قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 4278|ئىنكاس: 49

ئارتۇچ: 2015-يىل بىز ئۈچۈن ئالاھىدە بىر يىل بولىدۇ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

10

تېما

8

دوست

1441

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   44.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23221
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 20
تۆھپە : 458
توردىكى ۋاقتى: 51
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-17
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 13:06:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   قېرىنداشلار ،قوي يىلىنىڭ قۇتلۇق قەدەملىرىدە سىلەر بىلەن يەنە ئەسىرالىشىشقا مۇۋەپپەق بولغىنىمدىن ئىنتايىن مەمنۇنمەن.2015 - يىلىنى كىتاب يىلى قىلىش[1] تەشەببۇسىنى ئوتتۇرغا قويغان قېرىندىشىڭلار ئارتۇچ مۇئەللىمدىن بارچە قېرىنداشلىرىمغا يىڭى يىللىق سالام ! شان-شەرەپلەر ۋە ئۇتۇقلارغا پۈركەلگەن 2014-يىلىنى ئۇزتۇپ ئۆمىد-ئىشەنچكە تولغان، ئارزۇ-ئامانلارغا لىقلانغان 2015-يىلىنى كۈتۋالماقتىمىز. ھەممىمىز قەلبىمىزدە 2015-يىلىنىڭ بىزنىڭ ھاياتىمىزغا ئۆزگىچە بۇرۇلۇش ياسىغان بىر يىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.ئۇنداقتا تۈۋەندىكى قۇرلار سىلەرگە سۇنۇلدى، مەسئۇلىيەت بىلەن ئوقۇپ چىققايسىلەر.
   2015-يىلنىڭ باش نىشانى:
تۈرلۈك ئۈنۈملۈك ۋاستىلەر ئارقىلىق كىشلىرىمىزنىڭ ئىدىيسىنى ئىچىش، تەپەككۇرىنى غىدىقلاش، كىتاب ئوقۇشقا جەلىپ قىلىپ ئىدىيدە يىڭلىق يارتىش، كىتاب ئوقۇش دولقۇنى قوزغاش !
    مىنىڭ بۇ ھەقتىكى پىلانىم مۇنداق :
    2015-يىل كىتاب يىلىنىڭ پىلان ،لاھىيەسى(15تۈرلۈك)
   1.بۇ يىلدا نىمە بولىشىدىن قەتئىنەزەر ساۋادىڭىز بولسىلا ئاز بولغاندا 15پارچە كىتاب ئوقۇڭ(ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى،كىتاب تىزىملىكى ئاسىتىدا بار)
   2.مەدەنىيەت كەسىپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار كىتاب ئۇقۇش يىلى ئۈچۈن ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىسا يەنى رادىئو ئىستانىسى،تىلىۋىزىيە ئىستانىسىلىرى مەخسۇس كىتاب ھەققىدە پىروگىرامما ئىشلەش، بىرەر كىتابخانىنىڭ ساھىبخانلىقىدا چوڭ تىپتىكى كىتاب مەشىرىپى ئۆتكۈزۈش ، تاراتقۇلار كىتاب ھەققىدە جامائەت پاراۋانلىق ئىلانلىرىنى ئىشلىشى،ئاخبارات نەشىرىيات ئورۇنلىرى تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ ھازىرغىچە خەلقىمىز ئىھتىياجلىق كىتابلانى نەشىر قىلىش،تەقەززا بولىۋاتقان كىتابلارنى قايتا نەشىر قىلىشىقا كۈچ چىقارسا.(چۈنكى تىخى ياشلىرىمىز بىلمەيدىغان نۇرغۇن كىتابلار بار)كىتاب ھەققىدە داڭلىق ئىتوتچىللىرىمىز ئىتوت ئويناش،كىتاب ھەققىدە ئىيتىلغان بىرمۇ ناخشا يوق،ئىجاد قىلىنىسا.(شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى قاتناش سەنئەت رادىئوسىنىڭ كىتاب ھەققىدە ئىلىپ بىرىۋاتقان ئەمەلىي خىزمىتىنى خەلقىمىز ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ)ئۇنىڭدىن باشقا نۇپۇزلۇق تور تاراتقۇللىرى ، چ چ توپ ،ئۈندىدار توپ ،ئۈندىدار سالون،مىكرو بىلوگ قاتارلىقلار زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ كىتاب ھەققىدە سەھىپە ئىچىشى،نادىر كىتابلارنى تۇنۇشتۇرشى ،تورداشلار ئارسىدا كىتاب ئوقۇش پائالىيتى،بۇ ھەقتە زىھىن سىناش،تىپىشماق تېپىش قاتارلىق ئۇسۇلارنى قوللىنىش ئارقىلىق مەزكۇر تورنى زىيارەت قىلغۇچىلارنى جەلىپ قىلىسا.
   3.ئىرادىسى كۈچلۈك،ئىزدىنشچان،پائالىيەتچان ياشلىرىمىزنىڭ باشلامچىلىقىدا ناھىيە-شەھەرلەرنى بىرلىك قىلىپ تۇرۇپ ئايدا بىر نۆۋەت كىتاب چىيى،ئىلىم چىيى،كىتاب مەشىرىپى قاتارلىق شەكىللەردە كىتاب ئەجۈمەنى ئۆتكۈزلىدۇ،ئۆز جايىدا مۇشۇنداق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشكە ئىشەنچىسى بار ئۆمىدلىك ياشلارنىڭ بىز بىلەن ئالاقىلىشىشنى ئىستەيمىز.(ھازىر بىر قانچە جايدا بۇ خىل چاي ئۆتكۈزىلىۋاتىدۇ)
   4.كىتابخانىلار ھەرخىل بايرام ۋە خاتىرە كۈنلەردە ئىتبار باھادا كىتاب سىتىش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويۇپ بۇ ئۇلۇغ ئىشقا ماسلىشى كىرەك.يەنە كىتابخانىدا يەڭگىل ئاۋازدا كىتاب ھەققىدىكى ھېكىمەت دۇردانىلەر،يىڭى كىتابلار ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشلارنى ئاڭلىتىپ ئوقۇرمەنلەرنى جەلىپ قىلىش(بۇنى مەن بىلەن ئالاقىلاشساڭلار ئىشلەپ بىرەي)،قىرائەتخانىلار كىتاب ئوقۇش كۈنى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ تۈۋەنلەرگە چۈشۈپ نادىر پائالىيەتلەرنى ئويۇشتۇرشى، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر زور كۈچ بىلەن قوللىسا،ئاشخانىلاردىمۇ يىنىڭ مۇزىكىلارغا كىرشتۈرۈپ كىتاب ھەققىدە مەزمۇنلارنى قۇيۇپ قويۇش(ياقتۇرىدىغان خۇجايىنلار مەن ئالاقىلاشساڭلار بولىدۇ).سودا- ساراي، دۇككان، چوڭ- كىچىك تىپتىكى كارخانىلار سېتىش پائالىيەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىدە مال سېتىۋالغانلارغا كىتاب سوۋغا قىلىش پائالىيتىنى يولغا قويسا...
    5. توي تۆكۈن،خاتىرە بايرام،تەبىرىكلەش كۈنلىرىدىكى پائالىيىمىزدە كىتاب كەم بولسا بولماسلىق، كىتاب سوۋغا قىلىش تەشەببۇسىنى ئالغا سۈرۈش، مۇشۇنىدەك مۇھىم خاتىرە كۈن،تۇغۇلغان كۈن قاتارلىقلاردا كىتاب سوۋغا قىلىشنى كىشلەرنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭدۈرۈش،بۇنى ھەربىرىمىز ئاۋۋال ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز كىرەك[2] ئەرلىرىمىز ئاياللىرىمىغا نەسىھەت قىلايلى ،تويلاردا ئارتۇقچە ھەشەم–دەرم قىلمىسۇن،ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆز-ئارا كىتاب سوۋغا قىلسۇن. ئاياللىرىمىزغا ئايدا بىرەر پارچە ئەدەب-ئەخلاققا ئائىت كىتابلارنى ئىلىپ بىرەيلى.ئەرلەر ماشىنىمزغا،ئاياللار سومكىمىزغا بىرەر پارچىدىن كىتاب سىلىپ قويايلى،باشقىلارنى ساقىلغاندا دەرھال يادىڭىزغا كىلىدۇ،ئوقۇپ كىتىسىز.
   6.ھاراق،تاماكا تاشلىيالمىغان كىشلىرىمىزگە ۋە يىڭدىن باشلىغان ياشلىرىمىزغا تۈرۈك شەكىلدىكى تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ بۇ يەردىكى غەيرى خۇمارنى ئىجابى خۇمارغا يۆتكەپ(تەس بولسىمۇ)،ئۇلارنى كىتاب ساھەسىگە باشلاپ كىرەيلى!
   7.چوڭلار ياش ۋە ئۆسمۈرلەرگە كۆپرەك ئۈلگە بولۇپ ياشىنىپ قالغىنىغا تەن بەرمەي كۆپرەك كىتاب كۆرشى،كىتاب ئوقىمىسىمۇ كىتابخانىلارنى يوقلاپ تۇرشى كىرەك.نەۋرىلەرگە كىتابلاردىن چۆچەك ئوقۇپ بىرىشى،ياكى ياخشى كىتابلارنى ئوقۇپ تۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇشى كىرەك.
   8.ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرنىڭ بارلىقى،پەرزەنتلەرمۇ ھەم شۇنداق،ئۈلگە ئەڭ ياخشى ئۇستازدۇر،تەربىيەنىڭ جېنى ئۈلگە،شۇڭلاچقا ئاتا-ئانىلار ئائىلىدە چوقۇم كۆپرەك ئۈلگە بولۇپ كىتاب كۆرىشى،ئۆيگە كۆپرەك كىتاب ئەكىلىپ تۇرشى،بالىلارغا ئوقۇشىنى ئۈگىتىشى،ئايدا ئانچە-مۇنچە كىتاب خىراجىتى بىرىپ تۇرشى كىرەك.بالىلارنىڭ بىكار چاغلىرىدا كىتابخانىلارغا بېرىشقا يىتەكلىشى،ياكى ئۆزى يىتلەپ ئېلىپ بىرىشى لازىم.
   9.ئەنئەنىۋي بايراملىرىمىزدىكى يىغىلىش، ئولتۇرۇشلاردا كىتاب يىلى ھەققىدە مۇھاكىمە ئىلىپ بىرلىشى،شۇ مۇناسىۋتلىك ئۆتكۈزلگەن مەشرەپلەردە كىتاب ئىئانە قىلىش،كىتاب سوغا قىلىش،كىتاب ھەققىدە زىھىن سىناشلار ئىلىپ بىرىلىشى كىرەك.
  10.ھامىلدار ئاياللار ھەركۈنى بىر سائەت ئەتىراپىدا ئۈنلۈك ئاۋازدا كىتاب ئوقۇپ بىرىشى كىرەك،بۇنداق قىلغاندا ئۆزىنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۇنلا ئەمەس يەنە ھامىلىنىڭ يىتىلىشىگە ،بالىلارنىڭ كىتابخۇمار تۇغۇلىشىغا(ئەقىلىق بولىشغا) پايدىسى كۆپ.
   11.ھازىر رايۇنىمىزنىڭ ھەرقانداق جايىدا ماشىنا كۈتۈش ئورۇنلىرى بار،بۇ يەرلەرگە ئۆزىمىزنىڭ ئائىلىسدە ئارتۇق بولغان كىتاب-ژورناللارنى ئەپچىقىپ قۇيۇپ قۇيايلى.سىز ئوقۇپ بولغاندىن باشقىلارمۇ پايدىلانسۇن(ئەمما ئالماشتۇرۇپ ئىلىپ كەتمەڭ)پويىز،ئايرۇپىلان،ئامىمىۋي ئابتۇبۇسلاردا يول يۈرگەندە ئالدىنقى تاللىشىڭىز كىتاب بولسۇن(گەرچە كۆزىڭىزگە زىيانلىق بولسىمۇ)ياكى نادىر ئەسەرلەرنىڭ ئاۋازلىق نۇسقىسىنى قاچىلىۋىلىپ ئاڭلاپ مىڭىڭ.
   12.ھازىر ھۆكۈمىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرى ئۈچۈن سالغان سېلىنىمسى ئىنتايىن كۆرنەرلىك بولىۋاتىدۇ.بۇنىڭدىن ئىنتايىن مەمنۇنىمىز،يىزا دىھقانلار قىرائەتخانىلىرى ئارقا-ئارقىدىن قۇرلدى، ئەمما بۇ يۇ يەرلەرنى باشقۇرۇش تازا دىگەندەك بولمايۋاتىدۇ،قىرائەتخانىنى ئاچىدىغان مۇقىم ئادەم بولمايدىغان، كىتابلارنى خالىغانچە بىرىۋىتىدىغان ۋە ئىلىپ كىتىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۇت. بۇنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىرگە يېزىلارغا چۈشكەن كادىرلارمۇ دىھقانلارغا كۆپرەك تىخنىكا ئۈگىتىدىغان كىتابلارنى تەۋسىيە قىلغايلى ،ئالغاچ بارايلى.
   13.رايۇنىمىزدىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ئەڭ چوڭ قۇشۇن.شۇڭا ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا كۆپرەك كىتاب ئوقۇش ھەققىدە تەربىيە قىلايلى،ئۆزىمىز ئۈلگە بولايلى،بولسا ئۆزىمىزدە بار كىتابلارنى بالىلارغا بىرىپ تۇرايلى.چۈنكى كىتاب مەدەنىيتىمىزنى ئوقۇتقۇچىلار باش بولۇپ قوغداپ كىينكىلەرگە يەتكۈزمىسە ئىش تاڭ ئاتمايدۇ.ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا ئۆز-ئارا كىتاب سوۋغا قىلايلى.
   14.رەھبەرلىرىمىزمۇ قول ئاستىمىزدىكلەرگە كۆپرەك كىتاب ئوقۇش ھەققىدە نەسىھەت قىلايلى،ئۆزىمىز باشلاپ بىرەيلى، نادىر كىتابلار ۋە ياخشى ژورناللارغا يىزىلدۇرۇپ ئۇلارغا ئىلھام بىرەيلى.
   15.كەمىنە 2015-يىلدىكى ئىككى قېتىملىق تەتىلىمىدە قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ناھىيە-بازار،يىزا-قىشلاقلارغا بىرىپ يىتىم بالىلار كىتاب فوندىمىزغا يىغىلغان كىتابلارنى شۇ جايلاردىكى يىتىم بالىلارغا،كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى ئوتتەك ياشلارغا خالىسانە سوۋغا قىلىش پائالىيتى ئېلىپ بارىمەن.(بۇ جەھەتتە قېرىنداشلىرىمىنىڭ كۆپرەك قوللىشغا مۇھتاجمەن) (يۇقاردىكى قىسمەن پىكىرلىرىمىز ئۈندىدردىكى ئىسىمى نەسۇرۇللا ئىسىملىك قىرىندىشمىزنىڭ ماڭا يازغان خېتدىن ئىلىندى)
قەدىرلىك قېرىنىدشلىرىم،لاھىيە گەرچە بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا ئوتتۇرغا قۇيۇلغان بولىسىمۇ نىشان بار بولدى،ئەمما بۇنىڭ ھەممىنى مەن ئۆزۈم قىلىپ كىتەلىشىم ناتايىن،ئەمما مىللەت ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتقان قىرىنداشلىرىمىنىڭ لاھىيەمگە ئاۋاز قوشۇپ ئىجىرا قىلىشقا ئاتلىنىدىغانلىقى كۆزۈمگە كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.كىتاب ئۈچۈن كارخانىچىلار پۇل چىقىرشى،كىتابپۇرۇشلار كىتاب چىقىرىشى،يازغۇچىلار ئەقىلى ئەمگىكىنى چىقىرشى،ئاپتۇرلار كىتاب ھەققىدە لىكسيە سۆزلەپ تۇرشى،ئىمام-ئاخۇنۇملار خەلىقنى كىتاب ئوقۇشقا،باللىرىنى مەكتەپتە ئوقۇتۇشقا ۋەزىخانلىق قىلىشى، ئىلانچىلار ئىلان ئىشلىشى،ئىتوتىچىلار ئىتوت ئويناپ بىرىشى،ناخشىچىلار ناخشا ئىيتىشى(ھازىغىچە كىتاب ھەققىدە ناخشا يوق)،چوڭ ئىلىم سورۇنلىرى كىچىك ئىلىم سورۇنلىرىنى يىتەكلىشى،مەكتەپلەردە كىتاب ھەققىدە شىئىر دىكلىماتسيە قىلىش،تەسىرات سۆزلەش،كىتاب ئوقۇش مۇسابىقىلىرى قانات يېيىشى، تەرجىمانلار ئارا نادىر كىتابلارنى تەرجىمە قىلىش پائالىيىتى تەشكىللىنىشى قاتارلىق تۈرلۈك ئەمەلىي خىزمەتلەرگە مۇھتاج بولىمىز.ئەمما بۇ خەلىقىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى مۇھتاجى بولغاچ ھەر ساھە كىشللىرىمىزنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرشىغا ئىشەنچىمىز كامىل !
    نادىر كىتابلاردىن تەۋسىيە[3]
1.ئۆزلۈكىنى تۇنىتىدىغان،تارىخىنى بىلىش تىپدىكى كىتابلار
باھادىرنامە،ئانا يۇرت،ئىز،قۇم باسقان شەھەر،ئۆزلىك ۋە كىملىك،تارىمنىڭ يۈرىكىدىكى ئوت،مەۋجۇتلۇق تەشنالىقى،ئۆزلىك گىرۋەكلىرىدە (قالغانلىرىنى قېرىنداشلىرىم تولۇقلىسۇن)
1. پەلسەپە ۋە تەپەككۇرنى ئويىغىتىدىغان كىتابلار
ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى،فارابى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپە سىتىمىسى، سوفىيەنىڭ دۇنياسى(پەلىسپىۋي رۇمان)،كۈندە ئازىراق پەلسەپە ئوقۇيلى،ھۆكۈمدارلار دەستۇرى (قالغانلىرىنى قېرىنداشلىرىم تولۇقلىسۇن)
2. بىلىم بىرىپ ئادىميلىك قىممتىڭىزنى چاقنىتىدىغان كىتابلار
قۇتادغۇبىلىك،قۇرئانى كەرىم،(قالغانلىرىنى قېرىنداشلىرىم تولۇقلىسۇن)
3. بالىلار ئۈچۈن نادىر ئوقۇشلۇقلار
كەلىلە ۋە دەمىنە،كىرورانلىق بالىلار،بىر بوتۇلكا قۇم،مۇقام ئاۋازى،پەلسەپىۋىي مەسەللەر(قالغانلىرىنى قېرىنداشلىرىم تولۇقلىسۇن)
4. «مودا»بولىۋاتقان كىتابلار
مۇۋەپپەقىيەت دەستۇرى،تەپەككۇرنىڭ قۇدىرىتى(قالغانلىرىنى قېرىنداشلىرىم تولۇقلىسۇن)
5. ھۇزۇرلىنىش تىپىدىكى كىتابلار
قايغۇرماڭ باتۇرلارچە ياشاڭ،ھايىتىڭىزنى ئۆزىڭىز پىلانلاڭ(قالغانلىرىنى قېرىنداشلىرىم تولۇقلىسۇن)
6. سىز ئوقۇيدىغان ژورناللار
بۇلاق،شىنجاڭ مەدەنىيتى،تەپەككۇر(«شىنجاڭ ياشلىرى»نىڭ)، (قالغانلىرىنى قېرىنداشلىرىم تولۇقلىسۇن)
تەشەببۇس يولغا قۇيۇلغاندىن كىيىنكى مەنزىرە
    2015-يىلىنى كىتاب يىلى قىلىش تەشەببۇسى12-ئايىنىڭ 1-كۈنى ئىلان قىلىنغان،شۇندىن بۇيانقى 10 نەچچە كۈندە نۇرغۇن خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەر روياپقا چىقتى.
    باغداش ئەزاسى تۆھپىكار ئىلىمگەر بىلىمخۇمار ئەپەندىم مۇنداق يازىدۇ:
     «مەن ئۆزۈمنىڭ ئالدىنقى ھەپتە تورلارغا چىقارغان «ئالەم بوشلۇقىدىكى سەپەر ۋە نىسپىيلىك نەزەرىيىسى» دېگەن ماقالىسىدە رۇزىمۇھەممەد تۇردى ئارتۇچ مۇئەللىمنى  2015-يىلىنى ئۇيغۇرلارنىڭ «كىتاب ئوقۇش يىلى» قىلىش ھەققىدىكى تەشەببۇسىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنى ئۆزۈمنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدىم ئۇنىڭدىن كېيىن رۇزىمۇھەممەد مۇئەللىم تورلارغا «2015-يىلى بىز ئۈچۈن نېمە يىلى بولۇشى كېرەك» دېگەن يەنە بىر ماقالىنى يوللاپ ، ئۆزىنىڭ يۇقىرىدىكى تەشەببۇسنى قايتا تەكىتلىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن تور ئىسمى «86» بولغان يەنە بىر قېرىندىشىمىز تورلارغا «(مۇراجىئەت) 2015-يىلى بىزنىڭ ‹كىتاب ئوقۇش يىلى› مىز بولسۇن» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە يوللاپ، 2015-يىلىنى كىتاب ئوقۇش يىلى قىلىشنىڭ بىر قىسىم كونكرېت تەدبىرلىرى ھەققىدە قىممەتلىك تەكلىپلەرنى بەردى.
    شۇنداقلا يەنە رۇزىمۇھەممەد تۇردى ئارتۇچ مۇئەللىم تورلارغا«2015-يىلىدا مۇنداق كىتابلارنى ئوقۇڭ» دېگەن تېمىنى يوللاپ،ئوقۇرمەنلەرگە بىر قىسىم ياخشى كىتابلارنى تەۋسىيە قىلدى. مۇشۇ ئىشلار بولۇۋاتقاندا تورلارغا «ئۈرۈمچىدە بىر چايخانىغا لىققىدە كىتابلار تىزىلدى» دېگەن يەنە بىر خەۋەر چىقىپ ، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن تورداشلارنى خۇشاللىققا چۆمدۈردى.بۇ چاقىرىق، تەشەببۇس ۋە تەكلىپلەردىن، ھەمدە نۇرغۇن تورداشلارنىڭ بۇ ئىشنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ يازغان ئىجابىي ئىنكاسلىرىدىن مەن ئىنتايىن خۇشال بولۇۋاتىمەن.
    مېنىڭچە بۇ بىر ئىنتايىن ياخشى يۈزلىنىش بولۇپ، خەلقىمىز مۇشۇنداق تىرىشچانلىقلارنىڭ نەتىجىسىنى 5 يىل، 10 يىل، 20 يىل ۋە ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇنراق بولغان ۋاقىتلاردا چوقۇم كۆرىدۇ. مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بارلىق قېرىنداشلاردىن بۇ ئىشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ بېرىشىنى يەنە بىر قېتىم ئۈمىد قىلىمەن، ھەمدە بۇ ئىشقا ئاۋاز قوشقان بارلىق قېرىنداشلارغا چىن كۆڭلۈمدىن مىننەتدارلىق بىلدۈرىمەن.»
   [4] شىنجاڭ خەلىق رادىئو ئىستانسى قاتناش -سەنئەت رادىئوسى بۇ ھەقتە چەرچەن ناھىيەلىك1-ئوتتۇرا مەكتپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى رىسالەت مەردان ۋە ئارتۇچ مۇئەللىم بىلەن كىتاب ھەققىدە سۆھبەت ئۇيۇشتۇردى.[5]ئۇنىڭدىن باشقا سۇبات كۈيى سالونى مەخسۇس كىتاب يىلى سەھىپىسى ئىچىپ نادىر مەزمۇنلارنى تارقاتتى.«ئىزچىلار ئاۋازى»رادىئوسى بىلەن ھەمكارلىشىپ«كىتاب ھەققىدە پاراڭ» پىروگىراممىسىنى يولغا قۇيدى،[6] (دوستلارنىڭ كىتاب ھەققىدىكى نادىر ماقالە ۋە ياخشى كىتابلار تۇنۇشتۇرلغان ماقالىلار بىلەن تەمىنلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.)يۈسۈپ نەمەنشاھ ئىسملىك قىرىنىشىمىز كىتاب يىلى ئۈچۈن مەخسۇس شىئىر ۋە ماقالە يازدى[7] ھازىرچە بۇ پائالىيتىمىزنى تاراتقۇلاردىن باغداش تورى ،شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسى قاتناش-سەنئەت رادىئوسى، بوزقىر تورى، سۇبات كۈيى سالونى،مىسرانىم تورى،ئاتۇش ئۈندىدار سالونى، بوستان ئۈندىدار سالونى قاتارلىق تاراتقۇلار قوللىدى.نۇرغۇن قىرىنداشلىرىمىز ئۈندىداردىن پايدىلىنىپ بىزنىڭ 2015-يىلىنى كىتاب يىلى قىلىش تەشەببۇسىمىزنى ھەمبەرلەپ تارقاتتى. ئاتا- ئانىلار بۇ چاقىرىقنى ئاڭلاپ باللىرىغا كىتاب ئىلىپ بەردى ھەم يەنە يىڭى يىلدا كىتاب سوغا قىلدىغان بولدى.مەن يۇقارقى ئەھۋاللاردىن 2015-يىل بىز ئۈچۈن ئالاھىدە بىر يىل بولىدىغاندەك ھىس قىلىۋاتىمەن.(ھىسلىرىم ئەمەلىيەتكە ئايلانغاي)
مۇئەللىپنىڭ ئاخىرقى سۆزى
     گەرچە2015-يىلى كىرىۋاتقان بولسىمۇ يولنىڭ ئۇ قىتىدا كىتىۋاتقان ماشىنىنى يولنىڭ بۇ قىتىدا تۇرۇپ توسىدىغان(شەرەتلەيدىغان)كىشلىرىمىز بار،مەكتەپكە كەلسە پەرزەنتىنىڭ قايسى سىنپتا، قايسى مۇئەللىمنىڭ قولىدا ئوقىۋاتقانلىقىنى دەپ بىرەلمەيدىغان ئاتا-ئانىلار بار،پۇل بەرگۈدىن پۇل ئاللالماي ئۆچىرەت بولۇپ كىتىدىغان قىرىنىداشلىرىمىز ھەم بار،ئۆزىنىڭ مىللىتىنىڭ نامىنى دىيەلمەيدىغان قىرنىداشلىرىمىز يەنىلا مەۋجۇت ،ئىلىم–بىرىم مۇناسىۋەتلەردە ئۆزىنىڭ ئىسىمنى باشقىلارغا يازغۇزىدىغان قىرنداشلىرىمىز ھەم ياشاۋاتىدۇ،مەدەنىيتىمىزنىڭ ئىجراچىسى بولمىش ياشلىرىمىز ئارىسدا ئانا مەدەنىيتىمىزنى ، ئۆرىپ-ئادەت،قائىدە –يۇسۇنلىرىمىزنى بىلمەيدىغان،نادىر كىتابلىرىمىزنى ۋاراقلاپ باقمىغان ياشلىرىمىز كۆپ بار، مانا بۇلار مەن ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ تۇرىۋاتقان ھەقىقەت!ئۇلار قاچان ئىسىمىنى يازلايدىغان، قاچان پۇل بەرگۈدىن پۇل ئالالايدىغان،قاچان يۇرت ئارلاپ شەھەر كىزىدىغان، قاچان ئۆز مىللىتىنىڭ نامىنى توغرا ئاتىيالايدىغان سەۋىيەگە يىتىدۇ؟؟؟بىز كۆپ ئىشلاردا كىچىكتۇق،ئەمدى داۋاملىق كىچىكىشكە بولمايدۇ.بىر قېرنىدىشمىزنىڭ ئويغۇنىشى ئۈچۈن بولسىمۇ كۆپرەك كىتاب ئوقۇيلى!ئۆز ھەركىتىمىز بىلەن باشقىلارنى تەسىرلەندۈرۈپ كىتاب دۇنياسىغا باشلاپ كىرەيلى.مىنڭچە دەۋىر بىلەن ماسلىشىپ ماڭالماسلىق ئەڭ چوڭ ۋىجدان ئازابىدۇر!ئەمدى بۇنداق ۋىجدان ئازابىنىڭ ئۇزاق داۋاملىشىشغا يول قويمايلى!! يازمامنىڭ بۇ يىرىدە ئابدۇشكۈر مۇھەممەتئىمنىڭ مۇنۇ ھىكمەتلىرى يادىمدىن كەچتى:«سەن ھەمىشە ئاممىباب،گېزىت سەۋىيەسىدىكى چۈشىنىشلىك ماتېرىياللارنى ياخشى كۆرسەڭ مەڭگۈ ئۆز ئىزىڭغا سەكرەپ قېلىۋېرىسەن.مېنىڭچە، تۈگمەنگە ئوخشاش خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولۇپ قالغان ياخشى ئەھۋال ئەمەس، لۇغەت ئاختۇرۇشقا مەجبۇر بولغىنىڭدا ھورۇنلۇق بىلەن كايىماي يېڭى بىر بالداق كۆتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغاندەك روھلان!»2015-يىل دەل سىزنىڭ كىتاب بىلەن روھلىنىدىغان ئالاھىدە بىر يىلىڭىز!
ئىزدىنىشمىز سىلەر ئۈچۈن، ماقالەمنى چەكلىمىسىز تارقاتساقلا بولىدۇ!


پايدىلىق ئۇلانمىلار :
1. 2015-يىل بىزنىڭ نىمە يىلىمىز بولىشى كىرەك
./thread-27206-1-1.html
2. «خەلىقىمىز ئارسىدا كىتاب ئوقۇشنى ئومۇملاشتۇرۇش تەسەۋۋۇرى»
./forum.php?mod=viewthread&tid=22030&highlight=%D9%83%D9%89%D8%AA%D8%A7%D8%A8
3. 2015-يىلدا مۇنداق كىتابلانى ئوقۇڭ
./thread-27272-1-1.html
4. ‹ بىلىمخۇمار › ئەپەندىنىڭ«يېڭىلىق يارىتىش قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ 9 خىل ئۇسۇلى »ناملىق ماقالىسى
./thread-27326-1-1.html
5.مەۋلۇت ئىبرايىم بىلەن ئارتۇچ مۇئەللىمنىڭ كىتاب ھەققىدىكى سۆھبىتى
http://m.subat.cn/index.php?a=track&id=1247
6.«كىتاب ھەققىدە پاراڭ»پىروگىراممىسى
http://m.subat.cn/index.php?a=track&id=1886
7. يۈسۈپ نەمەنشاھنىڭ كىتاب ھەققىدىكى يازمىسى
./forum.php?mod=viewthread&tid=27217&highlight=2015
8. كىتابلار ئۈچۈن بىلەت تاشلاڭ
http://www.pixwa.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=650#lastpost

167

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   63.15%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1758
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 6590
تۆھپە : 6581
توردىكى ۋاقتى: 1549
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 18:36:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىتاب ئوقۇمىغان مىللەتتە ئۈمىد يوق، كىتاب چېيى، كىتاب مەشرىپى قىلالمىساقمۇ كىتاب بولسىمۇ ئوقۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرايلى! بۇ ھەقتە ئىزدىنىۋاتقان بارلىق ئەزىزلەرنىڭ قەدەملىرىدىن گۈل ئۈنسۇن. ئىشلىرى ئاسان، يوللىرى راۋان، ئالتۇن تەنلىرى ئامان بولسۇن!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

8

تېما

0

دوست

4527

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   84.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8179
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 794
تۆھپە : 845
توردىكى ۋاقتى: 353
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 18:44:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبدان مەسلەھەت بوپتۇ . كىتاپ ئىلىشقا پۇلى يوق قىرىنداشلارغا قارتا بىرەر مەسلەھەت بارمۇ ؟ مەسىلەن كۆچمە كىتاپخانا ئىچىش دىگەندەك .  
مەنغۇ ئاغزىمدا بولسىمۇ تەشۋىق قىلۋاتمەن .

0

تېما

0

دوست

106

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   35.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31739
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 34
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-8
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 18:52:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ، بەزى چاغلاردا ئۆزۇم ياقتۇرغان كىتابلارنى سېتىۋېلىشقا قۇربىتىم يەتمەيدۇ ،
5#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
6#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

1

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17755
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 4674
توردىكى ۋاقتى: 142
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 19:55:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qatak7 يوللىغان ۋاقتى  2014-12-18 18:52
مەن بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ، بەزى چاغلاردا ئۆزۇم  ...

بىز ئۈندىدار سالونىمىزدا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى ، ئۈنىمى خېلى ياخشى بولىۋاتىدۇ .   تەپسىلاتى بۇيەردە
   http://ugyaxliri.com/bbs/forum.p ... =201&mobile=yes

1

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17755
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 4674
توردىكى ۋاقتى: 142
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-20
يوللىغان ۋاقتى 2014-12-18 19:57:51 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى كۆرۈپ باققايسىلە  
http://ugyaxliri.com/bbs/forum.p ... =201&mobile=yes
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )