بۇ يىل ئىيۇل ئايلىرىدا قومۇل شەھىرىنىڭ پىژ-پىژ قۇرغاق ئىسسىقىدىن پاناھ تارتىپ، شەھەردىن 40 نەچچە كىلومېتىر يىراق بولغان خىلۋەتتىكى جاڭنەندەك گۈزەل قالغايتى كەنتىگە چىققان ئىدىم. بۇ يۇرتنىڭ گۈزەللىكىنى ئاتاغلىق تەرجىمان، شائىر مەرھۇم ئابدۇكېرەم خوجايوف ئەپەندىم << قالغايتىلىققا تەقدىم >> ناملىق شئېرىدا تەسۋىرلەپ بولغان. مېنىڭ بۇ يۇرتنى يەنە ئانداق، مانا مانداق دەپ تەرىپلەپ ئولتۇرۇشۇمنىڭ ھاجىتى يوق. پۇرجى تەگكەنلەر كانىكىسىنى ھايداپ چىقىپ كۆرۈپ كەلسە بولىدۇ. ئەمدى بۇ قالغايتى، تاراتى قاتارلىق تىللاردا داستان پالۋانلارنى ئاپرىدە قىلغان يۇرتتا چىقسىڭىز بۇرۇنقىدەك تېنەپ قالمايسىز. چۈنكى قالغايتى يول ئېغزىدا يوغان بىر قورام تاشقا << قالغايتى>> دېگەن مۇبارەك نامنى مەڭگۈتاشتەك ئويىۋەتتۇق.
ئۇشبۇ تاش قالغايتىنىڭ كىرىش ئېغزىدا ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتەرگەندىن باشلاپ ساياھەتچىلەر ئازماستىن قالغايتىغا چىقالايدىغان ياخشى ھالەت شەكىللىنىپ، قالغايتىنىڭ جۈملىدىن شارلار تېغىنىڭ (غەربىتاغ يېزىسى) ساياھەتچىلىك ئىشلىرى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن بىر نەچچە بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ئەلۋەتتە، بۇ ئىشقا بىر قوللۇق كۈچ چىقارغان شۇ يىلغىسى قالغايتى كەنتىگە چىققان خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى بارلىق كادىرلارغا رەھمەت ئېيتىشىمىز كېرەك. تاشقا قالغايتى دېگەن خەتنى ئويىۋاتقىنىمىزدا تۆۋەنگە چۈشكەن كادىر ۋە يەرلىكتىكى پىشقەدەم كادىرلار بىلەن گۈدۈر-مۈدۈر پاراڭ سوقۇپ قالدۇق. بىر كۈنلۈك ئىش پائالىيەتلەرنى تاماملاپ، تاغ ئىچىدىكى بىر ئارامگاھقا قارنىمىزنى ئۇيلىغىلى چىققىنىمىزدىمۇ پاراڭ تېمىمىز، قانداق قىلىپ يۇرتىمىز خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ھەققىدە بولدى. ئارلىقتا قالغايتى كەنتىنىڭ يېشى 60 داۋاندىن داۋاپ قالغان پىشقەدەم سېكىرتارى سىدىق ئاكام مەركەز سىياسىتىنىڭ يىلدىن يىلغا ياخشى بولىۋاتقانلىقى، خەلق ئاممىسى ئىنتايىن ياخشى سىياسەتلەردىن بەھىرلىنىۋاتقانلىقى، شۇ ياخشى سىياسەتلەرنىڭ تۈرتكىسىدە كەنىتتىكى باي-نامراتلىق پەرقىنىڭ يۇقىلىۋاتقانلىقى، ھەر قاتلام خەلق ئاممىسىنىڭ مەركەز، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، شەھەرنىڭ خىزمەت، سىياسەتلىرىدىن ئىنتايىن رازى ئىكەنلىكىنى تارىخى مىساللارنى ئېلىپ تۇرۇپ بىزگە تەپسىلىي سۆزلەپ ئۆتتى. بىراق، بۇ پىشقەدەم تاغ ئوغلانىنىڭ كۆزلىرىدىن نە بىر خوشاللىق ۋە ھاياجاننىڭ ئوت-يېلىنلىرى بالقىمايتتى. مەن بۇ ھالەتكە بىردەم سونۇرقاپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن، ئاغا، كۆڭۈللىرىدە يەنىمۇ يېشىلمىگەن تۈگۈن-تۈگۈشلەر بارمۇ نىمە؟! رەڭگى رويىلىرى ھېچ بىر ئېچىلاي دىمەيدىغۇ؟ باشلىرىنى قېتىتىۋاتقان، يەنىمۇ ھەل بولمايۋاتقان مەسىلىلەر باردەك قىلىدۇ ھە؟ دەپ سوراپ قالدىم. ئۇ سىنچى كۆزلىرىنى يىراق قىرلارغا تاشلاپ تۇرۇپ، قاقاھلاپ كۈلىۋەتكەندىن كېيىن،- راس دەيسەن بوغۇم (ئۇكام)، ھەممە ئىشلانى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىپ بولدۇق، بىراق، ماڭا ھازىر كېرىكى 40 نەپەر قىز! شۇ 40 نەپەر قىزنىڭ قىيىنچىلىقى ھەل بولسا، پۇت-قولۇمنى ئۇزۇن سۇنۇپ، چاشما گۈللۈك تولۇق ياسۇقنى كاڭدا قىرلاپ خاتىرجەم يانپىشىمغا يېتىپ ھاردۇقۇمنى ئالاتتىمدە...دەپ جاۋاپ بەردى. مەن چۈشەنمەي سورۇدۇم، -نىمە قىلىسەن ئۇنداق جىق قىزبالىنى؟ سىدىق ئاغام، ئالدىغا سەل سۈرۈلۈپ كېلىپ، - بىزنىڭ تاغنىڭ قىزلىرى تۈزلەڭگە كۆچۈپ، شەھەرلىك ئويچىلارغا ئەرگە تېگىپ كەتتى. شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە كەنتىمىزدە 40 نەپەر بويتاق ئەركەك بار. ئالدىنىڭ يېشى 40 دىن داۋاپ بولدى، كەينىنىڭمۇ يېشى 30دىن ئاشتى. مانا مۇشۇ غەم يۈرۈكۈمدە مۇشتەك گادا بولۇپ تۇرۇپ قالغىلى ئۇزۇن يىللار بولدى. ئويلاپ باقە؟ ئۇلارمۇ ئادەم بالىسى، توي قىلىشى، ئەۋلاد قالدۇرۇشى كېرەك. لېكىنزە، تاغدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن قىزلىرىمىزمۇ ئۇلارنى مالچى، تاغچى، ئۆيى يوق، ماشىنىسى يوق دەپ ياراتماي باشقا يۇرتلارغا چىقىپ كېتىۋاتىدۇ. مېنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئارمانىم ئاشۇ بويتاقلارغا خوتۇن تېپىش، بولۇپ قېلىۋاتىدۇ مۇشۇ كۈنلەردە!...شۇنداق پاراڭلار بىلەن تاغنىڭ قارا كېچىسى ئۈستىمىزگىلا يوپۇرلۇپ چۈشتى. بىزمۇ قايتمىساق بولمايدۇ. يولدا كېتىۋېتىپ سىدىق ئاغامنىڭ ماڭا 40 نەپەر قىز كېرەك ! دېگەن نىداسى قۇلاق تۈۋۈمدە قايتا-قايتا جاراڭلىغىلى تۇردى، بۇ جاراڭلىق نىدا تاكى بۈگۈنگىچە ئۈزۈلۈپ قالمىدى. شۇنى نىدانىڭ تۈرتكىسىدە قومۇل تەۋەلىكىدىكى ھەر قايسى تاغلىق كەنت، يېزا، ئېچىش رايونلىرىدىكى تونۇشلۇرۇمدىن توش ئېلىپ باقتىم. ئەھۋال ھەقىقەتەنمۇ بىز ئويلىغاندىكىدىنمۇ ئېچىشنىلىق ئىكەن. تاغلىق كەنىتلا ئەمەس، شەھەر ئەتىراپىدىكى يېزىلارغىچە توي قىلالماسلىق ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىركەن. تېخى تويدىن كېيىن ئاجىرىشىش نىسپىتى كۈنسېرى ئارتقىلىۋېتىپتۇ.
ئىنسان ئۆز فىزئولوگىيىلىك خۇسۇسىيەتلىرىگە بىنائەن چوقۇم توي قىلىشى، ئەۋلاد قالدۇرشى كېرەك. توي قىلىشنىڭمۇ مۇۋاپىق دەۋىر، ياش مەزگىلى بولىدۇ. ئەمما، پۈتۈن دۇنيا بۇ تەڭپۇڭلۇقتىن ئايرىلىپ قېلىشقا باشلىدى. بالىلار مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، بىرەر يېرىم تال ناننىڭ پىشىگە چىڭ ئېسىلغۇچە يېشى 30 دىن ئېشىپ كەتكەن، ئۆي ئالارمۇ، ماشىنا ئالارمۇ، قىز مېلى پۇلىنى بۇلارمۇ؟ يېزا، كەنىتتىكى دېھقان، مالچىلارچۇ؟! ياش 30 دىن ئېشىپ توي قىلىش ئاساسەن بىرلىككە كەپ بولدى. يىمەك-ئىچمەك، مۇھىتنىڭ بۇلغۇنىشى، ياشنىڭ قىرانىدىن ئېشىپ كېتىشى، ئەخلاق بېغىنىڭ ئۈزۈلۈپ كېتىشى تويدىن كېيىن پەرزەنتلىك بولالماسلىق نىسپىتىنى ئاشۇرماقتا! بىچارە ئاتا-ئانىلارنىڭ كۈچى نىمىگە يەتسۇن؟!ئۇلارنىڭ دەردىگە كىم يېتەلەيدۇ؟!
يۇقىرىقى ئەندىشە بايانلىرىمنى بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا بىر ئاغىنەمگە دېسەم، ئۇمۇ سۆزلىرىمگە ئىشەنمەي ھاڭقىيىپ ئاغزىمغا قاراپ قالدى. بىردەم تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن، توۋۋا، بۇ دۇنيا نىمە بولۇپ كېتىۋاتىدۇ، ئاداش، ئالدىنقى كۈنى بىر سورۇنغا كىرسەم بىر يىگىت ئىنىم زارلاپ، 4 تۈمەن يۈەن تويلۇق سەۋەبىدىن 3 يىل ئىچقويۇن-تاشقويۇن بولۇشۇپ يۈرگەن قىز دوستىدىن ئايرىلىپ كېتىپتۇ. باھاسى چۈشىۋاتقان كىچىككىنە ئالتۇن يىگىنە، ئۈزۈكلەر ئۈچۈن مۇھەببەتتىن ۋاز كېچىدىغان، نىكاھ بوسۇغۇسىدىن يۈز ئۆتىدىغان ئىشلارغا ھەيران قالمىساقمۇ بولغۇدەك، بىز تەخىرسىز ئويلىشىدىغان مەسىلىلەر تېخى كەينىمىزدە ئىكەن جۇمۇ...دەپ قايناپ قالدى. ھەقىقەتەن شۇنداق. ئەگەر تاغدىكى ئاشۇ 40 نەپەر بويتاق ئەركەك شۇ پېتى ياشاپ كەتسە نىمە ئاقىۋەتلەر چىقىشى مۇمكىن؟! بۇ ھالەتنىڭ جەمئىيەت ئامانلىقى، ئەلنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن غايەت زور ئاپەت بولۇپ قېلىشى مۇقەررەر.
ئەي سۆيۈملۈك ئۇيغۇر قىزلىرى، ئۇيغۇرۇمنىڭ گۈزەل، پاك ھۆر-پەرىلىرى، سىلەرگە ئۇشبۇ گۈزەل ماكانلاردا پاك دىلى، پاك تېنى بىلەن ياشاپ كېلىۋاتقان مەردانە 40 يىگىتنىڭ نالىسىنى ئاڭلىتىشنى ئىستەپ ئۇشبۇ ئەرزىمەس يازمامنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن. خەلقىمىزنىڭ، مىللىتىمىزنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن، پاك سۆيگۈڭلارنى تىلداش، دىنداش، قەلىبداش، تەقدىرداش ئۇيغۇر يىگىتلىرىگە ئاتاڭلار. ئۇلارنى يالغۇز، يىگانە قويماڭلار! ئەي سالاپەتەتلىك، مەرد-مەردانە ئۇيغۇر يىگىتلىرى، قەھرى-غەزىپىڭلارنى، جاسارەت، غەيرىتىڭلارنى چىن يۈرۈكۈڭلەرگە سىرغىتىپ پاك مۇھەببەت ئوچاقلىرىدا تاۋلاپ، ھورۇنلۇق، بىخوتلۇقنى يىراققا تاشلاپ قەيسەرلىك بىلەن ئۆز قەلبىڭلاردىكى ئاتاش تۇيغۇلىرىڭلارنى سۆيۈملۈك ئۇيغۇر قىزلىرىغا ئىزھار قىلىڭلار، چىن سۆيگۈ ۋە ئىرادە، ئېتىقاد سىلەرنى مەڭگۈ جۆرسىز قالدۇرمايدۇ. دۇنيا مېھرى-مۇھەببەت بىلەن گۈزەلدۇر...
2014-يىلى12-ئاينىڭ16- كۈنى قومۇل
|