ئىشەنچنىڭ ھۇزۇرىنى سۈردۈم(ئالما ئاچچىقسۇ شەربىتى)
ئىلگىرى ئىزدىنىشتە ئىشەنچ كىرىزىسى توغرىسىدا بىر ماقالە ئوقۇغان ،ماقالىدا سۆزلەنگەندەك ئەتراپىمىزنى ئىشەنچ كىرىزىسى ئوراپ تۇرغاندەك ھىس تۇيغۇغىغا چۆمۈپ قالىمىز بەزىدە .بولۇپمۇ بېشىمىزغا شۇنداق كۈن ئۇچىرىغاندا ھېچكىمگە ئىشەنمەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىمىز .ئەسلى جاسارەت ۋە باتۇرلۇق قوغلاشقان ئۇيغۇر مىللىتى ئەڭ موھىمى ئىسلام ئەخلاقى بىلەن تەربىلەنگەن قەۋمىمىز بۇنداق ئىشەنچ كىرىزىسىگە پېتىپ قالمىساق بولاتتى .ئامال يوق ،بىزنى يىتەكلەۋاتقان قىممەت قارىشى بىزدەك بىر ئاجىز توپنى ئاشۇنداق ياشاشقا قىستىماقتا .بۇ قىستاش ئالدىدا ئۇيغۇرلاردا بىرى بىرنىڭ ھەققىنى يەۋالىدىغان،تېنىۋالىدىغان،يالغان گۇۋاھلىق بىرىدىغان،توختامغا ئەمەل قىلمايدىغان،ئورۇنسىز بانا قىلىپ زاكالەت پۇلىنى تۇتىۋالىدىغان ،مالنى ۋاقتىدا بەرمەيدىغان،پۇلنى ۋاقتىدا ئۇرمايدىغان،مالنى سۈپەتسىز تاپشۇرىدىغان،ساختا مال تاپشۇرىدىغان ........ئۇيغۇرلاردا ئىلگىرى قاتتىق ئەيىپ سانىلىدىغان ھادىسىلەر پەيدا بولۇشقا باشلىدى .ئەسلەپ باقسا مەن خېلى چوڭ بولۇپ قالغۇچە قويمىچى دىگەن گەپنى ئاڭلاپ باقماپتىمەن .مۇشۇنىڭدىن قارىغاندا قويمىچى دىگەن بۇ سۆز ئىبارىسىمۇ يېقىن كەلگۈسىدىلا پەيدا بولدىمىكىن دەپ قارايمەن .ئەگەر مۇشۇنداق ئىشەنچ كىرىزىسلىرىنى ئىستەيدىغان بولساق خۇددى پۈتۈن ئۇيغۇر ئىشەنچ كىرىزىسىغا پېتىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كېلپ قالىدىكەنمىز .لېكىن ئەگەر سىز ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ ئىجابى قاتنىشىپ باقسىڭىزخەلقىمىز تېخى بۇنچىلىك ھالغا چۈشۈپ قالمىغانلىقىنى بايقايسىز .قەلقىمىز ئىچىدە يەنىلا ھەققانىيەت تەرەپدارلىرى كۆپ ،ئاللاھدىن قورقىدىغان،كىشىنىڭ ھەققىنى يەۋىلىشتىن قورقىدىغانلار كۆپ ،دىمەك يەنىلا لەۋزىگە ئەمەل قىلىدىغانلار كۆپ .لەۋزىگە ئەمەل قىلىشنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈپ باققانلار بىلىدۇ .ھېچقانداق توختامسىز پەقەت لەۋزە توختام بىلەنلا نەچچە مىليون سودىنى پۈتتەرگەن سودىگەرلەر قەلبىدىكى خوشاللىقنى ۋە ئۇلارنىڭ سودىسىدىكى بەركەتنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس .بىراۋ سىزدەك ناتونۇش بىرسىگە ئىشىنىپ كارتىڭىزغا نەچچە مىڭ كوي سېلىپ باققانمۇ ؟قانداق ھىسقا چۆمۈلدىڭىز ؟يوقىرقىدەك ئىشەنچ كىرىزىدى ۋەقەلىكىگە ئوخشاش قىسمەتكە ئۇچىراپ ھېچكىمگە ئىشەنمەيدىغان بولۇپ قالغان بىراۋغا ئىشىنىپ ئۇنىڭ كارتىسىغا نەچچە مىڭ كوي مال پۇلى سالسا قانداق تۇيغۇلارغا كىلەر ؟
مەن ئالما ئاچچىقسۇلۇق قان تومۇر تازلاش شەربىتىنى تارقاتقاندىن باشلاپ كۈندە توختىماي ئىشەنچ ئېلىپ كەلگەن ھۇزۇرنى سۈرۈپ كېلىۋاتىمەن .قارشى تەرەپ مېنى تونىمايدۇ .نەدە تۇرىدىغىنىمنىمۇ بىلمەيدۇ .مەن شېركەتمۇ ،دوختۇرخانىمۇ،يا ساختا مالچىمۇ بۇنى بىلمەيدۇ .لېكىن ئۇلار توختىماي ماڭا پۇل سېلىۋاتىدۇ .ماڭا ئىشىنىۋاتىدۇ .ئۈرۈمچىدە تاسادىپى تونۇشۇپ قالغان بىر ئاكىمىزغا سۆھبەت ئارلىقىدا مەھسۇلاتنىڭ گىپىنى قىلىۋىدىم ئارتۇق سۈرۈشتۈرمەيلا يانچۇقىدىن 500 سومنى چىقىرىپ تۇتقۇزۇپ:قومۇلغا بارغاندا سېلىۋىتەرسىز دەپ مېنى ھاڭ تاڭ قالدۇرۇپ قويدى .ئۇ مېنىڭ نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىمنى ،قانداق ئادەملىكىمنى،ھەتتا ئىسمىمنى بىلمەيتتى .خۇداغا شۇكرىكى بىرىنچى قېتىملىق مال پۇلىدىن تارتىپ ھازىرغىچە بىرەر خېرىدارغا ماڭا ئىشەن پۇلنى سېلىۋەر دەپ ئارتۇقچە چۈشەندۈرۈپ يۈرمەپتىمەن .قىلغىنىم پەقەت مەھسۇلاتنى ئارتۇق كۆپۈزمەي چۈشەندۈرۈش ،سۆھبەتتە تەبىئىي بولۇپ قېرىنداشلىقنى ھىس قىلدۇرۇش ۋە لەۋزىگە ئەمەل قىلىش بولدى .بەزىلەرنىڭ ماللىرى توشۇش شېركەتلىرىنىڭ سەۋەنلىكى تۈپەيلى سوزۇلۇپ كەتسە ئۇلار ئۈچۈن نەچچە كۈنلەپ ئىز قوغلاپ سۈرۈشتۈرۈپ مالنى تېپىشىپ بەردىم .قىسقىسى مەن يامان چوڭ يامان يوغان دەپدەبىلىك ئىش قىلمىدىم .بەلكى بىر ئۇيغۇر مۇسۇلمان قىلىشقا تىگىشلىك ئىشنى قىلىشقا تىرىشتىم .نىمىنى تېرىساڭ شۇنى ئالىسەن دىگەندەك بەلكىم قىلغان ئەمەل دىيانىتىمگە چۈشلۈك بىر نەتىجىلەرنى ئېلىۋاتىمەن دەپ چۈشەندىم .بەلكىم تورداشلار ئارىسىدا مەندەك ئىشەنچنىڭ ھوزۇرىنى سۈرىۋاتقانلار جىق دەپ ئويلايمەن .مۇشۇ توغرىسىدا پاراڭلىشىپ باقساق .
ئۈندىدارىم :18999036938
قەشقەر ۋە ئۈرۈمچىدىكى ۋاكالەتچى:13079989001،13325620868
غۇلجىدىكى ۋاكالەتچى:18040999793
ئاقسۇ:ئاتۇش،تۇرپان،خوتەن،بايغۇلۇن مۇڭغۇل: تېخى يوق
|