قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2395|ئىنكاس: 60

تۇنيۇقۇق: تەنقىدچىلىك كوچىسىدا ئەقلىدىن ئازغانلارغا تەنقىد

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

1

دوست

949

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   89.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20485
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 34
تۆھپە : 308
توردىكى ۋاقتى: 58
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-17 16:54:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەنقىدچىلىك كوچىسىدا ئەقلىدىن ئازغانلارغا تەنقىد
تۇنيۇقۇق

   


    ئەقىللىق ئادەم ئۆزىنى قوغلىشىدىغان يەنە بىرئادەمگە مۇنداق دەپتۇ: «ناۋادا ماڭا قارىتا قانداق نارازىلىقىڭ بولسا، بىز شەھەرگەكىرىشتىن بۇرۇن ئېيىتقىن، بولمىسا باشقىلار ئاڭلاپ قالىدۇ، ئاندىن ئۇلار ساڭاھۇجۇم قىلىدۇ»
                                           ـــــــــ مىسىر ئەقلىيەسى

   « مەشھۇرلۇق پەقەت كوللىكتىپقىلا تەۋە ھوقۇق. بۇسۆزنى ئىشلىتىش ۋە ئىشلەتمەسلىك ھوقۇقى پەقەت كوللىكتىپقىلا مەنسۇپ . مۇبادا بىرئادەم ئىككىنچى بىر ئادەمگە :‹سەن مەشھۇر ئەمەس ›دىگەن بولسا، ئىككىنچى ئادەم :‹ئۇنداقتا، سەن مەشھۇرمۇ؟› دەپ سۇئال قويىشى تەبىئىي. »
                                              ــــــــــ خاتىرەمدىن
     

    مۇنبەردىن  شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەرنىڭ چەت ئەلدە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان دوكتور ھاجى ئۆمەر رەھىم ئوغلاننىڭ دىيارىمىزغا قىسقا مۇددەتلىك دەم ئېلىشقا كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ بىلەن دىدارلاشقانلىقىنى. بۇ جەرياندا ئۇلارنىڭ دىيارىمىزدا سەلدەك يامراۋاتقان مەشھۇرسىراش ۋە ئاتالمىش مەشھۇرلۇق قالپىقى كىيىش مەسلىلىرى توغرىسىدا تەييارلىغان سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ بېشىنى  ئوقۇپ ئەجەبا، دىيارىمىزدا ھازىر دىيارىمىزدامەشھۇرسىراش ۋە ئاتالمىش مەشھۇرلۇق قالپىقى كىيىش مەسلىلىرى خۇددى سەلگە ئوخشاش يامراپ كەتكەنمىدۇ ؟ چەتئەلدە ئۇزۇن مۇددەت ئىلىم تەھسىل قىلغان دوكتۇرنىڭ  ۋەتەنگە كىلىپلا مۇشۇ مەسىلىلەر توغرۇلۇق توختالغىنىدىن قارىغاندا، ئاشۇ مەسىلىلەرنىڭ (يەنى لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەرنىڭ مەسىلىلىرى)تەسىرى شۇنچە  ئېغىرمىدۇ ؟ دېگەندەك سۇئاللارنىڭ قىزىقتۇرىشى بىلەن داۋامىنى ئوقۇپ باقايچۇ ،  مۇشۇنىڭغا قارىغاندا بۇ كىشى ئۆزى ئوتتۇرىغاقويغان  بۇ مەسىلەرنىڭ سەۋەب- نەتىجىلىك مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئەتراپلىق ئىزدىنىپ كىشىنى قايىل قىلارلىق جاۋابلار بىلەن تەمىن ئەتسە ئەجەپ ئەمەس دېگەن ئۈمىدتە سۆھبەت خاتىرىسىنى ئوقۇپ چىقتىم.ئوقۇپ بولۇپ بىردىنلا خىيالىمغا تولۇقسىزدا خەنزۇتىلى دەرىسلىكىدە ئوقۇغان خەنزۇلارنىڭ «ئۆز-ئارا زىت 自相矛盾»دېگەن مەسىلى يادىمغا كېلىپ قېلىپ، بىر تەرەپتىن ئۆز –ئۆزۈمدىن كۈلگۈم كەلسە، بىرتەرەپتىن بۇ ئىش كاللامدىن  نۇرغۇن سۇئاللار كەچتى.
     سۆھبەت مەزمۇنى ۋە بۇ تېما ئاستىغا چۈشكەش ئىنكاسلاردىن  بۇ سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ مەلۇم مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى مەسىلە ئۈستىگە مەسىلە پەيدا قىلىش،ئوقۇغانلارنى قايمۇقتۇرۇش مەقسىتىدە  ئوتتۇرىغا قويۇلغان چىقىپ تۇرىدۇ . ( بەلكىم،ئۇلار ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئويلىمىغاندۇ. ئىنشائاللا) . چۈنكى، سۆھبەتنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنىدىن دىيارىمىزدا بىرقىسىم كىشىلەرنىڭ مەشھۇرلۇق تالىشىپ تەرەپ- تەرەپتەلېكسىيە سۆزلەپ خەلقنى ئالداۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت ئىجتىمائىي ھادىسىنىڭ سەلبى تەرىپىنى كۆرسىتىشتىن ئىبارەت ئېدىيەنىڭ كەينىگە يۇشۇرۇنغان مەشھۇرلار بىلەن مەشھۇر ئەمەسلەرنى ئايرىپ چىقىشقا ئۇرۇنۇشتىن  ئىبارەت ئىدىيەمۇ سىڭدۈرۈلگەنلىكى بىلەن تۇلىمۇمەسئۇلىيەتسىزلىك ۋە قىززىق قانلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.
     سەۋەبى شۇكى، يازما بېشىدا ھاجى ئۆمەر رەھىم ئوغلاننىڭ تەتقىقات بىلەن شۇغىللىنىش جەريانىدا، دىيارىمىزنىڭ ئىلىم ساھەسىدىكى قىسمەن بىنورماللىقلارنى تور ۋە ئۈندىداردىن كۆرۈپ ئەپسۇسلانغانلىقى سەۋەبىدىن بۇ سۆھبەتنى ئېلىپ بارغانلىقى يېزىلغان.
    ئەمما، مەيلى ھەقىقى ئەھۋالنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىنەزەر بۇ دوكتۇر ھەرقانداق بىر پىكىر بايان قىلىشتا ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىشنىڭ، بولۇپمۇ نازۇك مەسىلىلەرگە تاقىلىدىغان ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىر بايان قىلغاندا، مەۋھۇم دۇنيا ھېسابلانغان تورۋە ئۇندىدارلاردىكى ئۇچۇر ۋە ئىنكاسلاردىن پايدىلىنىپلا نۆۋەتتىكى ئەھۋاللارغاباھا بىرىشنىڭ مۇۋاپىق ياكى مۇۋاپىق بولمايدىغانلىقى، ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنىڭ  تولۇق ماھىيتىنى ئېچىپ بىرەلەيدىغان ئەمەلىي تۇرمۇشنى كۆزىتىش ئارقىلىق ئەستايىدىل ئويلىنىپ بېقىپ پىكىرقىلىشنىڭ زۈرۈرىيتىنى ھېس قىلىشى كېرەك ئىدى .  شۇڭا بۇ يەردە ئىلمىي تەتقىقاتچىلاردا بولۇشقاتىگىشلىك روھ جارى قىلدۇرالمايلا قالماستىن ئۆزىدىكى بىتەرەپلىمە قاراشنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالغانلىقىدەك ئاجىزلىقىنى ئاشكارىلاپ قويغان. .
   بىز بۇ يەردە ئالدى بىلەن  يازما ئاپتۇرلىرىنىڭ كۆز قارىشىنىڭ توغرا-خاتالىقى ئۈستىدە ئەمەس، ئۇلار تىلغا ئالغان لېكسىيە قىزغىنلىقى دېگەن ھادىسەھەققىدە ئويلىنىپ بېقىشىمىز زۈرۈردەك قىلىدۇ.
ئۇنداقتا، نۆۋەتتە ئۇيغۇر جەمئىيتىدە لېكسىيەقىزغىنلىقىنى  قانداق ھادىسە؟
1.نۆۋەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىدىكى لېكسىيە قىزغىنلىقى ئۇنىڭ مۇئەييەن تارىخى،پىسخىك  ئاساسى بولغانلىقدا.
    مەن تۇغۇلۇپ ئەقلىمگە كەلسەم ، مەھەللىمىزدە ياكى يېقىن كەنتلىرىمىزدە مېيىت نامىزى ئوقۇلغاندا ،  ياكى ئازنە كۈنلىرى جۇمە نامىزىنىڭ ئالدىدا مۇددەرىس ئاخۇنۇملارنىڭ قىلغان  تەبلىغلىرى مەھەللىلىمىزدىكىلەرنىڭ، جۈملىدىن، بىزنىڭمۇ كۈندىلىك ھەرىكىتىمىزگە يىتەكچىلىكقىلىپ كەپتىكەن. ھازىر ئويلىسام مۇددەرىس ئاخۇنۇملارنىڭ شۇ تەبلىغلىرىنى   لېكسىيە دەپ قارىساق بولىدىكەن.شۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇر جەمئىيتىنىڭ تارىخي تەرەققىياتى ۋە مەجۇتلىقىدا شۇ خىلىكسىيەلەرنىڭ  رولىنىمۇ سەل چاغلاشقابولمايدىكەن.  چۈنكى، ئەينى دەۋىرلەردەشارائىتنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن ساۋاتلىق بولىدىغانلار ئاز، ئەڭ مۇھىمى مەتبۇئات ئىشلىرى تەرەققىي قىلمىغان، قاتناش قالاق ھالەتتە بولغاچقا بىلىم ۋە يىڭىلىقنىڭ تارقىلىشى ئېغىزغا بەكرەك مەركەزلىشىپ، ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئادەملەرلا كىتابى يبىلىم بىلەن ئۇچرىشىشى پۇرسىتىگە ئىگە بولغان بولسا، ئۇنىڭدىن سەل كۆپرەك ئادەملەر«قۇلاق موللىسى» دەپ ئاتىلىپ، ئۆزى ئاڭلىغانلىرىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگەئاڭلاتقۇزۇپ كەلگەن. بۇ خىل ھادىسە بەلكىم بىزدىكى ئوقۇپ ئىزدىنىشكە قارىغاندا،ئاڭلاپ بىلىۋېلىشكە  بەكرەك مايىل بولۇشتەك ئورتاق پىسخىكىنىڭ  شەكىللىنىپ قېلىشىغاسەۋەپچى بولغان بولۇشى مۇمكىن. مۇشۇنىڭغا قارىغاندا  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاۋازلىق ئەسەرلەرنىڭ بازار تېپىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس. ( گەرچە نۇرغۇن ئاۋازلىق ئەسەرلەرنىڭ يازمانۇسخىسى بولسىمۇ )   
2. ئۇيغۇر جەمئىيىدىكى لېكسىيە قىزغىنلىقى رايۇنىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئىجتىمائىي ئەھۋالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
      ①يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئىگىلىك تىكلەش يوللىرىنىڭ كېڭىيىشىشى ،شىركەت ۋەكارخانىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئىگىلىك تىكلەش ۋە كارخانا مەدەنىيتىى بەرپاقىلىشقا بولغان زۈرۈرىيەت شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان لىكسەيەلەرنىڭ كۈپىيىشىگەسەۋەب بولغان بىر ئامىل بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، بىزنىڭ كۆپ قىسىم غۇجايىنلىرىمىزگەرچە يىتەرلىك ئىقتىساد بىلەن ئىش باشلىغان بولسىمۇ ،لېكىن ئالدىنقىلارنىڭ تەجرىبىسى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا،شىركەت ۋە كارخانا باشقۇرۇشقامۇناسىۋەتلىك  يىتەرلىك بىلىم جۇغلانمسى بولمىغان ئەھۋالدا ئىش باشلىغاندىن كېيىن، كەينى-كەينىدىن كېلىۋاتقان مەسىلىلەرئۇلارنى شۇ مەسىلىلەرنى تىزلىكتە ھەل قىلىدىغان، دەرھال ئۈنۈم بېرىدىغان دورىغابولغان ئېھتىياجنى كۈچەيتىۋەتكەن. مۇنتىزىم تەربىيەلىنەي دېسە، قەيەردىن باشلاشنى بىلمىگەن. مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئۇلار لىكسىيە ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشنى ئاقىلانىلىك دەپ ھېسابلىغان.
     يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان رايۇنىمىزدا يۈز بەرگەن، بولۇپمۇ مۇشۇ بىرئىككى يىلدا يۈزبىرىۋاتقان جەمئىيەت ئامانلىقىغا ۋە ئىدىلوگىيەگە   مۇناسىۋەتلىك بولغان ۋەقەلەر ھەرساھە، ھەرخىل قاتلامدىكى كىشىلەرگە ئۆزىگە يارىشا سۇئاللارنى تاشلىدى.بۇ ۋەقەلەر زىيالىيلارغا زىيالىيغا خاس، تىجارەتچىلەرگە  تىجارەتچىگەخاس، دېھقانغا  دېھقانغا خاس سۇئاللارنى قويدى. مۇنداقچە ئېيىتقاندا،ھەركىم ئۆزىنىڭ ئىدىيسى ۋە كۆز قارىشى  ھەققىدە تېڭىرقاپ قالغاندەك تۇيغۇ بىلەن باشقىلارنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىغا قىزىقىش شەكىللەندى. بۇنىڭ بىلەن بىللە ھەردەرجىلىك ئورۇنلار تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان لىكسىيەلەر قوشۇلۇپ لىكسىيە قىزغىنلىقىنى پەيدا قىلدى.  
3. نۆۋەتتىكى لېكسىيە قىزغىنلىقى ئۇيغۇر جەمئىيتىگىلاخاس بولغان ئەھۋال بولماستىن دۇنياۋىي ھادىسە ،شۇنداقلا مەدەنىيلىككە يۈلەنگەن دۆلەت ۋە رايۇنلاردىكى ئىلمىي مۇھىتنىڭ قۇيۇقلىقىنىڭ ئىپادىسى .
     لېكسىيە قىزغىنلىقى ھازىرقى جەمئىيەتتىلا ئەمەس،قەدىمدىن تارتىپ ، رايۇنىمىزدىلا ئەمەس، دۆلىتىمىز ۋە چەتئەللەردە بىر جەمئىيەت ياكى بىر دۆلەتنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن. نۆۋەتتەدۆلىتىمىزنىڭ ئىچكىرىدىكى تەرەققىي قىلىغان رايۇنلاردىكى، چەتئەللەردىكى لېكسىيەقىزغىنلىقى بۇنىڭ دەلىلى. شۇڭا دۆلەت ئىچى چەتئەللەردە ئومۇملاشقان بۇقىزغىنلىقنىڭ دىيارىمىزغا تەسىر كۆرسىتىشىمۇ ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس.
    شۇڭا، يۇقىرقى ئەھۋاللارنى نۆۋەتتە  ئۇيغۇر جەمئىيتىدىكى لېكسىيە قىزغىنلىقىنى بارلىققاكەلتۈرگەن ئۇبىكتىپ سەۋەب دەپ چۈشىنىشكە بۇلىدۇ.
ئەمدى،يازما ئاپتۇرلىرى تىلغا ئالغان سەلدەك يامراۋاتقان مەشھۇرسىراش ۋە ئاتالمىش مەشھۇرلۇق قالپىقى كىيىشمەسلىلىرى ھەقىقەتەنمۇ   ئۇيغۇرجەمئىيتىدىكى كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان بىر رېئاللىق. بولۇپمۇ مەشھۇرسىراش مەسىلىسى نۆۋەتتىكى مەسىلە بولۇپلاقالماسىتىن تارىختىن بۇيان ئۇيغۇر جەمئىيتىنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن،ھەمدە بارغانسىرى كېڭىيىپ كىلىۋاتقان بوشلۇق سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ مۇھىملىقىنى تېخىمۇھېس قىلدۇرماقتا. بىز مەشھۇرلارغا قانچە مۇھتاج بولغانلىقىمىزنى سەزگەنسىرى،مەشھۇرلار شۇنچە يىتەرسىز بولىۋاتىدۇ .ئەلۋەتتە، بۇنىڭ سەۋەبلىرى خىلمۇ-خىل .مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئەڭ قىزىقارلىق سەۋەب  بولغىنى  بىزنىڭ مەشھۇرلۇققا بولغان تەلەپ ۋە ئارزۇيىمىز شۇنچە كۈچىيىپ،شۇنچەكۆپ خىللىشىپ كەتتى . ھەتتا، بىزنىڭ مەشھۇرلاردىن كۈتكەن تەلەپ ۋە ئارزۇيىمىز ئاشۇمەشھۇرلىرىمىزنىڭ  ئىقتىدارى ۋەشارائىتىدىن ھالقىپمۇ چىقىپ  كەتتى. بەزىدەبىز ئۇلارنى بىر تەبىئىي ئادەم ئەمەس، بەلكى تەبىئىيلىكتىن ھالقىغان ھالەتتەتەسەۋۋۇر قىلىدۇق . بۇنىڭ نەتىجىسىدە ،كىمنىڭ ھەقىقى مەشھۇر، كىمنىڭ ساختا مەشھۇرئىكەنلىكىنى ھېچكىم ئاڭقىرالماس دەرىجىگە بېرىپ قالغاندەك ،نەتىجىدە تالىشىپ زىددىيەتلىشىپمۇ كەتتۇق. بۇنىڭغا نىسبەتەن نۇرغۇن مەشھۇرلىرىمىز پەرۋا قىلماي،ئۆزىنىڭ يولىنى داۋاملاشتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئاشۇنداق زىددىيەتلەرنىڭ قۇربانىغائايلىنىپ كەتكەنلەرمۇ يوق ئەمەس، ئەلۋەتتە. سۆھبەت مەزمۇنىدىن بىلىنىپ تۇرۇپتۇكى بۇ يەردە دوكتۇر ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا خۇددى ئارىمىزدىن كىمنىڭ مەشھۇر، كىمنىڭ مەشھۇر ئەمەسلىكىنى ئايرىپ بىرەلەيدىغان « ئالاھىدە بىر مەشھۇر » سۈپىتىدەئوتتۇرىغا چىقىپ ئۆزىنى بازارغا سېلىۋاتقاندەك بولۇپ قالغان .
      چۈنكى، مەشھۇرلۇقنىڭ سۈپىتى نېمە؟ قانداق كىشىلەر مەشھۇرلۇقنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالالايدۇ ؟ دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەر ھەرگىزمۇ مەلۇم ساندىكى شەخىسلەرنىڭ ئىتىراپ قىلىشى ياكى رەت قىلىشىغامۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي ئالدى بىلەن شۇ شەخىس تەۋە كوللىكتىپقا، ئاندىن كېيىن  ماكان ۋە زامانغا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. شۇنداق بولغاچقا يازما ئاپتۇرلىرى تىلغا ئالغان ئاتالمىش مەشھۇرلۇق قالپىقى كىيىش ئۈچۈن لېكسىيە سۆزلەۋاتقانلارغا مەشھۇرلۇق قاپىقىنى كىيگۈزۈش ياكى كىيگۈزمەسلىك ئۇلارنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش ئەمەس، بەلكى خەلقنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش.مۇبادا خەلق كەيگۈزىشنى خالىسا كەيگۈزىدۇ،خالىمىسا مىڭ يىللاپ سۆزلىسىمۇ كەيگۈزمەيدۇ.كىم بىلىدۇ ؟ يازما ئىگىلىرى مەشھۇر ئەمەس دەپ قارىغانلارنى خەلق مەشھۇر دەپ قارىشى مۇمكىن. ئەكسىنچە، يازما ئىگىلىرى مەشھۇر دەپ قارىغانلارنى بولسا خەلق مەشھۇر ئەمەس دەپ قارىشى مۇمكىن.
    ئۇندىن باشقا سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرى   دوكتۇرنىڭ ئېغىر لوگىكىلىق پىكىرلىرى بىلەن تۇشۇپ كەتكەن بولۇپ، ئوقۇغانسىرى ئۇ كىشىنىڭ دوكتۇرلىقىغا قارىتا گۇمان تۇغۇلىدۇ .
    ئۇ ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ دىيارىمىزدىكى لېكسىيە قىزغىنلىقىنى ئۆزى بىۋاستە بېشىدىن كەچۈرمىگەن ئەھۋالداپەقەت ئۇندىدارلاردىن پايدىلىنىپ ئېرىشكەن ئۇچۇرلار ئاساسىدا ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، ئۆزى تىلغا ئالغان قىسمەن ئاتالمىش مەشھۇرلارنىڭ دەبدەبىلىك سۆزلەر بىلەن ئۆزلىرىنى ماختاپ شەھەر-شەھەرلەردە لېكسىيەلەرنى ئورۇنلاشتۇرىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى ئېلانلارنى كۆرگەنلىكىنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ ئۆزىنى ماختىغانلىقىغىنى ئەيىپلەپ تۇرۇپ، ئۆزىمۇ بىلىپ-بىلمەي سۆھبەت بېشىدا ئۆزىنى ماختاشتىن ساقلىنالمىغان . ھەمدە مۇشۇ ئارقىلىق ئۆز كۆز قارىشىنىڭ نۇپۇزىنى ئۆستۈرمەكچى بولغان. بۇ ماھىيەتتە، مەشھۇرلۇق تالاشقانلىق بولماي نېمە؟
       بۇ يەردە بۇ دوكتۇرنىڭ ئۆزىنىڭ گىپىنى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بىرىشلا كۇپايە. ئۇ دەيدۇكى:« ئەتىر چاچقان ئادەم، مەن ئەتىر چاچتىم دېمىسىمۇ، ئۇنىڭ ھىدى باشقىلارغا پۇرايدۇ، ئىلىم تەھسىل قىلىپ نەتىجەقازانغان ئادەم، ئۆزىنى باشقىلار ئالدىدار سۆزلەپ نامايەن قىلمىسىمۇ، ئۇنىڭ قىلغان سۆزى  ھامىنى بىر كۈنى نامايەن بولۇپ، يا كىشىلەرنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشىدۇ. يا كىشىلەرنىڭ رەددىيسىگە ئۇچرايدۇ.»
     ئارقىدىنلا يەنە :«قارىغۇلارچە مەشھۇرلۇق قوغلىشۋاتقان، ساختا نام – شۆھرەتكەبېرىلىۋاتقان، ئىلىمگە ساختىلىق ئىشلىتىۋاتقان ئاشۇ بىچارىلەرنىڭ تەقدىرىگەھېسداشلىق قىلدىم.» دەپ لېكسىيە سۆزلىگەنلەرنى ( گەرچە قىسمەن دېگەن بولسىمۇ،ئەمەلىيەتتە بۇ قىسمەنلىكنىڭ دائىرىسى ۋە ئالاھىدىلىكى تىلغا ئېلىنمىغان ئىكەن .بۇكۆپ قىسىمنى كۆرسىتىدۇ) قارا- قۇيۇق قارىغۇلارچە مەشھۇرلۇق قوغلىشىۋاتقان ،ئىلىمگە ساختىلىق قىلغانلار، ساختا نام شۆھرەتكە بېرىلىۋاتقانلار قاتارىغا چىقىرىپ تاشلىغان .ئەمما ئۆز ھۆكۈمىگە قارىتا كونكىرىت دەلىل ئىسپات كۆرسىتەلمەيدۇ.
     توغرا، يېقىندىن بۇيان ھەرخىل تېمىلاردا، ھەرخىل كىشىلەرنىڭ لېكسىيە سۆزلەۋاتقانلىقى راست. بۇ جەرياندا دوكتۇرئەپەندى تىلغا ئالغان بىرقىسىملار ئەمەس، خېلى كۆپ كىشىلەر سۆزلىدى، ھەمدەجەمئىيەتتە ھەرساھە كىشىلىرى ئارىسىدا بەلگىلىك ئىجابىي تەسىرلەرنى پەيدا قىلدى. ئۇنداقتا،يۇقىرقىلارنىڭ ئىچىدە دوكتۇر تىلغا ئالغان بىرقىسىملار زادى كىملەر ؟    بۇكىشىلەر خەلقىمىزنى ئالداۋاتىدۇ دەپ قارالسا ، قانداق ئالدىدى؟ ئىلىم ساختىلىقى بار دىيىلسە  ساختىلىق نەدە ؟ مەسىلەمۇنداق تومتاق ۋە ئابىستراكىتنى ئوتتۇرىغا قۇيىلغان ئىكەن، بۇنىڭ قانداق نەتىجەبىرىدىغانلىقىنى دوكتۇر ئەپەندى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىشى ئىدى. ئەلۋەتتە، ئۆزىنى خەلقنىڭ غېمىنى يەيمەن دەپ ئويلاۋاتقان بىر زىيالىي نېمە ئۈچۈن ئۆز گىپىنىڭ ئىجابىي تەسىرىدىن كۆرە، سەلبىي تەسىرىنىڭ ئېشىپ كېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلالمايدۇ .
     ئۇ يەنە :« ئۇچۇقىنى ئېيىتقاندا ئۇلار( لېكسىيەچىلەر) كۆپلىگەن ساددا خەلىقىمىزنىڭ بۇرۇن ئوقۇيالماي قالغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىپ، ھازىر بولسىمۇ تولۇقلاشقا ئورۇنىۋاتقانلىقىدەك سەمىمىي ھېسىياتىدىن پايدىلىنىپ كەتمەكتە.»ئويلاپ كۆرەيلى،  خەلقىمىزنىڭ بۇرۇن ئوقۇيالمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىپ ھازىر بولسىمۇ تۇلۇقلاشقائۇرۇنىۋاتقانلىقىنى ساددا ھېسسىيات بولىدىغان بولسا  ، ئەمىسە خەلقىمىز پىشقان ھېسسىيات بۇيىچە ئىش كۆرۈش ئۈچۈن قايتىدىن كىچىكلىككە يېنىشى كېرەكما؟ ئۇلارنىڭ ھېچنىمە بىلەن پەرۋايى يوق يۈرگىنىدىن ، لېكسىيە بولسىمۇ ئاڭلاپ مەنىۋىيىتنى بېيىتىشقا ئۇرۇنىشى يامان ئىشمۇ؟
     ئوخشاشلا لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەرنىڭمۇ(دوكتۇرنىڭنىڭ نەزىرىدىكى قىسمەن لېكسىيەچىلەر) خەلقىمىز كۆرمىگەن  كىتابىي بىلىملەرنى ئۆز پىتىچە يەتكۈزەمدۇ ياكى باشقىچە يەتكۈزەمدۇ ؟ بۇنىمۇ پۈتۈنلەي يامان ئىش دېگىلىى بۇلامدۇ ؟
     ئەلۋەتتە، لېكسىيەسۆزلەۋاتقانلاردا يىتەرسىزلىك ۋە تۈزىتىشكە تېگىشلىك تەرەپلەرمۇ خېلى بار. بۇمەسىلەرنىڭ ئىچىدە ئاساسلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرسى لېكسىيە سۆزلىگۈچىلەرنىڭ پىسخىك مەسىلىلەرنى مەركەز قىلىۋېلىشى . ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ھېسسىي تەپەككۇرىنى قوزغىتىشقابەك كۈچەپ كىتىش ھادىسىى ،  يەنە بىرسى لېكسىيە ھەققىنىڭ  تېىخىمۇ كۆپ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قۇبۇل قىلىش سەۋىيىسىدىن ئېشىپ كېتىش مەسىلىسى سەل ئېغىر. بىزئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ لېكسىيە سانى  ئازبولسىمۇ  تېخىمۇ كۆپ سانلىق ئاۋامغا خالىس يۈزلىنىپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز .
  لېكسيەنىڭ نۆۋەتتىكى ئورنىغا ۋە رولىغا باھابېرىشتە سەگەكلىك بىلەن ئويلاشقا تىگىشلىك مەسىلە شۇكى، بۈگۈنكىدەك مەتبۇئات يۈكسەك تەرەققىي قىلغان، ساۋاتلىقلارنىڭ سانى ھەسسىلەپ ئاشقان، بىلىم ۋە يېڭىلىققائېرىشىشنىڭ يوللىرى كۈپەيگەن  دەۋىردە  تۇرۇپمۇ بىزنىڭ بىلىم ۋە يېڭىلىققا ئىرىشىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلار قانچىلىك نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ؟ بىلىم ۋە يىڭىلىققائېرىشىشنىڭ يوللىرىنى قانداق تېپىش ئۈستىدە ئىزدەۋاتقانلار قانچىلىك ؟ نېمە ئۈچۈن بىلىم ۋە يىڭىلىققا ئېرىشىش زۈرۈرىيتى بارلىقىنى چۈشەنگەنلەر قانچىلىك ؟
ئۇنداقتا، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى نەدە؟ نېمىگە تايىنىمىز؟
    مۇنتىزىم مائارىپمۇ؟ مائارىپقىلا تايىنايلى دېسەك،مائارىپنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشەنگەنلەر قانچىلىك؟ ( بولۇپمۇ، يېزىلىرىمىزدا) .كىتابقىلا تايىنايلى دېسەك،باشقا ساھەدىكىلەرنى ھېسابلىمىساقمۇ، ئۆزىمىزنى زىيالىيدەپ ھېسابلايدىغانلارنىڭ ئارىسىدا كىتابنىڭ مۇھىملىقنى ھېس قىلىپ، ئۆزىنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىغا كىتابنى ھەمراھ قىلغانلار قانچىلىك ؟
        يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بىزنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىمىزدا ساپانى ئۆستۈرۈشنى نۇقۇل مائارىپ ياكى نۇقۇل كىتابقىلا ئارتىپ قويۇشنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى،ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن پايدىلىنىش ئىمكانىيتى باربارلىق ۋاستىلەردىن پايدىلىنىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. گەرچەلېكسىيە  ئۆز باش ئەپەندى ئېيىتقاندەك كىشىلەرنى دەماللىققا روھلاندۇرۇشتەك ئاجىزلىقى بولسىمۇ ،پەقەت رەھلانماي تۇرغاندىن ياخشى . ئۇ خۇددىي ئاسپىرىنگە ئوخشاش روھىيەتتتىكى باشقاپاسسىپ كىسەللەرنى ۋاقتىنچە ئۇنتۇلدۇرالايدۇ. بۇ خىل روھلىنىش بىر قانچە قېتىم تەكرارلىنىپ لېكسىيەخۇمارلىق شەكىللىسە تېخى ياخشى .چۈنكى لېكسىيەخۇمارلىق تەدرىيجى ھالدا كىتابخۇمارلىققا ۋە ئاكتىپ روھىي ھالەتكە ئۇرۇن بېرىدۇ .
     ئەگەر بىر جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي مۇھىتىدا قانداق ھادىسە ئۈستۈلۈكنى ئىگىلىسە، شۇنىڭغا يارىشا بىر ئېقىم شەكىللىنىشى تەبىئىي ئەھۋال. نۆۋەتتە، ئۇيغۇر جەمئىيتىدە نۇرغۇن مەسىلىلەر  ساقلىنىش بىلەن بىرلىكتە يەنە نۇرغۇن كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ئۆزگىرىشلەرنىڭ بارلىققا كىلىۋاتقانلىقىنىمۇ كۆرۈپ يىتىشىمىزكېرەك. بولۇپمۇ، بىلىم ئىگىلەش، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقىنىڭ كىچىك كۈلەملىك بولسىمۇ، بارغانسىرى كېڭىيىۋاتقانلىقى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ.
     تەبىئەت ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيتى بۇيىچەقارىغاندا،ئۆزگىرىش بولغان ئىكەن ،ئۇنىڭغا ياخشى سۈپەتلىك تەرەپمۇ بولىدۇ ، يامان سۈپەتلىك تەرەپمۇ بۇلىدۇ . ھەرىكەت قىلغاندىلا ئۆزگىرىش پەيدا قىلغىلى بولىدۇ.باھا بىرىش ئۆزگىرىش پەيدا قىلغانغا تەڭ ئەمەس. مۇبادا ،سىز ئەڭ ياخشىنى تاللايمەن دەيدىكەنسىز ،ئۇنى چۇقۇم ناچارلىرىمۇ بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئاندىن تاللىلىيالايسىز . مەشھۇرلارمۇ  مەشھۇر ۋەمەشھۇر ئەمەسلەر ئىچىدىن  ئۆزلىكىدىن تاللىنىپ چىقىدۇ .بۇ پەقەت شارائىت ۋە ۋاقىت مەسىلىسىدىنلا ئىبارەت خالاس. ئەڭ ياخشىسى بىز ۋاقتىمىزنى قىممەتلىك ۋاقتىمىزنى باشقىلارنى باھالاشقا سەرىپ قىلماي،ئۆزىمىزنى باھالاپ تۇرۇشقا قاراتقان ۋاقتىمىزدا بىزنىڭمۇ مەشھۇر بولۇش خىيالىمىزئەمەلگە ئېشىپ قېلىشى مۇمكىن. ئوبدان زەن سالىدىغان بولساق ئاشۇ ئاتالمىشمەشھۇرلۇق قالپىقىنى كىيىۋالغانلارنىڭ باشقىلارنى باھالاپ ئولتۇرۇشقا پەقەت ۋاقتى يوقتەك قىلىدۇ .ئۇلار توختىماستىن ئۆزىنى ئۆزى باھالاپ مۇكەمممەللككە قاراپ مېڭىۋاتقاندەك قىلىدۇ.  ئۇلار خاتاسۆزلىسىمۇ توغرا سۆزلىسىمۇ  ئۇلارنى سۆزلىگىلى قويايلى، ھازىر خاتا سۆزلىگەن بولسا سەۋرىچانلىق بىلەن كۈتسەك ئەتە خاتاسۆزلىمەسلىكى مۇمكىن. چۈنكى ، يالقۇن روزى ئېيىتقاندەك« پەقەت چېپىۋاتقان ئاتنىىڭ يېقىلىشى تەبىئىي ،ئەمما ئېغىلدىكى ئاتنىڭ يېقىلىش پۇرسىتىمۇ بولمايدۇ. »
مەن كۆرسەتمەكچى بولغان نۇرغۇن پاكىتلارنى نۇرغۇن تورداشلار تېخىمۇ چۈشىنشلىك ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن،مەن بۇ يەردە يەنە قايتاتەكىتلەپ ئولتۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم.
     جەمئىيىتىمىدەلېكسىيەچىلەرنىڭ جېق بولۇپ كەتكەنلىكىنى قۇرقۇنىچلىق ئەمەس، ئەڭ قورقۇنىچلىقى سۆزلەيدىغان ئادەمنىڭ چىقماي قېلىشى ۋە سۆزلىگەنلەرنى كەمسىتىدىغانلارنىڭ ، ئۆزى ئەمەلىي ئىش قىلالمايدىغان، قىلغانلارنىڭ توغرا خاتالىقىنى باھالاشقاھېرىسمەنلەرنىڭ  كۈپىيىپ كېتىشى ئەڭ قورقۇنىچلىق.
2014-يىلى 17-دىكابىر لوپ

7

تېما

4

دوست

5496

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   9.92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2867
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 156
تۆھپە : 1555
توردىكى ۋاقتى: 350
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-17 22:54:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kuxlan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-12-17 22:57  

شۇنداق ياخىشى ماقالە ئىكەن،  ؛لوپلۇق قېرىندشىمىزغا رەھمەت لېكسيە دېگىنمىز بۇرۇنقى زامانلاردىكى ۋائىزلىقنىڭ ھازىرقى دەۋردىكى ئاتالمسى،مەدداھلىق ئەينى دەۋىر كىشلىرىگە ھەرخىل مەسىلىلەرنى مۇبالىغلەشتۇرۇش ئاشۇرۇش ئارقىلق بايان قىلغان بولسا ھازىرقى زاماندا ئىلىمى لىكسيە كشىلەرنىڭ ئېڭىنى ئاچىدۇ،،
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

1

دوست

949

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   89.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20485
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 34
تۆھپە : 308
توردىكى ۋاقتى: 58
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-17 23:21:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمىنىڭ بەزى يەرلىرىنى قىسقارتىۋەتكىنىڭلارنى توغرا چۈشىنىمەن .بىراق باش- ئاخىرىدا بىر ئاز ئۈزۈكچىلىك كۆرۈلۈپ قاپتۇ.

0

تېما

1

دوست

2075

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   2.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22168
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 616
توردىكى ۋاقتى: 71
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-31
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 00:13:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالە ياخشى يىزلىپتۇ، پىكىرىڭىز ئەتراپلىق بولۇپتۇ، لىكىن مىنڭچە ئازراق بىر تەرەپلىمىلىك باردەك تۇرامدۇ،

0

تېما

0

دوست

2707

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   23.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15408
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 28
تۆھپە : 862
توردىكى ۋاقتى: 242
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 10:33:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىكسىيەنىڭ نىمىلىكىنى .ھەتتا شۇ لىكسىيەگە بىرەر قىتىممۇ قاتنىشىپ باقماي خەخ نىمىدەپ ئىنكاس يازسا شۇنىڭغا تەڭ ئەگىشىپ قارا قويۇق ئىنكاس يازىدىغانلار ماۋۇ تېمىنى قايتا قايتا ئوقۇڭلار!!!،تېما ئىگىسىنىڭ ئەجىرىگە كۆپ تەشەككۇر ،

0

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8496
يازما سانى: 511
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 981
تۆھپە : 3918
توردىكى ۋاقتى: 1613
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 10:34:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ.  لېكسىيە سۆزلەش مەدەنى ئەللەردىمۇ خېلى ئومۇملاشقان ئىش.  
مەسەلەن ،ئامىركىدىكى تەد لېكسىيەلىرىنىڭ تەسىرى ئېنتايىن كەڭ.  مەزمۇنى ئېنتايىن مول.  ئامىركا جەمىيىتىنىڭ ھەممىلا قاتلىمىدىكى ئاددى كىشىلەرنىڭمۇ ئەھمىيەتلىك لېكسىيەلەر ئارقىلىق جەمىيەتكە تەسىر كۆرسۈتۈش ئارزۇسىنى قاندۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.
بىز ئۇيغۇرلاردا كىشىلەرنىڭ كىتابلارھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بىر-بىرىگە سۆزلەش ئومۇملاشمىغان بىلەن ئاڭلىۋالغان يېڭىلىقنى توختىماي تارقىتىدىغان ئالاھىدىلىگىمىزگە بەك ماس كېلىدۇ بۇ لېكسىيە دېگەن.

0

تېما

0

دوست

351

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   25.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32624
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 102
توردىكى ۋاقتى: 33
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 12:10:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جانلىق،كىشىنى تەبىيلا ئويلىنىشقا يىتەكلەيدىغان لىكسىيەنى روھىيىتىمىزدىكى كىسەللىكلەرنى داۋالايدىغان ئەڭ ئۈنۈملىك دورا دەپ چۇشەندىم،ئىھتىمال نۇرغۇن ۋاقىت سەرىپ قىلىپ يېشەلمەيۋاتقان سۇئاللىرىڭىز شۇنداق لىكسىيەلەر ئارقىلىق جاۋاپ تاپقاندا ئۇنىڭ رولىنى چۇشىنىشىڭىز مۇمكىن.

167

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   63.19%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1759
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 6590
تۆھپە : 6587
توردىكى ۋاقتى: 1551
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 13:00:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەمئىيىتىمىدەلېكسىيەچىلەرنىڭ جېق بولۇپ كەتكەنلىكىنى قۇرقۇنىچلىق ئەمەس، ئەڭ قورقۇنىچلىقى سۆزلەيدىغان ئادەمنىڭ چىقماي قېلىشى ۋە سۆزلىگەنلەرنى كەمسىتىدىغانلارنىڭ ، ئۆزى ئەمەلىي ئىش قىلالمايدىغان، قىلغانلارنىڭ توغرا خاتالىقىنى باھالاشقاھېرىسمەنلەرنىڭ  كۈپىيىپ كېتىشى ئەڭ قورقۇنىچلىق.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )