- تىزىملاتقان
- 2012-10-14
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-1-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1032
- نادىر
- 0
- يازما
- 60
ئۆسۈش
3.2%
|
قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم ، مەن سىلەر بىلەن بىر ئىشتا ئورتاقلاشماقچىمەن ھەم پىكرىڭلەرنى ئاڭلاپ باقماقچى !
مەن ئۆتكەن يىلى پوچتا بانكىسىدىن قەرز ئالغانغا قەرزكاپالەتچىسى贷款担保بولغان ئىدىم .قەرزنىڭ مۇددىتى توشۇپ قەرز ئالغۇچى قەرزنى قايتۇرالمىدى . ئەسلى قەرز ئالغۇچى مىنىڭ خىزمەتدىشىم ئىدى .ئۇ باشقا بىرىنىڭ يەر كىنىشكىسىنى رەنە قۇيۇش ئارقىلىق ، شۇ ئادەمنىڭ نامىدا قەرز ئېلىپ ، ئۆزىنى ھەم مىنى كاپالەتچى قىلىپ قەرز ئالغان ئىدى . خىزمەتدىش دوستۇم بۇ قەرزنىڭ ھەرئايلىق ئۈسۈمى ھەم يىل ئاخىرىدىكى قەرز پۇلىنى تۆلىمەكچى بولغان ئىدى . شۇنىڭ بىلەن يىل ئاخىرىدا باشقا بىر خىزمەتدىشىمنىڭمۇ بۇ خىزمەتداش دوستۇمغا كاپالەتچى بۇلۇپ قەرز ئېلىشقا ياردەملەشكەنلىكىنى ، يېرىم يىلدىن بۇيان قەرزنى قايتۇرمىغانلىقىنى ، پوچتا بانكىسىنىڭ ناھىيىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىدارىسى ۋە مائارىپ ئىدارىلىرى ئارقىلىق ، مەكتەپ مۇدىرلىرىنى تەنقىدلەپ ، قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرمىسا مەكتەپ ئارقىلىق كاپالەت بولغۇچىنى قەرز قايتۇرۇشقا قىستاپتۇ . مانا ئەمدى يىل ئاخىرىدا مەن ئارقىلىق ئالغان قەرزىنىمۇ تۆلىيەلمەي ، پوچتا بانكىسىنىڭ ئادەملىرى مىنىمۇ ئىزدەپ تېلېفۇن قىلىپ ، قەرزنى قەرز ئىگىسى قايتۇرمىدى ، سەن كاپالەتچى بولغاندىكى سەن قايتۇر دەپ سۈيلىدى . ھەمدە مەكتەپ مۇدىرىمىز ، ياچىيكا شۈجىيىمىزنى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلار ئارقىلىق تەنقىد قىلدى ھەم بىزنى سۈيلەپ بېرىشكە ئورۇنلاشتۇردى . شۇنىڭ بىلەن بىز قەرز ئېلىپ ئىشلىتىۋالغان خىزمەتدىشىمىزنى ئىزدىدۇق . بانكىدىكىلەرمۇ ئىزدىدى . ئۇلار ئەتە ، ئۆگۈن دەپ ھىيلىگەرلىك قىلىپ ، تا ھازىرغىچە بىر تەرەپ قىلمىدى .
مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ، بانكىنىڭ ئۇلارغا 2قېتىمدا ئالغان 10 تۈمەن پۇلنىڭ 3 تۈمەن پۇلىنى ھازىر تۆلەپ ، قالغان 7 تۈمەن پۇلنى كىلەر يىلى 3-ئايغىچە تۆلەپ بولسا بۇلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى كىلىشىمنامىگە ئىمزا قويدۇرماقچى بولدى . قانۇن ئورگانلىرىدىكى تۇنۇشلاردىن بىلىشىمىزچە ، بىز ئەمدى قول قويساق ، ئۇلار 3- ئايغىچە قەرزنى تۆلەپ بولمىسا ، بىزنى پوچتا بانكىسى قانۇنلۇق ھالدا ئىزدەپ ، مۇئاشىمىزدىن تۇتۇش ھوقوقى بۇلىدىكەن . شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇ كىلىشىمگە قول قويمىدۇق ، بىلىشىمىزچە ، ئۇ كىلىشىمگە بىز قول قويمىساق ، باشقا تۇنۇش بىلىشلىرىگە قول قويدۇرسىمۇ بۇلىدىكەن . بىزنىڭ ئەنسىرىگىنىمىز 6-ئايدا ۋاقتى توشقان پۇلنى 12-ئايغىچە تۆلىمىسە ، يەنە 3 ئاينىڭ ئىچىدە تۆلەپ بۇلالامدۇ ؟ يېرىم يىلنىڭ ياقى ئۇلار بىزنى ئاز ئاۋارە قىلمىدى . ئۇنى ئاز دەپ ناھىيىلىك يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام ئورۇنلىرى مەكتەپ مۇدىرلىرىمىزنى بەك ئاۋارە قىلىپ كەتتى . بىز دائىم قەرز ئالغۇچىنىڭ ئۈيىگە بېرىپ ، يېلىندۇق ، يالۋۇردۇق ، قىلمىغان ھىچبىر ئامالىمىز قالمىدى .
قانۇن ئورگانلىرىدا ئىشلەيدىغانلاردىن بىلىشىمىزچە ، پوچتا بانكىسىنىڭ بىزنى بىۋاستە ئىزدىشى خاتاكەن . قەرز ئالغۇچىنىڭ ئۆي كىنىشكىسىنى قانۇن ئارقىلىق باھالىتىپ ، سېتىپ ، 5 تۈمەن پۇلنى ئۈسۈملىرى بىلەن قايتۇرۇۋالغىلى بۇلىدىكەن . پوچتا بانكىسىنىڭ قانۇن ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىپ بولغىچە ئۇزاق ۋاقىت كىتىدۇ دەپ مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ بىزنى قىيناپ ، بىزنى خاتىرجەم خىزمەت قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ ھەم بىزنى روھى جەھەتتىن بەك ئازاپلاپ كەتتى . بىزنىڭ ئۇلارغا بەرگەن جاۋابىمىز ، قەرز ئىگىسى ئۆلسە بىزنى ئىزدەڭلەر ، بولمىسا بىز تۆلىمەيمىز ، سوتقا ئەرز قىلىڭلار ، سوتتا كۆرۈشەيلى ، دىدۇق .
ئۇلار ھەتتا بىزگە تەھتىد سېلىپ ، سىلەر تۆلىمىسەڭلەر مەيلى ، پۈتۈن مائارىپ سېستىمىسىنىڭ يىل ئاخىرىدىكى مۇكاپات مۇئاشىنى توڭلىتىۋاتىدۇ ، سىلەرنىڭ كاساپىتىڭلاردىن جىق ئادەم مۇئاشىنى ئالالمايدۇ دەپ بىزنى پاراكەندە قىلدى ، 13-ئايلىق مۇئاشىمىزنى بەرمەيۋاتىدۇ دەپ بەزى خىزمەتداشلىرىمىز توغرا چۈشەنمەي ، بىزگە تاپا تەنە قىلغانلارمۇ بولدى . ئىشقىلىپ ، بىز بەك چىدىماي قالدۇق . ھازىربانكا قەرز ئالغۇچىنى سۈيلىسە ، ئۇ مەن دىھقان ، پۇلنى خەجلىۋالغان ئادەمنى تۇتۇڭلار دەيدىكەن . پۇلنى خەجلىۋالغان ئادەم ئىزا تارتمايۋاتىدۇ . ئۇلار ئەمدى نەچچە كۈننىڭ ياقى ئۈيىنى ساتماقچى بۇلۇۋاتىدۇ ، ئۆيىنى قاچان ساتالايدۇ ، قەرزنى قاچان تۈگىتىدۇ ، بۇنىسى نامەلۇم . (پۇلنى خەجلىۋالغان خىزمەتدىشىمىز باشقا مەكتەپكە يۆتكىلىپ كەتكەن ئىدى . )
سىلەردىن سوراپ باقسام ، بانكىنىڭ مۇشۇنداق قىلغىنى توغرىمۇ ؟ بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك ؟
|
|