رۇبلى نېمە ئۈچۈن تۇنجى زەربىگە ئۇچرايدۇ؟ نيۇ داۋ دولان تەرجىمىسى
بۈگۈن رۇبلى كۇرسىنىڭ چۈشكەنلىكىنى جاكارلىشى، يەرشارى بازىرىدا ۋەھىمە پەيدا قىلىپ %10 داۋالغۇشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى؛ بىراق پېقىر 2012-يىلدىن باشلاپ يېزىۋاتقان « دوللار ئىندېكىسى » ناملىق كىتاپتا،پۈتكۈل خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ئىستىراتېگىيەسىنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىشنى باشلىغان بولۇپ، بارغانسىرى چوڭقۇر ئىشتىياق باغلىغان ئىدىم؛ 800 مىڭ خەتتىن ئاشىدىغان بۇ كىتاپتا، 2014-يىلى چۇقۇم يېڭى ئىقتىسادى گەۋدە دۆلەتلەرنىڭ پۇلى گۈمران بولىدىغانلىقىنى تەتقىق قىلغان ئىدىم، ئەينى ۋاقىتتا ئاساسلىقى ھىندىستاننىڭ روپىيەسى، برازىلىيەنىڭ رېئالى، روسىيەنىڭ رۇبلىسى ۋە جۇڭگونىڭ خەلق پۇلىنى تەتقىق قىلغان ئىدىم؛ كېيىن رېئالنى چىقىرىۋەتتىم، چۈنكى برازىلىيە لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ بوران-چاپقۇنىدا كرىزىسقا دۇچار بولۇپ، ئىقتىسادى ئاستا-ئاستائەسلىگە كەلگەن ئىدى، پېقىر 2013-يىلى رۇبلىنىڭ كۇرسى چۈشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن؛بۇيەردە دىققەت قىشقا تىگىشلىكى شۇكى-رۇبلىنىڭ پەقەت كۇرسى چۈشتى گۈمران بولمىدى. چۈنكى پۇل كۇرسى چۈشسە پاي چېكى بازىرى ۋە ئۆي-مۆلۈك بازىرىدا كۆپۈك يېرىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، 2014-يىلى پەقەت رۇبلىنىڭ كۇرسى چۈشتى، 2015-يىلى خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى چۈشۈدۇ. خەلق پۇلىنىڭ كۇرسى ئۇنچىلا تىز چۈشمەسلىكى مۈمكىن، چۈنكى ئوباما 2012-يىللىق يېڭى يىللىق دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتىدا جۇڭگودىكى ياسىمىچىلىقىنى قايتۇرۇپ كېتىدىغانلىقىنى، يەنى 2012-يىلى %39 نى،2013-يىلى %70 نى ۋە 2014-يىلى %100 نى قايتۇرۇپ كىتىشنى پىلانلىغان؛ شۇنداق ئىكەن خەلق پۇلى قىممىتىنىڭ چۈشۈشى 2014-يىلى يىل ئاخىرىدا كۆرۈلۈشى مۈمكىن، سەۋەبى ئوبامانىڭ ياسىمىچىلىقنى قايتۇرۇپ كېتىشى ناچار تەسىر پەيدا قىلىشى تەبىئى، پېقىر شۇڭا خەلق پۇلىنى2015-يىلغا تىزدىم. بۇيىل جۇڭگو بىلەن روسىيەنىڭ ھەمكارلىق كېلىشىمىدەخام نېفىتنى ھەمكارلىشىپ ئېچىشتا، خەلق پۇلى ۋە رۇبلى بىلەن راسچوت قىلىشنى پۈتۈشكەن، ئەينى ۋاقىتتا 1 دوللار 32 رۇبلى ئىدى؛ كەمىنە كىتاۋېمدا ئەينىۋاقىتتىكى سانلىق مەلۇمات ئاساسىدا، خەلق پۇلى 1 دوللارغا 22 يۈەن، رۇبلى 1 دوللار48 رۇبلى بولىدىغانلىقىنى، پۈتكۈل يەرشارى ئىقتىسادى ساھەسىدە رۇبلىنىڭ ئايرىباشلاش نېسبىتى 48 رۇنلىغا چۈشكەندە گۇمران بولۇدىغانلىقىنى، بورۇنلا ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم؛ تۈنۈگۈن رۈبلى 50.87 بولدى، دۇنيا ئىقتىسادىي ساھەسى 50رۇبلى ھايات-ماماتلىق چىكى، قىممىتى چۈشۈشكە يۈزلگەنگەن پۇل ئىكەنلەكىنى جاكارلىدى. پۇل قىممىتى چۈشسە دۆلەتتە ئىقتىسادى كېرىزىس يۈزبېرىپ، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشىگەسەۋەپ بولۇپ، ئىقتىساد ئومۇمىيۈزلىك يېمىرلىدۇ. جۇڭگو نۇرمال ئىقتىسادى يېڭى تەرتىپ ئورنىتىدېغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئەمەلىيەتتە بۇمۇ پۇلنىڭ قىممىتى چۈشۈشكە قارىتا تەييارلىقتۇر، چۈنكى جۇڭگودا پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى چوڭ ھوقۇقنى تۇتقانلار، نانيەپ پوق چىچىدىغان كىشىلەردۇر؛ جۇڭگونىڭ باشقا دۆلەتكەئوخشىمايدىغان يېرى، كېرىزىسنى چۇقۇم ئاۋام-پۇقراغا ئارتىپ قويىدىغانلىقى. نۆۋەتتەجۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆي ۋە پايچىكى سېتىۋېلىشقا چاقىرىق قىلىشىمۇ دەل پاخاللاشقان پۇلنى يىغىۋېلىشتىن ئىبارەت، چۈنكى جۇڭگو قىممىتى چۈشكەن پۇل تارقىتىش ئارقىلىق ئازدېگەندە400 تىرليونلۇق كېرەكسىز قورۇلۇش قىلغان بولۇپ، شۇڭا ئەشۇ 400 تىرليون مەبلەغنى قايتۇرىۋالسا، ئاندىن غايەت زور مەبلەغ قارا ئۆڭكۈرۈنى تولدۇرالايدۇ. نېمە ئۈچۈن 2014-يىلى يېڭى ئىقتىسادى گەۋدەدۆلەتلەرنىڭ پۇلى چوقۇم گۈمران بولىدۇ؟ چۈنكى بۇ خەلقئارا پۇل مۇئامىلەئىستىراتېگىيىسىنىڭ مۇھىم تاكتىكىسىدۇر، ئۇ بولسىمۇ ئامېرىكا زاپاس پۇل كومتىتېنىڭQE نى قېسىش سىياسىتى، QE نى قېسىش چوڭ ئىش بولۇپ، QE نى ئىجرا قىلىشى بىلەن ئوخشاش؛ئاددىي قىلىپ ئېيىتقاندا: QE نى ئىجرا قىلسا يېڭى ئىقتىسادى گەۋدىلەر بېيىيدۇ،ئوبيېكتىپ جەھەتتە مۇقەررەر ئىقتىسادىي كۆپۈك يۈز بېرىدۇ؛ QE قېسىش سىياسىتىنى يولغا قويسا، كۆپ قىسىم مەبلەغنى قايتۇرىۋالغاچقا پايدا ئازلاپ، كۆپۈك يېرىلىدۇ. رۇبلى قىممىتىنىڭ چۈشۈشى، پەقەتلاياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ ئىمبارگو يۈرگۈزگەنلىكىنىڭ ئاقىۋىتى بولۇپلا قالماي بەلكى ئامېرىكا زاپاس پۇل كومتىتېنىڭ پۇل مۇئامىلە ئىستىراتېگىيىسىنىڭ بىر قىسمى. بۇ پەقەت رۇبلىنىڭ قىممىتى چۈشۈش مەسىلىسى ئەمەس بەلكى جۇڭگو بىلەن ئىقتىسادى ھەمكارلىق ئورناتقان كۆپلىگەن دۆلەتتە قەرزكىرىزىسى يۈزبېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؛ نۆۋەتتە كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ۋېنسۇئېلاغائوخشاش ۋەدىگە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلۈشكە باشلىدى، ئۇلارنىڭ جۇڭگونىڭ قەرزىنى قايتۇرالىشى ئەسلا مۈمكىن ئەمەس، ئەرز قىلسىچۇ؟ قېنى سىناپ باقايلى،ئاخىرىدا يەنىلا ئامېرىكا ئوتتۇرىغا چىقىپ مەسىلىنى ھەلقىلىدۇ، بۇنداق بولغانداجۇڭگونىڭ يۈزۈگە سەت بولىدۇ. نۆۋەتتە جۇڭگو بىلەن ئىقتىسادى مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەردە بىر-بىرلەپ چاتاق چىققىلى تۈردى، رۇبلىنىڭ گۇمران بولۇشى باشلىنىش،ھەرگىز ئاخىرلىشىش ئەمەس، ئويۇننىڭ قىززىقى تېخى ئالدىمىزدا.
|