- تىزىملاتقان
- 2014-12-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-2-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 341
- نادىر
- 0
- يازما
- 8
ئۆسۈش
20.5%
|
يىقىندا تورنى ۋارقلاۋىتىپ تۇيۇقسىز كىتاب ئۇقۇش ئۇسۇلى تۇغىرسىدا يىزىلغان بىر كىتابنى ئۇچىرتىپ قالدىم ،بۇ كىتاب تۇلىمۇ ياخشى يىزىلغان بۇلۇپ ،مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن ،بىزدە كىتاب ئۇقۇيدىغانلار ئۇنچىۋالا نۇرغۇن ئەمەس ،ئەمما كىتاب ئۇقۇپ ئۈنۈم ھاسىل قىلغانلارمۇ كۆپ ئەمەس ،شۇنچە كۆپ كىتابنى ئۇقۇپ تۇرۇقلۇقمۇ يەنىلا ئاتام ئىيتقان بايىقى ھالىتىدە تۇرۇپ قالغانلار يەنىلا بار ،ئۇنداقتا قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك ھالدا كىتاب ئۇقۇغىلى بۇلىدۇ ؟ بۇ دەل <<كىتابنى قانداق ئۇقۇش كىرەك>> (如何阅读一本书) ناملىق بۇكىتابتا تەپسىلى سۆزلەنگەن بۇلۇپ ،بۇ كىتابنى ئۇقۇغۇچىلار چۇقۇم نەپكە ئىرىشىدۇ ، ئەپسۇس بۇ كىتاب1940-يىلى ئىنگىلىزتىلىدا نەشىر قىلىنىپ ،خەنزۇتىلىدا 2004-يىلى نەشىر قىلىنغان ،ئۇيغۇرتىلىدا تىخى نەشىر قىلىنمىدى ،شۇڭا بۇكىتاب كەڭ تەرجىمانلار ۋە تەرجىمە ھەۋەسكارلىرىنىڭ تەرجىمە قىلىشىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.
<<كىتابنى قانداق ئۇقۇش كىرەك>> (如何阅读一本书) ناملىق بۇ كىتاب مەشھۇر ئەسەرلەرنى قانداق ئۇقۇشقا يىتەكلەيدىغان كىتاب،ئەڭ دەسلەپكى نەشىرى مورتىمىر ئادلىر تەرىپىدىن 1940-يىلى يىزىپ تاماملانغان ،پۈتۈن ئامىرىكىدا ئەڭ بازارلىق كىتاب قاتارىدا بىر يىلدىن كۆپىرەك ئۇرۇن ئالغان ،1972-يىلى چارىس پەندۇلۇن يىڭىدىن مەزمۇن قۇشۇپ كىتابنى تىخىمۇمۇكەمملەشتۈرگەن ،بۇ كىتاب 1940-يىلدىن بىرى غەرىپتە نۇرغۇن ياخشى باھالارغا ئىرىشىپ ،كۆپ قىتىم نەشىر قىلىنغان .
كىتابنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى:
بۇ كىتابتا كىتاب ئۇقۇشنىڭ بىر خىل تەشەببۇسكار پائالىيەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ ،كىتاب ئۇقۇشنىڭ ئۈچ خىل مەقسىتى بار :كۆڭۈل ئىچىش ،ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش مەقسىتىدە ئۇقۇش. ئۇچۇرغا ئىرىشىشمەقسىتىدە ئۇقۇش. چۈشىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە ئۇقۇش .پەقەت ئەڭ ئەخىرقى مەقسەتتىكى كىتاب ئۇقۇشلا كىتابنى ئۇقۇغۇچىنىڭ ئەقىل پاراسىتىنىڭ ئۆزلۈكسىز ئۆسۈپ يىتىلىشىگە ياردەم بىرەلەيدۇ ،ئۇنداقتا كىتاب ئۇقۇش ئارقىلىق ئەقىل- پاراسىتىمىزنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن چۈشىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە كىتاب ئۇقۇشىمىز كىرەك ،بۇكىتابتا ئاساسلىق مۇھاكىمە قىلىندىغىنى قانداق قىلىپ چۈشىنىش ئىقىتىدارىنى ئاشۇرۇش .چۈشىنىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە كىتاب ئۇقۇش تۆت قاتلامغا بۆلۈنىدۇ :ئاساسلىق كىتاب ئۇقۇش ئۇسۇلى ،كۆزيۈگۈرتۈپ كىتاب ئۇقۇش ئۇسۇلى ،ئانالىز قىلىپ كىتاب ئۇقۇش ئۇسۇلى،تىما بۇيىچە كىتاب ئۇقۇش ئۇسۇلى قاتارلىقلار ،بۇ تۆت قاتلام ئايرىم يەككە بولماستىن بەلكى بىر بىرىنى تۇلۇقلايدۇ ،تەدىرىجى قاتلام بۇيىچە بۇلىدۇ ،ئالدىنقى قاتلام كىيىنكى قاتلامدىكى كىتاب ئۇقۇش ئۇسۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ تۆت قاتلامنىڭ تەپسىلى چۈشەندۈرۈلمىسى تۆۋەندىكىچە:
بىرىنجى قاتلام ،ئاساسلىق كىتاب ئۇقۇش ئۇسۇلى (基础阅读 Elementary reading) دەپ ئاتىلىدۇ ، ناۋادا بىر كىشى بۇ قاتلامنى پىششىق ئىگىلىۋالسا ساۋاتسىزلىق ھالەتتىن قۇتۇلۇپ ،خەت ساۋادىنى چىقارغان بۇلىدۇ ،بۇ قاتلامنى پىششىىق ئىگىلەش ئارقىلىق كىتاب ئۇقۇشنىڭ ئەڭ ئاساسلىق سەنئىتى ۋە ئەڭ ئاساسلىق كىتاب ئۇقۇش مەشىقىى،كىتاب ئۇقۇش ماھارىتىنى ئىگىلىۋالالايدۇ ،بۇ قاتلامدىكى كىتاب ئۇقۇشتا كىتاب ئۇقۇغۇچىدىن سۇرايدىغان مەسىلە شۇكى :"بۇ جۈملىدە نىمە دىيىلگەن؟". دىگەندىن ئىبارەت.
ئىككىنجى قاتلام،كۆزيۈگۈرتۈپ كىتاب ئۇقۇش ئۇسۇلى( Inspectional reading 检视阅读) بۇلۇپ ،بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە بىر پارچە كىتابنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ،ئىنىقلىمىسىنى( تۇلىمۇ قىسقا بولغانلىقتىن ) ئايرىش سەل قىيىن بۇلۇپ ، بۇ قاتلام يۈزەكى ئۇقۇش دەپمۇ ئاتىلىدۇ ،بۇ قاتلامدىكى ئاساسلىق سۇرۇلىدىغان مەسىلە شۇكى :"بۇ كىتابتا نىمە سۆزلىنىدۇ؟". دىگەندىن ئىبارەت.
ئۈچىنجى قاتلام ، ئانالىز قىلىپ كىتاب ئۇقۇش ئۇسۇلى (Analytical reading 分析阅读 ) بۇلۇپ ، ئانالىز قىلىپ كىتاب ئۇقۇش ئۇسۇلى ئۇمۇمىيۈزلۈك كىتاب ئۇقۇش ،تۇلۇق كىتاب ئۇقۇش ياكى سۈپەتلىك كىتاب ئۇقۇش بۇلۇپ ،كىتاب ئۇقۇشتىكى ئەڭ ياخشى كىتاب ئۇقۇش ئۇسۇلى .ئەگەردە كۆزيۈگۈرتۈپ كىتاب ئۇقۇش ئۇسۇلىنى چەكلىك ۋاقىتىنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياخشى ئەڭ تۇلۇق كىتاب ئۇقۇش ئۇسۇلى بولغان بولسا ، ئۇنداقتا ئانالىز قىلىپ كىتاب ئۇقۇش ئۇسۇلى چەكسىز ۋاقىتىنىڭ ئىچىدە ئەڭ ياخشى ئەڭ تۇلۇق كىتاب ئۇقۇش ئۇسۇلى ھىسابلىندۇ، ئانالىز قىلىپ كىتاب ئۇقۇش ئۇسۇلىدا خۇددى تاماق يىگەنگە ئۇخشاش كىتاب ھەزىم قىلىندۇ ،ئەگەر كىتاب ئۇقۇغۇچىنىڭ مەقسىتى پەقەت ئۇچۇرغا ئىرىشىش ياكى ئىچى پۇشۇقىنى چىقىرىش بولغان بۇلسا ئۇنداقتا ئانالىز قىلىپ كىتاب ئۇقۇش ئۇسۇلى بۇيىچە كىتاب ئۇقۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى يۇق.
تۆتىنجى قاتلام،ئەڭ يۇقىرى قاتلامدىكى كىتاب ئۇقۇش ئۇسۇلى بۇلۇپ ، تىما بۇيىچە كىتاب ئۇقۇش ئۇسۇلى (Syntopical reading 主题阅读) دەپ ئاتىلىدۇ،تىما بۇيىچە كىتاب ئۇقۇغان ۋاقتىدا كىتاب ئۇقۇغۇچى نۇرغۇن كىتابلارنى ئۇقۇپ بۇ نۇرغۇن كىتابلاردىكى سۆزلەنگەن تىمىنى ئۇتتۇرغا قۇيۇش .بۇ خىل ئۇقۇشتا قايسى كىتابتا ئاساسىي تىما ئانالىز قىلىنمىغانلىغىنى تىپىپ چىقىش بۇلۇپ بۇ خىل كىتاب ئۇقۇش ئۇسۇلى ئەڭ تەشەببۇسكار ،ئەڭ كۈچ سەرىپ قىلىدىغان كىتاب ئۇقۇش ئۇسۇلى ھىسابلىندۇ.
بۇ كىتاب تۇغىرسىدا بىلرىلگەن باھالار:
___مەن كىتابلارنى تىز سۈرئەتتە ،يۈزەكىي ئۇقۇساممۇ بۇلىدۇ ،ئەستايىدىل ،قۇرمۇ -قۇر ئىنچىكە ئۇقۇساممۇ بۇلىدۇ،كىتابلارنى قاتلاملارغا ئايرىپ ئۇقۇشتىن ئىبارەت بۇئۇسۇل <<كىتابنى قانداق ئۇقۇش كىرەك >>ناملىق كىتابتا قەيىت قىلىنغان بۇلۇپ بۇ ئۇسۇل تۇلىمۇ قالتىس ،ئەلۋەتتە بۇ ئۇسۇللارنى قەدىمدىن بۇيان نۇرغۇن كىشىلەر سۆزلەپ ئۆتكەن بۇلۇپ ئالاھىدە ھەيران قالارلىقمۇ ئەمەس،ئەمما بۇ كىتابنىڭ ئەڭ ياخشى يىرى باب پارىگىرافلار تۇلىمۇ ئىنچىكە ،ئۇچۇق يىزىلغان بۇلۇپ ،كىتاب ئۇقۇش ئۇسۇلىنى ئۆگنمەكچى بۇلغانلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى قۇرال كىتاب.。。。。。。لىياڭ ۋىن داۋ(梁文道)
____بۇ كىتاب كىتاب ئۇقۇش ئۇسۇلى سۆزلەنگەن كەسپى ئىلىمى كىتاب،ئاپتۇر ئەنگىليە قامۇسى(大英百科全书) نى تۈزگۈچى بۇلۇپ ،مۇل بۇلغان كىتاب ئۇقۇش تەجىربىسىگە ئىگە ،بۇ كىتاب خەلقئارادا بازىرى ئىنتايىن ئىتتىك كىتاب ھىسابلىندۇ ،چۈنكى يازغۇچى كىتابنى ئەڭ ئاسان چۈشىنشلىك تىل بىلەن بايان قىلىپ كىشىلەرگە كىتاب ئۇقۇش ئۇسۇلى ۋە ماھارەتلىرىنى تەپسىلى سۆزلىگەن...............چىڭدۇسۇدا گىزىتى . بەيدۇ تۇرىدىنب تەرجىمە قىلىندى |
-
-
|