پۇللۇق پەشمەت ساتىسىلەر؟
-110يۈەنلىك، -دىدى كۆك بۆكلۈك بالا.
-قانچىلىك پايدا قالىدۇ؟
-ئەللىكبەشيۈەن.
-بىر يۈەنگە تۆتتىن ئالامسىلەر؟
-شۇنداق.
-ئاتا-ئاناڭلار نېمىش قىلىدۇ؟
-دادام بىلەن ئاپام ئاجىرىشىپ كەتكەن. ئاپام ھاجەتخانىغا قارايدۇ. ئۆيدە يەنە بىر ئۇكام بار،-دىدى قارا بۆكلۈك بالا.
-دادام نېمە ئىش چىقسا شۇنى قىلىدۇ، ئاپام ئۆيدە كېسەل. يەنە ئىككى ئۇكام بار،-دىدى كۆك بۆكلۈك بالا.
مەن ئۇلاردىن يەنە سورىدىم:
-سىلەر پەشمەتنى يىمەي ساتامسىلەر؟
-يەيمىز. كەچتە سېتىلماي ئېشىپ قالسا يەيمىز. كۈندىزى يېمەيتمىز. بولمىسا زىيان چىقىدۇ.
ئىككىڭلار بىرگە ماڭغىچە ئايرىم ماڭساڭلار بولمامدۇ؟ بىرگە ماڭساڭلار سودا تالىشىپ ئۇرۇشۇپ قالمامسىلەر؟
-ئۇرۇشمايمىز. كىشىلەر قايسىمىزدىن ئېلىشنى خالىسا شۇ ساتىمىز، تالاشمايمىز. يالغۇز ماڭساق چوڭ بالىلار بوزەك قىلىپ پەشمىتىمىزنى ئېلىۋالىدۇ.
مەن ئۇلارنىڭ گېپىدىن بىر خىل مەسۇليەت ھەم چېچەنلىكنى، توغىرا رىقابەت قارىشى بىلەن ئۆملۈكنى ھېس قىلدىم ھەمدە مەسلىكىم كېلىپ يەنە ئىككى يۈەنلىك پەشمەت سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئۇلارغا پەشمەتنىمۇ ياخشى سېتىش، مەكتەپتىمۇ ياخشى ئوقۇش توغىرىسىدىكى تىلەكلىرىمنى بىلدۈرۈپ كېتىپ قالدىم.
13-دېكابىر (شەنبە) چۈشتىن كېيىن. ئايالىم بىلەن كېتىۋاتاتتىم. 9-10 ياشلاردىكى 5-6 بالىنىڭ پەشمەت سېتىۋاتقانلىقىغا كۆزۈم چۈشتى. ئۇلارنى چاقىردىم ھەمدە ئارىلىقىمىز 3-4 مېتىرچە قالغاندا ئارىسىدىكى ئۈچ بالىنىڭ ھەر بىرىدىن بىر يۈەنلىكتىن جەمىئىي ئۈچ يۈەنلىك پەشمەت ئالىدىغانلىقىمنى، شۇڭا ھەممىسى كەلمەسلىكىنى، ئىختىيار قىلىپ ئۆزلىرى كېلىشىشنى ئېيتتىم. ئۇلار بىر-بىرىگە قاراشقاندىن كېيىن پەشمىتى ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ ئاز ئۈچ بال كەلدى. قالغان بالىلار 3-4 مېتىر يىراقتا قاراپ تۇردى. بۇ چاغدا ئايالىم ماڭا قاراپ:
-نېمە قىلىمىز ئۈچ كويلۇق پەشمەت ئېلىپ، بىر كويلۇق ئالايلى،-دىدى. مەن:
-بۇ بالىلار سوغۇقتا توڭلاپ كېتىپتۇ، ئازراق بولسىمۇ سودا قىلىپ بېرەيلى. بۇ بالىلار بىزنىڭ پۇلىمىزنى بىكارغا ئالمايدۇ، بىزگە تەملىك پەشمەت بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىز بىرىنچىدىن، بۇلارغا ياردەم قىلغان بولىمىز، ئىككىنچىدىن، تەملىك پەشمەت يەيمىز،-دېدىم. ئايالىم مەقسىدىمنى چۈشىنىپ پەشمەت ئېىشقا قوشۇلدى. مەن بالىلاردىن نېمىشقا تالاش-تارتىش قىلىشماي پەشمىتى ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ ئاز قالغان بالىلارنىڭ كەلگەنلىىنى سورىدىم. بالىلار ماڭا، پەشمىتى ئاز قالغان بالا قولىدىكى ئېشىپ قالغان پەشمەتنى ماڭا سېتىۋەتسىلا بىكار بولىدىغانلىقىنى ھەم ئۆيىگە قايتىدىغانلىقىنى، پەشمىتى كۆپ قالغان بالىنىڭ كۆپ پەشمەت ساتالمىغانلىقىنى، ئەگەر كەچكىچە سېتىپ بولالمىسا بەك زىيان بولىدىغانلىقىنى، مەيلى كۆپ باللا بىرگە ماڭسۇن ياكى ئاز باللا بىرگە ماڭسۇن ئالغۇسى بار ئادەمنىڭ ئالىدىغانلىقىنى، بىر بالا بولسىمۇ بالدۇر بىكار بولسا ئۇنىڭدىن پەشمەت ئالىدىغان كىشىلەرنىڭ باشقا بالىلاردىن ئالىدىغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى. مەن پەشمەتچى بالىلارغا ياخشى ئوقۇش توغۇرلۇق تەربىيە قىلغاندىن كېيىن شاتلىق ئىچىدە خوشلۇشۇپ كېتىپ قالدىم. بىراق قەلبىمدە: «بۇ بالىلار جاپا ئىچىدە تاۋلىنىۋېتىپتۇ، ھالال ئەمگىكى بىلەن پۇل تېپىۋېتىپتۇ. ئۆملۈكنىڭ، ھەمكارلىقنىڭ، يول قويۇشنىڭ نېمىلىكىنى چۈشۈنۈپ يېتىپتۇ. بىراق بىزنىڭ بالىلىرىمىزچۇ؟ ئۇلاردا ئەشۇ بالىلاردەك ھەمكارلىق ئۆملۈك، ئۆز كۈچىگە تايىنىش، ئائىلىسىگە كۆيۈنىش روھى يېتىلگەنمىدۇ؟ بىر ئانىنى ئېمىپ چوڭ بولغان ئىككى بالا بىر نىيەتتە ھەمكارلىشالارمۇ؟» دېگەن سوئال ئەگىيتتى.
قەدىرلىك ئاتا-ئانىلار، بىز ئەشۇ مەسۈمەلەرنى، قەلبى ئۆملۈك روھى بىلەن سۇغۇرۇلغان نارىسىدە بالىلىرىمىزنى، ئۇلارنىڭ جاپادىن قورقمايدىغان، رىقابەت ئىچىدە تاۋلىنىۋاتقان پاك روھىدىكى ئۇلۇغۋارلىقنى قوللاپ قويايلى، ئۇلارغا ئادەملەرنىڭ ئىللىق قەلبىنى يەتكۈزەيلى، بىر-ئىككى يۈەنلىك سودا قىلىپ بېرەيلى. بۇنىىڭلىق بىلەن بىز نامراتلىشىپ كەتمەيمىز!


2014-يىل 12-ئاينىڭ16-كۈنى


مەنبە: ئىجادىيىتىم

19

تېما

4

دوست

7423

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   48.46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2736
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1138
تۆھپە : 1495
توردىكى ۋاقتى: 184
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-9
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-16 12:20:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى توغرا ئېيتىسىز قېرىندىشىم ،دىمىسىمۇ بىزنىڭ بەزى پەرزەنتىلىرىمىز بەكلا ئەركە چوڭ بۇلۇۋاتىدۇ ،ئاتا ئانىغا كۈيۈنۈش ،ئۇلارنىڭ ھالىغا يىتىش ،سەمىمى مەسۇليتچانلىق قارىشى قەتئىلا يوق دىيەرلىك بولسا بالىلىرمىزنى كىچىكىدىن باشلاپ ،سەمىمى ،ئاق كۆڭۈل ،مەسئۇلياتچان قىلىپ تەربىيلەيلى ......
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

1168

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   16.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32505
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 366
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-16 12:30:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشې  بەك تېمابوپتو بۇنداق ېشلادا ھەمېمېزقېلېشېمېز كېرەك بېرە ېككېكوينې ارتۇق خەجلېگەنگە ھېچنېمېمېز كاملېمايدۇ بۇرادەرلەر

0

تېما

0

دوست

1168

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   16.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32505
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 366
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-16 13:26:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا بۇنداق ېشلادا ھەمېمېزنېڭ مەسۇلېيېتې بار بالېلارنې شۇنداق تەربېلېشېمېز   تېرېشچانمەسۇلېيەت تۇيغۇسنې يېتڭلدۇرشېېمېزكېرەك  

1

تېما

4

دوست

4435

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   81.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27945
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1442
توردىكى ۋاقتى: 195
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-16 14:09:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

0

تېما

1

دوست

3031

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   34.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21708
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 942
توردىكى ۋاقتى: 185
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-16 14:25:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس

ئەلقانات

2

تېما

18

دوست

8810

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   76.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10387
يازما سانى: 717
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 145
تۆھپە : 2596
توردىكى ۋاقتى: 1184
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-16 18:53:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راست بولغان ئىش ئوخشايدۇ دېسەم ئىجادىيەتكەن ئەمەسمۇ!

ئەلقانات

2

تېما

18

دوست

8810

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   76.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  10387
يازما سانى: 717
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 145
تۆھپە : 2596
توردىكى ۋاقتى: 1184
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-16 18:59:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
eliy0903 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-16 12:30
ياخشې  بەك تېمابوپتو بۇنداق ېشلادا ھەمېمېزقېلېشېمېز ك ...

ماۋۇ ئىنكاسىڭىزنى قايسى يېزىقتا يېزىۋاتىسىز؟ يېڭىدىن يەنە بىر خىل يېزىق«ئىجاد قىلىش»نى ئويلىشىۋاتامسىزيا؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )