ئۇيغۇرلار كۆپرەك كىتاب ئۇقۇشى كىرەك
- بىر ياخشى كىتاب توختىماي ئىزدەنگۈچىلەر ئۈچۈن ئەڭ ياخشى مۇئەللىم. سىز بىر ياخشى كىتابنى ئۇقۇش ئارقىلىق, ئالىي بىلىم يۇرتلىردىمۇ ئىرىشەلمىگەن بىلىم زاپىسىغا ئىرىشەلىشىڭىز مۇمكىن. چۈنكى سىز مەكتەپ پۈتتۈرۈپ جەمىيەتكە قەدەم قويغاندىن كىيىن,مەكتەپتە نەچچە يىل ئۈگەنگەن بىلىملىرىڭىز بىلەنمۇ ھەل قىلىپ كىتەلمەيدىغان ئەمما چۇقۇم ھەل قىلمىسىڭىز بولمايدىغان ,نۇرغۇن ئىجتىمائى,ئىقتىسادى, سىياسى, كىشىلىك مۇناسىۋەت مەسىلىلىرگە يۇلۇقىشىڭىز مۇمكىن. جەمىيەتكە چىقىپ ئەمەلىي تۇرمۇشقا قەدەم قويغاندىن كىيىن , قەدەمدە بىر دۇچ كىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلسام بۇلار؟ بۇ زادى قانداق ئىشتۇ؟ دەپ گاڭگىراپ ئېغىر ئوي خىياللارغا چۈكىشىڭىز مۇمكىن. ھەتتا بەزى مەسىلىلەر سىزنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىڭىز بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بۇلىشى, بىراق بۇ ئۈزىڭىزنىڭ بىلىم سەۋىيسى ۋە ئىقتىدارىڭىز بىلەنمۇ ھەل قىلالمايدىغان بىر مەسىلە بۇلىشى مۇمكىن. ئەگەر مۇشۇنداق مەسىلىلەر يۈز بەرگەندە سىز بۇنى قانداق ھەل قىلدىڭىز؟ ئەلۋەتتە ئىنسان قانداق بىر قىيىنچىلىققا يۇلۇقسا ئالدى بىلەن پىكىر جەھەتتە ئورتاقلىشالايدىغان,ئۈزىگە كاۋاپمۇ~ زىخمۇ كۆيمەيدىغان توغرا يولنى كۆرسىتىپ بىرەلەيدىغان بىرسىنى ئويلايدۇ. بەلكىم سىز بۇنداق چاغدا چوڭلاردىن ياكى ئاتا~ئانىڭىزدىن مەسلىھەت ئېلىشنى ئويلاسىز. لىكىن بەزىدە ئۇلار بىلەن ئاراڭلاردىكى ياش پەرقى ۋە زامان پەرقى بولغانلىقى ئۈچۈن,ئۇلارغا ئويلىغانلىرڭىزنى چۈشەندۈرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن. ئۇلار ياشقا چوڭ,كۆرگەنلىرى كۆپ بولغىنى بىلەن ئۇلارنىڭ كۆرگەن بىلگەنلىرنىڭ سىزنىڭ ھازىرقى مەسىلىڭىزگە ياردىمى تىگەمدۇ يوق بىر نىمە دىمەك تەس. سىز بەلكىم سىرداش دوستىڭىزنى ئىزدەرسىز. ئۇ سىز بىلەن سىردىشىپ يۈرەك سۈزلىرىڭىزنى ئاڭلايدۇ,ئۇ سىز بىلەن زامانداش دەردىڭىزنى چۈشىنىدۇ,ئەمما ئۈزىمۇ سىز بىلەن تەڭتۇش ,كۆرگەن بىلگەنلىرى,تەجرىبىلىرى سىزنىڭكىدىن كۆپ پەرىقلىنىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن ئۇمۇ سىزنىڭ دۇچ كىلىۋاتقان قىيىنچىلىقىڭىزغا ئەمەلىي ياردەم بىرەلىشى ناتايىن. ئۇنداقتا قانداق قىلىش كىرەك؟ بۇ مەسىلىڭىزگە كۈڭۈلدىكىدەك,قايىل قىلارلىق جاۋاب بىرىپ,سىزنى توغرا يولدىن چەتنىمىگەن ئاساستا, بۇ توسالغۇدىن بىخەتەر ئۈتىشىڭىزگە ياردەم بىرىدىغان دانا بىرەسى نەدە؟ سىز شۇنداق دانا,تەدبىرلىك بىرسىنى ئىزدەمسىز ياكى بۇ يۈكنى يۈدۈپ يۈرىۋېرەمسىز……؟ مىنىڭچە كىشىلەرنىڭ ھاياتنى قىزغىن سۆيگەن ,تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆككىنى,بۇنداق مەسىلىلەرگە بالدۇر دۇچ كىلىدۇ,دىمەك ئۇلار مەسىلىنى بالدۇر بايقايدۇ. مەسىلىنى بالدۇر بايقىغانلار:~كىشىلەرنىڭ ئاقىلى. ئەمما مەسىلىنى بايقاپ ئۇنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تاپقانلار:~كىشىلەرنىڭ《ئەڭ ئاقىلى》ھىسابلىنىدۇ. ئۇنداقتا بىز ئەسلى مەخسەتكە كىلەيلى. سىز خىزمەتتە,تۇرمۇشتا,تىجارەتتە,كەسىپتە,ئۈزىڭىزدە ۋە ئەتراپىمىزدا نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى بايقىدىڭىز. ئەمما ئۈزىڭىز بەزىلىرنى ھەل قىلالىسىڭىزمۇ بەزىلىرنى ھەل قىلالمىدىڭىز. ئۇنداقتا زادى قانداق قىلىش كىرەك؟ سىز ئارزۇ-ئارمانلىرڭىز, كەلگۈسىدىكى پىلانلىرىڭىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىگە يۇلۇقۇپ يۇقۇردا ئېيتىلغاندەك ھەل قىلالمىغان چاغدا,سىز ئۇستاز دەپ تىلغا ئالغۇدەك بىلىم ۋە ھۆرمەتتە چوڭ,دوستىڭىزدەك سىرداش,قەلىپداش,ئاتا~ئانىڭىزدەك خالىس سىزنى قوللايدىغان,كۈيىنىدىغان, كۆپنى كۆرگەن,تەجرىبىلىك,ئونۋېرسال ساپاسى يۇقىرى,ئاللىبۇرۇن ئۇتۇق قازانغان,سىزگىمۇ ئۇتۇق قازىنىشنىڭ,پىلانىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ يۇلىنى كۆرسىتىپ بىرەلەيدىغان,بىر كىشىنىڭ يېنىڭىزدا بۇلىشىنى ئۈمۈت قىلامسىز؟ ئەگەر ئەتراپىڭىزدا شۇنداق بىرسى بۇلۇپ,ھەمسۆھبەت بۇلۇشقا نائىل بۇلالىسىڭىزغۇ تەلىيىڭىز, بەلكىم مەسىلىڭىز ھەل بۇلۇپ كىتەر. ئەگەر ئۇنداق بولمىسىچۇ……؟ ئۇنداقتا قانداق قىلىش كىرەك؟ سىزگە ھەم ئۇستاز,ھەم دوس,ھەم ئاتا-ئانا ھەم قېرىنداشلىق رولىنى ئۈتىيەلەيدىغان كىشى بارمۇ؟ بار, ئەمما ساناقلىقلا. ئەمما مەسىلىلەر, ھەل قىلالمايۋاتقانلار ساناقسىز. بۇ ساناقلىق كىشىلەر ھەممە ئادەمنىڭ مەسىلىلىرگە مەسلىھەت بىرىپ, يول كۆرسىتىپ بۇلالمايدۇ. لىكىن مانا مۇشۇنداق ئالىم~ئۆلىمالىرمىزنىڭ,دوكتۇر,پىراففىسور,ئۇقۇتقۇچى,يازغۇچىلىرمىزنىڭ,مەكتەپ ھاياتىدىن,تۇرمۇش سىناقلىردىن,جەمىيەت ھادىسلىردىن,چەتئەللەردە كۆرگەن بىلگەنلىردىن,ئەمەلىي باشتىن كەچۈرۈپ يەكۈنلىگەن , بىر قەدەر پىششىقلاپ ئىشلەنگەن تەجرىبە خۇلاسىلىرى, ئۈزلىرنىڭ بۇ مەسىلىلە ھەققىدىكى ئىلمى كۆز قاراش, مۇلاھىزىلىرى,قايسى زامان, ماكاندا قانداق مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەنلىكى,ئۇنى قانداق ھەل قىلغانلىقى,ياكى قانداق ھەل قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر-تەكلىپلىرى سىڭدۈرۈلگەن,ئېسىل كىتابلىرى بار. مانا بۇ ئونۋېرسال ساپالىق يازغۇچى ئالىملىرمىز يېزىپ قالدۇرغان كىتابلاردا, ھەر قايسىسى ئۆز ئالدىغا ھەر قايسى رايۇن ۋە خەلىقلەرنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشى,ياشاش ئىقتىدارى,دۇچ كەلگەن مەسىلىلىرى ۋە مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى ئۇسۇلى ھەققىدە, روشەن سېلىشتۇرمىلارنى كۆرسىتىپ بەرگەن. شۇڭا بۇنداق كىتابلاردا پايدىلنىش قىممىتىگە ئىگە بىلىملەر ئىنتايىن كۆپ. بۇنداق ئەمەلىي پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە,مەسىلىمىزنى ھەل قىلىشقا ياردىمى تىگىدىغان,كۆڭلىڭىزدە ئويلىسىڭىزمۇ ئېغىزىڭىزدىن چىقىرالمايۋاتقان سۇئاللىرڭىزغا جاۋاب تېپىپ بىرىدىغان ياخشى كىتابلاركىتابخانىدا كۆپ. شۇنداق تۇرسا داۋاملىق كىتاب ئۇقۇپ تۇرماسلىققا يەنە باھانىڭىز بارمۇ؟ بۇنىڭغا كۆڭلىڭىز ئۇنامدۇ؟ سىز يەنىلا كىتاب ئۇقۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرمەي,ئايىغى چىقماس تېلۋىزىيە فىلىملىرنى كۈرۈش ,تورغا چىقىپ بىر ئىككى تال پايدىلىق ئۇچۇرلارغا قۇشۇپ,بىرتالاي ئەخلەت ئۇچۇرلارنى كۈرۈش بىلەن ياكى ھېچقانداق ئەھمىيتى يوق چاي,يەپ ئىچىش,ئولتۇرۇش سورۇنلىرى بىلەن بوش ۋاختىڭىزنى,زىھنىڭىزنى ئۇپراتماقچىمۇ……؟ بۈگۈنكى كۈندە بىر مىللەتنىڭ ئونۋېرسال ساپاسىنىڭ يۇقىرى تۈۋەنلىكى , شۇ مىللەتنىڭ كىتاب ئۇقۇيدىغان كىشىلىرنىڭ ئاز كۆپلىكى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. كىتاب:- بىلىم بۇلىقى. بىر ياخشى كىتاب:- بىر ياخشى مۇئەللىم. بىر ياخشى كىتاب:- بىر ئالەم. بىر ياخشى كىتاب:- بىر ياخشى دوختۇر. شۇڭا ھەممىمىز 2015-يىلىنى 《ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب ئۇقۇش يىلى》قىلايلى! ھەممىمىز كىتاب ئۇقۇيلى! كىتاب ئۇقۇش ئادىتىنى يىتىلدۈرەيلى! ياخشى كىتابلارنى ئۇقۇش ئارقىلىق ,تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ قەلىب كۆزى ئېچىلسۇن!نۇرلانسۇن! كۆزلىرىمىز تېخىمۇ يىراقنى كۆرەلەيدىغان بولسۇن……!
|